ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى ۋە ئۇنىڭ رولى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-10 13:19:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئۆزگەردى،قاچانمۇ بىر قېلىپقا چۇشەر بۇ ئىملا قائىدىسى.

باھا سۆز

مېنىڭچە، ئۇيغۇر ئاھالىسىغا ئومۇملىشىپ بولغاندا چوقۇم ئىزىغا چۈشىدۇ.  ۋاقتى: 2015-10-10 01:30 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-10 10:55:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاتىھ يوللىغان ۋاقتى  2015-1-10 13:04
ھەي ، ئەمدى  ممەن نىمە دەي؟ بېشىم قايدى  ما سۆزلەرگە.
مە ...


  «مەن ئۈگەنگۈچى بولغاندىكىن  ئۈگۈنەي،ئۇستازلارنىڭ  ئەجرىگە رەھمەت» توغرا دەيسىز. ئادەم قارا تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكۈچە ئۆگىنىپ تۇرمىسا، ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدۇ، شۇڭا ئۈزۈكسىز ئۆگىنىشىمىز كېرەك...

      

ۋاقتى: 2015-11-12 23:09:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەسىپدىشىمىز ئابدۇرېھىم زۇنۇنغا بارىكاللا . ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئىملاسى ھەققىدە  ئىزدەنگىنى ئۇيغۇر  تىلىغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ نەتىجىسى. مەن قىزغىن ئالقىشلايمەن ۋە يېقىندىن قوللايمەن.  شۇنىڭ بىلەن بىللە تۆۋەندىكى جۈملىلەرنى كەسىپدىشىمنىڭ ئىملا تەتقىقاتىدا پايدىلىنىشىغا سۇنىمەن:
         6- قېتىم تۈزۈلگەن، يەنى بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئىملا لۇغىتىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا چەت ئەل تىللىرىدىن قوبۇل قىلىنغان ئاتالغۇلارنىڭ بوغۇم شەكلى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بوغۇم شەكىللىرىگە بويسۇندۇرۇلغان. مەسىلەن، بوغۇم بېشىدا ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش قاتار كېلىدىغان BBA بوغۇم شەكلى ۋە بوغۇم بېشىدا قاتار ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش، بوغۇم ئاخىرىدا بولسا بىر ئۈزۈك تاۋۇش كېلىدىغان BBAB بوغۇم شەكلى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بوغۇم شەكلىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ، بىراخما، پىراۋا، پىرىنسىپ، تىراكتور، تىراگېدىيە، خىروموسوما، دىراما شەكىللىرىدە ئېلىنغان؛ ھالبۇكى ئاۋۋالقى لۇغەتتە براخما، پراۋا، پرىنسىپ، تراكتور، تراگېدىيە، خروموسوما، دراما دەپ ئېلىنغان ئىدى. بىر مىللىي تىلدىكى كىرمە سۆزلەر شۇ تىلنىڭ بوغۇم شەكىللىرىگە بويسۇندۇرۇلماي قارىقويۇق ئەينەن قوبۇل قىلىنسا، مۇنداق سۆزلەر شۇ مىللەت ئاممىسىغا بەزىبىر ئاۋارىچىلىكنى پايدا قىلىپ قويغاننىڭ ئۈستىگە شۇ تىلنىڭ باشقا تىلغا سىڭىشىپ كېتىشىنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغان ئامىلغا ئايلىنىپ قالىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، يۇقىرىقى پىرىنسىپ بەكمۇ جايىدا بېكىتىلگەن. بۇ لۇغەتنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا «يە» بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى «ئە» ئاجىزلاشتۇرۇلمىغان، ئىلگىرىكى لۇغەتلەردە ئاجىزلاشتۇرۇلغان ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ لۇغەتتىمۇ مۇنداق بىر قانچە مەسىلە ساقلانغان: بىرىنچى، بىر خىل تىپتىكى سۆزلەرگە ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىلغان. مەسىلەن، لۇغەتتە «داڭق» سۆزىدىكى «ق» قىسقارتىلىپ «داڭ»، «داڭ چىقارماق»، «داڭ قازانماق»» «داڭ كەتمەك» دەپ ئېلىنغان ھەمدە بۇ سۆز تەۋەلىك قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەندە ئۇنىڭ «داڭقىم»، «داڭقىڭ»، «داڭقى» شەكىللىرى كۆرسىتىلگەن؛ ئەمما «پوست»، «دوست» سۆزلىرىدىكى «ت» قىسقارتىلمىغان ھەمدە ئۇنىڭ «پوست تاشلىماق»، «پوستىغا سامان تىقماق»، «پوستىغا كىرمەك» قاتارلىق شەكىللىرى كۆرسىتىلگەن. مۇنداق ئەھۋال ئەرەب- پارس تىللىرىدىن، جۈملىدىن رۇس تىلى ۋە رۇس تىلىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن باشقا تىللاردىن كىرگەن بىر قىسىم كىرمە سۆزلەردىمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ئەيىب- ئەدەپ، مەغرىب- تەشرىپ، مەۋجۇت- مەۋجۇدىيەت، مۇراد- نىجات، مۇراجىئەت- مۇختارىيەت، ئارخېئولوگىيە- فىزىيولوگىيە، زوئولوگىيە- بىيولوگىيە دېگەندەك. بۇ مىساللاردىكى «ب»نى نېمىشقا بەزەن سۆزلەردە «پ» دەپ، «د»نى «ت» دەپ، «ئ»نى «ي»دەپ ئېلىشنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئىملا پىرىنسىپى بويىچە ئېيتقاندا، بىر خىل تىپتىكى سۆزلەرگە بىر خىل ئۆلچەم قوللىنىش كېرەك، ئەگەر ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىلسىلا ئىملا بولماي قالىدۇ. ئىككىنچى، بىرىككەن سۆزلەرگىمۇ ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىلغان. مەسىلەن، چەت ئەل- كۆزەينەك، قول يازما- قولچىراغ، ئىمكان بار- ئىمكانقەدەر، ھېچ بولمىسا- ھېچبولمىغاندا، خام خىيال- قارىقويۇق دېگەندەك. ئۈچىنچى، يەنە بىر قىسىم بىرىكمە خاراكتېرىدىكى سۆزلەر ئايرىپ يېزىلىپ ئارىغا سىزىقچە قويۇلغان، يەنە بىر قىسىملىرىغا بولسا سىزىقچە قويۇلمىغان. مەسىلەن، ئەبەدىلئەبەد، شان- شەرەپ، كەڭتاشا، كەڭ- كۇشادە دېگەندەك. مېنىڭچە بىرىككەن سۆزلەرنى بىرىكىش شەكلىگە قاراپ ئەمەس، بەلكى بىلدۈرگەن مەنىسىگە قاراپ ئايرىش ۋە قارىقويۇق قوشۇپ يېزىش كېرەك. بەزىلەر «ئۆيئىچى» دېگەن سۆزنى شەكلىگە قاراپ بىرىككەن سۆز ئەمەس دەپ قارايدۇ ۋە ئايرىپ يېزىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەگەر بۇ سۆزنى بىرىككەن سۆز دەپ قارىماي، ئۇنى ئىككىگە ئايرىۋەتسەكلا، بۇنىڭدىن «ئۆيئىچى» بىلدۈرگەن مەنە تولۇق ئىپادىلەنمەيدۇ، يەنى «ئۆي» بىلەن «ئىچى»نى پارچىلاپ ئۇنىڭ خالىغان بىرىنى جۈملىگە قاتناشتۇرساق ۋە «ئۆيئىچى» دېگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلىمەكچى بولساق، ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ «ئۆيئىچى» دېگەن سۆز پۈتۈن تۇرغان چاغدىكى ئۇقۇم مۇكەممەل ئىپادىلەنمەيدۇ، ئۆيئىچى دېگەن ئۇقۇمنى تولۇق ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۇنى مۇشۇنداق پۈتۈن يازماي مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزنىڭ بېقىنىش- بېقىندۇرۇش ياكى ئىگە- خەۋەرلىك مۇناسىۋىتىدە بىرىكىشىدىن تۈزۈلۈپ، تاۋۇش ۋە مەنە جەھەتتە ئايرىلماس بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن لېكسىكىلىق بىرلىك بىرىككەن سۆز دېيىلىدۇ. ئەگەر «ئۆيئىچى»نى بىرىككەن سۆز دەپ قارىمىساق ۋە ئۇنى ئايرىپ يېزىشنى تەشەببۇس قىلساق، ئۇنداقتا، «ئۈستقۇرۇلما»، «ئىشلەپچىقىرىش» دېگەن بىرىكمىلەرنى نېمە دەپ چۈشەندۈرىمىز؟ ئەلۋەتتە ئايرىپ يازسىمۇ مەنە ئۆگەرمەيدۇ، ئەمما شەكىلدە (قۇرۇلمىدا) ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. شۇڭا بىرەر سۆزنىڭ قانداق سۆز ئىكەنلىكىنى ئايرىشتا ئۇنىڭدا ئىپادىلىنىۋاتقان مەنەگە قاراش ھەمدە ئادەتتىكى سۆزلەرگە ئوخشاش مۇستەقىل مەنە ئىپادىلىسىلا قوشۇپ يېزىش كېرەك، ناۋادا ئايرىپ يېزىش بەلگىلەنسىمۇ ئۆلچەم جەزمەن بىر خىل بولۇشى كېرەك. تۆتىنچى، شېئىرىي تىلدا ئۇرغۇ- ئاھاڭنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن بەزەن سۆزلەرنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى بوغۇملىرىدىكى «ئا» «ئى»گە ئۆزگەرمەيدىغانلىقى ئېنىق تۇرسىمۇ، لۇغەتتە بۇنىڭغا ئورۇن بېرىلمىگەن. شۇ سەۋەبتىن بەزەن خەلق قوشاقلىرى ۋە ناخشا تېكىستلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنىڭ ئۇرغۇ- ئاھاڭى ئىملادا ئېتىبارسىز قېلىنىپ ياكى «ئى»گە ئۆزگەرتىۋېتىلىپ شېئىرىي تىلنىڭ ئاھاڭدارلىقى ۋە جەلپكارلىقى تەسىرگە ئۇچرىماقتا. مەسىلەن، «تاغمۇ تاغلاردىن ئېگىز ئارغىبۇلاقنىڭ تاغلىرى، ئۈستىدە قارلار ياتادۇ ئاستىدا گۈلباغلىرى» دېگەن قوشاقنىڭ كېيىنكى مىسراسىدىكى «ياتادۇ»غا ئوخشاش سۆزلەرگە ئىملا لۇغىتىنىڭ تېكىست قىسمىدىن ئورۇن بېرىلمىگەچكە، بەزىلەر كوررېكتورلۇق قىلغاندا ئۇنى «ياتىدۇ»غا ئۆزگەرتىپ قويماقتا. بۇنىڭ بىلەن «ياتادۇ»دا ئىپادىلەنگەن ئاھاڭدارلىق پۈتۈنلەي سۇسلاپ كەتكەن. بەشىنچى، ئاخىرى «ئى» بىلەن ئاخىرلاشقان تارىخىي سۆزلەر «ي»لەشتۈرۈۋېتىلگەن. مەسىلەن، «ئەرشى» سۆزى «ئەرشىي» دەپ، «پوسكامى» سۆزى «پوسكامىي» دەپ، «كاشغەرى» سۆزى «كاشغەرىي» دەپ، «رەشىدى» سۆزى «رەشىدىي» دەپ يېزىلغان. ھالبۇكى، يەنە بىر قىسىم سۆزلەر مۇنداق يېزىلمىغان. مەسىلەن، جەئفەرى، خارەزمى، قاراقاشى، يۈكنەكى، يەسەۋى قاتارلىقلار. مۇنداق بىر خىل ئېلىنىشى شەرت قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئىككى خىل ئۆلچەمدە ئېلىنىشى ئىملا پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن ئەمەس.

ۋاقتى: 2015-11-13 11:32:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەسىپدىشىم ئابدۇرېھىم زۇنۇن ئۇيغۇر تىلى ئىملاسىغا دائىر بەك ياخشى تېمىنى يوللاپتۇ. ئۇنىڭ بۇ روھىنى قىزغىن ئالقىشلاشقا ۋە قوللاشقا تېگىشلىك. چۈنكى ئۇيغۇر تىلى ئىملاسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. مەن ئابدۇرېھىم زۇنۇننىڭ بۇ مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئالغانلىقىغا بولغان مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇنى ئەمەلىي بىر رەۋىشتە قوللاش يۈزىسىدىن تۆۋەندىكى جۈملىلەرنى يوللاپ قويدۇم. بۇ ھەرگىز  ھازىرقى ئىملا لۇغىتىمىزدىن نارازى بولغانلىق ئەمەس، بەلكى مۇندىن كېيىنكى ئىملا لۇغىتىنى تۈزگەندە پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قېلىشنى ئۈمىد قىلغانلىق، يەنە ئۇيغۇر تىلى ئىملا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلغانلىق. ئەلۋەتتە بىز كوررېكتورلۇق قىلغاندا ھازىرقى ئىملا لۇغىتىنى شەرتسىز ئاساس قىللىشنى تەكىتلەيمىز. چۈنكى ئۇنداق بولمىغاندا ئىملا باشباشتاقلىقى يۈز بېرىپ ئىملايىمىزنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تەسىرگە ئۇچراپ قېلىشى مۇمكىن.  جۈملىدىن بىز يەنە ئىملايىمىزدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ تىلىمىزنىڭ ئىملاسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.
يازغۇچىلار تورىمۇ ئۇيغۇر تىلى ئىملاسىغا كۆڭۈل بۆلۈدىغانلىقىنى بىزگە دېگەن ئىدىغۇ! شۇڭا خالىس تىلەكلەردىن چۆچۈپ كەتمەسلىك كېرەك.

   6- قېتىم تۈزۈلگەن، يەنى بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئىملا لۇغىتىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا چەت ئەل تىللىرىدىن قوبۇل قىلىنغان ئاتالغۇلارنىڭ بوغۇم شەكلى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بوغۇم شەكىللىرىگە بويسۇندۇرۇلغان. مەسىلەن، بوغۇم بېشىدا ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش قاتار كېلىدىغان BBA بوغۇم شەكلى ۋە بوغۇم بېشىدا قاتار ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش، بوغۇم ئاخىرىدا بولسا بىر ئۈزۈك تاۋۇش كېلىدىغان BBAB بوغۇم شەكلى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بوغۇم شەكلىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ، بىراخما، پىراۋا، پىرىنسىپ، تىراكتور، تىراگېدىيە، خىروموسوما، دىراما شەكىللىرىدە ئېلىنغان؛ ھالبۇكى ئاۋۋالقى لۇغەتتە براخما، پراۋا، پرىنسىپ، تراكتور، تراگېدىيە، خروموسوما، دراما دەپ ئېلىنغان ئىدى. بىر مىللىي تىلدىكى كىرمە سۆزلەر شۇ تىلنىڭ بوغۇم شەكىللىرىگە بويسۇندۇرۇلماي قارىقويۇق ئەينەن قوبۇل قىلىنسا، مۇنداق سۆزلەر شۇ مىللەت ئاممىسىغا بەزىبىر ئاۋارىچىلىكنى پايدا قىلىپ قويغاننىڭ ئۈستىگە شۇ تىلنىڭ باشقا تىلغا سىڭىشىپ كېتىشىنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغان ئامىلغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، يۇقىرىقى پىرىنسىپ بەكمۇ جايىدا بېكىتىلگەن. بۇ لۇغەتنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا «يە» بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى «ئە» ئاجىزلاشتۇرۇلمىغان، ئىلگىرىكى لۇغەتلەردە ئاجىزلاشتۇرۇلغان ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ لۇغەتتىمۇ مۇنداق بىر قانچە مەسىلە ساقلانغان: بىرىنچى، بىر خىل تىپتىكى سۆزلەرگە ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىلغان. مەسىلەن، لۇغەتتە «داڭق» سۆزىدىكى «ق» قىسقارتىلىپ «داڭ»، «داڭ چىقارماق»، «داڭ قازانماق»» «داڭ كەتمەك» دەپ ئېلىنغان ھەمدە بۇ سۆز تەۋەلىك قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەندە ئۇنىڭ «داڭقىم»، «داڭقىڭ»، «داڭقى» شەكىللىرى كۆرسىتىلگەن؛ ئەمما «پوست»، «دوست» سۆزلىرىدىكى «ت» قىسقارتىلمىغان ھەمدە ئۇنىڭ «پوست تاشلىماق»، «پوستىغا سامان تىقماق»، «پوستىغا كىرمەك» قاتارلىق شەكىللىرى كۆرسىتىلگەن. مۇنداق ئەھۋال ئەرەب- پارس تىللىرىدىن، جۈملىدىن رۇس تىلى ۋە رۇس تىلىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن باشقا تىللاردىن كىرگەن بىر قىسىم كىرمە سۆزلەردىمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ئەيىب- ئەدەپ، مەغرىب- تەشرىپ، مەۋجۇت- مەۋجۇدىيەت، مۇراد- نىجات، مۇراجىئەت- مۇختارىيەت، ئارخېئولوگىيە- فىزىيولوگىيە، زوئولوگىيە- بىيولوگىيە دېگەندەك. بۇ مىساللاردىكى «ب»نى نېمىشقا بەزەن سۆزلەردە «پ» دەپ، «د»نى «ت» دەپ، «ئ»نى «ي»دەپ ئېلىشنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئىملا پىرىنسىپى بويىچە ئېيتقاندا، بىر خىل تىپتىكى سۆزلەرگە بىر خىل ئۆلچەم قوللىنىش كېرەك، ئەگەر ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىلسىلا ئىملا بولماي قالىدۇ. ئىككىنچى، بىرىككەن سۆزلەرگىمۇ ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىلغان. مەسىلەن، چەت ئەل- كۆزەينەك، قول يازما- قولچىراغ، ئىمكان بار- ئىمكانقەدەر، ھېچ بولمىسا- ھېچبولمىغاندا، خام خىيال- قارىقويۇق دېگەندەك. ئۈچىنچى، يەنە بىر قىسىم بىرىكمە خاراكتېرىدىكى سۆزلەر ئايرىپ يېزىلىپ ئارىغا سىزىقچە قويۇلغان، يەنە بىر قىسىملىرىغا بولسا سىزىقچە قويۇلمىغان. مەسىلەن، ئەبەدىلئەبەد، شان- شەرەپ، كەڭتاشا، كەڭ- كۇشادە دېگەندەك. مېنىڭچە بىرىككەن سۆزلەرنى بىرىكىش شەكلىگە قاراپ ئەمەس، بەلكى بىلدۈرگەن مەنىسىگە قاراپ ئايرىش ۋە قارىقويۇق قوشۇپ يېزىش كېرەك. بەزىلەر «ئۆيئىچى» دېگەن سۆزنى شەكلىگە قاراپ بىرىككەن سۆز ئەمەس دەپ قارايدۇ ۋە ئايرىپ يېزىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەگەر بۇ سۆزنى بىرىككەن سۆز دەپ قارىماي، ئۇنى ئىككىگە ئايرىۋەتسەكلا، بۇنىڭدىن «ئۆيئىچى» بىلدۈرگەن مەنە تولۇق ئىپادىلەنمەيدۇ، يەنى «ئۆي» بىلەن «ئىچى»نى پارچىلاپ ئۇنىڭ خالىغان بىرىنى جۈملىگە قاتناشتۇرساق ۋە «ئۆيئىچى» دېگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلىمەكچى بولساق، ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ «ئۆيئىچى» دېگەن سۆز پۈتۈن تۇرغان چاغدىكى ئۇقۇم مۇكەممەل ئىپادىلەنمەيدۇ، ئۆيئىچى دېگەن ئۇقۇمنى تولۇق ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۇنى مۇشۇنداق پۈتۈن يازماي مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزنىڭ بېقىنىش- بېقىندۇرۇش ياكى ئىگە- خەۋەرلىك مۇناسىۋىتىدە بىرىكىشىدىن تۈزۈلۈپ، تاۋۇش ۋە مەنە جەھەتتە ئايرىلماس بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن لېكسىكىلىق بىرلىك بىرىككەن سۆز دېيىلىدۇ. ئەگەر «ئۆيئىچى»نى بىرىككەن سۆز دەپ قارىمىساق ۋە ئۇنى ئايرىپ يېزىشنى تەشەببۇس قىلساق، ئۇنداقتا، «ئۈستقۇرۇلما»، «ئىشلەپچىقىرىش» دېگەن بىرىكمىلەرنى نېمە دەپ چۈشەندۈرىمىز؟ ئەلۋەتتە ئايرىپ يازسىمۇ مەنە ئۆگەرمەيدۇ، ئەمما شەكىلدە (قۇرۇلمىدا) ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. شۇڭا بىرەر سۆزنىڭ قانداق سۆز ئىكەنلىكىنى ئايرىشتا ئۇنىڭدا ئىپادىلىنىۋاتقان مەنەگە قاراش ھەمدە ئادەتتىكى سۆزلەرگە ئوخشاش مۇستەقىل مەنە ئىپادىلىسىلا قوشۇپ يېزىش كېرەك، ناۋادا ئايرىپ يېزىش بەلگىلەنسىمۇ ئۆلچەم جەزمەن بىر خىل بولۇشى كېرەك. تۆتىنچى، شېئىرىي تىلدا ئۇرغۇ- ئاھاڭنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن بەزەن سۆزلەرنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى بوغۇملىرىدىكى «ئا» «ئى»گە ئۆزگەرمەيدىغانلىقى ئېنىق تۇرسىمۇ، لۇغەتتە بۇنىڭغا ئورۇن بېرىلمىگەن. شۇ سەۋەبتىن بەزەن خەلق قوشاقلىرى ۋە ناخشا تېكىستلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنىڭ ئۇرغۇ- ئاھاڭى ئىملادا ئېتىبارسىز قېلىنىپ ياكى «ئى»گە ئۆزگەرتىۋېتىلىپ شېئىرىي تىلنىڭ ئاھاڭدارلىقى ۋە جەلپكارلىقى تەسىرگە ئۇچرىماقتا. مەسىلەن، «تاغمۇ تاغلاردىن ئېگىز ئارغىبۇلاقنىڭ تاغلىرى، ئۈستىدە قارلار ياتادۇ ئاستىدا گۈلباغلىرى» دېگەن قوشاقنىڭ كېيىنكى مىسراسىدىكى «ياتادۇ»غا ئوخشاش سۆزلەرگە ئىملا لۇغىتىنىڭ تېكىست قىسمىدىن ئورۇن بېرىلمىگەچكە، بەزىلەر كوررېكتورلۇق قىلغاندا ئۇنى «ياتىدۇ»غا ئۆزگەرتىپ قويماقتا. بۇنىڭ بىلەن «ياتادۇ»دا ئىپادىلەنگەن ئاھاڭدارلىق پۈتۈنلەي سۇسلاپ كەتكەن. بەشىنچى، ئاخىرى «ئى» بىلەن ئاخىرلاشقان تارىخىي سۆزلەر «ي»لەشتۈرۈۋېتىلگەن. مەسىلەن، «ئەرشى» سۆزى «ئەرشىي» دەپ، «پوسكامى» سۆزى «پوسكامىي» دەپ، «كاشغەرى» سۆزى «كاشغەرىي» دەپ، «رەشىدى» سۆزى «رەشىدىي» دەپ يېزىلغان. ھالبۇكى، يەنە بىر قىسىم سۆزلەر مۇنداق يېزىلمىغان. مەسىلەن، جەئفەرى، خارەزمى، قاراقاشى، يۈكنەكى، يەسەۋى قاتارلىقلار. مۇنداق بىر خىل ئېلىنىشى شەرت قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئىككى خىل ئۆلچەمدە ئېلىنىشى ئىملا پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن ئەمەس.
  ئەلۋەتتە يۇقىرىقىلار مېنىڭ ھېس قىلغانلىرىم، ھەرگىزمۇ  ھازىرلا شۇنداق قىلىش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنداق مەسىلىلەرنى بايقىغان ئىكەنمىز جىم تۇرۇۋېلىشمۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس. كەسىپدىشىمىز ئابدۇرېھىم زۇنۇن دەل مۇشۇنداق ئاقىلانىلىكنى ياقلاپ ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇنىڭ بۇ روھىغا بارىكاللا!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-30 10:26:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىمىن يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 00:13
ئىنتايىن مۇھىم  ۋە ئىنتايىن  قىممەتلىك  بىر ماتىريال  ...




       ئەڭ ياخشىسى ھازىر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»نى كۆرۈڭ. ئۇ كىتابلار سىزنى تولۇق قانائەتلەندۈرەلەيدۇ. رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-11-30 12:48:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئابدۇرېھىم ئاكا! ياخشىمۇ  سىز ؟ بەك سۈيۈندۈم،  بۇ تېمىنى يوللاپ ياخشى قېلىپسىز  ، يازغۇچىلار مۇنبىرى باشقا مۇنبەرلەردىن پەرىقلىنىپ تۇرىشى كېرەك ، چۈنكى مۇنبەردىكى كۆپسانلىق ئۇستازلارنىڭ بىلىم سەۋىيىسى خېلى مۇكەممەل دەپ ئويلايمەن ، شۇ سەۋەپتىن بولسىمۇ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك ئىدى .  تېمىلارنى ئوقۇپ كۆرگۈنىمىزدە  ئىملا خاتالىقى بەكلا كۆپ ئىكەن ، يەنە  باشقا  ئۇستازلارمۇ كۆپرەك  ماتېريال  بىلەن تەمىنلىسە  بۇلاتتى ، يەنە  بىر  گەپ سىز ئېيتقان ھېلىقى  سۆزلۈك  لۇغىتىنى تەمىنلەش  مۇمكىنچىلىكى ب بارمىدۇ ؟

ۋاقتى: 2015-12-1 01:14:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» دەرسىنىڭ يېزىققا مۇناسىۋەتلىك بابلىرىدا قىسقارتىپ سۆزلىنىدىغان بولۇپ قالدى. مەن بۇ مەزمۇننى تېخىمۇ ئىخچاملاپ، تورداشلارنى خەۋەرلەندۈردۈم،
سىلىگە كۆپ رەھمەت

ۋاقتى: 2015-12-1 09:39:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تېمىنى ئەمدى كۆرۈپتىمەن... شۇنداقتىمۇ تېما مەزمۇنى ۋە بارلىق ئىنكاسلارنى ئاساسەن تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم... ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن....
مەنمۇ ئۇزۇندىن بېرى قانداق يېزىشنى بىلەلمەي كېلىۋاتقان بىر قانچە سۆزلەر بار.... مەسىلەن، «بارماق»، «بەرمەك» ۋە «ياتماق»، «يەتمەك» .... قاتارلىق پېئىللارنىڭ ئۆزگىرىشلىرىنى قانداق يازساق ئەڭ توغرا بولىدۇ؟ مەسىلەن ئالايلۇق... «مەن بۈگۈن پويىزدا قەشقەرگە يېتىپ كەلدىم»، دېگەن جۈملىدە قەشقەرگە كېلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ ياكى پويىزنىڭ كارىۋېتىدا يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرەمدۇ؟
مەن يۇقارقىدەك جۈملىلەردە چۈشەنچىنىڭ ئېنىق بولۇشى ئۈچۈن ئېغىز تەلەپپۇزىغا بويسۇندۇرۇپ يېزىپ كېلىۋاتىمەن. يەنى «مەن بۈگۈن پويىزدا قەشقەرگە يىتىپ كەلدىم» دېگەندەك...
ئۇستازلارنىڭ تەلىم بىرىشىنى (بېرىشىنى) ئۈمىد قىلىمەن...

ۋاقتى: 2015-12-3 11:18:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2014-2-15 19:31
ماڭا ئىملا خاتالىقى ئۇچراپ قالسا، مەزىلىك پولۇ يەۋىتىپ تاش چاينىۋالغاندەك ئارامسىزلىنىپ كېتىمەن... ...


ئىملا خاتالىقىنىڭ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغانلىقىنى جانلىق ئىپادىلەپسىز.... ئىككىمىز ئوخشاش تۇيغۇدا ئىكەنمىز... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نۇردۇنى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-3 11:19  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-30 21:56:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاتىھ يوللىغان ۋاقتى  2015-1-10 13:04
ھەي ، ئەمدى  ممەن نىمە دەي؟ بېشىم قايدى  ما سۆزلەرگە.
مە ...




            ئەڭ ياخشى چارىسى __ ئۆگىنىش.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-31 19:36:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىمىن يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 00:13
ئىنتايىن مۇھىم  ۋە ئىنتايىن  قىممەتلىك  بىر ماتىريال  ...




     ئۇ كىتابلارنى ھازىر تاپقىلى بولمايدۇ. مۇشۇ تېمىنىڭ مەلۇم يېرىدە سىزگە لازىملىق مەزمۇنلار بار. ئىزدىسىڭىز تاپالايسڭز. ئۇ ئەڭ مۇھىم ماتېرىيال. سىزگە ئامەت يار بولسۇن !

ۋاقتى: 2016-3-19 19:02:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك ئۇستازىم ، رەھمەت سىزگە .

ۋاقتى: 2016-3-24 17:54:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرمۇنچە سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى تەن ئېلىشقا بولمايدۇ!

ۋاقتى: 2016-4-3 21:06:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت بۇ مەن كىچە كۈندۈز ئوقۇيدىغان مەزمۇن كەن ...كۆپ رەھمەت .

ۋاقتى: 2016-4-3 21:06:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت بۇ مەن كىچە كۈندۈز ئوقۇيدىغان مەزمۇن كەن ...كۆپ رەھمەت .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش