جېنىم ئاتا
ئاتا دىگەن تومۇردىكى قان ، ئاتا دىگەن دىلدىكى ئىمان . ئاتا دىگەن روھىڭغا دەرمان - ئاتا بىلەن ئۈزۈلمەس جاھان !
جېنىم ئاتا كىرىپ قاپسەن چۈشۈمگە ، يېزىمىزدىن يىراق شەھەردە ئۆزۈمدەكلا تەنھا كېچىدە .
ئويلاپ ياتقان بولغىيدىڭ ئاخشام : ‹‹ كەنجى قىزىم ، ئوماق تايچىقىم تاشتەك سوغۇق ، يات شەھەردە توڭۇپ ، تېنەپ يۈرگەنمىدۇر ... زىل ئىشتىھا ، زەپ نازۇك ئىدى كۆپرەك تاماق يىگەنمىدۇر ... ›› دەپ .
جېنىم ئاتا بەلكىم سەنمۇ مېنى چۈشەپ ياتقانسەن ، ‹‹ قىزىم ›› دەپ جۆيلۈپ ئويغانغانسەن ...
تاڭ سۈزۈلمەي تۇرۇپلا تېخى يۇلتۇز كەبى ماڭدىڭ مەسچىتكە . دۇئا بولۇپ تۆكۈلگەن يېشىڭ - سىڭىپ كەتتى بەلكىم يۈزۈڭگە .
بۇيرۇغانسەن نامازدىن يېنىپ ئاق روماللىق رايىش ئانامنى : ‹‹ ھوي ئانىسى ئىسرىق سېلىۋەت ، پوشكال سېلىپ ، ياغ پۇرىتىۋەت . كىرىپ قاپتۇ كەنجەڭ چۈشۈمگە ..››
تاغاردىكى ئاپئاق قوناقتىن ئۇچۇمۇڭغا تولدۇرۇپ ئېلىپ ئۇزاق -ئۇزاق ئايەتلەر ئوقۇپ ئاستاغىنا چېچىپ قويغانسەن ئىشىك ئالدىدىكى تېرەك تۈۋىگە ساقىلىڭدەك ئاپئاق تىلەكتە ...
سېنىڭدەكلا مېھرىبان ئانام - ‹‹ ئوقۇتمايلى دىسەم ئۇنىماي كۆز مونچاقتەك كىچىك بالىنى ئەۋەتتىلە يىراق شەھەرگە . كۆرمىگىلى ئىككى ئاي بولدى ئاشۇ چىچەن كەنجى قىزىمنى ھەي ئاتىسى ، خويمۇ سېغىندىم .....›› دەپ كەتكەندۇ ساڭا زارلىنىپ يېڭى بىلەن يېشىنى سۈرتۈپ رامكىدىكى ئۆرۈمە چاچلىق سۈرىتىمنى ساڭا كۆرسىتىپ...
جېنىم ئاتا بەزلىگەنسەن ئانامنى يەنە . سەن ئەر بولغاچ ، سەن ئاتا بولغاچ - ھەسرىتىڭنى يۈرەككە تېڭىپ ...
ئېسىمدە ئاتا : قۇش بالىسىدەك كىچىك چېغىمدا ، باراڭ ئاستىدىكى پاكار سۇپىدا ، مىنىۋىلىپ ئورۇق يەلكەڭگە ‹‹ چۇھ ئېتىم ›› دەپ ئوينىغانلىرىم . بەش بارماقتەك بەش ياش چېغىمدا ساۋادىمنى چىقارماق بولۇپ تال چىۋىقنى ساناق سان ياساپ پارچە -پارچە ياغاچ تاختايغا ئوتتۇز ئىككى ھەرپنى ئويۇپ- ئۇنى تامغا ئېسىپ قويغۇنۇڭ . ئوقۇپ بەرسەم ھەجىلەپ يۈرۈپ ‹‹ ئايدەك قىزىم ، ئالتۇن قىزىم ›› دەپ مېھىر بىلەن سۆيۈپ كەتكىنىڭ ...
جېنىم ئاتا مەن ئىدىمغۇ : ئەتىيازدىكى سوغۇق شامالدا تومۇزدىكى پىژغىرىم ئىسسىقتا ئېتىزلىقتا مۈكچىيىپ يۈرۈپ ، جاپا تارتىپ بىر يىل تەر تۆكۈپ مىڭ تەسلىكتە تاپقانلىرىڭنى سىنتەبىردە بىر قېتىمدىلا چوڭ شەھەرگە بىللە ئەپ كەتكەن . مەن ئىدىمغۇ : ھال كۈنىمىز ئەمدى ئوڭشۇلۇپ ، چىرايىڭغا قان يۈگۈرگەندە ، شۇ جاپاكەش بىچارە ئانام يېڭى كۆڭلەك كىيەي دىگەندە - ‹‹ ئوقۇيمەن ›› دەپ مېڭەڭنى قوچۇپ سېنى ھەريان ، ھەريان تېنەتكەن .
جېنىم ئاتا مەن ئىدىمغۇ : تاماق يىمەك بولۇپ ھەر قېتىم جەم بولغاندا داستىخان چۆرىسىگە ، تۇيۇقسىزلا ئۆپكەڭنى ئۆرۈپ پىيالەڭدە ساڭا كۆرۈنۈپ بوغۇزۇڭنى ئىسسىق كۆيدۈرۈپ كۆزلىرىڭدە ياشلار ئەگىتكەن ....
مەن ئىدىمغۇ : ‹‹ ئاغرىپ قالدىم ›› دەپ خەۋەر بېرىپ يىراق شەھەردىن يۈرىكىڭنى سەكپارە قىلغان . ئىچمەك بولۇپ كۈندە ئەتكەنچاي ، ئاران باققان سىيىر كالاڭنى ئامالسىزلا ساتقۇزىۋەتكەن ...
مەن ئىدىمغۇ : يوقلاپ كەلسەڭ يىراق سەھرادىن ، ئانام ياققان توقاچنى ئېلىپ ، توقاچ ئەمەس ئانامنىڭ مېھرى يۇرتىمىزنىڭ ھىدىنى ئېلىپ ، خۇرجۇنۇڭغا بەش قېرىندىشىمنىڭ ئاپئاق - ئاپئاق سالىمىنى سېلىپ . ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكەتتە - زار -زار يىغلاپ ساڭا ئېسىلىپ ماشىنىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ئىچ-باغرىڭنى يەتكۈچە ئەزگەن ...
جېنىم ئاتا مەن ئىدىمغۇ سېنى مۈكچەيتكەن . بۇلاق كۆزلۈك جېنىم ئانامنىڭ قارچوقىنىڭ نۇرىنى يىگەن .
جېنىم ئاتا مەھەللىمىزنىڭ شېغىل يوللىرىدا مۈدۈرۈلۈپ ئاستا مېڭىپ كېتىۋېتىپ تەمتىلەپ ئايغىم چىققان چاغلارنى ئەسلىگەنسەنمۇ ؟ ئۆرۈك شاخلىرىنى پۇتاۋېتىپ ئۇرۇقچىغا ئامراق قىزىڭغا قوشماق مېغىزلارنى قىسىنغانسەنمۇ ؟....
جېنىم ئاتا قۇياش كۆكتىن ساڭا سالام يوللايدۇ ! قىزىڭ شەپەققە يۈرىكىنى ئورايدۇ !
2012-يىل 29-ئاپرىل ( ئايچىن ) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئايچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-30 09:35
|