كۆرۈش: 7178|ئىنكاس: 35

«كروران» ژۇرنىلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

«كروران» ژۇرنىلى


《楼兰》封面.jpg

kroran mukawisi.jpg




   «كروران» ژۇرنىلى 1979 – يىلى نەشىر قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە 33 ياز – ئايازنى بېسىپ ئۆتتى.  1979 – يىلى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىدا تۇنجى سانى «بوستان» نامى بىلەن نەشىردىن چىقتى. كېيىنكى يىلىدىن باشلاپ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان يېزىقىمىزدا نەشىر قىلىنىشقا باشلىدى. شۇندىن باشلاپ  گاھ قەرەلىسىز، گاھ قەرەللىك ھالدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ تۇردى. 1984 – يىلى قەرەللىك ئەدەبىي ژۇرنالغا، 2001 – يىلى ژۇرنالنىڭ نامى «كروران»غا، پەسىللىك ئەدەبىي ژۇرنالدىن قوش ئايلىق ئۇنىۋېرسال ژۇرنالغا ئۆزگەرتىلدى. 2009-يىلدىن باشلاپ بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يەنە پەسىللىك ژۇرنالغا ئۆزگەرتىلدى...
    1995 – يىلىدىن كېيىن ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان كۆپلىگەن ئەسەرلەر مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى، ئىلى خەلق رادىئو ئىستانسىسى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق رادىئو ئىستانسىسى، «تارىم»،«ئاسىيا كىندىكى»،«ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»،«تەڭرىتاغ» قاتارلىق مەتبۇئاتلار تەرىپىدىن تەكرار ئاڭلىتىلدى ۋە كۆچۈرۈپ بېسىلدى. بىر قىسىم ئەسەرلەر قازاقىستاندا چىقىدىغان «بۈگۈنكى ئاسىيا» گېزىتىدە كۆچۈرۈپ بېسىلدى. بۈگۈنكى كۈندە ژۇرنالنى سەھنە قىلىپ يېتىشكەن ئاپتورلار ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە  ئېغىزغا ئالغۇدەك يىرىك  رومانلارنىڭ ۋە ھېكايە، شېئىرلار توپلاملىرىنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدى. ژۇرنال نەشىر قىلىنغان دەسلەپكى يىللاردا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئارانلا ئىككى ئەزاسى بار ئىدى. ھازىر تەرەققى قىلىپ 40 تىن ئېشىپ كەتتى.
«كروران» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئاكتىپ تەشكىللەپ، جەمئىيەتتە ئەدەبىياتنىڭ، ئەدەبىياتچىلارنىڭ ئورنىنى تىكلەش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. 1985 – يىلى لوپنۇدا تۇنجى قېتىملىق ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزگگندىن كېيىن، 1991– يىلى 3 – قېتىملىق «شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىات مۇكاپاتى» تارقىتىش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزدى. 1994 – يىلى ژۇرنال نەشىر قىلىنغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى، 2000 – يىلى ژۇرنال نەشىر قىلىنغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى داغدۇغۇلۇق خاتىرىلەندى. 2003 – يىلى لوپنۇردا يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلەر مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى. 2001 – يىلى پەخرىدىن مۇسا رومان ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى،  2004 – يىلى چاقىلىق ناھىيىسىدە سۇلايمان ئابدۇرەھىم رومان ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. 2006 – يىلى «كروران» ژۇرنىلىنىڭ 100 سان نەشىر قىلىنغانلىقى داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى. 2011-يىلى 10-ئايدا چەرچەندە «كرورانژۇرنىلى ياش قەلەمكەشلىرىنىڭ چەرچەندە ئۇچرىشىش يىغىنى ۋە بۈركۈت پەرۋازى مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈلدى... بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى داڭلىق ئەدىب، ئالىملار، شۇنداقلا ژۇرنال، نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتنىشىپ، مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەپ، مۇھاكىمە يىغىنىمىزنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. 2004 – يىلى بايىنغولىن ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن تەھرىر بۆلۈمىمىز نەشىرگە تەييارلىغان «سېھىرلىك كروران» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتاب نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. 2005 – يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 5 – قانىلىدا «كورلىدىكى ئايال قەلەمكەشلەر» تېمىسىدا مەخسۇس فىلىم ئىشلىدى.
     ھازىرغىچە ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەردىن 34 پارچىسى «شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. ئىجتىمائىي كۈچلەر ۋە مەرىپەتپەرۋەر شەخسلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن ژۇرنالدا  «ئالتۇنتاغ ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «قۇياش مېھرى»،«باشئەگىم ئاۋازى»،«گۆھەر زېمىن»، «دىنار ئەدەبىياتى»،«چولپان ئەدەبىيات مۇكاپاتى»،«ئاياللار ۋە جەمئىيەت»،«ئادالەت شەمشىرى» قاتارلىق ناملاردا ھەر يىلى دېگۈدەك ئەدەبىي ئەسەرلەر   مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئاپتورلارنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىلدى.


ژۇرنال ئادرېسى: كورلا شەھىرى بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى
巴州文联《楼兰》杂志维编部        
تېلېفون: 2024226
ئېلخەت ئادرېسىمىز:kroranjurnili@126.com


omer(2010.9).JPG

ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروراننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى



       شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران 1964 - يىل 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى  چەرچەن ناھىيەسىنىڭ جانداتېرىم كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. 1980 - يىلى چەرچەن ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1985 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، كورلىدا چىقىدىغان «كروران»(سابىق «بوستان») ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنغان. ھازىر «كروران» ژۇرنىلىنىڭ باش  مۇھەررىرى،  ئالىي مۇھەررىر.
      ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران 1982 - يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىغا كىرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە كۆپلىگەن شېئىرلىرى «تۇنجى تارىم مۇكاپاتى»،«ئالتۇن چاغ مۇكاپاتى»،«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. كۆپلىگەن شېئىرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، بېيجىڭدا چىقىدىغان «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا، ئىككى پارچە شېئىرى ئۆزبېكىستان «تاشكەنت ھەقىقىتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان. ئابلىز ھېزىموۋ، مەسۈمجان زۇلپىقاروۋ قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن 2008 – يىلى قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۈلزارى»(بۇنىڭغا 60 قا يېقىن شائىرنىڭ شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ھەر بىر ئاپتورنىڭ سىزما رەسىمى ۋە قىسقىچە تەرجىمىھالى بېرىلگەن) ناملىق چوڭ ھەجىملىك توپلامغا 11 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. «بار دۇنيادا شۇنداق ئادەملەر»،«ھايات» قاتارلىق ئالتە پارچە ئەسىرى يېڭىدىن تۈزۈلگەن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇرچە دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. «باشئەگىم سۆيگۈسى»،«قارا يۇلغۇن چېچەكلىرى»،«ئۆلمەس كۈيلەر» ناملىق بەدىئىي سىنارىيەلىرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنىپ تارقىتىلغان.
       ئۇنىڭ 1991- يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «باشئەگىم نەزمىلىرى» ناملىق شېئىرلار  توپلىمى، 1993 - يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «قەبرىدىكى پالۋان» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 1995 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «قېرىماس ئانا» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 2004 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «كۆيۈك مەڭگۈ تېشى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ۋە 2004 -  يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «مۇھەببەت كارىدورى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى  نەشىر قىلىنغان.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-29 00:13:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ژورنالنىڭ ئادرىسىنى تاپالماي يۈرەتتىم . ئەمدى بىلىۋالدىم ....

ۋاقتى: 2012-4-29 00:41:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«كىرۇران» ( 90-يىللارنىڭ  ئالدىنقى يېرىمىغىچە  «بوستان »دەپ ئاتالغان)  ژورنىلى 1987-يىلى 3-4-قوشما سانىدا «قۇياشتىن تۇغۇلغان شئېىرلار» ناملىق شئېىرلىرىمنى ئىشلەتكەن مەگىلدىن باشلاپ ماڭا ئىنتايىن تونۇش.ئۇستاز مويدىن سايىت ئاكىنى چىن كۆڭلىمدىن ياد ئېتىمەن.ئۇ،تاكى 1995-يىلى مەزكۇر ژورنالدىن پىنسىيەگە چىققانغا قەدەر ژورنالغا يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان ۋە مېنىمۇ يېتەكلەپ قەلىمىمنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولغان ئىدى.ئۆمەر مۇھەمىەد ئىمىن كىرۇرانمۇ مەزكۇر ژورنالنىڭ روناق تېپىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان ئەدىپ،تالانتلىق شائىر.ژورنال ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ،كۆپ قېتىم ئىجادىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ پۈتكۈل تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇپ،شىمالىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان تەسىرى زور پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى.مەسلەن.2000-يىلى 8-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان ئىجادىيەت تەجىربىلىرىنى ئالمۇشتۇرۇش پئالىيىتىدە روزى سايىت ...قاتارلىق مەشھۇر ئەدىپلىرىمىز ئىشتراك قىلغۇچىلار قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرغان ئىدى. مەن مەزكۇر ژورنالنىڭ داۋاملىق روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2012-4-29 20:18:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ژۇرنالغا  مۇشتىرى بولۇشنى  بەك ئارزۇ قىلاتتىم . ( چۈنكى ،  بۇ  ژۇرنالنىڭ ناھايىتى  ئېسىل چىقىۋاتقانلىقىنى ، داڭقىنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم . )  بىراق ، پوچتا ئارقىلىق مۇشتىرى بولاي دېسەم ، ژۇرناللار تىزىملىكىدە  بۇ ژۇرنالنىڭ  ئىسىملىكى يوق ئىكەن  .  قانداق ئوسۇلدا  مۇشتىرى بولۇشنى  بىلەلمەي  گاڭگىراپ قالدىم  .  ھېلىھەم  مۇشتىرى بولۇپ ، بۇ ژۇرنال بىلەن تېزراق  يۈز  كۆرۈشسەم دېگەن ئۈمىدتە مەن !

ۋاقتى: 2012-4-29 20:54:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ژۇرنالنىڭ شىئىرىيەت ۋە ئوبزۇر سەھىپىسىنى، ئىلگىرىكى ‹‹ئەدىبلىرىمىزنىڭ مەخپى خاتىرىسى››  دىگەن سەھىپىلىرىنى بەكلا ياقتۇرىمەن.

ۋاقتى: 2012-4-30 17:19:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇمكىن بولسا بۇ ژۇرنال ئاشكارا تارقىتىلدىغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى!

ۋاقتى: 2012-5-2 09:13:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ‹‹كروران›› ژۇرنىلىنىڭ قىزغىن ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ژۇرنالنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشىنى ھەم  ژۇرنالنىڭ ئاشكارا تارقىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

ۋاقتى: 2012-5-2 09:43:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئەدىبلەرىمىزنىڭ مەخپىي خاتىرسى››ھەممىدىن ياخشى جۇمۇ،ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ ئۈچ قىسىملىق جۇدالىق رومانىنىڭ قانداق ئىككى قىسىم بوپ قالغانلىقى،سەئىدىخان،سۇلتان ئابدرۇشىتخان دېگەن كىتابلارنى قانداق قىرقىپ،نەشىر قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ،قورقانچاق نەشرىياتنىڭ ئاشۇ‹‹جۇدالىق ››رومانىدىن بىر قىسىمنى قىسقارتىپتىكەن،ئابدىرھىم ئۆتكۈر،زوردۇن سابىرنىڭ رومانلىرىنى قانچىلىك قىسقارتتى،بىر ئاللاھ ئۆزى بىلەر ئاشۇ ئىشلارنى....

ۋاقتى: 2012-5-2 10:14:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەرخىل سەھىپىلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كېلىۋاتقان كروران ژورنىلىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-2-3 13:58:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ژۇرنال بىلەن تونۇشقان ۋاقتىمدا نامى « بوستان » ئىدى . شۇ ۋاقىتتا بىر پارچە نەسىرىم مۇشۇ ژورنالدا ئېلان قىلىنغان . كىيىن ژورنالنىڭ نامى « كىروران»غا ئۆزگەرتىلدى . مىنىڭ ئىجادىيەت سەپىرىم شۇ نەسىر بىلەنلا توختاپ قالغان بولسىمۇ ، لىكىن بۇ ژورنالنى كۆرۈشۈم توختاپ قالمىدى . كىروران ژورنىلىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن !

ۋاقتى: 2013-2-3 14:33:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ژۇرنالغا شۇنچە ئىخلاسىم  بولسىمۇ ئازىر 4-5 يىل  بوپتۇ بۇ ژۇرنالنى قېنىپ ئوقۇمىغىلى،

ۋاقتى: 2013-3-15 11:04:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Manmu

ۋاقتى: 2013-3-28 00:38:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ژۇرنالنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيتۇم ، بىراق ھازىر شىنجاڭدا بولالمىغانلىقىم سەۋەبىدىن تەتىلدە بارغاندىلا ئاندىن كۆۈرۈشكە مۇيەسسەر بولىۋاتىمەن. لىكىن يىراقلاردا تۇرۇپ ژۇرنالنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك چىقىشىنى تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-12-12 00:44:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ژۇرنال تەھرىراتى بولسا ئاشكارا مۇشتەرى قوبۇل قىلساڭلار

ۋاقتى: 2013-12-23 17:01:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
               ئۆمەر  مۇھە ممەد ئىمىن    كىرورەن بىلەن خالىدە  ئىسىرا ئىلنىڭ   تارىخىنى كۈرۈپ ، يازغان ئەسەرلىرىدىن  بەكمۇ  تەسىر لەندىم ،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش