جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2095 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 180|ئىنكاس: 5

جاللات: نەسىرلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1688
تۆھپە : 16
توردا: 322
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 03:29:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

          «باھارىستان» تىن پارچە:

نەسىرلەر

ئابدۇرىشىت سۇلايمان(جاللات)

1


   ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛۈﻟﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ،ﺳﻨﻰ ﯰﻧﺘﯘﭖ كېتىشكە  ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺮﻯ ﻛﯘﻟﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ...يامغۇر يېغىۋاتقاندا،سۆيگۇ ھەققىدە لىرىكىلارنى پۇتىۋاتقاندا ﺋﯩﺴﻤﯩﯖﻨﻰ ﯰﻧﺘﯘﭖ  ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.ﯞﯗﺟﯘﺩﯗﻣﺪﺍ ﭼﯩﭽﻪﻛﻠﻪﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ  ﮔﯘﻝ -چېچەكنى   ﻫﻮﻳﻼﯕﻐﺎ ﺗﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﺎﻳﻤﯘ؟ھويلاڭدا  ئېچىلىشقا باشلىغان گۇل –چېچەكلىرىم ھامان بىر كۇنى تۇزۇپ كىتىدۇ .مىنىڭ سۇيگۇ كېچىكلىرىمدىكى يىغىلار ساڭا يازغان خەتلىرىمنىڭ ئازاپتىكى بىشارىتى .بۇ ئازاپقا نەي چالىمەن ..قايسى مۇزىكىغا نەي چالغانلىغىمنى بىلەمسەن -پەرىشتەم ؟
ﯰﻧﺘﯘﺵ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻫﻮﺯﯗﺭﻧﻰ ماڭا قايتۇرۇپ بەردى.ﺳﻪﻥ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ  ﺳﻪﯞﻩﭘﭽﻰ !!!-دىدىڭسەن ،ماڭا تەبەسسۇم بىلەن كۇلۇپ تۇرۇپ .ﻫﯩﻠﯩﻘﻰ  ﻛﯩﭽﯩﺪﻩ  ﺳﻪﭘﻪﺭلىرىمگە  ﯮﺕ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻪﻧﺪﻩ مەنمۇ ؟ !ﯰ ﻛﯩﭽﯩﺪﻩ جۇيلۇپ تۇرۇپ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﯖﻨﻰ  پىچىرلاپ ئوقۇغان  بەندە مەنمۇ ؟.ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﻠﯩﻚ  ﻛﻮﺯﯗﯕﻨﻰ  ﻣﺎﯕﺎ تىكىپ  ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯘﻟﻜﻪﻣﮕﻪ  ﻗﺎﻥ ئىتىۋاتىسەن  .-پەرىشتەم  !!ئاتەش قاناتلىرىم قورام تاشلارغا سوقۇلدى .بۇ يوللاردا سۇزۇلگەن ئازاپلىرىم كىملەرگە غەزەپ قىلسۇن –پەرىشتەم .!!
ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﻐﯩﻦ-پەرىشتەم ،- تۇمان ئىچىدە مەندىن يىراقلاپ كەتكەن يىغىلىرىمغا !!ﯮﻳﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﯬﺗﯩﺮﮔﯘﻟﮕﻪ  ﻛﯩﺴﻪﻝ ﭼﯘﺷﺘﻰ ...ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ..يىقىنلا يەردە مەن ئوقۇغان ھىجران ھەققىدىكى قەسىدىنى چوقۇم ھەسرەتلىنىپ تۇرۇپ ئاڭلايدىغىنىڭنى.
ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﻪﻙ ﺗﺎﻣﭽﯩﻼﭖ تېنىقلىرىمغا   ﺋﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯘﻧﻰ ﻳﯘﺭﯨﻜﯩﻤﻨﻰ ﻗﯘﻳﺎﺷﻘﺎ  ﺋﯩﺴﯩﭗ  ﻗﺎﻳﻐﯘ-ﯪﺯﺍﭘﺘﯩﻦ  ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﯰﭼﯘﻥ ئازاپ  ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ نىمە ئۇچۇن ياشىماقچى بولغانلىغىمنى بىلمىدىم . ﻫﯩﺠﺮﺍﻧﺪﯨﻜﻰ   كۇلكىلىرىمدە ﻛﻮﺯﯗﻣﺪﯨﻦ  ﻗﺎﻥ ﯪﻗﺘﻰ . ئويۇمنىڭ سىرتىدىكى بۇلاق بويىدا ئولۇم سۇلىرىنى يۇرۇكۇمگە سىپىپ ھىجراندىن ئوز شەكلىمنى تىپىش ئۇچۇن سىنى يەنە چاقىردىم .-ئەي! ئىسيانكار پەرىشتەم .كەل!!قوۋۇرغىلىرىم ئۇستىدىكى بۇ يولنى ساڭا تەييارلىدىم .بۇ يولدا سەپەر قىلىشنى خالامسەن .؟!مەن يىغىلىرىم بىلەن ،كۇلكىلىرىم بىلەن ساڭا ئيتىمەنكى –نەيچىنىڭ ،سەن يۇرىكىگە قان چاچقان  نەيچىنىڭ ئولۇمدىكى شەكلى، سەن بىلەن باشلىنىپ سەندە ئاخىرلىشىدۇ .سەن شەپەققە ئايلىنىسەن –پەرىشتەم .
ﯰﺯﯗﻧﺪﯨﻦﺑﯩﺮﻯ  ﻛﯘﻟﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ.-پەرىشتەم!سۇيگۇ ناخشىلىرىغا يىقىنلا يەردە تۇرۇپ كۇلىۋاتىمەن  . ﮔﻪﺭﭼﻪﺑﯘ كۇلكىگە ،سۇيگۇ ناخشىلىرىدا ئوزىنى بايان قىلىشقا قۇياش غەزەپلىنىپ تۇرسىمۇ سىنىڭ قوۋۇرغىلىرىم ئۇستىدىكى يولدا سەپەر قىلىۋاتقانلىغىڭنى بىلگەنلىگىم ئۇچۇن كۇلىۋاتىمەن .بۇ كۇلكىنىڭ چىكىدىكى مەنزىللىرىدە سەنمۇ كۇلۇشنى ئويلىدىڭمۇ ؟كۇلكىلىرىڭنى سىغىنىمەن –پەرىشتەم .
ﺯﯗﻟﻘﯘڭدا  ﻳﯩﻐﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ  ﻗﯘﻳﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ، ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﻩ  سىنى سىغىنغانلىرىمدا كۇلكىلەر   ﻣﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﮕﯩﻦ  ﺩﯨﺪﻯ ....ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻣﻪﻥ سوۋغىلارنى سىغىنىۋاتقان ﯪﺩﻩﻡ ..ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﻛﻮﭼﯩﺪﯨﻦ  ﻗﯩﭽﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ  ﺗﻪﻧﻬﺎﻟﯩﻘﻘﺎ  «يۇلتۇزلارنىڭ كەينى»دىكى ئازاپلىرىمنى  ﺗﯩﮕﯘﺷﻜﯘﻡ ﻳﻮﻕ ...ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻗﺎﻳﺘﺎﻱ !!زۇلقۇڭدىكى ئىسىمنى ئوز قەلبىمگە ئىلىپ كىرىش ئۇچۇن قايتاي –پەرىشتەم .

ﻣﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﻣﺎ !!ﻗﻪﺑﺮﻩﻣﺪﯨﻜﻰ ﭼﯘﻗﺎﻥ  ﭘﺎﻛﻠﯩﻐﯩﯖﻐﺎ ﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ﻛﯘﻧﻠﻪﺭﺩﻩ  ﺗﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﯮﻟﯘﻣﺪﯨﻦ  ﻫﻮﺭﻛﯘﭖ  ﺳﯘﻏﯘﺭﻟﯘﭖ  ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ  ئازاپلىرىم   ﻳﯘﺭىكىڭدە مىنى ئوقىۋاتقاندا ،مىنى چاقىرما ...ﯪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ  ﻗﻪﺑﺮﻩﻣﺪىلا  ﻗﯘﭼﺎﻏﻼﭖ ﻗﻮﻱ !!مەن قەبرەمدە سىنى سىغىنىمەن –پەرىشتەم!

ﯰﻟﯘﻍ كۇلكىلىرىم   ئىككىمىزنىڭ شولىسى بۇلاق سۇيىدە ئايان بولغاندا ئاخىرلىشىدۇ  ..سەن ئاشۇ بۇلاق سۇيىنىڭ قاياققا ئىقىشىنى بىلمەيسەن . سەۋدالىقلىرىمدىكى يىغىلىرىمدا بۇلاق سۇيىدە ئىچىلىۋاتقان گۇللەرنىڭ ئىككىمىز ھەققىدە پىچىرلىشىۋاتقانلىغىنى ئاڭلايمەن ....ﺗﺎﻍ ﻛﻮﻳﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯘﻧﻰ  ﺑﺎﻏﻰ -ئىرەمدە   ﺳﯩﻨﻰ ﯰﭼﺮﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ  ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﻪﭘﯩﻠﻪﺷﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ  ﻛﻮﺭﯗﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ ...ﯬﻱ !!!پەرىشتەم  ..شۇ گۇللەرنىڭ پىچىرلاشلىرىدىكى سىرلارنى ساڭا قاچان بايان قىلىمەن ؟

ﻫﻪسرەتلىك كۇلكىلىرىڭدىكى ئاشۇ مەرغۇلدا مىنى يەنە ئىزلەۋاتامسەن –پەرىشتەم !! ؟  ....ﻣﻪﻥ ﻳﺎﭘﺮﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﻧﺎخشىنىڭ داۋامىنى ئاڭلاۋاتىمەن  ...ﻗﻮﻟﯘﯕﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﭖ-ﻳﯩﺸﯩﻞ ﻳﺎﭘﺮﺍﻗﻘﺎ  ﻗﺎﺭﺍ ....ﯰنىڭغا مىنىڭ ئىسمىم ئويۇلغان   ..ﻣﯩﻨﻰ ﯮﻗﯘﭖ ﺑﺎﻕ ....مەن قاراڭغۇلۇقتا ئاخىرلىشىشنى خالايمەن .سەنچۇ پەرىشتەم ؟!
ﯬﮔﻪﺭﺩﻩ كۇلكىلىرىمدە   يوقاپ  ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ  ﯪﻱ  ﻣﻪﻥ ﺗﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻕ  ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺷﯘﻣﻠﯘﻗﻨﻰ ﺋﯩﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ  ﻗﻪﺑﺮﻩمگە ﺋﯩﺰﺍﻫﺎﺕ يىزىپ قويغىن –پەرىشتەم -:«ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﯪﺷﯩﻖ ...ﯪﺷﯩﻖ ﻳﺎﺗﯩﺪﯗ ....ﻗﯘﻳﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﯰﻧﯩﯔ ﻳﯘﺭﯨﻜﻰ ...»
ﻣﯩﻨﻰ ﯬﺗﻪ ﺳﻪﻫﻪﺭﺩﻩ يەنە ﭼﺎﻗﯩﺮﻣﺎ ....ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻏﯘﻡ  ﻛﻪﭘﺘﻪﺭﮔﻪ ﯪﻳﻠﯩﻨﯩﭗ  بۇلاق  بويىدا سىنى ساقلايدۇ .ماڭا ئاتقان كىرپىك ئوقلىرىڭدا ئازاپ چىكىۋاتقان تىنىم ئۇچۇن ھەمدۇ –سانا ئوقۇپ قويغىن ،پەرىشتەم !!...
ﻣﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﻣﺎ !!! ﯮﺕ ﭘﯘﺭﻛﯩﮕﻪﻥ  ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﯮﻳﯘﯕﮕﻪ  ﯮﺕ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ ...مەن  ﺑﯘ ﯮﺗﺘﺎ  ﻛﻮﻳﯘﭖ كىتىمەن  ...ئاي ماڭا قاراپ ھەسرەتلىنىدۇ .نۇر شولىلىرى ئۆزرە مەجرۇھلانغان تىنىمنى ساڭا تەئەللۇق قىلىمەن –پەرىشتەم !!
ﯬي !!پەرىشتەم ،ﺗﻪﻧﻬﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﯖﺪﺍ ﻗﻪﺑﺮﻩﻣﮕﻪ  ﺑﯩﺮﯨﭗ  ﻗﯘﺷﻼﺭﻏﺎ   ﻧﺎﺧﺸﺎ ﯮﻗﯘﭖ ﺑﻪﺭ ....ﺳﯩﻨﯩﯔ ﯪﯞﺍﺯﯨﯖﻐﺎ ﯪﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﯘﺷﻼﺭ  ﺑﯘ ﻧﺎﺧﺸﯩﻨﻰ  ﻛﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﻴﺘﯩﭗ  ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ .مازارىمنىڭ گۇرىستانلىرىدا كېچىگە ئۇچۇپ چىقىپ سىنى يەنە كورىۋالاي –پەرىشتەم .!!
ﺗﯘﻧﻪﭖ چىقتىڭ ..!!قىپ-قىزىل ياشلىرىڭ ئاخىرلىشىپ پەلەك زۇلمىدە بۇيۇن قىسىپ تۇرغان قەبرەگاھىمنى ...ھىجران دەشتىدە قان يۇتقان تىنىم ئۇچۇن ساڭا رەھمەت ئىيتىمەن –پەرىشتەم .مەندىكى «ھىجران ناخشىسى»نى ئۇنتۇپ قالما .قەبرەمدە سىنىڭ ئىسمىڭنى زىكرى قىلغان بەندىنىڭ كۇلكىلىرىگە دۇئا قىلىپ قوي –پەرىشتەم !!!.
2001-ﻳﯩﻠﻰ  12-ﯪﻳﻨﯩﯔ 2-ﻛﯘﻧﻰ  (ﻳﻪﻛﻪﻥ )


3



  تۇن كىچىدىكى "ھىجران"نىڭ نالە قىلىشى بىلەن قەلبىڭگە سوۋغا قىلىنغان قارا ئەتىرگۇل بەرگىدە كىملەرنى ئوقىۋاتىسەن –سەرۋىناز !؟.

ئۇ كىمىسىنى ھەيدەپ قايتىپ كەتتى .يىراققا ئۇچۇپ كەتكەن كىپىنەك توكۇلۇپ كىتىۋاتقان يوپۇرماق ئۇچۇن ياش توكىۋاتقاندا بەخىتنىڭ ئۇ تەرىپىگە يانداش سىلىنغان كۇلبەڭدە بارماقلىرىڭنى ئوتقا قاقلاپ ئولتۇرۇپ قۇياشنىڭ چىقىشىنى كۇتىۋاتىسەن .ئۇ يىراقلاپ كەتتى .

رەسىمنى.....باھارنىڭ  رەسىمىلىرىنى  سىزىپ بولدۇڭمۇ ؟!سىرلىق تۇنلەردىكى بىر ئادەم سۇزۇك كوچىدا ئىسمىڭنى ئوقىۋاتقاندا سۇكۇتلەر ئىچىدىكى چىقىپ كەلگۇچى سەن ئەمەس .

سۇكۇت بىلەن ھەسرەتلەنگۇچى  كىمىسىنى ھەيدەپ كەتكەن، ئۇنىڭغا سەن توغۇرلۇق كورگەن چۇشلىرىنى سوزلەپ بىرىۋاتقاندا ،كىچىدىكى ئاۋازدا ئوز سەپىرىگە ياش توككۇچىمۇ بەندىمۇ سەن ئەمەس .!!

ئۇ كىمىسىنى ھەيدەپ قايتىپ كەتكەن .ئۇپۇققا سوزۇلغان تىنىقلىرىڭدا باھارنىڭ سۇرەتلىرىنى  سىزىپ بولغانلىغىڭنى بىلىمەن .قومۇشلۇقتىن ئىسقىرتىپ ئوتىۋاتقان كېچىلىرىڭدە  ئۇ قايتىپ كىلىدۇ .

ناۋادا قۇياش سۇرىتىدىكى كوز ياشنى سۇرتىۋەتمەكچى بولساڭ كەپەڭنىڭ ئىشىگىنى ئىچىپ قويغىن .قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يوقالغان كىمىچىنىڭ ئىزلىرىنى ئىزلەپ تاپقىن .

جاندىكى سۇزۇك ئاۋازنىڭ تۇنجى قەدىمىدىن قاچانلاردا چىقىپ كەلگەنلىكىڭنى سەھەردىن سورا .

ئازاپتىكى كېچىلەر سىنى قايتىدىن ئىزلەپ تاپالارمۇ ؟-چۇنكى ئۇ بىر كېچە .

ناۋادا كىچىلەرگە ئۇزاپ كەتكەن كىمىچى سىنى كىچىلەردىن ئىزلەپ كەلسە ئىزلىرىڭدىكى كوز ياشنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىل .

مەن كوز ياشلىرىمدىن قايتىپ كەلدىم –دەپ كۇلىۋاتقىنىڭدا ئۇنىڭ چول ئىچىدىكى يىغىسىنى ئاڭلايسەن .قوشقا ئايلانغان كۇلكىلىرىڭ ھەسرەتلىرىڭنى ئۇنىڭغا سوزلەپ بىرىدۇ .

ئۇ كىمىسىنى ھەيدەپ قايتىپ كەتكەنلىكى ئۇچۇن جۇل –جۇل بولۇپ كەتكەن تىنىدىكى  ئازاپلىق ئۇنتۇشلىرى  ئىچىدە سەندىن  باھارنىڭ سۇرەتلىرىنى سوۋغا قىلىشىڭنى ئوتۇنىدۇ .چول ئىچىدىكى جەسەت سۇنۇقلىرىدا جىمجىت ياتقان يىشىللىققا قاراپ كىچىلەرگە كىرىپ كەلگۇچى كۇلكەڭنىڭ تىۋىشلىرىنىمۇ ئاڭلىماسلىغى مومكىن .

ھىلىقى ئاھاڭ سىنىڭ كۇلكەڭگە ئايلانغاندا كىمىچىگە نىمىلەرنى سوزلەپ بەرگەن ئىدىڭ ؟

ئەگەر ئۇ سىنى نۇر ئىچىدىن ئىزلەپ رىزىق شىخىدىكى تۇز سۇيى بىلەن ناشتىلىق تەييارلىسا قەلبىڭنى قانداق سوزلەيسەن ؟!

مەن دىدىڭ ،شامالنىڭ يىغىلىرىغا ...چۇنكى سەن باھار ئەمەس .سەن بىر رەسسام .

مەن دىدىڭ ،كوز ياشنىڭ خىياللىرىغا ...چۇنكى سەن رەسسام باھارلىرىمنىڭ كۇلكىلىرىدىكى .

ئەگەر ئۇ سىنى نۇر ئىچىدىن ئىزلەپ رىزىق شىخىدىكى تۇز سۇيى بىلەن ناشتىلىق تەييارلىسا قەلبىڭنى ئۇنىڭغا قانداق سوزلەيسەن ؟!

تىتىلغان گۇزەل تەشۋىشلىرىڭنى يەنىلا كىمىچىگە ئىيتىپ بەر .ئۇ سەندىن يىراقلاپ كەتكەن بولسىمۇ كوز –ياشلىرىڭ بىلەن ،باھارلىرىڭ بىلەن ،سەھەرلىرىڭ بىلەن ،قۇچقاچلىرىڭ بىلەن ،...مۇڭدىشىش ئۇچۇن كەپەڭگە كەلدى .


2003-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۇنى يىزىلدى .2008-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۇنى ئوزگەرتىلدى


چۈشىنىكسىز ھەرپ،سان،غەيرى،سەلبى ئىسم، باشقا يېزىقلاردا تىزىملاتماڭ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 341
تۆھپە : 0
توردا: 31
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 16:08:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر زامانلار جاللاتنىڭ شۇنداق تاتلىق بىر شىئىرلىرى بولىدىغان، كېيىنچە ئۇنىڭ شىئىرلىرىنىڭ كۆچۈرمىلىرىنى كۆرۈپ قالىدىغان بولدۇق. ھازىر بولسا ئۇنىڭ مۇشۇنداق نەسىرلىرىنى سېغىنىپ قالىدىغان بولۇپ قاپتۇق.

ئەلقىزىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت.

ياپيېشىل تاغلارغا بېرىپ سايەھەت قىلىشنى چۈشۈمدە چۈشەيدىغان بولدۇم.  ئوڭۇمدا قاچان ئۇلىشارمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 437
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 827
تۆھپە : 3
توردا: 98
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 17:39:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سالام جاللات ئاكا! ئىنىڭىزدىن سالام!


سۆزلەر ۋە سۆزلەشكۇچىلەر چىشىمغا تەگدى...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  163
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 463
تۆھپە : 1
توردا: 75
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 18:13:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرنۇڭ ۋە يولىغۇچىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر !
لېرىكلىق دەريادا ئۈزۋاتقان قولۋاقتا ئولتۇرۇپ ،مەنىۋى پايانسىزلىقنى كۈزەتكەندەك تۇيغۇغا كەلتۈردى كىشىنى.

قەلبىنۇر ئىلياس

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2008
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 13:02:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاللاتنىڭ يۇقۇردىقى نەسىرلىرىدىكى تىل خېلى كۈچلۈك چىقىپتۇ.چوڭقۇرلۇق ۋە خاسلىقمۇ باركەن.جاللاتنىڭ نادىر ئەسەرلەرنى كۆپ روياپقا چىقىرىشىغا تىلەكداشمەن.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 302
تۆھپە : 3
توردا: 192
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 13:05:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاللاتنىڭ دوختۇرلۇق بىلەن شېئىرىيەتنى تەڭ ئىلىپ بىرىشىغا تىلەكداشمەن

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش