ئىگىسى: غوجىمۇھەممەد

غوجىمۇھەممەد: غەزەللەر

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-1-23 21:45:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھتىرەم شائىرنىڭ ئۆز ئسمىنى سەرلەھۋە قىلغان. بىر شېئىرى بارلقنى ئاڭلىغان. بولسا يوللاپ قويساڭلار.             بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-23 21:50  


ۋاقتى: 2014-1-23 21:52:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى كىم دەيدۇ قانداق، مەن بولاي شۇنداق. ~
ئۆزۈمگە شۇ سىياقىمدا تولاي شۇنداق.


--ئۆزۈمگە ئۇز سىياقىمدا تولاي شۇنداق!


دەيلىچۇ؟

ۋاقتى: 2014-1-29 12:52:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قورام تاش ئېچرە ئايدېڭنى كۆرەر  چاغدا ،
روھىم روھلىرىمنى مەندىن يىراق قىلدى .

ۋاقتى: 2014-1-29 13:40:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدا ئادەمنى ئادەمدىن يىراق قىلدى،
.................
ئادەمنى ئادەمدىن يىراق قىلغىنى- ياراتقان ئىگىمىز ئەمەس  بەلكى ئوزىمىز (قۇرئاندىكى ئايەتلەر بۇنىڭ دەلىلىدۇر) قىلغۇلۇقنى ئۆزىمىز قىلغان تۇرۇقلۇق سەۋەپ ياكى نەتىجىنى ياراتقۇچىدىن كۆرۇش -غۇجى مەمەت غەزەللىرىنىڭ بالاغىتىگە داغ چۇشۇرمەسمۇ؟؟؟

ۋاقتى: 2014-2-5 23:58:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ غەزەللەر ياخشى چىقىپتۇ داۋاملىق يېزىپ تۇرغايسىز

ۋاقتى: 2014-2-20 23:21:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرلىرىڭىزنى تولىمۇ كىچكىپ كۈرۈپتىمەن، سىزگە تېخىمۇ يۇقىرى پەللە تىلەيمەن، ئىزدىنىشلىرىڭىز ئوتۇقلۇق بولسۇن !

ۋاقتى: 2014-2-21 12:55:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە داغ چۈشۈرمەيدۇ. بازغان سىز ‹‹ئىسلام پەلسەپە تاىخى››نى بىر ۋاراقداپ بېقىپ ئاندىن بۇ تېمىغا قايتىدىن ئىنكاس يازسىڭىز مۇۋاپىق بولامدىكىن؟

ۋاقتى: 2014-4-11 11:32:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەللىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ، مۇبارەك بولسۇن

ۋاقتى: 2014-4-12 13:08:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرنىڭ شېئىرلىرى ئۆزگۈچە تىل مەدەنىيىتىگە ئىگە.لىكسىكىلىق ھېكىمەت يىلتىزى چوڭقۇر.ئۇ،نېمىنى ئىپادىلىسۇن ئۇنىڭ تىلىدا ھەممە نەرسە شېئىرغا ئايلىنالايدۇ.مىسرالار ئوتتۇرىسىدىكى بوشۇلۇق كەڭدەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمىلىيەتتەشېئىرنىڭ ئۆزىگە خاس سېھرى كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ.

ۋاقتى: 2014-4-16 22:49:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نە كويغا سالسىڭا ياھەي، بۇ باشىم سەنىڭ مالىڭدۇر،
شارابىم تەمىگە چاچساڭ مەسىتلىكىم جامالىڭدۇر،

قول قولغا تىگەر ھەر ئان،لىكىن دىللار ئاراسى بوش،
قايتىپ كەل قەلبىمگە ئاسمان سىغمىشىڭ گۇمانىڭدۇر.....

گۈللەر كۆكىنى ئاتسۇن ، بالىلار بۆكىنى ئاتسۇن!
چۈشكەن جاي ئىسمى ۋەتەندۇر!  دىمەك ئول-ئامانىڭدۇر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شۇئەيب تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-16 22:57  


ۋاقتى: 2014-5-11 20:09:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    «مىنى ھەر كويغا سال ،بىر كويغا مەن ئەرزان»
     بۇ مىسرا ناھايتى ياخشى چىققان،ئۆزگەرتىشنىڭ ھاجىتى يوق،ئۆزگەرتىلسە بۇزۇلدۇ.چۇنكى بۇ مىسرادىكى «كوي» پۇل ئەمەس،بەلكى «ئىش»-تۇرمۇش ھەلەكچىلكى،تۇرمۇش ئىزتىراپلىرى، تۇرمۇش  غېمى،دىگەندەك مەنىلەردە ئوچوقلا كەلگەن،بۇ ئۇچۇقلاشتۇرغۇدەك تۇتۇق ئىماگ ياكى سۆزلۇكمۇ ئەمەس.بۇ سۆز تۇرمۇش ئىستىمالىمىزداداۋاملىق ئىشلىتىلۋاتقان،جانلىق تىلمىزغا تەۋەسۆز.بىز بىرەرسى بىلەن ئۇچراشقاندا؛ نىمە كويلاردا يۇرۋاتسەن،نىمە كوي قىلىۋاتسەن؟ دەيمىز ئەمەسمۇ؟ بۇ شۇ سۆزنىڭ نەخ ئۆزى.شۇڭا بۇ مىسرانىڭ مەنە قاتلاملىرىغا قەدەم قويغىنىمىزدا،مىنى ھەر ئىشقا سال،بىر ئىشقىلا سالساڭ مەن زايا كىتمەن.دىگەن مەنە ئالدىمىزغا چىقىدۇ.لىكىن«كوي»نىڭ ئورنىغا «ئىش» نى ئېلىشقا ھەرگىز بۇلمايدۇ.مانا بۇ شىئرى تىلنىڭ،شىئىرنىڭ ئالاھىدىلىكى.ھەم ھەقىقى شائىر بىلەن شائىرچاقنىڭ پەرقى.

ۋاقتى: 2014-5-28 17:45:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشرەب!!!!!

ۋاقتى: 2014-6-5 22:40:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر غوجىمۇھەممەدنىڭ غەزەللىرى تولىمۇ تېتىمىلىق چىقىپتۇ، بۇ غەزەللەر ماڭا بۈيۈك كىلاسسىك شائىرىمىز مەشرەپنىڭ شىئىرلىرىنى ئەسلەتتى. مۇشۇنداق غەزەللەرنى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرساقكەن !

ۋاقتى: 2014-7-1 00:23:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2014-7-16 13:54:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      بۇ  غەزەللەردە ھەقىقى  ئۆزلۇك  ھىدلىرى  پۇراپ تۇرۇپتۇ . ئاپېرىن  !

‹‹ ھەر  كوي ›› ،كەينىدىكى  ‹‹ كوي ›› نى ئېنىقلاپ  تۇرۇپتۇ ، چاتاق  يوق - جۇما!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش