ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى ۋە ئۇنىڭ رولى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-8 19:25:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاشتكېن يوللىغان ۋاقتى  2014-12-30 00:47
ئۇستازلىرىمىزنىڭ دەپ بېرىشىچە، مەھمۇد قەشقەرى بوۋىم ...





       شۇنداقمۇ؟ مەن كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن. ئۇچۇر يەتكۈزگىنىڭىزگە رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-4-10 13:58:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغلان530 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 15:28
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يۇقىرىقى ئىملا قائىدىسى تولۇق ئەم ...

ھەقىقى ئوغلاننىڭ مىننەتسىز ئەجىرىنى كۆردۈم،ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە ،ئۆزىڭىزنى ئاتلىق دۈشمىنىڭىزنى پىيادە قىلسۇن،ساقلاپ قويغۇدەك پايدىلانمىلار ئىكەن....

ۋاقتى: 2015-4-16 17:09:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دېدىڭىز. بۇ مەسىلە ھەققىدە تىلشۇناسلار ئارا تالاش-تارتىش تۈگىگىنى يوق. ئىلگىرى بىزدىمۇ ھەرپلەرنىڭ ئاجىزلىشىشى (نۆۋەتلىشىشى) ئاساسەن يوق بولغاچقا، تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئارا تىل ئالاقىسىمۇ قولاي ئىكەندۇق. ھازىر تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئىچىدە پەقەت بىزدىلا ھەرپلەرنىڭ ئاجىزلىشىشى بولغاچقا، نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ مەنىسى يوقلا سۆزگە ئايلىنىپ قالغان.

باھا سۆز

كۆتۈرۈپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت!  ۋاقتى: 2015-5-11 01:22 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-14 19:31:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


         بۇ ماتېرىيالنى باشقۇرغاۇچىلارنىڭ پات-پات كۆتۈتۈپ قويىشى باشقىلارنى كۆرسۇن، ئۆگەنسۇن، ئاخىرقى ھېسابتا توغرا يازسۇن ۋە تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا ئىشلەتسۇن... دېگەندىن ئىبارەت. لېكىن، كۆرۈپ چىقىدىغانلار يەنىلا بىلىدىغانلار ۋە قىزىقىدىغانلار بولىۋاتىدۇ. بىلمەيدىغانلار «ئۆدەككە سۇ يۇقمىغاندەك» ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-14 19:37  


باھا سۆز

داۋاملىق كۆتۈرۈپ تۇرىۋاتىمەن بۇ تېمىنى. ئابدۇرېھىم مۇئەللىمگە رەھمەت!  ۋاقتى: 2015-5-14 07:34 PM
ۋاقتى: 2015-5-18 20:20:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئۇستاز. ماقالىنى تولىمۇ ھاياجان ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم. تولمۇ ئەھمىيەتلىك، قىممىتى بار ئەمگەك مېۋىسىنى كۆپچىلىككە تەقدىم ئېتىپلا.
دېمىسىمۇ، بىزنىڭ شۇنچە ئاددى، ئەمما شۇنچە نەپىس يېزىقىمىزنى توغرا ئىشلەتمەسلىك، ياكى ئىشلىتىشنى بىلمەسلىك ھەممىمىز ئۈچۈن يۈز قىزارتقىدەك ئۆتكۈر سۇئال. سىزنىڭ ۋە سىزگە ئوخشاش ئۇستازلارنىڭ ئۆزلۈك ئۈچۈن باسقان ھەر بىر قەدىمى قۇتلۇق بولغاي!

ۋاقتى: 2015-7-5 19:44:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمگىكىڭىزگە بارىكاللا

ۋاقتى: 2015-7-13 19:54:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ مەن تولا كىتاب ئوقۇپ ئىملاغا دىققەت قىلىمەنۇ ،لېكىن يەنىلا ئۆلچەملەك ئىملا دا يازالمايمەن .   
قازاق دوستۇم مەندى بىرقېتىم مۇ شۇتوغرىسىدا ‹‹نىمىشقا سىلەر دە ھەرىپ ئالىمىشىدۇ ؟›دەپ سورىغاندا مەن :بۇ بەلكىم تىل تەرەققىياتى دۇر .دېسەم ئۇ مۇ ‹‹بەلكىم ›› دېدى .ھەي بىلىمسىزلىك .

ۋاقتى: 2015-8-10 20:30:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر مەسىلە ھەققىدە ئېنىقراق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەنىدىم، مۇشۇ يەردە ئۇستازلاردىن سوراپ باقسام: چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئۇيغۇر كونا يېزىقىغا كىم ياكى كىملەر باشلامچىلىق بىلەن ئۆتكەن؟ ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى كىم چاغاتاي يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلغان؟ ئېنىق ۋاقتى قاچان؟

ۋاقتى: 2015-9-8 12:18:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن مۇھىم ماتىريال مەيدانغا كەپتۇ...

ۋاقتى: 2015-9-9 11:36:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن توغرا تاپمىغان بىر سۆز بار ئۇستاز ، كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقسام ئەيىبكە بويرۇمىغايسىلەر.

  تېلېفۇن  دەيدىكەنمىز ، ئەمىليەتتە تېلېفۇن دېگەننىڭ مەنىسى _ تىل ئالاقە قورالى  ياكى شۇنىڭغا يېقىن مەنىدە تۇرسا ، نېمىشقا تىلفۇن  دېمەستىن تېلېفۇن دەپ ئاتايمىز ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-9 18:15:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېرىن1 يوللىغان ۋاقتى  2015-9-9 11:36
مەن توغرا تاپمىغان بىر سۆز بار ئۇستاز ، كۆز قارىشىمنى ئ ...



  ئىملا قائىدىسىنىڭ ئۆزىگە خاس پىرىنسىپى بولىدۇ. شۇ پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىنغان ئاساستا تۈزۈلىدۇ. سىز دېگەن ئاۋۇ «تىلفون» چەتتتىن كىرگەن كىرمە سۆز بولۇپ، مۇنداق سۆزلەرنى ئەسلىي تىلدا قانداق يازسا، ئارىيەت ئالغۇچى بىزمۇ شۇنداق يېزىشىمىز كېرەك. بولمىسا، ئەڭ ئاددىيسى ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ... چوقۇم چۈشەندىڭىز. ئەگەر يەنە چۈشەنمىگەن مەسىلە بولسا سورارسىز. رەھمەت!

باھا سۆز

توغرىسى __ تېلېفون، يان تېلېفون.  ۋاقتى: 2015-9-10 12:00 AM
چۈشەندىم .رەھمەت سىزگە .  ۋاقتى: 2015-9-9 10:35 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-18 20:03:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايشەم1 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 03:36
سىز ئىملادا خاتالاشسىڭىز ياراشمايدىكەن ،يۇقۇردا يەن ...





          ھەممىمىز دىققەت قىلساق بولىدۇ، بولۇپمۇ زىيالىيلار تېخىمۇ شۇنداق.

ۋاقتى: 2015-10-9 14:57:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئانا تىلىمىز -ئۇيغۇرتىلىدايېزىلىۋاتقان،ئېلان قىلىنىۋاتقان ۋېۋىسكا،ئېلان تاختىسى ۋە باشقا تۈرلۈك تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدا ھازىر ئىملا خاتالىقى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ بۇ مەسىلە كىشىنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى.ئەگەر موشۇنداق كېتىۋەرسە كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز بىزنىڭ گۈزەل،جەزبدار تىلىمىزدىن نۇمۇس قىلىدىغان ئەھۋاللارنى بولمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.ئابدۇرىھىم مۇئەللىم،مۇشۇ جەھەتتە ھەقىقەتەن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىشنى قىلىپسىز.بۇنىڭغا ئائىلىدىن تارتىپ جەمئىيەتكىچە بولغان ھەرقايسى ساھەلەر تەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولسا،ئىشىنىمىزكى ،ئانا تىلىمىز چوقۇم ئۆزىنىڭ ئۇزلۇقىنى،جەزبىسىنى ھەرۋاقىت چولپان يۇلتۇز كەبى داۋاملىق نامايان قىلىدۇ.
         ئابدۇرىھىم مۇئەللىم،سىزگە يەنە بىر قىتىم رەھمەت؟

ۋاقتى: 2015-10-9 16:27:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2014-2-4 11:32
ئۇكام سەبۇرى، دېگەنلىرىڭىز توغرا. ئاۋۇ گەپنى تېخ ...

بۇ  چۈشەندۈرۈشلەردىن ئانا تىلغا خىلى ھۆرمەت قىلىنغانلىقى چىقىپلام تۇرىدۇ...

ۋاقتى: 2015-10-9 16:50:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم مۇئەللىمنىڭ بۇ تېمىسى بىلەن كىيىن تولۇقلاپ  يوللانغان تېمىنى بولسا باش بەتنىڭ
كۆرىنەرلىك يېرىگە يورۇتۇپ قويسا بولغۇدەك.
كۆز ئالدىمىزدا داۋاملىق بولغاندىكىن پات-پات كۆرۈپ،پايدىلىنىشىمىزغا قولايلىق بولاتتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەمەتجان يۈسۈپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-9 16:51  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش