ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى ۋە ئۇنىڭ رولى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-8-15 19:58:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى پات-پات ئوقۇپ تۇرۇش كېرەك!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-12 17:00:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Wolkani يوللىغان ۋاقتى  2014-5-29 03:56
مۇبارەك بولسۇن !





             رەھمەت!

ۋاقتى: 2014-9-12 21:43:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېزىق نورمىسى دىگەن بۇ نەرسە قەدەمدە ئۆزگەرتىدىغان نەرسە بولۇپ قالسا بولمايدۇ، خەنزۇ تىلىدا بۇنداق قەدەمدە بىر ئۆزگەرتىدىغان ئىملا ئىسلاھاتى مەۋجۇد ئەمەس، بەلكىم باشقا تەرەققىي قىلغانلارنىڭ تىلىدىمۇ ھەم بۇنداق ئىشلار يوقتۇر، ئەپسۇسكى، بىزدىكى بۇنداق قەدەمدە بىر ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىسلاھاتلارنىڭ مەقسىتى يېزىق نورمىلىرىمىزنى تېخىمۇ، تېخىمۇ ياخشى قىلىش، زامانغا تېخىمۇ لايىق قىلىشتۇر، ئەپسۇسكى، بىز بۇ مانچە قېتىملىق يېزىق نورمىسى ئۆزگەرتىشلىرىمىزدە مەسىلىلەر تېخى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنمىدى. سەۋەبى بىزدىكى كىمنىڭ كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەسىلىسىدە زىددىيەت ھېلىھەم مەۋجۇد، ئەلۋەتتە، بۇ مېنىڭ شەخسىي قارىشىم. مەنچە، بىزنىڭ يېزىق نورمىمىزدا چوقۇم «تۈركىي تىللار دىۋانى» قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەرىمىزدىكى قەدىمقى يېزىق نورمىلىرىمىز ئۆرنەك قىلىنىشى، ئىككىنچى قەدەمدە ئۆزبىك، قازاق، قىزغىز، تۇرك قاتارلىق قېرىنداش خەلقلەرنىڭ بىزنىڭ ھەل قىلالمىغان باش قېتىنچىلىقلىرىمىزنى قانداق ھەل قىلغانلىقىدەك تەجرىبەلىرى تەھلىل قىلىنىپ ئىجابىي ئامىللار قوبۇل قىلىنىشى، ئاندىن بىزنىڭ يەرلىك شىۋەلىرىمىزدىكى ئارتۇقچىلىقلار تەتقىق قىلىنىپ ئۇنىڭ ئىجابىي خاسلىقلىرى قوبۇل قىلىنىشى، تۆتىنچى قەدەمدە ئاندىن ئۆزىمىزنىڭكىگە ئوخشاش ئىلىپبەلىك يېزىققا ئىگە بولغان تەرەققىي قىلغان خەلقلەرنىڭ يېزىق نورماسىدىكى ماس بولغان ئارتۇقچىلىقلار ئىجابىي قوبۇل قىلىنىشى، شۇ ئاساسىدا ئۆلچەملىك تۈزۈلگەن يېزىق نورمىمىزغا پۈتۈن مىللەت تىلىنىڭ تەلەپپۇزى، يەنى، جانلىق تىلى ئامالنىڭ يېتىشىچە بۇيسۇنۇشى كېرەك.
نەۋادا بىز يېزىق نورمىلىرىمىزنى جانلىق تىلىمىزغا بويسۇنۇشى كېرەك دەپ يۈرىدىغان بولساق بىزنىڭ تىلىمىزدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەل بولۇپ قېلىپقا چۈشمەكتە يوق ئەكسىچە، بەلكىم جاھاننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بۇ زىددىيەتلەرمۇ تەرەققىي قىلىپ كېتىشى مۇمكىن.
مەنچە،سۇ دىگەن سۆز ئۈچۈنلا ئۈچىنچى شەخس قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئۇ تاۋۇشى ئۈ گە ئاجىزلىشىدۇ، ئۇنىڭغا بىر ي تاۋۇشى قوشۇلۇپ قالىدۇيەي دىگەندەك بىرمۇنچە قائىدە تۈزۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىغا تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى تەلەپپۇز نورمىسى بۇيىچە ئۇنىڭ كەينىگە بىر دانە ۋ تاۋۇشىنى قوشۇپ يازساقلا نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەل بولۇپ كېتەتتى،

ۋاقتى: 2014-9-13 18:34:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى پات-پات ئوقۇپ تۇرۇش كېرەك!

ۋاقتى: 2014-10-9 18:06:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ياخشى يوللاپلا . ھازىر ئەسەرلىرىمىزلا ئەمەس ، يول-يوللاردىكى ئېلان تاختىلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرچە خەتلەردە ساقلىنىۋاتقان ئىملا خاتالىقلىرى ئاز ئەمەس . بىز ئانا تىلىمىزنى قوغدايمىز ، سۆيىمىز دەيدىكەنمىز ، ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئىملا خاتالىقلاردىن ساقلىنىشىمىز  كېرەك .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-10 11:14:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇختار يۈسۈپ يوللىغان ۋاقتى  2014-6-16 17:14
ئەسسەلەم مۇئەللىم، يېزىقچىللىرى بەركەتلىك بولغاي.





           ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ! ئۇكام مۇختار تىچلىقمۇ؟ مەكتەپنىڭ 70 يىللىق تويىدا كۆرۈشكەنچە كۆرۈشىش نېسىپ بولمىدى. ئاللا خالىسا يۈز كۆرىشىپ قالارمىز. ساقلا بولسىڭىز قەلەمنى بىر كۈنمۇ تاشلىماڭ. بۇ تۈزمىگە پىكىر قاتناشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-10 11:18  


ۋاقتى: 2014-10-21 02:47:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تولىمۇ ئەھىميەتلىك ئەمەلى نەپ بىردىغان تىما  يوللىدىڭىز.باركاللا، ئىزدىنىشىڭىز توختاپ قالمىغاي.ئۇستاز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-25 14:50:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىما يوللىغان ۋاقتى  2014-7-13 16:43
«ئانا تىلىم ياشىسۇن »دەپ بار ئاۋازىمىز بىلەن توۋلىغان ...





        ناۋاتتەك گەپ قىلىپسىز، سىڭلىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-3 17:23:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2014-7-26 03:06
بۇ تېمىنى پات-پات ئوقۇپ قويايلى!




       مەنمۇ شۇ ئارزۇدا. رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-10 10:48:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاشتكېن يوللىغان ۋاقتى  2014-9-12 21:43
يېزىق نورمىسى دىگەن بۇ نەرسە قەدەمدە ئۆزگەرتىدىغان نە ...




     نەرسە ئەمەس، ئۇكام. ئۇ بىر خىل تىل ھادىسىسى. سىز بىلمىگەندىكىن دوراپ گەپ قىلىپ، سىلىشتۇرغىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى سىلىشتۇرماڭ. ئۆگىنىڭ، ئۆگىنىپ بىر يەرگە بارغاندا ۋە سېتىمىلاشقاندا، مۇقۇمدىلىدۇ.

ۋاقتى: 2014-11-10 10:59:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ھېيت كۈن يوللىغان ۋاقتى  2014-1-26 17:34
ئابدۇرھىم مۇئەلىمنىڭ يۇقۇرىقى تېمىنى يوللىغىنى ناھاي ...

ئەگەشتىم

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-12 12:02:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدەن يوللىغان ۋاقتى  2014-9-13 18:34
بۇ تېمىنى پات-پات ئوقۇپ تۇرۇش كېرەك!





       شۇنداق، چۈنكى بۇ يەردە جانغا ئەسقاتىدىغان بىلىم بار... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-12 12:04  


ۋاقتى: 2014-11-12 12:06:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلىۋالاي..مەن بەك پايدىلانغۇدەكمەن بۇ تىمىدىن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-12 17:27:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازلى يوللىغان ۋاقتى  2014-10-9 18:06
بۇ تېمىنى ياخشى يوللاپلا . ھازىر ئەسەرلىرىمىزلا ئەمەس  ...




        سىزنىڭ ئىملاغا دىققەت قىلىدىغىنىڭىزنى سۆزلىرىڭىزدىن بىلگىلى بولىدۇ. ئايتماتوپفنىڭ : «كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ، ئانا تىلىنى ئۇنتۇش جىنايەت» دېگەن مەشھۇر سۆزى بار. ئۇ بىر ئۆمۈر رۇس تىل-يېزىقىدا يېزىقچىلىق قىلغان يازغۇچى بولۇپ، ئاۋۇ گەپنى ئۆز ئەمەلىيتىدىن خۇلاسسىلىگەنلىكى ئېنىق. شۇڭا كەلگۈسىدە پۇشايمان قىلماسلىقىمىز ئۈچۈن، ھازىردىن باشلاپ خەنزۇ تىلى بىلەن ئانا تىلغا تەڭ ئېتىبار بېرىشىمىز ۋە ئانا تىلنىڭ ئىملا  قائىدىسىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. سىزگە كۆپ رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-12 17:28:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازلى يوللىغان ۋاقتى  2014-10-9 18:06
بۇ تېمىنى ياخشى يوللاپلا . ھازىر ئەسەرلىرىمىزلا ئەمەس  ...



     سىزنىڭ ئىملاغا دىققەت قىلىدىغىنىڭىزنى سۆزلىرىڭىزدىن بىلگىلى بولىدۇ. ئايتماتوپفنىڭ : «كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ، ئانا تىلىنى ئۇنتۇش جىنايەت» دېگەن مەشھۇر سۆزى بار. ئۇ بىر ئۆمۈر رۇس تىل-يېزىقىدا يېزىقچىلىق قىلغان يازغۇچى بولۇپ، ئاۋۇ گەپنى ئۆز ئەمەلىيتىدىن خۇلاسسىلىگەنلىكى ئېنىق. شۇڭا كەلگۈسىدە پۇشايمان قىلماسلىقىمىز ئۈچۈن، ھازىردىن باشلاپ خەنزۇ تىلى بىلەن ئانا تىلغا تەڭ ئېتىبار بېرىشىمىز ۋە ئانا تىلنىڭ ئىملا  قائىدىسىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. سىزگە كۆپ رەھمەت!
           

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش