مېنى كىم ھىچكىشى دەيدۇ...
1
خۇدا، سەن رىغبەت بەر، خىزمەتكە مەن تەييار،
قۇياشتىن بىر بەت بەر، زۇلمەتكە مەن تەييار.
ئۆلۈمگە ئاتلىناي، ھەر چاغ ھايات بولسام،
جېنىمغا پۇرسەت بەر، جەسەدكە مەن تەييار.
زېمىندا نە شەرەپ، تۇرسا ۋەتەن دىلدا،
ماڭا مۇھەببەت بەر، نەپرەتكە مەن تەييار.
ئەگەر قان يىغلىسام، قان دەپ يەنە يىغلاي،
ئىشقتىن بىر دەرد بەر، ھەسرەتكە مەن تەييار.
مېنى ھەر كويغا سال، بىر كويغا مەن ئەرزان،
دىلىمغا راھەت بەر، تائەتكە مەن تەييار.
2
مېنى كىم دەيدۇ قانداق، مەن بولاي شۇنداق.
ئۆزۈمگە شۇ سىياقىمدا تولاي شۇنداق.
ئەرشتىن ئاسمىنىم پەسكە ئېگىلگەندە
سامانىڭ شاخىغا قۇشتەك قوناي شۇنداق.
كىرىپ يار قەلبىگە زۇلمەت دېرىزەمدىن،
ئۆزۈمنىڭ قەبرىسىنى مەن قازاي شۇنداق.
قەلەندەر خۇرجۇنىدىن مەن چۈشۈپ قالسام،
باھاسىز دۇر- گۆھەر ئىچرە ياناي شۇنداق.
مەگەر كىم ئىيىتسا: ئاشىقلىق ئۇزۇن يولدۇر،
بۇ يولدا تا ئەبەد يالغۇز ماڭاي شۇنداق.
3
كېلەي دەپ كەلمىگەن يارغا قەسەم بولسۇن،
كېلەرگە خۇش مۇبارەك بىر قەدەم بولسۇن.
مۇھەببەت بايرىقى يىرتىق يۈرەك بولسا،
يۈرەككە تا ئەبەد نالە- ئەلەم بولسۇن.
تېشىپ تاغ كەلسە پەرھادقا شىرىن ۋەسلى،
غىرىبقا چۆل- باياۋانلار سەنەم بولسۇن.
مەگەر يار قەبرىسى بولسا كىشى قەلبى،
تېنى يار ئۇخلىغان خانە- ھەرەم بولسۇن.
خوجا، تاڭ ئاتقىلى سەندە قۇياش پاتتى،
قولۇڭدا ھەر زامان ئويغاق قەلەم بولسۇن.
4
مېنى كىم ھىچكىشى دەيدۇ، كىشى تۇرسام،
كىشىنىڭ ھالىغا ھال، دىلكىشى تۇرسام؟
مېنى كىم دەيدۇ ھىچكىم، مەن كېچە- كۈندۈز
پىراق ئىچرە بىر كىمنىڭ سىردىشى تۇرسام؟
مېنى كىم كۈلدى دەپ غەم بىرلە يىغلايدۇ،
ئەزەلدىن كۈلكىنىڭ مەن كۆز يېشى تۇرسام؟
مېنى كىم ئۆلدى دەپ، غايىب قىلۇر بولدى،
ھاياتنىڭ ئاخىرى ھەمدە بېشى تۇرسام؟
سۆزۈم شۇ: مەن قىلاي قانداق ياشاپ مىڭ يىل،
ھامان بىر بەندىنىڭ ئۆلمەك ئىشى تۇرسام؟!
5
خۇدا ئادەمنى ئادەمدىن يىراق قىلدى،
ئارادا يولنى ئاھ، بەكمۇ ئۇزاق قىلدى.
شاراب دەپ لەۋگە لەۋ كەلسە، بېرىپ جامنى
ئۇنىڭدا لىپمۇ- لىق ئاتەش پىراق قىلدى.
بىرىنى گۈلدىكى چۆلدە خازان ئەيلەپ،
بېرىنى تاڭدىكى تۈندە چىراق قىلدى.
ھاياتتىن بىر ئىشىك ئاچتى كېلۇر يار دەپ،
ئىشىكنىڭ ئالدىدا جاننى قاراق قىلدى.
خوجا ھەم ئۆرتىنەر نەپسى ھەۋا بىرلە،
خۇدا ئول ئوتتا ئادەمنى سىناق قىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-6 02:29