ئىگىسى: غوجىمۇھەممەد

غوجىمۇھەممەد: غەزەللەر

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-2-4 00:43:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غوجا مۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ «سۇغا باقما» دېگەن شېئىرىنى تاپالمايۋاتىمەن ياردەم قىلساڭلار

ۋاقتى: 2015-2-15 15:25:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەندەر خۇرجۇنىدىن مەن چۈشۈپ قالسام،
باھاسىز دۇر- گۆھەر ئىچرە ياناي شۇنداق.
......................................................
ھاياتتىن بىر ئىشىك ئاچتى كېلۇر يار دەپ،
ئىشىكنىڭ ئالدىدا جاننى قاراق قىلدى.

..............................................
تېشىپ تاغ كەلسە پەرھادقا شىرىن ۋەسلى،
غىرىبقا چۆل- باياۋانلار سەنەم بولسۇن.
..................................................
نازۇك  نەپەسلەرگە ئاپىرىن.............

ۋاقتى: 2015-4-14 14:14:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غۇجى مۇھەممەت  ئاكامغا  سالامەتلىك  يار بولغاي

ۋاقتى: 2015-4-14 14:30:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل يوللىغان ۋاقتى  2015-2-4 00:43
غوجا مۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ «سۇغا باقما» دېگەن شېئىرىنى ...

سۇغا باقما
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد



ساچىن تاراپ. جىلۋە قىلىپ قاچار پەرى چوڭقۇرلۇققا

سۇغا باقما، قالار ئۆمرۈڭ مۇشەققەتتە، دېلىڭ داغدا.

ئېقىپ كېلەر قىزىل ئالما لەيلەپ- لەيلەپ سىرلىققىنا

قول ئۇزاتساڭ غايىب بولار، سۇغا باقما، سۇغا باقما...


مەجنۇنتاللار مەجنۇنلارچە تاشلار سۇغا شاخلىرىنى
سۇلار كېتەر ئاڭلىماستىن مەجنۇنتالنىڭ ئاھلىرىنى.
تاشلار ئۇسسار، نالە قىلار سۇ تەكتىدە كېچە- كۈندۈز
ئېسىڭ قۇرۇپ قاخشال بولار، سۇغا باقما، سۇغا باقما...

چىن ئاشىقسەن، قەلبىڭ تەنھا، جانان تەنھا، سۇبھان تەنھا
ھىچكىم بىلمەس سۇلارمۇ ھەم تامچە- تامچە ئاقار تەنھا.
ھەممە بارلىق بىر- بىرىگە ئاشىقتۇركى تەنھا- تەنھا
روھىڭ قالار ئوت ئىچىدە، سۇغا باقما، سۇغا باقما...

سۇ ئاقىدۇ ئۇسساپ- ئۇسساپ چېكىپ ئاتەش پىراقىنى
كۆكتە ئاسمان ئاقار تىمتاس سۈرۈپ بۇلۇت قولۋاقىنى
مەن كېلىمەن ئۆستەڭ بويلاپ ئىزدەپ ھايات بۇلاقىنى
نا لە قىلىپ ئىيتار كۆڭلۈم: سۇغا باقما، سۇغا باقما...



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbeden تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-14 14:46  


ۋاقتى: 2015-5-7 23:51:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇيەردىكى  ھەر  كوي،بىلەن  بىر  كويدىكى  كوي  سۆزى             ئوخشاش  مەنىدىكى  سۆزلەردۇر
لىكن باشقا بىر سۆزنى ئىپادىلەپ قۇيۇپتۇ

ۋاقتى: 2015-8-1 10:58:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەش پارچە غەزەلنىڭ بەھرى تۈرئايرىمىسى:
بەھىرى ھەزەج مۇسەددەسى سالىم
          v---v ---v  ---v
مەفائىلۇن مەفائىلۇن مەفائىلۇن
(ھەزەج بەھرىنىڭ ئالتىلىك ئەسلى ۋەزىنى) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sakarauli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-1 11:01  


باھا سۆز

بىرىنچى شېئىر بارماق ۋەزىندە........  ۋاقتى: 2015-10-9 02:19 PM
بىرىنچىسىدىن باشقا ھەممە غەزەل مۇشۇ ۋەزىندە يېزىلىپتۇ ئاكا.  ۋاقتى: 2015-10-9 02:18 PM
ۋاقتى: 2015-8-4 01:36:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2015-10-9 11:40:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەسلى غوجىمۇھەممەدنىڭ شىئېرلىرى ئۆزگىچە پۇراق ۋە تەمگە ئىگە ئىدى.نەدىن بىلەي،ئۇنىڭ غەزەللىرىدىمۇ مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىك باركەن ئەمەسمۇ؟

ۋاقتى: 2015-10-9 16:35:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خوجائىنىڭ  نەشىردىن چىققان ئون توپلىمىنى بىراقلا سېتىۋالىمەن...ئاللا خالىسا...

ۋاقتى: 2015-10-28 16:13:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېرىكا يوللىغان ۋاقتى  2014-1-9 15:36
قەلبىم ئوكيانىدا كەزدىم مەنزىلىم قاچان ،قايان،
ئى دىگ ...

مەن غوجىمۇھەممەتكامنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا بەك ئامراق.قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي .تىخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى روياپقا چىقارغايسىز.

ۋاقتى: 2015-10-30 17:13:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەللىرىڭىزنى تازا سىغىنغانتۇق،يوقاپ كەتمەڭ!

ۋاقتى: 2015-12-4 18:05:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنى ھەر كويلارغا سالما...
بىر كويغا مادارىم يوق.
چىكىپ ھەسرەتنى دوك بولدۇم
مەئىشەتكە خۇمارىم يوق.

غۇجى مۇھەممەتنىڭ  غەزەللىرىنى ياختۇردۇم.

ۋاقتى: 2015-12-4 18:13:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ بىر شېئىرىىمدا مۇنداق مىسىرا بار.
غۇجامۇھەممەد مۇھەممەد
تەكىلىماكاندا يالغۇز ئولتۇرۇپ
مۇڭدىشىپتۇ تورغايلار بىلەن
ماگىمىدەك غايىپ تۇيغۇنىڭ
ئەھمىيەتىلىك شېئىرى تىلىدا.
ئىمن ئەھمىدى
ئاجايىپ كاتتا شائىر
ھەۋەس بىلەن قىلمەن ھەسەت
شېئىرنىڭ ئىلمىنىتى بارمىكىن دەيمەن
ئوتتىن قىزىق ئاققان قېنىدا.

ۋاقتى: 2015-12-4 21:36:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد،غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد،

بۇ ئىسىممۇ بىر مىسرا شېئىردەك تۇيۇلىدۇ دىسە ماڭا.

ۋاقتى: 2015-12-4 21:58:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىملىق  غەزەللىرىڭىزنى  ئوقۇپ ،خۇددى كىلاسسىك شېئىرلارنى ئوقۇغاندەك بولدۇم. ھارمىغايسىز،ئىزدىنىشلىرىڭىز  دائىم ئۇتۇقلۇق بولغاي.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش