غەزەللەر
ئەھەدى
(1)
نىگارا قىلمىغىن مەھرۇم مېنى ئوت - ئىشتىياقىڭدىن ،
مىگەر مەھرۇم قىلار بولساڭ، ئازات قىل غەم – پىراقىڭدىن .
سېنىڭسىز يوق تېنىق مەندە، تومۇردا قانلىرىم تاكى ،
ياشارغان بىر گىياھ مەنكىم ئىچىپ سۇ نۇر بۇلاقىڭدىن .
ياراتمىش ئەسلىدە تەڭرىم سېنى رەنجىم شىپاھ ئەيلەپ ،
خۇشاللىق تاپقىنىم يالغان ئەمەستۇر گۈل سىياقىڭدىن.
سېنىڭ ۋەسلىڭ تاماسىدا ھايات مەجنۇنغا ئايلاندىم ،
يېتەر ، ئوق ئۈزمىگىن ئەمدى رەھىمسىز كۆز قاراقىڭدىن .
ئىنايەت جامىدامەي سۇن ، ئىچەي تەشنالىغىم قانسۇن ،
ئەھەدى بەختىنى تاپسۇن سېنىڭ ئىللىق قۇچاقىڭدىن.
(2)
سەن كەبى روخسارى گۈلنى كۆرمىگەن شول دەمگە مەن ،
بىر كۆرۈپ بولدۇم ئەسىرۇ- موپتىلا دەرد- غەمگە مەن .
كۆرمىسەم كۆيمەس ئىدىم،بىر كۆرگۈنۈم بولدى بالا ،
نە بالاكى ، خەستە جاننى قىينىدىم قەستەنگە مەن .
قايسى كۈن كۆردۈم سېنى ئوت ئىچرە مەن شۇندىن بۇيان ،
مۇز تېڭىپ ياتماقنى ئادەت ئەيلىدىم مەيدەمگە مەن .
بىر قىيا باقساڭ ۋىسالىڭ جامىدا شەربەت سۇنۇپ ،
بىر ئەمەس مىڭ مەرتىۋە رازى ئىدىم كۆيگەنگە مەن .
گەر بىھۇش جىسمىمنى خۇرسەن ئەيلىمەكنى ئېزدىسەڭ ،
قەترە مەي كەلتۇر لېۋىڭدىن،زار ئەمەس شەبنەمگەمەن .
سەن ئۈچۈن تارتقان ئازاپ-جەۋرىم بىكار كەتمەس دېدىم ،
شول سەۋەپ كەلدىم پىسەنت قىلماي تاپا-دەشنەمگە مەن .
سەن ئۈچۈن ئاشىق ئەھەدى قىلغاي تەسەددۇق بارىنى ،
گەر تىرىك يۈرسەم ئەگەر سەنسىز ھىساپ ئۆلگەنگە مەن !
(3)
بۇرادەر،سەن مېنى مەيلى گاداي يا خانغا ئوخشاتقىن،
نى پەرۋايىم،بىراق ئاۋال تىرىك ئىنسانغا ئوخشاتقىن .
ياشاي دەپ زاتى ئىنساندەك ئۆزەمگە مىڭ پىچاق ئۇردۇم،
غەلەت بولسا مەگەر لەۋزىم مېنى ھايۋانغا ئوخشاتقىن .
ھاياتلىق ئالىمى چەكلىك، كېلىپ كەتمەك ئىكەن قىسمەت ،
شۇقىسمەتنى ئۆمۈر ئاتلىق ئەزىز مىھمانغا ئوخشاتقىن .
يۇمۇپ كۆز ئاچقىچە ئەللىك باھار، كۈز ئۆتتى ئالدىمدىن ،
بىراق سولغان گۈلۈمنى يۈز ۋەيا توقسانغا ئوخشاتقىن .
كۆڭۈل كۆكسۈمدە بىر ئوت بار ۋەتەن-ئەل ئىشقىدا يانغان ،
ئۇنى مەھشەرگىچە ئۆچمەس لاۋا- گۈلخانغا ئوخشاتقىن .
ۋۇجۇد مۇلكۇم ھامان قاقشال ئوتۇندەك كۆيسىمۇ ئەمما ،
قوقاسنىڭ تىگىدە چوغ بار ،ئۇنى ۋىجدانغا ئوخشاتقىن .
كىشىدە بولمىسا ۋىجدان،غۇرۇر،ئىنسانى ھىس-تۇيغۇ ،
ئۇنى لاي بۇت ۋەيا ئۈنمەس پىچەك بىر دانغا ئوخشاتقىن .
مۇبادا كۆز يۇمۇپ قەبرەم تىگىدىن بىر سادا كەلسە ،
مۇراتقا يەتمىگەن ئىزگۈ-تىلەك، ئارمانغا ئوخشاتقىن .
قاچانكى دەشتى ھىجراندا تىرىك مەجنۇننى ئۇچراتساڭ،
ئەھەدى ئاشىقى سەرسان كەبى نىمجانغا ئوخشاتقىن .