ئەزىز ھېيت كۈن يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 14:51 
سىز دەۋاتقان پىكىر كوردىناتى ۋە كۈزىتىش ئۇسۇلى ئەدەبى ...
ئالدى بىلەن ،پەنشۇناسلىقنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىدىن بىرى، دەل سىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چىن ئىلىم-پەندىن ھەقىقى خەۋەرسىز قېلىۋاتقان قولىدا قەلم تۇتىدىغان يازارلارغىمۇ پەننى ئومۇملاشتۇرۇپ،ئۇلارنىڭ چوڭ ئىلىم-پەن ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلاردىكى ئىلىم-پەن ساۋاتسىزلىقى، ئىجادىيەتلىرىدىكى بىلىم قەھەتچىلىكىنى تۈگۈتىشتىن ئىبارەت.
بۇ يەردا تولىمۇ قورقۇنۇشلۇق بىر سانلىق مەلۇمات بار،بەلكىم بۇنى دەپ بەرسەم بەزىلەر بۇ بەك ئاشۇرۋەتكەنلىكمۇ قانداق دەپ ھەيران قىلىشى،ھەتتا چۆچۈپ كېتىشى مۈمكىن. بىراق بۇ ئىنكار قىلغۇسىز رېئاللىق؛ يىقىندا جۇڭگونىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسى ۋە ۋادروت بومبىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا قاتناشقان مەشھۇر زەررىچە فىزىكىسى ئالىمى،نەزەرىيە فىزىكىسى ئالىمى ،ئاكادېمىك خې زوشيۇ: ”جۇڭگودىكى80%ئارتىس ۋە سەنئەتكالار ئىلىم-پەندىن ساۋاتسىز. “ دەيدۇ.ئەجەبا بۇ يالغانما؟جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى پۇخرالارنىڭ ئىلىم-پەن بىلەن تەربىيەلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە،ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ئىلىم-پەن بىلەن تەربىيەلىنىشنىڭ ئۆلچەمگە يېتىشى ئاران(ئەڭ يېڭى مەلۇمات)3.5%گە يەتكەن،بۇ نېمە دېگنلىك؟بۇ دېگەنلىك مۇتلەق كۆپ ساندىكى جۇڭگولۇق ئىلىم-پەن تەربىيەلىنىش ئۆلچىمىگە يەتمىگەن، 96.5% ئادەم ئىلىم-پەندىن ساۋاتسىز،ئاران 3.5% جۇڭگولۇق ئەقەللىي ئىلىم-پەن بىلىملىرى ۋە ئىلىم-پەن روھىدىن خەۋەردار دېگنلىك بولىدۇ.بۇنى تېخىمۇ ئامبىباپلاشتۇرساق 96.5% جۇڭگولۇق «ئىلىم-پەندىن ساۋاتسىز»دېگەنلىك بولىدۇ.” پۈتۈن مىملىكەت بويىچە ئومۇمى خەلقنىڭ ئەھۋالى شۇنداق تۇرسا، ئۆمۈر بويى بىرەر پارچە پەننى كىتاب ئوقۇمايدىغان، باشلانغۇچ، ياكى تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا نوقۇل كەسپىي سەنئەت تەربىيەسىگە كىرىشىپ كەتكەن، ئۆيىدە بەش پارچە ئىلىم-پەنگە دائىر كىتاب چىقمايدىغان سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى زادى قانچىلىك بولماقچى؟ ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى(ئەدەبىياتچىلىرىمىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) تېخىمۇ ئېچىنىشلىك ئەلۋەتتە. بۇ ھەقتە مەنمۇ بەزى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان، بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى تىلغا ئېلىشتىن ئۇيىلىمەن. قالدىسىنى ئوقۇرمەنلىرىمىز ھىسياتى بىلەن ئەمەس، ئۆز ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىلمىي ۋىجدانى بىلەن ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ. قىسقى بىزنىڭ ئىلىم-پەننى كۆزگە ئىلمايدىغان،ئۆزىمىزگە تەماننا قويۇدىغان، بېرىلىپ ئۆگەنمەيدىغان ھىچقانداق ھەققىمىز ۋە ئاساسىمىز يوق.ئالىملىرىمىز-ئىلىمدارلىرىمىز، تاراتقۇلىرىمىزنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئىغىر، مۇساپە بەكلا يىراق.
ئۇندىن باشقا، سىزچە ناۋادا، ئەدەبىياتمۇ كەسكىن مەنىدىكى «پەن» ھىساپلانسا، ئۇنداقتا، پەنشۇناسلىقنىڭ يەنە بىر ۋەزىپىسى،پەنلەرگە بولغان ئىلمىي تەپتىشلىك ۋە يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ،شۇ پەنلەرنىڭ ئەقەللىك ئاجىزلىقى ۋە نۇقسانلىرىنى بايقاپ -كۆرسىتىپ،شۇ پەنلەرنىڭ ساغلام سىجىل ،ئىلمىي تەرەققىياتىنى ئەقلىي مەدەت ۋە روھى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىن ئېتىشتىن ئىبارەت. سىزچە بۇمۇ بىرخىل بىمەنىلىكمۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilikyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-30 10:27