جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2092 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 36|ئىنكاس: 0

قارچۇقلاردا قاتقان بىر ئارمان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  748
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 175
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 16:31:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قارچۇقلاردا قاتقان بىر ئارمان

بۈگۈن
ئۆتۈپ كەتتى شۇنداق جىممىدە.
ئالدىراش ئادەملەر
نىگاھلاردا مۇز قاتقان سۆيگۈ،
قاغجىرىغان قەلب
خىرەلەشتى سۈزۈك ئەسلىمە.

پۇل سورايدۇ تىلەمچى كۆزلەر،
غېرىپلىقتا يىغلار تىلەكلەر،.
ۋاقىت يۈرىكىدە تۆكۈلگەندە قان .
كەچمىشلەرگە يۈكۈنۈپ
خىيارللارغا بۆلىنىپ ۋاقىت،
كۆڭۈللەرنى قىلماقتا سەرسان.
خاتىرەمدە ئۆكسۈگەن ئارمان
سالام قىلماي كېتىدۇ ئۆتۈپ
كۈلكىلەردە ئاچچىق ھەسرەتلەر
تور توقۇيدۇ ھىجىيىپ پىنھان.

بۈگۈن
ئۆتۈپ كەتتى شۇنداق جىممىدە.
نەپەسلەر غالجىرلاشقان
چاقچاقلاردا شۈمشەيگەن كۈلكە،
يۈرەكلەرگە بەردى سەدىقە .
تەنھالىقتىن ئادەملەر يىراق،
بۇ مەۋجۇتلۇق كۈلمەكتە پىنھان.
بۈگۈن ئۆتتى
ئۆتىۋاتىدۇ-
قارچۇقلاردا قاتقان بىر ئارمان.


               كىم ئۇ ؟
كىم ئۇ
قەلب دەرۋازامنى چەككەن لەپ قىلىپ.
تېنەپ يۈرگەن بىچارە سۆيۈش
ياكى تونۇش، ئارمانلىق جۆيلۈش،
پىنھانلارغا مۆكىۋالغان كەچمىش،
ئاداققى نىگاھتا سىرغىغان ئۆكسۈش.

كىم ئۇ
گىرىمسەن ئارمانلار شىۋىرلار ئاستا،
تەمتىرىگەن چەكسىز بىر سۇئال.
يۈرىكىمنى ئالدى سۇغۇرۇپ،
تەشۋىشلەرنىڭ خوشاللىقىدا-
ھاراق قۇيغان رۇمكا تولدۇرۇپ .

كىم ئۇ
ياشلىرىمدىن مۇزىكا ئىشلەپ،
پىنھانلاردا ناخشا توۋلىغان.
تاتلىق ئازاپ خىلۋەتلىرىدە،
پاك سۆيگۈنىڭ گىرۋەكلىرىدە،
بۇ كۆڭلۈمنى ھەردەم ئۋلىغان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Segindim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-24 16:58  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش