«كروران» ژۇرنىلى
«كروران» ژۇرنىلى 1979 – يىلى نەشىر قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە 33 ياز – ئايازنى بېسىپ ئۆتتى. 1979 – يىلى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىدا تۇنجى سانى «بوستان» نامى بىلەن نەشىردىن چىقتى. كېيىنكى يىلىدىن باشلاپ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان يېزىقىمىزدا نەشىر قىلىنىشقا باشلىدى. شۇندىن باشلاپ گاھ قەرەلىسىز، گاھ قەرەللىك ھالدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ تۇردى. 1984 – يىلى قەرەللىك ئەدەبىي ژۇرنالغا، 2001 – يىلى ژۇرنالنىڭ نامى «كروران»غا، پەسىللىك ئەدەبىي ژۇرنالدىن قوش ئايلىق ئۇنىۋېرسال ژۇرنالغا ئۆزگەرتىلدى. 2009-يىلدىن باشلاپ بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يەنە پەسىللىك ژۇرنالغا ئۆزگەرتىلدى... 1995 – يىلىدىن كېيىن ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان كۆپلىگەن ئەسەرلەر مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى، ئىلى خەلق رادىئو ئىستانسىسى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق رادىئو ئىستانسىسى، «تارىم»،«ئاسىيا كىندىكى»،«ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»،«تەڭرىتاغ» قاتارلىق مەتبۇئاتلار تەرىپىدىن تەكرار ئاڭلىتىلدى ۋە كۆچۈرۈپ بېسىلدى. بىر قىسىم ئەسەرلەر قازاقىستاندا چىقىدىغان «بۈگۈنكى ئاسىيا» گېزىتىدە كۆچۈرۈپ بېسىلدى. بۈگۈنكى كۈندە ژۇرنالنى سەھنە قىلىپ يېتىشكەن ئاپتورلار ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە ئېغىزغا ئالغۇدەك يىرىك رومانلارنىڭ ۋە ھېكايە، شېئىرلار توپلاملىرىنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدى. ژۇرنال نەشىر قىلىنغان دەسلەپكى يىللاردا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئارانلا ئىككى ئەزاسى بار ئىدى. ھازىر تەرەققى قىلىپ 40 تىن ئېشىپ كەتتى. «كروران» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئاكتىپ تەشكىللەپ، جەمئىيەتتە ئەدەبىياتنىڭ، ئەدەبىياتچىلارنىڭ ئورنىنى تىكلەش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. 1985 – يىلى لوپنۇدا تۇنجى قېتىملىق ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزگگندىن كېيىن، 1991– يىلى 3 – قېتىملىق «شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىات مۇكاپاتى» تارقىتىش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزدى. 1994 – يىلى ژۇرنال نەشىر قىلىنغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى، 2000 – يىلى ژۇرنال نەشىر قىلىنغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى داغدۇغۇلۇق خاتىرىلەندى. 2003 – يىلى لوپنۇردا يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلەر مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى. 2001 – يىلى پەخرىدىن مۇسا رومان ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى، 2004 – يىلى چاقىلىق ناھىيىسىدە سۇلايمان ئابدۇرەھىم رومان ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. 2006 – يىلى «كروران» ژۇرنىلىنىڭ 100 سان نەشىر قىلىنغانلىقى داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى. 2011-يىلى 10-ئايدا چەرچەندە «‹كروران› ژۇرنىلى ياش قەلەمكەشلىرىنىڭ چەرچەندە ئۇچرىشىش يىغىنى ۋە ‹بۈركۈت پەرۋازى مۇكاپاتى›نى تارقىتىش مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈلدى... بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى داڭلىق ئەدىب، ئالىملار، شۇنداقلا ژۇرنال، نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتنىشىپ، مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەپ، مۇھاكىمە يىغىنىمىزنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. 2004 – يىلى بايىنغولىن ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن تەھرىر بۆلۈمىمىز نەشىرگە تەييارلىغان «سېھىرلىك كروران» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتاب نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. 2005 – يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 5 – قانىلىدا «كورلىدىكى ئايال قەلەمكەشلەر» تېمىسىدا مەخسۇس فىلىم ئىشلىدى. ھازىرغىچە ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەردىن 34 پارچىسى «شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. ئىجتىمائىي كۈچلەر ۋە مەرىپەتپەرۋەر شەخسلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن ژۇرنالدا «ئالتۇنتاغ ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «قۇياش مېھرى»،«باشئەگىم ئاۋازى»،«گۆھەر زېمىن»، «دىنار ئەدەبىياتى»،«چولپان ئەدەبىيات مۇكاپاتى»،«ئاياللار ۋە جەمئىيەت»،«ئادالەت شەمشىرى» قاتارلىق ناملاردا ھەر يىلى دېگۈدەك ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئاپتورلارنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىلدى.
ژۇرنال ئادرېسى: كورلا شەھىرى بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى 巴州文联《楼兰》杂志维编部 تېلېفون: 2024226 ئېلخەت ئادرېسىمىز:kroranjurnili@126.com
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروراننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران 1964 - يىل 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چەرچەن ناھىيەسىنىڭ جانداتېرىم كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. 1980 - يىلى چەرچەن ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1985 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، كورلىدا چىقىدىغان «كروران»(سابىق «بوستان») ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنغان. ھازىر «كروران» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئالىي مۇھەررىر. ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران 1982 - يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىغا كىرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە كۆپلىگەن شېئىرلىرى «تۇنجى تارىم مۇكاپاتى»،«ئالتۇن چاغ مۇكاپاتى»،«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. كۆپلىگەن شېئىرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، بېيجىڭدا چىقىدىغان «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا، ئىككى پارچە شېئىرى ئۆزبېكىستان «تاشكەنت ھەقىقىتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان. ئابلىز ھېزىموۋ، مەسۈمجان زۇلپىقاروۋ قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن 2008 – يىلى قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۈلزارى»(بۇنىڭغا 60 قا يېقىن شائىرنىڭ شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ھەر بىر ئاپتورنىڭ سىزما رەسىمى ۋە قىسقىچە تەرجىمىھالى بېرىلگەن) ناملىق چوڭ ھەجىملىك توپلامغا 11 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. «بار دۇنيادا شۇنداق ئادەملەر»،«ھايات» قاتارلىق ئالتە پارچە ئەسىرى يېڭىدىن تۈزۈلگەن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇرچە دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. «باشئەگىم سۆيگۈسى»،«قارا يۇلغۇن چېچەكلىرى»،«ئۆلمەس كۈيلەر» ناملىق بەدىئىي سىنارىيەلىرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنىپ تارقىتىلغان. ئۇنىڭ 1991- يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «باشئەگىم نەزمىلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 1993 - يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «قەبرىدىكى پالۋان» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 1995 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «قېرىماس ئانا» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 2004 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «كۆيۈك مەڭگۈ تېشى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ۋە 2004 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «مۇھەببەت كارىدورى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.
|