ھاياجان مامكاپتەك توزۇپ كېتىدۇ
تۇرسۇنجان ئابدۇۋەلى ئەسەبىي
كۆڭۈلنىڭ دۇلدۇلى كېشنىسە بىر رەت،
تومۇردا بىر دەريا ئاقار قىيانلاپ.
يالقۇنلۇق سۆيگۈدۇر ياكى سوغ نەپرەت،
قويغىنى قەلبىڭدە ھاياجان قوزغاپ.
ئېھتىمال كېچىنى يورۇتۇپ غىل - پال،
يۈز بىرەر لەۋلەردە تاتلىق سوقۇلۇش.
لىرىك كۈي سىرغىتسا كۆرۈنمەس رويال،
ئۆزىنى دالدىغا ئالار ھودۇقۇش.
ئېھتىمال ئايلىنار تاڭمۇ زۇلمەتكە،
رەقىبلەر مۇشتۇمى تاشتەك تۈگۈلۈپ.
داغدام يول ئېچىلىپ ئاچچىق قىسمەتكە،
ھالاكەت نەرىدەپ كىلەر يۈگۈرۈپ.
قەلبىڭنى شاد قىلسۇن ياكى پەرىشان،
ھاياجان مامكاپتەك توزۇپ كېتىدۇ.
رېئاللىق قوينىغا قايىتقاندا ئىنسان،
تەمكىنلىك ھەققىدە تەلقىن قىلىدۇ.
2012.04.26