كۆچ - كۆچ دېمەڭ كۆچمىگەن كۈندە...
كۆچ كۆچ دەيدۇ مېنى بىرلىرى، كۆچۈلمىگەن شەھەرلىرىگە. بوۋام ماڭغان يوللار ئىزىدىن دادام ماڭغان ئېگىز تاققىچە. قارغايلارنىڭ بەستلىرى كۆچ - كۆچنى ھىچ بىلەلمەيدۇ، تېرەكلەرنىڭ شاخلىرىدەك ئىگەلمەي ھىچ سۇنمايدۇ. بۇ ھاياتنىڭ كۆچ – كۆچلىرىنى كۆچۈپ كۆرۈپ باقمىغانلار بىلمەيدۇ.
«سېنىڭ داداڭ قازاقمۇ يە؟!» دەپ سوراپ قويىدۇ. بىنالارنىڭ ئالدىغا يېيىلۋالغان نەرسىلىرىمگە قاراپ بىرلىرى. ئۇلار بىلمەيدۇ بوۋامنىڭ كۆچۈپ يۈرۈپ تۇرۇپ قالغىنىنى.
كۆچكەنلەردىن سورىغان ئىدىم. كۆچمىگەنلەرنى كۆرمىگەن ئىدىم. «گاداي بولساڭمۇ كۆچۈپ باق!» دەپ بۇ شەھەرنىڭ كوچىلىرىدا كۆچ - كۆچ قوشاق ئېيتمىغانمىدىم.
كۆچ كۆچ قوشىقى ئۇزاپتىكەن ئەسلىدە بىزدىن. كۆچۈپ چىققان بوۋاممۇ ھازىر كۆچ كۆچ قوشىقىنى ئېيتالمايدۇ جاراڭلىق بەلكىم. مەن ئېيتىۋاتىمەن. «بوۋام ماڭغان ئىزلار ئىكەن بۇ» دەپ كۆچ - كۆچ قوشىقىغا بۇ شەھەردە جاراڭلىق توۋلاۋاتىمەن. كۆچ كۆچ دېسە قېچىۋاتىمەن. بۇ شەھەرنىڭ تاشتەك قەلبىدە بۇ كۆچ - كۆچنى يېزىۋاتىمەن.
2012- يىلى 27- ئاپېرىل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-27 18:10