يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: TAYANQIMBAR

قاسىم سىدىق شېئىرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-23 17:32:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرۈپ



قاسىم سىدىق


تاشلىما مىسقالنى ھەرگىز،ئالدىراپ سەرنى كۆرۈپ،
ئۇنتۇما ئالەمنى ھەمدە بىر غېرىچ يەرنى كۆرۈپ.

شۇندىمۇ ئۇشبۇ زېمىننى قىلمىغىن پايمال يەنە،
قۇۋ كەمەكتەك گاھى بەر-بەر،گاھى خەربەرنى كۆرۈپ.

جەبرىدىن تۆكمە يېشىڭنى جەبرىلەرگە جەبرى سال،
ئەر ئاتاپ يۈرمە تىنىمسىز قاخشىغان ئەرنى كۆرۈپ.

تاپمىقىڭ بەكمۇ قىيىندۇر بىر ئۈزۈكلۈك زەرنى سەن،
توختىساڭ مېھنەت-جاپادىن،زەررىچە زەرنى كۆرۈپ.

ئۆزگىلەر گۈلشەندە كۈلسە،كۆيمىگىن ئاپتاپتا سەن،
ئۇشبۇ گۈلشەن سايە سالغان تامچىلىغان تەرنى كۆرۈپ.

سەن ئۆزۈڭ قازغان قۇدۇقنىڭ لەززىتى ئالەمدە يوق،
قىلما ئۆزگەڭگە خۇشامەت ھەۋزى،كەۋسەرنى كۆرۈپ.

بىر ئۆمۈر قىلغان ئەجىرنىڭ نېمىتى تاتلىق بولۇر،
كۆز بوياپ قىلما ئىبادەت،كەلسە مەھشەرنى كۆرۈپ.

ھەقنى ئىقرار قىل مۇبادا بولسىمۇ قويدەك يۇۋاش،
ناھەقنى ھەرگىز ھەق دېمە ئۇرسا خەنجەرنى كۆرۈپ.

كىم گادا بولماي ۋىسالنىڭ تەختىگە چىققان ئىدى،
ھەي نادان،ئارتۇق گېدەيمە ئۇ قەلەندەرنى كۆرۈپ.

         مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1988-يىل2-سان   
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-26 01:52  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-26 01:50:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرەلمەسكە

قاسىم سىدىق



كۆرەلمەستىن خەلق ئاگاھ بولغۇسى،
دەۋر ھەمدە تارىخ ئاگاھ بولغۇسى،
ھەي كۆرەلمەس قويۇپ بەرسەك مەيلىڭگە،
ئەۋلاد ئۈچۈن دوۋزاق دەرگاھ بولغۇسى.
يىلان بىلەن چايان ئىكەن ئۈلپىتىڭ ،
ئۇلاردىنمۇ چارى ئىكەن زەخمىتىڭ،
ۋەتەن ياكى مىللەت ئۈچۈن پايداڭ يوق،
دۈشمەن ئۈچۈن كەتمەن چېپىش ئادىتىڭ.

تۇقالمايسەن قاملاشتۇرۇپ ماتانى،
ياراتمايسەن خەق تۇقۇغان تاۋانى،
تېخى بازار تالىشىسەن ماتاغا،
يەپ قويدۇڭمۇ نان ئورنىدا ئىزانى .

باشلىق بولۇپ قالساڭ تېخى ئىش چاتاق،
قۇرۇق شاختىن چىقىرىسەن ھۆل پۇتاق،
ئەندىشەڭ شۇ: مەندىن ئېشىپ كېتەرمۇ،
قول ئاستىمدا ئىشلەۋاتقان قۇڭالتاق؟

ساڭا قانچە ئىختىرالار يولۇقتى،
لېكىن شۇئان بۈشۈكىدە تۈنجۈقتى،
ساغلام پىكىر ،ئىنسانىي ئاڭ سەندە يوق،
سېنى كۆرسە يىرتقۇچمۇ ھۇدۇقتى.

كەسپ قىلدىڭ،پىتنە بىلەن نەيرەڭنى،
قانچە تارتتۇق سېنىڭ سالغان جەبرەڭنى.
يامانلىما شۇڭا بىزدىن زىدى پەس،
چوڭقۇر قىلىپ كولىۋەتسەك قەبرەڭنى!

نەس بولۇپ كەت،
پەس بولۇپ كەت كۆرەلمەس،
كوچىدىكى خەس بولۇپ كەت كۆرەلمەس،
مانا ساڭا قەدەھ سۇندۇم لەنەتتىن،
قىيامەتكە مەس بولۇپ كەت كۆرەلمەس!

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 70-80-يىللاردىكى سانىدىن خاتىرەمگە كۆچۈرۈلگەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-26 01:51  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-27 02:31:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى

قاسىم سىدىق



ئاۋارە بولما ئەي دوستۇم،ئۆزەم چايناپ يېسەم ياخشى،
تىرىكتاپ جاننى كۈتكۈنچە،جەھەننەم ئەيلىسەم ياخشى.

بېشىم بار يەلكە-ئۈستۈمدە،مېنىڭ ھەم بارچە دانىشتەك،
جاھان ئەھلىگە ھەردائىم خوشاللىق ئىزلىسەم ياخشى.

تىلىم بار خۇددى ناۋايى،ئۇلۇغ فىردەۋسى،گومىردەك،
جاھالەتكە ئۇرۇپ خەنجەر،يورۇقنى كۆيلىسەم ياخشى.

سامانى قانچە كەزگەنلەر مېنىڭدەك نان يېگەن ئادەم،
چېقىپ زەنجىر-كىشەنلەرنى،ئېگىزگە ئۆرلىسەم ياخشى.

جىمى مەرتلەردىكى خىسلەت پۇچەك ئارزۇنى يەر قىلماق،
جاھاندەك تۆھپە قۇچساممۇ تامانى بىلمىسەم ياخشى.

جاپالىق بولسىمۇ ئەمگەك ئۇنى خالايدۇ پاك ۋىجدان،
سوغۇقتا توڭلىسام ياكى تومۇزدا تەرلىسەم ياخشى.

بەھرىسىز ئادىمىيلىكتىن ھاقارەت تاپقۇسى ئىنسان،
تەلەپكار بولمىسام شۇنداق،جاھانغا كەلمىسەم ياخشى.

                                              مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1988-يىل2-سان      


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-27 02:32  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-28 03:49:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.ت.ئۆتكۈرگە

(<<ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك>>نى ئوقۇغاندىن كېيىن)


قاسىم سىدىق




ئىشلىتىپ ئۆڭمەس بوياق،سۈرەت سىزىپسىز،ئاقساقال،
زەر تاناپقا سۆز ئەمەس،گەۋھەر تىزىپسىز،ئاقساقال.

نەزمىڭىز كەتتى ئېلىپ قەلبىمنى نە-نەلەرگىدۇر،
بۇ تەپەككۈر جاڭگىلىنى ئوبدان كېزىپسىز،ئاقساقال.

ۋەسلىڭىزنى كۆرگىلى ئاچ ئىدىم،تەشنا ئىدىم،
بىر ئىلاھى كۈچ بىلەن ھوجرامغا كېلىپسىز،ئاقساقال.

سىردىشىپ كەتتىم خىيالەن ئولتۇرۇپ بىر جوزىدا،
ياخشى ئۈلپەت كۆردىڭىز،بولساممۇ كەپسىز،ئاقساقال.

كۆپ تۇتۇپ قالدىم پاراڭغا قانمىغاچ تەشنالىقىم،
بىر قېتىم ئەپۇ قىلىڭ،بولدۇم ئەدەپسىز،ئاقساقال.

                                       مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1988-يىل2-سان           
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-28 03:51  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-29 01:20:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  دەرياغا


قاسىم سىدىق


                 دەريا،
                                                      ئوخشايسەن غەزەپكە،
                                                    خادا تاشلارنى ئۇرۇپ-سوقىسەن.
                                                   كۆۋەجەيسەن قىنىڭغا سىغماي،
                                                   ئەسكى ئۆيلەرنى بۇزۇپ-چاقىسەن.

                     دەريا،
                                                     ئوخشايسەن زامانغا،
                                                      ئېشىپ كېتەلمەيسەن ھەرگىز  قىرغاقتىن.
                                                   كىشىلەر شۇ ھامان بولىدۇ نابۇد،
                                                ئايرىلسا ساڭا خاس قېيىق-قولۋاقتىن.

دەريا،
                                      ئوخشايسەن ھاياتقا،
                                              شارقىراتماڭ يەرنى قاسايدۇ.
                                     تىنچ جايلىرىڭمۇ بار،
                                              ئادەملەر بىر-بىرىنى تاللاپ ياشايدۇ.

                                          مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1991-يىل4-سان   
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-29 01:21  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-29 22:39:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپام،مەن ۋە مەلئۇن


قاسىم سىدىق




ئاپام چۈشۈپ كەتتى تونۇر ئىچىگە،
قىزىل تىللىرىدا يالمىدى يالقۇن.
ئاپام پاك بولغاچقا كۆيدى بۇ ئوتتا،
دوزاقتا كۆيۇپتۇ قايسى بىر مەلئۇن؟!

مەلئۇن جەننەتىمۇ زەھەر ئىزلەيدۇ،
ئاپام توقاچ ئېلىپ چىقتى تونۇردىن.
مەن شۇ توقاچنى يەپ چوڭ بولغان بالا،
ۋەزنىمنى ئىزدىگىن قاندىن-تومۇردىن!

                                                     مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1991-يىل4-سان           

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-29 22:41  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-30 21:02:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇبائىي كائىناتى»دىن تەرمىلەر -2


قاسىم سىدىق

بەس يېتەر كۆزى كور،شەرمەندە دۇنيا،
ئانىلار كۆزىدىن ئاختۇرما دەريا.
بەردى سۈت شۇ ئانا ھەربىر گىياھقا،
ھاياتلىق باغىنى قىلدى مۇھەييا.

ھاقارەتكە چۆمدى زەپ ئەھلى خاتۇن،
خۇراپات پەنجىسىدىن بولدى باغرى خۇن.
دېگەن كىم، ئەقلى قىسقا، چېچى ئۇزۇن،
ئاناسىن ئەممىگەنمۇ ئۇشبۇ مەلئۇن؟!

دەرىخا، خورلاندى زەپ ئايال زاتى،
بوغۇلدى داۋامەت ئۇنىڭ قاناتى.
نىگارىڭ ئۇ، ئاناڭدۇر ئۇ،قىزىڭ ئۇ،
ئايالسىز قايدىكەن ئىنسان ھاياتى؟!.

ئايال پەس ئەمەستۇر،چاچما شال سوپى،
ئىسىڭنى ۋاقتىدا يىغىۋال سوپى.
ئۇنۇتقاق بوپ قاپسەن،سىيگەك ئىدىڭ سەن،
زاكاڭنى قۇرۇتقان بىرئايال سوپى.

ۋەيرانە كۆلبەمگە ئايال بەردى نۇر،
كۆپ ھىممەت كۆرسەتتى،سۈردۈم مەن ھۇزۇر.
ئۆزۈمچە كۈرەڭلەپ نان ياققان ئىدىم.
ساقال – سومباتىمدىن ئايرىدى تونۇر.

ئايال بار ئەسكى تامدا شاھ ھۇزۇرى،
كەم ئەمەس ئايالنىڭ ئەردىن غۇرۇرى.
قىلما تۆھمەت ئەقىلسىز دەپ ئايالغا،
تۈمەن ئەرگە ئىلىم بەردى كىيۇرى.

بىلمىدىم تەگدىكىن قانداق جىن ساڭا،
خۇراپات بولدى بۇت،بولدى دىن ساڭا.
ئەي ئۇيغۇر قىزىڭنى قىلغانتىڭ بەسىر،
بوۋاڭنى تونۇتتى گابائىن ساڭا.

دەس تۇر ئۇيغۇر قىزى،قەددىڭنى رۇسلا،
تۆھمەت ۋە چۈمبەلگە كۆنمىگىن ئەسلا.
گۇناھ روھتا بولۇر،گۇناھ سانالماس،
لەۋلەر قىزىل ياقۇت،كۆز بولسا شەھلا.

ئىلاھا، ھەبىبلەرنىڭ قىل ھەبىبى،
قىلما ھەرگىز رەقىبلەرنىڭ غېرىبى.
ھەبىب بولكى، ۋىسال قۇچقاي غېرىبىڭ.
رەقىب بولكى پەقەت ھىجران رەقىبى.

سېھىرلىك ئالەمدۇر مۇھەببەت بابى،
ئەجەب شېرىن ئازابى –ئىزتىراپى.
لىغىلدىسا كۆزىدە مەي لەبا – لەپ،
پىژىلدايدۇ كۆكرىكىدە كاۋابى.

ئاشىق يۈز ياشتىمۇ قېرىماس ھەرگىز،
مەشۇق مىڭ ياشتىمۇ سۇمبۇل چاچلىق قىز.
ساماۋى دۇنيادۇر سۆيگۈ دۇنياسى،
ئادەملەر شۇ سەۋەب گۈزەل ۋە ئەزىز.

كىم ئۇ يۈرىكىدە كاۋابى تەييار؟،
كىم ئۇ كۆزلىرىدە شارابى تەييار؟،
ئانچە مۈشكۈل ئەمەس بۇسىرنى يەشمەك،
بىراۋغا كۆيۈپ باق جاۋابى تەييار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-30 21:03  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-1 00:10:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يادنامە




قاسىم سىدىق


ئەي لەھەت،قوينۇڭنى ئاچ،دىۋانە كەلدى،
يۇشۇرغان شامنى كۆرسەت پەرۋانە كەلدى.

قەلەندەر قۇرۇق كەلمەس ئالدىڭغا ھەرگىز،
كۆزىدە ئۈنچىلەر دانە-دانە كەلدى.

بىر بېقىپ ساڭا كۆردۈم كۆپ كارامەت،
ئالدىمغا ئىككى جاھان نۇرانە كەلدى.

بەزىلەر كەلدى ساڭا تەشۋىش بىلەن،
بەزىلەر نە ئۈچۈندۇر مەردانە كەلدى.

شاھانە سارايلاردىن قالمىدى ھېچ ئىز،
ھەممىدىن ھەقنىڭ قۇلى شاھانە كەلدى.
                                 
                                 مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1992-يىل1-سان  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-1 01:54  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-1 13:42:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغلۇمغا

قاسىم سىدىق


قۇياشىڭ كەتتىيۇ،بۇ جاھان قالدى.
تېنىمدىن قاچتى گۆش،ئۇستىخان قالدى.

دىلكەشلەر ھەرباھار ئىزلىسە مېنى،
ئۇلارغا مۇڭلانغان گۆرۈستان قالدى.

ئاتاڭدىن پەرۋىشىڭ مۇھتاجى بولۇپ،
مۆكچەيگەن كۆلبەيۇ،باغ-ۋاران قالدى.

قالدى،دەپ بۇ باغنى بولمىغىن بىخۇت،
سەن ئۈچۈن ئۇندا كۆپ ئىمتىھان قالدى.

                      مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1992-يىل1-سان      


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-1 13:43  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-2 10:43:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر ئۈچۈن بەخت


قاسىم سىدىق





ۋىسالغا يەتمىسەم ئانچە گەپ ئەمەس،
رازىمەن سۆيگۈنىڭ مۇشەققىتىدىن.
بۇرادەر،يۈرىكىڭ ساغلام بولسىلا،
ئالىسەن زور راھەت كۆيۈك ئوتىدىن.

ۋىسالنىڭ ھوزۇرى نەقەدەر يۈكسەك،
ئۇنىڭغا تىكىلىپ كۆزلەر تېلىقتى.
ئەۋزىلى موشۇنداق ئېغىر سىناقتا،
نامەرتلەر زېرىكتى،مەرتلەر چېنىقتى.

چىنىققان يىگىتلەر سەزدى ئۆزىدە،
ھەقىقىي ئاشىقنىڭ پەزىلىتىنى.
شۇ غورۇر بىلەنلا يەڭدى كۆلپەتنى،
كۆرمەيمۇ ھېچقاچان جانان يۈزىنى.

نامەرتلەر قولىدىن كەلمىدى ھەرگىز،
يار ئۈچۈن تاياق يەپ پاراغەت سۈرۈش.
ئەلۋەتتە ھەممىگە بولمايدۇ نېسىپ،
جەھەننەم ئىچىدە جەننەتنى كۆرۈش.

مۇھەببەت ئازابى ئەر ئۈچۈن بەخت،
بۇ ھالنى مازاقلاش پەقەت نادانلىق.
سۆيگۈنىڭ ئەھدىگە ۋاپا قىلساقلا،
قەھرىتان قىشلارمۇ بولىدۇ ئىللىق.

                    
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1992-يىل1-سان      

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-3 00:25  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-2 10:43:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېلەچەك ۋە ئۆتمۈش


قاسىم سىدىق






پىكىرنى بىر قەدەھ ئەيلەپ قۇيۇپ شېرىن مۇسەللەستىن،
ناماز خۇپتەندە مەست بولدۇم،نومۇسنى قىلچە بىلمەستىن.

غېرىپ-ۋەيرانە بۇ خانەم گۈزەل ئايۋانغا ئايلاندى،
ئۇسسۇلغا چۈشتى بىر دىلبەر،كىيىپتۇ شايى-ئەتلەستىن.

غۇرۇر ئەۋجىدە ئۇ شۇڭقار،قىيىندۇر يەتمىكى تۇلپار،
قويار يۈزمىڭنى لال ئەيلەپ ئەلىدەك شىر،زەبەر دەستتىن.

يۈزى تۈننى تەرىك قىلغان قۇياشقا ئاتتى بىر پەشۋا،
ئەشۇ ئاتەشتە مەن كۆيدۈم تېخى ھېچ كەيىپنى سۈرمەستىن.

ئەقىل-ئىدراكلىرىم چۈشتى ساراسىمگە،بولۇپ يەكسان،
كۆزۈمگە قەھرىۋا قەددى كۆرۈنگەن چاغدا لىباستىن.

سۈپەردى غەمنى ئالەمدىن مۇبارەك كۈلكىسى بىر پەس،
رەشىك ئىلكىدە توتى قۇش تۇرۇپ قالدى كۆلەلمەستىن.

قىيامدىن ھالقىغان تۈننى بېشىغا ئەيلىدى ياستۇق،
سىرىنى قىلدى ئاشكارە،مېنى غەپلەتتە كۆرمەستىن.

كۆتۈپ مەردانە پەرھاتنى،كۆمۈلدى ئارزۇ-ئارمانغا،
كۆزىنى يۇمدى خىسراۋغا كۆڭۈل-كۆكسىنى بەرمەستىن.

باراي دەپ تەمشىلىپ تۇرسام ئاران دىلبەر ئاياغىغا،
قىزاردى شۇ ھامان مەشرىق،ئەلەم يۇتتۇم سۆيەلمەستىن.

ۋەلىلەردىن يىراق خىسلەت قەلەندەرگە نېسىپ بوپتۇ،
كېزەر جەننەتنى ھەر تۈندە،لەھەت قوينىغا كىرمەستىن.

                                            مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1992-يىل1-سان      
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-3 00:26  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-3 00:26:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



       ئەسكەرتىش:قاسىم سىدىق ئەپەندىمنىڭ <<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلىنىڭ1992-يىللىق1-سانىغا بېرىلگەن يوقۇرىقى بىر قانچە شېئىرى1977_1980-يىللاردا يېزىلغان.(ژۇرنالدا شۇنداق ئەسكەرتىلمە بولغاچقا،مەنمۇ ئەسكەرتىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.)                  


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-3 00:27  


ۋاقتى: 2013-2-4 22:08:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىم سىدىق ئۆزىگە خاس شېئىرىيەت ئېقىنى بەرپا قىلغان ھەقىقى شائىر دىسە بولىدىغان ئادەم.بۇ تېمىنىڭ يوللۇنىشى ئەخمىيەتلىك ئىش بوپتۇ.توختاپ قالمىغايسىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-8 00:12:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەپ سېنى

قاسىم سىدىق


چېقىراپ  ئۇخلاتمىدىڭ  جاڭجالچى چاشقان،خەپ  سېنى!
ناشتىلىق  نان  ئۈستىدە  قۇردۇڭ  بەدەشقان ،خەپ   سېنى!
مەن  ئۆزەم  تاپقان  ئىدىم ، سەندىن  ئاشقان،خەپ سېنى!
دان ئوغرىلاپ  ھەر  كۈنى  مىشكاپ  ياماتقان ،خەپ سېنى!
ھالىنى  ھېچ  چاغلىماي  شىلتىڭ  ئاتقان  ،خەپ   سېنى!


قاغا - قۇزغۇنلارنى  مەن  قورىغاندا  قايدىدىڭ،
مۇك  بولۇپ ، بۇغداينى  ھەر  سورىغاندا  قايدىدىڭ،
كۈنبويى <<لاي-لاي >>ئوقۇپ  جورىغاندا  قايدىدىڭ،
توپا  يەپ،  ئىنجىق  بىلەن  سورىغاندا  قايدىدىڭ،
قىپقىزىل  چەشنى  كۆرۈپ  نەپسى  تارتقان  خەپ سېنى!


تۆت  پۇتۇڭ  ئىز  سالمىغان  قالمىدى  ئامبار-ئورەك ،
ماي  قاپاقتىن  گۆر تىلەپ  سۇماينى  قىلدىڭ  بى كېرەك،
ئانچىكى  قىلسام  سۈكۈت  بېشىمدا  ئۆتكۈزدۈڭ  كۆرەك،
ئېيتقىنا  قايدىن  ساڭا بوپ  قالدى  پەيدا  بۇ  خورەك،
ھاي،دېسەم ،  قاچقان  پېتى  كۆز  ئالايتقان  خەپ سېنى!


چىقمايىن  ھەددىڭ  ئەمەس ، بىر  كۈن  كاماردىن چىقىسەن،
بۇ  كاماردىن  چىقمىساڭ ،  نەپسى  بالادىن  چىقىسەن،
ئىشلىمەستىن  چىشلىگەن  ئەھلى تەمادىن  چىقىسەن،
شۇ  تامايىڭغا  بېقىپ  ئوبدان  خۇماردىن چىقىسەن،
ھەر  بۇلۇڭدا  كۈتىدۇ  ئاسلانۇ-قاپقان، خەپ سېنى!

            1981-يىل،ئۆكتەبىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-8 00:13  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-9 01:47:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يار ھەققىدە مۇخەممەس


قاسىم سىدىق


ئەزىز يار بۇ قەلەم دائىم ئۆزۈڭنى ئىختىيار قىلدى،
قىزىللىق پارلىغان مەڭزىڭ مۇخەممەسنى ئانار قىلدى.
زەئىپ مىسرالىرىم شۇدەم قېشىڭنى زۇلپىقار قىلدى،
يۈزۈڭ ئاپتىبىنى نەزمەم ئۆزىگە ئىپتىخار قىلدى،
ئۆزۈم بىخۇت يىگىت ئەردىم ئىشىق شۇنداق قارار قىلدى.

يۇمۇلماس شام بىلەن تاكى گۈزەل سۈبھىگىچە بۇ كۆز،
ۋە مەيلى گۈل - چىچەك پەسلى، ياۋايى قىش، غېرىپ كەچكۈز.
جاپالىق ئۇشبۇ مېھنەتتە بولار پارە يۈرەك يۈز _ يۈز،
بۇ مېھنەت ئاز كېلۇر ئىلھام ئىلاھى ھەسسىلەپ يەتكۈز،
نىگارەمنىڭ ئۆزى تۇرماق خىيالى بەختىيار قىلدى.

كۆزۈڭ تەسۋىرىگە لايىق تاپاي قايدىن بوياق - ئەنداز،
كۆزۈڭ ئەندازكى چولپانغا، نە ھاجەت غەيرى بىر پەداز.
گۇگۇم ئاسمانىدا چاقناپ ئىشارە ياكى قىلدىڭ ناز،
قۇياش ئەمرىڭگە لەببەي دەپ ساماغا ئەيلىدى پەرۋاز،
تىكىلدىم تۈنلىرى كۆككە تاماشەڭ ئىنتىزار قىلدى.

تالاي شائىر نىگارنى كۈيلەپ ئايجامال دەپتۇ،
ئېلىپ جامۇ مۇھەببەتنى زىمىندىن ئايغا تەڭلەپتۇ.
تۆكۈپ ئاي كىرپىكى نۈسرەت ئىشىق ئىزھارى ئەيلەپتۇ،
پېقىرمۇ ھەم مېڭىپ دەم - دەم ئەنە شۇ يول بىلەن كەپتۇ،
كۆرۈمسىز بۇ گۈزەل سەۋدا دىلىمنى نۇرغا يار قىلدى .

ئەزەلدىن غۇنچىنى بىلگەچ ئۆزىنىڭ تاجى گۈلشەنمۇ،
لېۋىنى يارىنىڭ غۇنچە دىگەنلەر ئەسلىدىن كەممۇ.
يۈتۈشنى خالىماس شەبنەم چىرايلىق غۇنچىدىن كەممۇ،
ئەقىللىق پىشىۋالارنى ئىگىز - پەس دورىدىم مەنمۇ ،
نە شەبنەم بەلكى شەربەتتۇر ھايات ئۆتمەي خۇمار قىلدى.

تالايلار يارىغا گۈلنىڭ مەقامىنى كۆرۈپ ماقۇل،
چېكىپتۇ ھەر سەھەر ئەفغان ئۆزىنى چاغلىماي بۇلبۇل.
ھەۋەسكار دىلغا خوپ ياققاچ مىسلىسىز خۇشپۇراق بۇ يول،
پېقىرمۇ قاقمىدى ھەرگىز كۆرۈنگەن شاخ ئارا شاپتۇل
ۋاپا قىلغاچقا مەن گۈلگە، مېنى ئەھلى باھار قىلدى.

زىرىككەن قايسى بىر شائىر سېنىڭدىن شۇڭغىچە رەنا،
ياشانغان نىمشىھېت ياكى مۇتەللىپتەك يىگىت بەرنا؟
كېزىپ كۆكسۈڭنى شەيدالار تېپىپتۇ بىھېساپ مەنا،
يەنە قېپقاپتۇ كۆپ تەبىر نىمانچە كەڭرى بۇ سەينا.
ئاۋام _ شاھمۇ مۇھەببەتنى قەلب سازىغا تار قىلدى...
                                 
                           مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1994-يىل2-سان                    
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-11 02:08  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش