جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2102 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 167|ئىنكاس: 11

خىزىر ئېزىپ قالغان جاي: ئەزىز ھېيت كۈن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2008
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 01:36:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
               خىزىر ئېزىپ قالغان جاي        
                ( ئەپسانىۋى ھىكايە )

  
                  ئەزىز ھېيت كۈن


                              1
    دوقمۇش سۈرلۈك كۆرىنەتى.خىزىر ئۇ يەردىن ھېلىلا كەتكەندەك تۇيۇلاتى.بەش قىرلىق گۆھەر دۇقمۇشتا كىملەرنىدۇ خوشال ئۇزىتىپ،يەنە كىملەرنىدۇ خوشال كۈتىۋالماقچىدەك سېزىلەتى.ئۇ،بەلكىم خىزىرنىڭ قوللىدىن چۈشۈپ قالغاندۇ؟ خىزىر يولدا كېتىۋېتىپ ئۇنى ئۇنتۇپ كەتكەندۇ؟خىزىر كېتىپ قېلىش ئالدىدا ئۇنى جەزمەن قوللىدىن چۈشۈرمىگەن.   
          خىزىر كېتىپ قېلىشتىن ئىلگىرى ئالقىنىدىكى گۆھەرنىڭ بىرىنچى قىرى-نۇسرەت شەمشىرىنى تۇتۇپ سالغان.تاڭدا چاقنىغان چولپاندەك يالىلداش دوقمۇشتىن ئېتىلىپ چەكسىزلىككە كىرىپ كەتكەن.يۈكسەك بوشلۇق پەستە قېلىپ،نەيزىدەك تىك چوققىلار ھەسرەتكە چۆمگەن.شۇ شەمشەر غالىپلىق قېنىدا سۇغۇرۇلغان بولغاچقا تۆت ئەتراپقا باھادىرلىق نۇرىنى چېچىپ تۇراتى.تەڭداشسىز بىر شەمشەر بار يەردە ئالەمگە مەشھۇر بىر تۇلپارنىڭ بار ئىكەنلىكى شۈبھىسىز.

       خىزىر تاغنى دەس كۆتۈرۈلەيدىغان بەھەيۋەت قوللىرى بىلەن نۇسرەت شەمشىرىنى تۇتقىنىدا ئۆزىنىڭ  كاتتا بىر دۇلدۇلنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ كېتەلمەيدۇ.قارا رەڭلىك دۇلدۇل چاپچىغاندا قۇياش پايانسىز جەڭ سېپىدە خىزىرنىڭ زەپەر تۇغى بولۇپ جەۋلان قىلغان.خىزىر زەپەر شەمشىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ،بىر تامچە قان تۆكمەيمۇ ئەتراپتىكى ئون سەككىز مىڭ ئالەم  ئەل-قەۋمىنى تىزلاندۇرغان.خىزىرنىڭ ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن دۈشمەنلىرىنىڭ يۈرەكلىرى يىرتىلغان.                  
   خىزىر ئون سەككىزمىڭ ئالەمنى بويسۇندۇرۇشتىن ئاۋال ناھايىتى ئۇزاق دېلغول بولغان.شۇ چاغدا ئۆزىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان بىرسى خىزىر بىلەن كۆرۈشمەي،ئاۋاز چىقارمىغان ھالدا مۇنداق سۆلەشكەن ئىدى:   
–ئاخىرقى قارارىم شەمشەرنى تۇتماسلىق!                           
-ھاماقەتلىك قىلما!-پۇرسەت قولدىن كېتىدۇ.                        
–پۇرسەت قولدىن كەتسە ئارام تېپىپ قالىمەن.                        
–بۇ دېگەن نەچچە يۈزمىڭ باتۇر ئىچىدە بىر قېتىم كېلىدىغان پۇرسەت.  
- سەن بۇ پۇرسەتنى قولدىن كەتكۈزۋېتىپ پۇشايمان دېڭىزىغا چۆممەكچىمۇ؟     
-پۇرسەت قولدىن كەتسە كەتمەمدۇ؟ ماڭا ئۆزۈمنىڭ ئوبرازى كۇپايە.            
–ساڭا قانداق لەقەم قويۇلغانلىقىنى بىلەمسەن؟                          
-پاكلىق نەمۇنىسى،توغرا،ھەققاننى يولغا باشلىغۇچى بۇزرۇكۋار!      
-ھا،ھا،ھا،ئۇ دېگەن قەدىمكى زامانلاردىكى شەرىپىڭ.                  
–ھازىرمۇ شۇنداق!                                                      
-ھازىر ساڭا يالاڭتۆش،ئالجىغان قېرى! –دەپ لەقەم قويۇلدى.ياشلارنى كەمبىغەللىك يولىغا باشلىغۇچى،كىشىلەر قەلبىنى ئاقڭۈللۈك،تۈزنىيەت ،شەخسىيەتسىزلىك بىلەن زەھەرلىگۈچى-دېگەن ناملار بېرىلدى.      
–ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ،ئادەملەر ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ.كىشىلەر قەلبى ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ!                                                                 
-كىشىلەر ئۆزگەرسە سەنمۇ ئۆزگەر ،نۇسرەت شەمشىرىنى مەھكەم تۇتقىنىڭدا بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالما! بولۇپمۇ قولۇڭدىكى شەمشەرنىڭ ئاددەتتىكى شەمشەر بولماستىن ھەيۋىسى ئون سەككىزمىڭ ئالەمنى دىر-دىر تىتىرتىدىغان باتۇرلۇق شەمشىرى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالما! قارا تۇلپارنى مىنىپ كېتىۋەر...ھېچكىم ساڭا تىكىلىپ قاراشنى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايدۇ!         
       خىزىر شۇ سۆھبەتتىن ئىلگىرى ئوڭ قولىىدا نۇسرەت شەمشىرىنى تۇتۇپ،سول قولىدا شەكىلسىز بىر مەخلۇقنىڭ گېلىدىن قاتتىق بۇغۇۋالغان ئىدى.خىزىر كۆڭلىدە شەكىلسىز شۇ مەخلۇقنى «شەيتان» دەپ جەزم قىلغان ئىدى.بىچارە شەيتان پات-پات «مېنى تىزراق قويىۋەتسەڭ سېنىڭ دانا مەسلىھەتچىڭ بولىمەن.سېنى باتۇرلارنىڭ شاھنى شاھى، ئون سەككىزمىڭ ئالەمنى بويسۇرغۇچىغا ئايلاندۇرىمەن» دەپ بىلجىرلىغان.         
  خىزىر ئەسلىدە شەيتاننى تاسادىپى بايقاپ قالغان.«بۇلغىنىش قانداق بولىدىغاندۇ ؟ دەپتىكەنمەن دوقمۇشقا كەلگەندىن بۇيان تۈگىمەس سەۋەنلىكلەرگە يىقىلىپ،ئالجىشتا يۇيۇنۇپ،جىنايەتتە سۈزۈلۈپ، ساناقسىز گۇناھلىرىم بىلەن پاقىراپ كەت تىم.ئاقىرىشىم مۇمكىن ئەمەس...» خىزىر شۇنداق ئويلاۋات قاندا « بەخت ئىچىدە تۇرۇپمۇ بەختسىزلىك ھېس قىلغىنىڭ نىمى سى؟ ئالجىپ قېلىش دېگەن شۇ دە!»دەپ سالغان ئىدى ،قايەردە زۇۋان سۈرىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىرسى.خىزىر شۇ زۇۋان سۈرگۈچىنى« شەيتان بولىشى مۇمكىن » دەپ پەرەز قىلغان ئىدى.      
خىزىر شەيتاننى بايقاپ قېلىشتىن ئىلگىرى بىر ئىلاھى نۇرنىڭ يول باشلىشىدا ئاتلارنىڭ تۇياقلىرى دۈپۈرلىگەن.قىلىچ، قىقاس-سۈرەنلەر ياڭرىغان،ئاي پالتا،قىلىچ سادالىرى جاراڭلىغان،چۇقانلار ،لەكمىڭ لەشكەرلەرنىڭ دولقۇنى بەھەيۋەت دېڭىز ئۇپقۇنلىرىدەك ئۆركەشلىگەن، جەڭگاھتىكىلەرنىڭ قەھىر-غەزىپى پەللەككە يەتكەن  ئۇزۇن جەڭ سېپىدە كېتىۋاتىتى. سۈرلۈك ،قورقۇنۇچلۇق،دەشھەتلىك جەڭ مەنزىرىسى باتۇرلارنىڭ،باھادىر ئەزىمەتلەرنىڭ يۈرىكىنى خوشاللىقتىن يايرىتىۋەتكەن ئىدى.ئەزىمەتلەر قانچە قان تۆكەنسىرى شۇنچە شادلىققا چۈمۈلەتى. ۋەھشىلىك سېپىدە ئىلگىرلىگەنسىرى خىزىرنىڭ جاسارىتى ئۇلغايغانئىدى.                  
  خىزىر ناۋادا ئالقىنىدىكى گۆھەرنىڭ بىر قىرىغا سالمىغان بولسا نۇس رەت  شەمشىرىنىمۇ،قارا دۇلدۇلىنىمۇ،ئون سەككىزمىڭ ئالەمنى بويسۇن دۇرۇشنىمۇ،دەشھەتلىك جەڭ مەنزىرسىنىمۇ ئەسلا كۆرمىگەن،قولغا كەلتۈرمىگەن،ھەتتا شەيتاننىمۇ بايقىمىغان بولاتى.قۇياشمۇ خىزىرنىڭ زەپەر تۇغى بولۇپ پايانسىز جەڭ سېپىدە جەۋلان قىلمايتى.   
                                             
                             2                    
                     
        شەۋكىتى ئون سەككىزمىڭ ئالەمنى تاڭ قالدۇرغان باھادىر ئەزىمەت خى زىر گۆھەرنىڭ ئاخىرقى يۈزىنى كۆرۈشتىن ئىلگىرى ئەرش ئالادا كاتتىلار نىڭ پېشۋاسى سۈپىتىدە سەلتەنەت بىلەن ئولتۇراتى.شان-شەرەپ،پەخىر تۇيغۇلىرى كۆرۈنمەسىزغا ئايلىنىپ،چەكسىزلىككە ئېقىپ كېتىۋاتاتى. خىزىرنىڭ نامى ئون سەككىزمىڭ ئالەمنىڭ ئىچ-تېشىغىچە پۇر كەتكەن بولۇپ ،خىزىر ئۇلۇغلۇقتا،تەڭداشسىزلىقتا يىگانە بولغان تەڭرىنىڭ بىردىن-بىر قېرىندىشى ۋە ئەڭ يېقىن ئاغىنىسىنىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ قالغان ئىدى.      
  خىزىر سەلتەنەت بىلەن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئالقىنىدىكى گۆھەرنىڭ تۆتىنچى قىرى-شۆھرەت يولىغا ماڭغانلىقىنى مەڭگەۈ ئۇنتۇپ كېتەلمەيدۇ.خىيالى كۆرۈنۈشكە ئوخشاپ كېتىدىغان غەلىتە غاردىكى شەكىلسىز ئەۋلىيانىڭ «ئاق بۇلۇت! قارا بۇلۇت! ئاقىۋەت ھەممىسى يوق بۇلۇت! » دېگەنلىكىنى تېخىمۇ ئۇنتۇپ كېتەلمەيدۇ.شان-شۆھرەت بىلەن ئاس ماندىكى بۇلۇتنىڭ قان داق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئاڭقىرىش خىزىرغا خۇش ياقمايتى.غەلىتە غاردىكى شەكىل سىز ئەۋلىيانى ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىگە   تەققاس قىلىش خىزىرغا تېخىمۇ خۇش ياقمايتى.خىزىر شۇ پەخىرلىك پەيتلەردە ئۆزىنى خۇددى ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتى.خىزىر لەرزان ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ  ئۆزىنى نىمىنىڭ ئۇچۇرغانلىقىنى ئېسىگە ئالمايتى. ئۆزىنىڭ قايسى بەختىيار ئالەمگە ئۇچۇپ كېتىۋاتقانلىقىنىمۇ ئاڭقىرالمايتى.                     
  خىزىرنى ئۇچۇرۇپ كېتىۋاتقان نەرسە دەل شان-شۆھرەت،نام-ئابرۇي ئىدى! شان-شۆھرەت ئىتنىڭ قۇرىتىدەك مىغىلىلىدىغان ئادەملەر ئىچىدە بىردىن بىر تەلەيلىك بولغان،نىيىتى قارا رەڭ بىلەن سۈزۈلگەن ئادەملەر گە نېسىپ بولىدىغان   كېرىلىش، يوغىناش سېھرى ئىدى.ئۇمۇ شەكىلسىز مەخلۇقلار قاتارىغا كىرەتى.ئەجەپلىنەرلىك يېرى گاھى چاغلاردا گۈلدۈرما ما ياكى ھەسەن -ھۈسەن رەڭگىگە مۆكۈنۈۋېلىپ ،غىل-پال كۆرۈنۈپ ئا لەمنى ھەيرەتتە قالدۇرۇپ يوقاپ كەتكەن.شامالدەك يەڭگىل،سۇدەك ھا ياجانلىق،نۇردەك سۈزۈك، يانىڭ ئوقىدەك تىز ئۆتۈپ كېتىدىغان ھايات نىڭ غىل-پاللىقىدىن بولۇپمۇ نام-ئابرۇينىڭ ھۆردەك پارلىنىپ، تۇتەك تەك توزۇپ يوقاپ كېتىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن.شان-شۆھرەتنىڭ خاسىيىتى تەڭداشسىز بولۇپ جىمى روھلارنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلپ قىلا تى.ھەتتا قۇرۇت-قۇڭغۇز،چىۋىن،پاشىلارمۇ شان-شۆھرەتكە ئېرىشىپ، نام-ئابرويى   ئاس مانغا ئۆرلىگەننى چۈشەپ چىقاتى.                           
         خىزىر شان-شۆھرەركە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈنلا بىرىنچى نومۇرلۇق ئەرباپقا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.خىزىر تەبەسۇم ياغدۇرغان ھال ئەڭ چەك سىز زال-كائىناتتا تەنھا ئولتۇراتى.مەشھۇر شەخس-خىزىرنى كۆرۈۋېل ىش  قىزغىنلىقى،ئەسەبىيلىكى ئەۋجىگە چىققان ئىدى. جامدەك، ھېجىر -تاۋاقتەك كېرىلىپ كەتكەن كۆزلەر،ئەڭ قىممەتلىك دەقىقىلەرگە تەلمۈرۈ پ قېتىپ قالغان قارچۇقلار،خوشاللىقىدىن يېرىلىپ كېتىشكە ئاز قېلىۋات قان يۈرەكلەر«ياشاڭ،تۈمەن يىل ياشاڭ،مىليۇن يىل ياشاڭ» دې گەن خىتاپ،چۇقانلار،سانچاق-سانچاقللىق دەستىدىن يۈز بېرىۋاتقان قىستىلىشل ار،زالنىڭ ئىشىكى ئالدىدا نۆۋەت كۈتۈپ، سامان يوللىغىچە رەت-رەت تىز ىلغان سەپلەر،زالغا كىرىشكە ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدىنى باغلاپ،بۇيۇن قىسىپ قاراشلار،خىزىرنى ئۆمرىدە بىر قېتىم بولسىمۇ پۇخادىن چىققىچە كۆر ىۋېلىش ئۈچۈن سەۋىر قىلىپ كۈتۈشلەر....شۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسى ئالە مدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق مەشھۇر شەخس خىزىرنى كۆرىۋېلىشقا قار ىتىلغان ئىدى.      
خىزىر ئۇنداق بولۇشىنى ئويلىمىغان ئىدى.ئۆزىنىڭ بىردىنلا كائىنات تىكى بىرىنچى نومۇرلۇق شەخسكە ئايلىنىپ،خەلقى ئالەمنى ئۆرە-تۆپە قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.چوڭ زالغا كىرىشتىن ئىلگى ركى كۆرۈنۈشلەرمۇ غەلىتە ۋە قىزىقارلىق بولۇپ خىزىرنى ھەم ناھايىتى ئەجەپلەندۈرگەن،ھەم ناھايىتى سۆيۈندۈرگەن ئىدى.
     خىزىر زالغا كىرىشتىن سەل بۇرۇن قۇياش مۆكۈۋالغان ئىدى.قۇياش مۆ كۈۋالغان بولسىمۇ قۇياشنىڭ سۆزلىرىنى شامال يادقا ئېلىۋالغىنى بويىچە يەتكۈزگەن ئىدى:  

  شۆھرىتىڭىز بىلەن مېنى قايىل قىلدىڭىز.                              
يۈرىكىمنى پىچاق بىلەن  پارە قىلدىڭىز.                                 
ھەسسەت قىلىپ  كۆيمەكتىمەن لاۋۇلداپ،                                 
چىدالمايمەن ماڭا  قاراپ خۇشخۇي كۈلسىڭىز.  
                                                                                                  
دىدارىڭىزنى مەڭگۈ كۆرمەي قالاي مەن،                                 
بۈيۈك شەرەپ،نام-ئابرۇيدىن  يىراق تۇراي مەن.                        
بۇ ئالەمگە سىزلا پارلاق،ئۇلۇغ نۇر چېچىڭ،                             
تا مەڭگۈلۈك ئارام  تېپىپ، خۇشھال قالاي مەن.
        خىزىرنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان شۇ قەسىدە ئوقۇلۇشتىن ئىلگىرى خىزىرنى خۇشھال قىلغان كۆرۈنۈشلەرمۇ بولۇپ ئۆتكەن.شۇ كۆرۈنۈشلەرنى خېزىر مەڭگۈ كۆڭلىدىن چىقىرۋېتەلمەيدۇ.                        
              قۇياش مۆكۈۋېلىشتىن ئىلگىرى خىزىر چولپان بىلەن خوشلاشقان ئىدى. چولپان خىزىرنى «سىز ئالتۇن،مەن قەلەي، سىز گۆھەر مەن ئەخلەت.سىز دۇلدۇل،مەن ئېشەك.سىز ئاسمان،مەن يەر-زىمىن.سىز دېڭىز،مەن تامچە سۇ،سىز مەڭگۈلۈك ھاي  اتلىق،مەن  قېتىپ قالغان مەڭگۈلۈك جەس سەت....سىزنى كۆرگەندە قۇياش خىجىل بولۇپ مۆۈۋالغاي.چوڭ زال -كائىنات سىزگىلا نېسىپ بولغاي.تەڭرى سىزنى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن بۇرادىرى ئورنىدا كۆرگەي....»  دەپ ئۇزىتىپ قويغان.                     
             خىزىر چولپان بىلەن خوشلىشىش ئالدىدا يۇلتۇزلارنىڭ ئۆزىگە كۆز قىسىۋاتقانلىقىنى،دەرەخلەرنىڭ ئۆزىنى ئالقىشلاۋاتقانلىقىنى،دەريالارنىڭ ئۆزىنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقىنى،قۇشلارنىڭ شۇ ناخشىلارغا جۆر بولىۋاتقانلىقىنى،سالقىن شامال بىلەن ھاۋانىڭ شۇ جۇشقۇن،يېقىملىق كۈيلەرنى يىراق-يىراق لارغا ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزگەن ئىدى.ھەم « شۆھرەت بولسا نىمە دېگەن ياخشى! يول داغدام ئېچىلىپ كېتىدىكەن ئەم  ەسمۇ؟ »  دەپ سالغان ئىدى.دەرۋەقە شۆھرەت يولى ئۆزىنىڭ داغداملىقى بىلەن خىيالدىن چەكسىزلىككە تۇتىشىپ تۇراتى.                           
   خىزىر ئېسىدە يوق سۆزلەپ سېلىشتىن ئىلگىرى ئۇشتۇمتۇت ئالقىنى دىكى گۆھەرنىڭ تۆتىنچى قىرى-نام-شۆھرەت يولىغا قاراپ سالغان ئىدى.شۇ ۋەجىدىن چولپان ،قۇياش،چوڭ زال-كائىنات،سەلتەنەت بىلەن يىگا نە ئولتۇرۇش خىزىرغا نېسىپ بولغان ئىدى.ناۋادا خىزىر ئالقىنىدىكى گۆ ھەرنىڭ تۆتىنچى قىرى-نام –شۆھرەت يولىغا قاراپ سالمىغان بولسا شۇ كۆرۈنۈشلەر ئىچىگە خىزىر كىرىپ قالىدىغان ئىش يۈز بەرمەيتى.   
                                 
                                             3     
                           
    خىزىر گۆھەرنىڭ تۆتىنچى قىرىنى كۆرۈشتىن ئىلگىرى  ۋېنناسنىڭ قۇچىقىدا  ئۇخلاۋاتاتى.كۆمۈش دۇنيا بىلەن ۋېنناسنىڭ قاردەك ئاپئاق ب ەدىنىنىڭ رەڭگىنى ئايرىۋالغىلى بولمايتى.كۆمۈش رەڭ دۇنيا بىلەن قاردەك ئاق بەدەن ئەمىليەتتە بىرلا كۆرۈنۈشنى- ۋېنناسنىڭ ئاپئاق بەدىنىنى كۆرسىتىتەتى. خىزىرنىڭ مەستۇ-مەسترىق ھالدا يېتىشى خىزىرنى شەرمەندىلىكتىن قاچمايدىغان شاللاق ئەر قىلىپ كۆرسىتىپ قويغان ئىدى.           
      خىزىر ئۇخلاشتىن ئاۋال قىرىق بىرىنچى پەرىشتىنىڭ كۆزلىرى خىزىرنى مەست قىلىپ قويغان ئىدى.پەرىشتە ئاققۇنىڭ بوينىدەك ئاپئاق بىلەكلىرىنى ئۇزاتقىنىدا  خىزىر پەرىشتىنىڭ ئېچىرقاش تۇيغۇسى ئەكس ئېتىپ تۇرغان خۇمالىق كۆزلىرىگە تەلپۈنۈش نەزرى بىلەن قاراپ تۇرۇپ قەدەھتىكى مەينى پاك-پاكىز ئىچىۋەتكەن،«مەي ئىچىش گۇناھ، پەرى شتىنىڭ كۆزلىرىگە تەلپۈنۈشمۇ گۇناھ» دېگەن گەپلەرنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى.خىزىر پەرىشتىلەرنىڭ كۆزلىرى بىلەن ۋە خۇشبۇي مەي بىلەن مەس بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى پەقەت تەسەۋۇر قىلىپ باقمىغان ئىدى. خىزىر پەرىشتىگە قاراپ قالسىمۇ ئەمىليەتتە ئىشىكنى قىيا ئېچىپ نازلىنىپ تۇرغان ۋېنناسنىڭ قۇچىقىغا دەم تارتىلىپ كەتكەن ئىدى.                  
قىرىق بىرىنچى پەرىشتە بىلەن قەدەھ سوقۇشتۇرۇش خىزىر كۆرگەن چۈش ئىدى.ئەمىليەتتە قىرىق بىرىنچى پەرىشتە مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. خىزىر كۆپ چاغلاردا ئويغاق تۇرۇپ شۇ چۈشنى كۆرەتى.چۈش كۆرمىگەندە ئو تتۇز توققۇزىنچى پەرىشتە ئالتۇن بىلىقنى ئويلاپ قالاتى. خىزىر دېڭىزنى كۆرگەنمۇ ياكى دېڭىز خىزىرنى كۆرۈپ قالغانمۇ ئايرىپ ئالغىلى بولمايتى.خىزىر دېڭىزدەك  چوڭ ۋە سۈزۈك كۆلدە سۈزۈلۈشنى ئويلاۋاتقاندا بېلىق ئۇنى دەم تارتىپ كەتكەن ئىدى. خىزىر بىلىقسىمان بىر ئايالنى قۇچاقلىۋالغانلىقىنى سەزمەيتى.بېلىق خىزىرنىڭ قوللىرىدىن توختىماي سېرىلاتى.خىزىر ھۇشىنى تاپقاندا بېلىققا:                     
-مېنى بۇلغاپسەن پاسكىنا!-دېدى.                 
–ھى،ھى،ھى،ئۆزىگە چىشى چىۋىننى قوندۇرمايدىغان ئەۋىليا-دېدى بېلىق خىزىرغا كەرەشمە بىلەن.                                                   
   خىزىر بېلىقنىڭ قۇچىقىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا قاراڭغۇ كوچىغا ئوخشايدىغان بىر يەردىن بىر ئايالنىڭ شاللاق كۈلكىسى ئاڭلانغان ئىدى. خىزىر شۇچاغدا  ئوتتۇز سەككىزىنچى پەرىشتە ئاق بۇلۇت بىلەن بولغان كۆڭۈلسىز ئىشلىرىنى ئەسلەپ قالغان.                                 
–ئاھ،سىز نىمانچە سۈزۈك،ساپ،نەقەدەر گۈزەل!مەن ئەزەلدىن سىزنى كۆرگەن ۋە سىزگە چۈمۈلگەن چاغدىكىدەك ھوزۇرلىنىپ باقمىغان! –دېگ ەن ئىدى خىزىر سۈزۈك كۆلگە ئوخشايدىغان زەڭگەرنىڭ كۆپ-كۆك كۆ زلىرىگە قاراپ.         
   خىزىر زەڭگەر كۆلدە يۇيۇنغاندا قەلبىنى چەكسىز ھاياجان چۇلغىۋالغان. لەززەتلىك،شىرىن سېزىم خىزىرنىڭ كۆڭلىنى سىماپقا ئايلاندۇرۇپ قوي غان.شۇڭا خىزىر ھەممىنى ئۇنتۇپ كەتكەن.ھەتتا قەدىمكى چاغلاردا ۋەھ ىدەك تۇيۇلۇپ كەتكەن بىر ئاۋازنىڭ «ھەرقانچە قىزىپ كەتسەڭمۇ تەقۋادارلىقىڭنى بۇزما،قەلبىڭنى بۇلغىما،نۇردا يۇيۇنۇپ ئۆتكىن،سۇدا يۇيۇن ىشنى ئويلىما،ئالۋاستىلار پەرىشتە سىياقتا كېلىپ سېنى بۇلغاپ قويى دۇ.» دەپ ياڭرىغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى.                       
–كۆزىڭىزنى ئېچىڭ!      
  خىزىر ئۆزىنىڭ قىپ-يالاڭاچ ھالدا بىر ئايالنىڭ قۇچىقىدا ياتقانلى قىنى بىلگىنىدە ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتكەن،ھەيرانلىق كاللىسى دىن تاپىنىنىڭ ئۇچىغىچە سىڭىپ كەتكەن،چۈچۈش كۆڭلىنى قاتتىق سا راسىمگە سالغان ئىدى.خىزىر ئۆمرىدە بۇنداق شەرمەندە ئاقىۋەتكە قېلىشىنى ئەسلا تەسەۋۇر قىلىپ باقمىغان ئىدى.شۇ چاغدا ئوتتۇز سەككىز ىنچى پەرىشتە زەڭگەر؛        
  سىزنى ئاخىرى مۇققەدەس گۇناھ قوينىغا ئېلىپ كىردۇق.ئوتتۇز يەت تىنچى پەرىشتە ھاۋا ئەنبەرگە ئايلىنىپ دىمىقىڭىزدىن كىرىپ سىزنى بىھۇش قىلدى.ئوتتۇز ئالتىنچى پەرىشتە مەيىن شامال ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىملىق ھالىتى بىلەن يۈزىڭىزگە يىنىك سۆيدى.مەن سىزنى قۇچىقىمغا ئېلىپ كىرىپ پاكلىغىڭىزنى ئۈزۈل-كېسىل ،تولۇق يۇيىۋەتتىم.سىزگە ئېرىشكەنلىكىمىزدىن ھەممىمىز خوشھال،!-دېگەن ئىدى.   
-مەن سۇدا يۇيۇنغاندەك قىلغانغۇ؟-دېگەن ئىدى خىزىر ھەيرانلىقىنى يوشۇرالماي.
-سۇمۇ مېنىڭ جىسمىم.مەن بىر ئايال،                                 
-قانداق ئايال؟
-سىزنى يۇيىۋەتكەن پەيتتىن باشلاپ ئايالغا ئايلاندىم.ئىلگىرى ھېچكىمنى يۇيۇپ باقمىغان قىز ئىدىم.ئاچا-سىڭىللىرىممۇ قىز ئىدى. ھەممىمىز پاكلىقىمىزنى سىزنى يۇيۇش ئارقىلىق يوقىتىتايلى دېدۇق ھەم شۇنداق قىلىپ سىزنىڭمۇ،ئۆزىمىزنىڭمۇ پاكلىغىنى يوقاتتۇق.ئەمدى بىز قىرىق بىر پەرىشتىنى ئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز قىرىق بىر خوتۇنلۇق ئەرگە ئايلىنىسىز.بىزمۇ شۇنداق بولۇشقا خۇشتار.                           
–ئەگەر سىلەرنى ئەمرىمگە ئالمىسامچۇ؟                 
-بىز 41 ئايال پاھىشە-بۇزۇق خۇتۇنلارغا ئايلىنىپ كېتىمىز.ھەممە يەرنى مەينەتچىلىك،كېسەل،نەسلىك قاپلاپ كېتىدۇ.ئۇ چاغدا سىزمۇ بىزدەك گۇناھكار بولۇپ، قالىسىز.
ئېسىت ! كۆلگە قارىمىسام،بەدىنىمنى سۇغا تەككۈزمىسەم بوپتىكەن  !-دەپ توۋلىۋەتكەن ئىدى خىزىر.
    خىزىر شۇنداق توۋلاپ سېلىشتىن ئىلگىرى ئوتتۇز بەشىنچى پەرىشتە دەريانىڭ دولقۇنسىمان چاچلىرىنى يايغىنىچە تولغۇنۇپ ئۇسۇل ئويناۋات قانلىقىنى قانغىچە كۆرۈپ چىن كۆڭلىدىن ھوزۇرلانغان.قوۋۇزىدا بولسا ئوتتۇز تۆتتىنچى پەرىشتە زىبا ئەكىرگەن كۆرۈنمەس تائامنىڭ لەززىتىنى تامشىغان.قوللىدا ئوتتۇز ئۈچۈنچى پەرىشتە شىپاگۈل ياسىغان مەلھەمنى ئۆزىنىڭ كۆرۈنمەس بەدىنىگە سۈرگەن ئىدى.ئۇنىڭدىن ئىلگىركى ئىشلار تېخىمۇ رەتلىك ۋە رىتىملىق ئىدى.
-كوڭلىڭىزگە ئارام،ھوزۇر بەخش ئەتسۇن دەپ سۆھبەت ئۈنچىلىرىنى ئېلىپ كەلدىم-دېگەن ئىدى ئەقىللىقلىقى چىقىپ تۇرغان ئوتتۇز ئىككىنچى پەرىشتە دانىشە،
-سىزگە يۈرەكنى ئەزگۈدەك مۇڭ قىلىپ بېرەي –دېگەن ئىدى ئوتتۇز بىرىنچى پەرىشتە ئاھۇ،
-مېنى كۆرسىڭىز بارلىق غەم-ئەندىشىڭىز كۆڭلىڭىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ –دۋگەن ئىدى ئوتتۇزىنچى پەرىشتە باھار.
-گۈزەللىككە مەپتۇن بولاي دېسىڭىز ماڭا قاراڭ،مەن سىزنى مەستانەم قىلاي-دېگەن ئىدى يىگەىرمە توققۇزىنچى پەرىشتە تولۇن يۈز،
-مەن سىزنىڭ قەلبىڭىزنى مەڭگۈ ئۈمىد يۇلتۇزى بولۇپ يورۇتۇپ تۇرالايمەن-دېگەن ئىدى يىگىرمە سەككىزىنچى پەرىشتە چولپان.
    ئۇنىڭدىن ئىلگىرى خىزىر يىگىرمە يەتتە سەنەمنىڭ ئالدىدىن ئۆت كەن.ئالدىغا تىز ماڭاي دېسىمۇ كۆڭلى خائىنلىق بىر پەرىشتىنىڭ يۈز ىگە،يەنە بىرىنىڭ قارلىغاچنىڭ قاناتىدەك قېشىغا،يەنە بىرىنىڭ بۇلا قتەك ئويناپ تۇرغان شەھلا كۆزلىرىگە،يەنە بىرىنىڭ پورەكلىگەن قىزىل گۈلدەك لەۋلىرىگە،يەنە بىرىنىڭ تال چىۋىقتەك بەللىرىگە،يەنە بىرىنىڭ چىرايلىق غۇنچە بوي قامىتىگە،يەنە بىرىنىڭ ناز-خۇلقى، لاتاپىتىگە، يەنە بىرىنىڭ زىللىقى،نازاكىتىگە ئېغىپ كەتكەن.پەرىشتىلەرنىڭ بىر -بىرىدىن بەك گۈزەللىكى،جەزبىدارلىقى خىزىرنى ھۇشىدىن ئازدۇرۇپ، تەقۋادارلىقىدىن تازدۇرۇپ،خىزىرنى سۆيۈنۈشتىن مەپتۇنلۇققا، مەپتۇنلۇقتىن ھاياجانغا سەكرىتىپ ،پەرىشتىلەرنى قانغىچە سۆيۈش،قۇچاقلاش ۋەسۋەسىنى خىزىرنىڭ كۆڭلىدە تۇغدۇرغان.پەرىشتىلەرنىڭ قاتار تىزىلغان سەپلىرى خىزىرنى ئەڭ ئوتتۇرغا ئېلىۋالغان چەمبەرگە ئايلانغان.خىزىر پەرىشتىلەر-ئاياللار دۇنياسىغا ئەسىر بولۇشتىن قۇتىلالمىغان.
  خىزىر ئاياللار دۇنياسىغا ئەسىر بولۇشتىن ئىلگىرى خىزىر يەتتە خىل ئۆزگىرىدىغان رەڭلەرگە قاراپ سالغان.رەڭلەر ھاۋاغا ئىپار-ئەنبەر تارى تىپ تۆت ئەتراپنى خۇشبۇي ھىد قاپلاپ كەتكەن.خىزىرنىڭ كۆزى گۈزەل ئادەمنى،چىراينى،چىرايلىق قامەتلەرنى كۆرمەكچى بولغاندەك كېرىلىپ كەتكەن.كۆڭلى خۇشبۇي ھىد كەلگەن تەرەپكە ئېغىپ دەم تارتىلىپ كەتكەن. كۆرۈنمەس ماگنتتەك بىر نەرسە خىزىرنىڭ كۆزىگە شۇ خۇشبۇيلۇق ئارىسقدا كۆرۈنمەكچىدەك تۇيۇلۇپ كەتكەن....خىزىر يۈرىكىنىڭ ئويناپ كېتىۋاتقانلىقىنى ،كىملەرنىدۇ ئوقتەك ئېتىلىپ بېرىپ قۇچاقلىغۇسى كېلىۋاتقانلىقىنى،ئۆزىنى گۈزەل، يېقىملىق، كەرەشمىلىك ئاۋازلارنىڭ قىچقىر ۋاتقانلىقىنى،گۈللەرنىڭ ئارىسىدا كۈتۈۋاتقاندەك تۇيغۇ ئەۋەتىۋاتقانلىلىقىنى سېزىپ قالغان.
      خىزىر ئەشۇ شىرىن سېزىملارغا تۇتقۇن بولۇشتىن ئىلگىرى يەتتە خىلغا ئۆزگىرىدىغان رەڭلەرگە قاراپ سالغانلىقىنى ئۇنتۇپ كېتەلمەيدۇ.شۇ يەتتە خىلغا ئۆزگىردىغان رەڭلەر ئەسلى ئاي يۈزلۈك سەنەمنىڭ گۆھەرنىڭ ئۈچۈنچى قىرىغا چۈشۈرۈلگەن سۈرئىتى ئىدى.شۇ سۈرەت قىرىق بىر خىلغا ئۆزگىرەلەيتى. خىزىر كۆرگەن،خىزىرنى ئازدۇرغان،خىزىرنىڭ تەقۋادارلىقىنى، پاكلىقىنى يوقاتقان قىرىق بىر پەرىشتە خىزىرنىڭ ئالقىنىدىكى گۆھەرنىڭ ئۈچۈنچى قىرىدىكى شۇ خىسلەتلىك سۈرەت ئىدى.ناۋادا خىزىر ئەشۇ سۈرەتكە-گۆھەرنىڭ ئۈچۈنچى قىرىغا قاراپ سالمىغان بولسا يۇقۇرقى كەچمىشلەر يۈزبەرمەيتى.


                                            4                                             

       شەھۋەتپەرەسلىك ئۈچۈن ئۆز شەنىگە داغ چۈشۈرۋالغان خىزىر ئالقىنىدىكى گۆھەرنىڭ ئۈچۈنچى قىرى-ئاي يۈزلۈك سەنەمگە قاراشتىن ئىلگىرى ئالەم مەشھۇر زەردارلار سارىيىدا يىگانە ئولتۇراتى.خىزىر مال -دۇنيا،بايلىق جەھەتتە ئالەمدە تەڭ تۇرالايدىغان رەقىپكە تەڭ ئەمەس ئىدى.پەقەت تەڭرى تائاللاھلا بايلىق،مال-دۇنيادا خىزىرغا تەڭلىشەل ەيتى.خىزىرنىڭ تون-سەرپايىلىرىنىڭ ھەممىسى گۆھەر-ياقۇتلارنى رەخت قىلىپ ،ئۈنچە،-مەرۋايىت يىپتا تىكىلگەن ئىدى.                        
خىزىر زەردارلار ئوردىسىدا ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئىككى مەخلۇق نىڭ جان تىكىپ ئېلىشىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالغان ئىدى.               
–ئادەمگە مەن موھىم!-دەيتى جان ئاچچىقىدىن قاتتىق بوغۇلۇپ.      
–ئادەملەرگە مەن ھەقىقىي پۇل!ئەگەر مەن بولمىسام بىر ئادەم ئۆز يۇرتىدىن باشقا يۇرتلارغا بارسا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ.               
–ئاۋال مەن بولسام ئاندىن ئادەملەر پۇل تاپالايدۇ ۋە پۇل خەجلىيەلەيدۇ.....                                                                          
      ئىككىسى شۇنداق قاتتىق تاكاللىشىۋاتقاندا كۆرۈنمەيدىغان بىرسى مۇنداق ئويلاۋاتاتى.«  جاھانغا ئادەم ئەمەس تەڭگە تىللا يارالسىمۇ بوپتىكەن. ئادەم پۇلنىڭ ئالدىدا غازاڭدەك،پاخالدەك تۇيىلىدىغان بولۇپ قالدى.پۇلغا چوقۇنۇش ئادىمىيلىكنى پاكىز يۇتىۋەتتى.ئادەملەر ئاچكۆزلىشىپ ھەممىنى پۇل بىلەن ئۆلچەيدىغان بولۇپ كەتتى.پۇل ئاقىۋەت ئادەملەرنى پۇشايمان دېڭىزىغا غەرق قىلىدۇ.»                       
     خىزىر شۇ كۆڭۈلسىز ئىشنى بايقاشتىن ئاۋال روھانىلارنىڭ يۇقۇرسىدىكى تۆردە بەدەشقان قۇرۇپ بەھۇزۇر ئولتۇرغان.روھانىلار پوپلاردەكمۇ،راھىپلاردەكمۇ، ئىماملاردەكمۇ كۆرۈنۈپ كەتكەن.ئۇلارغا مۇناخلاردەكمۇ،راھى بەلەردەكمۇ،بۈۋىلەردەكمۇ كۆرۈنى دىغان ئىخلاسمەنلەر توپى ياندىشىپ تۇر غان ئىدى.مەڭگۈ گۇناھسىز تۇيىلىدىغان شۇ كىشىلەر خىزىرغا چەك سىز ئەقىدە باغلىغان ئىدى.ئۇلارنىڭ نەزرىدە خىزىر ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ يېنىدىن ھەممىنى بىلگۈچى بىشارەت چىنىڭ ئۆزى بولۇپ تۇيلغان ئى دى.ئەمما ئۇل ار خىزىرغا ئەمەس،خىزىرنىڭ ھەسەن-ھۈسەنگە ئوخشاش ھھەر خىل نۇر چاچىدىغان رەڭدار چاپىنىغا قىزى قىدىغاندەك قىلاتى.ئۇلار خزىرنىڭ چاپى نى ئالتۇنمۇ،كۆمۈشمۇ،گۆھەرمۇ،ياقۇتمۇ؟ پەقەت بىلەلمىگەن.            
        خىزىر روھانىلار تۆرىگە داخىل بولۇشتىن ئىلگىرى غايىپ غەزىنە باردۇن يادىن كەلگەن.خىزىرنى ئىنسى-جىن كۆرمىگەن ئىدى.كۆرۈنمەس غاردا شۇ غايىبانە دۇنيانىڭ بارلىقىنى ھېچكىم تەسەۋۇر قىلالمىغان.خىزىر ئەشۇ غايىبانە دۇنيانىڭ يىگانە خوجىسى بولۇپ،رەڭدار چاپىنىنى يېپىنچاقلاپ كەلگەن.        
خىزىر ئەشۇ چەكسىز غايىبانە دۇنيادىن زىرىكىپ قېچىپ چىققان ئىدى.چۈنكى ئالتۇنلۇقنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ قاچقانلىقىغا خىزىرنىڭ پەقەت را زىلىقى يوق ئىدى.ئالتۇنلۇق خىزىرنى ئېلىپ قېچىپ قايەرگە ئاپارماقچى بولغىيدى؟ئاپىرىپ نىمىگە ئېرىشتۈرمەكچى بولغىيدى؟ ئالتۇنلۇق نىمىشقا تۈگىمەيدىغاندۇ؟ ئالتۇنلۇق نىمىشقا خىزىرنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرمەيدۇ؟                                                               
        يۇقۇرقى سۇئاللار خىزىرنىڭ ئالتۇنلۇقتا سۈرگەن خىيالى ئىدى. ئالتۇنلۇقنىڭ تۈگىمەسلىكى،سېرىق رەڭنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىخىزىرنى قېچىپ كېتىدىغان ھالەتكە يەتكۈزگەن ئىدى.لىكىن قايەرگە قېچىش، قانداق قېچىش خىزىرنىڭ بەكمۇ بېشىنى قاتتۇرۋەتكەن.خىزىر شۇ چاغدا «قىززىق ئىش،ئادەملەر ئالتۇن،مال-دۇنياغا ئېرىشەكمەي ئاۋارە.مەن بولسام ئەشۇ نەس ئالتۇندىن قۇتۇلۇپ بولالماي ئاۋەرە» دەپ ئويلاپ قال غان ئىدى.خىزىر شۇ باش قېتمچىلىقىغا قېلىشتىن ئىلگىرى مۇنۇ چۈشنى كۆرگەن:                                                                     
«ئالتۇنلۇقتا جىمى نەرسە ئالتۇنمىش،ئادەملەرنىڭ رەڭگىمۇ ئالتۇن مىش. كىشىلەر چالما-كېسەكلەرنى پۇل ئورنىدا خەجلەيمىش. كېسەك -چالمىنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىدىن سەتەڭ ئاياللار،نازىنىن خېنىملار بو ينى،بارماقلىرى،بىلەكلىرى،قۇلاقلىرىغا كېسەك-چالمىدا ياسالغان زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىشلىتەرمىش.مۇشتەك چالمىنى تېپىۋالغان ئادەم شۇ زامات بىر شەھەرنى سېتىۋالغۇدەك قۇدرەتكە ئىگە بايغا ئاي لىنارمىش ھەم يااڭتۆش ئوغرىلار قەستلەيدىغان 1-نومۇرلۇق شەخسكە ئايلىنىپ قالارمىش.خىزىر شۇ جايغا كېسەكتە ھەل بېرىلگەن چاپىنىنى كىيىپ كەلگەندە ئادەملەرنىڭ ھەممىسى خىزىرنىڭ چاپىنىنىڭ پېشىنى بىر قېتىم تۇتىۋېلىش ئۈچۈن نەچچە مىليۇن چاقىرىم يەرگىچە ئۆچرەت بولۇپ تۇرغانمىش.چۈنكى خىزىرنىڭ چاپىنىنىڭ پېشىنى بىر قېتىم تۇت ىۋالغان ئادەم باي،ئامەتلىك ئادەمگە ئايلىنارمىش....»                    
خىزىر چۈش كۆرۈشتىن ئىلگىرى ئالتۇن تاغدا يۈگرۈپ كېتىۋاتقان ئىدى.غەلىتە يېرى خىزىرنىڭ ئۇچىسىدا ۋالىلداپ تۇرغان چاپان خىزىر ھەر قانچە چۆرىسىمۇ چۈشۈپ كەتمەي خىزىرنىڭ كۆرۈنمەس بەدىنىگە مەھكەم يېپىشىپ تۇراتى.شۇ ھالەت كۆزنى ئاچقاندا كۆرۈنمەيدىغان،كۆزنى يۇمغان ھامان يارقىن كۆرۈنىدىغان ھالەت ئىدى.خىزىر تېرىكىپ،بوغۇلۇپ چاپان چۆرۈش بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن.خىزىر شۇنچە ھەپىلىشىمۇ يالتىراق چاپان دىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن.خىزىر يالتىراق چاپاندىن بىزار بولغانسىرى يالتىراق چاپاننىڭ خىزىرغا ئامراقلىقى ئېشىپ خىزىرنىڭ كۆرۈنمەس بە دىنىگە تېخىمۇ چىڭ يېپىشىۋالغان. خىزىر بىر تەرەپتىن چاپان چۆرۈپ يەنە بىر تەرەپتىن جان جەھلى قاچقان.نەتىجىدە يالتىراق چاپاندىنمۇ، ئالتۇن تاغدىنمۇ قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن.
  خىزىر ئالتۇن تاغدىن قېچىپ كېتىۋاتقاندا مۇشتەك،ئاتنىڭ كاللىسىدەك ئالتۇنلار« بىزنى تاشلاپ كەتمە» دەپ ۋاقىراپ، خىزىرنىڭ تاپىنىغا چاپلىشىپ قالغان.خىزىر ئالتۇن تاغدا ئالتۇنغا ۋە سېرىق رەڭگە ھۆ بولۇپ،كۆزلىرىنى يۇمۇۋالغان. ،ئادەمدەك چوڭلقتىكى ئالتۇنلار خىزىرنى قۇچاقلىۋېلىشقا ئالدىراپ كېتىپ خىزىرغا يۆلىنۋالغان.خزىر كۆڭلىدە «بايلىق بۇنداقمۇ  چەكسىز بولامدۇ؟» دەپ توۋلاپ ھەيرانلىقىنى يوشۇرالمىغان ئىدى. خىزىر ھەيرانلىقتا توۋلاشتىن ئىلگىرى كۆزلىرىنىڭ تېلىپ،پۇت-قولىنىڭ ھېرىپ قالغانلىقىنى سەزگەن ئىدى.چۈنكى خىزىر كۆرگەن كۆمۈش دېڭىز،ئالتۇن ئېكىنزارلىق خىزىرنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمىگەن.كۆرسە،يۈگۈرسە تۈگىمەيدىغان،ئۇچۇپمۇ چېكىگە يەتكىلى بولمايدىغان ،كۆچمەي زورىيىدىغان، يۈتمەي ئۇلغىيىدىغان پايانسىزلىق –دەل ئالتۇن دۇنيا ئىدى.      
   خىزىر ئالتۇن دۇنياغا كىرىپ قېلىشتىن ئىلگىرى بىرەيلەننىڭ مەخپى ھالدا ئۆزىگە يول باشلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالغان.خىزىر بىر تەڭگىنىڭ نۇرىدا يىراق-يىراقلارغا كېتىپ قالغان.شۇ تەڭگە بىر قارىماققا غايەت قۇياشقا،يەنە بىر قارىماققا كىچىك ئالتۇن تەڭگىگە ئوخشاپ كەتكەن.خىزىر قۇياشنىڭ ياكى ئالتۇن تەڭگىنىڭ نۇرىدا كتىۋاتقانلىقىنى ئايرىپ ئالال مىغان.خىزىر ئالتۇن تەڭگە بىلەن قۇياشنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرۇپ قالغان.سېرىق رەڭ خىزىرنى بەكمۇ تەئەجۈپلەندۈرگەن. خىزىرسېرىق رەڭ بىلەن ئالتۇننىڭ جىمى نەرسىنى ئۆزىگە دەمتارتىدىغانلىقىنى بىلمىگەن.     
خىزىر تەڭگىنى كۆرۈشتىن ئاۋال بىر كوچىدىن ئۆتكەن.يول بېشىغا  «بارسا كەلمەس يول» دېگەن خەت يېزىلغان ئىدى.شۇ يەردە چىرايىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان بىرسى مۇناجات ئوقىۋاتاتى.: «تاجدارلارغا تەخت،زەردارلارغا بەخت،قەررزدارلارغا شۇملۇق،سەنەملەرگە كۈلكە.يالاڭتۆشلەرگە يىغا،ئاچكۆزلەرگە شەرەپ،مۇساپىرلارغا غېرىپلىق،زالىملارغا ھەيۋە،ئۈنى پۈتۈپ قالغانلارغا ئاۋاز،مۆتىۋەرلەرگە سەلتەنەت،بېخىللارغا ئاشىقلىق،مۇھتاجلارغا تەشنالىق،نامدارلارغا ئامەت،تەڭرى ئۇرغانلارغا ھەسسەت،سېخىلارغا،مەردلەرگە دوزاق ئاتا قىلغۇچى –دەل پۇل،مال-دۇنيا!تۇغۇلساڭمۇ پۇل ئۈچۈن تۇغۇل! ئۆلسەڭمۇ پۇل ئۈچۈن ئۆل! ياشىساڭمۇ پۇل ئۈچۈن ياشا!      
                                    
سايرىماس بۇلبۇلمۇ باغدا  ئاقچا-پۇلى بولمىسا.                        
ئاتمۇ چۈشمەس يورغىغا يەمنىڭ ئېسىلى بولمىسا.                       
كەڭ بىھىش ئىشىكى ئالدىدا بۇيۇن قىسقۇچىسەن،                        
ياساۋۇلغا ئېغىزىڭدا  ئاقچا گېپى بولمىسا.                              
بىرەھىم زالىمغا قۇچاق ئاچقۇچى قىزدۇر بىھىش،                        
تۈز كۆڭۈل كىرەر ئۇدۇل دوزاققا،ئېپى بولمىسا .»  
                           
            خىزىر ئەشۇ كوچىغا كىرىشتىن ئىلگىرى كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە ھەۋەس ،تەلپۈنۈش بىلەن قاراپ قالغانلىقىنى كۆرگەن. لىكىن خىزىر كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە ئەمەس ئۇچىسىدىكى رەڭدار يالتىراق چاپىنىغا ھەۋەس قىلغانلىقى،تەلپۈنگەنلىكىنى بايقى يالماي قالغان.خىزىرنىڭ شۇ يالتىراق چاپاننى كىيىپ قېلىشى ئالقىنىدىكى گۆھەرنىڭ تۆتىنچى قىرى-پۇلغا،تەڭگىگە قاراپ سالغانلىقى بىلەن باغلىنىشلىق ئىدى.ئەگەر خىزىر ئالقىنىدىكى گۆھەرنىڭ تۆتىنچى قىرىغا قاراپ سالمىغان بولدا ھېچ ئىش يۈز بەرمەيتى.
                                                                                      
                       5   
                                                         
خىزىر ئالقىنىدىكى گۆھەرنىڭ ئىككىنچى قىرى-پۇلغا،-تەڭگىگە قاراپ سېلىشتىن ئىلگىرى سۇلتانلارنىڭ شاھنى شاھى بۇلۇپ ئۆتۈۋاتاتى.تەخت سۇپىسىنىڭ ئىككى يېنىدا ئەزرائىللار سەپ بولۇپ تىزىلغان ئىدى.خىزىرنىڭ قولى ئەمەس،قاش-كىرپىكى مىدراپ كەتسىمۇ ئالاھىدە بۇيرۇقتىن بىشارەت بېرىپ ،ئەزرا ئىللارنىڭ دەرھال ھەركەتكە كېلىپ،نەچچە يۈزلىگەن ئادەمنى ئۇ دۇنياغا ئۇزىتىپ قويۇشقا سەۋەپ بولاتى.                  
           خىزىر شاھنى شاھلىق ھوزۇرىنى سۈرۈشتىن ئىلگىرى ھەيرانلىقىنى پەقەت يوشۇرالمىغان. ئۇلۇغلار، ئالىجاناپلار،  كاتتىلار، ئېسىلزادىلەر، مۆتىۋەرلەرنىڭ ھەممىسى خىزىرغا  يۈز قېتىملاپ باش ئۇرغان.خىزىر ئىجازەت بەرگەندىن كىيىنلا خىزىرغا قولباغ لاپ ئىتائەتمەن قىياپەتتە تۇرۇشقان.خىزىرغا باش ئۇرۇپ تازىم بىجا كەلتۈردىغانلارنىڭ سانى يۇلتۇزلاردىنمۇ كۆپ   بولغان. چوقۇنغۇچىلارنىڭ كۆپلىكى خىزىرنى تەڭقىستا قالدۇرغاچقا خىزىر چوقۇنغۇچىلارغا بىر قولىنى ھاۋادا پۇلاڭلىتىپ سالام بېرىشكە مەجبۇر بولغان.پەيغەملەردە ۋە داھىلاردا بولىدىغان بۇ ھەركەت خىزىرنىڭ ئورنىنىڭ پەيغەمبەرلەردىن تۆۋەن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ قويغان.                  
       خىزىر بىر قولىنى پۇلاڭلىتىپ سالام بېرىشتىن ئىلگىرى چوقۇنغۇچىلارغا قاراپ ئالەمدىكى ئەڭ گۈزەل نەرسە-نۇرانە تەبەسۇممىنى ياغدۇرغان.خىزىرنىڭ تەبەسۇممىنىڭ سېھرى كۈچىدە لەكمىڭ ئادەم ئون يىلغىچە ھېچنىنە يىمەي،ئىچمەي ھايات كەچۈرگەن.تەسەللى،مەدەت،ئىلھام،مۇكاپات دېگەنلەر ئۇنىڭدىن ئالى،بۈيۈك بولماس.                                    
      خىزىر تەبەسۇم ياغدۇرۇشتىن ئاۋال بىر كۆرۈنۈشكە ھەيران قالغان.ئوپۇل-توپۇل ھاۋانى ھوقۇق،بۇيرۇقنىڭ ھىدى قاپلاپ كەتكەن. شۇئارلار، خىتاپلار، چۇقانلار،قەسىدە،مەدھىيلەردە ھوقۇق،مەنسەپ توققۇز قات ئاسماننىڭ قەھرىگە كۆتۈرۈلگەن.ھوقۇق مەنسەپ شامىلى كۈچلۈك بورانغا ئايلىنىپ،ئاق كۆڭۈل لۈك،ئىشچانلىق،غورۇر،ۋىجدان دەرەخلىرىنى يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ تاشلاپ،خوشامەتچىلىك،قۇل-غالچىلىق كەلكۇننى يامراپ،خوشامەتچىلىك،غالچىلىق دەريا بولۇپ ئاققان.خوشامەتچىلىك،-غالچىلىق نومۇس ئىش بىلىنىشنىڭ ئەكسىچە يۇقۇرى قابىليەت ھېساپلانغان.خوشامەتچىلەر ئومۇممى يۈزلۈك ئەتىۋار لىق،قەدىرلىك ئادەملەرگە ئايلانغان.خوشامەتچىلەر چۈشىدىمۇ ھوقۇقدارلار،مەنسەپدارلارغا مەدھىيە ئوقۇغان،ناخشا ئېيتقان.يېقىملىق كۈيلەرنى ئورۇنل ىغان. غالچىلارنىڭ چۈمىلىلەردىن،ھەررەلەردىنمۇ بەك كۆپىيىپ مىغىلداپ كەتكەنلىكى خىزىرنى ھەيران قالدۇرغان.غالچىلار نومۇسسىزلىقنى شەرەپ بىلىشتە چېكىگە يەتكەن بولۇپ «پوقىڭىز بولسام  چوڭ ئۈچىيىڭىزدە تۇراتىم. كۇسىرىڭىز بولسام....ئەزايىڭىزنى يېپىپ تۇراتىم....» دەپ ئومۇممى خور ئېيتقان.خىزىر شۇ ناخشىنى سەسكىنىش ئىچىدە ئاڭلاۋېتىپ ئەڭ بۈيۈك چوققىنى ئەسلەپ قالغان :                                       
     ئەڭ بۈيۈك چوققىدا خىزىر ئوننەچچە ئۇلۇغنىڭ باشلىرىغا دەسسەپ تۇراتى.ئۇلۇغلار ئەڭ سەمىمى پوزىتسىيە،ئەڭ زور چىدام ،ئەڭ يۈكسەك ئىرادە بىلەن بىرىنچى نومۇرلۇق ئەرباپ-خىزىرنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن.خىزىر ئۆزىنىڭ يۇمشاق بۇلۇت ئۈستىدە ياكى تاۋار كۆرپىدە بەھىزۇر ئولتۇرغانلىقىنى ئايرىپ ئالالمىغان.قانداقلا بولمىسۇن چوققىلارنىڭ ئەڭ ئىگىز چوققىسىدا ئولتۇرغان خىزىر ئۆزىنى بېشىدا كۆتۈرۈپ تۇرغان ئۇلۇغلارنىڭمۇ يەرگە دەسسىمىگەنلىكىنى بايقاپ قالغان.خىزىرنى بېشىدا كۆتۈرگەن ئۇلۇغلار ئالىجاناپلارنىڭ بېشىغا دەسسەپ تۇرغان.ئالىجاناپلار كاتتىلارنىڭ بېشىغا،كاتتىلار بولسا مۆتىۋەرلەرنىڭ بېشىغا،مۆتىۋەرلەر «سامانلىقنىڭ ئاچقۇچى»نى تۇتقانلارنىڭ بېشىغا،«سامانلىقنىڭ ئاچقۇچىنى تۇتقانلار» پۇقرالارنىڭ-ئاۋامنىڭ بېشىغا دەسسەپ تۇرغان. پۇقرالارنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمى جىلغا بولۇپ ئەڭ پەستە تۇرغان.ئەگەر چوققىدا تۇرغانلاردىن بىرسى ئۇشتۇمتۇت تېيىلىپ كەتسە –جىلغىغا ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى پۇقرالارغا قوشۇلۇپ كەتمەي قالمىغان !  شۇڭا چوققىدىكى ھەر بىر مۆتىۋەر قىيادىن جىلغىغا قورقۇش،ئەندىشە ئىچىدە قاراشقا،بېشىغا دەسسەپ تۇرغانلارغا پاھىشە خوتۇن پۇلدار بەگلەرگە ناز-كەرەشمە قىلغاندەك ناز خۇلقى بىلەن قاراشقا مەجبۇر بولغان....جىلغىغا غۇلاپ چۈشكەنلەرنى گاھىدا كۆرۈپ قالغاندا دەشھەتلىك تۇيغۇغا چۈمۈلگەن ۋە ھوقۇق پەلەمپىيىگە جېنىنىڭ بېرىچە يېپىشقان.پۇقرا دەرىجىسىگە چۈشۈپ قېلىشنى ئۆلۈمدىنمۇ قورقۇنۈچ لۇق ھېساپلىغان.قورقۇنۇچلۇق ھاڭ –ئەمەلدارلار بىلەن پۇقرالارنى ئايرىپ تۇرغۇچى ناھايىتى ئۇزۇن-ئۇزۇن كۆرۈنمەس مۇسا پىگە ئايلانغان.خىزىر تۆۋەنگە قاراپ جىلغىنى كۆرەلىسىمۇ جىلغا بىلەن ئەسلا پاراڭلىشالمىغان.ئۇچىرشالمىغان.ئاستىدىكى قەۋ ەت-قەۋەت داۋانلار(ئەمەلدارلار) توسالغۇ بولغان.جىلغا بىلەن يۈز تۇرانە كۆرىشەلمەسلىك ۋە ئازادە (ئايرىم) سۆزلىشەلمەسلىك سەۋەبىدىن خىزىر ئۆزىنى قەھىرتان قىشتىكى شولىىسى بارلىكىن مېھرى،ھارارىتى يوق قوياشقا ئوخشىتىشقا مەجبۇر بولغان.خىزىر جىلغا بىلەن ئايرىم پاراڭلىشالماي  ئازاپمۇ تارتقان.
   خىزىر ئازاپ چېكىشتىن ئىلگىرى جىلغىدىكى بىر كۆرۈنۈشنى بايقاپ قالغان.جىلغىدا چۈش كۆرۈشكە كىرىشكەنلەر تۇيۇقسىز كۆپۈيۈپ كەتكەن. ئادەملەر نىڭ تولىسى ھوقۇق تۇتۇپ،ئەمەلدار بولۇپ چۈش كۆرىدىغان بولۇپ قالغان.قىلدەك ھوقۇقى بار ئادەملەرمۇ تەڭرى بىلەن تۇققاندارچىلىقى چىقىپ قالغاندەك تېرىسىگە سىغماي يوغىناپ كەتكەن.خوشامەتچى غالچىلار ئۇلارغا ھەسسەت،پۇشايمان بىلەن قاراشقان.                             
         خىزىر شۇ كۆرۈنۈشتىن ئىلگىرى جىلغىدا بىر ساراڭنى كۆرۈپ قالغان.ئۇ ساراڭ ئۆزىنى «ئالەم سارىڭى» دەپ ئاتىۋالغان. شۇ ساراڭنىڭ«ساراڭ»دېگەن لەقىمىنى مۆتىۋەرلەر قويغان.ئۇ ساراڭ كاتتىلار،مۆتىۋەرلەر كوچىدىن ئۆتسە ئىگىلىپ يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلاي دېمەي،قوزۇقنى پۈتۈن يۇتۇۋالغان ئادەمدەك غادىيىپ تۇرىۋەرگەن.كەينىگە شوخشۇپ ئورۇن بوشىتى دىغان.ئىتائەتمەنلىك بىلەن باش ئىگىپ مومىنلەرنىڭ  خۇي-پەيلى بويىچە ئىش قىلىدىغان ئەقەللى قائىدىنى تالاي دۇمبا يەپمۇ ئۈگىنەلمىگەن.غەلىتە يېرى شۇ ساراڭ ئادەملەر ئەڭ كۆپ توپلاشقان جايغا بېرىپ مۇنۇ قوشاقنى ئوقۇغان:



ئاتا-ئانىسىدىن تاندۇرغان،                                             
ئۆز ئىسمىدىن چاندۇرغان،
ۋەسۋەسىدە چاپتۇرغان،
ۋىجداىدىن  ئازدۇرغان،
پاك يولىدىن تاندۇرغان،
  ياخشىغا ئورا قازدۇرغان،
  خوشامەتكە ئۇچتۇرغان،
جىنايەتكە پاتتۇرغان،
گۇناھىنى ئاتتۇرغان،
پۇشايمانغا قالدۇرغان،
ھوقۇق دېگەن نىجىس سەنمۇ؟
شەيتان بولساڭ قېچىپ كەت!
دىۋە بولساڭ ئېزىپ كەت!
خەتەر بولساڭ توزۇپ كەت!
شۇملۇق بولساڭ يىتۇپ كەت!
ساراڭ قىلما بىجرىمنى.
ئازدۇرمىغىن ھەركىمنى.
قازى قىلما زالىمنى،
تەڭرى قىلما ئالۋاستىلارنى!

      خىزىر كىشىلەرنىڭ ياقا تۇتقانلىقىنى كۆرگەن.شۇ ئىش خىىزىر  يۈكسەك چوققىغا ئۆرلەۋاتقاندا يۈز بەرگەن.خىزىر ئۆزىنىڭ روھى جەھەتتە نورمال ئىكەنلىكىدىن تۇنجى قېتىم گۇمان قىلغان.                           
خىزىر گۇمان قىلىشتىن ئىلگىرى بىر نەرسە خىزىرنىڭ نامەلۇم بىر يېرىدە تۇرۇپ،خىزىرنى قىزىتىپ، ئەسەبىلەشتۈرۈپ، قۇتىر تىپ،كۆڭۈل ئارامىدا قويمىغان،شۇ چاغلاردا خىزىر قىزىقىش بىلەن بىگىز بارمىقىنى كۆتۈرۈپ قويغان.شۇ زامات ئالەمنى تۇغ-ئەلەملەر قاپلاپ كەتكەن.ئۇرۇش ئىنتايىن شىددەتلىك بولۇپ نەچچە دېڭىز قىپ-قىزىل قان-رەڭگىدە كۆرۈنگەن.بىگۇناھ لەكمىڭ ئادەم ئاچكۆزلۈك،ئالەمنى بۆلىشىۋېلىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ئۇرۇشنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان.خىزىر ئەسلىدە بىگىز بارمىقىنى كۆتۈرسە «ھۇجۇم قىلايلى!» دېگەن بۇيرۇق مەنىسىنى بېرىدىغان پارۇل(بەلگە) ئىكەنلىكىنى،بىر قېتىملىق ئالەم ئۇرۇشى شۇنداق تۇيۇقسىز،تاسادىپى قوزغىلىپ،ئۆزىنىڭ خەلقى ئالەم ئالدىدا 1-نومۇرلۇق ئۇرۇش جىنايەتچىسى،جاھاندىكى ئەڭ نامى مەشھۇر جاھانگىر، ئاجىز ئەللەرنى بوزەك قىلغۇچى زومىگەرگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئالدىن ئويلاپ باقمىغان.                                                                           
  خىزىر زومىگەرگە ئايلىنىپ قېلىشتىن ئىلگىرى كۆڭۈلسىز ئىشتىن بىرنى سادىر قىلىپ قويغان.خىزىر ھېچ بىر مەخسەتسىزلا قوشمىسىنى تۈرۈپ قويغانغا ئۆپ-چۆرىسىدىكى ئەزرائىللار خىزىر بىلەن دىدارلىشىش  ئۈچۈن كېلىۋاتقان ساناقسىز ئادەمنىڭ بېشىنى قۇشقاچنىڭ بوينىنى ئۈزگەندەك ئۈزۈپ تاشلىغان.خىزىر ئۇشتۇمتۇتلا شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە ئۆزى سەۋەپچى بولغانلىقىنى بىلگەندە ئازاپلىنىپ ئۆلىۋالماقچى بولغان.بۇنىڭ ئۈچۈن ئەزرائىللارنىڭ كۆپۈنچىسى ئۆزىنى دوزاققا تاشلاپ ئۆلگەندىن كىيىنلا خىزىر سەل يىنىكلەپ قالغان.قاش-كىرپىكى مىدراپ كەستىسىمۇ سانسىزلىغان ئادەمنىڭ ھايات-ماماتىغا تەسىر قىلىدىغانلىقى  خىزىرنىڭ بىر گىگانت ھەيكەلنى ئەسلەپ قېلىشىغا سەۋەپ بولغان.                 
     مەيداننىڭ دەل ئوتتۇرسىدىكى غايەت چوڭ ھەيكەل- خىزىرنىڭ ھەيكىلى ئىدى.كىشىلەر پات-پات دەريادەك ئۆركەشلەپ كېلىپ ھەيكەلگە ھەمدۇ-سانا،ئۇلۇغ مەدھىيەلەرنى ئوقۇغان.ئۆزلىرىگە بەخت-ئامەت ياغدۇرۇشنى تىلىگەن.كېلەچەكتە ئۆزلىرىنى راھەتلىك كۈنگە-ئارزۇلۇق چاغلارغا يەتكۈزۈش نى....ئۈمىد قىلغان.لىكىن ھەيكەلنىڭ قىياپىتى كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ،ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنى ئويلىمايدىغانلىقى،غېمىنى يىمەيدىغانلىقى،ئۆزىگە چەكسىز تەمەنا قويىدىغانلىقى،يۈكسەك قىياپەتتە تۇرىۋىلىپ قوللىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغانلىقىنى يوشۇرۋاتقانلىقى،ئالى جاناپ كۆرىنىشى بىلەن قەلبىدىكى ئىپلاسلىقنى يوشۇرۋاتقانلىقى،ھېچكىمنى كۆزگە ئىلماي گىدىيۋالغانلىقى،ئاسماندىن ئېشىپ كەتمەكچىدەك غادىيۋالغانلىقى،ئالەمنى يالغۇز ئىگىللىمەكچى بولغاندەك غۇلچىنى كېرىۋاتقانلىقى... چىقىپ تۇرغان.خىزىر ھەيكەلنى ئەسلەش تىن ئاۋال ئالقىنىدا بىر دانە ئۈزۈكنى تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى ئەسكە ئالغان.            
       خىزىرنىڭ ئالقىنىدا راستلا بىر ئۈزۈك بولغان.خىزىر شۇ ئۈزۈكنىڭ توساتتىن غايەت ھەيكەلگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئالدىن بايقىيالمىغان.شۇ ئۈزۈك خىزىرنىڭ غايەت ھەيكىلىگە  ئايلىنىپ قالىدىغان ئۈزۈك ئىدى.خىزىر شۇ ئۈزۈكنىڭ بىر قارىسا ئالقىنىدىكى گۆھەرنىڭ بىرىنچى قىرغىقىغىمۇ،يەنە بىر قارىسا گۆھەرنىڭ ئۆزىگىمۇ ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى غۇۋا ھېس قىلغان. ئۈزۈكتىن قالتىراپ چىققان نۇرلار خىزىرنى شۇئان ئۇچۇرغان.خىزىر لەپپىدە بوشلۇققا چىقىپ قالغان.خىزىر ئۇچىۋېتىپ توۋلاپ سالغان:
   -ھوقۇق ئۈزۈكى!
       تەڭرىنىڭ بىگىز بارمىقىدا تۇرىدىغان بۇ ئۈزۈك ( موھۇر-تامغا) مېنىڭ ئالقىنىمدا تۇرغىنى نىمىسى؟ ياكى تەڭرىنىڭ بىگىز بارمىقىدىن چۈشۈپ قالغانمىدۇ؟ خىزىر خۇددى لاۋۇلداپ كۈيىۋاتقان ئوتنى قۇچاقلىۋالغاندەك ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن .تەڭرى تائالاغا تەئەلۇق نەرسە مېنىڭ ئىلكىمگە ئۆتۈپ قالسا قانداق بولىدۇ؟ تەڭرى مەندىن رەنجىسە قانداق قىلىمەن؟ بۇ ئەڭگۈش تەررىدىن ئايرىلسا تەڭرىنىڭ سۈر-ھەيۋىسى بولامدۇ؟ ئۇ چاغدا تەڭرى تائاللا بىر قەغەز يولۋاسقا ئوخشاپ قالمامدۇ؟ شۇ چاغدا خىزىر ئۆزىدە پەقەت تەڭرى تائالادا بولىدىغان سۈر-ھەيۋىنىڭ پەيدا بولىۋاتقانلىقىنى سەزگەن.   
     خىزىر ئۆزىدىكى سۈر-ھەيۋىنى ئۆزىنىڭ ئالقىنىدىكى ھوقۇق ئۈزۈكى(تامغا) پەيدا قىلغانلىقىنى غۇۋا سەزگەن.ھوقۇق ئۈزۈكى تولىمۇ سىرلىق، سېھىرلىك، خاسىيەتلىك ،مۆجىزە تۇغالايدىغان ئەڭگۇشتەردەك تۇيۇلۇپ كەتكەن.خىزىر تەڭرىگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى يەنى ئوغۇرلۇق قىلىپ سالماسلىق ئۈچۈن ئۈزۈككە قارىماسلىققا قەسەم قىلغان.لىكىن كۆزنى ۋە كۆڭۈلنى توسۇپ قېلىش مۇمكىنمۇ ؟ پەقەت ھوقۇق ئۈزۈكى بولغاندىلا ئالقاندىكى گۆھەر تولۇق نۇر چاچالايدۇ.يەنى بايلىق دۇنياسىغىمۇ، قىرىق بىر پەرىشتە ۋەكىللىكىدىكى گۈزەللەر-سەتەڭلەر دۇنياسىغىمۇ،شان-شۆھرەت ئاسمىنىغىمۇ، باتۇرلۇق، تەڭداشسىزلىق شەرىپىگىمۇ ئېرىشكىلى بولىدۇ.ھوقۇق بار بولدى دېگەنلىك ئېرىشىشكە تېگىشلىكنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشەلەيسەن دېگەنلىك! ئادەملەر سانسىز بولسىمۇ جاھاننىڭ خوجىسى ،ئالەمنىڭ ئىگىسى پەقەت بىرلا بولىدۇ.شۇ ئۈزۈككە ئىگە بولۇش،ئالەمگە،بارلىق ئادەملەرگە خوجايىن بولۇش دېگەنلىك....  ئۈزۈكتىن شۇنداق مەنا كېلىۋاتاتى. ئەقلى«گۇناھ بولىدۇ،ئەلمىساقتىن تۇتۇپ كەلگەن پەرزىڭنى،قوغداپ كەلگەن غورۇرىڭ،پاكلىغىڭنى دەپ بولسىمۇ ئۈزۈككە قارىما» دەپ قايتا-قايتا تاپىلىسىمۇ خىزىرنىڭ كۆزى بارغانسىرى كېرىلىپ،نەپسى بارغانسىرى تاقىلداپ كەتكەن.خىزىر ئازىدىغان جاي ئۆز جامالىنى شۇنچە يارقىن ،شۇنچە نۇرانە جۇلالاندۇرۇشقا باشلىغان ئىدى..ھوقۇق دېسە ئازمايدىغان كىم،نىمە بار؟ خىزىر ئازماي تۇرالامدۇ؟ خىزىرنى بىر نەرسە ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرمىگەن.                                            
   خىزىرنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرمىگەن نەرسە دەل ئاچكۆزلۈك ئىدى!ئاچكۆزلۈك دەل خىزىرنىڭ كۆڭلىگە ئورنىشىۋالغان ئىدى. ئالەمنىڭ پادىشاھلىقى كۈتۈپ تۇرسا،ئالەمچە بايلىق-ئالتۇن دۇنيا خەزىنە بولۇپ يېيىلىپ تۇرسا،بىر-بىرىدىن گۈزەل،ئوماق،جەلپكار،سۆيۈملۈك قىرىق بىر سەنەم قۇچاق ئېچىپ كۈتۈپ تۇرسا،شان-شۆھرەتتە چوڭ زال-كائىناتتىكى 1-ئورۇن كۈتۈپ تۇرسا،ئالەمدىكى تەڭداشسىز باتۇر دېگەن ناممۇ كۈتۈپ تۇرسا خىزىر ئازماي كىم ئازىدۇ؟ خىزىر كۆڭلىدە « تەڭرىمۇ ماڭا  ئوخشاش ئېزىپ قېلىپ  تەڭرى بولغانمىدۇ؟ » دەپ ئويلاپ قالدى ۋە تەڭرىگە شەك كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى ئەيىپلىدى.خىزىر ئۇزاق دېلغول بولدى.ئەمدى ۋاقىت،پۇرسەت قالمىغانلىقىنى جەزىم قىلىپ ھېچكىم كۆرمەستە ئەڭ چاققان ھەركەت بىلەنھ وقۇق ئۈزۈكىنى چۆنتىكىگە سېلىۋالدى.خىزىر ھوقۇق ئۈزۈكىنى ئوغۇرلاشتىن ئىلگىرى ئالقىنىدىكى گۆھەرنىڭ كۆزى كەملىكىنى بايقاپ قالغان ئىدى.ئۈزۈكنىڭ ئوغۇرلانغانلىقى شۇ بوشلۇقنى تولدۇردغان ئىدى.خىزىرنىڭ ئالقىنىدا گۆھەرمۇ،ئۈزۈكمۇ بار بولغان ئىدى.شۇڭا خىزىر ئەشۇنداق سەلتەنەتلىك كەچمىش،مەغرۇر ئازاپ مۇساپىسىنى ،تەڭداشسىزلىق غەلبىسىنى باشتىن كەچۈرگەن.ئەگەر شۇ گۆھەرمۇ،ئۈزۈكمۇ بولمىسا خىزىر بىر چۈمۈلە ياكى بىر چىۋىن بولۇپ ئۆتۈپ كېتەر ئىدى!.....


        6   

       خىزىر ھوقۇق ئۈزۈكىنى ياقۇت كۆز قىلىپ ئالقىنىدىكى گۆھەرگە سېلىپ قويۇشتىن ئىلگىرى ئالقىندىكى بەش قىرلىق گۆھەرنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ كەتمىگەن.شۇ گۆھەر كۆزنى ئاچقاندا يوقتەك،يۇمغاندا باردەك تۇيىلىدىغان سىمۋوللۇق بەلگەبولغان ئىدى.ئۇ نىمىنىڭ بەلگىسى ؟ چۈشلەردىمۇ،ئادەمنىڭ ئۆڭىدىمۇ كۆرۈنىدىغىنى يەنىلا دۇنيا.ئانىنىڭ قورسىقىدىكى تۆرەلمىگىمۇ دوقمۇش بولۇپ كۆرۈنىدىغىنى يەنىلا دۇنيا.مەيلى ياشاۋاتقانلار ھەم ياشاش ئۈچۈن تۇغۇلۇشقا ئالدىراۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ دۇنيا-بىر دوقمۇشتۇر.                                                                           
     خىزىر-شەكىلسىز بىر روھ .ئۇ-ئەزەلدىن تۇغۇلۇپ باقمىغان تۆرەلمە ياكى جىسمى قەبرىستانلىقتا توزۇپ،روھى دىللاردا ئەسلىنىدىغان بىر ئاق كۆڭۈل بوۋاي!شۇڭا ئۇ،ئادەملەرنىڭ كۆزىگە ھەقىقىي كۆرۈنۈپ باقمىغان.ئەمما ئادەملەرنىڭ تەسەۋۇرى،ئارزۇسىدىن چىقمىغان.ئۇنىڭ تەبەسۇممى تاڭدا.قامىتى يۈكسەك تاغلاردا قېتىپ قالغان بولىشى مۇمكىن.ئۇ يوق بولغانلىقى ئۈچۈنلا باردەك تۇيۇلۇپ كەلگەن.ئۇ يەنە باردەك تۇيۇلغانلىقى ئۈچۈنلا يوقلۇققا مۆكۈنگەن.ئۇ دوقمۇشقا كەلسىلا (بۇ جاھانغا تۇغۇلۇپ قالسىلا)گۆھەرنى ( ئەشۇ بەش خل ۋەسۋەسە-ھەۋەسنى) تۇيماي ئالقىنىغا ئېلىۋالىدۇ.( ئۆزىگە ئېزىش ھەۋ  ەسلىرىنى تۇتاشتۇرۋالىدۇ.) دوقمۇش-يەنى بۇ كەڭ جاھان خىزىر (پاك تۇغۇلغان بوۋاق) لار ئېزىپ قالىدىغان جاي.........


        2008-يىل.
  


كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2008
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 22:59:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپسانە مەۋھۇم  تۇيلسىمۇ يەنىلا رىئاللىقنى مەنبە قىلىدۇ.شۇنداقلا ماكاننىڭ ۋە زاماننىڭ قاتلاملىرىنى ئۆزىگە سىغدۇرۇپ ئېپوسقا ئوخشاش ئەڭ قەدىمىيلىكتىن يىراق كەلگۈسىگىچە بولغان بىر پۈتۈن ھايات سىرلىرى،كۈچمىشلىرىنى ئۆزىگە سىغدۇرۇپ،سېھىرلىك تۇيغۇ بېرەلەيدۇ.دەرۋەقە ئەپسانە توقۇلمىدىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ،رىئال ئەمىليەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك ئىكەنلىكىدە گەپ يوق.لىكىن ھېسسىيات چىنلىقى،ھەم مۇمكىنلىك نوقتىسىدىن ناھايىتى كەڭ ۋە چوڭقۇر مەنىگە تويۇنغانلىقىنى سەزگىلى بولىدۇ.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2008
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 14:50:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىمكى ئەپسانىلەر بىلەن يېڭى ئەپسانىلەر پەرقلىنىدۇ.قەدىمكى ئەپسانىلەرگە قەدىمكىلىكنىڭ تامغىسى بېسىلغان بولىدۇ.يېڭى ئەپسانىلەردە ئەپسانىلەرنىڭ جەۋھىرى ساقلاپ قېلىنىپ،زامان جەھەتتە چەكسىزلىكنى ئۆزىگە سىغدۇرىدۇ.ئەپسانىلارنىڭ تۈپ خۇسۇسىيىتى تەڭرىلەر كەچمىشى ياكى تەڭرىلەر بىلەن باغلىنىشلىق بولغان دېتاللارنى تەسۋىرلەشتۈر.يېڭى ئەپسانىلەردە دەۋىرنىڭ كۆلەڭگۈسى قىسمەن چېلىقىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 22:19  


كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  180
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 88
تۆھپە : 1
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 17:15:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەپسانەۋى ھىكايەنى ئوقۇغان ئادەمنىڭ خىزىر ھەققىدىكى گۈزەل تۇيغۇلىرى بەربات بولغىدەك؟

خىزىر كىم؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  180
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 88
تۆھپە : 1
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 17:27:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەي ئاللاھىم، بىزگە ئىلھامنى سەن ئاتا قىل! ئىمانىمىز تىخىمۇ كۈچلەنسۇن.
ئەي ئاللاھىم، بىزگە تەسەۋۋۇرنى سەن ئاتا قىلكى، تەسەۋۋۇر قىلدۇق دەپ مەخلۇقاتلىرىڭغا تۆھمەت قىلىپ سالمايلى. بولۇپمۇ پەرىشتىلىرىڭ ھەققىدە قالايمىقان تەسەۋۋۇرلاردا بولۇشتىن ساقلىغايسەن. ئامىن!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2008
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 22:32:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  كەتمەنباي دىننىي نوقتىدىن چۈشىنىۋاپتۇ.دىننىي  نوقتىدىن چۈشەنگەندە يۇقۇرقى يېڭى ئەپسانە ئەلۋەتتە نارازىلىقنى قوزغايدۇ.ئەپسانىنى ئەپسانىنىڭ نوقتىسىدا تۇرۇپ چۈشەنگەندىلا دىننىي ئەقىدىلەرنى ئىنكار قىلمايدىغانلىقىنى ھېس قلغىلى بولىدۇ.
      خىزىر كىم؟ بىر توقۇلما،ئويدۇرما،كۆلەڭگۈ.  ئەپسانىنىڭ ئاخىرىدا « خىزىر -تۇغۇلۇپ باقمىغان بىر تۆرەلمە،ياكى جىسمى قەبرىدە ئالىقاچاچان توپىغا ئايلانغان ئاق كۆڭۈل بىر بوۋاي» دەپ ئېلىندى.خىزىر-بارمىكىن دېسە يوقتەك،يوقمىكىن  دېسە باردەك تۇيىلىدىغان بىر ئىنسان ئىكەنلىكى يۇقىرىقى ئەپسانە ئاخىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلدى.خىزىر كىم؟رىئاللىقتىمۇ،چۈشلەردىمۇ ئەمەس كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئۇزاق تارىختىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بىر كىشى!

  قۇياشقا چالما ئېتىپ تەگكۈزگىلى بولمىغاندەك يۇقۇرقى بىر ئەپسانە بىلەن خىزىرنىڭ ئاڭدا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئوبرازى خۇنۈكلىشىپ كەتمەيدۇ.
       شۇنداقلا ئادەملەرنىڭ خىزىر ھەققىدىكى تەسەۋۇرلىرىمۇ يوقىلىپ كەتمەيدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 22:33  


كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2008
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 12:16:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇرقى  ئەپسانىنى نەسرى شەكىلدە يېزىلغان  شئېىر دېيىشكىمۇ بولىدۇ.يەنە ئەپسانىلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئاجايىپ تەسەۋۇر مۇ  بار.تەسەۋۇر  يۇقۇرقى ئەپسانىنى بالىققا كەلتۈرگەن ئاچقۇچ.تەسەۋۇر -رومانتىزىملىق شئېىرلاردا ۋە ئەپسانىلەردە ئەڭ يارقىن گەۋدىلىنىدۇ.ئەپسانە گەرچە رىياللىقتىن ھالقىپ كەتكەن كۆرۈنۈشلەر بولسىمۇ رىياللىقنىڭ كۆلەڭگۈسى ئەپسانىگە سايە تاشلاپ تۇرىدۇ.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2008
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 18:45:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزىر-تەسەۋۇردىكى ئوبرازدۇر. خىزىرنىڭ ئېزىپ قېلىشى-تەسەۋۇرنىڭ ئىچىدىكى تەسەۋۇردۇر.
    لېكىن خىزىر-ئادەملەرنىڭ قەدىمدىن بۇيان پاكلىققا بولغان تەلپۈنۈشىنىڭ جەۋھەرلەنگەن سىماسىدۇر.ئارزۇدىكى ئىنساندۇر.....

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2008
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 20:13:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسەۋۇر  ئەپسانىدە ناھايىتى موھىم رول ئوينىغاندەك شئېىردىمۇ ناھايىتى موھىم رول ئوينايدۇ.رومانتىزىم كۈچلۈك گەۋدىلەنگەن شئېىرلار  مول تەسەۋۇر ،كۈچلۈك ھېسسىيات بىلەن يۇغۇرۇلغان شئېىرلاردۇر.تەسەۋۇر نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ئەپسانە بىلەن شئېىر باغلىنىشچانلىققا ئىگە.يۇقۇرقى يازمىنى ئەپسانە دىمەي نەسرى شئېىر دېسىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2008
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 20:13:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسەۋۇر  ئەپسانىدە ناھايىتى موھىم رول ئوينىغاندەك شئېىردىمۇ ناھايىتى موھىم رول ئوينايدۇ.رومانتىزىم كۈچلۈك گەۋدىلەنگەن شئېىرلار  مول تەسەۋۇر ،كۈچلۈك ھېسسىيات بىلەن يۇغۇرۇلغان شئېىرلاردۇر.تەسەۋۇر نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ئەپسانە بىلەن شئېىر باغلىنىشچانلىققا ئىگە.يۇقۇرقى يازمىنى ئەپسانە دىمەي نەسرى شئېىر دېسىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2008
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 02:27:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپسانىنىڭ،تەسەۋۇرنىڭ،خىزىرنىڭ ھەرقانداق ماكانغا،زامانغا كۆلەڭگۈ چۈشۈردىغانلىقى رىياللىق بىلەن بولۇپمۇ ھايات ئادەملەرنىڭ خاراكتىرى مۇناسىۋەتلىك بولغان تەرپىدۇر.يەنە بىر جەھەتتىن خىزىر تەسەۋۇردىكى ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن قېرىپ كەتمەيدۇ ۋە ئۆلۈپ قالمايدۇ بەلكى زاماندىن -زامانغا ياشاپ كېتىۋېرىدۇ.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2008
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 01:50:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزىر  ئېزىپ قالمىسا بولاتى،....ئاق كۆڭۈل ئادەممۇ ئېزىپ قالمىسا بولاتى.لېكىن دۇنيادا ئادەملەر چۈشىدىلا ئەمەس ئۆڭىدىمۇ  ئېزىپ قالىدۇ.خىزىرنى ئازدۇرغان كىم؟ نىمە؟ ....بۇلار  سىرلىق،سېھىرلىكتۇر.يەنە ئادەمنى ئۆزىگە بەكلا جەلپ قىلىۋالىدۇ....دەك .

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش