ئۆمەر مۇھەممەدئىمىن 80-يىللاردىكى بىر تۈركۈم جەڭگىۋار ياشلارنىڭ بىرى ئىدى، ئۇ ‹‹كىرورەن›› ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغاندىن كېيىن بۇ ژۇرنالنىڭ سەۋىيەسىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ژۇرناللارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش جەھەتتە ناھايتى زور كۈچ سەرپ قىلدى. ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ ئاز بولمىغان نادىر ئەسەرلەرنى يازدى. كەمىنە شائىر، ژۇرنالىست ئۆمەر مۇھەممەدئىمىن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە تىنىچ-ئامانلىق، بارلىق ئىشلىرىغا تېخىمۇ زور ئۇتۇق تىلەيمەن!...
|