يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: TAYANQIMBAR

قاسىم سىدىق شېئىرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-11 02:08:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر شائىرغا


قاسىم سىدىق



باشقا شائىرلار بەلەن، بۇ شائىر خاراپ شائىر،
يالغاندىن ئۇيالمايدۇ، يۈزى خۇددى داپ،شائىر،
دەۋران قانچە چۆرگەلسۇن بەك ھازىر جاۋاب ،شائىر،
مەيلى باھار، مەيلى قىش قالىدۇ ياراپ ،شائىر،
مەيلى دۈشمەن، مەيلى دوست يەيدۇ نان سوراپ،شائىر.


<<ئىنقىلاب>>بولۇپ بىر چاغ ئەلنى قاپلىدى يوقلۇق،
يازدى شۇندا بۇ شائىر <<باياشاتچىلىق، توقلۇق>>،
زىمىستاندا دېدى ئۇ <<ئېچىلدى كۈلۈپ چوغلۇق>>،
غىچىرلاتتى قەلەمنى ئۆزىچە قىلىپ شوخلۇق،
ياماشتى ھامان ئۆرگە،تەتۈر بىلجىراپ،شائىر.


جىڭ شۇرېن زامانىدا قۇياشتۇر دېدى جىڭنى،
(ئالدىدا سۆكۈپ بىر پەس،كېيىن ماختىدى مىڭنى)،
شىڭ شسەي ئەمەل تۇتسا، دەرھال ياقلىدى شىڭنى،
تارىخ كۆرمىگەن بۇنداق تۇتامى يوق غىلجىڭنى،
نەپ بەرگەنگە نەپ بەردى ئىت بولۇپ قاۋاپ ،شائىر.


ئېيتالماس ئۆزى ناخشا، باشقىلارغا كاناي ئۇ،
بىردەم چالسا ساپايە، بىردەم چالار سۇنەي ئۇ،
زىددىيەتلىك قىلمىشى، ھەممە ئىشتا يەكپاي ئۇ،
غالىپلارغا غۇلام ئۇ، مەغلۇپلارغا قوماي ئۇ،
دەپ قويسا <<ھۆلۈكۈش-كۈش>>كېتىدۇ تالاپ ،شائىر.


مەقسىتى ھامان مەنسەپ، قەلبىدە خەلق يوقتۇر،
قەلب بولسىمۇ خەقنىڭ، ئۆزىدە قەلب يوقتۇر،
لوغىتىدە يوق<<ۋىجدان>>، ئۆزىچە ئەيىپ يوقتۇر،
تارىخ ئاڭا يات دۇنيا، دوست يوقتۇر، رەقىب يوقتۇر،
جۆنى پەس، قاپاق كاللا، گەندە ئۇسقان قاپ ،شائىر.


مەنسەپ تۇتسا تىرناقچە، ناۋايىنى پوش دەيدۇ،
ھۆۋەيداغا <<ھەي سولتەك، مەپەمگە ئات قوش>> دەيدۇ،
بولسا كىم تالانت ئەھلى تۇمشۇق ئۇچلاپ<<ئوۋش>>دەيدۇ،
مەندىن ئېشىپ كېتەمدۇ مۇشۇ لېيى بوش، دەيدۇ،
مېيىپ بولدى قانچىلار ، چىشلىگەچ ماراپ شائىر.


ئۆكتەبىردە <<ۋەتەن>>دەپ بولدى ئۇ ۋەتەنپەرۋەر،
كەلدى مارت، مانا ئەمدى بوپ قالدى خوتۇنپەرۋەر،
يېتىپ كەلسە ئاۋغۇست، بولار باتۇر -خۇنپەرۋەر،
ئوتۇن بايرىمى بولسا بولاتتى ئوتۇنپەرۋەر،
ئىنشائاللا، بايرام ئاز، چەكتى ئىزتىراپ ،شائىر.


خىيالى تېپىش ئاقچا، پۇلغا دەندىگەن رەسمى،
سىياسەتكە زورلايدۇ، بولمىغاچ بۆلەك دەسمى،
مۇھەررىرمۇ ئامالسىز، ھەر بەتتە شۇنىڭ ئىسمى،
جەم بولسا تۈمەن ئىسمى، تېپىلماس ئۇنىڭ جىسمى،
بولغاچ <<مول-ھوسۇللۇق>> بەك <<مۆتىۋەر جاناپ>>شائىر.


كىتاب، دەپ ئوقۇپ يۈردۇق ئۇ تىككەن توقۇملارنى،
ئىچىۋالدۇق شەربەت، دەپ ئۇ چاچقان زۇقۇملارنى،
زەپ بولغاندى شېئىرىيەت گۆھەر ساناپ قۇملارنى،
ھېچكىم ئالمىدى پۇلغا پوملاۋەرگەن پوملارنى،
جېنىڭغا زۇلۇم سالماي، ساتساڭچۇ دوغاپ شائىر.


نەشرىيات زىيان تارتتى بۇ شائىر بولۇپ ئوپقان،
سېتىلماي كىتاب ياتتى توپىنى قىلىپ يوتقان،
ساتمىدى ئەمەس ساتتى، خالا جايدىمۇ ساتقان،
<<شېئىر ئۆلدى>>دەپ ئەمدى ئوبزۇرچىلار گەپ تاپقان،
ئۆلسە ئۆلدى شۇ شائىر، ئۆلمەس ئەلگە باپ شائىر.


بىلسە ئەگەر بۇ شائىر، بىز سادىق سىياسەتكە،
سىياسەتنى ۋاسىتە قىپ سوقۇنمىدۇق سەنئەتكە،
سامانچى بولۇپ رەققاس سەھنە تولدى ئەخلەتكە،
ئىسلاھات زامانى بۇ، پۇرسەت يوق خۇسۇمەتكە،
قىلغىن ئەمدى ناۋايلىق شېئىرىڭنى قالاپ شائىر.

                                 مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1994-يىل2-سان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-11 02:09  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-14 15:02:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئەسكەرتىش:تۆۋەندىكى<<تۆھمەتخۇرلارغا>>ناملىق شېئىرنى ئەينى ۋاقىتتا قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ نامىدا خاتىرەمگە كۆچۈرۈپ قويۇپتىكەنمەن.شۇڭا،بۇ قېتىم قاسىم سىدىق ئەپەندىمنىڭ ئەسەرلىرى قاتارىدا بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم.ماتېرىيال مەنبەيىمدە خاتالىق بولسا،دەرھال تۈزىتىشكە تەييارمەن.

تۆھمەتخۇرلارغا

قاسىم سىدىق

ئادەمگىغۇ ئوخشايدۇ پوستۇڭ،
نېمىگە خاس سەندىكى قىلىق.
تولۇمچىلاپ سويۇپ تىرەڭنى،
تولدۇرغانمۇ تۆھمەت بىلەن لىق.

چىرايىڭدىن تەپچىيدۇ زەھەر،
چىرايىڭدا شۇملۇق مۆھۈرى.
سېنى قانداق خالايدىكىنتاڭ،
ئۇلۇغ ئادەم ئىنسان غورۇرى.

تالايلارنى قەتلە ئەيلىدىڭ،
پىچاق ئەمەس تۆھمەتتە غىرداپ.
ئۆلگەنلەرغۇ غەمدىن قۇتۇلدى،بىراق،
قالدى تىرىككە زەرداپ.

ئۆتۈپ كەتتى تۆھمەتتە زامانە،
سەنمۇ بۇندىن تىزرەك يۈتۈپ كەت.
قۇرۇق كەتمەي تۆھمەتلىرىڭنى،
ئالە-ئالە ئۆزۈڭ ئېلىپ كەت.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-3 21:25  


ۋاقتى: 2013-3-3 22:55:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىم سىدىقنىڭ ئەسەرلىرى بىر كىتاب بولۇپ چىقسا ياخشى بولاتتى-دە...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-3-8 17:08:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىم سىدىقنىڭ<<ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس>>ناملىق ئەدەبىي ئاخبارتقا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلىرى



    ئاسمان يېپىنچامدۇر،زېمىن بۈشۈكۈم،
   يۇلتۇزلار خەزىنەمنىڭ لەئىل ياقۇتى.
    دېڭىزلار پىيالەم،كەۋسىرىم پەيۋەس،
     قۇياشلار ئۆمرۈمنىڭ مەڭگۈلۈك ئوتى.

                                                         مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1991-يىل2-سان  

كېلىپ مۇھەببەتنىڭ ئاستانىسىگە،
بولدۇم ئاشىق تەبىئەت جەزىبىسىگە.
مېنى ھالال ئاشىق دەپ ئويلاپ قالماڭلار،
ئوغرىلىققا چۈشىمەن خەزىنىسىگە .

ئوغرى بولماي ئاشىق بولغان قېنى،كىم؟
ئەزەلدىن ئوغرىدۇر پەيلاسوپ-ھەكىم!
سىرىڭ ئېلىپ قىلۇر ئاندىن ئۇنى پاش،
شۇلاردىن مىراستۇر بۇ خۇيۇم، بەلكىم!

تەبىئەت سىرىڭغا ئاشىقمەن سۆزسىز،
ئالىمەن_يايىمەن، مەن شۇنداق يۈزسىز.
                       
                         مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1991-يىل2-سان                     

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-8 17:14  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-3-8 17:13:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قاسىم سىدىقنىڭ<<ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس>>ناملىق ئەدەبىي ئاخبارتقا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلىرى


يۈرىكىمگە ئوخشايسەن چىراق،
زۈلمەت باسقان بۇ شۇم كېچىدە.
پۈتمەس-تۈگىمەس سېھرىي كۈچ بىلەن،
يانماقتىسەن بوران ئىچىدە...

                    1970-يىللار

                             مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1991-يىل2-سان   

              
ئۆزى تۇخۇم تۇغمايدۇ بۇ ھۇرۇن مىكيان،
تۇغۇپ بەرسەڭ باسىدۇ،قىلىدۇ پالاق.
تۈزەشنىڭ ئورنىغا بۇزىدۇ دائىم،
تۈزىگەنلەرنى چۇقۇلاش ئاڭا خاس«ئەخلاق».



رۇكۇلدايدۇ ھەركۈنى كونا مۇقامغا،
چىقمايدۇ ئۇنىڭدىن يېڭىراق سادا.
ئۇنىڭچە ئىلىم-پەن مازار ۋە مەبۇد،
نيوتون پەيغەمبەر،ئېينېشتېيىن خۇدا.



ئەمدى ھاجەت ئەمەس گويا تەپەككۈر،
پەقەت لازىم ئىمىش سەجدە-ئىقتىدا.
قەدىرلىك-نادانلىق،چاكىنا ئېتىقاد،
پاراسەت قەدىرسىز ئۇنىڭ ئالدىدا.

                          

                                          مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1991-يىل2-سان         

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-8 17:14  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-3-20 13:50:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



     ئەسكەرتىش:مەزكۇر پارچە تۆۋەندىكى شېئىر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا،تورداشلارنىڭ<<<<ئالىيلىرى>>غا ئەرزى-ھال>>ناملىق شېئىرنىڭ بارلىققا كېلىش سەۋەبىنى ئېنىقراق چۈشەندۈرۈپ قويۇش سەۋەبىدىن بىرلىكتە يوللاپ قويدۇم.توغرا چۈشەنگەيسىزلەر.



     دەسلەپتە ئۇ ئالەملىك ئېرسىيەت ۋە ئالەم گارمۇنىيىسى دېگەن تېما ئۈستىدە ئىزلەنگەن.بۇنىڭدا ئۇ ئىرسىيەت ئۇقۇمىنىڭ دائىرىسىنى كىڭەيتىش لازىم،يەنى،ئىرسىيەتنى نوقۇل بىئولۇگىيىلىك ئۇقۇم ھالىتىدىن ئۇنۋېرسال ئۇقۇم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش كېرەك دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.خىمىيە ئۈگىنىش جەريانىدا ئۇ مەكتىپىدىكى بىر فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بىلەن بىرلىكتە ئېلمېنىت سەن نەدە؟ ناملىق بىركىچىك ماقالىمۇ يېزىپ چىققان. ئۇنىڭ بۇ قىتىمقى بوشلۇق نەزەرىيىسى توغرىسىدىكى ماقالىلىرىمۇ تۇيۇقسىزلا ئوتتۇرىغا چىققان ئەمەس. 1989-يىلى 12-ئايدا ئۇ ئىلى گېزىتىدە ئەدەبىي بوشلۇق نوقتىئىنەزەرى توغرىسىدا ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى.بۇ ماقالىدە بوشلۇقنىڭ يېزىقچىلىق ۋە زوقلىنىش پائالىيىتىدىكى ئورنى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. بۇ ئەسەر پسخولوگىيىگە مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ،ئۇنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق بىر ئابزاس سۆز بار:ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى،-دەپ يازىدۇ قاسىم سىدىق،-بوشلۇق ھادىسىسىگە پەلسەپىۋى نوقتىدىن نەزەر تاشلاش لازىم. بوشلۇقنى پەلسەپىۋى ئابىستىراكىتسىيە(ئۇقۇم)دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش تامامەن مۆمكىن. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى،تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئۆزئارا باغلىنىش ۋە خاسلىقلارنى بوشلۇق نوقتىئىنەزەرىنى چىقىش ئانالىز قىلغاندا،نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئالغىلى بولىدۇ.ئەدەبىي بوشلۇق يۇقىرىقى پەلسەپىۋى بوشلۇق ئىچىدە ئىزاھلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ كۇنكىرىت بىر تارمىقى بولۇپ قالىدۇ. قاسىم سىدىق شۇنىڭدىن كېيىنلا بوشلۇق نەزەرىيىسى (بۇ نەزەرىيىنى شەكىل نەزەرىيىسى دېگەن بولسا،ئىسمى جىسمىغا لايىق بولغان بولاتتى) دېگەن ئومۇمىي تېما ئۈستىدىكى ئەمگىكىنى باشلىۋەتتى. ئۇ گەرچە دەسلەپ پەلسەپىۋى يىغىنچاقلاشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ نەتىجىلىرى بىرئاز كونكىرېتلىشىپ فىزىكا ئالەمشۇناسلىقتىن ئىبارەت پەنلەرگە بېرىپ تاقالدى.ئېينېشتېيىن ئوتتۇرىغا قويغان زامان-ماكان ئەگرىلىكىنى شەكىلگە يىغىنچاقلاش قاسىم سىدىقنىڭ چىقىش نوقتىسى. دەرۋەقە،ھەرقانداق مەزمۇندىكى ئالەمشۇناسلىق ئالەمنى شەكىلگە يىغىپ قويىدۇ.شەكىل جەزمەن ئارقا كۆرۈنۈش شەرتى ئاستىدىلا مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ. مانا بۇ قاسىم سىدىق ئوتتۇرىغا قويغان شەكىلنىڭ تاشقى شەرتى.بىز ئارقا كۆرۈنۈشى بولمىغان شەكىلنىڭ بارلىقنى ئىسپاتلالىساق،قاسىم سىدىق بىرتەرەپلىمە ھۆكۈم قىلغان بولىدۇ.ئارقا كۆرۈنۈش ئېتىراپ قىلىنسا،مۇقەررەر ھالدا يوقلۇقمۇ ئېتىراپ قىلىنغان بولىدۇ.ھەرقانداق شەكىل جەزمەن مۇئەييەن ئىقتىدارغا،مۇئەييەن كۈچكە ئىگە، ئەگەر بىز كۈچ ئىپادىلىمەيدىغان ۋە چەكسىز بولغان شەكىلنى تېپىپ چىقالىساق،يۇقىرىقى ھۆكۈم بىرتەرەپلىمە بولغان بولىدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى،قاسىم سىدىقنى كۆزدە تۇتقاندا بوشلۇق نەزەرىيىسىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ھەرگىزمۇ تاساددىپىيلىق ئەمەس.ئۇنىڭ تەپەككۈر يولىنى بويلاپ ماڭسىڭىز،ئۇ مەنتىقى ئىزچىللىق ۋە مەنتىقى مۇقەررەرلىكتىن ئىبارەت.

                                           ئۇ نىمىگە ئېرىشتى؟

        غۇلجىدىكى بەزى يولداشلار قاسىم سىدىققا ئۆزۈڭنى ئاۋارە قىلمىساڭ بولامدىكىن، بۇ ئىشىڭ باشقا چىقمايدۇ دېگەندە،قاسىم سىدىقنىڭ تېخىمۇ تەتۈرلۈكى تۇتۇپ،زادى ئۈرۈمچىگە بىر بېرىپ ئۆز كۆزقاراشلىرىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى بىر تەرەپ قىلىپ كەلمەكچى بولغانىدى. ئاخىرىدا بۇ خۇددى كىچىك بالىلارنىڭ كېچەلمەيدۇ ھە،ھە !دەپ بەرسە تېخىمۇ كەچكىنىدەك بىر ئىش بولدى. قاسىم سىدىقنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشتىكى مەقسىتى: بىرىنچىدىن،ئىلىم-پەن تارماقلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئىدى.قاسىم سىدىقنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە تايانغان قورالى ھازىرچە لوگىكا ۋە پەلسەپە. ئۆز نەزەرىيىسىنى تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۇنىڭدا مۇۋاپىق تەجرىبە لايىھىسى ۋە تەجرىبە شارائىتى يوق. مىقدارلىق ئانالىز ،ماتېماتىكىلىق ئىسپاتلاشلار جەھەتلەردە ئۇ كەسپ ئەھلى ئەمەس. ئالدى بىلەن ھازىرقى مەنتىقە قۇرۇلما مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى كېرەكتى.بۇ ئىش لوگىكا باسقۇچىدىلا ئۇجۇقۇپ كەتسە،قالغان ئۇرۇنۇشلارنىڭ ھاجىتى قالمايتتى. ئىككىنچىدىن،قاسىم سىدىق ئۆزىنىڭ يېڭى نەزەرىيىسىنىڭ رېئال ئەھمىيىتى توغرىسىدا ھازىرچە بۇ نەزەرىيىنىڭ ئەھمىيىتىنى مۆلچەرلەش قىيىن،ھېچبولمىغاندا ئۇ ئالەم چەكلىكمۇ ياكى چەكسىزمۇ؟ دېگەن تالاش-تارتىشقا خاتىمە بېرىدۇ؛ شەكىل،كۈچ ۋە مىقدار دېگەن چۈشەنچە قوبۇل قىلىنسا،ئالەمنى بىلىشنىڭ يەنە بىر مىتودى مەيدانغا كەلگەن بولىدۇ دەپ قارايتتى. شۇڭا،دەسلەپكى قەدەمدە قاسىم سىدىق ئۆز ماقالىلىرىنى بىرەر مەتبۇئاتتا ئىلان قىلدۇرۇپ،كۆپچىلىكنىڭ مۇھاكىمىسىگە قويۇشى،كەسىپ ئەھلىلىرىگە ئۆز كۆزقاراشلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن ئۇچۇر بېرىشى لازىم ئىدى. لېكىن،قاسىم سىدىق ھۆرمەتكە سازاۋەر بىرنەچچە پروفېسسور ۋە دوتسېنىتلارنىڭ باھالاش پىكرى تۇرۇپمۇ ئۆز ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىدىغان ئورۇن تاپالمىدى. ئىلىم-پەن نەشرىيات تارماقلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋابى ناھايىتى ئاددىي-بىزنىڭ بۇ ژۇرناللىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش. سىزنىڭ يېڭى نەزەرىيە ئىكەن،باسالمايمىز،دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ.قىززىق يېرى شۈكى،قاسىم سىدىقنىڭ بۇ يېڭى قاراشلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە دەل ئاشۇ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشىرىياتنىڭ نەشىر قىلغان كىتاب-ژۇرناللىرىنىڭ تەسىرىمۇ زور بولغانىدى.پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مەقسىتى نىمە؟ باشقىلار تەرىپىدىن بايقالغان،ئىسپاتلانغان قانۇنىيەتلەرنى تونۇشتۇرۇپلا قويۇشمۇ ياكى شۇ ئاساستا ئۆزىمىزمۇ يېڭى نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،يەنىمۇ بىر قەدەم ئالغا بېسىشمۇ؟...قاراڭ،پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئورۇنلىرىمىز جاپالىق ئىشلەپ ئىلىم-پەننىڭ نۇرغۇن نەتىجىلىرىنى بىزگە يەتكۈزۈپ بەردىيۇ،بۇ ئومۇملاشتۇرۇشتىن كېلىپ چىققان نەتىجىنى قوبۇل قىلالمىدى. ئالىي مەكتەپلەردىن ئىلىم-پەن ئورۇنلىرىغا،ئىلىم-پەن ئورۇنلىرىدىن تەھرىر بۆلۈملەرگە چېپىپ يۈرۈپ،قاسىم سىدىقنىڭ ئايىغىنىڭ پاشنىسى چۈشۈپ قالاي دېدى.ئەل-ئاغىنىلىرى ياردەم قىلىپ ئانچە-مۇنچە پۇل ئەۋەتىپ تۇرغانىدى.ئۈرۈمچىدە تۇرغان ۋاقتى ئۇزارغانسېرى بۇ پۇللارمۇ تۈگەپ يانچۇقىنىڭ تېگى كۆرۈنۈپ قالدى.مەرىپەتپەرۋەر بىر ئايال تىجارەتچى ئۇنى ئالاھىدە ئىزدەپ تېپىپ 100 يۈئەن پۇل بەردى. شۇ ئارىدا ئۇنىڭغا ئۆيىدىن خەت كېلىپ قالدى.خەتتە ئانىسى:بالام،ئانچە-مۇنچە شېئىر بىر نىمىلەرنى يېزىپ تۇرغان ۋاقتىڭدا ئاز بولسىمۇ قەلەم ھەققى ئېلىپ تۇراتتىڭ،تۇرمۇشىمىزغا ياردىمى بولاتتى.ھېلىقى بوشلۇق،يوقلۇق دېگەن بىرنېمىلەر كاللاڭغا كىرىۋالغاندىن بىرى ئۆيدىمۇ ھەممە نېمە يوق بولغىلى تۇردى.ئەمدى بولدى قىلىپ قايتىپ كەلسەڭ! دەپ يازغانىدى.قاسىم سىدىق ماقالىلىرىنڭ بىرقىسمىنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلىغا تاپشۇرۇپ،نائىلاج غۇلجىغا قايتىشقا مەجبۇر بولدى. قاسىم سىدىق ئۈرۈمچىگە ماڭغاندا غۇلجىدىن سودىگەرچىلىك قىلغىلى چىقىپ كەتكەنلەر چېغىدا ئۆيىگە خېلى يانچۇقىنى پومپايتىپ قايتىپ كېلىشتى.قاسىم سىدىق بولسا،يەلكىسىگە بىرمۇنچە قەرزنى ئارتىۋالدى. قاسىم سىدىقنىڭ يېزىدىن ئېلىشقا تېگىشلىك ئازراق ئىش ھەققى بار ئىدى.قەرز ئىگىلىرى پۇللىرىنى سۈيلەۋەرگەچكە،قاسىم سىدىق يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن شۇ پۇلنى ئېلىپ قەرزنى تۆلىمەكچى بولىۋېدى،بۇ پۇلمۇ پۈتمىدى. قاسىم سىدىق يېزا باشلىقى بىلەن ئالىيلىرى دەپ ئانچە-مۇنچە چاقچاقلىشاتتى.ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە،ئۇر توقۇمنى دېگەندەك،ئۇنىڭغا قارىتىپ مۇنداق بىر شېئىر يېزىپ قورساق كۆپۈكىنى چىقىرىۋالدى.

                                    -مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ<<ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس>>ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتىدىن.

<<ئالىيلىرى>>غا ئەرزى-ھال

ئەيلىيىن ئەرزىم بايان،ئالىيلىرى،
بولسىمۇ دەردىم ئايان،ئالىيلىرى.
قىلمىشىمدىن خەستە روھىم ئالدى نەپ،
بولدى چۆنتەككە زىيان،ئالىيىلىرى.

پۇل بۇزۇپ قىلدىم سەيىر<<بوشلۇق>>نى مەن،
ئاقىبەت قالدىم قۇچۇپ<<يوقلۇق>>نى مەن،
خەجلىسەممۇ<<يوقلۇق>>قۇمدىن مىڭ تۈمەن،
كەلمىدى بىر بۇردا نان،ئالىيلىرى.

بالا-ۋاقام<<يوقلۇق>>قۇمدىن داد دېدى،
ئەرزىمەس نەغمەڭنى بەس،توختات دېدى،
تاڭغىچە ياقماي چىراغ ئۇخلات دېدى،
ئاھ ئەجەپ قىينالدى جان،ئالىيلىرى.

كەلدى ھەم قەرزىڭنى بەر دەپ قانچىسى،
كۆزدە خەنجەر،تىللىرىدا قامچىسى،
قىلدى كۆكرەكنى ماكان خەنجەر بىسى،
ماڭا تار كەلدى جاھان،ئالىيلىرى.

ئۆز پۇلۇمغا<<ھەق>>دېدىم،كۆپ جورۇدۇم،
بارچىكى خەيرەندىلەرنى دورۇدۇم،
ئۆز گۆشۈمنى ئۆز يېغىمدا قورۇدۇم،
بولدى گويا قەستى جان،ئالىيلىرى.

ۋاقتىدا بۇ ئىشقا بەرھەم بەرسىلە،
قانچە بولسا شۈنچە دەرھەم بەرسىلە،
پۇلنى جىقراق،دەردنى كەم-كەم بەرسىلە،
شۇندا تىنجىيدۇ زۇۋان،ئالىيلىرى.

                                    مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1991-يىل2-سان                     
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-20 13:55  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-19 01:30:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرق ئۇرسۇن ئامراقلىق


قاسىم سىدىق


ئىناقلىقتا ئىش-ئوقەتنىڭ بەرىكىتى،
ئىناقلىقتىن ئۆسەر ئەلنىڭ شەۋكىتى.
<<بۆلۈنگەننى بۆرە يەيدۇ>>دېگۈزگەن،
بۆلۈنۈشنىڭ تالاپىتى،زەخمىتى.

بىر ياقىدىن باش چىقارساق ھەممىمىز،
چىچەكلەيدۇ ئىقبالىمىز،بەختىمىز،
روناق تېپىپ پۈتۈن بولار ئەڭلىمىز،
نېمە غەم-ھە تۇرسا تۇقلۇق دۆلىتى.

نىزا بىلەن قانچە تۇغلار يىقىلغان،
سانسىز ئېسىل دۇردانىلەر چېقىلغان،
قانچە پۇشمان-پەندىياتلار ئوقۇلغان،
ئەستە تۇرسۇن تارىخنىڭ بۇ ئىبرىتى.

ئارىمىزغا سېلىپ دۈشمەن دۈشمەنلىك،
يۇرت-جامائەت،تۇغقانلارغا ئۆچمەنلىك،
قىلار ئاندىن بەختىمىزگە شۇمپەنلىك،
بۇ ئۇلارنىڭ زاكىسىدىن ئادىتى.

ئاپەت ئىرۇر جىدەل-ماجرا،يىراقلىق،
شۇڭا لازىم مەڭگۈ ئېجىل-ئىناقلىق،
بەرق ئۇرسۇن ئارىمىزدا ئامراقلىق،
دىلغا شىپا ئامراقلىقنىڭ شەربىتى.

     
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى ،2010-يىل5-ئاينىڭ16-كۈنى،4-بەت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-19 01:34  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-12 12:03:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلشەندىكى نىدا

                  
قاسىم سىدىق


تاڭ ساباسى يەلپۈسە،لەرزان نازغىيدۇ گۈللەر،
گۈل بىلەن تەڭ مەستانىدۇر شەيدا كۆڭۈللەر.



زەپ سېغىنغاچ مەشۇق سېنى،يۇلتۇزلۇق تۈنلەر،
كەپتەر بولۇپ بىر ئاشىقىڭ بۇقۇلدار،ئۈنلەر.



گۈل بەرگىدە سەھەر پەيتى پارلايدۇ شەبنەم،
گۈلگە قاراپ يارنى ئەسكە ئالىمەن ھەردەم.



بوپ قالغانمۇ جانۇ جىسمىڭ گۈلگە مۇجەسسەم،
ھىدلىرىڭنى گۈل ھىدىدىن ھىدلىدىم سەنەم.



باسالمىدى ئوتلىرىڭنى ئىپارۇ ئەنبەر،
قەيەرلەردە قارار گاھىڭ گۈل يۈزلۈك دىلبەر.



سېنى ئىزلەپ تاپالمىدىم سەھرايۇ – شەھەر،
كۆرسەت ۋىسال،كۆرسەت ۋىسال بەرگىن بىر خەۋەر.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-12 12:04  


ۋاقتى: 2013-5-12 14:16:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادانلار ئالتۇننى كېسەك قىلىدۇ،
مېھرىگىيانى خەشەك قىلىدۇ.
رەببىمىز باھاسىز پەرزەنىت بەرسە،
ئۇقۇتماي ئۇزىدەك ئېشەك قىلىدۇ.

__ قاسىم سىدىق روبائىلىرىدىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-12 14:17  


ۋاقتى: 2013-5-12 14:19:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەر لىرىكىسى



قاسىم سىدىق

ئەزىزانە قەشقەر
ئۇيغۇر كەبىسى،
خىزىردەك مويسىپىت بۈزرۈكۋار شەھەر.
ئۈمىت يەلكەنلىرىم يەتكۈزدى ساڭا،
گۈزەل ساھىلىڭغا تاشلىدىم لەڭگەر.
ئانامنىڭ كۆكسىدىن ئۇرغۇغان ئوغۇز،
گۈپۈلدەپ پۇرىدى دەسلەپكى دەمدە.
تويۇندۇم سېنىڭ پاك ئوغۇزلىرىڭغا،
پەرھاتتەك كۈچ-قۇۋۋەت سەزدىم ئۆزۈمدە.
ھايال قالماستىن ئارىلىشىپ كەتتىم،
ۋىسال ئىزدەۋاتقان ئوغلانلىرىڭغا.
تاڭلىرى باغاشلاپ قۇياشلىرىڭنى،
تۈنلىرى يېپىشتىم گۈلخانلىرىڭغا.
تۈنلىرى يىپىشتىم گۈلخانلىرىڭغا،
ئىشقىڭغا سادىق يىگىتلەر بىلەن.
ياقتۇرۇپ قالدىم «مەردۇت»لىرىڭنى،
كېلىشەلمىدىم «زاھىت»لار بىلەن.

ئەزىزانە قەشقەر
ئۇيغۇر كەبىسى،
ياق
سەن كەبە ئەمەس
سەن بىر مۇئەررىخ.
سەنلا بار كۆمۈلمەس ئەجدادى ئۇيغۇر،
سەنلا بار كۆمۈلمەس بۇ چۈچۈك تارىخ.
تاشبوران قىلسىمۇ بەدنىيەت قىسمەت،
قوياشتەك نۇرلۇقسەن، تاغدەك ساكىنسەن.
سەن كۆپنى كۆردۆڭ،
چېنىقتىڭ
پىشتىڭ،
قىلىچ ئالدىدىمۇ جەسۈر،تەمكىن سەن.
نەزىرىڭگە قاراپ چىدالماس تۆھمەت،
سەن ئۈچۈن قەدىرلىك جاندىمۇ نۇمۇس.
بولغىچە نۇمۇسسىز ئاسراندى بالا،
بولۇشنى خالايسەن نومۇسلۇق مەھبۇس.
ئاز بەدەل بەرمىدىڭ ھاياتلىق ئۈچۈن،
لېكىن قوغداپ قالدىڭ ھاي-ھاي تېرەكنى.
سېنىڭ قىسمەتلىرىڭ
سېنىڭ ئاھلىرىڭ،
ئەجەپ ئۆرتەيدىغۇ شائىر يۈرەكنى.

ئەزىزانە قەشقەر
ئۇيغۇر قامۇسى،
سەندە بار ئىپتىخار،سەندە بار خورلۇق.
سەندە بار مۇھەببەت،سەندە بار نەپرەت،
سەندە بار ئاددىلىق ھەمدە ئۇلۇغلۇق.
سەندە بار غاپىللىق ھەمدە مەھكۇملۇق،
لېكىن روھىڭدا يوق ھەرگىزمۇ قۇللۇق!.
سۈكۈت قىلىشنىمۇ بىلىسەن بىر پەس،
قانداق قىلاركىن قېنى دەپ زورلۇق.
لېكىن تولغىنىدا سۈكۈتنىڭ چېكى،
تۇتىسەن دۈشمەنگە ئۆلۈمدىن يوللۇق.
پاك قەلب،
تەبەسسۇم،
سېخىيلىك-مەرتلىك،
سەن ئۈچۈن مۇقەددەس ئەنئەنە- مىراس.
ئۆزى ئاچ قالسىمۇ مىھماننى كۈتۈش،
ئەزەل-ئەزەلدىن ئۇيغۇرغىلا خاس.
بۇزەكلىك دەپ بىلسە كىمكى بۇ ئىشنى،
«بوزەكلەر»دىن مۇشىت يېمىگىمۇ راسىت!

ئەزىزانە قەشقەر
ئۇيغۇر قامۇسى،
ۋۇجۇدۇڭ يارالغان ھالال نان بىلەن.
ھەرگىزمۇ قۇرمايسەن بەزمە-سەلتەنەت،
قولۇڭغا تىغ ئېلىپ تۆككەن قان بىلەن.
باتۇرلۇق دېمەيسەن قاراقچىلىقنى،
چاقمايسەن بىراۋنىڭ دەرۋازىسىنى.
تىرىكىنى ئېشەك قىپ ھارۋىغا قېتىپ،
سازايى قىلمايسەن جىنازىسىنى.
نۇمۇسسىز ئەمەسسەن ئەي ئۇلۇغ قامۇس،
بىلىسەن شەلپەردەك قىزىرىشنى سەن.
ئۆلۈمدىن ئېغىرراق كۆرىسەن مەڭگۈ،
بىراۋغا چاپلىشىپ بېزىرىشنى سەن.
سۆيىسەن تىنىچلىقنى،ئاسايىشلىقنى،
ھەرگىز خالىمايسەن جەڭنى-نىزانى.
بالىغا تىغ بېرىپ ئاتىغا سىلىپ،
چىللاپلا يۈرمەيسەن بالا- قازانى.
ئەزىزانە قەشقەر
ئۇيغۇر قامۇسى،
مىڭ قوياش نۇرى بار ۋاراقلىرىڭدا.
ئىنساننىڭ ئەڭ ئۇلۇغ خۇلقى مۇجەسسەم،
ئېغىشماي كۆتۈرگەن بايراقلىرىڭدا.

ئەي ئۇلۇغ ئاستانە
ساماۋى شەھەر،
بۈگۈنكى چىھرىڭدە شاتلىق جۇلاسى.
لېكىن قوينۇڭدا ئالار –ئالماي دەم،
بولۇپ قالدىم مەن سەپەر شەيداسى.
بۈگۈنۈڭ ھەققىدە يازدى كۆپ نەزمە،
شائىر ئاتالغانلار
شېرىن سۇخەنلەر.
«ھالۋىنى كۆپ يېسەڭ ئەمەن تېتىيدۇ»،
يازمايمەن بۇ باپتا شۇڭا غەزەللەر.

كەتتىم مەن خىيالى سەپەرلىرىمگە،
كېلەچىكىڭنى سوراقلاپ-ئىزدەپ.
ساماۋى شەھەردىن قاناتلار ئېلىپ ،
ئۇچتۇممەن ساماۋى مەنزىلنى كۆزلەپ.

ئاھ،يەتتىم كۆزلىگەن مەنزىلگە تەستە،
تامام تەل بولۇپتۇ بۇ جايغا ئەجدات.
جەننەتتەك بىر باغدا سۆھبەت قۇرۇپتۇ،
يىراق زامانلارنى ئاستا قىلىپ ياد.
كۆك بۆرە تۇرۇپتۇ قارانچۇق بولۇپ،
بۇ ئەنجۆمەنگە ،بۇ جەمئى نۇرغا.
بوۋام ئوغۇز ئولتۇرۇپتۇ ساقىلىن سىلاپ،
(يولۇقتۇم گوياكى بۇندا خىزىرغا).
مەھمۇت ئولتۇرۇپتۇ گىگانىت تاغدەك،
تۇرك بالىلىرىنى يېنىغا يىغىپ.
ئەنە يۈسۈپ،گومنام،
ئەنە نەۋايى،
تۇرۇپتۇ چېھرىدىن تەبەسسۇم يېغىپ.
كۆك بۆرىنىڭ كۈللى ئىپى-ئەۋلادى،
بولۇپتۇ مۇبارەك ئەنجۆمەنگە جەم.
تۈمەنمىڭ خىجىللىق ئىلكىدە ھەي...
ھەي....
شاھانە سورۇنغا تاشلىدىم قەدەم.


ئوغۇز ئوغلانلىرىنى ئالسا يەلكىگە،
مەھمۇد«دىۋانى»نى سۇندى مەركىگە.
نۇزوك قېنى بىلەن بۇياپ شەپەقنى،
سادىر ھۆرلۈك ئىزدەپ چۈشتى بەيگىگە.
ھەممەيلەن بېزىدى ئۆشبۇ سورۇننى،
ۋۇجۇدىدىكى دۇرلىرى بىلەن.
كۆزلىرىم قامىشىپ كەتتى شۇ ئەسنا،
ساماۋى مەنزىلنىڭ نۇرلىرى بىلەن.

ئەپسۇس،تۇرۇپ قالدىم خىجىلچىلىقتا،
ئىلكىمدە بولسىچۇ مىسقال زەر مېنىڭ.
سورىدىم ئۆزەمنى كاچاتلاپ ھەتتا،
ئېيتىڭلار،ئېيتىڭلار،نەرىم ئەر مېنىڭ؟!.

باغرىغا باسسىمۇ قېرىنداشلىرىم،
تاپمىدىم خىجىللىق پەيلى تەسەللى.
ئەي ئولۇغ جامائەت ئادەم بولغىچە،
ئايىغىڭدا خاك بولساممۇ مەيلى....

                                1986-يىلى 6-ئاي قەشقەردە يېزىلغان.



ئىزاھ : بۇ شېئىر «ئىلى دەرياسى»ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى.تورغا يوللاشتىن بۇرۇن ئاپتۇرنىڭ ماقۇللىقى ئېلىندى. ئاپتۇر چۈشۈپ قالغان بىر مىسرانى تولۇقلىدى ۋە بەزى خاتا كەتكەن يەرلىرىنى تەھرىرلىدى.ئاپتۇر ئەسلى ئارگىنالنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئۇرۇلغان ۋورد  نۇسخىسىنى ژۇرنالغا يوللاشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈپ كۆرمىگەنلىگىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-12 14:19  


ۋاقتى: 2013-5-16 00:23:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2013-5-12 14:19
قەشقەر لىرىكىسى

بۇشېئىر 1986-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئېنىستىتوتىدىن قەشقەرگە پىراكتىكىغا بارغاندا يېزىلغان  ۋە شۇ يىلى«قەشقەر ئەدەبىياتى»ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى.


http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=11837&page=1&extra=#pid34661 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-16 00:23  


ۋاقتى: 2013-5-17 07:22:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىدىكى رىئالىستىك ئۇسلۇبنىڭ يىرىك ۋەكىلى ، ئالىي جاناب ئۇستاز زوردۇن سابىر خاتىرىسىگەھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن.
                          - قاسىم سىدىق
شېئىرى ۋە مۇزىكىسى: قاسىم سىدىقنىڭ
ئورۇنلىغۇچى ۋە مۇزىكا مۇھەررىرى: كامىلجان ھۇشۇر

ناخشىنى تۇۋەندىكى ئادرىستىن ئاڭلاڭ:
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-20 00:28  


ۋاقتى: 2013-5-19 10:38:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلگىنىڭ دۇ بىلەن پەش ياكى تەشتۈت،
خىجىل بولماي قېلىسەن ھۈتۈت-پۆتۈت.
ئەرەپچە تىللىسام دەرھال يۆكۆندۆڭ،
«قىرائەت»دەپ دۇئا قىلدىڭ ساراڭ،دۆت!.

_ قاسىم سىدىق روبائىلىرىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-19 10:38  


ۋاقتى: 2013-5-21 00:36:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەخىرلىك ئۇستازىمىزنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن  تۇنجى قېتىم بۇنىڭدىن 19يىل مۇقەددەم «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» ئارقىلىق ئۇچراشقانىدىم. ئۇستازنىڭ شېئىرىيەتتىكى تالانتىدىن زوقلىنىپ، ئۇنىڭ «شائىرمەن» ناملىق شېئىرىغا ئوبزور يېزىپ مەزكۇر گېزىتكە ئەۋەتسەم، كۆپ ئۆتمەيلا ئېلان قىلىنغانىدى. بۇ تۇنجى قېتىم ئوبزور يېزىپ ئېلان قىلدۇرۇشۇم بولغاچقا، بەك ھاياجانلانغاندىم. شۇندىن بېرى بۇ قەدىرلىك ئۇستازنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئەڭ قىزغىن ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتىمەن.
  قارىسام،  بۇ يەردە ئۇستازنىڭ بەدىىي ئىجادىيەتلىرىنى جەم قىلىشتەك كۆپ ياخشى   ئىشلار قولغا ئېلىنىۋېتىپتۇ؛ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. ئەپسۇسكى، شۇ چاغلاردا مەندە چوڭقۇر ھاياجان قوزغىغان ئاشۇ شېئىر تۇرمۇشنىڭ ئىگىز-پەسلىكلىرى ئىچىدە يوقاپ كېتىپ قالغانىدى.  قارىسام بۇ يەردىمۇ ئۇچرىمىدى.  شۇڭا ئازراق يىپ ئۇچى بولۇپ قالسۇن دەپ، شۇ چاغدىكى ئېلان قىلىنغان ئوبزورنىڭ سايىلەنگەن نۇسخىسىنى يوللاپ قويدۇم.
sicaner.jpg

ۋاقتى: 2013-5-21 13:11:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.ساۋۇت ئۆزقان يوللىغان ۋاقتى  2013-5-21 00:36
پەخىرلىك ئۇستازىمىزنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن  تۇنجى قېتىم ب ...

رەھمەت سىزگە ،بۇ شېئىرنىڭ ئارگىنالى ھازىر ئۇزەمدە يوق،ھەتتا ئونتۇپ كېتىپتىكەنمەن.تولۇق نۇسخىسى تېپىلارمۇ؟.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش