جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2090 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 28|ئىنكاس: 0

پۇشايمانغا قاچا يوق(غوجامۇھەممەد قابىز) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  320
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 689
تۆھپە : 1
توردا: 71
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 12:05:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                غوجامۇھەممەد قابىز

                       پۇشايمانغا قاچا يوق

        ياشتا كىچىك ئەمەس بىز، قىرىقلارغا ئۇلاشتۇق،
        ئەسلىدىكى سويمىدىن پىشتۇق -خېلى تورلاشتۇق.
        بېشىمىزغا چۈشسە غەم، ھەمدەم بولغان ئىلگىرى،
        تەڭ كۆتۇرۇپ ئېغىرنى مەدەت بېرىپ قوللاشتۇق.
        ياغسا ئەگەر شان-شەرەپ بىرسىمىزنىڭ بېشىغا،
        بۆكنى ئېتىپ ئاسمانغا شاتلىقتىن تەڭ توۋلاشتۇق.
        قايسى نەس كۇن يولۇقتى مەنسەپ ئاتلىق جادۇگەر،
        شۇندىن بىرى دىل باشقا،ئىش-ھەركەتتە سوللاشتۇق.
        پادا باققان دوستلار بىز،دېيىشەتتتوق بىر چاغدا،
        بۈگۈن ياڭاق چاققاندا، پۇت قويۇشتۇق-پۇتلاشتۇق.
        بىر ياز ئىشلەپ تەر تۆكۇپ ئاينىغاندا نا شېكەر،
        باش  خەمەكنى ئەڭ ئاۋال باشلىققا دەپ يوللاشتۇق.
        ماختاپ قويسا سىكرىتار، باش بارماقنى چىقىرىپ،
        ئېغىز يېتىپ قۇلاققا ئۆزىمىزنى گوللاشتۇق.
        كەلسە چاغان،ھېيىت،بايرام ئۆچرەت كۆتۈپ قىزغىنىپ،
        بوسۇغىغا باش قويۇپ تاڭ ئاتقىچە ئۇخلاشتۇق .
        يەتمەي قالسا سوۋغاتقا قىزىل چەكنىڭ قالدۇقى،
        چېچىپ ئادەم بېشىغا يانچۇقىنى كولاشتۇق.
        مەقبۇل بولۇپ ئەجرىمىز كۆرسەتسە ئۇ ئىلتىپات،
        كىرىپ باشچە قاۋاققا گەدەنگىچە چىلاشتۇق.
        دوستلۇق ئۈچۇن مەي تۇتۇپ،مەسلەشكەنچە سەتلىشىپ،
        چېقىپ شىرە،ئۈستەلنى ياقىلاشتۇق-تىللاشتۇق.
        چىنغا چىقىپ ئىشىمىز، باشتىن كۇلا چۈشكەندە ،
        تاپا-تەنە دوق بىلەن ھۆرپىيىشتۇق-ھۇۋلاشتۇق.
        پۇشايمانغا قاچا يوق، يۈزنى نەگە قويغۇلۇق ،
        توڭدا قېلىپ ئېرىگەن تۇرۇپ كەبى سولاشتۇق.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hojakabiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 12:16  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش