جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2095 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 41|ئىنكاس: 2

ئاتا بولۇپ يەتتىم ئاتا قەدرىگە(غ.قابىز) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  320
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 689
تۆھپە : 1
توردا: 71
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 17:56:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

        غوجامۇھەممەد قابىز

        ئاتا بولۇپ يەتتىم ئاتا قەدرىگە

      ئوغلۇمغا قاراپ كەچتى ئېسىمدىن ،
      بالىلىق چېغىم ،
      بەڭۋاشلىقلىرىم .
      مىنگەن ئاتامنى مەنمۇ « ئات » قىلىپ ،
      سەبى دىلىمىنى راسا شات قىلىپ .
      كەلسە ئالدىغا بىر قاچا تاماق ،
      ئايرىيىتتى ماڭا گۆشنى-تۇخۇمنى ،
      بىرەتتى ساقلاپ تاتلىق تۇرۇمنى،
      كەلمەيتتىمۇ ئۇنىڭ يىگۈسى،
      ياق !
      يېمەيتتى ئوغلىغا-
      ئاياپ قىسىنىپ .

      قالسىمۇ يېلىڭ قىلمايتتى پىسەنت ،
      توڭمامدىكىن تاڭ ، زىمىستان قىشتا ،
      كۆيمەمدىكىن _ يا، تومۇزدا « پېچ » تا ؛  
      چىرايلىق كېيسۇن، تويغىچە يېسۇن
      دېگەننى ئويلاپ ،
      پەقەت ماڭىلا بېرەتتى قوشلاپ .
      ئەپسۇس ،
      تونۇپ يەتتىم بەكمۇ  كېچىكىپ !

      بۈگۈن قەدرىگە يېتەي دىگەندە ،
      بۇرچۇمنى ئادا ئېتەي دىگەندە ؛
      كەتتى ئۇ ئالدىراپ  ھەممىنى تاشلاپ ،
      باقماي قايرىلىپ ،
      قالدىم ئايرىلىپ .
      بىلەلمىدىم ئەجەپ ئەي ئاتا،
      پۈتكەنمۇ ئىشىڭ ،
      ئەمەس ئېدىغۇ ئانچە چوڭ يېشىڭ ؛
      نېچۈن توختاپ قالدى تىنىقىڭ ،
      بۇراسىتمۇ - يالغانمۇ ،
      يا بولدىمۇ مەندىن ئالغان سىنىقىڭ؟

      بېشىمغا گويا تاغلار يىقىلدى ،
      مېڭەمدە دەھشەت چاقماق چېقىلدى!...  

      كەلسەم ئېسىمگە ئۆتۈپتۇ شۇنداق ،
      ئاي ۋە يىللاردىن نەچچىسى ئۇزاپ .
      بولۇپ قاپتىمەن مەنمۇ بالىلىق ،
      ئۆزۈممۇ بىلمەي- ئاتا سانىلىپ .
      ئوغلۇممۇ خۇددى دوراپتۇ مېنى ،
      (دوراپتۇ مېنىڭ بالىلىقىمنى )
      ئىشتىكى پەمسىزلىك چالىلىقىمنى .
      چىقىپ مۈرەمگە
      ساۋار چىۋىقتا ،
      ئۇچقۇر"ئات" 'قىلىپ ،
      دىلنى شات قىلىپ .  

      ئويلىغانسىرى سېنى جان ئاتا ،
      سەزدىم ئۆزۈمنى شۇنچە قەرىزدار ؛
      ئاددىسى ساڭا بىرەلمەپتىمەن _
      بىر ماتا كۆڭلەك ياكى بىر دوپپا ،
      ئەقلىمگە كېلىپ ،
      قەدرىڭگە يېتىپ .   

      قىسمەت شۇ ئىكەن ،
      نە قىلاي قەلبىمدە نادامەت ھەسرەت !
      ناگاندا قەبرەڭنى يوقلاپ چىقىمەن ،
     دۇئادا يات ئېتىپ يىغلاپ چىقىمەن ؛
      يىغلايمەن شۇنداق - تۆكۈپ يېشىمنى ،
      قەبرەڭگە نەچچە  قويۇپ بېشىمنى ...


                1992-  يىل ئاۋغۇست، گۇما
        ئەسكەرتىش: بۇ شىئېر «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1993-يىللىق3-سانىدا ئىلان قىلىنغان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hojakabiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-30 18:41  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  447
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 261
تۆھپە : 0
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 23:12:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانىدا بار چاغدا قەدرى ئۆتۈلمەس.
بار ئىكەن ئىنساندا ئەزەلدىن شۇنداق،
كەتكەندە مەڭگۈگە بىزدىن خوشلىشىپ،
قەددىمۇ پۈكۈلەركەن قالغانلار  بۇنداق.

دوسىتلار،كۆپرەك پىكىر تەكلىپ بېىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  152
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 393
تۆھپە : 13
توردا: 36
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 17:39:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[ئوبدان يېىزىلغان ئەسەركەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش