جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2089 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 31|ئىنكاس: 0

ئىككى شېئىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  748
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 175
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 12:15:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى شىئېر

ئابدۇقېيۇم ئابدۇرېھىم

شىئېرىمغا

ناتىۋان مسرالار تۇرار جىلمىيىپ،
سۈپ-سۈزۈك ھەسرىتى ياشلار تۆكىدۇ.
يىللارنىڭ ۋارىقى كۈلەر قىيسىيىپ،
ناتونۇش چۈشلەرگە سىرغىپ مۆكىدۇ.

تەنھالىق يۈرىگى تېپىشماق بىر سىر،
سەكراتتا يىغلايدۇ  جىمجىت   سېغىنىش.
ۋىسالنىڭ ئاپتىپى غۇۋا بىر قەسىر،
نىگاھلار كۈيىدە  قاتتى  بىرىكىش.

نەپەسلەر ئۆرتىنىپ ئوقۇر رىۋايەت،
غۇبارسىز ھېسلاردا چوغلانغان ئىستەك.
كۈل بولدى بوغۇملار بۇندا نىھايەت،
ئۆكسۈيدۇ مۇڭلىنىپ گۈلگۈن كېلىچەك.



ئارمان پەسلى

مۇزلاپ قالدى ئوتلۇق نىگاھلار،
تۇيغۇلاردا سەرسان لىرىك كۈي.
خىلۋەتلەرگە مۆككەن بېقىشلار،
مۇڭ تۆكىدۇ سەنسىز سوغۇق ئۆي.

تولغىنىدۇ    ۋىسال     ئازاپتا،
چۈشلىرىمدە بوقسۇيدۇ ئارمان.
سەنسىز يىتىم يوللار ۋە كوچا،
يۈرىكىمدە تۈنەيدۇ ھىجران.

غېرىپلىق تۇيغۇمدا  ئارمانلار پەسلى،
قىزارغان سۈبھىدە تۇرار  مۇڭلىنىپ.
تۈنلەردە يانغىنى بۇ يۈرەك  ئەسلى،
سېغىنىش  ئىلكىدە تاتلىق  تولغىنىپ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Segindim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-28 12:16  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش