«ئەنگىلىيە فېدېراتسىيىسى يازغۇچىلار موكاپاتى» نامزاتلىرى ئېلان قىلىندى.
0 w4 T$ z6 |( s1 |) K; |. Y% v(Commonwealth Writers' Prize)
4 J N* s# W0 j' T3 Hئابدۇمىجىت مۇھەممەد خەۋەر قىلىدۇ:
) M2 E R' z: j2 b1 o& @+ t«ئەنگىلىيە فېدېراتسىيىسى يازغۇچىلار موكاپاتى» 1987-يىلى ئەنگىلىيە فېدېراتسىيە فۇندى جەمئىيتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان ئەدەبىيات موكاپاتى بولۇپ، بۇ موكاپات بۇرۇنقى دەۋىر «بىرتانىيە ئىمپىرىيىس»ىگە تەۋە بولغان بارلىق زىمىنلاردىكى ئىنگلىزتىللىق يازغۇچىلارغا بېرىلىدۇ.
+ R; u7 W8 T3 {. M) E
بۇ موكاپات ئىككى تۈرلۈك بولۇپ بىرىنچىسى يازغۇچىلارنىڭ تۇنجى رومانى ئۈچۈن بىرىلىدىغان«ئەڭ ياخشى كىتاب» موكاپاتى، ئىككىنچىسى يېڭى ئىجادىيەتكە كېرشكۈچىلەرنىڭ تۇنجى ھېكايسى ئۈچۈن بېرىلىدىغان «ئەڭ ياخشى قېسقا ھېكايە»موكاپاتىدۇر.
& T0 a8 r3 h5 _+ ?" A9 q% ^
بۇ موكاپات 1987-يىلىدىن باشلاپ يىلدا بىرقىتىم تارقىتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ھەريىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ئىلان قىلىنغان ئاپتۇرلارنىڭ تونجى ئەسىرى قاتناشتۇرۇلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىنگلىز ئەدەبىياتىنىڭ رىقابەت كۈچى ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئىجاديەت ئىڭىنى يۇقىرى كۆتىرىش مەخسەت قىلىنىدۇ. بۇ تۈردە 1989-يىلىغىچە بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى كىتابنى ئاساس قىلىپ موكاپاتلاش پىرىنسىپى قوللىنىلغان. 1989-يىلىدىن باشلاپ تاكى 2011-يىلىغىچە «ئەڭ ياخشى تۇنجى كىتاب موكاپاتى» نامىدا ئافرىقا، كارىپ دېڭىزى رايۇنلىرى ۋە كانادا، جەنوبى ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا، شەر*قى جەنوبى ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان قاتارلىق تۆت رايۇندىكى يازغۇچىلارغا بېرىلىدۇ. موكاپات ھەريىلى ئەنگىلىيە فېدېراتسيەسىگە تەۋە ئايرىم دۆلەتتە تارقىتىلىدۇ. 1996-يىلىدىن باشلاپ يەنە ئەنگلىيە فېدېراتسىيەسى قىسقا ھېكايىلەر موكاپاتى» مۇ تەسس قىلىنغان.
: l8 s2 b) J1 i. g
2012-يىللىق «فېدېراتسىيە يازغۇچىلار ئەدەبيات موكاپاتى»نىڭ نامزاتلار تېزىملىكى ھەرقايسى رايۇنلاردىن 4-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەۋەتىلگەن «تاللانغان ئەسەر تېزىملىگى»گە ئاساسەن 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى رەسمىي ئىلان قىلىندى. بۇلاردىن رەسمى موكاپاتقا ئىرىشكۈچىلەر نامى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىلان قىلىنىپ نەق مەيداندا موكاپاتلىنىدۇ. ئەسىرى موكاپاتلانغان ئاپتۇرلار فېدىېراتسىيە يازغۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىنىپ ئافرىقا، ئاسىيا، كانادا، ياۋرۇپا، كارىبىئەن تاقىم ئاراللىرى ۋە تىنىچ ئوكيان ئەللىرىدە ئىجادىيەت ئالاھىدە ئىمتىيازلىرىدىن بەھرىمان بولىدۇ.
+ R# s+ r3 L9 [) U
«ئەنگىلىيە فېدېراتسىيەسى كىتاب موكاپاتى»دا ھەرقايسى رايۇنلار بويچە «ئەڭ ياخشى كىتاب موكاپاتى» (1-دەرىجە)غا تاللانغانلارغا 2،500 فۇندىستىرلىڭ موكاپات بېرىلىدۇ. فېدېراتسىيە نىڭ ئاخىرقى باھالىشىدىن ئۆتەلىگەنلەرگە 10،000 فۇندىستىرلىڭ بېرىلىدۇ.( بىر فۇنتىستىرلىڭ 9.8882 يۈەنگە تەڭ)
: ^+ `; n- Q$ P$ x+ t
«ئەنگىلىيە فېدېراتسىيەسى قېسقا ھېكايە موكاپاتى» ھەرقايسى رايۇنلار بويىچە ئىلان قىلىنغان «ئەڭ ياخشى قىسقا ھېكايە»(1-دەرىجە)غا تاللانغانلارغا 1000 فۇندىستىرلىڭ موكاپات بېرىلىدۇ. فېدېراتسىيە نىڭ ئاخىرقى باھالىشىدىن ئۆتەلىگەنلەرگە 5000 فۇندىستىرلىڭ بېرىلىدۇ. قېسقا ھېكايىلەرنىڭ خەت سانى 2000 دىن 5000غىچە بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. يازغۇچىلار يېشى 18 ياشتىن تۆۋەن بولماسلىغى كىرەك. بۇ تۈرگە ئىلان قىلىنمىغان رومانلارنىڭ تۇنجى بابلىرى ياكى باشلانمىسى قاتناشتۇرۇلسىمۇ بولىدۇ.
3 \; Q" R' K: Y
ئەنگىلىيە فېدېراتسىيىسى كىتاب موكاپاتى» نامزاتلىرى تېزىملىگى:
- Y- P+ y* O m4 E4 |1. «سەرسان بۆركۈت»، جەمىل ئەخمەد (پاكىستان)، خەمىش خامىلتۇن نەشىرى
$ ^. n% J' \' ]
2. «قورۇق»، ئللىن بەندا ئاكۇ (زامبىيە)، پىنگىۋىن كىتابچىلىغى، جەنوبى ئافىرىقا
0 K( ]% I! q& ]* e( o
3. «سانسارا» («قىيامەت»). جاھناۋى بارۇئا (ھىندىستان)، ھىندىستان پىنگىۋىن كىتابچىلىغى
1 v% X% U3 s/ b- J; ?4. «مەككارلا شىركىتى»، راھۇل بھاتتاچاريا (ھىندىستان)، پىكاردۇ نەشىرياتى
$ E4 [/ l- Z% W* f; k6 q# C
5. «ئوسمانىيلار مىھمانخانىسى»، كىرىستوفىر كىيۇرىي (ئاۋىستىرالىيە)، تېكىست نەشىريات شىركىتى
9 ?" `7 v& F' } G, V+ P
6. «كىيىمگە توشقان قاچا قۇچا ئىشكابى»، يۋۋىتتى ئىدۋاردس (ئەنگىلىيە)، ئورتاق دۇنيا نەشىرياتى
* n% V; b; g! ~) w* R, h; I! i: Q
7. «تەبىرنامە»(«جاۋاب كىتابى»)، س ي گوپىناز (ھىندىستان)، ھىندىستان خارپىر كوللىنىس نەشىرى
3 g E3 `! z+ g9 f9 j9 `
8. «پاكلىنىش ھارپىسى»، شەللى خارس(جەنوبى ئافرىقا)، ۋىيدىن فىلىد نىكولسون نەشىرى
- p; O) }, `' L( u
9. «لىمۇن كوچىسىدىكى ئۇسۇل ۋە ئۆلۈم»، دىنىس خىرسون (ئەنگىلىيە)، جاكانا مىدىئە
" [3 A: g8 L& R' p' ]/ N6 F4 M10. «يوقۇتۇش ھەركىتى»، مىتتى جەكوبسىن (ئاۋىستىرالىيە)، تېكىست نەشىرياتچىلىق شىركىتى
6 N! Z$ l4 @# R3 T Q3 Q! E! e; w11. «جۇڭگۇلۇق»، شىخنا كارۇناتىلاكا (سىرلانكا)، ھىندىستان رەندوم نەشىرياتى
' ?) u3 b! B) d: ]/ y* T
12. «بىنەپشە رەڭ تالا»، جىننىي لىئنى (ئاۋىستىرالىيە)، خانىشىيە ئۇنىۋىرستېتى نەشىرى
: g6 D0 {6 i( k* d& `$ K4 r" Q, N
13. «ئاشىق»، ئالىسىيە مىكىنزى (يامايكا)، پىپال دەرىخى نەشىرياتى
! w2 D4 A! e; @0 [
14. «چۆككەن شەھەر» (غايىپ بولغان شەھەر)، رىئىل ناسون (كانادا)، گوسىلەئىن نەشرىياتى
. a9 R4 b: Q9 U' D: L
15. «ئۇسۇل دەرىسى»، ئولىۋ سىنور(كانادا)، كورمورانت كىتابچىلىغى
* W8 v* }2 [2 x! G
16. «جەك ۋ نىڭ ئىنىقسىز پاناھلاندۇرۇلىشى»، جەكۇۋىس سچرۇس(جەنوبى ئافرىقا)، جونازان بوغۇزى نەشىرياتى
# }1 N( q& O; D: q$ _) n6 o17. «بىرۇكىر ئەپەندى ۋە مەن»، كورىي تەيلور (ئاۋىستىرالىيە)، تېكىست نەشىريات شىركىتى
; P: L' F& [+ i' w
18. «پاۋ»، كەررىي يوڭ (ئەنگىلىيە)، بلومىس بەررىي نەشىرياتى
1 _2 l$ H8 O& l( L; B* N# M
; ^, P+ y/ |5 H(ئەسكەرتىش: ۋاقىت بەك جىددىي بولغاچقا ئېسىملارنى قايتا قايتا سىلىشتۇرۇش ئىمكانىيتى بولمىدى. قىسمەن پەرىقلەر كۆرىلىشى مۆمكىن)
" l8 S7 d9 a# g4 k6 ?3 ?4 M9 ]
# U; `, O6 ]% F. O
مەنبە: ئەنگىلىيە: «ئەنگىلىيە فېدېراتسىيىسى فۇندى جەمئىيتى مۇنبىرى» دىن
7 ^# _% n! A! E% W
2 ?* o+ a6 ^' o' u
3 `3 f) i' W, ^% s بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-28 07:23 0 h+ K1 x' Z# a* Y' D9 M0 L
) X& N1 R1 }, g3 T% C2 s8 n