كۆرۈش: 251|ئىنكاس: 5

دۇنيا 15-قېتىملىق «كىتاب ئوقۇش كۈنى» خاتىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  272
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 61
تۆھپە : 0
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 14:28:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا 15-قېتىملىق «كىتاب ئوقۇش كۈنى» خاتىرىسى

2012-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 15-قېتىملىق «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» بولۇپ، بۇ كۈندە دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر مەلۇم ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىكى، كىتابقا بولغان قىزغىنلىقى ۋە كىتابقا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. كىتاب پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم بۇلىقى، كىتاب مەدەنىيەت ۋە تەرەققىياتنىڭ ئالتۇن شوتىسى، كىتاب ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ ۋە ئۆزىنى تونۇشنىڭ بىردىن-بىر قۇرالى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» نى دۇنيادا ھازىرغىچە بارلىققا كەلگەن، شەكىللەنگەن تۈرلۈك بايرام ۋە پائالىيەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋە خاتىرىلەش زۆرۈر دەپ قارالغان ئالاھىدە  كۈن  دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ھەم شۇنداق دەپ ئېيتىشقا ھەقلىقمىز، چۈنكى بىزنىڭ ھازىرقى مەدەنىيىتىمىز يەنىلا شۇ كىتابتىن كەلگەن.
دەل مانا مۇشۇ ئەھمىيەتلىك كۈندە قاراقاش ناھىيەلىك كۈتۈپخانىدا 15-قېتىملىق «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت كۈتۈپخانا ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەتكە ناھىيە ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ئاپتورلاردىن مەمتىمىن قۇربان، جاپپار رەخىم روھلانى، ئايمۇھەممەت ساھىبى، مەتتۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار، ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار، ئەنۋەر ھىدايەت، مەمتىمىن نۇر، مەتتۇرسۇن سىدىق، توختىمۇھەممەت نۇرىمۇھەممەت، روزى ياسىن قاتارلىقلار، ياش، ئۈمىدلىك ئاپتورلاردىن يىمىت ياسىن، ياسىنجان ئابدۇقادىر، توختىمۇھەممەت تۇراجان، تۇرسۇنمۇھەممەت نەمەت، مۇھەممەتساقى ساۋۇر، مۇتەللىپ ئابدۇخالىق، نۇرمۇھەممەت تۇردەخمەت قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. پائالىيەتكە يەنە ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن 20 گە يېقىن ئوقۇغۇچى ۋە 15 كە يېقىن ئوقۇرمەن قاتناشتى. پائالىيەتنى ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنباقى توختىقۇربان ۋە كۈتۈپخانا مەسئۇلى سالامەتخان باشقۇردى.  ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار بىلەن ياسىنجان ئابدۇقادىر پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى.     
پائالىيەت ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. بىرىنچى باسقۇچ سوئال-جاۋاب شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭدا كىتابقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ھەققىدىكى چۈشەنچىسى سۆزلەندى. ئىككىنچى باسقۇچ مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرە شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلار،ئاپتورلار ۋە ئوقۇرمەنلەر ئۆز ئارا مۇنازىرىلىشىپ ھەمدە كىتاب توغرىسدا مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىپ، كىتاب ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى، چۈشەنچىلىرىنى ئىلمىي يوسۇندا بايان قىلدى.  ئۈچىنچى باسقۇچ ئەركىن پائالىيەت شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭدا پائالىيەتكە قاتناشقان بارلىق پىكىر ئىگىلىرى كۈتۈپخانا ئىچىدە ئىختىيارى كىتاب كۆردى ۋە ئېلېكترونلۇق قىرائەتخانىغا چىقىپ كومپيۇتېر ئارقىلىق ئېلكىتابلارنى ئوقىدى، ئاۋازلىق كىتابلارنى ئاڭلىدى. پائالىيەت چۈشتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتى. پائالىيەت ئاخىرىدا پائالىيەتنى تەشكىللەشكە ۋە بۇ پائالىيەتنىڭ ياخشى ئېلىپ بېرىلىشىغا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان كۈتۈپخانا مەسئۇلى سالامەتخان پائالىيەتكە قاتناشقان ئاپتورلارنىڭ ھەر بىرىگە 180 قىممىتىدىكى رادىيودىن بىردىن، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەرگە 120 يۈەن قىممىتىدىكى تۈرلۈك مەزمۇندىك كىتابلاردىن بىر يۈرۈشتىن سوۋغا قىلدى.
چۈشتىن كېيىن ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكلىشىدە كۈتۈپخانىغا كېلىپ ئىختىيارى كىتاب كۆردى. پائالىيەت قىزغىلىق بىلەن باشلىنىپ قىزغىنلىق بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئەسكەرتىش:
(مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ ئۇچۇر ۋاقتىدا يوللانماي قالدى، توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن،  ئالاقىدار سۈرەتلەرنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرۈۋالغايسىلەر! )

مەنبە: يېڭى يازما
قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن نۇرمۇھەممەت تۇردەخمەت.




دۇنيا 15-قېتىملىق «كىتاب ئوقۇش كۈنى» خاتىرىسى



ئۈلۈشكۈن 02:25 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (159.12 KB)




ئۈلۈشكۈن 02:25 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (146.86 KB)




ئۈلۈشكۈن 02:25 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (167.12 KB)




ئۈلۈشكۈن 02:25 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (165.14 KB)




ئۈلۈشكۈن 02:24 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (176.84 KB)




ئۈلۈشكۈن 02:24 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (150.94 KB)




ئۈلۈشكۈن 02:24 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (169.61 KB)




ئۈلۈشكۈن 02:23 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (200.42 KB)




ئۈلۈشكۈن 02:24 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (166.8 KB)




ئۈلۈشكۈن 02:24 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (207.18 KB)




ئۈلۈشكۈن 02:24 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (156.11 KB)




ئۈلۈشكۈن 02:23 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (151.21 KB)








ئۈلۈشكۈن 02:27 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (160.61 KB)




ئۈلۈشكۈن 02:27 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (181.76 KB)




ئۈلۈشكۈن 02:27 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (169.97 KB)




ئۈلۈشكۈن 02:26 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (151.21 KB)


ئۈلۈشكۈن 02:26 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (169.21 KB)




ئۈلۈشۈن 02:26 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (208.48 KB)




ئۈلۈشكۈن 02:25 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (159.55 KB)




ئۈلۈشكۈن 02:25 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (202.23 KB)




ئۈلۈشكۈن 02:26 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (151.87 KB)




ئۈلۈشكۈن 02:26 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (134.46 KB)




ئۈلۈشكۈن 02:27 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (189.47 KB)















idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1024
تۆھپە : 114
توردا: 185
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 20:43:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ۋۇي، نىمانداق ئېسىل پائالىيەت بۇ! بوۋايلارنىڭ تورنىڭ(كومپىيۇتىرنىڭ)، ئۆسمۈرلەرنى كىتابنىڭ، ئوتتۇرا ياشلىقلارنى باناننىڭ، ئابدۇلھەمىدنى بولسا مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئالىدىغا ئەكىلىپ قويۇپسىلەرغۇ...(چاخچاق)
  مانا بۇ بىر ئەمىلى ئىش بوپتۇ. سۈرەتلەرنى كۆرۈپ قارىقاشتىكى پىكىرداشلىرىمدىن، كەسىپداشلىرىمدىن جۈملىدىن قىرىنداشلىرىمدىن سۆيۈنۈپ قالدىم... مۇبارەك بولسۇن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  475
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 282
تۆھپە : 8
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 20:54:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىقاش دىيارىدىكى بۇ پائالىيەت تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزىلىپتۇ! باشقا جايلاردا قانداق ئۆتكۈز گەنلىكىنى ئۇقمىدۇق. قارىقاشتىكى ئىلىمسۆيەرلەرگە ئاپىرىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 758
تۆھپە : 4
توردا: 159
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 01:25:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پالىيەت مايتاغدىمۇ ئۆتكۈزىلدى.

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 468
تۆھپە : 12
توردا: 183
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 11:40:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈتۈپخانىلارنىڭ ئاممىغا يۈزلىنىشى دېگەن ماندا بولمامدۇ؟ بۇنداق ئىسىل پائالىيەتلەرنىڭ ھەممە ناھىيە-شەھەرلەردە ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

كارىزلارنى قۇتۇلدۇرۇش، كارىزلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەر بىرىمىزنىڭ بۇرچى!
http://www.karizim.cn

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  823
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 13
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 13:25:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچكىچە   قارىسا    قاملاشسىمۇ _ قاملاشمىسىمۇ   ناخشا-ئۇسۇللۇق  پائالىيەتلەرنى   ئۆتكۈزىۋەرگەننىڭ   ئورنىغا  مۇشۇنداق  ئەھمىيەتلىك  پائالىيەتلەرنى   ئۆتكۈزسەك  بولمامدۇ    دەيمەن!

بىر توپ  ئەما  بىز  ھەممە  نەرسىنى  ئۆز  كۆزىمىز  بىلەن كۆرۈپ  تۇرغان،                   بىر توپ  سۆيمىگۈچى  بىز   ھەممە  ن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش