يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: TAYANQIMBAR

قاسىم سىدىق شېئىرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-13 21:57:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېچىدىكى ئارزۇ


قاسىم سىدىق

دېرىزەمنى سۆيگەندە شامال ئوينىشىپ،
ئاستا چىقتىم تالاغا ئۇنى ئەگىشىپ.
كۈمۈش قېيىق ئۈزەتتى ئېگىز ئاسماندا،
تارتار ئىدى زوقۇمنى قوشلار سايرىشىپ.

بۇلاق سۈيى ئاقاتتى قىرغاقنى سۆيۈپ،
ئوينار ئىدى بېلىقلار ئۇندا جۈپلىشىپ.
ئۆزگە جان يوق مېنىڭدىن خىلۋەتكە مېھمان،
موھىت بىلەن ئۈن-تىنسىز يۈردۈم سىردىشىپ.

تەبىئەتنىڭ غەزىنىسى ئەجەپ كەڭ ئىكەن،
قالدىم ئۇشبۇ سەيلىدە تامام ئېلىشىپ.
بولساڭ ئېدىڭ ئامرىقىم سەنمۇ بۇ كېچە،
قالار ئىدۇق دالاغا بىز ھەم يارىشىپ.

                             مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1987-يىل1-سان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-13 21:59  


ۋاقتى: 2013-1-13 22:37:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2013-1-14 16:59:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاكىمىزنىڭ «ناخشا»دەيدىغان ئاجايىپ ئىسىل بىر شېئىرى بار ئىدى. شۇنى تاپالىشاڭلار يوللاپ قويساڭلار بولاتتى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-16 00:16:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tikan_kux يوللىغان ۋاقتى  2013-1-14 16:59
ئاكىمىزنىڭ «ناخشا»دەيدىغان ئاجايىپ ئىسىل بىر شېئىرى ب ...




        سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز قايسى شېئىرى بولغىيتتى ئۇ؟ئېسىڭىزدە بار مىسرالىرىنى بولسىمۇ دەپ باقسىڭىز بولۇپتىكەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-16 00:18:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھاردىكى مىسكىنلىك

قاسىم سىدىق


شۇخ شامال كەزمەكتە زىمىننى لەرزان،
گۈل-گىياھ چۈشمەكتە قىزغىن سەنەمگە.
يورۇتقان ئۇيقۇلۇق سامانى قەمەر،
بۇلبۇللار تۇتۇنغان شېرىن غەزەلگە.
تەبىئەت شۇنچىكى خۇشچىراي-ئوماق،
شۇندىمۇ چۈشكەنمەن بۇ جايدا غەمگە.

دەريالار ھايقىرار تاشنى يىمىرىپ،
دېڭىزلار ئاتىدۇ پەشۋا پەلەككە.
ۋولقانلار پارتلار تاغنى چۆكۈرۈپ،
چاقماقلار ياراشقان يامغۇرلۇق كۆككە.
تەبىئەت قىلماقتا شۇنچە باتۇرلۇق،
شۇندىمۇ مەن چۈشكەن خىيال-سۈكۈتكە.

مۇز ئوكيان ئېتىزغا ئايلىنار بەلكى،
ئافرىقا چۈللىرى گۈلشەنگە ياكى.
تەبىئەت ھەر ئىشقا قادىر،ئەپسۇسكى،
بارمىدۇ بۇ مېنىڭ غېمىمنىڭ چېكى.
ياشىسام ئۆلمەستىن قىيامەتكىچە،
ياشارمۇ بۇ ھىجران شۇنغىچە تاكى.

ئەي ئىلاھ!ھاياتنىڭ ئۇلۇغ ئىگىسى،
باھارنى قىلمىغىن ماڭا ئارتۇق پەش.
باھارنى گۈزەل قىپ ياراتقان بىلەن،
قالدىغۇ يەنىلا مېنىڭ دىلىم غەش.
ئەۋزىلى يارىمغا يەتكۈزگىن مېنى،
تىنجىسۇن روھىمدا غەم سېلى-ئۆرلەش.

                                             مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1987-يىل1-سان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-16 00:19  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-16 00:20:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېجران لىرىكىسى

قاسىم سىدىق


يېڭىلا ئالەمگە ئاچقىنىمدا كۆز،
ئىلكىگە ئالغاندا ئاچچىق روزىغار.
تۈمەنلەپ پەرھاتنىڭ كويىغا سېلىپ،
ۋەسلىگە چىللىغان بىر شېرىن نىگار.
ئىزدىدىم مەن ئۇنى پۈتۈن ئالەمدىن،
ئالدىراپ،ئىشقىمنى ئەيلەشكە ئىزھار.
سۆيدۈم راست،
                     پەقەتلا خىيالەن سۆيدۈم،
ئەمما تۇتالمىدىم قولىنى زىنھار...

كۆرمۈدۈم مەن ئۇنى قانغىدەك تۈگەل،
ئۇچراتتىم ۋە لېكىن نۇرغۇن بىشارەت.
بى نەسىپ نىگارنىڭ بىشارەتلىرى،
بولدى كۈچ،
                 بولدى نۇر،
                               بولدى ھەم ھەسرەت.
لەززەتلىك تېتىدى ھەسرەتلىرىمۇ،
گويا تېتىغاندەك تەننازغا ئىشرەت.
قېنى لېكىن ئۇ يار،
                         قېنى ئۇ مەككار،
ئەجەپ قىينىدىغۇ رەشىك،يا ھەزرەت.

ئىلى باغلىرىدا كۆرسەم بىر غۇنچە،
بولىدۇ ئالدىمدا تونۇش لەپ ئايان.
قاچانكى ئۇچرىسا قەشقەر ئانارى،
گۈل يۈزلۈك شۇ نىگار بولار نامايان.
ئۇنىڭ سۈزۈكلىكى چۈشەر ئېسىمگە،
نىگاھىم ئاغسا قاشتىشى سايان.
پەقەت ئۆزىلا يوق،
                            پەقەت ئۆزىلا،
بىشارەتلىرى سانسىز ،بىپايان.

مەن ئۇنى چاقىردىم مەشرىققە قاراپ،
بولمىدى بىر ئۇچۇر،كەلمىدى سادا.
تالاي تۈن زارىقتىم مەغرىپكە قاراپ،
بىىھۇدە تۇنجۇقتۇم خۇپسەن ھاۋادا.
تىترەتتى ئاۋازىم ئەرش-كۇرسىنى،
لېكىن گاس بولىۋاپتۇ ئۇ قېرى<<خۇدا>>!
پەقەت غەمدە كۆيگەن يۈرەك باغرىمدىن،
<<مەن بار>>دەپ كەلدى بىر ئاتەشىن نىدا!

ۋۇجۇدۇمنى تەرىك قىلدى يات سەۋدا،
خاھ كېچە،خاھ كۈندۈز زىكرىم شۇ ۋىسال.
كەزدىم بۇ ئالەمنى دەرۋىشانە مەن،
روھىم بە قۇۋۋەت،ئەپتىم بەك ئوسال.
پەقەتلا شۇ يارنى سۆيۈپ ياشايمەن،
مىڭ تۇغۇلۇپ،مىڭ رەت بولغاندىمۇ چال.

                                   مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1987-يىل1-سان


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-16 00:26  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-16 00:22:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازاب ئىلكىدىكى ئىقرار

قاسىم سىدىق


قاپقارا چېچىمغا قونغاندا قىرۇ،
بۇ نۇرلۇق كۆزۈمنىڭ قاچقاندا خۇنى.
كۆكسۈمگە چۈشكەندە ئاپئاق ساقىلىم،
مەڭزىمدىن يۈتكەندە ياشلىقنىڭ قېنى.
ياشلىقى شۇڭغىچە كەتمىگەن قەلبىم،
نە ئازاپ چەكمىسۇن ئويلىسا سېنى؟!

نە ئازاب چەكمىسۇن شۇ دۈمچەك بوۋاي،
ۋىسالغا ئىنتىزار قۇرۇق پىيالە؟
نە بايان ئەتمىسۇن كونا ئىشقىنى،
ئاي بىلەن يولتۇزغا قىلىپ ھاۋالە؟
نە ياشناپ تۇرمىسۇن ئۇنىڭ قەلبىدە،
سەن ئۆزۈڭ ئۈستۈرگەن مىسلىسىز لالە؟!

                                    مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1987-يىل1-سان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-16 00:23  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-16 00:23:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولۇپ

قاسىم سىدىق


ئامرىقىم باقتىم ساڭا،قالدىم ئاشۇ دەم مەست بولۇپ،
تىزلىنىپ ئالدىڭغا باردىم نەچچە گەز مەن پەس بولۇپ.

توقۇدۇم نۇرغۇن رىۋايەت تەكتىگە ئەرزىمنى مەن،
سۆزلىدىم گوياكى چۆچەك،ئاڭلىدىڭ بىلمەس بولۇپ.

زەربىدىن تاشلار يېرىلغان خۇددى بىر شەمشەر ئىدىم،
توۋا قىلدىم ئۇشبۇ شەمشەر قالدى زەپ ئۆتمەس بولۇپ.

نە ئەجەپ،ئۇشبۇ نىگارىڭ جادۇگەر زاتى،دېسەڭ،
قالمةن مةغرۇر كأزۈثگة قارىسام ظوت-خةس بولۇپ.

ساقلىنار جانان،قولۇثنىث كأكسىدة گەۋھەر قەدەھ،
ئىچ ئېلىپ،ئىشقى شارابى قالدى لىق پەيۋەس بولۇپ.
  

                                                        مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1988-يىل2-سان
                                                         

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-22 21:02  


ۋاقتى: 2013-1-16 13:01:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بىر -بىرىدىن ئىسىل شېئىرلار ئىكەن . شائىرنىڭ تېنىگە ساقلىق ، تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك يار بولسۇن .

ۋاقتى: 2013-1-16 13:29:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىلىرڭىز شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ،ئىجادىيەت ئىشلىرىڭىزغا يەنىمۇ بەرىكەتلەت تىلەيمەن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-17 23:46:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيگۈنۈمگە


قاسىم سىدىق




باھار كەتمەيدۇ قەلبىمدىن،گۈزەلدۇر ھۆسنى گۈلشەندەك،
ئاشۇ گۈلشەننى ئايلانسام،تېپىلماس ئۆزگە گۈل سەندەك.

زىبا گۈل بەرگىدەك تۇرقۇڭ،كۆزۈڭدە ئاتەشىن جىلۋە،
يوقالدىم ئۇشبۇ بەرگىڭگە سىڭىپ بىر تامچە شەبنەمدەك.

جاھاننىڭ شەربىتى-قەنتى سېنىڭ بەستىڭگە جەملەنگەن،
لېۋىڭگە لەۋنى تەككۈزسەم ھوزۇرى خۇددى زەم-زەمدەك.

قەلەندەر تەرزى ئۆزگەردى نەسىپ بولغاندا بۇ زەم-زەم،
سۇلايمان تاجىنى تاقتى،قۇۋۋەتكە تولدى رۇستەمدەك.

                           مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1988-يىل2-سان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-17 23:47  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-19 00:14:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەسرەت ۋە تەسەللى


قاسىم سىدىق






خۇددى بىر ئالتۇن چىراقتەك،كۆكنى ئاي لەرزان كېزەر،
تەلمۈرۈپ باقتىم ئۇنىڭغا،سالدى ئۇ سالقىن نەزەر.

ئۇچرىشىپ قالدى شۇئاندا جۈپ بۇلاقلار روبىرۇ،
ئۇ ئېگىزدە،مەن تۈۋەندە،دىلنى بۇ تۇيغۇ ئېزەر.

مەن كەبى قىسمەتكە داخىل بولمىغىن پۈتكۈل جاھان،
گەر غېرىپ بولساڭ گۈزەلنىڭ ئىشقىدىن قىلغىن ھەزەر.

چىققىلى ئاي ئالدىغا شەمىس كەبى خىسلەت كېرەك،
ھاڭۋېقىپ يۈرسەڭ زېمىندا،سۆيگىنىڭ كۆكتە ئۈزەر.

شۇندىمۇ تەستۇر قەمەرنى بىر يولى دەردسىز دېمەك،
ئۆزىنى،بەلكىم،سېنىڭدەك ئۇمۇ ھەم يالغۇز سېزەر.

                                                مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1988-يىل2-سان           

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-20 22:55  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-20 22:49:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاۋاب


قاسىم سىدىق




ئەمدى يازماس بولدى دەپتۇ بىر ئىنسان،
شۇلا قالدى مەن كۆرمىگەن بۆھتان.
قانداق يازماي، ئويغاق تۇرسا بۇ ۋىجدان،
قانداق يازماي، مەۋج ئۇرسا روھتا ئېسيان؟

ئەمدى يازماس بولدى دەپتۇ بىر ئىنسان،
خىيال ئورمانلىرىدا يۈرسەم مەن سەرسان.
قانداق يازاي بولمىسا يازغىدەك ئىمكان،
قانداق يازاي روھىم قىلسا قەستى جان؟!

ئەمدى يازماس بولدى دەپتۇ بىر ئىنسان،
زادى نېمە ئىكەن «يازغان»غا مىزان؟
ئەجەب بولالمىدىم يەنىلا «يازغان»،
ئۆزۈم يېزىپ، ئۆزۈم بولدۇم كىتاپخان.

ئەمدى يازماس بولدى دەپتۇ بىر ئىنسان،
قانداق يازاي،ھوشۇمنى ئالسا ھېجران؟!
قانداق يازماي،ھاياتتا تۇرسا شۇخ ئارمان؟!
قانداق يازاي،كۆزىن يۇمسا گاھىدا جانان؟

ئەمدى يازماس بولدى دەپتۇ بىر ئىنسان،
يازماق بولسا كېرەك شۇنچە ئاسان.
قانداق يازاي مىسرا تۇرسا دەرد-ئافغان،
قانداق يازاي سىيا بولسا ماڭا قان!

                                مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1991-يىل4-سان           

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-20 22:51  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-22 11:31:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەقلەرگە
قاسىم سىدىق


ھەي ئەخمەقلەر،
سىلەر بىلەن ياشاش بەك ئېغىر،
سىلەرگىمۇ بىز بىلەن قىيىن.
ئېلىڭلار شۇڭا موشۇ زاماننى،
بىز ياشايلى مىليۇن يىل كېيىن.

تالىشىش مەرتلىك ئەمەس،
تالاشمايمىز بۈگۈننى ھەرگىز.
ئاۋارە قىلىمىز تارىخنى لېكىن،
سىلەرنى ئۇزاتسا بىز كېلىمىز.

                                             مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1992-يىل1-سان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-22 11:31  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-23 00:34:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاقچاق


قاسىم سىدىق



غەزەلخان چىن سۈيەر سىزنى،ئەمەستۇر سۆزلىرى چاقچاق،
تىلى چىن سۆزنى قىلغاندا،قىلار جۈپ كۆزلىرى چاقچاق.

ئۇنىڭ كۆڭلىنى تاش كۆرمەڭ،ئاياندۇر ئۆزىگە دەردى،
چېكەر ئاخشاملىرى ھەسرەت،قىلىپ كۈندۈزلىرى چاقچاق.

ئۆزەمنىڭ سۆيگىنى سۆيگەن،سۆيۈپ دوزاقتا كۆيسەممۇ،
پىقىرغا قىلمىسۇن ھەرگىز بېھىشنىڭ قىزلىرى چاقچاق.

جاھاندا ئاز ئەمەس ئادەم لېكىن ھەرقايسى ھەركويدا،
تېشى گۈل،قەلبى سەھراغا قىلار پەمسىزلىرى چاقچاق.

                                        مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1988-يىل2-سان                  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-23 00:35  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش