كۆرۈش: 274|ئىنكاس: 10

ئىبراھىم نىياز : روھ پىچىرلىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 675
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2400
تۆھپە : 232
توردا: 1458
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-1

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 12:23:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھ  پىچىرلىشى



ئىبراھىم  نىياز



                   1

ھەي .... !!!!

ئاستا  تاراسلاپ  يېرىلماقتا  مۇز

كۆيۈۋاتقان ئادەمنىڭ  

يۈرىكىگە  يېقىنلا  يەردە ....



ئۇزۇن  بولدى

توختاپ قالغىلى  سائەتنىڭ  تىلى

يوق  ھېچكىمدە  ۋاقىت سېزىمى ،

چۆچەكچى  موماينىڭ چۆچەكلىرىمۇ

خېلى  بولدى تۈگەپ  قالغىلى .

ئاڭلىساڭ يەنە  شۇ  چىن تۆمۈر  باتۇر

كاپ - كاپ  كۈچۈكى  قويىدۇ  قاۋاپ  .

ئاڭلىغۇڭ  كېلىدۇ  ئاڭلىغانسېرى

خىيالىڭدا  قالماس  كونىراپ .



خېلى  زامان  بولۇپمۇ  قالدى

قالغىنىغا  قۇمنىڭ  چېچەكلەپ

تۈگىنىڭ قۇيرۇقى يەرگە  تەككىلى ،

پاختەكلەرمۇ  

بۇ  شەھەرنىڭ  ئاسمىنىغا  كەلگىلى .

سايراپ  تاشلىسا  ناۋادا  پاختەك

ھويلاڭدىكى تېرەككە  قۇنۇپ .

تەشۋىش  ئارا  باقىسەن  ھەريان

قوغلىماقچى  بولىسەن  ھەتتا

تاش  تۇتقانچە  ئورنۇڭدىن  تۇرۇپ .....



تېخىچىلا  يېرىلماقتا  مۇز

ئەمما  سائەتنىڭ   تىلى ...

زارلىنار  ئۆكسۈپ

.......         ........

ھەي ، بىزدە  يوقالدى  ۋاقىت سېزىمى

پاختەلەرمۇ  چارچىدى  كۈتۈپ  .

رېستوراننىڭ  ئالدىدىكى  قىز

تېخىچىلا  تۇرىدۇ يالغۇز

كېتىۋاتقان  ئەرلەرگە  كۈلۈپ ....

                     2

ناخشا  توۋلاپ كەلمەكتە  سادىر  !

بىر - بىرىدىن

سورىشىدۇ  يۇلتۇزلار :

_ ئۇ  كىم ؟

_ ئۇيغۇر !

جاۋاب  بەردى قۇياش

سىلاپ ئاپپاق  ساقاللىرىنى  .

_  بەش بالىسى  قېنى سادىرنىڭ  ؟

_  چاقىرماقتا  ناخشىسى  بىلەن

يىتىم قالغان بەش  بالىسىنى  ...

_ سادىر ئەجەپ  ئادەم  ئىكەن -  ھە ؟

_ چۈنكى  ئۇ  ئۇيغۇر - دە !

يۇلتۇزلار

قۇياش  بىلەن  پىچىرلىشىپ  بىر  ھازا

چۈشىنىشتى  ئاخىر  ئۇيغۇرنى ...

                        3

چۆچەككە  ئامراق  شائىر

كىرىپ كەتتى   يېرىلغان تاشقا

" دوست خېنىم " غا  غىڭشىغان پېتى ...

ئۇ  يەردىكى قەشقەر  كوچىسى

قولى قاداق خوتەنلىك دېھقان

بەرمەكتە  سالام .

ئۇچتۇرپاننىڭ  مۆلجەر  تېغىدا

شەمشەر  تۇتقان يەتتە قىز

يېرىلغان تاش  ئىچىدە

ئايلانغان  يەتتە  گۈلگە  .

شائىر

شېئىرغا  ئايلىنىپ قالدى بىردىنلا

"  يېرىل  تېشىم " دا  .....





بۇ  شېئىر  11 -  قېتىملىق "  خانتەڭرى  ئەدەبىيات  مۇكاپاتى "  غا  ئېرىشكەن .

" مايبۇلاق " ژورنىلىنىڭ  2000 - يىللىق 1 - سانىدا  ئېلان  قىلىنغان  .








idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1418
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 225
تۆھپە : 0
توردا: 36
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 15:16:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ تەسىرلىك ھەم ي€قىشلىق ھە !

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  83
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1499
تۆھپە : 3
توردا: 289
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 15:31:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبراھمكامنىڭ بۇ شېئىرىنى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شېئىرلار» ناملىق توپلامدىن كۆرۈپ ناھايىتى ياخشى ئىستېتىك زوق ئالغانىدىم، بۇ  يەردە كۆرۈپمۇ شۇنچە ياخشى ھوزۇرلاندىم. ئەيبۇكامنىڭ خالىس ئەجرىگە تەشەككۈر، ئىبراھىمكامنىڭ يەنىمۇ مول ئىجادىيەت نەتىنجىلىرى بىلەن، تېخىمۇ كۆپ مۇكاپاتلارغا ئېرىشىشىنى تىلەيمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  258
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 946
تۆھپە : 0
توردا: 353
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 10:32:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھنىڭ پىچىرلىشى.....
مۇشۇنداق پىچىرلاشلارنىڭ ئۇلغۇيىشىنى تىلىدىم .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1162
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 673
تۆھپە : 0
توردا: 105
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 11:08:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ ئەدەبىيات  ھەۋەسكارلارغا قويىدىغان تەلەپلىرىدىمۇ   مېھرى -مۇھەببەت ، سەۋىرچالىق بىلەن يۇغۇرلاپ كەتكەن  قايىل قىلغۇدەك پىچىرلاشلىرى بار .

ئىجادىيەتلىرىڭىز   ئاقكۆڭۈل قەلبىڭىزدەك  جۇلالىنىپ تۇرسۇن ئۇستاز !

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  262
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 467
تۆھپە : 1
توردا: 208
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-26

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 11:11:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبراھىم نىياز ئاكىنىڭ ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ قۇد بولسۇن! مەن ئاكىمىزنىڭ شېئىرلىرىدىن ئۆزگىچە بىر مۇڭنى، مۇھەببەتنىڭ چىرايلىق ئازاپلىرىنى، تەكلىماكان بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن روھىنىڭ نازۇك شىۋىرلاشلىرىنى ھېس قىلالىغانلىقىم بىلەن تولىمۇ سۈيۈنىمەن. ئىشقىلىپ ئىبراھىم نىياز ئاكا نەزىرىمدە ئۆز خاسلىقىنى داۋاملىق قۇرۇۋاتقان شائىر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1234
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 760
تۆھپە : 0
توردا: 106
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 11:25:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبراھىم نىيار ئاكىنىڭ ئىجادىيىتىگە بەركەت تىلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  402
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 583
تۆھپە : 2
توردا: 146
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 01:00:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېر بولسا مۇشۇنداق بولسا،ئوقۇپ-ئوقۇپ قانمىساق.ئىبراھىم ئاكامنىڭ قولىغا دەرت بەرمىسۇن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1478
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1717
تۆھپە : 0
توردا: 131
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 12:04:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  شىېرنى بەلكىم پۇتۇن  كۈن  پىچىرلايمەن . قەلىمىڭىزگە بەركەت ، تېنىڭىزگە سالامەتلىك يار  بولغاي .

ئوتمۇشنى يىتىلەپ سەرگەندار ياپراق،
  يۇرمەكتە قىشتىكى سوغوق كاچكۈلدا .

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1478
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1717
تۆھپە : 0
توردا: 131
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 12:04:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  شىېرنى بەلكىم پۇتۇن  كۈن  پىچىرلايمەن . قەلىمىڭىزگە بەركەت ، تېنىڭىزگە سالامەتلىك يار  بولغاي .

ئوتمۇشنى يىتىلەپ سەرگەندار ياپراق،
  يۇرمەكتە قىشتىكى سوغوق كاچكۈلدا .

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1991
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 53
تۆھپە : 0
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 17:10:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە ئۈچۈنكىن،ئىبراھىم نىيازنىڭ ھەر بىر شىئېرىنى ئوقۇساملا ئۆزۈمنى باشقا بىر دۇنياغا بېرىپ قالغاندەك،ئۆزۈممۇ باشقا بىر شەيئىگە ئايلىنپ كېتىپ بارغاندەك ھىس قىلىمەن.مەنمۇ ئاشۇنداق شىئېرلارنى يازالارمەنمۇ؟.....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش