دوپپىمىز
(ھەر يىلى 5-ماينىڭ ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىپتىخارلاندىم)
ساھىت سادىق
قەۋمى لىباس مىسالى كۆكتە چولپان دوپپىمىز
گۈزەللىكتە ئۆزلۈكتە ماھى تابان دوپپىمىز
ئەجدادلارغا تۇتاشقان رىشتە پەيمان دوپپىمىز
كىملىكىمىز، بەلگىمىز كۆركى جەۋلان دوپپىمىز
مەدەنىيەت، ھىدايەت شاھى جاھان دوپپىمىز
چىمەن دوپپا، ئاق دوپپا، بادام دوپپا، تور دوپپا
چىكەن دوپپا، گۈل دوپپا، ئۈنچە مارجان زەر دوپپا
نەپىسلىكتە، خاسلىقتا ئۆزگىچىدۇر ھەر دوپپا
مەرتىۋىسى شۆھرىتى بىر-بىرىدىن زور دوپپا
ئىپتىخارى ئۇيغۇرنىڭ يارۇ-جانان دوپپىمىز
ئەندىزىنى دوپپىنىڭ قۇياش بىلەن ئاي دىسەك
ئوبرازىدۇر باھارنىڭ ئۇنىڭدىكى گۈل-چېچەك
نېمەتلەرگە سىموۋول يەنە چوڭقۇر كۈزەتسەك
زېمىن، ئاسمان ئەييامى سىماسىدۇر گۈل- جىيەك
تەبىئەتنىڭ تەسۋىرى گۈل-گۈلىستان دوپپىمىز
دوپپا دىگەن كامالى قىياپەتتۇر بىلسىڭىز
باھادىرلىق نوچىلىق سالاپەتتۇر بىلسىڭىز
ئۇ تەبەسسۇم، خۇشاللىق لاتاپەتتۇر بىلسىڭىز
ئۇ ئەبىدى ئۈزۈلمەس ساداقەتتۇر بىلسىڭىز
ئاتەش كەبى يۈرەكتە مېھرى گۈلخان دوپپىمىز
ئۇ سەلتەنەت، خاسىيەت گويا تاجى-دۆلەت ئۇ
ئەقىل- مېھنەت كەشپىيات ئېسىل ھۈنەر- سەنئەت ئۇ
ئاتىلارنىڭ باغرىدىن بالقىغان سىر ھىكمەت ئۇ
قامەتلەرگە غەييۇرلۇق بېغىشلىغان زىننەت ئۇ
روھى ئۇيغۇر مۇجەسسەم دەۋرى-دەۋران دوپپىمىز
ئۇ ئەنئەنە ماھىيەت زەر يىپ بىلەن تىكىلگەن
قايغۇ شاتلىق ھۆسىنگە رەڭدار قىلىپ چېكىلگەن
كەچمىشلىرى خەلقىمنىڭ كەشتە بىلەن پۈتۈلگەن
ئىستەكلىرى ئۈمىدى ھەغدا بايان ئېتىلگەن
ئۇزاق ئۆتمۇش قىسسەلەر جەمئىي دىۋان دوپپىمىز
پىكىر قىلساق بايقىساق شۇنداق كاتتا ئىلىم ئۇ
ماتىماتىكا، پەلسەپە مەناسىدا ئەزىم ئۇ
ئەدەبىيات، شېئىرىيەت لىرىكىلىق بىلىم ئۇ
ئۇ مەجمۇئە دىيانەت ئەخلاقىۋى تەلىم ئۇ
ئۈگۈتلەرنىڭ بايانى ئىلىم-ئېرپان دوپپىمىز
كەيسەم ئۇنى ھەر كۈنى گۈل تاجىنى كەيگەندەك
شاتلىنىمەن پەيزىدىن بېشىم كۆككە يەتكەندەك
بۈزرۈك بوۋام روھىنى سىياقىمدا كۆرگەندەك
ساماۋى بىر كۈچ-ئېقىم ۋۇجۇدۇمغا كىرگەندەك
مەۋجۇدىيەت ناخشىمىز ئەھلى چوقان دوپپىمىز
ئۇنىڭدا بار ئەسىرلەر، مۆچەللەرنىڭ ئىزناسى
ئەكىس ئېتەر ھۆسنىدە يۇرتۇمنىڭ تاغ-دالاسى
چىن مۇھەببەت ئەقىدە قەلب ئوتى لاۋاسى
تالاي ئىكەن ئويلىسام خاسىيىتى مەناسى
يازغانلىرىم ئۇنىڭدىن تامچە بايان دوپپىمىز
2009-يىلى ماي، يوپۇرغا