كۆرۈش: 4358|ئىنكاس: 51

بىلىكيار: نەزەرىيە ئەمالىقىنى تۈگىتىش، ئەدەبىياتىمىزدا يېڭى يۈكس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 3370
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 12979
تۆھپە : 10
توردا: 1082
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-20 14:39:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



نەزەرىيە ئەمالىقىنى تۈگىتىش، ئەدەبىياتىمىزدا يېڭى يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى

                 غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار

(شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك رادىيو–تېلېۋىزىيە مەكتىپى قاغىلىق تارمىقىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى)

قىسقىچە مەزمۇنى: ئەسەردە مۇئەللىپ، يېقىندا شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئەدەبىيات نەزەرىيەسى» ناملىق كىتابنى ئوقۇشتىن ئالغان تەسىرات ۋە ئىلھاملىرى ئاساسىدا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان «نەزەرىيە ئەمالىقى» ئېغىر، ئەسەرلەردىكى تەبىئىي پەن روھى يېتەرسىز بولۇش؛ ئۆزلۈك داۋرىڭى كۆپ، نەزەر دائىرە تار، سەۋىيە تۆۋەن بولۇش؛ پىكىرلەردە ئىدىيەۋىلىك، يېڭىلىق، چىنلىق، رېئاللىق ۋە ئىلىم-پەن پۇرىقى كەمچىل بولۇشتەك بىر تالاي مەسىلىلەر ۋە ئۇنىڭ مەنبەسىنى ئىلمى ئانالىز قىلىپ، ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنى ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ئۆگىنىش ۋە ئىلىم-پەن جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ساپانى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، ئىنسانىي كامىللىق بويىچە تاۋلىنىشنىڭ تۆۋەنكى پەشتىقى بولمىش ئۆزلۈكنى تونۇپ ئۆزلۈكتىن ھالقىش، ئالەملىك نەزەر بىلەن، ئۆزىنى دۇنياۋى بىرلىك ۋە ئىنسانىيەت يۈكسەكلىكىگە قويۇپ تۇرۇپ، خەلقئارا سەۋىيەدىكى، ئۇيغۇرغا، جۇڭگوغا، دۇنياغا، ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان، دۇنياۋى زاماندار تەپەككۇر-تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلغان.


ئاچقۇچلۇق سۆز: «ئەدەبىيات نەزەرىيەسى»؛ ئۆگىنىش؛ تەبىئىي پەن روھى يېتىلدۈرۈش؛ ئۆزلۈكتىن ھالقىش؛ يېڭى ھالقىش ۋە تەرەققىيات


ئادەم ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى قانداقتۇر كۈنىمىزدىكى كونكرېت بىلىملەر بولماستىن، ئىلىم ئېلىشقا بولغان ئىشتىياق ۋە ئۆز قەلبىنىڭ دەسلەپكى ھەم ئاداققى ھۆرلىكىدۇر.
پەن مائارىپ بىلەن ھەپىلىشىدىغان كىشى بولغانلىقىمدىن، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇپ نەشر قىلغان، ئامېرىكىلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ۋە ئوبزورچى رېنى ۋېلېك بىلەن ئوستېن ۋارن بىرلىكتە يازغان مەشھۇر ئەسەر: «ئەدەبىيات نەزەرىيەسى» ناملىق كىتابنى ئوقۇپ چىقتىم. بۇ بىر ئەسىر ئىلگىرى يېزىلغان كىتاب بولسىمۇ، ئەدەبىيات ساھەسى ئۈچۈن ناھايىتى يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە، تەتقىق قىلىش ۋە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە قورال كىتاب بولۇپ، ئۆزىنى ئەدىب ھېسابلايدىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ بىر قېتىم قېتىرقىنىپ ئوقۇپ چىقىشىغا ئەرزىيدىغان ئەدەبىيات نەزەرىيەسىگە دائىر ئومۇمىي بايان ۋە ئاساسىي نەزەرىيە خاراكتېرلىك ئېسىل دەرسلىك دېيىش مۇمكىن. مېنىڭچە، بۇنى ئالىي مەكتەپ ئەدەبىيات كەسپىدىكىلەرنىڭ زۆرۈر ۋە قوشۇمچە ئوقۇشلۇقى قىلىپ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ. كىتاب ئوقۇرمەنلەرنى ئوخشىمىغان ئىدىيە ۋە ئىلمىي ئېقىملار بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغان، ئەتراپلىق تەربىيەلىنىشى ۋە نەزەرىيە جەھەتتىن تاۋلىنىشىغا ياردەم بېرىپ، ئەدەبىياتقا بولغان تونۇش ۋە چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا كەم تېپىلىدىغان نادىر دەرسلىك بولالايدۇ، دەپ قارىدىم.
تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ «ئەدەبىيات نەزەرىيەسى» ھەققىدىكى دەسلەپكى تەسىرات ۋە ئىلھاملىرىمىنى تۆۋەندىكىچە دوكلات قىلىپ ئۆتىمەن. ئوتتۇرىغا قويغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ توغرا بولۇشى ناتايىن. كۆپچىلىكنىڭ «سۆزلىگۈچىدە ئەيىب يوق، ئاڭلىغۇچى ئىبرەت ئالسۇن» دېگەن پىرىنسىپ بويىچە مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
1. كىتابنىڭ ماڭا بەرگەن تۇنجى تەسىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدىكى نەزەرىيە ئەمالىقى ۋە ئىلىم-پەن ساۋاتسىزلىقىدىن قۇتۇلۇشنىڭ نەقەدەر تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلىش بولدى. ئەدەبىياتچىلىرىمىز كەسپىي نەزەرىيە بىلىملىرى ئۆگىنىش ۋە ئىلىم-پەن جەھەتتىن ئۆزىنى تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش ـ ئىلمىي نەزەرىيە ئەمالىقىنى تۈگىتىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدە ئالەملىك نەزەر بىلەن دۇنياۋى سەۋىيە يارىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، شۇنداقلا ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە بولۇپ تۇرماقتا. شۇڭا، بارلىق ئەدىبلەر ۋە ئۆزىنى ئەدىب ھېسابلايدىغانلار چوقۇم تىرىشىپ ئۆگىنىپ نەزەرىيە ئەمالىقىنى ۋە بىلىم قەھەتچىلىكىنى قەتئىي تۈگىتىشى ھەم تۈگىتىشنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. «ئەدەبىياتتىكى نەزەرىيە ساۋاتسىزلىقى» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە «تارىم» ژۇرنىلى، ئۆزىنىڭ نوپۇزلۇق ئورگان ۋە سەركىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرماقتا. بولۇپمۇ، «تارىم» ژۇرنىلى ژۇرنال يۈزىدە مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىپ تەربىيەلەش، تۈرلۈك مۇنبەر، مۇھاكىمە ۋە يىغىن شەكىللىرىدىن پايدىلىنىپ يازارمەن ۋە ھەۋەسكارلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. يىغىن ۋە مۇھاكىمىلەرنىڭ دەرىجىسى ۋە قاتلاملىقىنى ئۆستۈرۈش بىلەن پىشقان، تەجرىبىلىك ئۇستازلارنى ئالدىن مەخسۇس تېمىلىق تەييارلىق قىلغۇزۇپ، دوكلات ۋە لېكسىيە بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇش، لېكسىيە ماتېرىياللىرىنى بېسىپ تارقىتىپ بېرىشتەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەۋەسكارلارنى ماتېرىيال ئارقىلىق تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مېنىڭچە، بۇنىڭ ئۈنۈمىنى ھەرگىز تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.
پەن شۇناسلىق نۇقتىسىدىن شۇنداق كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، پۇختا نەزەرىيە سىستېمىسى بولمىغان ھەر قانداق پەن مۇكەممەل پەن سۈپىتىدە دۇنيا ئىلىم مۇنبىرىدە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، نەزەرىيەدىكى ئەمالىق ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنى تۇيۇق يولغا باشلايدۇ. «ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيەسىنى بىلمەسلىك ھەم ئۆگىنىشكىمۇ قىزىقماسلىق، ئادىمىيەت، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى ئىلىم ئىگىلىرىدە ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر ئېغىر مەسىلە.»[2] ھەر بىر ئىلىم ئەھلىگە نىسبەتەن ئۆزى مەشغۇل بولۇۋاتقان شۇ پەننىڭ نەزەرىيەسىنى پۇختا بىلمەسلىك ئۇ كىشىنى ئىلىم-پەندىكى تۇيۇق يولغا باشلاپ، شۇ ئىلىمنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقالماس قىلىپ قويىدۇ. قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ، سەمىمىي، ئەستايىدىللىق بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلىپ نەزەرىيە ئۆگىنىشىمىز، جۈملىدىن بارلىق پەنلەرگە ماس كېلىدىغان ۋە يېتەكچىلىك ئورۇندا تۇرىدىغان ئاساسىي نەزەرىيەلەرنى جەزمەن ياخشى ئۆگىنىشىمىز، ئاندىن ئۆزىمىز مەشغۇل بولماقچى بولغان ساھە ۋە شۇ كەسىپنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەلىرىنى چوقۇم پۇختا ۋە ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پەن-تەتقىقات ۋە ئىلمىي ئىجادىيەت ئۈچۈن مۇستەھكەم ئۇل سېلىشىمىز لازىم.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ كىتاب ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا ئالاقىدار تەتقىقات كاتېگورىيەسى، پىرىنسىپى، ھۆكۈم قىلىش ۋە باھا بېرىش ئۆلچىمى، ئۇسۇلى، تايىنىش ئاساسى، ئومۇمىي بايان ۋە ئاساسى نەزەرىيەلەر تولىمۇ ئەتراپلىق، چوڭقۇر ھەم مۇپەسسەل تونۇشتۇرۇلغان ناھايىتى يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە نادىر ئەسەر. كىتابنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتتىكى قىممىتى يۇقىرى، ئاپتور ھەر بىر يېڭى قاراش ۋە ئاساسىي ئىدىيە، ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغاندا، ئالدىنقىلارنىڭ نوپۇزلۇق، تىپىك قاراشلىرىنى ئەسلەش  يولى بىلەن ئۆزىنىڭ قارىشىنى دەلىللەش ۋە كۈچەيتىشنى ماھىرلىق بىلەن بىرلەشتۈرگەن. بۇ جەھەتتە نەقىل ئېلىشنى بىلمەي، خىيالىغا كەلگىنىچە بىر نېمىلەرنى دەپ ئادەتلىنىپ كەتكەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتچىلىرى ئۈچۈن تىپىك ۋە نادىر ئۈلگە دېيىش مۇمكىن. ئالايلۇق، كىتابتا، ئاساسلىق پايدىلانما؛ نەقىل ئالغان ھەر بىر مەزمۇننى باب، پاراگرافلار بويىچە مەخسۇس ئىنچىكە، تەپسىلىي ۋە ئەستايىدىل رەتكە تۇرغۇزۇپ، شۇ بابنىڭ ئاخىرىغا ئورۇنلاشقان. 671 بەتلىك كىتابتا، تەخمىنەن 626دىن ئارتۇق نەقىل ئىلىنغان بولۇپ، پايدىلانمىنىڭ كېلىش مەنبەسىدىن ئىنتايىن تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىلىپ، كېيىنكىلەرنىڭ سېلىشتۇرۇپ ئۆگىنىشى ئۈچۈن تەتقىقاتىنى كۈچلۈك ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن.
مەن تەبىئىي پەن روھىغا باي تەپەككۇر ئىگىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەرقانچە ئالدىراش بولساممۇ، ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات يۈزىسىدىن ئەدەبىيات نەزەرىيەسى تەتقىقاتى، ئەدەبىي ئوبزورلار ۋە ئەدەبىيات تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك نادىر ئەسەرلەرنى ئىزدەپ سوراپ ئوقۇيمەن. بىزنىڭ بىر قىسىم ئەدىبلىرىمىز مەيلى قايسى خىلدىكى تەتقىقات ئەسەرلىرى بولسۇن، ئۆلچەملىك نەقىل ئېلىشنى بىلمەيلا قالماستىن، مەنبەلەرنى دەل توغرا ئەسكەرتىشنى بىلىدىغانلارمۇ بەكلا ئاز ھەم ئۆلچەمسىز. ھەتتا بەزى ئەدىبلەر خېلى ۋەزىنلىك يېڭى ۋە زاماندار ئىلغار پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ-يۇ، ئالدىنقىلار ۋە كىلاسسىكلاردىن نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆز كۆز قاراشلىرىنى دەلىللەش ۋە ئۆز ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ يورۇتۇپ بېرىشنى بىلمىگەنلىكى ياكى تىل پاساھىتى ۋە بالاغىتى جەھەتتە جەڭگىۋارلىقى ھەم جەلپكارلىقى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، پىكىرلەردە ئالەملىك ماكرو نەزەر، ئىنسانىيەت يۈكسەكلىكى خەلقئارا ئۆلچەم ۋە دۇنياۋى سەۋىيە دېگەنلەردىن سۆز ئاچقۇچىلىكى يوق. بۇ يەردە، خەلقئارا مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن ئەدەبىيات دوكتورى ئەسئەت سۇلايماننىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ناملىق ئەسىرىنى مىسال قىلساق، ئۇ ئەسەردە شۇنداق ئېسىل زاماندار ئىلغار دۇنياۋى پىكىرلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ئۇنى ئالەملىك نەزەر ئىنسانىيەت يۈكسەكلىكى ۋە خەلقئارا بىرلىككە قويۇپ تۇرۇپ، دۇنيا ئىلىم ئوربىتىسى بىلەن ماس قەدەملىك تەتقىق قىلالمىغان؛ ئۇيان چۆرگۈلەپ، بۇيان چۆرگۈلەپ، يەنىلا شۇ ئۇيغۇرنىڭ تار ھەم تۆۋەن سەۋىيەدىكى مەھەللىۋى مەدەنىيەت رامكىلىغىدىكى ئىپتىدائىي ئۆزلۈك (ئۇيغۇرنىلا مەركەز قىلغان مىللىي پىسخىكىسى)نىڭ كونتروللۇقىدىن ھالقىپ ئۆتەلمەي پىكىر يۈرگۈزگەن ۋە دۇنيانى ئاشۇلارنىڭ ئۆز تىلى بىلەن ئەمەس، ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن تونۇشتۇرۇش سەۋىيەسىدىلا توختاپ قېلىپ، ئۆز پىكىرلىرىنى خەلقئارا پەن-تەتقىقات رېلىسى بىلەن جىپسىلاشقا سەل قارىغان. ھەتتا كىتابنىڭ ئاخىرىدا ھېسسىيات جەھەتتىن يېگانە قىلىپ گاڭگىراش-تېڭىرقاش، ياتسىراشقا دۇچ كەلگەن.
يەنە بەزى ئاپتورلار كىتابنىڭ ھەجىمىنى ئاۋۇتۇشنى مەقسەت قىلامدۇ، كىتابنىڭ باش تېمىسى ئانچە قىلچە مۇناسىۋەتسىز ـ ئائىلە ۋە تۇرمۇشقا ئالاقىدار خۇسۇسىي پاراڭلارنىمۇ ئاتايىتەن قىستۇرۇپ قويۇشىدۇ. تەتقىقات خاراكتېرىنى ئالغان ئەسەرلەرگە ئۇنداق مەزمۇنلارنى قىستۇرۇپ قويۇش بىمەنىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. دۇنياۋى ئىلىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان لوندونغا بېرىپ دۇتار بىلەن ناخشا ئوقۇشۇپ ئۆزىمىزنىڭ تۇغما غەزەلخان مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى نامايان قىلمىساقمۇ، ئاران دېگەندە بىرقانچە ئىلغار زىيالىي ۋە ئىلىم سەرخىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ دىدار مۇلاقەتتە بولىۋاتقاندا، ئۇلار قىلىشقۇدەك، ئۇيغۇرغا، دۇنياغا، ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان زاماندار ئىلمىي پىكىرلەر يوقمۇ؟ ياكى بىزنىڭ مەدەنىيەت چۈشەنچىمىز شۇنچىۋالا خۇنۈكمۇ؟ دوكتورلىرىمىزنىڭ ساپاسى شۇنچىلىك بولغاچقا، ئىلىم-پەنگە ئېرىنچەك، ناخشا-ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن، ئىلىم-ئىرپاندا چولتا، نەزەر دائىرىمىزنىڭ تارلىقىنى دۇتار بىلەنلا تۈگەتمەكچى بولغىنىمىزمۇ؟ بۇ مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ئويلاپ بېقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. كىتابتا يەنە ياۋروپانىڭ رەڭگارەڭ يالتىراق نەرسىلىرى بىلەن ياشلارنىڭ كۆزىنى ئالىچەكمەن قىلىشنى خالىمىغان ئىكەن، نېمە ئۈچۈن ياۋروپانىڭ ئىلىم-پەن، رىقابەت ۋە ھەمكارلىق روھىغا تولغان ياۋروپالىقلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى كۈچلۈك تەبىئىي پەن روھى، ئېتىكا قارىشى ۋە سەمىمىيلىكى، ئۆزگىچە رىقابەت ۋە ھەمكارلىق ئېڭى، ئۆگىنىشچان ئادەم ۋە ئۆگىنىشچان جەمئىيەت قۇرۇش جەھەتتىكى ئۆزگىچە خاسلىقى، ئىجادكارلىقى، ئىلىمنى ۋە ئىلىملىكلەرنى، ئىجادنى قالتىس ئۇلۇغلاش، كەسىپنى قەدىرلەپ ئىش ئورنىنى سۆيۈش روھى قاتارلىقلارنى خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت چۈشەنچىسى، ئەقىدە-ئېتىقادلىرىغا تاقاپ تۇرۇپ چوڭقۇر قاتلاملىق سېلىشتۇرما تەتقىقات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يۈرگۈزمەيدۇ؟ كىملىكنى چىن مەنىدىن نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئۆزلۈكىمىزنى تونۇپ، ئۆز ئورنىمىزنى توغرا بەلگىلەپ، ھېسسىياتچانلىق ۋە تار مەنىدىكى  مىللەتچىلىك روھى ھالەت ۋە ھەرىكەت پىسخىكىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى قانداق قىلىپ ئۆزىمىزنى «يەر شارى كەنتى»نىڭ بىر ئاھالىسى، ئىنسانلار تۈر توپىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە ھەزرىتى «ئادەم» بىلەن «ھەۋۋا»نىڭ پۇشتى دەپ قاراپ (ئالەملىك نەزەر ئىنسانىي بىرلىك ئىچىگە قويۇپ تۇرۇپ)، بارلىق ئىنسانىيەت بىلەن ئوخشاش بىر ئوربىتا ۋە ماس قەدەملىك تەپەككۇر-تەتقىقات ئېلىپ بارالمايمىز؟ ئەجەبا تەڭرى بىزگە ھېسسىياتچان سەنئەتخۇمارلىقنىلا قالدۇرۇپ، ئەقىل-پاراسەت ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ياۋروپالىقلارغىلا تەقسىملەپ بەرگەنمۇ؟
پىروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىندا پىكىر ئىزچىللىقى كەمچىل بولۇپ، ئۆزىنىڭ پىكىر ۋە ئىدىيەسىنى تاۋلاپ-پۇشۇرۇش ئۈچۈن غەربنىڭ، جۇڭگونىڭ، جۈملىدىن خىرىستىيان، بۇددا-كۇڭزى، ياپون-ساماۋىيخان روھى ۋە ئىسلام مەدەنىيەتلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ھەزارەت-مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئىدىيەسى ۋە پىكىرىنى تاۋلىماقتا؛ گەرچە سىستېمىلىق بولمىسىمۇ مەۋقەنى رېئاللىققا قويۇپ، ئەل قەلبىگە يېقىنلىشىپ كۆپ تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق ئىزدەندى. بولۇپمۇ، ئۇ بىر ئىجتىھاتلىق شائىر، ئەدەبىياتشۇناس، مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز كەسپى بولغان ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا مەسئۇلىيىتىنى نەمۇنىلىك بىلەن ئادا قىلىپلا قالماستىن، ئۇيغۇرنىڭ ئەقلىي ئويغىنىش، ھەمكارلىق، يېڭىلىق يارىتىش، تەبىئىي پەن ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىپ، ئىلىمدارلاردىكى ئەبگارلىق، جانباقتىلىق، ئىناقسىزلىقنى قامچىلاپ، ئىلىمدارلار ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۆپ ئەجىر قىلدى؛ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ مەخسۇس ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭلا دەۋەتخانىسى بولۇپ قالماستىن، تەبىئىي پەن ئالىملىرىنىڭمۇ مۇلاھىزە-مۇھاكىمە سورۇنىغا ئايلىنىشىنى تەكىتلەپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، مەۋقەنى كۆز ئالدىمىزدىكى رېئال ئاددىي ۋە كىچىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ تۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىجادىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تەپسە تەۋرىمەس ئىلىمدارلارلىرىمىزنى ئىندۇكسىيەلەپ، كەڭ ئاۋامنى كۆپ تەرەپلىمە مەنپەئەتلىك ئىلمىي زەرەتلەپ، زور ئىجتىمائىي ئۈنۈملەرگە ئېرىشتى. شۇڭا ئاۋام ئۇنى ئەتىدىن كەچكىچە كىتاب غاجىلاپ، ئۆلۈك يادىكەشلىك بىلەن ۋاقتى ئۆتكەن بىلىم لاتقىلىرى، قۇرۇق شۆھرەت ۋە زىغىردەك ئاقماس ئەمەل-مەنسەپلەر ئارىسىغا غەرق بولۇپ، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ھاياتى ۋە گۆھەردەك بىلىمىنى ئىسراپ قىلىپ، ئەلگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزەلمەيۋاتقان «ئالىم، مۇتەخەسسىس ۋە دوكتور، پىروفېسسور، تەتقىقاتچى» دېگەنلەردىن بەكرەك ھۆرمەتلەيدۇ. ئۇنىڭ «مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى» دېگەن ئەسىرىدە «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» دېگەن ئەسەرگە قارىغاندا خېلى زور ئىلگىرىلەش بار دېيىش مۇمكىن. بىراق، ئىدىيە-پىكىرلەردە ئاساسەن يېڭىلىق يارىتىش كەمچىل بولۇپلا قالماستىن، ئىزچىللىق ۋە خاسلىق ئاز. شۇڭا، ئابدىقادىر جالالىدىن ئەپەندىممۇ پىكىر ۋە ئىدىيەلىرىنى سىستېمىلاشتۇرۇشقا قاراپ يۈرۈش قىلىشى، ئىلمىي ئىجادىيەتتىكى ياپساچىلىق، مۇرەسسەچىلىك پوزىتسىيەسى ۋە قىسقا مۇددەتلىك خاھىشىدىن يىراقلاپ، چوڭقۇرلۇق ۋە خاسلىققا قاراپ ئىلگىرىلىشى، شەيئى ۋە مەسىلىلەرنى ھادىسىدىن ئەمەس، ماھىيىتىدىن، تەبىئىي خۇسۇسىيىتىدىن چۈشەندۈرۈشكە، پىكىرلەرنىڭ تارىخ سىنىقىدىن ئۆتەلىگۈدەك ئەبەدىيلىكى ئۈچۈن تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ.
ئەسئەت سۇلايمان قانداقلا بولمىسۇن ئىنسانىي كامىللىق ئۈستىدە بىر قەدەر سىستېمىلىق ئىزدەنگەن تەپەككۇرى چوڭقۇر ياش دوكتور بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنسانشۇناسلىق ۋە مەدەنىيەتشۇناسلىقنىڭ ئېتنوگرافىيەلىك باسقۇچىدىن ھالقىپ، ئىجتىمائىي ۋە زامانىۋى ـ مەدەنىيەتلىك مىللەت باسقۇچىغا ئۆتۈش ئۈچۈن جىددىي كېرەك بولغان «ئۆزلۈك»نى بايقاشتىن ئىبارەت ئىپتىدائىي ۋە ئۆتكۈنچى ئۇقۇملارنى تۇرغۇزۇپ، زاماندار ئىختىراۋى مىللەت بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، ئۆگلۈككە يېتىش ۋە ئۆگلۈشۈشنىڭ دەسلەپكى پىكىر سىستېمىسىنى، ئىپتىدائىي باسقۇچىدىكى ئاساسىي ئىدىيە ھەم پىكىر سىستېمىسىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشتى. بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماي، داۋاملىق بۇ خىل چوڭقۇرلۇق ۋە كەڭلىككە قاراپ ئىلگىرىلىمىكى لازىم. چۈنكى «ئۆزلۈك» ئۇقۇمى گەرچە قارىماققا بىر ئاز ئىلگىرىلىگەن(ئىلغار) ۋە جەڭگىۋارلىققا ئىگە ئۇقۇمدەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۆزىنى مەركەز قىلىدىغان چېكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىكنى تەرغىب قىلىدىغان ئۆتكۈنچى ئۇقۇم بولۇپ، ئۇنىڭ ئالىي باسقۇچى «ئۆگلۈك»كە قاراپ چوڭقۇرلىشى ۋە ئۆگلۈشىشىگە توغرا كېلىدۇ.
شۇنىڭغا ئوخشىغان ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بىزنىڭ خېلى ئىستېداتلىق ئەدەبىياتچىلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىچە ناھايىتى يۇقىرى ئەقىل-پاراسەت ۋە ئەمگەك سەرەپ ئەتتىم دەپ پەخرىلىنىدىغان «مەشھۇر» ئەسەرلىرىمۇ ئىلمىي قىممىتى يوق ياكى تۆۋەن دەپ قارىلىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبلىك، ئېلىمىز ۋە چەت ئەللىك ئىلىمدارلارنىڭ ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ يازمىلىرىدىن پايدىلىنىپ نەقىل ئالغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك مەلۇماتلار ئاساسەن يوق. مەن بۇ ھەقتە ئېلىمىزنىڭ بىر قىسىم ئىلىمدارلىرى ۋە پەن تەتقىقات ساھەسىدىكىلەر بىلەن پىكىرلەشكىنىمدە، ئۇلار ئېنىق قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلى ئۆلچەمسىز، سەۋىيە تۆۋەن، تەكرار ئەمگەك كۆپ، دۇنيا بىلەن ماس قەدەملىك ئىلگىرلەش، مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىپ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا سەل قارىغانلىقتىن يېڭىلىق يوق، بولغاندىمۇ ئىپادىلەش ۋە ئىسپاتلاشقا سەل قارالغانلىقتىن، پايدىلىنىشقا ئامالسىزمىز دېگىنىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغانمەن. بۇلارنى ئوبدانراق ئويلاپ باقساق، مەسىلە يەنىلا ئۆزىمىزدە بولۇپ، تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، بۇ يەنىلا نەزەرىيە ئەمالىقى ۋە شەخسىيەتچى ئۆزلۈككە بېرىپ تاقىلىدۇ.
بۇ يەردە مۇنداق بىر مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن، بىر قانچە يىل بۇرۇن مەلۇم ناھىيەدىكى بىردىنبىر مىللىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھېسابلىنىدىغان مەكتەپنىڭ مۇدىرى شۇ مەكتەپنىڭ 18 نەپەر ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىدىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە زادى قانچىسىنىڭ «قوتادغۇبىلىك» ۋە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرۈك»نى تولۇق تۈگىتىپ ئوقۇپ باققان-باقمىغانلىقنى سورىغاندا ئۇلاردىن ئاران بەشىنىڭ ئاز-تولا ئوقۇغانلىقى، بۇنىڭدىن پەقەت ئىككەيلەننىڭلا تەپسىلىي ئوقۇپ تۈگەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدىم. دەل مۇشۇ پاراڭ بولۇۋاتقاندا يەنە بىر ئۈلپىتىم يېنىمغا كىرىپ كەلدى ۋە سۆز قىستۇرۇپ: غەيرەتكا، يەنە ئاشۇ ئەدەبىياتچىلاردىن سوراپ باقايلىچۇ، ناۋادا ئۇلاردىن قايسى بىرى ئاشۇ كىلاسسىكلارنىڭ ئاساسىي روھى ماھىيىتىنى سېلى-بىزنى قايىل قىلالىغۇدەك قىلىپ مۇلاھىزە خاراكتېرلىك بايان قىلىپ بېرەلىسە، شۇنى بىر شىرە زىياپەت بېرىپ مېھمان قىلايلى! دېۋىدى، مەيدىسىگە مۇشتلاپ چىقالايدىغان بىرى چىقمىدى. دېمىسىمۇ بۇ بىزنىڭ بۈگۈنكى ئەدەبىياتچىلىرىمىزنىڭ ھالى شۇنچىلىك تۇرسا، ئۇلار كىلاسسىكلارىمىزنى بىلمەيلا قالماستىن، بۈگۈنكى دۇنياۋى ئىلىملاردىن تېخى خەۋەرسىز. پەن-تېخنىكا ئېڭى سۇس، يازمىلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش، بىلىمچانلىق دېگەنلەردىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟! دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان، كىلاسسىكلاردىن تېخى تولۇق خەۋىرى يوق، تەبىئىي پەن ئاساسىي بولمىغان يىرىم-يارتا، «چالا ساۋات ئەدىب»لىرىمىزنىڭ قولىدىن چىقىۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى «پاخال ۋە ئەخلەت ماقالە»لەرنىڭ كۆپلىكىدىن بىزار بولغان داۋۇت مەتنىياز قاتارلىق كىشىلەر ئاللىبۇرۇن: «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئىخچاملاش زۆرۈر بولۇپ قالدى.»[3]دەپ چۇقان-سۈرەن سېلىشقان. ئەجەبا بۇ سادا ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىغا يەتمىگەنمىدۇ؟! تەۋسىيەم بىز ئەستايىدىل ئۆگىنەيلى!
2. ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئوبزورچىلىقنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش دەۋرنىڭ ساداسى، تەرەققىياتنىڭ تەقەززاسى. بۇنىڭدا مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «سالچىلار» رومانىغا ئوبزورچى يالقۇن روزى يازغان «سالچىلار رومانىغا دەسلەپكى تەنقىد»بىلەن، پىشقان ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، قابىل ئوبزورچى، شائىر، پەيلاسوپ ۋە فىزىك قاسىم سىدىق يازغان «رېئاللىقنىڭ رەھىمسىز يۈزى» ناملىق ئىككى ئوبزور شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۆتۈرۈلگەن ئەدەبىي ئوبزورچىلىق ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتى مۇھاكىمە قىزغىنلىقى بۇخىل زۆرۈرىيەتنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، تەتقىقاتتا تايىنىدىغان مۇئەييەن ئاساس ۋە ئۆلچەم، ھەممە ئورتاق ئېتىراپ، رىئايە قىلىدىغان ۋە زادىلا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدىغان تەتقىقات مىزانى، تەتقىقات ئەدەپ يوسۇنلىرى بولمىغان ھەرقانداق ئىلىم ساھەسىنىڭ ئۈزۈكسىز يېڭىلىق يارىتالايدىغان جۇشقۇن ھاياتى كۈچكە ئىگە بولغان ھالدا ساغلام، سىجىل تەرەققىي قىلىشىدىن ئۈمىد كۈتىنىش مۇمكىن ئەمەس. ئالايلۇق، «قۇتادغۇبىلىك» تەبىئەت، ئىنسانىيەت، ئىلاھىيەت، جەمئىيەت، روھىيەت، ھەققانىيەت، ئادالەت ۋە سەنئەت مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار مۇتلەق كۆپ ساندىكى بىلىش مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئاز بولمىغان كىلاسسىك ئىدىيە، ئەقىل بايلىقلىرىنى، نۇرغۇن قىممەتلىك پىرىنسىپ ۋە ئۆلچەم-مىزانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك دەستۇر. بىراق بىز خۇددى ئەدىب ۋە ئەدەبىي تەرجىمان ئىمىن ئەھمىدى ۋە پىشقان تالانتشۇناس دەۋرىمىزنىڭ «ئارىستوتېلى»، ئۇستاز ئىسلامجان شېرىپ بەشكېرەمى ئېيتقىنىدەك، «كىلاسسىكلىرىمىزنى قۇرۇق ماختاپ، ئۇچۇرۇپ، پو ئېتىش بىلەنلا بولۇپ كەتتۇقكى، ئۇنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق پەلسەپىۋى مەنىسى، يېتەكچىلىك ئەھمىيىتى ۋە رېئال قىممىتىگە ئىزچىل سەل قاراپ، قەدىمقىنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، ئەجداد روھى زاماندار قىلىپ ‹تىرىلدۈرۈش›نى، شۇ ئارقىلىق كۈنىمىزدىكى تۈرلۈك ئىقتىدار كىرزىسلىرى ۋە زەئىپ، بىقوۋۇللىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن پايدىلىنىشنى ئەسلا خىيالىمىزغا كەلتۈرمىدۇق ھەم ئۇلاردىن داۋاملىق يىراقلاپ- ‹ساۋاتسىز› قېلىۋەردۇق.» بۇ جەھەتتە ئەڭ كۆپ، چوڭقۇر ۋە سەمەرىلىك ئىزدەنگەن پەخىرلىك ئۇستازلاردىن مەرھۇم ئالىمىمىز، قۇتاتغۇبىلىكشۇناس ئەھمەد زىيايى؛ پېداگوك، پەيلاسوپ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن، ئىسلامجان شېرىپ بەشكېرەمى، تىل-ئەدەبىيات پىروفېسسورى، مەدەنىيەتشۇناس غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر، قۇتاتغۇبىلىكشۇناس، ئېتىكاشۇناس يار مۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق قاتارلىق ئىلىمدارلار ئوخشىمىغان ساھەلەردىن كۆپ قىرلىق ئىزدەندى ھەم ناھايىتى قىممەتلىك ئەجىر سىڭدۈردى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يۇقىرىقىلارنىڭ مۇبارەك نامىنى ئېھتىرام بىلەن تىلغا ئېلىپ ياد ئېتىشكە ۋە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. يۇقىرىقىلاردىن باشقا بۇ ھەقتە نامى تىلغا ئېلىنمىغان يەنە نۇرغۇن ئىلىمدارلىرىمىز بار، ئەلۋەتتە. بۇ ھەقتە پىروفېسسور، ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىن تولىمۇ ئوبرازلىق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «‹بىلىم ئىگىلىكى› دەپ سۈپەتلىنىۋاتقان ھازىرقى دەۋرىمىزدە ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان بىلىم مىراسلىرى ۋە بىلىم ئۈگۈتلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى بىز تېخى يېتەرلىك چۈشىنىپ يەتمىدۇق. ‹قوتادغۇبىلىك›نىڭ (پەلسەپە، ئېتىكا، تەبىئەت) جەمئىيەتشۇناسلىق، مەدەنىيەتشۇناسلىق، مائارىپشۇناسلىق، بىلىمشۇناسلىق، باشقۇرۇش ئىلمىي تەرەپلىرىدىكى ئىلغار ھەم يىراقنى كۆرەر دۇردانىلىرىنى قېزىشنىڭ ئورنىغا دانئېل كارنېگ، ناپالىون خېل قاتارلىقلارنىڭ (بۇنى بىز چېكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچى ئۆزلۈك ئېڭى ۋە مەككارلىق، تۈرلۈك ساختا قىياپەتلەر بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھىيلە-مىكرى ۋە نەيرەڭۋازلىق بىلەن باشقىلارنىڭ قەلب مايىللىقى ۋە غەمخورلۇقىغا ئېرىشىش ۋاسىتىسى بىلەن ئۆز مەقسەتلىرىگە يېتىشنى تەۋسىيە قىلىدىغان، چاكىنا ئىدىيە ۋە مەنپەئەتپەرەسلىك پەلسەپىسى بىلەن يۇقۇملىنىش دەيمىز) ئەسەرلىرى بىلەن كۆزىمىزنى ئالىچەكمەن قىلىپ، ئەنئەنىمىزدىكى بىباھا ئەقىل بايلىقلىرىغا تۇزكورلۇق قىلدۇق. بۇ ئۆتمۈشتىكى نادانلىقنىڭ بۈگۈنكى زاماندىكى ۋارىيانتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.»[4] «جاھان ئەھلى گەرچە ھەر خىل زۇۋان ۋە مېتود بىلەن ئىش-ھەرىكەت قىلسىمۇ، لېكىن ئالەم بىر، دۇنيامۇ بىر، ئالەم ۋە ئادەمگە ئالاقىدار بارلىق تۈپ قانۇنلار ھامان بىر ۋە مۇقەددەستۇر. شۇنداق ئىكەن، ئىلىم-پەندە مۇرەسسە ۋە نەيرەڭۋازلىق، سۈلھى-سالاغا ھەم سالىۋاتقا قىلچە ئورۇن يوق»[5] مېنىڭچە، چىن مەنىدىكى ھەر قانداق ئىلىم ئۈچۈن بۇ ئورتاق قائىدە. لېكىن، بىزدە بۇنداق سۈلھى–سالا، سالىۋاتلار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. ئەدەبىيات نەزەرىيەسى، ئەدەبىيات ئوبزورى ۋە ئەدەبىيات تارىخى توغرىسىدا ۋېلېك «ئەدەبىيات نەزەرىيەسى»نىڭ تۆتىنچى بابىدا مەخسۇس توختىلىپ، ئۇنى نەزەرىيە يۈكسەكلىكى، تارىخى تەرەققىيات ۋە تەتقىقات نۇقتىسىدىن قاراپ، ئوبزورچىلىق بىلەن تارىخ تەتقىقاتىنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش، ئوبزورنىڭ رولى، فۇنكسىيەسى، ئۆلچىمى، تەلەپ، مېتود ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى دىيالېكتىكىلىق مۇناسىۋەتلەرنى مۇرەسسەچىلىك ئىستىلى بىلەن ئەمەس، ئېنىق ۋە دادىل ئوتتۇرىغا قويغان. [6؛] بۇ ھال بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى كىشىلىك شەخسىي ھېسسىيات مۇناسىۋىتى بىلەن پەن-تەتقىقات ۋە ئىجادىيەتتىكى ھەمكارلىق ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىدىكى مۇرەسسەچىلىك، ياپساچىلىق، گۇرۇھۋازلىق، تەرەپبازلىق، گۇپپاڭچىلىق قىلمىشلىرىغا قارىتا روشەن سېلىشتۇرما دېيىش مۇمكىن. يېقىندا مەلۇم بىر ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ئىككى نەپەر ئاپتور ھەمكارلىشىپ يازغان بىر ئوبزورنى كۆرۈپ تولىمۇ ھەيران قالدىم، ئوبزور شۇ دەرىجىدە خۇنۈك يېزىلىپتۇكى، ماختاپ ئۇچۇرۇلۇپ ھەتتا ئەسلىي ئەسەردىكى پەش، چېكىت ۋە ھەرپلەر ماختىلىپ، ئۇ ئاپتورنىڭ گەپلىرىمۇ ئوماق، مەززىلىك ۋە خۇش پۇراق دەيدىغان يەرگە بېرىپ قالغىنى تاسلا قاپتۇ. ئېزىقىپ كېتىپمۇ بىرەر پەش–چېكىت ياكى كوررېكتورلۇقتا كېتىپ قالغان زىغىردەك سەۋەنلىك بولغۇدەك تۇترۇقسىز بىرەر نۇقسانلىرىنى بولسىمۇ تىلغا ئېلىپ قويۇشقا رايى بارمىغان ھالەتتە، ماختاش ئۈچۈن قىلىدىغانغا گەپ تاپالمىغاندا ئاندىن، ئوبزوردىكى ماختاشنى توختىتىشقا كۆزى قىيمىغان ھالدا تاماملىغان. بۇنى كۆرۈپ قاتتىق كۈلۈۋەتتىم. بۇنداق نەرسىلەر ئوبزور ئەمەس، ئوچۇقلا ئەدەبىياتتىكى ئىلمىي خۇشامەتچىلىك، روھى قۇللۇق ۋە گۇپپاڭچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنداق پەزىلەتسىزلىك، قۇللارچە قۇرۇق ماختاش ۋە پەلسەپە، نەزەرىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلمىگەن ھەر قانداق ئوبزور ۋە مۇھاكىمە ئېنىقكى، ماختىغۇچى ۋە ماختالغۇچى ھەر ئىككىلى تەرەپ ئۈچۈن خورلۇق ۋە خۇنۈكلەشتۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەدەبىياتتىكى بۇنداق، «پادىشاھنىڭ سېسىق ئوسۇرىقىمۇ مەززىلىك پۇرايدۇ» دەيدىغان قۇللۇق ئېڭى، نەزەرىيە مەھكۇملۇقى ۋە مەبۇدلۇق ئىدىيەسى ئەدەبىياتىمىزغا زەئىپلىك، پاسىقلىق، چېكىنىش ئېلىپ كېلىدۇكى، ھەرگىزمۇ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش ئېلىپ كېلەلمەيدۇ.
ئەدەبىي ئوبزورچىلىق دېگەن نېمە؟ دېگەنگە تەبىر بەرگۈدەك سالاھىيىتىم يوق. بىراق ئوبزورچىلىقنىڭ ۋەزىپىسى مۇنداق بولىشى كېرەك: 1) ئوبزورنىڭ ۋەزىپىسى تەنقىدمۇ، ماختاشمۇ بولماستىن، مۇھاكىمە قىلىۋاتقان ئەسەرگە قارىتا، گۈزەللىك نۇقتىسىدىن چىقىپ، لىللا، ئىلمىي پوزىتسىيە، نىېترال مەيداندا تۇرۇپ ئوبيېكتىپ، ئىلمىي باھا بېرىش، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن ئىدىيە ۋە سۈنئىيلىك تەمە قىلماي، چىنلىق، تەبىئىيلىك، چىن ھېس-تۇيغۇ، ئىنسانىي مېھىر-ۋاپا ۋە ئادىمىي غەمخورلۇق كۈتۈش كېرەك. مۇئەييەنلەشتۈرۈش ياكى تەنقىدمۇ ئوخشاشلا ئىلمىي ئىدراكى، ئوبيېكتىپ، مۇۋاپىق بولىشى، ئادەمنى ئەمەس، ئەسەرنى، ئىستىلنى، مەسىلە ۋە ھادىسىنى ئەمەس، ماھىيەتنى باھالاش ياكى تەنقىد قىلىش؛ 2) ئەسەر ئىگىسىگە قارىتا، ئۇتۇقلۇق تەرەپلىرىنى ۋە سەۋەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۆزىنى تونۇپ، ئۆزىدىن ھالقىشىغا «ئەينەك»لىك رولىنى ئۆتۈشى؛ 3) ئوقۇرمەنلەرگە نىسبەتەن شۇ ئەسەردىكى ئەڭ يارقىن، نادىر نۇقتىلار ۋە ئەڭ ئۆتكۈر مەسىلىلەرنى ئېنىق، جەلپكار، گۈزەل تىل ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق «شەرھى بايان» قىلىش يولى بىلەن ئوقۇرمەنلەر قەلبىگە «ئوت» يېقىپ، شۇ ئەسەرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى تېپىپ بىر ئوقۇمىسا كۆڭلى يېرىم قالغۇدەك ھېس-تۇيغۇغا كەلتۈرۈۋېتىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنى ئەدەبىياتقا يېقىنلاشتۇرۇش ۋە «رام قىلىش» فۇنكسىيەسىنى ئۆتىشى؛ 4) ئەدەبىيات قوشۇنىغا يېڭى كىرگەن ياش يازارمەن① ۋە ھەۋەسكار يازغۇچىلارغا قارىتا بىر تاياق بىلەن ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش پوزىتسىيەسىدە بولماستىن، ئۇلارغا قارىتا ئالدى بىلەن روھىغا ئىلھام بېرىش، تېخىمۇ ياخشى ۋە ساز يېزىشقا ئۈندەش، يېتەكلەش، مەدەت بېرىش، يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان «نۇرلۇق ماياك»، قولىدىن تارتىپ، ئارقىسىدىن ئىتتىرىدىغان «مەدەتكارى»، كۆيۈمچان، تەلەپچان ئۇستازلىق سالاھىيىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇلارغا ئىشەنچ، روھى ئېنېرگىيە، مەنىۋى ماياك، تەسەللى، چىدام-غەيرەت، جاسارەت ۋە يېڭى خۇرۇچ - ئىلھام ئاتا قىلالىشى؛ 5) ئوبزورچىلىقتا خاھىشچانلىق، بىر تەرەپلىمىلىك، قۇرۇق ماختاپ ئۇچۇرۇش ياكى غالجىرلارچە «تالاش»تىن قەتئىي ساقلىنىش؛ 6) ئوبزوردا ئەسەر ئىگىسىنىڭ ئۆز شەخسىيىتى ۋە ياكى ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ئادىمىي پەزىلىتى، كىشىلىك غۇرۇرى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىگە تېگىدىغان ياكى غالجىرانە ھۇجۇم قىلىدىغان بولمىغۇرلۇقلاردىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. بۇ ھەقتە ھەتتا، زۆرۈر تېپىلسا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا مۇناسىپ تۈزىتىش-تولۇقلىما ياكى قوشۇمچە بەلگىلىمە كىرگۈزۈپ، ئوبزورچىلىقنىڭ ئىلمىي، ئىناق ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك؛ 7) ئەدەبىي ئوبزورچىلىق نوقۇل ھالدىكى ئەدەبىياتنىڭ تاشقى تەتقىقاتى ۋە قۇسۇرچىلىق ئۈستىدىكى «ئۆزىنى تاشلىۋېتىش» خاھىشىدىن ساقلىنىش ۋە ئەدەبىياتنىڭ ئۆز قۇرۇلىشىغىمۇ يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈپ، نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، بىر ياخشى ئوبزور يېڭىلار ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن ئەدەبىيات دەرسخانىسى ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيەسىدىن كونسۇلتاتسىيە، كونا ئەدىبلەر ئۈچۈن ئەينەك ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە مۇنبىرى، ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئۇچۇر تارقىتىش ۋە ئالماشتۇرۇش پىرېستانى بولالىشى كېرەك. ئوبزورچىلىق ــ ئەدىبلەر ئارا ئىدىيە، پىكىر ئالماشتۇرۇش، تاۋلاش، ئۆزئارا زەرەتلەش-ئىندۇكسىيەلەش ئارقىلىق، ئىلمىي ئىناقلىق ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسى بولىشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ ئۆزئارا تىل جېڭى قىلىدىغان، ھاقارەتلىشىدىغان ۋاسىتىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى؛ ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە ئىدىيە، پىكىردىكى ئىختىلاپ ۋە پارادوكىسلىق ئەدىبلەر ئارا بىر-بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىپ، خۇسۇسى ئۆچ-ئاداۋەت ئۇرۇقى چېچىپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى يىرىكلەشتۈرىدىغان: «ئەدىبلەر ئارازلىقى»نىڭ «ئوت قويدى» سەۋەبكارى ۋە مەنبەسى بولۇپ قالماسلىقى، ھەتتا ئۆزئارا بىر-بىرىنى ئاشكارا تىللاپ-ھاقارەتلەپ، ئۆچىنى ئېلىشنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. بۇنداق قىلمىشلار ئىلىم-پەن ئەخلاقى ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە ئىستىلىغا يات بولغان تەربىيەسىزلىك ۋە ئادىمىي تاۋلىنىشتىكى پەزىلەتسىزلىكنىڭ تىپىك ئىپادىسى. بۇنى چىن مەنىدىكى ھەقىقىي ئەدەبىياتنىڭ غۇرۇرى ۋە كەسىپ ئىستىلى كۆتۈرەلمەيلا قالماستىن، ئىلغار پەن-مەدەنىيەت ئارقىلىق زامانىۋى تۇرمۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، «مەدەنىيەتلەر ئىناقلىقى» ۋە «ئىلمىي ئىناقلىق»، ئىلمىي ھايات، مەدەنىي تۇرمۇش، ئىناق دۇنيا بەرپا قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋرمۇ سىغدۇرمايدۇ؛ 8) ئوبزورچىلىقىمىز نوقۇل ھالدىكى، تار ھەم تۆۋەن سەۋىيەلىك شەخسىيەتچىل ئۆزلۈك مەۋقەلىكىدىكى تار دائىرىدىكى مەھەللىۋى مەدەنىيەت رامكىلىغىدىكى، يۇرتۋاز، مىللەتۋاز، گۇرۇھۋازلىق ھالىتى بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى، ئۇيغۇرنىڭ، ئېلىمىزنىڭ سەۋىيەسىدىلا توختاپ قالماسلىقى كېرەك. بولۇپمۇ، ئوبزورلارنىڭ كۆزىتىش بۇلۇڭى، تايىنىش ئاساسى، گۈزەللىك ئۆلچىمى، تەپەككۇر ئوربىتىسى ۋە پىكىر يۈكسەكلىكى جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، مەۋقەنى ئۇيغۇرنىڭ رېئاللىقى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىغا قويۇپ، «ئۇيغۇرغىلا خاس بولغان تار مەنىدىكى مەھەللىۋى مەدەنىيەت رامكىسى ۋە شەخسىيەتچىل ئۆزلۈك ئېڭىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۆزىدىن ھالقىپ ئۆتۈش بىلەن كەڭ ئالەملىك نەزەر، ئىنسانىي يۈكسەكلىك، دۇنياۋى سەۋىيەدىكى ئۇيغۇرغا، ئىنسانغا، جۇڭگوغا، دۇنياغا، كائىناتقا تەۋە بولغان، ھەممىباب ئەبەدىي، زاماندار، ئىختىراۋى ئۆگلۈك ئىنسانچە تەپەككۇر-تەتقىقات ئېلىپ بېرىش».[7؛105-107] ئۆگلۈكنى ئۇدۇملاپ، نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، پىكىر يۈكسەكلىكىنى كۆتۈرۈپ، ئالەملىك ماكرو نەزەر بىلەن خەلقئارا بىرلىك ۋە ھەممىباب ئۆلچەملەر ئاساسىدا مۇھاكىمە ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇ ھەم ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا، ئۆزلۈكنىڭ شەخسىيەتچىلىكىدىن تېزرەك قۇتۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك يېڭى ھالقىش ۋە ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئۇندىن باشقا، پەننى ئوبزورچىلىقنىمۇ كۈچەيتىش، ئەدەبىي ئوبزورلارنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
دەرۋەقە، ئوبزورچىلىقمۇ ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ ئالاھىدە بىرخىل شەكلى. شۇنداقلا ئەدەبىياتنىڭ مۇپەتتىشى. بىر قىسىم ئەدەپسىز، بىپەرۋا، مەسئۇلىيەتسىز يازارمەنلەر ئوقۇرمەنلەردىن ئەيمەنمىگەن تەقتىردىمۇ، ئوبزورچىلاردىن قورقۇپ بولسىمۇ، ئىلھامىم كەلدى دەپلا ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلاپ-جۆيلۈيدىغان قىلمىشلاردىن، تۇترۇقسىز ئەخلەت ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشتىن ساقلىنىدۇ. پىشقان ئەدىبلەر ئوبزور ئارقىلىق ئۆز ئەسىرىنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلىدۇ، تونۇپ يېتىدۇ، ئۇنىڭدىن ھۇزۇر ئالىدۇ. شۇنداقلا ئۆز ئەسىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىگە توغرا باھا بېرىپ، بۇندىن كىيىنكى تەتقىقات ۋە ئىجادىيىتىگە يېڭى ئىلھام ھەم خۇرۇچ ئالىدۇ. دېمەك، ئەدەبىياتنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئوبزورچىلىقتىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا ئوبزورچىلىق سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز، ئوبزور دېسە نوقۇل تەنقىد ياكى قۇرۇقتىن قۇرۇق ماختاش ۋەياكى ئاددىيلا مۇھاكىمە سەۋىيەسىدە توختاپ قالماستىن، تەدرىجىي چوڭقۇر قاتلاملىق ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە تەتقىقات سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش، شۇنداقلا قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش ئوبزورچىلىقى، ھەتتا جازالاش–مۇكاپاتلاش سىستېمىلىرىنىمۇ يەنە قانۇن-تۈزۈم ئىزىغا سېلىش تەرەپكە قاراپ بۇراش كېرەك؛ ئوبزورلاردا ئاپتورنى ئەمەس، ئەسەرنى ئىدىيەنى، مەسىلىنى ئەمەس، ماھىيەتنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئىلمىي، ئەدەپلىك، ئىناق، دوستانە، پاكىتلىق، قايىل قىلارلىق مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش كېرەك. شۇنداق ئوبزورچىلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى مەنپەئەتلىك ئىلمىي زەرەتلەپ، ئورتاق نەپ ئېلىش، ماس قەدەملىك ئىلگىرىلەش، ئىناق، دوستانە ھالدا تەڭ تەرەققىي قىلىش، ئۆزئارا ئىلىم ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتكە يەتكۈزۈپ، ھەممە قەلبلەرنى ئىللىتىدۇ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىياتقا باشلايدۇ.
3. ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەتنى دۇنياغا، كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈش كېرەك. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تار، پاسسىپ، مەھەللىۋى مەدەنىيەت مەۋقەلىكىدىكى يۇرتۋاز، كەسىپباز، ھەممە ئىشتا پەقەت «ئۆزلۈك («مەن» ۋە «ئۆز»)لەرنىلا ئويلىشىدىغان، شەخسىيەتچىل «ئۆزلۈك» كىشەنلىرىدىن تېزدىن قۇتۇلۇپ ۋە ئۇنىڭدىن قاڭقىپ چىقىپ، مەۋقەنى كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رېئاللىقىغا قويۇپ، تەپەككۇر ئوربىتىسى ۋە كۆزىتىش بۇلۇڭىنى ئالەملىك نەزەر، ئىنسانىيەت يۈكسەكلىكىدىكى دۇنياۋى سەۋىيە ۋە خەلقئارا ئۆلچەمگە قويۇپ تۇرۇپ، تەتقىقات ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك. گەرچە ئۆزلۈك سەۋىيەسىدە تۇرۇپ ھەرقانچە ئالىيجاناب ۋە بۈيۈك گەپلەرنى قىلىپ يۈرسىمۇ، ئەدەبىيات «ئۆزلۈك» ئېڭىنى تونۇش سەۋىيەسىدىلا توختاپ قالماسلىقى، ئۆزلۈكنىڭ روھى كىشەنلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش ۋە ھالقىپ ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىپ، ئۆزى ۋە باشقىلارنى ئالەملىك نەزەر ۋە دۇنياۋى بىر پۈتۈنلۈك ئىچىگە قويۇپ تۇرۇپ تەپەككۇر-تەتقىقات ئېلىپ بارمايدىكەن، ھەرگىز ئىنسانىيەت يۈكسەكلىكى، خەلقئارا سەۋىيە، دۇنياۋى ئۆلچەمدە ئىجادىيەت قىلالىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
4. ئۇيغۇر ئەدەبىياتچىلىرى ئىجادىيەت يۆلىنىشىدە جىددىي بۇرۇلۇش ياساش كېرەك. بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىگە قايتىپ، ئىجادىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ۋە نوبېل مۇكاپاتىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ يەنە بىر شەرتى. ھازىرقى ئەدىبلىرىمىز بىر بولسا، نوقۇل مۇھەببەت لىرىكىلىرى ۋە ھېس-ھاياجانغا تولغان چىنلىق، خاسلىق-ئۆزگىچىلىك ۋە رېئال تۇرمۇشتىن يىراقلاپ كەتكەن «ئەبجەش»، «ساختا» ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشسا؛ يەنە بىر بولسا، تىپىك ئوردا ئەدىبلىرىچە شاتۇتىدەك سايرايدىغان بولۇپ كېتىشمەكتە. بۇ خىل خاھىش ئەدەبىياتنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن تولىمۇ پايدىسىز. شۇڭا ئەدىبلەر تەبىئىيلىك، چىنلىق، ئۆزگىچىلىك، مىللىي ئالاھىدىلىك، دەۋر روھىنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغان زاماندار، ھېسسىياتقا باي نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشقا ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. رېنى ۋېلېك ۋە ئوستېن ۋارېن. «ئەدەبىيات نەزەرىيەسىدە» ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «يازغۇچى جەمئىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جەمئىيەتكىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. سەنئەت تۇرمۇشنى قايتا نامايان قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تۇرمۇشنى يارىتىدۇ. كىشىلەر ئەسەردىكى توقۇلما... پېرسوناژلارنىڭ ئەندىزىسى بويىچە ئۆز تۇرمۇشىنى لايىھەلەيدۇ. ئەسەردىكى پېرسوناژلارنى دوراپ مۇھەببەتلىشىدۇ، جىنايەت ئۆتكۈزىدۇ ۋە ئۆلۈۋالىدۇ.»[8؛251] ھەرخىل قىلىق ۋە ھەرىكەتلەرنى قىلىشىدۇ ھەم ئادەت يېتىلدۈرىدۇ. دېمەك، ئادەتتىكى ئاۋام-جامائەت تىپىدىكى ئوقۇرمەنلەر كۆپىنچە «قوي پادىسى» ياكى پۇتىغا 5 كويلۇق پايپاق ئېلىش ئۈچۈن باش قاتۇرىدىغان، بىراق جىسمىگە قۇۋۋەت-ئېنېرگىيە تولدۇرىدىغان يېمەكلىك مەسىلىسىدە قىلچىمۇ ئويلىنىپ ئولتۇرماستىن ئالدىغا كەلگەننىلا يەۋېرىدىغان مەسئۇلىيەتسىز، ئەقلى كوتا، دىلى ئەما، ھاماقەت ئىستېمالچىلارغا ئوخشاش بولۇپ، ئالدىغا «نېمە كەلسە شۇنى يەۋېرىدىغان كالا»، «نېمە ئەكەلسە شۇنى تارتىۋېرىدىغان تۈگمەننىڭ سۈكىنى»گىلا ئوخشايدۇ. ئاپتور نېمە يازسا شۇنى ئوقۇيدۇ، قانداق مەنىۋى ئوزۇق بەرسە شۇنى يەۋېرىدۇ. گەپنىڭ نېگىزى، خەلقىمىزنىڭ ئىلىم-پەن ئېڭى سۇس، دەپ داتلاۋاتقان كىشىلىرىمىز بىزنىڭ ئاپتورلىرىمىز نېمىلەرنى يېزىۋاتىدۇ؟ دېگەننى چوقۇم ئويلىشىپ قويۇشى، ئۆزىنى تەپتىش قىلىپ كۆرۈشى لازىم. دېمەك، بۇ جەھەتتە ئەدەبىياتنىڭ خەلقنىڭ ئىلىم-پەن روھى بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىپ، ئىلىم-پەن روھى بىلەن تاۋلىنىپ، ئىلىم-پەنگە قىزىقىش پەيدا قىلىش، ئىلىم-پەن ئىشتىياقى يېقىش، ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە ئىلمىي ئىستىل تۇرغۇزىشتا ئوينايدىغان رولىغا قىلچە سەل قارىغىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا ئەدەبىيات بۇ جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىدىنمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. شۇڭا ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىجادىيلىق، ئىلغارلىق ۋە ئىلمىيلىكنى ئىناق، ئېجىل سىجىل تەرەققىياتنى، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىلىم-پەننى ۋە ئەمگەكنى سۆيۈشنى ئاساسى مېلودىيە قىلىشى، سەلبىيلىك ـ قالاقلىقلارنى ھەر ۋاقىت قامچىلاپ تۇرۇشقا ماھىر بولىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئەدەبىياتىمىزدىكى ئەقلىيلىكتىن بارغانسېرى يىراقلاش ھېسسىياتپەرەسلىك-قىزىق قانلىق كەيپىياتى ۋە ئىلىم-پەن روھى كەمچىل، بىلىم قەھەتچىلىكى ئېغىر بولۇش مەسىلىسى نۇقتىلىق ھەل قىلىنىشى كېرەك.
5. ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەر تەپەككۇر ئوربىتىسى ۋە كۆزىتىش بۇلۇڭىنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ، سەمىمىيىلىك بىلەن تۇرمۇش ۋە ئىلىم-پەن ئۆگىنىشى لازىم. بۇ ئەلۋەتتە ئەدەبىيات نەزەرىيەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. بىراق، بۇنىڭلىق بىلەن خاس تەبىئىي پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ۋە تەبىئەت روھى يېتىلدۈرۈشكە قىلچە سەل قاراشقا بولمايدۇ. بىلىمنىڭ ئەڭ يۈكسەك چەك-چېگراسى ۋە ئەڭ ئالىي قىممىتى دەل ئالەم، ئادەم ھەققىدىكى تۈپ ھەقىقەتلەرنى تونۇشتىن ئىبارەت. ئادەم مۇشۇ تۈپ قائىدە-قانۇنىيەتلەرنى تونۇغان ھەم بىرقەدەر مۇكەممەل ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن ھەقىقىي ئەركىن ئىنسانغا ئايلىنالايدۇ. پەقەت شۇندىلا ھەر قانداق ئىلىمدىن ئىلھام ئېلىپ، توسالغۇسىز تەپەككۇر قىلالايدۇ ۋە ھېچكىمگە چوقۇنماي، ھېچنېمىنى دورىماستىن، مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىپ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىپ، دىلى مېھىر-مۇھەببەتكە تولۇپ تاشقان، دىيانەتلىك، قەلب پادىشاھلىقىنى بىلىم قازىدىغان كان، بىلىم ئىشلەپ چىقىرالايدىغان زاۋۇت قىلىپ، نەزىرى ئالەم، دۇنيا، ئىنسانىيەت يۈكسەكلىكىگە تۇتاشقان ئىختىراۋى ئۆگلۈك ئىنسان يولىنى تۇتقان، مەنىۋى كامىللىققا قاراپ شىددەتلىك ئىلگىرىلەيدىغان گۈزەل ۋە يۈكسەك ئادەم بولۇش مەنزىلىگە يېتەلەيدۇ. بۇنداق يۈكسەك ئۆگلۈك مەنزىلگە يەتكەن ئادەملەرنىڭ بىرمۇ شەخسى رىقابەتچىسى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى ئىلىم-پەننىڭ گۈزەللىكى، ئالەمگە، ئادەمگە، دىيانەتكە تۇتاشقان زور بىلىش، دۇنياۋى بىرلىك، خەلقئارا ئۆلچەم، ئىلاھى ئىلھام ۋە ساماۋى تىلەكلەر بىلەن تولغان بولىدۇ.
«ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي رولى دۇنيانى بىلىش ۋە ئۆزگەرتىش» ئىكەنلىكى ھەممىگە تونۇش. بىراق كۆپ ساندىكى ئەدەبىياتچىلىرىمىز ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندا، ھەمىشە بىز دەۋاتقان تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن تەبىئىي تۈزۈلۈشلۈك ماددىي دۇنيا ئىكەنلىكىنى، مەنىۋى دۇنيانىڭ ماددىي دۇنيانىڭ كىشى مېڭىسىدىكى ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويۇشىدۇ. پەقەت ماددىي دۇنياغا بولغان توغرا بىلىش بولغاندىلا، ئاندىن مەنىۋى دۇنيانى توغرا بىلگىلى بولىدۇ. ۋەھالەنكى، مەيلى دۇنيانى بىلىش ۋە ياكى ئۆزگەرتىش بولسۇن ھەر ئىككىلىسى ئۈچۈن تەبىئىي پەن بىلىملىرىگىلا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، تەبىئىي پەندە ھىيلە–نەيرەڭ ۋە ھېس-ھاياجانغا قىلچە ئورۇن يوق؛ نوقۇل ھېس–تۇيغۇ ۋە ئەدەبىياتتىكى تۈرلۈك ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرى بىلەن دۇنيانى ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتكىلى ۋە ئىنسانىيەتكە بەخت–سائادەت، ئاسايىشلىق ئاتا قىلغىلى، تەرەققىيات ئېلىپ كەلگىلى بولمايدۇ. دېمەك، دۇنيانى توغرا بىلىش ۋە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن چوقۇم توغرا ھەم مول تەبىئىي پەن بىلىمى ۋە تەبىئىي پەن روھىغا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك.
ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى شۇكى، شائىرلارنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى كىشىلەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى تاۋلاپ، پەزىلەت يېتىلدۈرۈش جەھەتلەردە ئەھمىيىتى زور. بىراق، شېئىر–قوشاقلارنىڭ مەزمۇنى ھامان توقۇلما بىلەن پۈتكەن بولۇپ، ئۇنى ھەقىقىي تارىخ ۋە رېئال ئىلىم-پەن بىلىمى دەپ قاراشقا ھەم شۇ قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشقا ئەسلا بولمايدۇ. ئەكسىچە، شېئىر-قوشاقلاردا يەتكۈزۈلگەن ئىدىيە ۋە كۆز قاراشلار بەزىدە ئىككى بىسلىق بولۇپ، ھەر كىم ئۆز خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىۋالسا بولىدىغان نەرسە. ئۇندىن باشقا، بەزىبىر لاياقەتسىز شائىرلار ئېھتىمال ئەقىدە-ئەخلاق مىزانلىرىدىن چەتنىگەن پەسكەش–ناچار بېيىت، قوشاقلارنىمۇ يېزىشى مۇمكىن. مۇئەييەن تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ئىگە، ئىلھامى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ھەر قانداق ئادەم شائىرلىق قىلالايدۇ. «‹ئىلھام› ئىجادىيەت جەريانىدىكى ئاڭسىزلىق ئامىللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى نامى.» [9؛214]ئىلھامنى چىللاپ كەلگىلى، تۇتۇپ قالغىلىمۇ بولمايدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى «ئىليادا»، «ئودىسا» قاتارلىق مەشھۇر داستانلارنىڭ ئاپتورى بولغان ھومېر بىر ساۋاتسىز جاھانكەزدى كىشى. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە نەۋايى ۋە نىمشېھىتتىن باشقا شائىرلارنىڭ شېئىر–قوشاقلىرىدا «ئىلىمسىزنىڭ دىلى ئەما، ئىلىكسىز ئۇستىخان يەڭلىغ... ئىلىم دەرياسىغا شۇڭغۇپ ئۇنىڭدىن قازغۇلۇق گەۋھەر...، جاھان رەنالىرى ئىچرە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق، بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان يار بولۇر گاھىدا بار ھەم يوق...» دېگەندەك ئىلىم-پەنگە يېتەلەيدىغان مىسرالارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەم بولىشى بىلەن خەلقىمىزنىڭ تەبىئىي پەن ئېڭى دەرىجىدىن تاشقىرى سۇس بولۇشى بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دېيىشكە ئاساسىمىز يېتەرلىك.
بۇ يەردە شۇ ئېنىق بولىشى كېرەككى، «ئىلىم-پەن» دېگەن تېرمىن ئەڭ ئالدى بىلەن تەبىئىي پەننى كۆرسىتىدۇ. شۇ مۇناسىۋەتتە، ئەدەبىيات ۋە سەنئەتمۇ كەسكىن مەنىدىكى ئىلىم-پەندىن، ئەدىب-شائىرلارمۇ ئالىم، پەيلاسوپلاردىن روشەن پەرقلىنىدۇ. بۇ ھەقتە بۈيۈك بۇيان(گىرېك) پەيلاسوپى ئەپلاتۇن «غايىۋى دۆلەت»نىڭ 10-جىلىتىدا، ئۆز قەلىمى ئارقىلىق سوقراتنىڭ «πΟíησιζ (شېئىر)» ھەققىدىكى تەنقىدىنى ئىنتايىن مەركەزلىك ھەم كەسكىن كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ھەتتا شېئىرنى غايىۋى دۆلەتتىن تەدرىجىي سۈپۈرۈپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلغان.② شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «شېئىرىيەت بىلەن پەلسەپىنىڭ ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇشى» غەربلىكلەرنىڭ ئىدىيە تارىخىدىكى ھەممىگە ئايان تىلسىملىق دېلوغا ئايلىنىپ كەلمەكتە؛ پەلسەپەنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىر سەپ بولۇپ ئەپلاتوننى ھىمايە قىلسا، شېئىرىيەتكە ھېسداشلىق قىلغۇچىلار يەنە بىر ياقتا شائىرنى ئاقلىسا، يەنە بىر بۆلۈكلەر نېيترال مەيداندا تۇرۇپ مۇرەسسەچىلىك قىلىپ، ئەپلاتۇننىڭ شېئىرغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارىشى يۈزەكى ھادىسە، ئەمەلىيەتتە ئەپلاتۇن ئۆزىمۇ بىر شائىر دەپ، بۇ دەتالاشنى توختاتماقچى بولۇشقان. ئۇنداقتا، بۇ يەردىكى «شېئىر» ۋە «پەلسەپە» زادى نېمە؟ بۇ تىلسىملىق مەسىلىدىن نېمە ئىلھاملارغا ئېرىشەلەيمىز؟ بۇ ھەقتە ئېلىمىزدە بەس-مۇنازىرە ۋە دەتالاشلار ئاز ئەمەس.[10؛40-53] «ئەدەبىيات نەزەرىيەسى»دە ئەسەر مۇئەللىپى شۇنداق دەيدۇ: «ئەدەبىي ئەسەرلەرنى پەلسەپىۋى ماقالە ۋە پەن-تەتقىقات تىپىدىكى ئىلمىي ماقالە سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىشقا...» [11؛277] ۋە باراۋەر ئورۇندا قويۇپ، شۇ قاتاردا مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ. «دېمەكچى، شائىر پۈتۈن جەمئىيەت ئېتىراپ قىلىدىغان ياكى چوقۇنىدىغان خام خىيالچىدۇر. بۇنداق چۈشەندۈرۈش بەلكىم پەيلاسوپ، ئالىملار بىلەن سەنئەتكار (ئەدىب-شائىرلار)نى ئېنىق پەرقلەندۈرەلىشى مۇمكىن.» [12؛206] ھەتتا «ئىلىم-پەن تىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندىمۇ ئەدەبىي تىل سەل ئاجىز.»[13؛81] ئەدەبىي تىل تۇرمۇش تىلىغا يېقىنراق بولۇپ، «بەزى چاغلاردا ئىلىم-پەن تىلىدىكىدەك توغرىلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن تەرەپلەر يەنىلا ئەقلىيلىكتىن مۇستەسنا ھالەتتە بولىدۇ، تارىخىي تىللاردىكى مەزمۇن ئېھتىياجىغا ياتىدىغان ھەرخىل كونتېكىست ئۆزگىرىشلىرىدىن خالىي بولالمايدۇ.» [14؛-83]ھەر بىر ئىلىم ساھىبى ئۆزىنى چوقۇم ئىنسانىي بۈيۈكلۈك، ئالەملىك ماكرو نەزەر ۋە دۇنياۋى بىرلىك (سەۋىيەدە) قويۇپ تۇرۇپ، ئىلىم-پەننىڭ روھى ۋە غۇرۇرىنى تۇتقا قىلىپ، ھەممىگە ئورتاق بولغان ئىلىم-پەن ئىستىلى ھەم ئۆلچىمى بويىچە بارلىق ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنى تەربىيە ئارقىلىق تەسىرلەندۈرۈش، يېتەكلەش يولى بىلەن ئىلىمدارلار (بۇ ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك)نىڭ ئىلمىي ۋىجدانى، ئىلمىي ئاڭلىقلىقى ۋە ئىلمىي سەمىمىيىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىلىم-پەننىڭ روھى ۋە غۇرۇرىنى قوغداش كېرەك، مانا بۇ ئىلىم-پەن جەمئىيەتشۇناسلىقىنىڭ بۇرچى ۋە ۋىجدانى مەسئۇلىيىتى. ۋەھالەنكى، ئېينىشتىيىن بىلەن تولستوينى، چيەن شۆسېن بىلەن لۇشۈن ياكى ماۋدۈننى ھەرگىز بىر ئوربىتىدا قويۇپ، ئوخشاشلا ئالىم دەپ ئاتاشقا ھەم ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسىنى تەڭ قىممەتلىك سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. جەمئىيەتشۇناسلار ۋە شائىر-ئەدىبلىرىمىزمۇ تەبىئىي پەن ۋە پەلسەپەنى بېرىلىپ ئۆگىنىشى، ئەستايىدىل ھالدا ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئۆزلىرىدىكى ئىلىم ساۋاتسىزلىقى ۋە مېڭىسىنى قاماللىۋالغان ئۆزلۈك كىشەنلىرىدىن ئازاد بولىشى كېرەك.
تۇرمۇش ئۆگىنىشتىن مەقسەت خەلق نېمىگە ئېھتىياجلىق؟ نېمىنى ئەڭ ياقتۇرىدۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب تېپىش، شۇنداقلا تەپەككۇر ۋە ئىجادىيەتكە يېڭى ئىلھام ۋە خۇرۇچ ئىزدەشتىن ئىبارەت. شۇ ئارقىلىق، خەلق ھەقىقىي ئېھتىياجلىق، جانغا ئەسقاتىدىغان، ئەقىل بىلەن پاتلانغان، بىلىم بىلەن تويۇنغان، ئادەمنىڭ ئىلىم تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ مەنىۋىيىتىنى سۇغۇرالايدىغان نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشقا ماھىر بولۇشى، كۈچىشى كېرەك. قۇرۇقتىن قۇرۇق سۆز ئويۇنلىرى، گەپ تىزمىلىرى، مۇھەببەت لىرىكىلىرى، ئاددىي ۋە تۆۋەن سەۋىيەلىك ئېتۇت، شېئىر-قوشاق، ھېكايە -چۆچەك، پوۋېست، رومانلارغا خاتىمە بېرىلىشى، بولۇپمۇ «كىلون ئەدەبىيات»، «تەقلىدىي ئەدەبىيات» قاتارلىق «توكۇر ئەدەبىيات» ھادىسىلىرى قەتئىي تۈردە تۈگىتىلىشى كېرەك. پەقەت شۇندىلا ئەدەبىيات ھەر قانداق كىشىنى بەدىئىي زوقلاندۇرۇپلا قالماستىن، ۋۇجۇدىنى بىلىم بىلەن سۇغۇرۇپ، ئىلىم-پەن ئېڭى ۋە خاراكتېر يېتىلدۈرۈش، ئىدىيەۋى ئۆملۈك، دىل بىرلىكى، ئىجادچان تەپەككۇرلۇق ئىختىراۋى قوۋملەردىن بولۇشقا يېتەكلەپ، «قوش نەپ بېرىش»تەك ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. قەشقەردىكى «تەجەللى كىتابخانىسى»نىڭ خوجايىنى ئابدۇغەنىجان ئوبرازلىق قىلىپ: «ئەپەندىم، بۈگۈنكى كۈندىچۇ، شېئىر-قوشاق دېگەننى يازغان ئادەم ئۆزى ئوقۇمىسا باشقا ئادەم ئوقۇمايدىكەن. ئادەمنى تەپەككۇر قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، پىكىر چوڭقۇرلۇقىغا باشلىيالايدىغان، بىلىمچانلىقى كۈچلۈك، مەنىۋىيىتىنى سۇغىرىپ، ئىلىم تەشنالىقىنى قاندۇرالايدىغان ئەسەردىن باشقىنى بىر كىم پۇلغا ئالمايدىكەن» دەيدۇ. مېنىڭچە، بۇ ھەممىگە جاۋاب بولالايدۇ.
نېمە ئۈچۈن تەبىئىي پەن روھىنى شۇنچىۋالا مۇھىم، تەبىئىي پەن شۇنچىۋالا ئۇلۇغ ھەم مۇقەددەس دەيمىز؟ چۈنكى پەقەت توغرا، ئىلمىي بولغان تەبىئەت قارىشى ۋە تەبىئىي پەن روھى تۇرغۇزغاندىلا، ئاندىن مۆجىزاتلار بىلەن تولغان سىرلىق تەبىئەتنى ھەقىقىي توغرا تونۇغىلى، ئۇنىڭغا ماسلاشقىلى، ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى، ئۇنى «ئۆزگەرتكىلى»، ئۇنىڭدا بىخەتەر، ئۇتۇقلۇق ياشىغىلى بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ تەبىئەت دۇنياسىغا بولغان تونۇشى ھامان بەلگىلىك تەبىئەت قارىشى ۋە تەبىئەت پەنلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەم شۇ ئاساستا چوڭقۇرلىشىدۇ. قانداق تەبىئەت قارىشى، قانچىلىك تەبىئەت پەنلىرى ۋە تەبىئەت بىلىمى بولسا ئادەم تەبىئەتنى شۇنداق چۈشىنىدۇ، شۇنچىلىك تەتقىق قىلالايدۇ ۋە شۇنىڭغا يارىشا تەتقىقات چوڭقۇرلۇقى ۋە يۈكسەكلىكىگە يېتەلەيدۇ. دېمەك تەبىئەت قارىشى تۇرغۇزۇش، تەبىئىي پەن روھى يېتىلدۈرۈش، تەبىئىي پەن بىلىمىمىزنى ئۈزۈكسىز بېيىتىش ـ بىزنىڭ ئالەم، ئادەم (ئادەمنىڭ تەبىئىي خاسلىقى ۋە ئىجتىمائىي خاسلىقى)گە ئالاقىدار بارلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشنىڭ تۈپكى يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە نەزەرىيەۋى ئاساسى. «ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ھەممە، تەبىئەت بىلەن كۈچلۈك ھەم روشەن سېلشتۇرما بولالايدۇ، تەبىئەت دۇنياسى تولىمۇ تەرتىپلىك، قائىدىلىك، ئەقلىيلىققا ئۇيغۇن، ئالدىن كۆرۈشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇلاردىن ھاسىل بولغان تەبىئەت پەنلىرىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئەكسىچە ئىجتىمائىي پەنلەردە بۇنداق ئالاھىدىلىك ھەقىقەتەن يوق.»[ 15؛ 226] مەلۇم مەنىدىن شۇنداق دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، مۇئەييەن تەبىئەت قارىشىدىن ئايرىلغان ئىلىم-پەن ھامان ئۆزىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى، ئالدىنقى شەرتىدىن ئايرىلىپ قالغان، يېتەكچى ئىدىيە ۋە نىشاندىن ئادىشىپ، تۇيۇق يولغا كېرىپ قالغان بولىدۇ. بىزنىڭ ئىلىمدارلىرىمىزدا كەسپى نەزەرىيە، پەلسەپە ۋە لوگىكا قەھەتچىلىكى بىلىم قەھەتچىلىكىدىنمۇ ئېغىر بولماقتا. شۇڭا، ھەرقانداق ئىلىم ساھىبى، جۈملىدىن، ئادىمىيەت ۋە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى بارلىق ئىلىمدار چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئىلىم-پەن جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ئىپتىدائىي، ئەنئەنىۋى، مېخانىك تەبىئەت قارىشىدىن، شەخسىيەتچىل ئۆزلۈك ئېڭىدىن ھالقىغان ئالەملىك، زاماندار تەبىئەت قارىشى ۋە شۇ ئاساستىكى تەبىئىي پەن روھى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. بۇ ئېلىمىز، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىلىم ئوربىتىسى بىلەن ماس قەدەملىك ئىلگىرىلەش، ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن خەزىنىسىگە يېڭىدىن-يېڭى مول تۆھپە قوشۇشنىڭ جىددىي تەقەززاسى ۋە بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئىلىم-پەن پەلسەپىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تەبىئەتتىن ھالقىغان، ئىختىيارى، ئۆزئارا زىددىيەتلىك تەجرىبە ۋە بىلىش پائالىيىتى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. تەبىئىي پەن دەل ئەنە شۇ تەبىئىي «پىروگرامما»لارنى يېشىپ چۈشەندۈرىدىغان ئىلىم بولۇپ، تەبىئەت پەنلىرىنىڭ تۈپ نىشانى ــ تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ سەۋەبى ۋە ساماۋى قانۇنىيەتلەرنى ئىزدەپ-تېپىپ، ئىنسانىيەتنىڭ دەل شۇ يارالمىش قانۇنىيەتلەرگە ئەيمىنىپ تۇرۇپ ھۆرمەت-ئىتائەت قىلىش ھەم ماسلىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ئۇنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىدۇ. «تەبىئەت تەڭرىنىڭ بىرىنچى كىتابى» بولسا، تەبىئىي پەن دەل ئەنە شۇ بىرىنچى كىتابنىڭ تىلى. بۇ تىلنى بىلمەي تۇرۇپ سىرلىق كائىناتنىڭ بارلىق يارالمىش قانۇنىيەتلىرىنى تولۇق چۈشىنىپ كېتىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى مېنىڭ نەزىرىمدىكى پەلسەپىنىڭ مۇپەسسەل ئېنىقلىمىسى مۇنداق: پەلسەپە ئاددىيلا دۇنيا قاراش ياكى تەپەككۇر توغرىسىدىكى پەن بولۇپلا قالماستىن، ئۇ ئالەم-دۇنيا ۋە ئادەم ھەققىدىكى ئەڭ ئاددىي، ئەڭ تۈپكى، ئەڭ ئاساسى، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك تەنقىدىي، ئىلمىي، ئىدراكى، سىستېمىلاشقان، نەزەرىيەلەشكەن ئانالىز ۋە تەتقىقاتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئالەم ۋە ئادەمگە ئالاقىدار بۇنداق غايەت زور بىلىش مەسىلىلىرى ئەڭ ئالدى بىلەن زاماندار تەبىئەت قارىشى، تەبىئىي پەن روھى ۋە شۇ ئاساستىكى پەلسەپە ھەم ئۇنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. ھەرقانداق پەن تەتقىقات تەبىئىي ھەم مۇقەررەر ھالدا مۇئەييەن تەبىئەت قارىشى ئاساسىدىكى پەلسەپىۋى ئىدىيەلەرنىڭ يېتەكچىلىكى، تەپتىشلىكى ۋە كونتروللۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ. چۈنكى، ھەرقانداق ئىلىمدار تەپەككۇر ۋە تەتقىقاتتا ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا مۇئەييەن تەبىئەت قارىشى ئاساسىدىكى ئىدىيە ۋە مېتودقا بېقىنىدۇ. ئۇلار بىرەر ئىلمى مەسىلە ھەققىدە تەپەككۇر-تەتقىقات ئېلىپ بارغاندا، مۇئەييەن يەكۈن ۋە ئەقلىي خۇلاسىگە كەلگەندە، بەزى ھۆكۈم ۋە پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ھەرقانداق نېمە ئۈچۈنلەرگە جاۋاب بېرىۋاتقاندا ئاللىبۇرۇن مۇئەييەن تەبىئەت قارىشى، تەبىئىي پەن روھى ئاساسىدىكى پەلسەپىۋى ئىدىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئىختىيار قىلغان بولىدۇ. چۈنكى دۇنيا تەبىئىي «پىروگرامما» بويىچە ئايلىنىدۇ، بارلىق تەبىئىي پەنلەر ئارا مۇتلەق سىممېترىيەلىك ۋە بىردەكلىك مۇناسىۋىتى مەۋجۇت. ئىلىم-پەن يېتەكچى ئىدىيە جەھەتتىن «چوقۇم تەبىئەت دۇنياسىنىڭ بىرلىكىنى ئالدىنقى شەرت قىلىشى كېرەك. تەبىئەت دۇنياسىدا بۇنداق بىرلىك ۋە بىردەكلىك بولمايدىكەن، ئىلىم-پەن بىلىملىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى بىر تەرتىپلىك، قانۇنىيەتلىك، ئۆزئارا ماس كېلىدىغان ئالەمنىلا چۈشەندۈرگىلى بولىدۇكى، لېكىن بىر پارچە قالايمىقان باش-ئاخىرى يوق تەرتىپسىز ئالەمنى چۈشەندۈرگىلى ۋە چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ تەبىئىي پەن ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە ئىسلامجان شېرىپ بەشكېرەمى كەسكىن قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەن-تېخنىكا يادرولۇق ئورۇنغا ئۆتكەن بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە، پەن-تېخنىكىدىن خەۋىرى يوق ئىجتىمائىيەت ۋە ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ خادىملىرى ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى بىلەن كاردىن چىقىشقا باشلىدى-دە، بۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىيەت ۋە ئادىمىيەت پەنلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارمۇ تەبىئىي پەن بىلىملىرى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ ئېنىق ساپاغا ئىگە بولۇشى شەرت بولدى.» [16 368-369]
6. ئەدەبىيات ساپانى ئۆستۈرۈش، ئىجادىيەتتە بۇرۇلۇش ياساپ، پەننى ئەدەبىيات ۋە ئىلمىي فانتازىيە ئىجادىيەت قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. پەن-تېخنىكا بىرىنچى دەرىجىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچىلا بولۇپ قالماستىن، ئۇ ئىنسان مەدەنىيىتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە تۇتىشىدىغان قۇدرەتلىك كۈچتۇر. پەن-تېخنىكىدىن ئايرىلغان مەدەنىيەت قۇرۇق ۋە ساختا، جانسىز مەدەنىيەتتۇر. شۇ ۋەجىدىن ھەر قانداق ساھە ۋە ھەركىمنىڭ تەبىئىي پەننى كۆزگە ئىلمايدىغان ۋە ئۇنىڭغا سەل قارايدىغان ھەققى ۋە سالاھىيىتى يوق. «تەبىئىي پەنگە يۈرۈش قىلمايدىكەنمىز، موزېيخانىغا لايىق مىللەت بولۇپ قىلىشىمىزدىن ئۈمىد زور بولۇپ، مۇشۇنداق بىر مىللەت بار دېيىشتىن قېلىپ، مۇشۇنداق بىر مىللەت بارىتى دېگەن ئورۇنغا چۈشۈپ قىلىشىمىز مۇمكىن.» [17] «بىز ناترۇئال مىللىتى سەۋىيەسىدىكى ناترۇئال تەپەككۇردىن قۇتۇلۇپ، ئىلغار ئاڭ، ئىرادە، ئەقلىي تەپەككۇر ئۈستىگە قۇرۇلغان زاماندار ئىلغار پەن تېخنىكا مىللىتى ۋە ئەقلىي مىللەتلەردىن بولۇش ئۈچۈن، نومۇس قىلىشنى بىلىشىمىز، ئىنسانىيەتكە دەۋرگە، مىللەتكە مەسئۇل بولۇشنى بىلىشىمىز لازىم.»[18] بىراق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى «پەننى ئەدەبىيات»تىن تولىمۇ يىراق بولۇپ، مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىجادىيەتتىكى بىلىم قەھەتچىلىكى كىشىنىڭ ئىچىنى ئاغرىتقۇدەك دەرىجىدە بىچارە. ئىلمىي فانتازىيە ئاق توچكا ۋە بىخ ھالىتىدە تۇرماقتا. ئالايلۇق، ئۇيغۇرلاردا ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ۋە كېيىن تەبىئەت، جەمئىيەت ساھەلىرىگە تۇتىشىدىغان ئەمەلىيەتچان بىلىم ئەنئەنىسى بولغانىدى. بىز بۇ خىل ئەنئەنىنىڭ نامايەندىلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىشكە يۈزلەندۇق. ئەۋلادلىرىمىز ئۇلارنىڭ ئىلىم – پەن تارىخىدىكى تۆھپىلىرى بىلەن ناتونۇش. ئەگەر بىز ئۇلاردىن بىر قانچە سېمانى غىل–پال ئەسلەپ ئۆتسەكلا، خىرەلىشىپ كەتكەن ئاشۇ قىممەتلىك ئەنئەنىنى جىددىي تىرىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تونۇپ يېتىمىز. بۇ جەھەتتە ھەم مىللىي پىسخىكىمىز ۋە مەنىۋى ئىندىۋىدۇئاللىقىمىزدىن قارىغاندا، ئەدەبىيات ساھەسى باش تارتىپ بولمايدىغان، باشقا ھەر قانداق ساھە ئورنىنى باسالمايدىغان دەرىجىدە ئورۇن ۋە فۇنكسىيەگە ئىگىدۇر. شۇڭا، بۇ جەھەتتە ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ جامائەت پىكىر يېتەكچىلىكى، خەلقنى تەربىيەلەش، سەپەرۋەر قىلىش، قوزغىتىش، تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ ئەقلىي ئويغىنىش، تەبىئىي پەن روھى، ئىلمىي ئىستىل، ئىلىمخۇمارلىق، تەپەككۇرچان روھى ھالەت ۋە ھەرىكەت پىسخىكىسى يېتىلدۈرۈشتىكى مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ نەمۇنىلىك بىلەن ئادا قىلىشى لازىم، ئەلۋەتتە.
ئىلمىي فانتازىيە ئاق توچكا ھالەتتە دېسەك ئېھتىمال بەزىلەر: «بىزدىمۇ فانتازىيە تۈسىنى ئالغان بالىلار چۆچەكلىرى بارغۇ» دېيىشى مۇمكىن. بىراق، ئۇ ئەسەرلەر قانداقتۇر رىۋايەت-ئەپسانە، چۆچەك تۈسىنى ئالغان بولۇپ، ئىلمىيلىك، تەبىئىي پەن روھى ۋە بىلىمچانلىق يوق. مەسىلەن، بىرەر كىشى مەلۇم جايدىن يەنە بىر جايغا ئۇچۇپ باردى دېگەن بولسا ئۇ قانداق بولۇپ، نېمە ئىلمىي ھېكمەت ۋە پەننى قانۇنىيەتكە تايىنىپ بارالىدى، يولۇققان مەسىلىلەرنى قايسى ئىلمىي ئۇسۇل ۋە پەن ۋاسىتىسىگە تايىنىپ ھەل قىلدى؟ دېگەنلەر ئەسلا چۈشەندۈرۈلمىگەن ھەم سىڭدۈرۈلمىگەن. ئىلمىيلىكتىن ئايرىلغان فانتازىيە قۇرۇق خام خىيال ۋە ئەپسانىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھەقىقىي يىرىك ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەر تېخىمۇ يوق. يېقىندا «مەڭگۈلۈك ياشاش» ناملىق بىر فانتازىيەلىك ھېكايىلەر توپلىمى نەشردىن چىقىپتۇ. بۇ بىر ياخشى باشلىنىش ۋە «ئىلمىي فانتازىيەلىك بىخ» دېيىش مۇمكىن. بىراق بۇمۇ پەقەتلا بىر تۆۋەن سەۋىيەلىك دەسلەپكى باشلىنىش، خالاس.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا، مەخسۇس پەننىي ئەدەبىيات تېخىمۇ ئاق توچكا ھالەتتە بولغاندىن سىرت، ئەدەبىيات بىلەن ئىلىم-پەننىڭ ئورگانىك بېرىكىشىدىمۇ ئېغىر دەرىجىدە مەسىلە بار دېمەي تۇرالمايمىز. مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈف خاس ھاجىپ توغرىسىدا بىيوگرافىك رومانلار ۋە باشقا تارىخى رومانلارمۇ يېزىلدى. بىراق، ئۇلاردىكى ئومۇميۈزلۈك ئاجىزلىق شۇكى، ئاپتورلىرىمىز بەدىئىيلىككە، ھېسسىياتقا، تىل پاساھىتى ۋە بالاغىتىگىلا كۈچەپ، ئاشۇ ئۇلۇغ بوۋىلىرىمىزنى مادارىنىڭ يېتىشىچە ھېس-ھاياجانلىق ماختىدى، ماختاندىيۇ، پۈتكۈل ئەسەرنىڭ ئەقىل بىلەن پاتلىنىپ، بىلىم بىلەن تويۇنۇشىغا، بىلىمچانلىقىنى ئاشۇرۇشقا، زاماندار تەبىئەت قارىشى ۋە تەبىئىي پەن روھى سىڭدۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئىلىم-پەن روھىنى يېڭىچە زاماندارلىققا ۋە مەزمۇندارلىققا ئىگە قىلىش جەھەتلەردە قىلچە كۈچ سەرپ قىلىنمىدى. بۇ خىل ئەھۋال ئەڭ داڭلىق ئەدىبلەرنىڭ ئاتالمىش مەشھۇر ئەسەرلىرىدىمۇ ئوخشاش. ئادەم نېمىنى بىلسە شۇنى سۆزلەيدۇ، يازىدۇ، بىلمىگەننى يازغىلى بولمايدۇ. دېمەك، مەسىلىنىڭ تۈگۈنى ئەدىبلىرىمىز يەنىلا ئىلىمدىن ساۋاتسىز، نەزەر ئالەمدە ئەمەس، ئۆزىدە؛ مەۋقە ئىنساندا ئەمەس، ئۇيغۇردا، پىكىر دۇنيادا ئەمەس، چوڭ بولغان مەھەللىدە ياكى پەقەت ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىدە. پاراسەتلىك ۋىجدان ئىگىلىرى شۇنداق ئۆتۈنىدۇكى، بىزدىنمۇ ئىلىم-پەن ئىدىيەسى ۋە بىلىم بىلەن يۇغۇرۇلغان ئەدىبلەر دۇنيا كېلىشى كېرەك.
بۇ كىتابتىكى ئاجىزلىق ياكى تولۇق بولمىغان تەرەپ يەنىلا ئەدەبىيات ۋە ئىلىم-پەن مەسىلىسى. گەرچە كىتابنىڭ بىرىنچى بابىدىلا تەبىئىي پەن بىلەن ئەدەبىياتنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتكەن (10-بەت، 12-پايدىلانما) بولسىمۇ، بىراق چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق بولمىغان دەپ قارىدىم. بۇنى ئەلۋەتتە ئاپتورنىڭ ئىلىم-پەن بىلەن تەربىيەلىنىشىنىڭ يېتەرسىزلىكى، بىلىم قۇرۇلمىسىدىكى يەككىلىك، ئەسەر يېزىلغان پەيتتىكى دەۋر ئالاھىدىلىكى ۋە باشقا ئارقا كۆرۈنۈش ئامىللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئانالىز قىلساقلا تولۇق ھېس قىلالايمىز. «XX ئەسىرنىڭ 60-،70-يىللىرىدىكى ئامېرىكا بىر قايناق، قالايمىقان، يۈز ئۆرۈش دەۋرى بولۇپ، نوپۇز بىلەن ئەنئەنە ھەيۋەتلىك ۋە قاينام–تاشقىنلىق ئىچىدىكى قارا تەنلىكلەر ھوقۇقى ھەرىكىتى، ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكىتى، يېڭى سولچىلار ھەرىكىتى، شۇنداقلا ياشلارنىڭ ئاساسى مەدەنىيەت ئېقىمىغا قارشى تۇرۇۋاتقان داۋالغۇش ئىچىدە مىسلىسىز دەرىجىدە خىرىس، ھەرخىل بىپەرۋالىق قىلىش، چەتكە قېقىلىۋاتقان توپلار ئۆزلىرىنىڭ ئورنى ۋە ھوقۇق –مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان»[19 ؛6]دەۋر بولغاچقا، ئاۋام خەلقنىڭ ئىلىم-پەن بىلەن ھەپىلىشىدىغانغا ئانچە چولىمۇ يوق بولۇپلا قالماي، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا مۇھىتمۇ شۇنداق ئىدى. «1957-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى تۇنجى سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىۋىدى، ئامېرىكىنىڭ نېرۋىلىرىنى قاتتىق غىدىقلىۋەتتى-دە، ئامېرىكا زور كۈچ بىلەن پەن-مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلاپ، تېخنىكىغا بولغان چوقۇنۇش مىسلىسىز دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن.»[20؛6]بۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق تارىخى تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلىپ كۆرسەك شۇنى بايقايمىزكى، گەرچە چىن مەنىدىكى ئىلىم –پەننىڭ شەكىللىنىپ، گۈللەنگەنلىكىگە 500يىلچە بولغان بولسىمۇ، ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ ھەقىقىي گۈللەنگەن ۋاقتى دەل ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن روياپقا چىقتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، XX ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، بولۇپمۇ يېقىنقى 40 يىل مابەينىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئىنسانىيەتنىڭ يېقىنقى ئىككى مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تەرەققىيات تارىخىدا قولغا كەلتۈرگەن بارلىق ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىنمۇ ئېشىپ كېتىپ، ئۇلۇغ تەرەققىيات ۋە غايەت زور ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى ھەم مىسلىسىز دەرىجىدە چۈشىنىش، ئېتىراپ قىلىنىش ۋە قوللاشقا ئېرىشتى. رېنى ۋېلېك گەرچە دۇنيادا تەسىرى كۈچلۈك ئەدىب بولسىمۇ، ئۇنىڭ ياشىغان ھەم ئىلىم ئالغان چوڭ مۇھىتى يەنىلا ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بولغانلىقى ۋەجىدىن ئىلىم-پەن ۋە ئەدەبىياتتىن ئىبارەت يۇقىرى ئىستېدات، مول ھەم پۇختا بىلىم قۇرۇلمىسى، كۈچلۈك تەبىئىي پەن روھى ۋە چوڭ ئىلىم-پەن ئېڭى بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان بۇنداق نازۇك ھەم مۇرەككەپ تېما ئۈستىدە ئۇنىڭدىن ئارتۇقىنى كۈتۈشمۇ راستتىنلا «سۆگەتتىن ئامۇت تەلەپ قىلىش» ھېسابلانسا كېرەك، ئەلۋەتتە. بۇخىل رېئاللىق ئۇنىڭ مۇشۇ بابتا پايدىلانغان مەنبە ۋە ئىزاھاتلىرىدىنمۇ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.
پاكىت شۇكى، «جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىز جۇڭگولۇق پۇقرالارنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن بولۇشى ئېلىمىزنىڭ تىنچ قەد كۆتۈرىشىدىكى «ئاجىز قوۋۇرغىسى» بولۇپ، ھەر يۈز جۇڭگولۇق ئىچىدە خەلقئارا بىر تۇتاش ئۆلچەمگە توشىدىغان ئىلىم-پەن ساپاسىنى ھازىرلىغانلار ئاران ئىككى ئادەم (%1.98)گىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، تەرەققىي قىلغان ئەللەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھېچ بولمىغاندا 15-20 يىل ئارقىدا.»[21؛166-169] بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەردىكى ئىلىم-پەن ساۋاتسىزلىقى كىشى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە بولۇپ، «سىرتتىكىلەر: جۇڭگونىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەر تەدرىجىي ھالدا قانۇن ساھەسىدىكىلەردىكى ئىلىم-پەن ساۋاتسىزلىقىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، جۇڭگودىكى ئەڭ زور قانۇن ساۋاتسىزلىرى توپى بولۇپ قالماقتا. كىشىلەر يەنە، نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۈزۈلمەي چىقىۋاتىدۇ، ئالەملىك ئادەم كېمىسىدىن گېن كۆچۈرۈش، نانومېتىر تېخنىكىسىدىن يېڭى ئېنېرگىيە ئىنقىلابىغىچە، مۇھىت ئۆزگەرتىشتىن چوڭ مېڭىنى تونۇشقىچە، نىسپىيلىك نەزەرىيەسىدىن توقۇلما تەربىيەلەشكىچە، بىيو تېخنىكىدىن پەن-تېخنىكىلىك كىلونلاشقىچە، تەن كۆچۈرۈشتىن روھى ئانالىزىغىچە، ئىلمىي فانتازىيەدىن ئىلىم-پەن ئەمەلىيىتىگىچە بولغان كەڭ ساھەلەرنىڭ ھەممىسى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان قىزىق تېمىلار بولۇپ تۇرماقتايۇ، بىز نېمە ئۈچۈن بۇ ساھەلەردە ئەدەبىياتچىلىرىمىزنىڭ قەلەم ئىزى ياكى سايىسىنى بولسىمۇ كۆرەلمەيمىز؟ دەپ سوراۋاتقاننىڭ ئۈستىگە، يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى، توپا-چاڭ، تۇمان، قۇم-شېغىل، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى، يانار تاغ پارتلاش، كۈچلۈك يەر تەۋرەش، دېڭىز تاشقىنى قاتارلىق ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇق مۇھىتىغا تەھدىت بولۇۋاتقان تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئالاقىدار زور ئىلىم-پەن مەسىلىلىرىگىمۇ ئەدىبلىرىمىزنىڭ قەلىمى تەگمىدى. سارس ھادىسىسى، قانشورىغۇچى قۇرت كېسىلىنىڭ قايتا تىرىلىشى، قۇش زۇكىمىنىڭ زىيىنى، ئەيدىز قاتارلىقلاردىمۇ ئەنە شۇ «ئىنسان ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆزىدە نامايەن قىلىدىغان ئەدىب»لەر ئاساسەن ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلماستىن تىم-تاسلا يوقاپ كېتىشتى.»[22؛166-169]
«سوپىزم بىر خىل پەلسەپە، بىر خىل ئېستېتىكىلىق ئىدىيە، بىر خىل تۇرمۇش شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيەۋى تەپەككۇر شەكلى، دۇنيا قاراش ۋە كىشىلىك ھاياتقا بولغان پوزىتسىيەسىگە؛ شېئىر-قوشاق ئىجادىيىتىگە؛ دىنى قائىدە، ئەدەپ-يوسۇنلىرى، ئۆرۈپ-ئادەتلىرى ۋە ھەرىكەت ئۆلچەملىرىگىچە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ تەسىرلەر ھېلىمۇ بۈگۈنگىچە مەۋجۇت.»[23؛61] مېنىڭ چۈشەنچەمدىكى سوپىزم ئىنسانىي كامىللىق بويىچە تاۋلىنىش ۋە روھى تېمىزلىكنى ئاۋۋالقى ئورۇنغا قويىدىغان پەلسەپىۋى، دىنى تەشەببۇس بولۇپ، ئۇ ئادەم بىلەن تەڭرىلىك بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى روھى پاكلىق ۋە مەنىۋى تاۋلىنىش يولىدا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ھەقىقەتلىرىگە ئېرىشىشكە بولغان چەكسىز ئىنتىلىش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش تىپىدىكى يۈكسەك مەنىدىكى ئىشق -مۇھەببەتتىن ئىبارەت. سوفىستىك شائىر-يازغۇچىلار ئۆزلىرىنى شۇخىل «ئىشقى-مۇھەببەت»نىڭ ۋىسالىغا يېتىشنى نىيەت قىلغان «ئاشىق» دەپ قاراپ، ئۆز غايىسىدىكى ئاشۇ «مەشۇقى»بولمىش تەڭرىنى «يار، يارىم، يارىڭ، دوست، مۇھەببىتىم، مەشۇقۇم، گۈزەل، ھەق ئاللاھ» دېگەندەك تىل ۋاسىتىلىرى بىلەن ئىپادىلەشكە ئادەتلەنگەن. بۇ خىل ئۆزگىچە ئىپادىلەش شەكلى ۋە تىل ۋاسىتىسى يۈسۈف خاس ھاجىپ، رۇمى، ئۆمەر ھەييام ۋە نەۋايى قاتارلىق ئالىملىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ كەڭ ئۇچرايدۇ. تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇچرايدىغان ھېلىقى «يار...» ئىبارىلىرى قانداقتۇر، يات جىنسلار ئارا ۋە كىشىلەر ئارا باشقا مۇھەببەت شەكىللىرىنى كۆرسەتمەستىن، ئەكسىچە، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ھەقىقەتلىرىگە ئېرىشىش يولىدا كىشى ۋۇجۇدىدىكى مەنىۋى تاۋلىنىش ۋە روھى تېمىزلىك جەريانىدىكى يۈكسەك مەنىدىكى«ئىشق-مۇھەببەت»تىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ھەممىگە «بىلىنىپ» تۇرسىمۇ، ئۇنى كۈنىمىزدىكى شائىرلار ۋە شېئىر مەستانىلىرى دوگما ھالدا يەنىلا شۇ جىنسلار ئارا ۋە ئادەتتىكى كىشىلەر ئارا ئىشق-مۇھەببەت ئىبارىسىدەكلا يۈزەكى چۈشىنىۋېلىپ، ھېچقايسى بىر شائىر ۋە بىرەر شېئىر مەستانىسى «يار»نى ئەينەن يېقىن قىلىپ بېرەلمىدى.
يۇقىرىدا تەبىئىي پەن روھى ۋە تەبىئىي پەننىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى ھەم ئۇنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن بولغان دىيالېكتىكىلىق مۇناسىۋىتى توغرىسىدا خېلى تەپسىلىي توختالدۇق. مېنىڭچە، ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا تەبىئەت پەنلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە بەزى مېتودولوگىكىلىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىش ئارقىلىق ئەدەبىياتنى ھەقىقەت ۋە گۈزەللىككە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىلمىيلىكى، بىلىمچانلىقى، بەدىئىيلىكى، سەنئەتلىكى ۋە ئوقۇشچانلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغىلى، ئوقۇرمەنلەرنى مەنپەئەتلىك ئىلمىي زەرەتلەش، ئىلىم-پەن روھى ۋە بىلىم ئىشتىياقى يېتىلدۈرۈش، ئەدەبىياتتىكى بىلىم قەھەتچىلىكىنى تۈگىتىش تامامەن مۇمكىن. رېنى ۋېلېك قاتارلىقلارنىڭ قارىشىچە: «تەبىئىي پەن ئالىملىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئومۇمىي قانۇنىيەتلەرنى بايقاش ۋە تۇرغۇزۇش، تارىخشۇناسلارنىڭ بولسا تەكرارلىنىش مۇمكىنچىلىكى يوق پاكىتلارنى ئىگىلەشتۇر.» «ئالىملار شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئۇلارنىڭ باش–ئاخىرىدىكى سەۋەب نەتىجىلەر ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ، تارىخشۇناسلار بولسا ھەرخىل ھادىسىلەرنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىشكە ھەممىدىن بەكرەك قىزىقىدۇ.»[24؛68] شۇڭا، بىز ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئىجادىيىتى جەريانىدا تەبىئىي پەن بىلەن ئەدەبىياتنىڭ ئۈنۈملۈك گىرەلىشىشى ۋە جىپسىلىشىشىغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. مېنىڭچە، بۇ جەھەتتە بوشلۇق ۋە يوشۇرۇن كۈچ ناھايىتى زور. ئالايلۇق، ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەتتە، نوقۇل ھېسسىيات ۋە تىلنىڭ ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشتىن باشقا، ئىستاتىستىكا، مىقدارلىق ئانالىز، سەۋەب-نەتىجىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش، مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دىياگرامما، جەدۋەل-ئىسخېما، گىرافىك قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تەتقىقات ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانسا، ھېچ بولمىغاندا، بىيولوگىيە، فىزىمات، خىمىيە، ئاگرونومىيە، مېترولوگىيە، مۇھىت، ئوكولوگىيە ۋە باشقا يۇقىرى، يېڭى ھەم ئارىلىق پەنلەردىكى ئومۇمىي خاراكتېرلىك ئۇنىۋېرسال ساۋات، ئۇقۇم، ئاتالغۇ-تېرمىنلار ھەم ئىلىم-پەن تىلى قاتارلىقلار ئەدەبىيات ئىجادىيىتىگە ماھىرلىق بىلەن سىڭدۈرۈلىدىغان بولسا، پۈتكۈل ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىلىك سەۋىيەسىدە ماھىيەتلىك زور ئۆسۈش ۋە ھالقىش قولغا كەلتۈرۈلۈپلا قالماستىن، ئەدەبىياتنىڭ ئىلمىيلىكى، چىنلىقى، ھېسسىياتچانلىقى، قايىل قىلارلىقى، ئوقۇشچانلىقى ۋە جەلىبكارلىقىمۇ غايەت زور دەرىجىدە ئۆسىدۇ...
7. ئەدەبىياتچىلىرىمىزدا شەخسىيەتچىل ئۆزلۈك، دىل بىرلىكى بولماسلىقتەك چېچىلاڭغۇلۇق-ئىناقسىزلىق، مەزھەپچىلىك، تەپرىقىچىلىك، گۇرۇھۋازلىققا ئوخشىغان يامان «سۈپەتلىك ئۆسمە» ۋە ئىدىيەۋى «مېتە»دىن قۇتۇلۇپ، يەككە، تارقاق ئىپتىدائىي، كىچىك گۇرۇھلارنىڭ مەنپەئەتداشلار «ئەدىبلەر ئورتاق گەۋدىسى» بولۇپ ئۇيۇشماستىن، دۇنيا بىلىم ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى ئېقىمىغا ئەگىشىپ، چوڭ «ئىلىم-پەن ئورتاق گەۋدىسى» بولۇپ ئۇيۇشۇشقا يۈزلىنىش، بىلىش مېتودى جەھەتتىن ئۆزلۈكنى بايقاپ ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىپ، تەپەككۇر پەللىسىنى تېزدىن ئالەملىك نەزەر ۋە ئىنسانىيەت يۈكسەكلىكىدىكى خەلقئارا ئۆلچەمگە قويۇپ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۈكسەك ۋە كەڭ ئۇپۇقتىكى گۈزەل مەنزىرىگە تىكىش كېرەك.
ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەردە ئۆزلۈك ئېڭى زىيادە كۈچلۈك، ئىدىيەدە چېچىلاڭغۇ، دىل بىرلىكى يوق، ئىناقسىزلىق خاھىشىنى مۇنۇ ئىككى مىسالدىن تولۇق ھېس قىلالايمىز. ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئەزەلدىن ئەدەبىياتتىن چىققان بىرەرى مۇدىر بولۇپ باقماپتۇ (ھازىرمۇ شۇ). يېقىنقى يىللاردىن بېرى بىر مۇنچە تۆھپىكار ئەدىبلەر باقى ئالەمگە كەتتى. بىراق، ئۇلارنىڭ تۆھپىسى داستىخانغا چىقمىدى. ئەدەبىيات قوشۇنىدىكىلەر ئارىسىدا ئىلمىي كۆز قاراش ۋە تەتقىقات، ئىجادىيەت مېتودى ھەم تۇتقان يولى جەھەتتىكى كىچىككىنە پىكىر ئىختىلاپلار ھەمىشە ئۇلارنىڭ «سۇ بىلەن ئوت»تەك بىر-بىرىنىڭ «قاتىلى»غا ئايلىنىپ قېلىشىغا، بىر-بىرىنى كۆزگە ئىلماي، ھەسەت قىلىشىپ، ئۆچ–ئاداۋەت ساقلاپ يۈرۈشۈشىگە سەۋەب بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ. ھەتتا خېلى تەربىيە كۆرگەن ئەدىبلىرىمىز كەسىپتىكى پىكىر ئىختىلاپلارنى كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرگە سۆرەپ كېرىپ «بىر يولغا پاتمايدىغان»، نومۇس قىلماي، بىر-بىرىنى ئاشكارا تىللاپ يۈرۈشىدۇ. لېكىن تەبىئىي پەن ساھەسىدە، ھەرگىز بۇنداق ئىش يوق. تەبىئىي پەن ۋە پەلسەپىدە بولسا سالاچىلىق، سىمىتىرىيەسىزلىك، نەيرەڭۋازلىق ۋە مىكرى مېتودقا قىلچە ئورۇن يوق. ھەتتا ئىلىمدارلار ئارا ئىلمىي ئۈلپەتداشلىق، پەن تەتقىقاتتىكى ھەمكارلىق ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىمۇ پىرىنسىپال دوستلۇق، ئىلمىي ھەمكارلىق ئاساسىدا بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ گۇرۇھۋازلىق، تەپرىقىچىلىك، ئىرقچىلىق ۋە دۈشمەنلىشىش، ساختىپەزلىك، نەيرەڭۋازلىققا بازار يوق. بەزى قاراش ۋە مېتودلاردا ئىختىلاپ ياكى زىددىيەت بولغان تەقدىردىمۇ بۇ پەقەت نەزەرىيە ئاساس، تەپەككۇر پەللىسى، ئىلمىي مېتود ۋە كۆزىتىش بۇلۇڭىنىڭ ئوخشىماسلىقى جەھەتتىكى پەرقتىنلا ئىبارەت بولۇپ، ھەرگىز يېتەكچى ئىدىيە ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى زىددىيەت ئەمەس. شۇڭا تەبىئىي پەنچىلەر ئارا ھەر قانداق ئىلمىي ئىختىلاپلارنى پەقەت ئۆگىنىش، تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تايىنىش ئاساسى-كۆزىتىش بۇلۇڭىنى ئۆزگەرتىش، مېتود يېڭىلاش ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇش-ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ھەمكارلىشىپ تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ ياكى ئۆزئارا بىر-بىرىنى زەرەتلەپ ۋە ئىندۇكسىيەلەپ  يۈرۈپ، ئاخىرىدا كىمنىڭ توغرا بولسا شۇنىڭكىنى قوللايدۇ ۋە ئېتىراپ قىلىشىدۇ. تەدرىجىي كەسىپتىكى «رەقىب»لەردىن تۇرمۇشتىكى قەدىناس دىلكەش دوستقا ئايلىنىپ قالىدۇ.
كۆزىتىشىمچە، ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىدىيەۋى ئۆملۈك ۋە دىل بىرلىكىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان، ئىتتىپاقلىق-ھەمكارلىق ئېڭىنىڭ سۇس بولۇشىغا بىۋاسىتە سەۋەب بولۇۋاتقان بىرلا نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ تەبىئىي پەن روھىنىڭ كەملىكى ۋە زىيادە ئۆزلۈك ئېڭىدىن ئىبارەت. تەبىئىي پەن روھى يېتىلدۈرمەي، ئۆزلۈكتىن ۋاز كەچمەي تۇرۇپ بۇ مەسىلە ھەل بولمايدۇ.
ئۇنداقتا ئۆزلۈك دېگەن نېمە؟ مەن تونۇيدىغان ئابدۇشۈكۈر سىدىق ئىسىملىك ئاددىي، ئەمما ئۇلۇغ بىر ئوقۇتقۇچى بار. ئۇ يېقىندىن بېرى كۆپىيىۋاتقان ئۆزلۈك داۋرىڭىغا قارىتا مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيادا ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى ئەيدىز كېسىلى، گېن قوراللىرى، يادرو ئۇرۇشى، نامراتلىق بولماستىن، بەلكى خاتا ئىدىيەنىڭ پەلسەپە سۈپىتىدە ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقىپ قىلىشىدۇر. ئۆزلۈك دەل شۇنداق ئىدىيەلەرنىڭ باش مەنبەسىدۇر» مېنىڭچە، كاللىسىنى ئۆزلۈك چىرمىۋالغان، ئۆز كۆڭلىگە ئۆزگىنى سىغدۇرالمايدىغان، ئۆزلۈك داۋراڭچىلىرى بولۇۋاتقان شاللاق زىيالىيلارغا دەل جايىدا ئۇرۇلغان بىر پەلسەپىۋى كاچات. بۇ ھەقتە نۇرغۇن مۇھاكىمىلەر بولۇۋاتىدۇ. مەنچە، ئۆزلۈكنىڭ ئانا تىل ۋە خەنزۇ، ئىنگلىز تىلى مەدەنىيەت مۇھىتىدىكى لېكسىكىلىق ۋە گىرامماتىكىلىق مەنىسىدىن قارىغاندا، ئۇ ئۆزىنى مەركەز قىلىش، كۆڭلىگە ئۆزگىنى سىغدۇرالماسلىق، ئۆزىنىڭكىنىلا دۇرۇس ھەم توغرا دەپ قاراش، ئۆزىنىلا ئويلاش، ئۆزىلا مەسئۇل بولۇش، ئۆزىلا تەرەققىي قىلىشنى ئويلاش، ئۆزىنى گەۋدىلەندۈرۈش دېگەنلىك بولىدۇ. مەن (ئۆز)، «مەنىلىك» تومۇرلىقىدىكى شەخسىيەتچىلىك ئۆز (مەن، ئۇيغۇر، ئۆز كەسپىم، ئۆز مەھەللەم-يۇرتۇم ئۆز دوستۇم، ئۇستازىم...)لىك مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ بەرپاچىلىرىدىن بولمىش ئېمالى دۇركېھېم③ ئۆزلۈكنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بۇخىل ئۆزچىللىك خاراكتېرىنى ئېتىراپ قىلىپ: «ئۆزلۈك بىر خىل مەركەز... ئۆزلۈك قارىشى بۇ شارسىمان جىسىمنىڭ مەركىزى» دەيدۇ.
ئۆزلۈك ئۇ ئادەمنىڭ ئېتنوگرافىيەلىك باسقۇچتىكى دەسلەپكى ئۇقۇم ھەم ئۆزىنى تونۇپ ئۆزلۈكىدىن ھالقىپ، ئۆگلۈككە ئۆتۈش مۇساپىسىدە بېسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان تۆۋەن سەۋىيەدىكى ئىپتىدائى ئۇقۇم ۋە ئۆتكۈنچى جەريان. ئۇ يۈكسەك مەدەنىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمى ۋە ئالىي باسقۇچىغا ئۆتكەن ئادەملەر ئۈچۈن تولىمۇ تۆۋەن، پەس ۋە پاسسىپ ئۇقۇم. ئۆزلۈكنىڭ ئالىي باسقۇچى ئۆگلۈكتۇر. بۇنى بىر قىسىم ئىلىم ساھىبلىرى «ئالىي ئۆزلۈك»، «يۈكسەك ئۆزلۈك»، «ئۆزلۈكنىڭ يۇقىرى قاتلىمى» دەپمۇ ئاتاپ باقتى. بىراق يەنىلا «ئۆگلۈك»④ دېگەندەك تازا جايىغا چۈشمىگەنلىكىنى ھېس قىلىشىپ گاڭگىراپ قىلىشماقتا. ئەمەلىيەتتە، «ئۆزلۈك زىيادە تەكىتلەنسە ئاقىۋەتتە شەخسىيەتچىلىك، تار مەنىدىكى مىللەتچىلىك، ئىرقچىلىق، تەپرىقىچىلىق، قورۇقچىلىق، گۇرۇھۋازلىق، بۆلگۈنچىلىك، ھەتتاكى ئۇرۇش ۋە قالايمىقانچىلىققا، ئېزىش ۋە ئېكسپىلاتاتسىيەگە ئىدىيەۋى مەنبە، نەزەرىيەۋى ئاساس ۋە مەنىۋى ماياك بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئۆزلۈكنى تونۇپ، ھېس قىلىپ ئۆتۈشلا كۇپايىكى، ھەرگىزمۇ كۈچەپ تەكىتلەشكە بولمايدۇ، ئۆزلۈك داۋرىڭى قىلىشقا بولسا تېخىمۇ ئەرزىمەيدۇ.»[25] ئىدراكى ئادەملەر ئۈچۈن «ئۆزلۈك» كىشەنلىرىدىن قانچىكى بالدۇر قۇتۇلسا، ئۇنىڭ ئۆگلۈككە قاراپ ئىلگىرىلىشى ۋە ئۆگلۈشىپ، ئىنسانىي كامىللىققا ئۆتۈش مۇساپىسى شۇنچە قىسقا بولىدۇ، ئەگرى يولنىمۇ ئاز مېڭىشى مۇمكىن. ئۆگلۈك) پۈتۈنلەي يىپيېڭى ئۇقۇم بولۇپ، ئىسلامجان شېرىپ پۈتۈنلەي ئانا تىل مەدەنىيەت مۇھىتىدا تۇرۇپ ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۆز يازمىلىرىدا قوللىنىشقا باشلىغان. كېيىن ئىلىم سەرخىللىرى، ئاساسىي قاتلامدىكى روھى ئىنژېنېر ۋە ئىلىم-پەن خىزمەتچىلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ھەم ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئۆلچىمى ۋە تىرىشىش نىشانى قىلىشقا باشلىدى. بىراق بۇ بىر دەرىجىدىن تاشقىرى يېڭى ۋە ئۆزگىچە ئۇقۇم بولغانلىقتىن، ئىلىم ساھەسىنىڭ ئوتتۇرا قاتلىمىدىكىلەر تېخى چۈشىنىپ بولالماي ئىككىلىنىش ھالىتىدە تۇرماقتا. بۇ ئۇقۇمنىڭ لېكسىكىلىق ۋە گىرامماتىكىلىق مەنىسى، تەتبىقلىنىش كاتېگورىيەسىنى تونۇش جەھەتتە ئىختىلاپ بولمىسىمۇ، ئاتاش جەھەتتە تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئەھۋال مەۋجۇت. مەسىلەن: بەزىلەر «ئالىي ئۆزلۈك»[26] دېسە، يەنە بەزىلەر «ئۆزلۈكنىڭ يۇقىرى قاتلىمى»[27] دەيدۇ، يەنە بەزىلەر «يۈكسەك ئۆزلۈك» [28] دەپ ئاتىماقتا. «ئەدەبىيات نەزەرىيەسى»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىغا يازغان كىرىش سۆزدە ئابدۇقادىر جالالىدىن «ئەقلىي سەرمايىلەرنىڭ توپلىنىشى تەرجىمىدىن باشلىنىدۇ.»[29؛115]دەپ ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكى مۇنداق بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئىشنى ئەسكە ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ: ئەبۇ رەيھان ئەل بىرۇنى⑤نىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى ئورنى ۋە تەسىرىنى بارلىق ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيەتلىك ئەللەرنىڭ ھەممىسى ئوبدان بىلىدۇ. «ئۇ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىملاردىن بولۇپ، ئىبىن سىناغا ئوخشاشلا مۇھىم ئىدى. بىراق خەلقئارا ئىلىم ئالماشتۇرۇشتا ئىبىن سىنانىڭ «ساغلاملىق دەستۇرى» ۋە ئۆمەر ھاييامنىڭ «رۇبائىيات» قاتارلىق ئەسەرلىرى لاتىنچە، ئىنگىلىزچىىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ياۋروپالىقلار، شۇنداقلا ئىنگلىز تىل مەدەنىيەت توپىدىكىلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپلا قالماستىن، ئىلىم ساھەسىدىكى ئورنىمۇ خېلىلا يۇقىرى. بىراق، برۇنى ھەم ئۇنىڭ ئەمگەكلىرىنىڭ ئىلمىي قىممىتى ئىبىن سىنادىن قېلىشمايدىغان دەرىجىدە مۇھىم بولسىمۇ، بىرۇنىنىڭ ئەسەرلىرى لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنمىغانلىقتىن، ئۇنى ياۋروپالىقلار بىلمەيدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە دەرسلىك كىتابلىرى نەچچە يۈز يىل دەرسلىك قىلىنىپ ئوقۇتۇلغان بولسىمۇ، ئۇنى تارى»[30؛52-62] ۋە جاھان ئەھلى يېڭىباشتىن تونۇشقا باشلىغان. ھەتتا بۇلار ئاز كەلگەندەك، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئىتالىيەلىك جوردان بىرۇنو⑥ ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرىۋېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت. بۇنداق پاجىئەنىڭ بۈگۈنمۇ تەكرارلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھازىرقى ياش ئالىملىرىمىز خەلقئارا ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق جەھەتلەردە ئىزچىل تۈردە «كىرگۈزۈش» ۋە «ئىمپورت» تىپىدىكى «ئىستېمالچى» بولۇش يولىنىلا تۇتماستىن، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيەت مۇھىتىدا بەرپا قىلىنغان نادىر تەپەككۇر دۇردانىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جاھان ئەھلىگە تونۇشتۇرالايدىغان «ئېكسپورت» تىپىدىكى «ئىختىراۋى» ئىلىمدارلاردىن بولۇشى ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. مېنىڭچە، بۇنداق تىپتىكى ئىلىم ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى مۇنۇ ئىككى نۇقتىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ: بىرى، ئۆزىمىزنى تار مەنىدىكى ئۆزلۈك ۋە مەھەللىۋى مەدەنىيەت رامكىسىدىن ھالقىتىپ، ئالەملىك نەزەر ۋە دۇنياۋى، ئىنسانىي بىرلىككە قويۇپ تۇرۇپ، تەپەككۇر، تەتقىقات ھەم ئىلىم ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئۆزئارا قوش يۆلىنىشلىك ئالماشتۇرۇش، تولۇقلاش ۋە ئىنسانىيەتنىڭ بىلىم بايلىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش مەقسىتىگە يېتىلىپلا قالماستىن، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە تېگىشلىك تۆھپە قوشالايمىز؛ ئىككىنچى، باشقىلارغا ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىزنى باشقىلارنىڭ تىلى بىلەن ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ تىلى بىلەن ئىپادىلەش، نامايان قىلىش ۋە ھېس قىلدۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز. ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى باشقىلارنىڭ تىلى ئارقىلىق «نامايان قىلىش»، «ھېس قىلدۇرۇش» ھامان ئەھمىيەتسىز ۋە ۋاقىتلىق بولۇپ، ئۆز تىلىمىز ئارقىلىق «نامايان قىلىش»، «ھېس قىلدۇرۇش» تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ھەم ئەبەدىي بولىدۇ.
ئۆزلۈك بىلىش مېتودى جەھەتتە، ئۆگلۈككە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەپەككۇر پەللىسى ۋە ئوربىتىسىنىڭ بەكمۇ تۆۋەنلىكى، كۆزىتىش بۇلۇڭى ۋە نەزەر دائىرىسىنىڭ تولىمۇ تارلىقى بىلەن ئۆگلۈكتىن روشەن تۆۋەن ۋە پاسسىپ ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ ئۆزى چوقۇنىدىغان كىلاسسىكلار ۋە نوپۇزلۇقلارنىڭ نەزەرىيەسىگە مەھكۇم ۋە روھى بەخشەندە بولغان بولۇپ، ئەندىزىچىلىك، ئەنئەنىچىلىك، دورامچىلىق، كىلونچىلىق ۋە تەقلىدچىلىكتىن قۇتۇلالمايدىغان بولغانلىقتىن، ئۆزلۈك سەۋىيەسىدە تۇرۇپ، ياكى ئۆزلۈك ئېڭىدىن قۇتۇلماي تۇرۇپ، بىلىم ۋە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، سېپى ئۆزىدىن ئەسلىي ئىجادىيەت دېگەنلەردىن مەڭگۈ ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. ئۆزلۈك ئېڭى كۈچلۈك ئادەملەردە توغرا ھەم ئەبەدىيلىك دۇنيا قاراش، كىشىلىك قىممەت قارىشى، توغرا رىقابەت قارىشى ۋە كۈچلۈك ھەمكارلىق روھى بولمايدۇ. ئومۇمەن، ئۆزلۈك ھامان شەخسىنىڭ مەقسەتدارلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ جەھەتتە ئومۇمىيەتچىل ۋە ئىنسانىيەت يۈكسەكلىكىدىكى ئۆگلۈك قارىشى ھامان ئۆزلۈككە خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ.
ئەقىل كۆزى ئۆتكۈر، ئىلمىي سەمىمىيەت ۋە ۋىجدانغا ئىگە ھەر قانداق ئادەملەر ئۆگلۈشۈش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئەقلىيلىك ۋە ئاڭلىقلىق جەھەتتىن شەخسىيەتچىل ئۆزلۈك مەنپەئەتلىرى ۋە مەقسەتدارلىقى بىلەن ئومۇمىيەتچىل ئۆگلۈك ئوتتۇرىسىدا كەسكىن تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ. بۇنداق تاللاش پەيتىدە ئۆگلۈك كەبى ئادەملەر چوقۇمكى «يەر شارى دۆلىتى»نىڭ «دۇنياۋى پۇقرالىرى» ھېسابلىنىدىغان ئىنسانىيەت (ئەلۋەتتە بۇ ئورتاق گەۋدە تەۋەلىكىدە ئۆزىمۇ بار)نىڭ مەنپەئەتىنى تاللايدۇ. لېكىن، ئۆزلۈك مەۋقەلىكىدىكى ئادەملەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز، كۆزىتىش بولۇڭى كىچىك بولۇپ، يىراقنى، ئومۇمىيلىقنى، ئىستراتېگىيەنى كۆرەلمەيدىغان، ئومۇمىيەتچىلىك ئېڭى سۇس ۋە زەئىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلاردىكى ئاتالمىش ئىلمىي ۋىجدان، ئىلمىي سەمىمىيەت، ئىلمىي پاراسەت، ماكرولۇق نەزەر ۋە ئىستراتېگىيە ئېڭى دېگەنلەر تولىمۇ تار، تەپەككۇر پەللىسى تۆۋەن، پىكىرلىرىدە يۈكسەكلىك ۋە كەڭلىك بولمايدۇ. يەر شارىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا، بۇنداق تار ۋە زەئىپ، پاسسىپ ئۆزلۈك قارىشى ئۆزىنى ھەرقانچە ئالىيجاناب ۋە ئاكتۇئال قىلىپ پەردازلاپ كۆرسەتسىمۇ، ئىدىيەۋى مەنزىلى ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا شۇ «ئۆز»لۈك چەمبىرىكى مەۋقەلىكىدىكى تۆۋەن، پاسسىپ بىلىش سەۋىيەسىدىن ھالقىپ چىقالمايدۇ-دە، ھەرقانچە قىلىپمۇ ئالەملىك ماكرو نەزەر ۋە ئىنسانىي بىرلىكتىكى دۇنياۋى يۈكسەكلىككە ئۇلىشالمايدۇ. قەلبى ھۆر، ئۆزى ئۆگ⑦ ئېستېتىك مۇنەۋۋەر ئادەم بولۇش يولىنى تۇتقان ئۆگلۈشىش ياكى ئۆگلۈك مۇقامىغا يېتىشنى ئارزۇ قىلغان ئادەملەر ھەر ۋاقىت چوقۇم ئۆزلۈك (ئۆزى)گە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۆزىنى تەپتىش قىلىپ تۇرۇشى ۋە شۇ ئاساستا، پىكىر ھەم ئىش-ھەرىكەت كوردىناتىنى قەتئىي ھالدا دۇنياۋى سەۋىيەدىكى ئىنسانىيەت يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، ئۆزىنى دۇنياۋى بىرلىك ۋە ئورتاقلىق ئىچىگە قويۇپ تۇرۇپ، تەپەككۇر، تەتقىقات ۋە ئىش-ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى لازىم. پەقەت شۇنداق قىلالىغاندىلا، ئاندىن ئۆزلۈك كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئۆزلۈك مەركەزلىكىدىكى تار، تۆۋەن ھەم پاسسىپ ئۆزلۈك مەۋقەسىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئۆگلۈشىشكە قاراپ ئىلگىرلەش ۋە ئىنسانىي كامىللىقتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن.
ھايات ياشىغانلىكى ئادەم مەيلى ئۆزى ھېس قىلسۇن، قىلمىسۇن ھامان قىممەت قاراش ۋە تۇرمۇش شەكلى جەھەتلەردىكى تاللاش ھەم ئىنتىلىشلەرگە دۇچ كېلىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ھەربىر ئادەمدە ئۆزىگە چۇشلۇق «كىشىلىك ھايات پەلسەپىسى» بولىدۇ. بۇ كىشىلىك پەلسەپىسى ئادەمنىڭ تۈپكى قىممەت قارىشى ۋە ياخشى-يامان، توغرا-خاتا، ئېسىل -پەسكەش، گۈزەللىك –رەزىللىك، ئالىيجاناب - شەخسىيەتچىلىككە ھۆكۈم قىلىش ياكى تاللاشنىڭ قىممەت سىستېمىسى ۋە پەلسەپىۋى تەشەببۇسلىرىنىڭ ئاساسى بولمىش «كىشىلىك ھايات پەلسەپىسى»نى مەنبە قىلغان بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى يولۇققان تاللاش ۋە ھۆكۈم قىلىش مەسىلىلىرىگە بولغان پەلسەپىۋى يۈكسەكلىكىدىن تونۇشى ھامان پەرقلىق ۋە ئىلگىرى-كېيىن بولىدۇ. لېكىن بۇ مەسىلىلەرنى ئىچكىرىلىگەن ھالدا ئەقىل ۋە ۋىجدان بىلەن ئانالىز قىلىپ، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈدىغان بولساق، ئەڭ ئاخىرى چوڭقۇر ۋە يۈكسەك قاتلاملىق پەلسەپە مەسىلىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. «بىز قانداق ياشىشىمىز كېرەك؟» دېگەن مەسىلە يۇنان پەيلاسوپى سوقرات ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن ئېتىكا ئىلمى، يەنى ئەخلاق پەلسەپىسى ـ پەلسەپە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئەخلاقنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم نۇقتىسىدىن «ئۆزلۈك»نى ئانالىز قىلىپ كۆرسەك، ئۇنىڭ ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، ئۆزى ئۈچۈنلا باش قاتۇرىدىغان نەقەدەر شەخسىيەتچى ئۇقۇم ۋە تەشەببۇس ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. چۈنكى ئۆزلۈك مەۋقەسىدىكى كىشىلەر ھەر قانداق ئىشنى ئۆز پايدىسى نۇقتىسىدىلا تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىدۇ، ھۆكۈم قىلىدۇ، تاللايدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۆزلۈك سەۋىيەسىدە تۇرۇپ، ئۆزى ۋە مەھەللىۋى مەدەنىيەت كاتېگورىيەسىدىن ھالقىغان ئىنسانىيەت يۈكسەكلىكىدىكى دۇنياۋى پىكىرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. بىلىش مېتودى جەھەتتىن ئۆگلۈك كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان «قەقنۇس» بولسا، ئۆزلۈكنى «قۇدۇق ئىچىدىكى پاقا» ياكى «ماڭسا، ماڭسا بىر قىردىن ئاشالمايدىغان قوڭغۇز»غا سىمۋول قىلىش مۇمكىن. ئۆزلۈك مەۋقەسى ۋە سەۋىيەسىدە تۇرۇپ سېپى ئۆزىدىن ئەسلىي ئىجادىيەت ۋە ئالەملىك نەزەر، ئىنسانىي يۈكسەكلىك، دۇنياۋى سەۋىيەدىكى ھەقىقىي يېڭىلىق يارىتىش دېگەنلەردىن تولىمۇ يىراقتا.
سانائەت ئىنقىلابى ئېلىپ كەلگەن يېڭى مەدەنىيەت ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ شىددەتلىك تەرەققىياتى ماددىي مەئىشەتلەرنى موللاشتۇرۇپ، ئاسايىشلىق ـ مەمۇرچىلىق ئەكېلىپ، ماددىي ئېھتىياجلار قاندۇرۇلىۋېدى، كىشىلەر ھەممىگە خۇددى ئىدىىيەۋىلىكى ۋە ئەقلىيلىقىنى يوقاتقان ھالدا باھا بېرىدىغان، ماددىي بايلىقلارنىلا قوغلىشىپ، مەنىۋى بايلىققا ئىنتىلمەس، ئۆزلىرىنىڭ ئادىمىيلىك ۋە روھىي كامىللىق جەھەتتىكى تاۋلىنىشىغا سەل قارايدىغان بولۇپ كېتىشتى. بۇنىڭ بىلەن شەخسىيەتچىلىك، پۇلپەرەسلىك، نام-ئاتاق، ساختا شان-شەرەپ، پايدا-مەنپەئەت، ھوقۇق، مال-دۇنياغا ھېرىسمەن، ئۆزگىگە نەپ بەرمەيدىغان شەخسىيەتچى، سەمىمىيەتسىز بولۇپ كېتىشتى. ئاتالمىش ئۆزلۈك دەل بۇخىل پاسسىپ كەيپىيات ۋە يامان ئادەتكە ئىدىيەۋى مەنبە ۋە نەزەرىيەۋى ئاساس بولۇپ قالماقتا. بۇ خىل خاھىشچانلىق ۋە خاتا كەيپىيات ۋاقتىدا توسۇپ قىلىنمايدىكەن، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى ساپاسى ۋە ئەخلاق پەزىلىتىدە زور چېكىنىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
ئادەم ئۆزلۈك كىشەنلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزلۈكىگە سوئال قويۇپ ۋە ئۆزلۈكنى تەپتىش قىلىپ، ھايۋانىيلىققا تەۋە بولغان ـ ئۆزى ئۈچۈنلا باش قاتۇرىدىغان، ئۆز نەپسىگىلا چوغ تارتىدىغان بۇنداق ئۆزلۈك مەۋقەلىكىدىن قۇتۇلۇپ، ئاكتۇئال، ئىجادىي ئۆگلۈككە قاراپ ھالقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئادەمنىڭ ئىدىيە، ئەخلاق جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشى ۋە ئىنسانىي كامىللىقتىكى تاۋلىنىشى تۆت باسقۇچلۇق بولۇپ، بىرىنچى باسقۇچ، ئۆزىنى بايقاش ۋە تونۇش؛ ئىككىنچى باسقۇچ، ئۆز-ئۆزىنى تەربىيەلەش؛ ئۈچىنچى باسقۇچ، ئۆزلۈككە سوئال قويۇش ۋە ئۆزىنى ئۆزگەرتىش؛ تۆتىنچى باسقۇچ، ئۆزلۈكتىن ۋاز كېچىپ، ئۆگلۈك رىغبىتىگە ئېرىشىش ۋە ئۆگلۈشىشىدىن ئىبارەت.
ئادەمنىڭ بىلىش پائالىيىتى ھامان قەدەم باسقۇچلۇق ۋە قاتلاملىققا ئىگە بولىدۇ. ھەقىقەت ھامان بىر، ئۇ ئىگىلمەيدۇ، سۇنمايدۇ؛ سۇنسىمۇ، ئىگىلسىمۇ ئوخشاشلا ھەقىقەت بولالمايدۇ. بىراق كىشىلەرنىڭ ئۇنى تونۇشى ھامان ئىلگىرى-كېيىن ۋە پەرقلىق بولىدۇ. مەن بىر مويسىپىت ئالىم بىلەن مۇھاكىمىدە بولغىنىمدا ئۇ: مەن ئۆز كۆڭلۈمدە ئۆزلۈكۈمدىن باشقا بىرەر نەرسىمۇ بارمۇ يوق؟ دەپ، بىر ئۆمۈر ئىزدەندىم ۋە مىڭ تەسلىكتە، قەلب پادىشاھلىقىمدا ئۆزلۈكتىن باشقا يەنە بىر ئاجايىپ گۈزەللىك ھەم ئالىجانابلىقنى بايقاپ ئالدىم، ئۇ ئالەملىك ماكرو نەزەر ئىنسانىيەت يۈكسەكلىكى دۇنياۋى بىرلىكتىكى خەلقئارا سەۋىيەلىك ئىھسانى دىيانەتلىك ھۆرلۈك بولغان ئۆگلۈك. بۇ خىل مەنزىرە بەكمۇ گۈزەل ۋە سۆيۈملۈكتۇر. دېمەك، ئىنسانىي كامىللىققا يېتىش مۇساپىمىز يەنىلا خېلى ئۇزاق. بىراق يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىستېداتلىق، مەسئۇلىيەتچان، ئۈمىدلىك دوكتورلىرىمىزدىن ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئەسئەت سۇلايمان، زۇلپىقار بارات ئۆز باش قاتارلىقلار ئۆزلۈكنى تونۇش ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىپ ئۆتۈش جەھەتتە كۆپ ئىزدەندى. بولۇپمۇ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»، «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە» ناملىق ئىلمىي ئىكىپىدىيە–زىيارەت خاتىرىسى تۈسىنى ئالغان مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ۋە جەمئىيەتشۇناسلىققا تاقىلىدىغان تونۇشتۇرۇش ۋە مۇھاكىمىلىك ئەسەرلىرى ئۆزلۈكنى ھېس قىلىش، بايقاش، تونۇش ۋە سېلىشتۇرما تەتقىقات جەھەتتە ئوينىغان پائال رولىنى ھەرگىز تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. بىراق ئىجادىيەت ئىدىيەسى ۋە مېتود جەھەتتە داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىشقا ۋە نەزەر دائىرە جەھەتتە ئۆزلۈكتىن ھالقىپ ئۆگلۈككە قاراپ ئىلگىرلەشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، بۇ جەرياندا ئۆزلۈكنى نوقۇل دوگما ھالدا تار دائىرىدىن چۈشىنىۋېلىپ، ئۆزلۈكتىن قانداق ۋاز كېچىش ۋە ئۇنىڭدىن قانداق ھالقىپ ئۆگلۈشىشنى بىلمەي، جامائەتنى خاتا تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويغان ئوقۇرمەن ۋە پاراسەتسىز گۇپپاڭچىلارنىڭ پاسسىپ تەسىرىمۇ يوق ئەمەس. مەيلى قانداقلا بولسۇن ئەسئەت سۇلايمان ۋە ئۆزباش ئىككىسىنىڭ بۇ خىل ئىزدىنىش روھى، ئىلمىي مەسئۇلىيەتچانلىقى، ئىلمىي جاسارىتى، ئىلمىي پاراسىتى ۋە پەزىلىتىگە چەكسىز ئاپىرىن ئېيتىمەن.
«ئۆزلۈك ـ ئىنساننىڭ ئىتنوگراپىيەلىك مىللەت باسقۇچىدىن، ئىجتىمائىي، مەدەنىي مىللەت باسقۇچىغا ئۆتۈش مۇساپىسىدىكى ئادەم مېڭىسىدە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى دەسلەپكى ھېس قىلىش، ئۆزىنى بايقاش، ئۆزىنى تونۇش، ئۆز مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن باش قاتۇرۇش، كۈرەش قىلىش ئېڭى ئەمدىلا شەكىللەنگەن، ئۆزىنى تونۇش ۋە كۈچەيتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستىكى شەكىللىنىشكە باشلىغان دەسلەپكى ئويغىنىش ۋە شۇنى يادرو قىلغان ئاڭ قاتلىمى. ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى تونۇش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇساپىسىدىكى مۇھىم ئۆتكۈنچى ئۇقۇم ۋە باسقۇچ؛ ئۆزىنى تونۇپ ئۆگلۈككە ئۆتۈش ۋە ئۆگلۈشىشنىڭ تۆۋەنكى باسقۇچى بولۇپ، بېسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان مۇھىم قەدەم باسقۇچ ۋە زۆرۈر جەريان. بىراق، ئۇ تولىمۇ شەخسىيەتچى كېلىدۇ. شۇڭا، ئۆزلۈكنى تونۇپ ھېس قىلىش ۋە ھالقىشلا كۇپايىكى، كۈچەپ تەكىتلەشكە ئەرزىمەيدۇ.
«ئۆزلۈك گەرچە ھەر قانچە دەبدەبىلىك ئوتتۇرىغا قويۇلسىمۇ، ھامان پۇقراۋى ئۆزلۈكلەر ئاشۇ خۇدا، ۋەتەن، مىللەت، كەسىپ... دېگەن ناملاردىكى ئۆزلۈكلەرگە ئەگىشىش ئۈچۈن تەبىئەتنىڭ ئۆزىدىكى مەۋجۇت ھەقىقەتلەرگە ئاسىيلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ جېنى، روھى، مەنپەئەتى، سائادىتى بىلەن ئەكسىرەت بولۇپ قىلىشلىرى مەنپەئەت جەھەتتە ‹مەن›نى مەركەز قىلىپ، تەپەككۇر شەكلى جەھەتتە يەنىلا يىلاندەك ئۆز ئىچىگە تۈگۈلىۋېلىپ ئۆز ئەجىلىگە ئۆزى كېسەل سەۋەبى بولىدىغان پاسسىپ-پەس ۋە تۇرغۇن ئۇقۇمدۇر.»[31] شۇڭا، ئەدىبلىرىمىز ئۆزلۈك مەۋقەلىكىدىكى ئىدىيەۋى چېچىلاڭغۇلۇق، ئىتتىپاقسىزلىق، ھەمكارلىق روھى، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى سۇس بولۇش، ئىجادىيەتكە پۈتۈن ۋۇجۇدى ۋە مېھىر مېتود بىلەن كىرىشمەي، مىكرى مېتود بىلەن كىرىشىدىغان نابابلىق، مەككار، كاززاپلىق، مەنپەئەتپەرەسلىك، ئىلمىي نەزەرىيە ئەمالىقى، ئىلىم-پەن ساۋاتسىزلىقى، تەپەككۇر ھۇرۇنلىقى، پىكىر قاتماللىقى، نادانلىق قاتارلىق روھى كىشەنلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، دىل بىرلىكى ۋە ئىدىيەۋى ئۆملۈكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزلۈك ئېڭىنى يېڭىپ ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىپ ئۆگلۈككە قاراپ يول ئېلىشى لازىم.
8. ئەدەبىياتتىكى ھەممىگە تەڭ شالىنى چاچىدىغان «چېپىلغاقلىق» خاھىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. «ئەدەبىيات نەزەرىيەسى»نىڭ75-،76-بېتىدە: «باسما بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنىلا ئەدەبىيات دېيىش، ... ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى ھەقلىق يوسۇندا ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ بىلىم ساھەسىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگە ۋە ئۇنى ئىگىلىۋېلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ، دېيىش مۇمكىن ... بۇ خىل تەتقىقات تۈپ مەنىسىدىن ئېيتقاندا، يەنىلا ئەدەبىيات تەتقىقاتى ئەمەس.» دەپ كۆرسىتىلىپ، ئەدەبىياتتىكى بۇنداق «چېپىلغاقلىق»، «ئۇستاتلىق»، «قازىلىق» قىلىشقا قارىتا ئاپتورنىڭ كەسكىن رەت قىلىش پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىسە؛ 277-بېتىدە يەنە «ئەدەبىي ئەسەرلەرنى پەلسەپىۋى ماقالە سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىدىغان خاھىشلار ھېلىھەم مەۋجۇت... ئەدەبىيات بىلەن پەلسەپەنىڭ ھەر قانداق مۇناسىۋىتىنى ئىنكار قىلغان.» بۇ ھەقتە گېئورگى بوشنىڭ «ئادەم شېئىردا ئىپادىلەنگەن ئىدىيەنى دەپلا شېئىر ئوقۇمايدۇ.» دېگەن سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، بۇنداق چېپىلغاقلىق خاھىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قامچىلىغان. ئاپتور كىتابنىڭ 267-بېتىدە يەنە كەسكىن قىلىپ: «ئەدەبىياتنى جەمئىيەتشۇناسلىق ياكى سىياسىيشۇناسلىقنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ.» [32؛267-277] دەپ كۆرسەتكەن. ئەمەلىيەتتە، ئەدەبىياتنى پەلسەپە ۋە باشقا پەنلەر بىلەن سېلىشتۇرۇش ھەم ئۇنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. بىراق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بۇنداق «چېپىلغاقلىق» ئەدەبىيات بىلەن پەلسەپە ۋە باشقا پەن ساھەلىرىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش خاھىشى يەنىلا مەۋجۇت. ھەتتا بىر قىسىم ئەدەبىيات بىلەن ھەپىلىشىدىغانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىستېداتى چولتا ۋە ئاجىزلىقىغا قارىماي، ھەممىگە تەڭ «چاڭ سېلىپ»، ھەممىنى ئەدەبىيات نەزىرى ۋە ئۆلچىمى بىلەن كۆزىتىش، باھالاشقا ئامراق. بۇنىڭغا جور بولۇپ، كىشىلەرمۇ ئەدەبىيات بىلەن پەلسەپەنى، ئەدىب بىلەن پەيلاسوپنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋال بىر قەدەر ئېغىز ھەم ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، ھېس-ھاياجانلىق شېئىر، ماقالە يازىدىغان ياكى مەنتىقى پىكىر قىلالايدىغانلىكى كىشىلەرنى، ئېلىمىزنىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى، گۈللىنىشى ۋە دۇنيا ئىلىم ئوربىتىسى بىلەن جىپسىلاپ، خەلقئارا سەۋىيەدىكى ئۆلچەملىك، قىممىتى بار تەپەككۇر، تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئىلمىي پائالىيەتلەر ۋە باشقا ئالاقىدار پەن-تەتقىقات ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش ئىزىغا سېلىش، جۈملىدىن بىر قىسىم يېڭى گۈللەنگەن يۇمشاق پەنلەر ۋە ئارىلىق پەن ناملىرى ھەم باشقا ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈر. ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق ئىلىم-پەن يۈكسەك دەرىجىدە گۈللەنگەن، ئاۋامنىڭ چوڭ ئىلىم-پەن ئېڭى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئىلىم-پەن بىلەن تەربىيەلىنىشى ناھايىتى يۇقىرى بولغان غەرب ئەللىرىدە، تەبىئىي پەندە نوبېل مۇكاپاتى دەرىجىلىك نەتىجە ياراتقانلارنى «ئىلىم-پەن زەردارلىرى» دەپ ئاتىسا، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ئۇزۇن يىللىق سىستېمىلىق ۋە چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ئارقىلىق مۇئەييەن ئىدىيە سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزى تەۋە بولغان مەدەنىيەت توپىدىكىلەرنى مەنپەئەتلىك ئىلمىي زەرەتلەپ، مۇئەييەن بىر ئىدىيەۋى ئويغىنىش ئارقىلىق شۇ كىشىلەر توپىنى مۇئەييەن ئىدىيەۋى ئۆمۈل ۋە دىل بىرلىكىگە يېتەكلەپ ماڭالىغان پەيلاسوپ ۋە مۇتەپەككۇرلارنى ئاندىن «ئىجتىمائىي پەن ساھەسىنىڭ زەردارلىرى» دەپ ئاتايدۇ. بىراق بىزدە بولسا ئۇدۇل كەلگەنلىكى كىشىلەرنى يەڭگىلتەكلىك بىلەن «پەيلاسوپ» دەپ ئاتاۋېرىدىغان خاھىش بىر خىل كەيپىياتقا ئايلىنىپ قالغاندەك قىلىدۇ. بۇ ھال بىر تەرەپتىن، كىشىلىرىمىزنىڭ پەلسەپەدىن ئومۇميۈزلۈك خەۋەرسىز ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، قەتئىيلىك ۋە ئەستايىدىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان، بارلىق پەنلەرنىڭ شاھىنشاھى ـ پەلسەپىگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ۋە بىپەرۋالىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ ئىشقا نىسبەتەن مەيلى ئەدەبىيات ساھىبلىرى ۋەياكى جامائەت بولمىسۇن چوقۇم ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەك. چۈنكى ئەدەبىياتتىكى بۇنداق «شاللاقلىق» ۋە «چېپىلغاقلىق» ئىلىم ساھەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپلا قالماستىن، ئەدەبىياتنىمۇ قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئەدەبىيات قوشۇنى ۋە ئەدىبلەرنىڭ ئوبرازىنىمۇ خۇنۈكلەشتۈرىدۇ.
كىتاب زور ھەجىملىك ئىلمىي ئەمگەك بولۇپ، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە نۇرغۇن ئادەم كوللېكتىپ ئەمگەك سىڭدۈرگەن، بۇ ئەسەر شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپتۇ. ھەممىدە مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدىغان يالقۇن روزى تەھرىرلىكىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، تەرجىمە تىلىدا قىسمەن سەۋەنلىكلەر مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، بىراق بۇ چوڭ مەسىلە ئەمەس. شۇڭا بۇ جەرياندا كىتابقا ئەجرى سىڭگەن بارلىق ئىلىم ئىگىلىرىگە رەھمەت ئېيتماي بولمايدۇ.
ئىزاھاتلار:
① يازار: بۇ ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ شەكىللەنگەن ھەم تەرەققىي قىلغان تور ئەدەبىياتى ۋە يېزىقچىلىق ئىشلىرىنىڭ ھاسىلاتى بولۇپ، مەخسۇس تور يېزىقچىلىقى، باشقىلارنىڭ يازمىلىرىغا ئىنكاس يېزىش ۋە تور مۇھاكىمىلىرىدىكى يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار قارىتىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لاياقەتلىك يازغۇچى بولىشى ۋە يازمىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي لاياقەتلىك ھەم ئىلمىي قىممىتى بولىشى ناتايىن. شۇڭا بۇ خىل يازارمەنلەرنى تىلىمىزدىكى قەتئىي مەنىدە قوللىنىدىغان يازغۇچى، ئاپتور دېگەن تېرمىنلار بىلەن ئاتاش شەرتىگە پۈتۈنلەي ماس كېلىشى ناتايىن دەپ قارىغانلىق، كەسكىن مەنىدىكى ھەقىقىي يازغۇچىلار بىلەن تور يازغۇچىلىرى ھەم ئادەتتىكى ھەۋەسكار يازغۇچىلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاتايىتەن شۇنداق قوللىنىلماقتا.
② بۇ ئۇچنىڭ مەنبەسى جاڭ ۋېنجىې. ئەپلاتۇننىڭ شېئىر ھەققىدىكى تەنقىدى توغرىسىدا قايتا ئويلىنىش[J]. دۇنيا پەلسەپىسى 5-سانى، 40-بەتتىن كەلگەن بولۇپ، كەمىنە ئۇچۇرنىڭ چىنلىق ۋە توغرىلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەلىللەپ كۆرۈش ئۈچۈن «شايىۋىي دۆلەت»[M].نىڭ خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە نۇسخىسىغا سېلىشتۇرۇپ كۆردۈم.
③ ئىمايلى دۇركېھېم (Emile Durkheim;1858-1917) فىرانسىيەلىك جەمئىيەتشۇناس ھەم جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ بەرپاچىلىرىدىن بىرى. كەمىنە ئۇنىڭ «ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى»، «دىنى تۇرمۇشنىڭ ئاساسى شەكلى»، «پەلسەپىدىن لېكسىيە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان. ئىمايلى دۇركېھېم ئالىي مەكتەپتە ماگىستىرانتلارغا پەلسەپە دەرىسى ئۆتكەن ھەم ئۆزى پەلسەپە دەرىسلىكى تۈزۈپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغان. شۇنداقلا فرانسىيەنىڭ پەلسەپە ئوقۇتۇشى ۋە پەلسەپە تەتقىقاتى، فرانسۇزلارنىڭ پەلسەپە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ھەم شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان جەمئىيەتشۇناس، پەيلاسوپ ئەمەس. ئۆزى ۋە باشقىلارمۇ ئۇنداق ئاتىمىغان. ۋەھالەنكى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قىلچە تەبىئىي پەن ئاساسى يوق ياكى تەبىئىي پەن بىلىملىرىدىن خەۋەرسىز [سوقرات، ئەپلاتۇن، ئارىستوتېل...، يۈسۈف خاس ھاجىپ، مەھمۇد كاشغەرىي، ئىبىن ھېسام، ئىبىن سىنا، ئەل بىرونىي، ئەل فارابى، ئۇلۇغ بەگ، ئەلىشىر نەۋايى (ھېچ بولمىغاندا، ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە شېئىر يازغان)، تەجەللى، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن قاتارلىق ئىنسانىيەت دۇنياسىغا مەشھۇر پەيلاسوپ ۋە چىن ئالىملارنىڭ قايسى بىرىنىڭ تەبىئىي پەن ئاساسى يوق ئىلىمدار؟ تەبىئىي پەن ئاساسى بولمىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ ھەقىقىي بىر لاياقەتلىك پەيلاسوپ بولالىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
④ «ئۆگلۈك» ئەسلىي دەل بىزنىڭ دۇنياۋى شاھانە ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى»دىن كەلگەن بولۇپ، بۇ سۆز «ئۆگ» سۆزىگە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە «لۈك» قوشۇلۇپ ياسالغان. بۇ سۆزنىڭ يىلتىزى «ئۆگ» سۆزى. ئۇ قەدىمىي ئۇيغۇر تىلىدا ئەقىل، پەم، زېھىن، پاراسەت، زېھىنلىك، ئەقىللىك، ئەقىل، بىلىم ۋە ياشقا چوڭ (پىشقان) كىشىلەرنى «ئۆگ» دېيىلەتتى. [«تۈركى تىللار دىۋانى» 1-باب، 67-بەت]؛ يەنە «ئۆگلەندى»، «ئۆگلەنمەك»: ئەسلىي ھالىتىگە (ماھىيىتىگە) قايتىش، ئەقلىي –ھوشىنى تېپىش. (ئادىمى كامىللىققا قاراپ ئىلگىرلەش)، پىشىپ يېتىلىش دېگەندەك مەنىلەردىمۇ كېلىدۇ. [«تۈركى تىللار دىۋانى»نىڭ 1-باب، 343-بەت]؛ «ئۆگرەتتى»: ئىلىم-ھېكمەت ئۆگەتتى. [«تۈركى تىللار دىۋانى»نىڭ 1-باب، 346-بەت]؛ «ئۆگرۈك»: بۆشۈك تەۋرىتىش(پەرۋىش قىلىش، تەربىيەلەش، مەنىۋىيىتىنى بېيىتىش، غەمخورلۇق قىلىش، ئۆستۈرۈش) [«تۈركى تىللار دىۋانى»نىڭ 1-باب، 142-بەت]؛ «ئۆگۈلدى»، «ئۆگۈشدى»: كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، باشقىلارنى( بىر بىرىنى) ماختاش ۋە مۇھەببەتلىك تاتلىق ھەم ئىلھاملاندۇرۇش خاراكتېرلىك سۆز ئىبارىلەر ئارقىلىق بىر –بىرىنىڭ دىللىرىنى ئىللىتىپ، كىشىلەر ئارا مۇھەببەت ۋە ئىناقلىق ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئۆزئارا ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق، ئىنسانلارنى ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش ۋە ئورتاق ئىلگىرلەشكە يېتەكلەش، دېگەندەك. [«تۈركى تىللار دىۋانى»نىڭ 1-باب، 267-ۋە 252-بەت] مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان ھەم شۇنداق قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ ئەقىل –ئىدراك، ئىلىم-ئىرپان، پەم-پاراسەت، پەزىلەت ۋە مۇھەببەت ھەم زىل-زىبالىق قاتارلىق ئىچكى بىناكارلىق ۋە مەنىۋى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئادەمدە ئۆزىنىلا مەركەز قىلىدىغان، تار ھەم شەخسىيەتچىل ئۆزلۈك رامكىلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئادىمىيلىك جەھەتلەردىن تەربىيەلىنىش ۋە تاۋلىنىشى-پىشىپ يېتىلىشى ھەم ئىنسانىي كامىللىققا قاراپ ئىلگىرلەش (ئۆگلۈشىش) جەريانىنى بىلدۈرىدىغان جۇشقۇن ۋە ئاكتۇئال سۆز(تىل) ھەم ئۇنىڭ يىلتىزى سۈپىتىدە قوللىنىپ كېلىنگەن. «قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى»نىڭ 444-ۋە 445-بەتلىرىدە: «ئەقىل، ئىدراك، پاراسەت، ماختىماق، مەدھىيەلىمەك، قوللىماق، چوڭ، ياخشى نىيەتلىك، ھوشىنى تاپماق، ئېسىگە كەلمەك، دېگەندەك مەنىلەردە ئىزاھلانغان. ئۇندىن باشقا، «قۇتادغۇبىلىك» ۋە «دىۋانۇ لوغەتىت تۈرۈك» دە«ئۆگ» سۆزى بىلىم ياكى بىلىملىك زات، ھېكىم، دانىشمەن، ئىرپان، بىلگە تەڭرىقۇت، بىلگەقاغان، ئۇستاز، مېھرىبان ئانا، قۇد، ئۇستاز دېگەندەك نۇرغۇن مەنىلەردە قوللىنىلغان، بىلىم، پاراسەت، پەزىلەت، مېھرىبان ، سەۋرچان دەرىجىلىرىدە شەرەپ قازىنىپ ماڭغان كىلاسسىك تىل بولۇپ، «ئۆگلۈك» دەل ئەنە شۇ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنىڭ ئىرپانلىق يىلتىزى «ئۆگ»دۇر. بۇنداق كاتتا ۋە مول مەنىلىك ئېسىل تىل بايلىقلىرىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ «ئۆگلۈك» دېگەندەك يېڭى سۆزلۈك ۋە ئۇقۇملارنى ياساپ(ئىجاد قىلىپ) تىلىمىزنىڭ لۇغەت بايلىقىنى بېيىتىپ، ئەجداد روھىنى زاماندارلىققا ئىگە قىلىپ «تىرىلدۈرۈش» ھېسابلانسا، ئۇنى تونۇماسلىق ۋە ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش- يۈز ئۆرۈش، ھەتتا نومۇسسىزلارچە باشقىلارنىڭ تىل بايلىقىنى تىلەپ ئىشلىتىش كىلاسسىك تىل ۋە بىلىم بايلىقلىرىمىزغا تۇزكورلۇق قىلىش ھەم تىل قەلەندەرچىلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
⑤ ئەبۇ رەيھان ئەل بىرۇنېي(Buruni Al ؛Abu Rayhan.al_Bironu، 965-1039، يەنە بەزى ماتېرىياللاردا ئەبۇ رەيھان مۇھەممەد ئىبىن ئەھمەد ئەل بىرۇنېي، 973-1048، 973-1044-يىل، دەپ تونۇشتۇرۇلغان؛ پىرىتسىيە (پارس)نىڭ خارەزمىلىك ئىسلام ئالىمى، 150تىن ئارتۇق ئەسەر يازغان ئالىم. ئۇنىڭ تەبىئىي پەن قاراشلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپە ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىشىگە كۈچلۈك ئىجابىي تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.
⑥ جوردانو برىنو(1548-، 1600، Brinu، Giordano Brino؛)، ئەسلىي ئىسمى فىلىپپو برۇنو(Filippo Brino)بولۇپ، ئىتالىيەدە تۇغۇلغان. ئالىم، مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ ۋە ئەدىب. ئۇ تەبىئىي پەنگە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلاپ، بىر ئۆمۈر ئىلىم ھەقىقەتلىرىگە ئېرىشىش يولىدا ھەتتا ئۆز ھاياتىنىمۇ ئايىمىغان. 1592-يىلى رىم خىرىستىيان مۇرىتلىرى ئۇنى تۈرمىگە تاشلاپ 8يىل قامىغان ۋە 1600-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىلىم-پەن تارىخىدىكى تەڭداشسىز زۇلمەتلىك كۈن بولۇپ، برۇنو كوپېرنىك ئاسترونومىيە تەلىماتلىرىنى قوللىنىشتىن ئىبارەت توغرا بولغان ئىلمىي مەيدانىدا چىڭ تۇرغانلىقتىن، رىمدىكى گۈللۈك مەيداندا بىرونې كۆيدۈرۈلگەنىدى. ئارىدىن 289 يىل ئۆتكەندە (1889-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى) ئاندىن بۇ ئىلىم-پەن ھەقىقىتىنى قوغداش يولىدا بىئەجەل ئۆلگەن بۇ قەھرىماننىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئۇ ئۆلگەن كۈننى ئۇنىڭ ھەيكىلىگە گۈل قويۇپ خاتىرىلەشكە ئۆزگەرتىلدى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەل برۇنو بىلەن جوردانو برىنۇنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىزاھات بېرىلدى.
⑦ بۇ يەردىكى«ئۆگ» سۆزى، كۆڭلى پاڭ ھەم چىن مېھىر-مۇھەببەت، قەلبى ھۆر، دىلى ئىنساپ-ھىدايەت، ۋۇجۇدى بىلىم، پاراسەت ۋە جاسارەتكە تولغان ئۆگىنىشچان، تەپەككۇرچان، ئۆگلۈك كەبى زاماندار ئىختىراۋى ئادەمنى كۆزدە تۇتقان.باشقا ئىزاھاتلارنى بىلىپ يېتىش ۋە ئۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھېس قىلىش ئۈچۈن يۇقىرىدىكى«ئۆگلۈك» ۋە ئۇنىڭ يىلتىزى بولغان «ئۆگ» ھەم شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىزاھلارغا قارالسۇن.
پايدىلانمىلار:
[31] [1] ئىسلامجان شېرىپ بەشكېرەمى: «پاراسەتنامە»، 1-،2-توم ـ ئۆزىنى بىلىشنىڭ بايانى[M]، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2012-يىل 12-ئاي، بىرىنچى نەشرى، 296-، 416-بەتلەر.
[2] زۇلپىقار بارات ئۆز باش: «ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائەت، ئادىمىيەت پەنلىرى مەسىلىسى»[J]، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، 2010-يىل 4-سان، 53- بەت.
[3] داۋۇت مەتنىياز: «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» [J]، 2004-يىل 2-سان، 75-78بەتلەر.
[4] ئابدۇقادىر جالالىدىن: «ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدە بىلىم»[J]، «بىلىم كۈچ»، 2013-يىل 1-سان. 6-،9-بەت.
[5] غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار: «چوڭ ئىلىم-پەن ئېڭى تۇرغۇزۇپ، تەبىئىي پەنلەر تەتقىقاتىغا كۆڭۈل بۆلۈش توغرىسىدا» ئىلىم سۆيەر ئىلى خەلقىگە ئوچۇق خەت[N]. «ئىلى كەچلىك گېزىتى»، 2011 – يىلى 9 – ئاينىڭ 15 – كۈنى، 3-4-بەتلەر؛ شەكىل نەزەرىيەسى ۋە 30يىل[N]، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، 10–ئاينىڭ 8– كۈنىدىكى سانى.
[32] [29] [24] [14] [13] [12] [11] [9] [8] [6] رېنى ۋېلېك، ئوستېن ۋارن: «ئەدەبىيات نەزەرىيەسى»[M]، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 2013-يىل 6-ئاي، 1-نەشرى، 251-، 214-،277-،206-،80-،،68-،115-،75-267-بەتلەر.
[7] غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار: «ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدا»[J]؛ «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»، 2013-يىل 4-سان، 105-107-بەت.
.[10]詹文杰.教化与真理视域中的诗——重思普拉图对诗的批判[J» [世界哲学«.2012年第5期,第53页;
[15] چېن خوڭ: «ئىلىم-پەننىڭ ئېغىر ۋەزىنلىك تەپەككۇرى ۋە چوڭقۇر، ئويغا پاتقان ئىلىم-پەن»[M]، شاڭخەي ئىلىم-پەن نەشرىياتى، 2008.5-ئاي 2-نەشرى، 226-بەت.
[16] ئىسلامجان شېرىپ بەشكېرەمى: «پاراسەتنامە»، 2-توم ـ ئۆزىنى بىلىشنىڭ بايانى[M]، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2012-يىل 12-ئاي، بىرىنچى نەشرى، 368-369-بەت.
[17] سەنۇبەر تۇرسۇن: مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىنىڭ، 2013-يىل2 -ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى «تۇرمۇش» پىروگراممىسى قاسىم سىدىق بىلەن بولغان سۆھبەت ئۈن خاتىرىسى.
[18] قاسىم سىدىق: مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىنىڭ، 2013-يىل 2-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى «تۇرمۇش» پىروگراممىسى قاسىم سىدىق بىلەن بولغان سۆھبەت ئۈن خاتىرىسى.
[19]. 郭莉萍.“从文学与医学”到“叙事医学”[J] 科学文化评论2013年第3期,第5-22页;
[20]. 郭莉萍.“从文学与医学”到“叙事医学”[J] 科学文化评论2013年第3期,第5-22页;
[21]罗利建.钱学森之问——大师是怎样炼成的[M].中国经济出版社出版,北京2011年1月初版:第1166-69页;
[22]罗利建.钱学森之问——大师是怎样炼成的[M].中国经济出版社出版,北京2011年1月初版:第1166-69页;
[23] گۈلنار ئوبۇل: سوپىزم ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى[M]، مىللەتلەر نەشرىياتى، بېڭجىڭ، 2013-يىل 2-ئاي، 1-نەشرى، 61-بەت.
[25] غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار: «كىلاسسىك مەنىدىكى تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ قانداق»[J]، «بىلىم-كۈچ»، 2013-يىل 1-سان، 1-بەت.
[26] ئەركىن ئېھساق ئوغۇزخان: «تەپەككۇر قاتماللىقى ۋە پىكىردىكى ھۇرۇنلۇق»[J]، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، 2010 – يىل، 5-سان، 19-بەت.
[27] زۇلپىقار بارات ئۆز باش: «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە»[M]، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2010-يىلى، 1-نەشرى.
[28] لى جىگاڭ [J]: شىنجاڭ مەدەنىيىتى، 2010-يىل 1-سان؛
[30] پاتىرسىيا.فارا: «تۆتمىڭ يىللىق ئىلىم-پەن تارىخى»[M]، مەركىزى تەرجىمە تەھرىر نەشرىياتى، بېيجىڭ، 2011-يىل 12-ئاي، 1-نەشرى، 62-بەت.
تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن


树立自然科学精神,是现代维吾尔文学实现新跨越的必然要求
艾热提•江噢斯曼•笔理科雅尔





摘  要:本文作者在认真研读近期有新疆教育出版社翻译出版的《文学理论》一书的基础上,针对当前维吾尔文学界较为普遍存在的“理论文盲”,文艺作品中“知识黄”、没有与时俱进的时代精神和创新能力,缺乏宏观的宇宙观、人类观的统筹观念和一盘棋的思想等诸多现实问题,并对其进行深入分析根源。在动员文学艺术界人士努力学习科学(起码是自己专业的)理论知识,强化自身的科学修养和理论熏陶,挑战自我、完善自我,注重人生修养,从人生修养和熏陶的最低台阶:“自我”境界中摆脱,熏陶和超越自我,实现新跨越,放弃自我、超越自我,树立宏观的现代宇宙观和规范化、现代化学术观念,面向现代化、国际化的思考与研究,善于创作一些与时俱、跟时代同步的、具有民族特色、时代特征,坚持以先进科学文化引领现代生活,推动社会和谐繁荣与发展的主旋律,努力创造一些属于维吾尔族的、中国的、世界的、人类的,通用型精品文学作品等方面进行有益的探索并提出了独到的见解和对策建议。

关键词:《文学理论》;强化学习与自身修养;树立自然科学精神;超越自我;实现跨越式发展;对策建议

             بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-20 16:33  


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4615
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 33
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 12:06:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنى بىر  قېتىم ئوقۇدۇم،ماقالىنىڭ ھەجمى چوڭ بولۇپلا قالماستىن ،پىكىرىمۇ بەكلا چوڭقۇر ئىكەن. شۇڭا ، بەزى جايلىرىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ ھەزىم قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن.
ھىس قىلىشىمچە، بۇ بىر قالتىس  ئەسەر بوپتۇ. جۈملىدىن ئەسەر مۇئەللىپى دېگەندەك بارلىق ئەدىبلەر ۋە ئۆزىنى ئەدىب ھىساپلايدىغان  ھەممەيلەننىڭ ئەستايىدىل ئۆگنىش قىلىشىغا ۋە با شقاتۇرۇپ ئۆزى ۋە ئىجادىيەت ئستىلى تەپتىش قىلىشىغا  دەۋەت قىلىدىغان نادىر ماقالە بوپتۇ.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5484
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 33
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 12:16:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇئەللىپنىڭ مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمىلىق ئەسىرىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ ئىنتايىن زور ئىلھام ۋە چوڭقۇر تەسىراتقا ئېرىشيىم، ئەسەردە نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە كەڭ ئۇيغۇر ئەدىپلىرى يۈزلىنىۋاتقان ئېغىر كىرىزىسلار چوڭقۇر ۋە مەركەزلىك ئېچىپ بېرىلگەن ھازىرئۇيغۇر ئەدەبىياتى  نەزەرىيەسى قاتمال، بىر تەرەپلىمە ۋە دەۋرنىڭ كەينىدە قېلىشتەك ئېغىر كىرىزىسقا يولۇقماقتا بۇنى بىز ئوبېكتىپ تەھلىل قىلساق، ھەممىنى ئەدىپلەردىن كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى ھازىرقى كۆپ سانلىق ئەدىپلىرىمىز ئۇزاق يىللار قامال قىلىنغان، سىياسى تامغا بېسىلغان، بىر تەرەپلىمە، ساختا، ئىنسان تەبىئىتىگە پۈتۈنلەي يات بولغان ئاتالمىش ئىلغار نەزەرىيەلەر ئارقىلىق تەربىيەنگەچكە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نەزەرىيەسىنىڭ دۇنياۋى سەۋىيەدىن يىراق بولۇشى ئېنىق ئەدەبىياتنىڭ مەقسىتى ـ ئادەم، يازغۇچى ـ دەۋرنىڭ ۋىجدانى ئەدىپلەر ئادەمنى يېزىپ، ئوبراز يارىتىپ، مەلۇم بىر دەۋر روھىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، شۇنداق بولغاچقا ئۇلار يازغان ئادەملەر چوقۇم ئادەم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشى، جەمئىيەتتىلا ياشىماي تەبىئەتتىمۇ ياشىشى، ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان بارلىق خىرىس ۋە پۇرسەتلەرگە تەڭ يۈزلىنىشى كېرەك، قىسقىسى ئەدەبىي ئەسەرلەردە يارىتىلغان بەدىئىي ئوبرازلار تىرىك، جانلىق ئادەملەردەك تەسىرات بېرىشى كېرەك ئەدىپلەر ئۆزى ياراتماقچى بولغان بەدىئىي ئوبرازلارنىڭ ھەرىكەت-پائالىيەتلىرىگە ياخشى رىژىسسورلۇق قىلىش بىلەن بىللە ئۇلارغىمۇ مەلۇم نىسبەتتە مۇستەقىل ھەرىكەت بوشلۇقى ۋە پۇرسىتى بېرىشى، ھەممىنى ئالدىن پىلانلىغىنى بويىچە يازماسلىقى لازىم، ئەقەللەيسى بىز بۈگۈنكى ئىشلارنى مەلۇم دەرىجىدە پىلانلىيالىغىنىمىز بىلەن ئەتىكى، ئۆگۈنكى ئىشلارنى ھەرگىز پىلانلىيالمايمىز، ئەدىپلەر ياراتماقچى بولغان پىرسۇناژلار قورچاققا ئايلىنىپ قالماسلىقى ھەمدە باشباشتاق بولۇپ قالماسلىقى كېرىك، ئەدەبىيات نەزەرىيەسىگە كەلسەك، نەزەرىيە ھامان ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ ۋە ئەمەلىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، نەزەرىيە قېتىپ قالغان، بىر ئىزدا توختاپ قالغان مۇقەددەس قانۇن ئەمەس، نەزەرىيە ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلار ۋە ئەدەبىي ئوبزورچىلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يېڭى ھادىسىلەرنى ۋە چەتئەللەرنىڭ يېڭى نەزەرىيە بىلىملىرىنى تەتقىق قىلىشقا ماھىر بولۇشى، ئەدىپلەرنى يەنىمۇ يۈكسەك نىشانغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىشى لازىم، ئەدىپلەرمۇ مىللىي ئالاھىدىلىك، مىللىي تۇرمۇش كارتىنىسىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تۇرمۇشى ئىچىگە سىڭدۈرۈپ، دۇنياۋىي ئورتاق تېمىلارنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشىشى ۋە دادىل يۈزلىنىشى كېرەك .
  

چاقچاققا ئېزاھات بەرمەڭ، شېئرنى چۈشەندۈرمەڭ.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4615
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 33
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 13:21:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە «خوتەن سىفەن ئالى تېخنىكومى ئىلمىي جورنىلى»دا ئېلان قىلىنغان نۇسقىسىمۇ ياكى ئەسلى نۇسقىسىمۇ. قارىسام ئىملادا يەنە بەزى سەۋەەنلىك بارىكەن.
ئاتتىلا ئەپەندىم قەدىمىڭىزگە مۇبارەك.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 3370
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 12979
تۆھپە : 10
توردا: 1082
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 18:55:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ogtikin يوللىغان ۋاقتى  2014-1-24 13:21
بۇ ماقالە «خوتەن سىفەن ئالى تېخنىكومى ئىلمىي جورنىلى» ...



     رەنجىمىسىڭىز مەكتەپنىڭ ۋە ژۇرنالنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىۋەتمەي، توغرىسى: «خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى» دەپ يېزىشىڭىزنى سورايمەن.
      ئاخىرىدا دەيدىغىنىم: سورىغان سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىنى ئاپتور بىلىدۇ. مەن ماقالىنى يوللىغاندا «بىلىكيار» دېگەن ئىسىمنى قوشمىغان...

قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4615
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 33
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 12:29:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۈمكىن بولسا بىلىكيار ئەپەندىممۇ كىرىپ مۇھاكىمىگە بىللە ئىشتىراك قىلغان بولسىلىرى بەك ياخشى بولاتتى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2139
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 249
تۆھپە : 0
توردا: 29
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 15:37:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       بۇ ماقالىدە مۇئەللىپ ئەدىبىيات،ئىلىم -پەن روھى،ئۆگلۇك ھەققىدە ناھايىتى ئەتراپلىق، چۇڭقۇر، ئىزتىراپلىق مۇھاكىملەرنى ئېلىپ بىرىپتۇ.بۇمۇھاكىملەر يۇقىردىكى ئۇچ تىما بويچە ئايرىم -ئايرىم ماقالە قىلنغان بولسا تىخمۇ ياخشى بولاركەن،مۇئەللىپنىڭ ئىزدىنىش ۋە ئىزتىراپ روھىغا ئاپىرىن!  

مەن كىرۋالاي!پوش....پوش!!!....

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5508
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 25
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 19:48:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدابەر يوللىغان ۋاقتى  2014-1-27 15:37
بۇ ماقالىدە مۇئەللىپ ئەدىبىيات،ئىلىم -پەن روھى،ئۆ ...

ماقالىنى تەپسىلى ئوقۇپ بولۇپ، ئۆزۈمنى راستىنلا ئىلمىي نەزەرىيە ۋە تەبىئىي پەن روھىدىن ساۋاتسىزدەكلا ھىس قىلىپ، ئۆگۈنىشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنىمۇ تونۇدۇم.بىز چوقۇنۇپ ئوقۇغان بەزى ئەسەرلەرنىڭ راستىنلا قۇرۇقتىن قۇرۇق گەپ تىزمىسى ۋە ياكى تۇترۇقسىز نەرسىلەر ئىكىنلىكىنى، ئۆزلۈك دېگەننىڭ ئۆگلۈك ئالدىدا تولىمۇ پەس-نەس ئۇقۇملىقىنى ،ئەدىبلەر ۋە ئوبزۇرچىلارنىڭ ئىلمىي نەزەرىيە  ۋە ئىلىم-پەن ئۆگنىشنى كۈچەيتىپ ئىلىم-پەن ۋە نەزەرىيە ئەمالىقىنى تۈگۈتىپ، يازمىلىرىدىكى بىلىم قەھەتچىلىكى ، ئۆزلۈك داۋراڭلىرىنى قايتىدىن تەپتىش قىلىپ كۆرۈش لازىملىقىنى ھىس قىلدىم. رەھمەت.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  181
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 147
تۆھپە : 0
توردا: 35
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 23:34:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام  مۆھتىرەم ئوقۇرمەنلەر!
بۇ ماقالىنىڭ ئەسلىنۇسقىسى  «خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى»2013-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئەسلى تېما «نەزەرىيە ئەمالىقىنى تۈگۈتىش،تەبىئى پەن روھى يىتىلدۈرۈش ۋە ئۆزلۈكتىن ھالقىش ــــ ئەدەبىياتىمىزدا يېڭى يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشڭ مۇقەررەر تەلىپى ــــ«ئەدەبىيەت نەزەريىسى»نى ئوقۇشتىن دەسلاپكى تەسىرات ۋە ئىلھام» بولۇپ ئۈچ چوڭ مەسىلە ھىققىدە چوڭقۇر قاتلاملىق ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغانىدى. نەچچە كۈندىن بېرى سىرتتا كاماندۇرۇپكىدا بولغانلىقىمدىن، تورغا كېرىشكە  ئىمكان بولماي قېلىپ ، بۇ تېما ھەققىدىكى مۇھاكىمىدىن خەۋەرسىز قېپ قاپتىمەن. بۇگۈن كىرسەم ئوبدان پىكىرلەر بولىۋىتىپتۇ. كۆپچىلىككە رەھمەت.  
ئۇستاز ئابدۇرېيىم زۇزۇن ئەپەندىم كۆپ ئەجرى قىلىپ تەھرىرلەپ  نادىرلاپ چىققان بولسىمۇ، ئىملاسىدىن باشقا،يەنە ئىككى يەردە پىرىنسىپال سەۋەنلىك بولۇپ  قالغانلىقىنى بايقىدىم. مەن ئەسلى يازمامدىكى تولۇق تېكىستىنىقايتا يوللاپ بەرسەم ،قايتا ئالماشتۇرۇش قويامدۇ ياكى ئىنكاس شەكلىدە  ئاستىغا چاپلاپ قويامدىم؟ باشقۇرغۇچىلار ماڭا ئۇچۇر قىلساڭلار. ۋە ئاندىن بۇ تېما ھەققىدە تېخىمۇ  ئەتراپلىق مۇھاكىمە ئىلىپ بارساق بولىدۇ ، رەھمەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilikyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-28 23:36  


ئىلىم-پەنسىز تۇرمۇش ئوكسىگېنسىز ھايات؛ ئۆگۈنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم -بەختىمنىڭ بىر قىسمى.بىلىكيار

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  181
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 147
تۆھپە : 0
توردا: 35
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 03:09:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەزەرىيەئەمالىقىنى تۈگۈتىش،تەبىئى پەن روھى يىتىلدۈرۈش ۋەئۆزلۈكتىنھالقىشــــئەدەبىياتىمىزدا يېڭى يۈكسىلىشنىئىشقا ئاشۇرۇشڭ مۇقەررەر تەلىپى[1]ــــ«ئەدەبىيەت نەزەريىسى»نى ئوقۇشتىن دەسلاپكىتەسىرات ۋە ئىلھامغەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار[2]قىسقىچەمەزمۇنى: ئەسەردە مۇئەللىپ، يىقىندا شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىردىننەشىر قىلىنغان«ئەدەبىيات نەزەرىيەسى»نامىلىق كىتابنى ئوقۇشتىن ئالغان تەسىرات ۋەئىلھاملىرى ئاساسىدا ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان«نەزەرىيەئەمالىقى» ئېغىر، ئەسەرلەردىكى تەبىئى پەن روھى يىتەرسىز بولۇش،ئۆزلۈك داۋرىڭىكۆپ،نەزەر دائىرە تار ، سەۋىيە تۆۋەن بولۇش،پىكىرلەردە ئىدىۋىيلىك،يېڭىلىق،چىنلىق، رىئاللىق ۋە ئىلىم-پەن پۇرىقى كەمچىل بولۇشتەك بىر تالايمەسىلىلەر ۋە ئۇنىڭ مەنبەسىنى ئىلمى ئانالىز قىلىپ،ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىئەدەبىيات نەزەرىيەسى ئۆگۈنىش ۋەئىلىم-پەن جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىنى ھەقىقى كۈچەيتىپ،تىرىشپ ساپانى ئومۇمىيۈزلۈكئۆسۈتۈرۈش،ئىنسانىي كامىللىق بويىچە تاۋلىنىشنىڭ تۆۋەنكى پەشتىقى بولمىش ئۆزلۈكنىتونۇپ ئۆزلۈكتىن ھالقىش، ئالەملىك نەزەر بىلەن ، ئۆزىنى دۇنياۋىي بىرلىك ۋە ئىنسانىيەت يۈكسەكلىكىگە قويۇپ تۇرۇپ،خەلقئارا سەۋىيەدىكى،ئۇيغۇرغا، جۇڭگوغا، دۇنياغا،ئىنسانىيەتكە ئورتاقبولغان،دۇنياۋىي زاماندار تەپەككۇت-تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلغان.ئاچقۇچلۇقسۆز: «ئەدەبىيات نەشەرىيەسى»؛ئۆگۈنىش؛ تەبىئى پەن روھى يىتلدۈرۈش؛ئۆزلۈكتىنھالقىش؛ ئالەملىك نەزەر؛دۇنياۋىي بىرلىك،ئىنسانىيەت يۈكسەكلىكى؛يېڭى ھالقىش ۋەتەرەققىيات.ئۆگۈنىش ۋەتەتقىقاتنى ھەقىقى كۈچەيتىپ،ئەدەبىياتتىكى ئىلمى نەزەرىيە ئەمەلىقى ۋە بىلىمقەھەتچىلىكىنى تۆگۈتىش،تەبىئى پەن روھى يىتىلدۈرۈش ــــ ئۆزلۈكنى تونۇش ۋەئۇنىڭدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات ساھەسىدە ئالەملىك نەزەر ئىنسانىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دۇنياۋىي سەۋىيەيارىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە كاپالىتى.ــــ قەلب خاتىرەمدىنئادەم ئۈچۈن ئەڭمۇھىم بولغىنى قانداقتۇر كۈنىمىزدىكى كونكىرىتنى بىلىملەر بولماستىن،ئىلىم ئېلىشقابولغان ئىشتىياق ۋە ئۆز قەلبىنىڭ دەسلەپكى ھەم ئاداققى ھۆرلىكىدۇر. ـــــئىسلامجان شىرىپبەشكېرەمى[1]كەمىنە پەن مائارىپ بىلەن ھەپىلىشىدىغان كىشىبولغانلىقىمدىن ،شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلغان،ئامېرىكىلىق تەسىرى كۈچللۈك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ۋە ئوبزۇرچىرېنى ۋېلېك بىلەن ئوستېن ۋارن بىرلىكتە يازغان مەشھۇر ئەسىەر:«ئەدەبىياتنەزىريەسى»ناملىق كىتابنى ئوقۇپ چىقتىم ھەمدە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكۈزىلگەن بۇ ئىلمى ئەنجۈمەنگە ئشتىراك قىلىپئولتۇراپتىمەن. بۇ كىتاب گەرچە بىر ئەسىر ئىلگىرى يېزىلغان كىتاب بولسىمۇ،ئەدەبىيات ساھەسى ئۈچۈن ناھايىتى يۇقۇرى ئىلمىي قىممەتكە ، تەتقىق قىلىش ۋەپايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە قامۇس كەبى قورال كىتاب بولۇپ،ئۆزىنى ئەدب(شائېر،يازغۇچى)ھىساپلايدىغان ھەر قانداق كىشىلەرنىڭ بىر قىتىم ئەستايىدىل ۋە قىتىرقىنىپئوقۇپ چىقىشىغا ئەرزىيدىغان ئەدەبىيات نەزەريەسىگە دائىر ئومۇمى بايان ۋە ئاساسى نەزەرىيە خاراكتىرلىك ئىسىل دەرىسلىكدېيىش مۈمكىن. مېنىڭچە بۇنى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات كەسپىدىكىلەرنىڭ زۆرۈر ۋەقوشۇمچە ئوقۇشلىقى قىلىپ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ. كىتاب ئوقۇرمەنلەرنى ئوخشىمىغان ئىدىيە ۋە ئىلمىيئىقىملار بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ ،كۆزىنى ئېچىپ، نەزەر دائىرىسىنىكەڭەيتىدىغان،ئەتراپلىق تەربىيەلىنىشى ۋە نەزەريە جەھەتتىن تاۋلىنىشىغا ياردەمبېرىپ، ئەدەبىياتقا بولغان تونۇش ۋە چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا كەم تىپىلىدىغاننادىر دەرىسلىك بولالايدۇ ،دەپ قارىدىم.تۆۋەندەئۆزەمنىڭ«ئەدەبىيات نەزەرىيەسى» ھەققىدىكى دەسلاپكى تەسىرات ۋە ئىلھاملىرىمىنىتۆۋەندىكىچە دوكىلات قىلىپ ئۆتۈمەن.ئوتتۇرىغا قويغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ توغرابولۇشى ناتايىن.شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىگۈچىدە ئەيىپ يوق، ئاڭلىغۇچى ئېبرەتئالسۇن!دېگەن پىرىنسىپ بويىچە ،سىخى-ئالىجانابلىق بىلەن يول يورۇق ۋە كۆرسەتمەبېرىشىنى سەمىمى ئۆتۈنىمەن.

[1]مەزكۇر ماقالە«خوتەن پېداگوگىكائالى تېخنىكومى ئىلمىي ژورنىلى»[J].2014-يىلى4-سانى؛117-140بەتكە بېسىلغان.
[2]... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilikyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-29 03:11  


ئىلىم-پەنسىز تۇرمۇش ئوكسىگېنسىز ھايات؛ ئۆگۈنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم -بەختىمنىڭ بىر قىسمى.بىلىكيار

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1304
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3702
تۆھپە : 1
توردا: 637
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-19

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 03:11:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇرىقى ماقالە مۇئەلىپنىڭ ئەتراپلىق ئىزدىنىشى،چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشى،كۆپ تەرەپلىمە بىلىمنى يۇغۇرۇشى ئارقىلىق يورۇقلۇققا چىققان بولسىمۇ تۆۋەندىكى يېتەرسىزلىكلەردىن خالىي بولالمىغان:
بىرىنچى : ماقالىدا باشتىن ئاخىر ھېسسىيات ئارلاشتۇرۇش خاھىشى ئېغىر دەرىجىدە كۆرۈلگەن.تېما  ۋە مەزمۇننىڭ ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا يۇقۇرىقى ماقالە ھېسسىيات ئارلاشتۇرۇشتىن خالىي قىلىنىشى ئىلمىيلىك تەلىپى ئىدى.ھېسسىيات ئارلاشتۇرۇش خاھىشى كۆرۈلگەندىمۇ ئاپتورنىڭ  ئۆزىنى ھەممىدىن بىلىملىك ۋە ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش مەۋقەسى ماقالىغا كۈچلۈك سىڭدۈرۈلگەن.ئىلىم ساھەسىنى ئىلىمگە ئۈندەپ ئۆزى كەمتەر پوزىتسىيەدە بولالماسلىق باشقىلارنىلا ئەمەس كېيىنچە مۇئەلىپنىڭ ئۆزىنىمۇ ئويغا سالماي قالمايدۇ.
ئىككىنچى : باش تېما بىلەن ئومۇمى مەزمۇننىڭ باغلىنىشچانلىقى ئىزچىللىققا ئىگە قىلىنمىغان.باش تېما  نەزىريە ئەمالىقىنى تۈگىتىش ۋە ئەدەبىياتنى يۈكسەلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى يادرۇلۇق نۇقتا بولغاندىكىن نەزىريىمىزدىكى ئەمالىق قايسى ؟قانداق سەۋەپ بىلەن كېلىپ چىقىپ داۋاملاشتى؟ زىيانلىق دەرىجىسى قانچىلىك بولدى؟دېگەن ئاچقۇچلۇق مەسىلەر تەھلىل قىلىنماي ،يادرودىن-مەركەزدىن قېچىپ ،ئەدەبىيات نەزىريىسى ناملىق كىتابنى،ئەسئەت سۇلايماننى،ئابدۇقادىر جالالدىن ...قاتارلىقلار ھەققىدە باھا يۈرگۈزۈشتەك تېما بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىغان مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئۆتۈپ كېتىلگەن...ماقالىنىڭ ئومۇمى گەۋدىسى ھەيۋەت،تىلى دەبدەبەلىك بولسىمۇ ،دەماللىققا ناھايىتى كاتتا،ئېسىل ماقالىدەك تۇيۇلسىمۇ ئىلمىي ماقالىنىڭ رەسمى ئىلمىيلىك تەلىپى بويىچە قارىغاندا چەك باسمىغان تامدىن قوپۇرۇلغان غايەت ئىمارەتكە ئوخشاپ قالغان.
ئۈچۈنچى : ماقالىدا يادرۇلۇق،پىرىنسىپلىق مەسىلىدە ئاپتور ئېغىر زىت قاراشنى ئوتتۇرغا قويغان.يەنى ئەدەبىياتنى يۈكسەلدۈرۈشنى چاقىرىق قىلغانۇ لېكىن ئەدەبىياتنىڭ بەدئىيلىك قانۇنىيىتى،شائىرلارنىڭ بەدئىي دىتىنى ئىنكار قىلىپ،ئەدەبىياتنى ئىلمىي قانۇنىيەت بويىچە يۈكسەلدۈرۈشكە چاقىرغان.ئىنسانىيەت ياراتقان بىلىم دىن،ئىلىم-پەن،ئەدەبىيات -سەنئەتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ساھەگەبۆلۈندىغانلىقى،ئۈچ ساھەنىڭ ھەر بىرى ئۆتكۈرلۈك نۇقتىسى-ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە يۈكسىلىدىغانلىقى ئەقلىي ساۋات ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايدىڭ.ئىلىم-پەن يەنى تەبئىي پەنلەر بىلەن ئىجتىمائى پەنلەر ئەدەبىياتنىڭ مەزمۇنى ئىچىدىكى بىر ئامىل.ئەدەبىيات ماددى ئالەم،روھى ئالەمنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە.مەزمۇن ئەدەبىياتنىڭ تاشقى قانۇنىيىتىدىنلا ئىبارەتتۇر.ئەدەبىياتنىڭ ئۆتكۈرلۈك نۇقتىسى بولسا ئىچكى قانۇنىيەت -بەدئىيلىك قانۇنىيىتىدۇر.بەدئى ئەدەبىيات -ئەدەبىياتنىڭ يۈرىكى.شۇنداق بولغاچقىلا ئەدەبىيات پەلسەپە بولۇپ قالمىغان،تارىخ بولۇپ قالمىغان،ئېتىكا ياكى پىداگوكىنىڭ ئۆزى بولۇپ قالمىغان....سۆزلىسەم گەپ ئۇزىراپ كېتىدۇ.

    تەكلىپىم : مېنىڭچە مۇئەلىپ : ئالدى بىلەن ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتى نېمە؟ سەنئەت بىلەن قانداق ئوخشاشلىقى بار ؟ ئىلىم-پەن قانۇنىيىتى نېمە؟ ئىلىم-پەن ئەدەبىيات بىلەن قايسى نۇقتىدا كېسىشەلەيدۇ ؟ دېگەن مەسىلىلەرنى ئېنىق،كەسكىن ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشى ئاندىن يۇقۇىقى تېمىدا قەلەم تەۋرىتىپ مەسىلىنىڭ ئۆزى ھەققىدىلا ئىلمىي،كەمتەر پوزىتسسىيە بىلەن قەلەم تەۋرىتىشى زۆرۈردەك قىلىدۇ.ئەگەر چوڭ ھەجىمدە ماكرۇلۇق ماقالە يازماقچى بولسا تۈگمىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ،تۆگە ھەققىدە پىكىر قىلىشتەك خاتالىقتىن ساقلىنىپ،ماكرۇلۇق ئالاھىدىلىككە ئىگە تېمىنى تاللىغىنى تۈزۈك.

    مېنىڭ ماقالە ئاپتورى بىلەن قىلچە تونۇشلۇقۇم ۋە ئاپتورغا قىلچە يامان قارىشىم يوق.ئەسلى پىكىر يازماي دېگەن لېكىن ماقالە ئىلىم ئىشى بولغاندىكىن بايقىغان يېتەرسىزلىكلەرنى يوشۇرغۇم كەلمىدى.مېنىڭ ئالىي دەرىجىدىكى بىلىمىمۇ،كاتتا سالاھىيىتىممۇ يوق.پەقەت ئادەتتىكى بىر ئىلىم خۇمارمەن.پىكىرلىرىم قەتئى ياقمىسا ئاپتور نەزىرىگە ئالمىسىمۇ بولىدۇ.

ھايات__ ئىككى يوقلۇق ئارىسىدا يېرىم بىر چەمبەر. ئىما ئاڭا كۈن ۋە ئاي پۈتتۈرگەن كۈن-تۈنلۈك سەپەر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  181
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 147
تۆھپە : 0
توردا: 35
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 13:15:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ھېيت كۈن يوللىغان ۋاقتى  2014-1-29 03:11
يۇقۇرىقى ماقالە مۇئەلىپنىڭ ئەتراپلىق ئىزدىنىشى،چوڭقۇ ...


ئەسسالام ،ھۆرمەتلىك قىرىندىشىم، ئەزىز ھېيت كۈن!
جانابىڭىزنىڭ مەزكۇر ماقالىگە مۇبارەك نەزىرىڭىزنى ئاڭغدۇرغانلىقىڭىزغا تەشەككۈر. تەنقىت-تەۋسىيەلىرىڭىزگە ئاپىرىن. كەمىنە ئاپتوردىن سىزگە تەۋسىيە شۇكى،
بىرىنچى، سىزمۇ بۇ ئەسەرنى تۆۋەن سەۋىيەدىكى ئىپتىدائى ئەدەبىيات نەزەرەيەسى ۋە مەھەللىۋىي مەدەنىيەت رامكىلىقىدىكى  شەخسىيەتچىل ئۆزلۈك مەۋقەسىدىلا تۇرۇپ ئوقۇماستىن، تەپەككۇر كوردىناتىڭىز ۋە پىكىر يۈكسەكلىڭىزنى يەرشارىلىشىۋاتقان بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدىكى ئالەملىك ماكرو نەزەر، ئىنسانىيەت يۈكسەكلىكىدىكى دۇنياۋىي سەۋىيە ۋە خەلقئارا  ئۆلچەمگە قويۇپ تۇرۇپ،   ئۆگلۈكچە ئاڭ  ،مېھىرى مېتود بىلەن ، ئۆزىنىڭزى ئيغۇرغىلا ئەمەس، ئىنسانىيەت يۈكسەكلىكىگە،نەزىرىڭىزنى نۇقۇل تار دائىرىدىكى ئەدەبىياتقىا ئەمەس، ئالەملىك ماكرو نەزەر،خەلقئارا سەۋىيە ۋە ئۆلچەمگە زاماندار ئۆگلۈك مەۋقەلىگىدە قويۇپ تۇرۇپ، بىلىم ئىگىلىكى شارائىتىدىكى ئالەملىك ماكرو نەزەر، خەلقئارا ئۆلچەمدىكى  ئىلمىي ئەدەبىيات دېگەن قانداق بولىشى كېرەكىدى ئدى؟ دەيدىغان سۇئال بىلەن، قايتا ئوقۇپ كۆرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئىككىنچى،شۇنىڭغا چوقۇم دىققەت قېلىڭكى، سىز ئەدەبىياتقا بولغان كونا ئۇقۇم ،كونا قاراش ،كونا ئۆلچەم ۋە نەزەرىڭىزنى ،پىكىر قىلىش كوردىناتىڭىز ۋە كۈزۈتىش بۇلىڭىزنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ بۇ ماقالىنى ئوقۇسىڭىز چوقۇمكى ھىچقانداق ئەمەلىي نەپ ۋە مەنپەئەتلىك ئىلمىي زەرەت ئالالمايلا قالماستىن پەقەت يۇقۇرقىدەكلا يۈزەكى تەسىراتقا ئېرىشىپ قالىسىز.. شۇڭا يەنىلا بىرىنچى تەكلىپ تەۋسىيەرىم بويىچە ئوقۇڭ ھەم ئانالىز قىلىڭدە. شۇندىلا سىز نۇرغۇن يېڭىچە قاراش ۋە ئىلھاملارغا ئېرىشەلەيسىز.ئەدەبىيات ۋە ئىلىم-پەن ھەققىدىكى نۇرغۇن قاراشلىرىڭىزنى يېڭىلايدۇ.
ئۈچۈنچىدىن،بۇ ماقالىدە قانداقتۇر سىز دېگەن بىر قانچە كىشىنى تىلغا ئالماستىن،بەلكىم كۈنىمىزدىكى  پۈتكۈل ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھالىتى ،ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر نىڭ سەۋەبى ۋە مەنبەسى قاتارلىقلار پەقەت  يەرشارىلىشىش ئارقا كۆرۈنىشىدا بىلىم ئىگىلىكى شارائىتىدىكى ئۆگلۈك كەبى  زاماندار  ئەدەبىيات زادى قانداق بولىشى كېرەك؟دېگەننى زىچ چكرۈدەپ چوڭقۇر قاتلاملىق ئەقلىي تەپەككۇر يۈرگۈزىلگەن. شۇ مۇناسىۋەتتە پەقەت، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان  بىر قانچە كىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتلىرى ھەققىدە قىسمەن مىسال ئېلىپ يەڭگىل مۇھاكىمە قىلغاندىن باشقا،يەنە يېپىق شەكىلدە بەزى تەنقتلەرنىڭمۇ بارلىقىغا  دىققەت قىلارسىز. شۇندىلا  باشقىچە قاراشقا كېىشىڭىز ۋە بەزى قاراشلىرىڭىزنى يېڭىلىشىڭىز مۈمكىن.
تۆتۈنچى،ناۋادا سىز مۇ ھەقتە تېخىمۇ يۇقۇرى سەۋىيەلىك ئىلمىي مۇھاكىمە قىلىشنى خالىسىڭىز، بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغان ژورنالدا بۇ ھەقتە مەخسۇس تەنقىدى ماقالە ئېلان قىلىڭ. كەمىنە سىز بىلەن دوستانە ئىلمىي ئىناق ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشنى خالايمەن. رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilikyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-29 13:38  


ئىلىم-پەنسىز تۇرمۇش ئوكسىگېنسىز ھايات؛ ئۆگۈنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم -بەختىمنىڭ بىر قىسمى.بىلىكيار

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1304
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3702
تۆھپە : 1
توردا: 637
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-19

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 13:39:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك بىلىك يارغا :


ئىنكاسىمغا ئىنكاس قايتۇرغانلىقىڭىزنى كۆردۈم.

مەن ماقالىڭىزنى بىر قېتىملا ئەمەس بەلكى قايتا -قايتا كۆرۈپ ،ئەدەبىيات بىلەن ئىلىم-پەننىڭ باغلىنىشى نۇقتىسىدىنمۇ ئويلاپ ئىنكاسىمنى يازغان.«بەك ياخشى يېزىلىپتۇ»دېسەم ياكى ئىنكاس يازمىساممۇ بولاتى .
    كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن ماقالىڭىز ھەقىقەتەن ئىلمىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى بولسىمۇ ئەدەبىيات جەھەتتىكى قىممىتىنىڭ بار ياكى يوق ئىكەنلىكىنى ۋاقىت ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

    باشقا گەپ دېگۈم يوق.سىزنىڭ ماقالىڭىزنى تەنقىدلەپ ماقالە يازغۇممۇ يوق.

سىزگە ئامانلىق ۋە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ھايات__ ئىككى يوقلۇق ئارىسىدا يېرىم بىر چەمبەر. ئىما ئاڭا كۈن ۋە ئاي پۈتتۈرگەن كۈن-تۈنلۈك سەپەر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  181
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 147
تۆھپە : 0
توردا: 35
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 13:49:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ھېيت كۈن يوللىغان ۋاقتى  2014-1-29 13:39
ھۆرمەتلىك بىلىك يارغا :


كەچۈرۈڭ قىرىندىشىم،مەن سىزنىڭ  تەنقىدى ئىنكاسىڭىزدىن سۆيۈنىمەن.ھەم ھەرگىزمۇ رەنجىگىنىم يوق شۇڭا سىزگە يەنە بىر قىتىم رەھمەت ئېيتىمەن.سىزگە رەھمەت.يەنە تەكىتلەيمەنكى،ئەسەرنىڭ«ن«نەزەرىيە ئەمالىقىنى تۈگۈتىش،تەبىئى پەن روھى يىتىلدۈرۈش ۋە ئۆزلۈكتىن ھالقىش ــــ ئەدەبىياتىمىزدا يېڭى يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشڭ مۇقەررەر تەلىپى ».ئەسەر بۇ ئۈچنى بىر پۈتۈن ئورگانىك گەۋدە دەپ قاراپ بىر پۈتۈنلىك ئىچىدە ئوقۇش ۋە ئانالىز قىلىش زكرۈر. بۇ ماقالىدىن ئەسلىئەسلى ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن  پىكىر كوردىناتى ۋە كۈزىتىش بۇلىڭىنى ئۆزگەرتمەيبولمايدۇ.رەھمەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilikyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-29 14:04  


ئىلىم-پەنسىز تۇرمۇش ئوكسىگېنسىز ھايات؛ ئۆگۈنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم -بەختىمنىڭ بىر قىسمى.بىلىكيار

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1304
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3702
تۆھپە : 1
توردا: 637
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-19

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 14:51:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز  دەۋاتقان پىكىر كوردىناتى ۋە كۈزىتىش ئۇسۇلى ئەدەبىياتنىڭ تاشقى كېسىشمە نۇقتىسى ــ
ماددى ئالەم جۈملىدىن ئىلىم -پەن بىلەن بولغان باغلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ پەقەت ئەدەبى
ياتنىڭ ئۆز يادروسىدىن تاشقىرىدىكى چەمبەرگە تۇتىشىشى.ئۇ نۇقتىدىن ماقالىڭىزدە يېتەرسىز
لىك يوق.مېنىڭ دەۋاتقىنىم ئىچكى چەمبەر بولغان سەنئەتنىڭ  مەركىزىدىكى يادرۇ -ئەدەبى
ياتتۇر.ئەدەبىياتنى ئەشۇئىچكى ۋەتاشقى چەمبەر ئوراپ تۇرىدۇ.تاشقى چەمبەر مەيدانى نۇقتىسىدىن ئەدەبىياتنى تەبىي پەندىن ئىلگىرلەپ ئالەمشۇناسلىق،گېدرولوگىيە،ئوكيانشۇناسلىق بىلەن بېيىتىشقىمۇ بولىدۇ.پەننىي ئەدەبىيات،ئىجتىمائى ئەدەبىيات ئەلۋەتتە زۆرۈر.لېكىن ئۇلار ئەدەبىياتنىڭ غولى ئەمەس
بەلكى قوشۈمچە شاخلىرىدۇر.ئەدەبىياتنىڭ غولى ساپ ئەدەبىياتتۇر.
سۆزۈمنى يىغسام :ماقالىڭىز ساپ نەزىرىيىۋى ماقالە بولمىغان دېمەكچى.


ھايات__ ئىككى يوقلۇق ئارىسىدا يېرىم بىر چەمبەر. ئىما ئاڭا كۈن ۋە ئاي پۈتتۈرگەن كۈن-تۈنلۈك سەپەر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش