جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 972 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 186|ئىنكاس: 14

جېنىم ئاتا ( ئايچىن ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  232
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 732
تۆھپە : 10
توردا: 84
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 02:22:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جېنىم ئاتا








103219w46jia1j91ajr612.jpg






ئاتا دىگەن تومۇردىكى قان ،

ئاتا دىگەن دىلدىكى ئىمان .

ئاتا دىگەن روھىڭغا دەرمان -

ئاتا بىلەن ئۈزۈلمەس جاھان !





11rqk5c.gif



جېنىم ئاتا

كىرىپ قاپسەن چۈشۈمگە ،

يېزىمىزدىن يىراق شەھەردە

ئۆزۈمدەكلا تەنھا كېچىدە .


ئويلاپ ياتقان بولغىيدىڭ ئاخشام :

‹‹ كەنجى قىزىم ، ئوماق تايچىقىم

تاشتەك سوغۇق ، يات شەھەردە

توڭۇپ ، تېنەپ يۈرگەنمىدۇر ...  

زىل ئىشتىھا ، زەپ نازۇك ئىدى

كۆپرەك تاماق يىگەنمىدۇر ...   ›› دەپ .


جېنىم ئاتا

بەلكىم سەنمۇ مېنى

چۈشەپ ياتقانسەن ،

‹‹ قىزىم ›› دەپ جۆيلۈپ ئويغانغانسەن ...


تاڭ سۈزۈلمەي تۇرۇپلا تېخى

يۇلتۇز كەبى ماڭدىڭ مەسچىتكە .

دۇئا بولۇپ تۆكۈلگەن يېشىڭ -

سىڭىپ كەتتى بەلكىم يۈزۈڭگە .


بۇيرۇغانسەن نامازدىن يېنىپ

ئاق روماللىق رايىش ئانامنى :

‹‹ ھوي ئانىسى ئىسرىق سېلىۋەت ،

پوشكال سېلىپ ، ياغ پۇرىتىۋەت .

كىرىپ قاپتۇ  كەنجەڭ چۈشۈمگە ..››



تاغاردىكى ئاپئاق قوناقتىن

ئۇچۇمۇڭغا تولدۇرۇپ ئېلىپ

ئۇزاق -ئۇزاق ئايەتلەر ئوقۇپ

ئاستاغىنا چېچىپ قويغانسەن

ئىشىك ئالدىدىكى تېرەك تۈۋىگە

ساقىلىڭدەك ئاپئاق تىلەكتە ...

23wtsnp.gif


سېنىڭدەكلا مېھرىبان ئانام -

‹‹ ئوقۇتمايلى دىسەم ئۇنىماي

كۆز مونچاقتەك كىچىك بالىنى  

ئەۋەتتىلە يىراق شەھەرگە .

كۆرمىگىلى ئىككى ئاي بولدى

ئاشۇ چىچەن كەنجى قىزىمنى

ھەي ئاتىسى ،  خويمۇ سېغىندىم .....››

دەپ كەتكەندۇ ساڭا زارلىنىپ

يېڭى بىلەن يېشىنى سۈرتۈپ

رامكىدىكى ئۆرۈمە چاچلىق

سۈرىتىمنى ساڭا كۆرسىتىپ...


جېنىم ئاتا

بەزلىگەنسەن ئانامنى يەنە .

سەن ئەر بولغاچ ،

سەن ئاتا بولغاچ -

ھەسرىتىڭنى يۈرەككە تېڭىپ ...




7170952768c3f766_130_170_1.jpg



ئېسىمدە ئاتا :

قۇش بالىسىدەك كىچىك چېغىمدا ،

باراڭ ئاستىدىكى پاكار سۇپىدا ،

مىنىۋىلىپ ئورۇق يەلكەڭگە

‹‹ چۇھ ئېتىم ›› دەپ ئوينىغانلىرىم .

بەش بارماقتەك بەش ياش چېغىمدا

ساۋادىمنى چىقارماق بولۇپ

تال چىۋىقنى ساناق سان ياساپ

پارچە -پارچە ياغاچ تاختايغا

ئوتتۇز ئىككى ھەرپنى ئويۇپ-

ئۇنى تامغا ئېسىپ قويغۇنۇڭ .

ئوقۇپ بەرسەم ھەجىلەپ يۈرۈپ

‹‹ ئايدەك قىزىم ، ئالتۇن قىزىم ›› دەپ

مېھىر بىلەن سۆيۈپ كەتكىنىڭ ...








50_89_7d9e65b881f1750.jpg



جېنىم ئاتا

مەن ئىدىمغۇ :

ئەتىيازدىكى سوغۇق شامالدا

تومۇزدىكى پىژغىرىم ئىسسىقتا

ئېتىزلىقتا مۈكچىيىپ يۈرۈپ ،

جاپا تارتىپ بىر يىل تەر تۆكۈپ

مىڭ تەسلىكتە تاپقانلىرىڭنى

سىنتەبىردە بىر قېتىمدىلا

چوڭ شەھەرگە بىللە ئەپ كەتكەن .

مەن ئىدىمغۇ :

ھال كۈنىمىز ئەمدى ئوڭشۇلۇپ ،

چىرايىڭغا قان يۈگۈرگەندە ،

شۇ جاپاكەش بىچارە ئانام

يېڭى كۆڭلەك كىيەي دىگەندە -

‹‹ ئوقۇيمەن ›› دەپ مېڭەڭنى قوچۇپ

سېنى ھەريان ، ھەريان تېنەتكەن .





81_avatar_big.jpg


جېنىم ئاتا

مەن ئىدىمغۇ :

تاماق يىمەك بولۇپ ھەر قېتىم

جەم بولغاندا داستىخان چۆرىسىگە ،

تۇيۇقسىزلا ئۆپكەڭنى ئۆرۈپ

پىيالەڭدە ساڭا كۆرۈنۈپ

بوغۇزۇڭنى ئىسسىق كۆيدۈرۈپ

كۆزلىرىڭدە ياشلار ئەگىتكەن ....


مەن ئىدىمغۇ :

‹‹ ئاغرىپ قالدىم ›› دەپ

خەۋەر بېرىپ يىراق شەھەردىن

يۈرىكىڭنى سەكپارە قىلغان .

ئىچمەك بولۇپ كۈندە ئەتكەنچاي ،

ئاران باققان سىيىر كالاڭنى

ئامالسىزلا ساتقۇزىۋەتكەن ...


مەن ئىدىمغۇ :

يوقلاپ كەلسەڭ يىراق سەھرادىن ،

ئانام ياققان توقاچنى ئېلىپ  ،

توقاچ ئەمەس ئانامنىڭ مېھرى

يۇرتىمىزنىڭ ھىدىنى ئېلىپ ،

خۇرجۇنۇڭغا بەش قېرىندىشىمنىڭ

ئاپئاق - ئاپئاق سالىمىنى سېلىپ .

ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكەتتە -

زار -زار يىغلاپ ساڭا ئېسىلىپ

ماشىنىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ

ئىچ-باغرىڭنى يەتكۈچە ئەزگەن ...


جېنىم ئاتا

مەن ئىدىمغۇ

سېنى مۈكچەيتكەن .

بۇلاق كۆزلۈك جېنىم ئانامنىڭ

قارچوقىنىڭ نۇرىنى يىگەن .


جېنىم ئاتا

مەھەللىمىزنىڭ شېغىل يوللىرىدا

مۈدۈرۈلۈپ ئاستا مېڭىپ كېتىۋېتىپ

تەمتىلەپ ئايغىم چىققان چاغلارنى ئەسلىگەنسەنمۇ ؟

ئۆرۈك شاخلىرىنى پۇتاۋېتىپ

ئۇرۇقچىغا ئامراق قىزىڭغا

قوشماق مېغىزلارنى قىسىنغانسەنمۇ ؟....



جېنىم ئاتا

قۇياش كۆكتىن ساڭا سالام يوللايدۇ !

قىزىڭ شەپەققە يۈرىكىنى ئورايدۇ !






psuCAJ0O790.jpg










2012-يىل 29-ئاپرىل ( ئايچىن )

  

  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-30 09:35  


ئاتاسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
ئاناسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
بۇ يۇرتتا نىمەسى بار -
مېنىڭدەك بەختى قاچقاننىڭ ؟
كۈرەش بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 12:16:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  133
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 66
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 12:17:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈگۈن ، تۈنۈگۈننىڭ ئالدىنقى كۈنى يەنە ئۆتتۈم ئىتتىپاق سودا بازىرى كەينى ئىشىكىدىن ..ياماقچى دادام دائىم ئولتۇرۇدىغان ھېلىقى ئورۇنغا يېنىشلاپ قارىدىم . ئەنە شاگىرتى مەخمۇتجان ھېلىھەم باركەن ...
سوغۇق بەكمۇ سوغۇق قىش كۈنلىرىدە مەشنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىدىغان ھېلىقى كىچىك كۆمۈر سېلىنغان چېلەك يادىمغا كەچتى دادا . ھەر يىلى ئەتىياز پەسلىدە قوللىرىڭىز بەكمۇ يېرىلىپ كېتەتتى ، قانلار سىرغىپ سىرغىپ چىقاتتى يېرىق ئېغىزلىرىدىن ..كىچىك چاغىمدا دەريا بويىغا سۇغا چۆمۈلگىلى قېچىپ كەتكەن ۋاقتىمدا تال چىۋىقتىن قىپچا ياساپ ‹ما نىمە؟› دەيتىڭىز ھە ؟ مەن سۇدىن چىقماي تۇرۇپ ‹جەننەتتىن چىققان كۆك تاياق، يۈگۈرتىدۇ يالاڭئاياق› دەپ پىلتىڭ پىلتىڭ قىپ قېچىپ كېتەتتىم ...
دادامنى چۈشەپ قالمىغىلى ئۇزۇن بولدى .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  320
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 289
تۆھپە : 1
توردا: 29
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 14:21:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئايچىن،سىزنىڭ «جېنىم ئاتا» دېگەن بۇ شىئېرىڭىز ھەقىقەتەن يۈرەك باغرىڭىزدىن ئۇرغۇپ چىقىپتۇ. چىن ھىسسىيات،بىغۇبار تۇيغۇ ئىپادىلىنىپتۇ. شىئېرىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ مەنمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىمنى ئويلاپ قالدىم.ئۇلارمۇ سىز ئويلىغاننىڭ،سىز دىگەننىڭ ئوندىن بېرىنى ئويلامدىغاندۇ؟
  قىستۇرما سۈرەتلەرمۇ شۇنداق ماس كەپتۇ. قوللىرىڭىزمۇ گۈلكەن. شىئېر بىلەن بىرلىشىپ ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك جۇلالىنىپ تۇرۇپتۇ!






















بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hojakabiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-30 14:45  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  232
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 732
تۆھپە : 10
توردا: 84
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 14:36:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hojakabiz يوللىغان ۋاقتى  2012-4-30 14:21
ئايچىن،سىزنىڭ «جېنىم ئاتا» دېگەن بۇ شىئېرىڭىز ھەقىقەت ...

پەرزەنت ئەمەسمۇ ئەلۋەتتە ئويلايدۇ ھامان بىر كۈنى ....ئاتا-ئانا بولغاندا ئاندىن ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ قەدرىگە يېتىدىكەنمىز .....

ئاتاسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
ئاناسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
بۇ يۇرتتا نىمەسى بار -
مېنىڭدەك بەختى قاچقاننىڭ ؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  114
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 196
تۆھپە : 11
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 17:27:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايچىن ھەدە ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز، ئاتا مېھرىنى بىز پەرزەنتىلىك بولغاندا ئاندىن چۈشنىپ يىتىدىكەنمىز ! قولىڭىزىغا دەت بەرمىسۇن ھەدە،

كىملىك سالاھىيتىمىز ئۈستىدە ئىزدىنەيلى

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  689
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 43
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 20:45:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرىڭىزنى ئوقۇغانلار چوقۇم سىز بىلەن ئوخشاش تۇيغۇدا ئۆكسۈيدۇ... رەھمەت قەلىمىڭىزگە!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  232
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 732
تۆھپە : 10
توردا: 84
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 15:51:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمامغا نەزەرىنى ئاغدۇرغان بارلىق مۇنبەرداشلارغا رەھمەت !

ئاتاسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
ئاناسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
بۇ يۇرتتا نىمەسى بار -
مېنىڭدەك بەختى قاچقاننىڭ ؟

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  514
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 56
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 18:48:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتامنى شۇنداق سېغىنغان ئىدىم، بۇ شېئىرنى شۇنچىلىك زوق بىلەن كۆز ياشلىرىم ئارىلاشقان ئاچچىق ھەسىرەت ئىچىدە ئۇقۇپ چىقتىم، رەھمەت سىزگە، تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 370
تۆھپە : 2
توردا: 90
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 19:36:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناۋايى پارس تىلىدە يازماي، تۈركى تىلدا يازسىمۇ ، شېېئىردىن ئوت چىقىرۇۋېتەتتى،دېگەنىكەن ئىلگىرى بىر ئەدىب.سىزمۇ بۇ شېئىرىڭىزنى ئانا تىلىڭىز-ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ ، شېئىرخانلارنى نۇرلاندۇرۇپ- مۇڭلاندۇرۇۋېتىپسىز.ئىلھام قاناتلىرىڭىز تالمىغاي. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىدىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 21:57  


مۇساپە مىڭنى شاللايدۇ،مەنزىل مەردنى تاللايدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  232
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 732
تۆھپە : 10
توردا: 84
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 20:31:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىدىل يوللىغان ۋاقتى  2012-5-2 19:36
نەۋايى پارس تىلىدە يازماي، تۈركى تىلدا يازسىمۇ ، شېېئى ...

رەھمەت ، ئىدىلكا . سىزنىڭمۇ ھەم ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق ، تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن !!!

ئاتاسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
ئاناسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
بۇ يۇرتتا نىمەسى بار -
مېنىڭدەك بەختى قاچقاننىڭ ؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  227
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 193
تۆھپە : 0
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 22:17:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     شېئىرىڭىز ھېسسىي چىڭقىلىشتىن خالىي، چىن ۋە سەمىمىي  تۇيغۇلار بىلەن ئۆز نازاكىتىنى نامايەن قىلىپتۇ. دوستانە تەكلىۋىم: شېئىرىي تىلنىڭ ئوبرازچانلىقىغا يەنىمۇ كۈچەپ باقسىڭىز.

ھەقىقەت مەشئىلى كۆپ ھاللاردا كۆتۈرگۈچىنىڭ قولىنى كۆيدۈرىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  232
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 732
تۆھپە : 10
توردا: 84
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 22:50:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ تېمامغا نەزەر تاشلىغىنىڭىزغا ھەم سەمىمىي تەكلىپىڭىزگە كۆپ رەھمەت ئۈمىدى .

ئاتاسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
ئاناسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
بۇ يۇرتتا نىمەسى بار -
مېنىڭدەك بەختى قاچقاننىڭ ؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  148
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 231
تۆھپە : 2
توردا: 45
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئايچىن، قەلىمىڭىزدىن ئېچىلغان يېقىشلىق بىر گۈلنى كۆردۈم، كۆكرىكىمنىڭ بىر يەرلىرىدە قانداقتۇر بىر مۇسكۇللار تارتىشقاندەك بولۇۋاتىدۇ. تەۋەررۈكلىرىمنى كۆرمىگىلى ساق بىر يىل بوپتۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئامان قىلغاي، پەرىشتىدەك شۇلارنى سىزىپ چىققان قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  232
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 732
تۆھپە : 10
توردا: 84
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھزات يوللىغان ۋاقتى  2012-5-7 10:46
ئايچىن، قەلىمىڭىزدىن ئېچىلغان يېقىشلىق بىر گۈلنى كۆ ...

ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن !!...تېمامنى كۆرۈپ تەۋەررۈكلىرىڭىزنى ئەسلىگىنىڭىزدىن ، شىئېرىمنىڭ سىزگە   بەدىئى زوق ئاتا قىلالىغانلىغىدىن خوشالمەن . ئامان بولۇڭ روھزات .....

ئاتاسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
ئاناسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
بۇ يۇرتتا نىمەسى بار -
مېنىڭدەك بەختى قاچقاننىڭ ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش