كۆرۈش: 188|ئىنكاس: 2

ئەنۋەر ناسىرى - توغراقلىق دالىلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1544
تۆھپە : 160
توردا: 669
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 02:53:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         توغراقلىق دالىلار        



             ئەنۋەر ناسىرى





ـــ شىمالى شىنجاڭ ياش يازغۇچىلىرىنىڭ جەنۇپ سەپىرىدىن خاتىرە



«كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ». نەقەدەر توغرا، ئوتلۇق مىسرالار دېسىڭىزچۇ؟  بۇمىسرالار بالا چاغلىرىمدىن تارتىپلا تونۇش، يادا. راست، كۆرمىگىنىمز تېخى كۈرمىڭ، بىلمەيدىغىنىمىز ھېسابسىز. كەمىنە ناتىۋاننىڭ زۇگىلى كىچىك ئۈزۈلگەنمۇ بىلمىدىم، ئەيتاۋۇر باشقىلار نائىل بولغان خۇشاللىق، بەخت، ئامەت، رىزقى دېگەنلەردىن خېلىلا يىراق. قىسقىسى ئىچكىرىنىڭ دېڭىز بويلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، ياۋروپا... دۆلەتلىرى تۇرماق بىر زىېمىننى ئىككى ئېقلىمغا ئايرىۋەتكەن  تەڭرى تاغلىرىدىن ھالقىپ، ئەلمىسقتىن ئادەملەر پىيادە، ئات – ئېشەك، تۆگىلەر... بىلەن كارۋان ئەيلىگەن ھازىر بولسا ئاپتوبۇس، پويىز، ئايرۇپىلانلار باپكانىڭ موككىسىدەك غۇيۇلداپ ئۆتۈشۈپ ئارىنى غېرىچچە يېقىن قىلىۋەتكەن مۇشۇ زامانىۋى دەۋردىمۇ بىرەر قېتىم بولسىمۇ كۆرۈشكە نېسىپ بولمىغان، ئۇزاقتىن بېرى «خەپ، بىر بېرىپ كۆرمىسەم!» دەپ ئىرادە قىلىپ كېلىۋاتقان دىيارىمىزنىڭ جەنۇبىنى كۆرۈش ئارزۇيۇم يېقىندا چىققان مىش – مىشلەر سۆڭرە راستىنلا رىئاللىققا ئايلىنىپ، 42 يىللىق چۈشۈم ئوڭۇمدا سادىر بولدى.

ــ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۆمەك تەشكىللەپ، شىماللىق ياش يازغۇچىلارنى جەنۇبنى ئېكىسكۇرسىيە، زىيارەت قىلىشقا ئاپارغۇدەك.

ـــ ۋاھ، كاتتا ئىش بوپتۇ، تولىمۇ قۇتلۇق، خاسىيەتلىك سەپەر بولغۇدەك!

ـــ بىلىشىمچە يازغۇچىلار جەمئىيىتى ياشلاردىن ئۆمەك تەشكىللەپ بۇنداق سەپەر قىلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش.

ـــ راست، مەنمۇ ئاڭلاپ باقمىغان.

ـــ بۇ تەلەي بىزگىمۇ نېسىپ بولارمۇ؟

ـــ بۇ سەپەرگە نائىل بولۇش ھەقىقەتەن بىر ئامەت.

ـــ ...

     غۇلجىدىكى تونۇش – بىلىش قەلەمداشلار ئالاقە قەغىزى كەلگۈچە ھەر نېمە دېيىشتۇق. ئاخىرى دۇمباق يېرىلدى. بىر كۈنى قولفۇنۇم يېقىملىق سايراپ كەتتى.

ـــ ۋەي، ئەنۋەرمۇ؟

ـــ مەن شۇ.

ـــ مەن ئەسئەت ئاكاڭ! ـــ ئۇ چاخچاق قىلىپ، «ئاكاڭ» سۆزنى ئالاھىدە ئۇرغۇلۇق تەلەپپۇزدا قىلدى.

ـــ قۇلىقىم ئاكامدا، ـــ دېدىم جاۋابەن.

ـــ جەنۇبقا بارىدىغان بولدۇق، سالامەتلىكىڭ يار بېرەمدۇ؟

ـــ چاتاق يوق، قولۇمدىن قەغەز بېرىمەن،ـــ دېدىم دەررۇ.

    ئوشۇقىم ئالچۇ چۈشۈپ جەنۇبىي شىنجاڭغا ئۆگىنىش، زىيارەتكە بارىدىغانلار تىزىملىكىدىن پېقىرنىڭ مۇبارەك نامىنىڭمۇ بارلىقىنى ئاڭلاپ،«ئۇھ!» دېدىم.

    تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتەكلىرى مەن ئۈچۈن تولىمۇ سىرلىق، سېھىرلىك، جەزىبىدار رىۋايەت ئىدى. جەنۇبنى پەقەت ئوقۇغان كىتابلىرىم، كۆرگەن كېنو - تېلۋېزورلاردىنلا بىلەتتىم. ھېلىمۇ ئېسىمدە بالا چاغلىرىمدا تويماي كۆرگەن «يول باشلىغۇچى» فىلىمىدىكى ئەقىللىق، چېچەن، باتۇر بالا باۋدۇن قىسمەتلىرىگە ئەگىشىپ «تەكلىماكان قۇملۇق»لىرى، ئەشۇ قۇملۇقلاردا مۆجىزىدەك ئېقىپ ئۆتكەن «تارىم دەياسى»نى، مىنگەش ــ مىنگەش قۇم بارخانلىرىنى، قۇم بارخانلىرى ئىچكىرىسىدىكى شەھەر خارابىلىرىنى بىلگەن ئىدىم. تارىم بويىدىكى بوستانلىقلاردا «قۇم ئالۋاستى»لىرى بىلەن ئەسىرلەر مابەينىدە ئېلىشىپ  ياشاپ كېلىۋاتقان ئەمگەكچان، سەمىمىي، رايىش، باتۇر ئاۋام چۈشلىرىمدە، تەسەۋۋۇرۇمدا زاھىر ئىدى. قاسىم سىدىقنىڭ «خوتەنگە خەت» ناملىق شېئىرىدىكى خوتەن، جۈملىدىن جەنۇب ساھىللىرىغا بولغان ئىنتىلىش، تەلپۈنۈش، ئىزتىراپلار يۈرۈكۈمدە لەڭ ئۇراتتى. شائىرنىڭ ئۈشبۇ شېئىرىدىكى چوغدەك مىسرالار قۇلاق تۈۋىمدە بارخانلار باغرىدىكى ئالتۇن قولدۇرمىدەك جاراڭلايتتى.

قېنى سىزمۇ ئەشۇ شېئىردىكى غۇلجىدىن يىراق، خوتەنگە بولغان تەلپۈنۈشلەردىن ئورتاق بەھرلىنىڭ!



شىڭگىل شىنا:   



        خوتەنگە خەت



ئەجەپ كۆگۈم كەلدى ئەي خوتەن سېنى،

روھىم قۇچتى، قۇچمىدى بۇ تەن سېنى.

يېتىشمىگەن قاناتتا يېتەلمىدىم،

چېككىسىگە قىستۇرغاچ ۋەتەن سېنى.



گاھ ساماۋى چۈش كەبى جىلۋە قىلدىڭ،

جىلۋە قىلدىڭ، ئاشىقى تەلۋە قىلدىڭ.

بىرنى، بىر دەپ روھىمدا غەلۋە قىلدىڭ،

«جاھىل» لىقتا دورىغىم بار مەن سېنى.



بىرنى، ئىككى دەڭ دېسە، دېمەيدىغان،

بۇ نىجىسنى يەڭ دېسە، دېمەيدىغان.   

ھەممىنى ئادىل تۇرۇپ ئۆلچەيدىغان،

ئەھلى ۋىجدان خۇش كۆرەر جەزمەن سېنى.



بار ئىكەن شۇنچە ئۇلۇغ بىر تارىخىڭ،

ئەر ئۈچۈن ئۆرنەك ئىكەن ھەر ۋارىقىڭ.

بولسىمۇ دەردۇ – ئەلەم، باش ئاغرىقىڭ،

بوپتۇ مۈشكۈل، پۈكمىكى دۈشمەن سېنى.



تويغۇزۇپسەن، بىر نوچى دەپ – دەپ دېسە،

مەيلى ئۇ، مەن ئۇلۇغ ئەرەب دېسە.

ئۇنىماپسەن، مۇسەللىملىك شەرەپ دېسە،

داغدا قاپتۇ كەمچىگەن، كەمچەن سېنى.



مەيلى باي بول، خاھ گادا، بۇ گەپ ئەمەس،

روھقا يوق، كانايغا بار «نەپ» نەپ ئەمەس.

ھەشقىپىچەك گۈل بولسىمۇ زەپ ئەمەس،

قەددى مەغرۇر گۈل بىلۇر گۈلشەن سېنى.



ئەجەپ كۆرگۈم كەلدى ئەي، خوتەن سېنى،

بولسا ئۆمرۈم كۆرىمەن جەزمەن سېنى.



    ئېھ، مانا بۈگۈن 2011 – يىلى 17 – ئىيۇن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ئالاقە قەغىزى قولۇمغا تەگدى. ئالاقە قەغىزىدىكى مەزمۇنلاردىن شۇنى بىلدىمكى، 3 – ئىيۇل شىمالدىكى ياش قەلەم ساھىبلىرى ئۈرۈمچىگە يىغىلىپ، ئەتىسى جەنۇبقا ئاتلانغۇدەكمىز. بارماقلىرىم يەنە قولفۇن رەقەملىرىدە يورغىلاشقا باشلىدى.

ـــ ۋەي، ئەسئەت ئاكاممۇ؟

ـــ ئىجازەت، ـــ ئۇ دائىم شۇنداق يۇمۇرىستىك ئىبارىلەرنى ئىشلىتەتتى.

ـــ ئۈرۈمچىگە ئۆز ئالدىمىزغا بارامدۇ؟ ياكى ...

ـــ يىگىرمە بەشىنچى چىسلادىن بۇرۇن ماڭا كىرا پۇلىنى تاپشۇرىسىلەر، ئىلىدىكى ئاپتورلار پويىز بىلەن بىرگە بارىمىز.

ـــ پەرمان بەردارمەن، ــــ دېدىم مەنمۇ قىزىقچىلىق قىلىپ، ـــ ئاقچىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاپشۇرىمەن.

ـــ يەنە گەپ بارمۇ؟

ـــ يوق.

ـــ ئۇنداقتا سەپەر تەييارلىقىنى ياخشى قىل!

ـــ باش ئۈستىگە.

    ئىلىدىكى يازارمەنلەردىن بىرنەچچەيلەننىڭ بۇ قېتىمقى سەپەرگە نائىل بولغانلىقىدىن خەۋىرىم بار ئىدى. «ئىلى دەرياسى» ژورنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئەسئەت ئابدۇرېشىتنىڭ ئىلىدىكى ئەدىبلەرگە باش بولۇپ، ئۈرۈمچىگە تەشكىللەپ بارىدىغانلىقى ماڭا ئايان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن پات – پات ئۇچۇرلىشىپ تۇردۇم. ھەممە ئىش جايىدا ئىدى. گىرىمسەن خىياللار ئىلكىدە زارىقىپ كۈتكۈن كۈنلەر ئاخىرى يېتىپ كەلدى. 2 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە شائىر ئابدۇخېلىل مىرخېلىل ئىككىمىز غۇلجا شەھىرىنىڭ تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان «يېڭى ئالمىزار» رېستۇرانىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇلۇڭدىكى خاس خانىدا پەرھات جامال، شاۋكەت ئىبراھىم، ئەدىھەم ئىبراھىم، كەنجى خۇمارجان، ئەسئەت ئابدۇرېشىتلار يولىمىزغا قاراپ ئولتۇرغان ئىكەن. ئارقىمىزغا ئۇلىشىپ ئەكرەم ئابدۇمىجىت، شاۋكەت رۇستەم خاس خانىغا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ كىرىپ كەلدى. شاۋكەت رۇستەم ئېغىر بىر يەشىكنى ئاۋايلاپ يەرگە قويىۋىدى، كىمدۇ بىرى سوراپ قالدى:

ـــ ھوي، شاۋكەت! يەشىكتىكى نېمەڭ بۇ؟

ـــ ئۆرۈك، جىلىيۈزنىڭ ئاق ئۆرۈكى.

ـــ پاھوي، ـــ دېدى ئابدۇخېلىل مىرخېلىل چاخچاق قىلىپ، ـــ جەنۇبقا ئۆرۈك ئېلىپ مېڭىپسەندە؟ بۇ قىلىقىڭ ھىندىستانغا قارمۇچ يۆتكىگەندەكلا ئىشقۇ!

ـــ ياقەي، ـــ دېدى ئۇ چۈشەندۈرۈپ، ـــ ئۈرۈمچىدىكى ئاغىنىلەرگە ئېلىۋالغان. بىلىسىلەر، جىلىيۈزنىڭ ئاق ئۆرۈكى جاھانغا داڭلىق.

    شۇنداق كۈلكە ــ چاخچاق ئىچىدە غىزالاندۇق. ھەممەيلەننىڭ كەيپى چاغ ئىدى. ھەممەيلەننىڭ روھى ئۇرغۇپ تۇراتتى. خۇددى جەڭگە كىرىش ئالدىدىكى ئارغىماقلاردەك ھەممەيلەن شاش، جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ ئىدى.

پويىز ئۈرۈمچى ۋاقتى ئالتە يېرىدا قوزغۇلاتتى. «يېڭى ئالمىزار» رېستورانى بىلەن پويىز بېكىتى يېقىن ئىدى. غىزالانغاچ تاغدىن – باغدىن پاراڭ قىلىشىپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشتۇق. بىركەمدە سوغۇق شامال چىقىپ، تاراسلاپ يامغۇر تۆكىۋەتتى. ھەممەيلەن دەرىزە سىرتىغا قاراپ، غۇلجا ئاسمىنىدىن يېشىل زېمىنغا چۈشىۋاتقان خاسىيەتلىك ياز يامغۇرىنى تاماشا قىلىشتۇق. يامغۇر ئۈنچىلىرى مەرۋايىت چېچىلغاندەك ئۆزىنى دەرەخلەرگە، گۈللەرگە، گىياھلارغا، بىنالارغا...قاراپ ئاتاتتى. شەھەرنىڭ تاش ئېرىقلىرى ھايال ئۆتمەيلا لەپشىپ سۇغا توشتى. شۇ ئارىدا قورغاستىن كەلگەن كەنجى خۇمارجاننىڭ تونۇش ئاۋازى قۇلىقىمغا كىردى.

ـــ ۋەي، زۆھرەگۈلمۇ، نېمانداق كېلىپ بولالمايسىز؟ تېزراق بولۇڭ، سىزگىلا قاراپ قالدۇق.

     شۇ چاغدا بىلدىمكى، قورغاسلىق ئايال يازغۇچى زۆھرەگۈل ئابدۇۋايىتمۇ بىز بىلەن بىر سەپەردە ئىكەن. يامغۇر ياغماقتا. بۇ كەچ سائەت بەش بولۇپ قالغان چاغ بولۇپ، ئەسئەت ئابدۇرېشىت سۆزگە تۇتۇندى.

ـــ بۇرادەرلەر، مەن ئىككى ئېغىز سۆز قىلاي! بۇ قېتىمقى سەپەرگە شىمالىي شىنجاڭ ياش ئاپتورلىرىدىن جەنۇبقا ئۆگىنىش، زىيارەتكە بارىدىغانلارنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم ئەپەندىمۇ بار ئىدى، ئۇ ھەم ئۆمەك باشلىقى بولۇپ باراتتى. ئەپسۇس، مەركىزىي سىياسىي كېڭەشتىن ئابلەت ئابدۇرېشىت قاتارلىق رەھبەرلەر بىزنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىمىزگە مەلۇم خىزمەتلەرنى بېجىرگىلى كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن سەپەرگە چىقالمىدى. قارىمايدىن دولقۇن تۇرغۇن، ئىبراھىم نىياز، دولقۇن ئەلى، دىلنۇر ياسىن بۆرتالادىن مەمتىلى ھېلىم قاتارلىق شائىر، يازغۇچىلار بىلەن ئۈچىنچى چىسلا ئۈرۈمچىدە جەم بولىمىز. دېمەك، 4 – چىسلا سەپىرىمىز رەسمىي باشلىنىدۇ. شۇڭا مەن ئىلىدىكى ئاپتورلارغا بەزى گەپلەرنى ئەسكەرتىشنى لايىق تاپتىم. يەنى بىرىنچىدىن، سەپەر جەريانىدا چوقۇم ۋاقىتقا رىئايە قىلىمىز؛ ئىككىنچىدىن، گەپ – سۆزدە مەدەنىي بولۇپ، بىر – بىرىمىزنىڭ ئىززەت – ئابرويىغا تېگىدىغان ۋە قالايمىقان سۆزلەردىن خالىي بولىمىز؛ ئۈچىنچىدىن، بارغان ئورۇنلارنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، تەرەققىيات ۋە باشقا تەرەپلىرىنى ئۆگىنىشكە، بىلىشكە ئەھمىيەت بېرىمىز.

     بىردەك چاۋاك چېلىپ قوللىدۇق. كېيىن بۇ ئۈچ جۈملىلىك تەلەپنى «ئۈچ ماددىلىق قانۇن» دەپ ئۆزئارا پاراڭلاردا چاخچاقنىڭ پىلتىسىغا ئايلاندۇرىۋالدۇق.

ـــ سىز تاماققا كېچىكتىڭىز، «قانۇن»نىڭ بىرىنچى ماددىسىغا خىلاپ.

ـــ سىز خاتېرىنى قالدۇرمايۋاتىسىز، «قانۇن»نىڭ ئۈچىنچى ماددىسىغا خىلاپ.

ـــ بۇ گەپ ئىززىتىمغا تېگىۋاتىدۇ، «قانۇن»نىڭ ئىككىنچى ماددىسىغا خىلاپ.

    ئەنە شۇنداق تۇرغان – يۈرگەننىڭ ھەممىسى كۈلكە. ھە شۇنداق كۈلكە! بۇلاقتەك ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان ئۈزۈلمەس كۈلكىلەر.

  

     تالادا يامغۇر تاراسلاپ ياغماقتا. سائەت بەشتىن قىرىق ئۆتكەندە پويىز ۋوگزالىغا قاراپ يول ئالدۇق.

تاراق – تاراق، تاراق – تاراق، تاقىراق – تاقىراق...

     پويىز غۇلجىدىن شەر*ققە يەنى ئۈرۈمچىگە قاراپ رېتىملىق ئىلگىرىلىمەكتە. يامغۇردا يۇيۇنۇپ يەنىمۇ يېشىللىققا پۈركەنگەن غۇلجا شەھىرى بىزگە خوش ئېيتىپ ئارقىمىزدا قالدى. پويىز دەرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇرىمەن. بوستان مەھەللىلەر، يېڭى ئورۇلغان بۇغداي ئېڭىزلىقلىرى، يېشىل دېڭىزدەك دولقۇنلاپ تۇرغان قوناقزارلىقلار... كۆز ئالدىمدىن لىپ – لىپ قىلىپ ئۆتمەكتە. «مۇنۇ باغ – ۋارانلىق ئېكىنزار بولسا غۇلجا ناھىيىسى. «ئانا – يۇرت» رومانىنىڭ مۇئەللىپى، تالانتلىق يازغۇچى زوردۇن سابىر، «كاككۇك گۈلى» قاتارلىق  شېئىر توپلاملىرىنىڭ ساھىبى، ئاتاقلىق شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن، بايانداي سېپىلىنى لەخمە كولاپ غۇلاتقان شىر يۈرەك ئەزىمەت سادىر پالۋان، سۆيگۈ ـ ۋاپانى ھاياتىدىن قىممەت بىلگەن، خوتۇن – قىزلارنىڭ گۈل تاجى مايىمخان... قاتارلىق خەلق قەلبىدە مۇنار تىكلىگەن يازغۇچى، شائىر، باتۇر قەھرىمانلارنى تۇغقان، باغرىدا ئۆستۈرگەن، باغرىغا باسقان باھادىر زېمىن بۇ!» دەپ خىياللار سۈردۈم.

     پويىز نىلقا بېكىتىدە ئون مىنۇت توختىدى. بېكەت ئەتراپى تاغلار بىلەن قورشالغان بولۇپ، يامغۇردىن كېيىنكى سۇس مانان تاغ جىرالىرى، قاپتاللىرىدا بىر قەۋەت پەردە ھاسىل قىلغان ئىدى. يۇمشاق مانانلار تاغ چوققىسىغا قاراپ ئاستا سۈرۈلۈپ باراتتى. بۇ گۇگۇم بولۇپ قالغان چاغ بولۇپ، «ئانا يۇرت» رومانىدىكى گۇگۇم تەسۋىرلەنگەن قۇرلار ئىختىيارسىز يادىمدىن كەچتى.



شىڭگىل شىنا:

گۇگۇمدا



     كوچا سەيلىسى كۆڭۈلۈك گۇگۇم ۋاقتى، كىنوخانىنىڭ ئالدى ئادەملەر بىلەن تولغان ، گازىر ، پۇرچاق ،موخۇركا ، قىمىز ۋە كاۋاپ بىلەن ھاراق ، بوزا ساتقۇچىلار ۋاقىرىماقتا . تىنچ ھايات كۆڭۈللۈك – ھە ، بولۇپمۇ گۇگۇم ۋاقتىدا ...

    ئەنە توپ- توپ قىزلار نەدىندۇر كۈلۈشۈپ چىقىپ كېلىشتى ، ئەنە ،ئۇلارنىڭ چورىسىدە شوخ يىگىتلەر پەيدا بولدى . قىزلار بىلەن پىچىرلىشىش قانداق كۆڭۈللۈك – ھە ، بولۇپمۇ گۇگۇم ۋاقتىدا ...

شەر*قتىن كېلىدىغان كەچكى شامال سېنى ھوزۇرلاندۇرۇدۇ ، سېنى ھاياتتىن كۆپرەك لەززەت ئېلىشقا ئۈندەيدۇ . ئۇ سېنى سۆيىدۇ ،ئەركىلىتىدۇ ،ئەركىلەيدۇ ، سەن گويا ئۇنىڭ سۆيگۈنىدەك باغرىڭغا قول سالىدۇ ، بولۇپمۇ گۇگۇم ۋاقتىدا ...

     ياز مەنزىرىسى سېنى شېرىن خىياللار دېڭىزىغا ئۈندەيدۇ ،سەن جېنىڭ راھەتلەنگەندە ئەڭ يېقىن ئادىمىڭنى ئەسلەيسەن ،زىياۋۇدۇن نېمە قىلىۋاتىدىكىن ، بەرا،دەرالارچۇ ، ئۇنىڭ ئوماق سىڭلىسىچۇ ؟ نۇرڭ ئۇلارنى كۆرمىگىلى ساق بىر يېرىم يىل بولدى . ئۇلارنى خوش قىلىپ يېزىسىغا بېرىپ ئۆستەڭ بويىدىكى چىغىرمارتماقلىققا كىگىز پارچىسىنى سېلىپ ، ئېغىناپ يېتىپ قاقاقلاپ كۈلۈشسە – ھە ، بولۇپمۇ گۇگۇم ۋاقتىدا ...

گۇگۇم بۈگۈننىڭ دەپنە مۇراسىمى ، ئەتىنىڭ تولغىقى . بۇ قايسى شائىرنىڭ تاپقان گەپلىرىكىن ؟

     گۇگۇم ئۇلۇغ قوياشنىڭ جۇدالىق بەلگىسى ، تۈن ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئەلچىسى . ئۇ ساڭا غەپلەت ، جۇدالىق ،لەززەت سوۋغا قىلىدۇ . سەن مۇشۇ گۇگۇمنىڭ يادنامىسىنى باغرىڭغا بېسىپ كېلەچەك توغرىسىدا شېرىن چۈش كۆرۈسەن . چۈشۈڭدە مەڭگۈ ئېرىشەلمەيدىغان شان – شەرەپ چوققىسىغا چىقالايسەن ، يەنە بەزىدە تىك چوققىدىن سالغا تېشىدەك يېراقلارغا ئۇچىسەن ...

     گۇگۇم بىلەن ھاياتىڭنىڭ بىر بېتى ئاخىرلىشىپ ، يېڭى بىر بەت - سۈبھى ئۈچۈن زىمىن تەييارلىنىدۇ . يۇرۇقلۇق قاراڭغۇلۇقتىن تۇغۇلىدۇ ، گويا سەن ئاناڭنىڭ قاراڭغۇ قورسىقىدىن يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندەك ، شۇڭا گۇگۇممۇ خاسىيەتلىك ، ئۇنى ھەرگىز قارغىما ،... بولۇپمۇ گۇگۇم ۋاقتىدا ...



     3 – ئىيۇل ئەتىگەن سائەت ئالتە يېرىمدا ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا قەدەم باستۇق. ئابلىكىم ھەسەن، ئىلغارجان سادىق، ئابلەت زەپەرىلەر يولىمىزغا قاراپ تۇرغان ئىكەن. بىزنى پىكاپلىرىغا سېلىپ، كونسۇل كوچىسىغا ئېلىپ كېلىپ ناشتىلىق بەردى. دۆڭكۆۋرۈك بازىرىنىڭ قايناق كۆزلىرىدە مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان «قىران بۈركۈت» بىناسىدىن ئورۇن ئالغان «خان دىيار» مېھمانسارىيىغا ئورۇنلىشىپ بولىشىمغا شاۋكەت ئىبراھىم پەس ئاۋازدا زۇۋانلاندى.

ـــ ئەنەيتۇللا قۇربان مۇئەللىم تۈنۈگۈن قايتىش بولۇپتۇ. پەتىگە بارامسەن؟

ـــ ئەلبەتتە.

     شۇنداق قىلىپ ئىلغارجان سادىقنىڭ يول باشلىشى بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى مەرھۇمنىڭ ئۆيىگە ئەسئەت ئابدۇرېشىت، شاۋكەت ئىبراھىم، ئابدۇخېلىل مىرخېلىل، كەنجى خۇمارجان پەتىگە يۈرۈپ كەتتۇق.

    چۈشكىچە ۋاقتىمىز بوش بولغاچقا، پەتىدىن چىقىپ «گۈلساي»غا قاراپ جۆنىدۇق. سېپىمىزگە ئابلىكىم ھەسەن، ياش سەنئەتكارىمىز خالمۇرات ئۆمەر، ئابەت زەپەرىلەر قېتىلدى. گەرچە كۈنتەرتىپتە «گۈلساي»غا  چىقىپ، قەلبىمىز مۇنارى، سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىزنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلاش بولمىسىمۇ، ئەنە شۇ بىرقانچەيلەن ئۆزىمىز خالاپ، كىنەپ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر ۋە قوشماق تارىخچىلارنىڭ يول بويىغا جايلاشقان تىمتاس قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلدۇق، مەرھۇملارنىڭ روھىنىڭ جەننەتتە بولىشىنى تىلەپ دۇئالەر قىلدۇق.

     ئېھ، تىمتاس ماكان گۈلساي! قوينۇڭغا نې نې ئۇلۇغلارنى بېسىپ، جىمجىت سۈكۈت ئىچىدە ياتىسەن. باغرىڭ بوستان كۆچەتلەرگە، ھۆپپىدە ئېچىلغان رەڭدار گۈللەرگە تولۇپتۇ. رەت – رەت قەبرە تاشلىرى، تۈپتۈز ئاسفالىت يوللار بۇ قاقاس ئېدىرلىققا سۈلكەت بېغىشلاپ، گۈزەل باغۇ – ئېرەمگە، گۈلىستانلىق باغچىغا تىمسال ئەيلەپتۇ. خوش قال، ئۈرۈمچىلىكنىڭ مەڭگۈلۈك گۈلزارلىقى! سەن ياخشىلارنىڭ نامۇ – نىشانىنىڭ شاھىدى، مەڭگۈلۈك ئابىدىسى.

     دەل چۈشتە «چەۋەندازلار» رېستورانىغا يېتىپ كەلدۇق. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، قابىل رەھبەر، جامائەت ئەربابى، ئەدەبىيات پەرۋىشكارى مىجىت ناسىر ئەپەندى، مەشھۇر يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندى، شائىر قاسىم سىدىق ئەپەندى، تارىخچى غوجەىمەت يۇنۇس ئەپەندى، يازغۇچى ئالىمجان ئىسمائىل ئەپەندى قاتارلىق تىرىك مەبۇدلار ۋە بىر قىسىم ياشلار بىزدىن سەل ئىلگىرى مەنزىل تاپقان ئىكەن. كېچىكىپ قالغانلىقىمىزغا خىجىل بولۇشۇپ ئۆزرىلەر قويدۇق. مىجىت ناسىر ئەپەندى سۆز ئېلىپ، «جەنۇبتىكى يازغۇچى، شائىرلارغا، ئەدەبىيات ئاشنالىرىغا مېنىڭ سالىمىمنى يەتكۈزۈڭلار، ئەيبۇ ساڭا تاپشۇردۇم» دېگەندە، قىزغىن چاۋاكلار بىلەن ئالقىشلىدۇق.

يۇقۇرى گىرادۇسلۇق كۆزئەينەك سالغان قاسىم سىدىق ئاكىغا قاراپ، نەچچە يىللار بۇرۇن مەمتىمىن ھوشۇر يازغان «ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس» دېگەن يازمىنى ئويلاپ قالدىم. راست، ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. ئۇ ئۆي – ۋاقىنى تاشلاپ، غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆز تەتقىقاتىنى داۋام ئەتمەكتە. ئۇنىڭ كاللىسىدا «بوشلۇق – يوقلۇق» دېگەن ئىدىيە پەيدا بولغان 32 يىلدىن بېرى قانچىلىك دىشۋارچىلىقلارنى تارتمىدى، قانچىلىغان توسۇق، ئۆتكەللەرگە ئۇچرىمىدى دەيسىز؟ گاھ ئۇتۇقلىرىدىن خۇشاللانسا، گاھ خىرىسلاردىن كۆڭلى غەشلىشىپ، ئازارلاردىن يۈرىكى جاراھەتلىنىپ، لەختە – لەختە قان زەرداپلاردا ئېچىشمىدى دەيسىز؟! لېكىن ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن ئۆز نەزىرىيىسىنى ئىسپاتلاش يولىدا بىر كۈنمۇ، بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالغان، ۋاز كەچكەن ئەمەس. ھېلىھەم بۇ نەزىرىيىنى بېيىتىپ، بۇرۇنقى «بوشلۇق – يوقلۇق» ئاتالغۇسىنى «فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيىسى» دېگەن يېڭى ئۇقۇمغا بېيىتىپ باردى. ئۆز نەزىرىيىسىنى تىنىمسىز تۈردە ئىسپاتلاپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ باردى. يېقىندا ئۇنىڭ نەزىرىيىسىنىڭ بىر تەرىپى بولغان 29 – تېئورمىنىڭ ئىسپاتلىنىشى قاسىم سىدىققا ئالەمچە كاتتا ئىلھاملار بەخش ئەتتى. ئۆز ئىشىغا بولغان ئىشەنچ، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد نۇرلىرىنى يەنىمۇ ھەسسىلەپ چاقناتتى.

     سورن يۇمۇر، لەتىپە، چاخچاقلار بىلەن گۈرۈلدەپ يانماقتا. قىقاسلار خاس خانە ئىچىدە پارتلىماقتا. ئوڭ تەرىپىمدىكى تۆردە مۇلايىمغىنە كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرغان ئۇستازغا پات – پات قاراپ قويىمەن. كۈلكىلەردىن مۇستەسنا ھالدا يېنىمدىكى قاسىم سىدىق ھەققىدە خىياللارغا  پاتىمەن.

      يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر بىر پەدە چېلىپ بېرەي دەپ قولغا ئالغان رېستوراننىڭ رەپ ـ رەپ دۇتارى ساز قىلىشقا كەلمەي، بىزنى ھەسرەتتە قويدى. بولمىسا سۆيۈملۈك يازغۇچىمىزنىڭ قولىدىن مۇڭ ئېلىش بىز ئۈچۈن نەقەدەر ئۇنتۇلغۇسىز ئەستىلىك بولار ئىدى؟ بۇ بەخت بىزگە نېسىپ بولمىدى. ئەبجەى دۇتارغا قاراپ ئىچىمدە مىڭلارچە لەنەت ئوقۇدۇم. لېكىن يازغۇچىمىزنىڭ سەمىمىي تۇرقى، مېغىزلىق قىسقا پاراڭلىرىغا مەستلىكىم كېلىپ، «مۇشۇ ئۇستازلار بىلەن بىر داستىرخاندا ئولتۇرىۋاتىمەن ـ ھە!» دەپ ئۆزەمنى تولىمۇ پەخرلىك سېزىمەن.

     ئەتىسى، يەنى تۆتىنچى ئىيۇل ئەتىگەن سائەت ئالتىدە ئۈرۈمچى بىلەن خوشلىشىپ جەنۇب تامان يول ئالدۇق. ئورنىمىزدىن سەھەر تۇرۇپ كەتكىنىمىزگە، ئۇيقۇ تەشنالىقىمىزغا تولۇق قانمىغانلىقىمىزغا قارىماي ھەممەيلەننىڭ روھىي شۇنداق كۆتۈرەڭگۈ، ھەرىكەتلىرىمىز تېتىك، كەيپىمىز ساز ئىدى. مانا بۈگۈن ساياھەت ئاپتوبۇسىدا قارىمايلىق، بۆرتالالىق يازغۇچى، شائىرلار بىلەن رەسمىي ئۇچرىشىپ دېدارلاشتۇق.

    گەرچە بىز ئىلگىرى يۈز كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ، لېكىن يات ئەمەس ئىدۇق. يازمىلىرىمىز ئارقىلىق، ئىدىيە، قاراش ۋە باشقا تەرەپلەردىن بىلىشەتتۇق. بىز كۆرۈشۈپلا كونا تونۇشلاردەك يېقىن بولۇپ كېتىشتۇق. شادىيانە ھالدا 新F – 65334 نومۇرلۇق ساياھەت ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، خاسىيەتلىك سەپىرىمىزنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئالدۇق. بۈگۈنكى مەنزىل كۇچا ئىدى. ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، شىمال ئاسمىنىدا قۇياش پارلاپ تۇراتتى. زەنگەر ئاسمان، يىراقتىكى قارىغايزار جەنۇبى تاغ يەنە شۇ ئەلمىساقتىكى تەمكىنلىكى بىلەن بىزگە ئۈنسىز خوش ئېيتماقتا، ئاق يوللار تىلىمەكتە. ئۆمەك باشلىقى قارىماي شەھەرلىك ئەدەبىات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پارتگۇرۇپپا سېكرىتارى، «مايبۇلاق» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى دولقۇن تۇرغۇن «بۇقا باش» ماركىلىق دالا ماشىنىسى بىلەن ئالدىمىزدا يۈرۈپ كەتكەن ئىدى. بىز ئولتۇرغان ئاپتوبۇسنىڭ سۈرئىتىگە قاراپ  ئابدۇخېلىل مىرخېلىل چاخچاقنى باشلىۋەتتى.

ـــ ئەيبۇ بۇرادەر، قارىغاندا «مەپىلىك كارۋان» فىلىمىدىكى كارۋانلاردەك يول يۈرىدىغان ئوخشايمىز. بۈگۈن كەچكىچە كۇچاغا يېتەلەمدۇق يوق؟

ـــ قىرىقنىڭ قىرىغا دەسسىگىچە «سايرام» كۆلىنى كۆرمىگەن شائىر دوستۇم خاتىرجەم بول، كۇچا تۇرماق خوتەنگىمۇ يېتىسەن. بىزگە بىخەتەرلىك بىرىنچى، ـــ دېدى ئەيبۇ ياقۇپ جاۋابەن.

     بىز پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتۇق. راست، ئىلى ئۇيغۇرلىرى چاخچاق – ھەزىلگە ئامراق. ئۆلۈم – يېتىملەردىمۇ گېزى كەلسە چاخچاق قىلىپ كۆڭۈلنى ئاۋۇندىرىدىغان قىسمەن ئاجىزلىق، سەھۋەنلىك، بولۇمسىزلىقلارنى... ئۆتكۈر، كۈلكىلىك گەپلەر بىلەن قامچىلاپ، باشقىلارغا ئەينەك قىلىدىغان ئادىتىنىڭ قاچان يېتىلگەنلىكى مەن ئۈچۈن بىر سىر؛ ئىلىلىق دېگەن ئەنە شۇنداق خاراكتېرى بىلەن باشقا يۇرتلۇقلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان خەق. چاخچاقلار ئېتىلماقتا، كۈلكىلەر ئاپتوبۇس دەرىزىسىدىن ئۇچۇپ، داۋانچىڭ ئاسمان بوشلۇقلىرىدا ئۇچماقتا. بىرىنچى قېتىم توختاپ تۇنجى سۈرەتكە ئوپچە چۈشكەن ئۆتەڭ داۋانچىڭ ئېدىرلىقىغا جايلاشقان چاقپىلەكلىك شامال ئېلېكتېر ئىستانسىسىنىڭ يول بويى بولدى. ئابدۇخېلىل مىرخېلىلنىڭ خادىسىز ئۆمەك بايرىقىنى تۇتۇپ چۈشكەن سۈرىتى تورغا يوللىنىۋىدى، تورداشلارنىڭ نۇرغۇن ھەزىللىك ئىنكاسلىرىغا تۇترۇق بولۇپ بەردى. «ۋۇي، ئۈرۈمچىدىن غۇلاچ بادىرا تېپىلمىدىمۇ نېمە؟»، «مۇنۇ بايراقچىغا تەس بولۇپتىغۇ»، «جەنۇبنى ئايلىنىپ كەلگۈچە بىچارىگە ئۇۋال بولىدىغان بولۇپتۇ». ئەنە شۇنداق تېتىملىق چاخچاقلار بىر ئويلىسىڭىز كۈلكە ئۈچۈندەك، يەنە بىر ئويلىسىڭىز ئۇنداق ئەمەستەك بەلكى چىن گەپلەر.

     «ئاغۇ بۇلاقنىڭ داۋىنى»غا يەتكەندە جەنۇبنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەندەك، ھىدىنى ھىدلىغاندەك بولدۇق. ئىسسىق شامال، گىياھسىز كۆيۈك تاغلار، قۇياشنىڭ تونۇرىدەك ھارارىتى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن. تۆت ئىقلىمغا مەشھۇر داۋاندىن تۇنجى رەت ئۆتىۋاتقانلىقىم ئۈچۈنمۇ ئەتراپقا قاراپ – قاراپ تويمايمەن. ئەۋۇ تاغ جىنىسلىرى بولسا خىلمۇ – خىل رەڭدە ئەسىرلەر مابەينىدە جىم ـ جىت ياتماقتا. ئاق، قارا، قىزىل، گىلرەڭ، سۇس سېرىق، سۇس سۆسۈن، قوڭۇر... ئوخشاشمايدىغان رەڭ قاتلىمىدىكى تاشلاردىن ئونەچچىنى سانىدىم. «ھە، ئەجداتلار مۇشۇ رەڭلىك تاشلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، تاش بوياقلارنى ئالغان، ئۇنى مىمارچىلىق، توقۇمىچىلىق، ساپالچىلىق ئىشلىرىدا ئىشلىتىپ، ئۆڭمەس نەقىشلەرنى چېكىپ، بوياپ چىققان. قېنى ھازىر شۇ تاش بوياقلار؟» دەپ ئۆز ئۆزۈمگە خىتاپ قىلدىم.

قارىمايدىن كەلگەن يازغۇچىمىز دولقۇن ئەلى ھەممەيلەنگە تونۇش بىر قوشاقنى دىكلاماتسىيە قىلدى:



تاغۇ – تاغلاردىن ئېگىز،

ئاغۇ بۇلاقنىڭ تاغلىرى.

ئۈستىگە قارلار يېغىپتۇ،

ئاستىدا گۈل باغلىرى.



ـــ قېنى ئۇ «قارلار» بىلەن «گۈلباغ»لار؟ ــ دەپ قىزىقچىلىق قىلدى شاۋكەت ئىبراھىم.

ـــ دولقۇننىڭ كۆزىدە قارىساڭ كۆرىسەن، ـــ دەپ جاۋاب بەردى ئەكرەم ئابدۇمىجىت.

ـــ يەنە كۆرمەيۋاتىمەنغۇ؟

ـــ كۆزۈڭنى يۇمدە، نەچچە مىڭ يىللار ئارقاڭغا قايت، شۇندا كۆرىسەن! ـــ دېدى ئەدىھەم ئىبراھىم سۆزگە قېتىلىپ.

ـــ «ئايغىر بۇلاق» مۇ «ئاغۇ بۇلاق»مۇ؟ ـــ دەپ شاققىدە بىر سوئال تاشلاپ قويدۇم.

-- ئايغىر بۇلاق،__ دېدى ئابدۇخېلىل مىرخېلىل، __ ئايغىرنىڭ سىيگەن سۈدىكىدەك ئېقىپ چۈشىدىغان بۇلاق دېگەننى ئاڭلىغان ئىدىم.

_ بۇ توغرىسىدا ئىلمىي ماقالىلار يېزىلغان. «تۈ*ركىي تىللار دىۋانى» دا بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىلگەن. «ئاغۇ» دېگەن سۆز ئىشتاننىڭ ئېغى، «ئاغ» دېگەندىن كەلگەن،_ دەپ ئىزاھ بەردى ئەكرەم ئابدۇمىجىت بۇ ھەقتە دەلىل كۆرسىتىپ.

دولقۇن ئەلى ئوقۇغان قوشاق بىرمۇنچە مۇلاھىزىگە سەۋەب بولدى. ئىشقىلىپ ھەممەيلەننىڭ كەيپى چاغ، خۇشال ئىدى.



كۇچا



    تارىختا كۈسەن دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ، چاڭئەندىن رىمغىچە داڭقى كەتكەن بۇ قەدىمىي يۇرتقا كەچمەھەل ئاخىرى يەتتۇق. باغرى ئاتەش، مېھرى ئىللىق بۇ قەدىمىي يۇرت كەچكى قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرلىرى بابىدا تويۇنغان سېھىرلىك جىلۋىسىدە بىزگە كەڭ كۇچىقىنى ھاتەملەرچە ئاچقان ئىدى. ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇسكى، چېھرىمىزدىكى خۇشاللىق شاملىرىنىڭ جەزبدار شولىسى مېھمانخانىغا ئورۇنلاشمايلا يۈتتى. ھەممەيلەننىڭ قەلبى داغى ھەسرەت مۇڭلىرى بىلەن پەۋەس توشتى. كۇچاغا يېتىپ شادىمانلىق شەربەتلىرى بىلەن لىقلانغان جاملىرىمىز مانا ئەمدى داغى ھىجراننىڭ زەرداپلىرى بىلەن لىقلاندى. ۋادەرىخا! ئۆلۈم ئۇ بىر ھەقىقەت، ئەمما مەزگىلسىز، تۇيۇقسىز كەلگەن ئۆلۈم يۈرەكلەرگە دەرھەم بېرىپ، جاراھەت ئاچچىقلىرىدا لەختە – لەختە قان قىلىپ تاشلايدىكەن. مانا شۇ تاپتا ئۆمەكتىكى ھەممەيلەننىڭ يۈرىكى زېدە. بايىقى «كۇچا»غا كەلدۇق، دەپ چۇقان سالغان چاغدىكى ئېيتقۇسىز شادىمانلىقنىڭ پاتمان نۇرلىرى قەيەرلىدۇ مۆكتى. ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرىدە ئىزتىراپلىق، مۇڭلۇق ئۇچقۇنلار. قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيىۋەتكەندەك شۈككىدە بولۇپ قالدۇق. يول يۈرۈپ قاقىرام ئاپتاپتا سالپايغان ياپراقتەك بوشاشقان قەددىمىز، «ياتاققا چۈشمەي ئاۋال مەرھۇمنىڭ ئۆيىگە پەتىلەپ كېلەيلى» دېگەن چاقىرىقنىڭ تۈرتكىسىدە قايتىدىن رۇسلاندى.

__ئەخمەت تۆمۈر ئەپەندى ئالدىنقى كۈنى تۇيۇقسىز قازا قىپتۇ.

__ ئەمدى 59 ياشقا كىرىپتىكەن.

__ ئۇ، كىشى كۇچا ئەدەبىيات _ سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن زور ئەجىر قىلغان.

__ توغرا «كۈسەن مەدەنىيىتى»  ژورنىلىنىڭ روياپقا چىقىشى ۋە بۈگۈنكىدەك ئالقىشقا ئېرىشىشىدە ئاز بولمىغان خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن ئىدى. رەھمىتىنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!

    ئەتراپىمدىكى پىچىرلاشلار قۇلىقىمغا ئۇچماقتا. ئاپتوبۇس بازاردىن ئانچە يىراق بولمىغان مەرھۇم ئەخمەت تۆمۈرنىڭ بىجاق يېزىسىدىكى كۆلبىسىگە قاراپ چاپماقتا. ئىككى قاسنىقى تال، ياڭاق دەرەخلىرىدە بۈككىدە چۇمكەلگەن پاكىزە يول مۇسىبەت قايغۇسىغا چۆمگەن ئىدى.

    مەرھۇمنىڭ تولىمۇ ئىللىق باراڭلىق ھويلىسىغا كىرىپ، يوغان كارىۋات ئۈستىدىكى يۇمشاق كۆرپىلەرگە جايلىشىپ دۇئاغا قول كۆتۈردۇق. مەرھۇمنىڭ رەپىقىسى ۋە پەرزەنتلىرى بىزنى كۆرۈپ تاراملاپ تۆكۈلۈپ كەتتى. ھەممىمىزنىڭ كۆڭۈل قەسىرىگە چاك – چاك دەز كەتتى، قەلبىمىز بۇلۇتلانغان ئاسماندەك غۇۋالاشتى. «ئەلۋىدا، ئەي ئوغلان!» دەپ باراڭلىق ھويلا، بوستان كوچىغا خوش ئېيتتۇق.

    «مارجان بۇلاق ئارامگاھى» دا كۇچالىق قەلەمكەشلەر بىلەن دېدار مالاقەتتە بولدۇق. ئالمىلىق باغقا جايلاشقان بۇ ئارامگاھقا كۆكتە يۇلتۇز چىراقلىرى ۋىللىدە يانغان، باغدا كەچنىڭ سالقىن سەلكىنى ئەسكەن دەملەردە يېتىپ كەلدۇق. دەرۋازىدىن كىرىپ 20 – 30 قەدەمچە كېلىدىغان جايدا فونتان چاچراپ تۇراتتى. يېشىل باغ، فونتان، تاش ئېرىقلاردا شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان ئېرەم باغنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئېچىلىپلا كەتتى. «ئاغۇ بۇلاق»نىڭ داۋىنىدىن سېرىلىپلا كۆرگەن پىژغىرىم ئاپتاپ، تاقىر ئېدىر، قۇياش جامالىنى توسقان بىر قەۋەت چاڭ دېمىمنى تۇتقان ئىدى. بىز تەرەپتە بۇنداق چاڭلىق ھاۋا كۆرۈلسە چوقۇم بوران چىقاتتى. بۇنداق چاڭلىق ھاۋانى كىچىكىمدىن تارتىپ بوراننىڭ شەپىسى دەپ بىلەتتىم. شۇڭلاشقىمۇ كۇچا ئاسمىنىدىكى كۆڭۈلسىز چاڭغا قاراپ ئەيبۇ ياقۇپتىن سورىدىم:

__ بوران چىقامدۇ نېمە؟

__ جەنۇب بوستانلىقلىرىنىڭ ئەتراپى غىش قۇم، شۇنىڭدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭ بۇ. دائىم شۇنداق، خاتىرجەم بول بوران چىقمايدۇ، __ دېدى ئۇ.

     كەچمۇ كىرىپ بولدى، راستىنلا بوران چىقمىدى. «مارجان بۇلاق ئارامگاھى» شۇنداق سالقىن، شۇنداق ئارامبەخش ئىدى. بىز ۋە كۇچالىق قەلەم ئاشىقلىرى بولۇپ، 30 – 40 چە ئاپتور مول تىزىلغان دەستىرخان ئۈستىدە ئۆز ئارا تونۇشتۇق. كۇچانىڭ شېرىن شىكەر قوغۇن – تاۋۇز، مىۋىلىرىدىن ھوزۇر ئالدۇق. ئەخەت داۋۇت يوغان، نېپىز راسلانغان كۇچا بىجاق نېنىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇشتۇپ تۇرۇپ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ: «بۇ بىزنىڭ كۇچا بىجاق نېنى، ئالەمگە مەشھۇر، قېنى بۇنىڭغا ئېغىز تېگىڭلار!»

كۇرس – كۇرس يېيىشلىك بۇ ناننى چايناۋېتىپ قۇربانجان ئابلىكىم ئىمىن يازغان «نان» ھەققىدىكى بايانلارنى ئەسلىدىم.



شىڭگىل شىنا:



ئۇيغۇر نانلىرى

... دىققەت قىلىدىغان بولساق، ناننىڭ شەكلى ئۈچ بۈرجەك، تۆت بۈرجەك، ئېللىپىس، سېلىندىر... شەكىللەردە بولماي، يۇمۇلاق شەكىلدە. بىز بۇنڭ ئەجداتلىرىمىزنىڭ قۇياشقا چوقۇنغان دەۋر ۋە ئېتىقادىدىن ئايرىپ قارىيالمايمىز... تارىخىي مەنبەلەردە خاتېرىلىنىشىچە، نان غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا يىپەك يولى ئارقىلىق غەربىي يۇرتتىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا تارقىلىپ كىرگەن. ئەينى چاغدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەلقلەر ئۇنى «غۇزلار نېنى» دەپ ئاتىغان... كۇچادا نانلار شورتۇزدىن ياسالغان تونۇردا يېقىلىدىغان بولۇپ، تونۇرلارغا كۆپ ھاللاردا ئۆرۈك ئوتۇنى ئىشلىتىلىدۇ. ناننىڭ خۇرۇچلىرى بۇغداي ئۇنى، ئۆي خېمىرتۇرۇچى، تۇز، سۇ، پىيازنىلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن، يەنە تۇرمۇش ئۇسۇلىىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، سىيادان، كۈنجۈت، زىرە، زاراڭزا چېچىكى قاتارلىقلارنىڭ مەلۇم بىرىنى ئۆز ئىچىگە ناننىڭ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ... ئۇيغۇر نانلىرىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ئۆي نېنى، بازار نېنى، بىجاق نېنى، گۆش نان، زاغرا نان، گىردە، چېكىم نان، كاكچا نان، غۇلجا نېنى، لوپنۇر نېنى، كۇچا چوڭ نېنى، كۇچا بىجاق نېنى، ھەمەك نان... قاتارلىق يۈز خىلدىن ئاشىدۇ.



     مۇزدەك تاۋۇز، قېتىق بىلەن نان يېيىش قانداق مېزىلىك – ھە! قورسىقىم ئوبدانلا ئاچقاشقا، كۇچا بىجاق نېنىدىن خېلىلا يەپ قويدۇم. بىركەمدە ئۆمەك باشلىقىمىز دولقۇن تۇرغۇن سۆز باشلىدى:

«كۇچا خەلقىگە سورۇنىمىزدىكى كۇچالىق ئەدىپلەرگە ئوتلۇق سالام! ئەسلىدە ئۆمەكنى غەيرەت ئاسىم ئاكا باشچىلىق قىلىپ ئەكەلمەكچى ئىدى. ئەپسۇس، مەركەزدىن كېلىدىغان رەھبەرلەرنىڭ ئالدىغا چىقىدىغان بولۇپ قالغاچقا كېلەلمىدى. جەنۇبتىكى تۇنجى ئۆتەڭ كۇچاغا بۈگۈن يېتىپ كەلدۇق. كېلىپلا ئەخمەت تۆمۈر ئاكىنىڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ھەممىمىز تولىمۇ قايغۇردۇق. باش كۆزلىرىمىزدىكى چاڭنىمۇ يۇيۇشقا ئۈلگۈرمەي، مەرھۇمنىڭ ئۆيىگە پەتىلىگىلى باردۇق. مانا بۇ يەردە ھەرقايسىڭلار بىلەن يۈ كۆرۈشۈپ ئولتۇرۇپتىمىز، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان شىمالدىكى بىر قىسىم ياش ئاپتورلارنى جەنۇبنى ئېكىسكۇرسىيە، ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇردى. مېنىڭچە بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش. تۇنجى قېتىملىق خاسىيەتلىك سەپەرگە كۆپچىلىك بىلەن چىققانلىقىمدىن خۇرسەنمەن. بۇندىن كېيىن جەنۇب شىمالدىكى ئاپتورلار ئۆزئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ تۇرساق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يەنىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. كەتكەنلەرنىڭ ئىمانى سالامەت، قالغانلارنىڭ ئالتون بويلىرى ئامان بولسۇن!».

ئارقىدىنلا ئەيبۇ ياقۇپ سۆز قىلدى: «يىل بېشىدا يازغۇچىلار جەمئىيىتىمىز شىماللىق ياش يازغۇچىلارنى جەنۇبقا، جەنۇبلۇق ياش يازغۇچىلارنى شىمالغا ئاپىرىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئېكىسكۇرسىيە، زىيارەت قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇشنى خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزگەن ئىدۇق. جەمئىيىتىمىزنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى دوڭ لىبو قاتارلىق رەھبەرلەر بۇ پىلاننى ئوبدان قوللىدى. شۇ سەۋەبلىك قاراماي، غۇلجا، بۆرتالا قاتارلىق ئورۇنلاردىن شارائىتى كەلگەن يازغۇچى، شائىرلاردىن تاللاپ بۇ سەپەرنى ئورۇنلاشتۇردۇق. بۈگۈن تۇنجى نۇقتىغا كېلىپ، ھوزۇرۇڭلاردا ئولتۇرۇپتىمىز. سىنتەبىردە جەنۇبتىكى بىر قىسىم ياش ئەدىپلەرنى شىمالغا ئاپارماقچىمىز. مۇشۇ يوسۇندا يازغۇچىلار ئۆزئارا ئۇچرىشىش، يۈز تۇرانە پىكىرلىشىش، تۇرمۇش ئۆگىنىش شارائىتىنى يەنىمۇ كۆپلەپ يارىتىپ بېرىشكە تىرىشىمىز. سىلەرنىڭ كەچ دېمەي بۇ يەرگە يىغىلىپ، بىز بىلەن جەم بولغانلىقىڭلارغا ئالاھىدە رەھمەت! يەنە بىر گەپنى قىستۇرۇپ ئۆتەي، مىجىت ناسىر، مەمتىمىن ھوشۇر، قاسىم سىدىق، غوجەخمەت يۇنۇس، ئالىمجان ئىسمائىل قاتارلىق پېشقەدەم رەھبەرلەر، يازغۇچى – شائىرلار سىلەرگە سالام ئېيتتى.»

ئۆمىكىمىزنىڭ بۇ ئىككى قوماندانىمىزنىڭ سۆزىگە كۆپچىلىك قىزغىن چاۋاكلار چالدۇق. بۇ ئوتلۇق سالاملار، چۈشەنچىلەر ئىككەيلەننىڭ ئېغىزىدا قېقىنۇسنىڭ ئېغىزىدىن تۆكۈلگەن رەڭدار گۈللەردەك كېيىنكى يۇرتلاردا، ئۇچرىشىشلاردا تەكرار – تەكرار دېيىلدى.

    5 – ئىيۇن سەھەردىلا ناشتا قىلىپ، ئاۋال كۇچا ۋاڭنىڭ ئوردىسىنى نىشانلاپ ماڭدۇق. مېنى ئەڭ جەلپ قىلغىنى كۇچانىڭ ئاخىرقى ۋاڭى داۋۇت مەخسۇت توغرىسدىكى ئۇچۇرلار بولدى. گەرچە ئۇ كىشىنى بۇ جايدا ئۇچرىتالمىغان بولساقمۇ، مەركەز، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى بىلەن يانمۇ – يان چۈشكەن سۈرەتلىرىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق. «ھۆكۈمىتىمىز نېمىدىگەن كەڭ قورساق، بىر چاغلاردا «تۆت كونا»نى يوقۇتۇش دەپ، فىئوداللىق جەمئىيەتكە ئائىت جىمى نېمىنى كۆزدىن يوقۇتۇشقا ئۇرۇنغان ئىدۇق. ھالى بۈگۈنكى كۈندە ۋاڭلارنىڭ ئوردا سارايلىرىنى مىليونلاپ سومما ئاجرىتىپ رېمونت قىلدۇرۇپ، تىرىك قالغان ۋاڭلارنى ئەزىزلەپ ئولتۇرۇپتىمىز، ئاپىرىن، ھۆكۈمىتىمىزگە ئاپىرىن!...» دەپ ئويلاپ قالدىم. توغرا، تارىخنى يوقۇتىۋەتكىلى بولمايدۇ، تارىخ ھامان تارىخ. سەن ئۇنى ئۆز ئىرادەڭ بويىچە قانچە ياسا، ئۆزگەرت، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى بويىقى بىلەن ئۆڭمەي قېلىۋېرىدۇ. بىر چاغلاردا سەلتەنەت سۈرۈپ، بۇ يۇرتلارنى دىر – دىر تىترەتكەن، ئاددىي پۇقرا تۈگۈل، خېلى – خېلى مەن - مەن دېگەنلەر ئالدىراپ ئاياق باسالمايدىغان مۇنۇ ئوردا ھويلىسى، ئايۋان سارايلاردا بەخۈدۈك ئايلانماقتىمەن. ئالدى  - ئارقا ھويلىنى چۆرگىلىمەكتىمەن. ھەتتا ۋاڭ ئولتۇرغان كىرىسلودا ئولتۇرۇپ، راستەكلا كۆرۈنىدىغان قايسى بىر ۋاڭنىڭ ئايالى، بالىلىرى بىلەن بىرگە غىزالىنىۋاتقان تەقلىدىي ھەيكەللىرى قاتارىدا ئولتۇرۇپ خاتىرە سۈرەتكىمۇ چۈشتۇم. «گەرچە بۇ قىلىقىم ئىلمىي بولمىسىمۇ»، بىر زامانلاردا ئوردا قاراۋۇللىرىنىڭ سۈرلۈك ھەيۋىسى، ئوردا مۇلازىملىرىنىڭ، دېدەكلىرىنىڭ شىپىرلاپ مېڭىشلىرى قەلەمدار، ئەلەمدار ئەمەلدارلارنىڭ ئوردا كېڭەشلىرى ئۈچۈن چەپراس بولۇپ، تۇرۇشلىرىدا ئاۋات، قايناق بۇ ئوردا مانا ئەمدى تىپتىنچ، تىمتاس سەيلىگاھقا ئايلانغانىدى. ۋاڭ ئوردىسىدىن ئۇزاپ، كۇچا بازىرىنىڭ قەدىمىي كوچىلىرىدىن بىرىگە جايلاشقان «كۇچا خانىقا چوڭ مەسچىتى»غا يۈرۈپ كەتتۇق. بۇ مەسچىت 1550 – يىلى سېلىنغان بولۇپ، پۈتۈنلەي توغراق ياغىچىدا ياسالغان، بىرلا ۋاقىتتا ئون مىڭ ئادەم ناماز ئوقۇيالايدىكەن. بىز «كۇچا خانىقا چوڭ مەسچىتى»دىن چىقىپ، كۇچا بازىرىدىن  25 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان «سۇ باشى» خارابىلىكىگە قاراپ جۆنىدۇق. خارابىلىك تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتەكلىرىدە بولۇپ، ئالدىمىزدا تەڭرى تېغى بەھەيۋەت قامىتى بىلەن بىزگە مەغرۇر قاراپ تۇراتتى. بۇ ئانچە چوڭ بولمىغان خارابىلىك بولۇپ، قېلىن، قىزغۇچ تاغ قالدۇقلىرىدىن تەركىپ تاپقان جاي ئىكەن. بۇ جاي «سۇ باشى» يەنى «سۇ بېشى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 1650 يىللار ئىلگىرى كومراجىۋا راھىپلارنى تەربىيىلىگەن ساڭرام ئىكەن. خارابە ئۆرۈلگەن ئەسكى تام قالدۇقلىرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، تولىمۇ كونا غېرىپ كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ بىھەيۋىتىنى سالاپىتىنى ۋە مەغرۇرلىقىنى ھېلىھەم يوقاتمىغان ئىدى. مەن بۇ پۇچۇق تاملارغا قاراپ ئەينى زاماندىكى شانۇ – شەۋكەتنى كۆرگەندەك تۇيغۇغا كەلدىم. ئەنە كومراجىۋا ساڭرامدىكى نىلۇپەر گۈللۈك نۇرلۇق تەختتە سالماق ئولتۇرۇپ، تەپسىر ئېيتماقتا. نەچچە مىڭ راھىپ ئۇنىڭ سۆزىنى تىمتاس ئاڭلىماقتا، نوملارنى يادلىماقتا. مۇنۇ تاشلىق جىلغا، ئېدىرلارنى ئەينى چاغدا كومراجىۋا ئۆز كۆزىدە كۆرگەن، ئەمدى مەنمۇ كۆرىۋاتىمەن. ئۇمۇ ئۇيغۇر، مەنمۇ ئۇيغۇر، بىراق دىنىي ئېتىقادىمىز ئوخشىمايدۇ. ئەمما دىلىمىز، تىلىمىز، تۇرقىمىز، قېنىمىز ئوخشاش. بۈگۈنكىچە ئۇيغۇر شامان، زەردۇشت، بۇددا، مانى، ئىسلام دىنلىرىغا ئېتىقات قىلىپ كەلدى. يېزىقنىمۇ يەتتە قېتىم ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى. دۇنيادا مۇنداق دىنىي ئېتىقادىنى، يېزىقىنى كۆپ ئۆزگەرتكەن مىللەت يوقتۇر دەيمەن. خوش قال «سۇ باشى» قەدىمىي ساراي خارابىلىكى!

     ئەمدىكى كۆرۈدىغان يېرىمىز « كۇچار ناھىيىلىك ئېكىلوگىيە باغچىسى » ئىدى. ئەينەك ئۆگزىلىك ساراي شەكىلدىكى بۇ باغچىغا كىرىپ، باشقا بىر ئالەمگە كېلىپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم. بۇ يەردە تالادىكى ھۆپۈلدەپ تۇرغان ئىسسىقتىن ئەسەر يوق. ھاۋا تەڭشىگۈچلەردىن كېلىۋاتقان تاغ شامىلىدەك سالقىن ھاۋا، فونتاندىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان زىلال سۇلار، ئىسسىق بەلباغقا مەنسۇپ ئۆسۈملۈك، گۈل – گىياھلار ئەپچىل جايلاشتۇرۇلغان ياسىداق شىرەلەر... ئەيتاۋۇر ھەممە نەرسە ماڭا يېڭى، ئۆزگىچە، گۈزەل تۇيۇلاتتى. مەن باغچىنى ئارىلاۋېتىپ خۇددى چۆچەكلەردىكى باغۇ – ئېرەمگە كىرىپ قالغاندەك سېزىمگە كېلىپ قالدىم. بانانزارلىققا بارغاندا « كاۋچۇك ياكى يالتىراقتىن تەقلىدىي ياسالغانمۇ؟» دەپ، تېخى چېچەكلىرى تولۇق چۈشۈپ بولمىغان غۇجمەك بانانلارنى سىلاپ باقتىم. شاۋكەت رۇستەم، ئەسئەت ئابدۇرىشىت ئۈچىمىز قىزىقچىلىق قىلىپ كەڭ، ئۇزۇن، خۇددى كۈنلۈكتەك بانان يوپۇرمىقى ئاستىدا ئۇزۇنىسىغا تىزىلىپ سۈرەتكە چۈشۈۋالدۇق. بۇ سۈرەتنى تورغا يوللاپتىكەن، كىمدۇر بىرى: « ھەي، شاۋكەت رۇستەم، مۇشۇ كۈنلەردە سۈرەتكە چۈشۈشمۇ تەس. باشقىلار دېكراتسىيەدەك ئارقاڭدا تۇرۇۋالغان» دەپ يۇمۇرلۇق ئىنكاس يېزىپ قويۇپتۇ. ئىشقىلىپ، جەنۇبىي جۇڭگۇنىڭ مەنزىرىسى كىچىكلىتىلگەن بۇ كۆرۈنۈش مەندە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلار قالدۇردى، كۇچارغا كېلىپ جەنۇبىي جۇڭگۇغا بارغاندەك بولۇپ قالدىم.



_داۋامى بار


mukam.cn

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1544
تۆھپە : 160
توردا: 669
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 02:54:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاقسۇغا سەپەر



     كۇچار – ئاقسۇ يولى ياسىلىۋاتقاچقا، شاھيار يولى بىلەن ئارال شەھىرىنى ئايلىنىپ ئاقسۇ شەھىرىگە بارماقچى بولدۇق. يولىمىزدا تارىم دەرياسىدىن ئۆتىدىغىنىمىزنى ئاڭلاپ ئىچىمدە مەمنۇن بولدۇم. چۈنكى، تارىم دەرياسى دەپ كۆپ ئاڭلىغان، كېنۇلاردىن كۆرگەن بولساممۇ، ئەمما ئۆز كۈچۈم بىلەن كۆرۈشكە نېسىپ بولمىغان ئىدى. ھەيھات، ئاخىرى تارىم دەرياسىنى كۆردۈم. غەربتىن شەر*ققە لايقىپ ئېقىۋاتقان تىنچ سۇ كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى. دەرياغا سېلىنغان بېتۇن كۆۋرۈك يېنىدىكى ئۆتەڭگە چۈشۈپ ئارام ئالماقچى بولدۇق. دەريا بويىدىكى توغراقلىققا بورا، يېكەنلەر بىلەن يېپىلغان ئاددىغىنە ساتما سۈپەت لەمپىلەر سېلىنغان ئىكەن. شۇلارنىڭ بىرىدە تاۋۇز، قوغۇنلارنى پىچتۇق. دولقۇن تۇرغۇن توقسۇدىكى تۇغقانلىرى راسلاپ بەرگەن قارا توخۇنىڭ گۆشلىرىنى شىرەگە تىزىۋەتتى. تۇنجى قېتىم توغراقنى ئەڭ يېقىن ئارىلىقتىن كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، لەمپە ئالدىدىكى قېرى توغراقنى مېھرىم بىلەن قۇچاقلاپ كۆردۈم. ئۇ – ئەسىرلەرنىڭ شاھىدى؛ ئۇ – تالاي بوران – چاپقۇنلاردا قەددىنى تىك تۇتۇپ كېلىۋاتقان قەيسەر جەڭچى! تارىخنىڭ، كۈلكە ۋە كۆز يېشىنىڭ تىرىك شاھىدى. ئۇ بىر تىرىك تارىخ ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇنى قۇچاقلىغۇم كەلدى. قۇچاقلىدىم، روھىم لەرزىگە كەلدى. روھ قۇشۇم ئۇزاق زامانلار ئارىسىدا پەرۋاز قىلماقتا، قانلىرىم تومۇردا دولقۇن ئاتماقتا ئىدى!

    ئاقسۇ سەپىرىمىزگە ئاقسۇدىن كۇچارغا خىزمەت بىلەن كەلگەن « ئاقسۇ گېزىتى »نىڭ تەرجىمانى باتۇر رەھمىتۇللا كۇچاردا بىز بىلەن بىللە بولۇپ، كۇچاردىكى خىزمىتىنى تاشلاپ قويۇپ، بىز بىلەن ئاقسۇغا قايتتى. ئەيبۇ ياقۇپ ماشىنىدا، ياتاق ۋە ئۆتەڭدە، ئىشقىلىپ پۇرسەت تاپسىلا ئېلىۋالغان خاتىرە كومپيۇتېرىنى ئېچىپ « شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى »نىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇراتتى. « شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى » ئۇنىڭ ئەجىر قىلىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، باش مۇھەررىرلىكىنى ئۆزى ئىشلەيتتى. زىممىسىدە مەسئۇلىيەت بولغاچقا پات – پات تورغا چىقمىسا بولمايتتى. ئۇ بۇ يەردىمۇ تورنى ئاچتى. بىر قانچەيلەن كومپيۇتېر ئالدىغا ئولاشتۇق.

- ۋاي – ۋۇي، تور قىزىپ كېتىپتۇ، - دېدى ئەيبۇ ياقۇپ كۈلۈپ تۇرۇپ، - جەنۇب سەپىرىمىز قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قاپتۇ.

- ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ – دە، - دېدى كىمدۇر بىرى، - تۇنجى قېتىملىق ئىش تۇرسا!

     تورداش، قەلەمكەشلەرنىڭ ئوتلۇق سالام، ئىزگۈ تىلەكلىرى تورنى بىر قاپلاپتۇ. رىسالەت دېگەن بىر تورداش: « چەرچەنگە كەلسەڭلار، 50 كېلومېتىر ئالدىڭلارغا چىقىپ كۈتۈۋالىمەن » دېسە، كۆكتۇغ دېگەن تورداش: « مەرھابا قېرىنداشلار! جەنۇب سىلەرنى ئوتتەك يالقۇنلۇق مۇھەببىتى، سەمىمىي، ئاقكۆڭۈل، مېھماندوست خىسلىتى بىلەن قارشى ئالىدۇ! » دەپ، سەمىمىي تىلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ. ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرە بىر كوبلىت شېئىر بىلەن كۆڭلىنى بىلدۈرۈپتۇ. شېئىر مۇنداق مىسرالاردىن پۈتۈلۈپتۇ.



قۇياش بار، توپا بار، ئۇيغۇر بار، ئەل بار،

جەنۇبتا، شىمالدا يەنە شەر*قتە.

جەنۇبقا يول ئالغان ئەي بۈيۈك كارۋان،

سالام دە جەنۇبقا ئوتلۇق يۈرەكتە!



     ئۆزھال بولسا كۆڭۈل بايانلىرىدىن مۇنداق ئۈنچىلەرنى تىزىپتۇ: « ئېسىل سەپەر بولۇپتۇ. ئۇلارغا زىيادە يۈكنى ئارتىپ قويۇش ياخشى ئەمەس، نەچچە كۈنلۈك سەپەردە تۇرمۇش ئۆگىنىپ، رومان ياكى ماقالە يازغىلى بولمايدۇ. دېھقانلارنى يازىدىغان، ئۆزگىچە تېمىلارنى قازىدىغان ھەممە يەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يازغۇچىلىرى بار. بۇ قېتىم سەپەرگە چىققان يازغۇچىلارنى ھە دىسە تاماق يىمەي، ئارام ئالماي، دېھقانلار بىلەن سىردىشىپ كاتتا ئەسەر يېزىڭلار، دېسەك ئۇلارنى قىيناپ قويىمىز. سەپەرگە چىققان بارلىق ئەزىزلەر بۇ بىر قېتىملىق كەلگەن پۇرسەتتە يۇرت كۆرۈڭلار! يەرلىكتىكى يازغۇچىلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشى باغلاڭلار! يازغۇچى دېگەن ھەريەرنىڭ ئەينىكى، كۆزى ۋىجدانى. ئۇلار بىلەن سۆھبەتتە بولۇش ياخشى ئىش. بەزىلىرىمىز خۇددىي تېمىلار بېسىلىپ قېلىپ، يازغۇدەك ئادەم يوق سىلەرنى تەكلىپ قىلغاندەك تۇيغۇدا بولۇۋاتىدۇ. ئۇنداق قىلساق سىلەرنى راستلا قىيناپ قويىمىز. » بۇ سۆز بىر تورداشنىڭ « كەچكىچە سورۇنلاردا يىمەي – ئىچمەي كۆپرەك ئۆگىنىپ بىر نەرسە يېزىڭلار » دېگەن ئىنكاسىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس بولۇپ، مەنچە ھەر ئىككى پىكىرنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق توغرا يەرلىرى بار ئىدى.

    ئارال شەھىرىگە كەلگىنىمىزدە تارىم دەرياسىدىن ئىككىنجى قېتىم ئۆتتۇق. كەچ كىرگەندە ئاقسۇ شەھىرىگە كەلدۇق. ئابلىز ئوسمان قاتارلىق ئەدىبلەر بىزنى « شياڭگاڭ بازىرى » دەپ ئاتىلىدىغان دوقمۇشتىكى كەچلىك بازارغا ئېلىپ باردى. ئاقسۇ شەھىرى يېشىللىق ئىچىدە  مەرۋايىتتەك چاقناپ تۇراتتى.

    ئەتىسى سەھەردىلا ئورنىمىزدىن تۇرۇپ كەتتۇق. سائەت ئالتىدە ئاخشامقى ۋەدىمىز بويىچە ھەممىمىز يىغىلىشىپ، ل . مۇتەللىپنىڭ قەبرىسىنى يوقلاشقا ئاتلاندۇق. قەبرىستانلىق شەھەر ئىچىدە بولۇپ « قارا ساقال ئاتام مازىرى » دەپ ئاتىلىدىكەن. سەھەردىكى جىمجىت مازارلىق مەڭگۈلۈك ئۇيقۇنىڭ ئەللەيلىشىدە شېرىن ئۇيقىدا، ئەمما تىرىكلەر ئۆلۈكلەر بىلەن يەر تالىشىپ ئۇلارنىڭ تاتلىق ئۇيقۇسىنى بۇزماقچى. بارا – بارا قىستاپ كېلىۋاتقان بىنالار، يوللار ئۆلۈك جانلارغا بولغان قورقۇنچلۇق تەھدىت! ئەنە شۇ جايدا ئوت يۈرەك شائىرىمىز جاھان غەۋغالىرىدىن مۇستەسنا ياتماقتا. دەرۋازىدىن كىرىشىمىزگە ئېزىز ئەيسانى كۆردۇق. ئۇ بىزدىن بۇرۇن كېلىپ يولىمىزغا قاراپ تۇرۇپتىكەن. يىراقتىنلا شائىرنىڭ ئاپئاق ئاقارتىلغان قەبرە گۈمبىزىنى كۆردۇق. مۇڭلۇق قىرائەت يۈرەكلەرنى ئېزەتتى، ھاياجاندا تىترەۋاتقان تەنلەر شامدەك ئېرىپ ئاقاتتى، جاھالەتلىك زامان قۇربانىغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇلىرى قانلاردا كۆۋەجەيتتى، شائېرنىڭ ئەرك ئۈچۈن توۋلىغان ساداسى قۇلىقىم تۈۋىدە جاراڭلايتتى، ئۇنىڭ قاملاشقان سىماسى كۆڭۈل ئىكرانىمىزدا نامايەن بولۇپ، « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى » دېگەن خىتابلىرى قايتا ئاڭلانغاندەك بولاتتى. شائېرنىڭ ماڭا بەش قولدەك تونۇش مۇنۇ مىسرالىرى، قەبرە گۈمبىزىنىڭ بىر يېنىدا جۇلالىنىپ تۇراتتى.



سۆيگۈ دېڭىزى چوڭقۇرلىقىدا مەن قاينام تۇرسام،

ئۇسسۇزلىقىم قانداق قانسۇن ئىچىپ كىچىك كۆلچەكلەرنى.



    ئەي... دۇنيا، ئۆمۈردىن ئۈمىدلىرى ئۇزۇن دۇنيا! قىسمەتلىرىڭدىن ئۆرگىلەي، يۈز مىڭ ئۆرگىلەي!

    قىرائەت تۈگەپ بەس – بەستە سۈرەتكە چۈشتۇق. كۆڭلى يۇمشاق ئابدۇخېلىل مىرخېلىل ئۆزىنى تۇتالماي ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى. شۇ تاپتا مەنمۇ يېرىلاي دەپ قالغان ئېدىم. ئۆزۈمنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردىم:

- يىغلىما، ئەگەر تارىختىكى قۇربانلارغا يىغلاش توغرا كەلسە كۆز يېشى يەتمەيدۇ!

- دېڭىز بولسىمۇ قۇرۇپ تۈگەيتتى، - دېدى كىمدۇر بىرى.

     ئېغىر قەدەملەر بىلەن « قارا ساقال ئاتام مازىرى »دىن ئايرىلدۇق.

خىزمەت ۋاقتى بىلەن « ئاقسۇ ئەدىبىياتى » ژورنىلىنىڭ يىغىن زالىدا، بۇ ئەزىز تۇپراقنىڭ بىر قىسىم يازغۇچى، شائىر، تەرجىمانلىرىدىن ئېزىز ساۋۇت، ئابباس مۇنىياز، ئابلىز ئوسمان، سو دېشىڭ، زاھىر ئابدۇراھمان، گۈلئايىم ئەزىز، ئىزىز ئەيسا قاتارلىق بىر مۇنچە چوغ يۈرەكلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، سۆھبەتتە بولدۇق. ئاندىن پىلان بويىچە يول يۈرۈپ، ئاۋال دولان دەرياسى ( بۇرۇنقى ئاقسۇ دەرياسى ) بويىدىكى كەڭ كەتكەن مەيدانغا قاتۇرۇلغان خاراباتى ھەيكىلىنىڭ ئالدىغا باردۇق. ( بۇ جايدا باشقا ھەيكەللەرمۇ بار ئىكەن ) نۇرغۇن مەبلەغ سېلىنغان، 91 كېلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دولان دەرياسىنىڭ شەھەر ئىچىدىكى ئېقىنىنىڭ ئىككى قىرغىقى بېتىندا قاتۇرۇلۇپ، تاش پەلەمپەيلەر ئېلىنىپ، كۆۋرۈكلەر يېڭىدىن سېلىنىپ، ئېقىن ئىچىگە مەنزىرە چىراغلىرىنىڭ خادىلىرى ئورنىتىلىپ تولىمۇ كۆركەم تۈسكە كىرگۈزۈلۈپتۇ. خاراباتى ھەيكىلى بولسا، مۇشۇ دەريا بويىدا قولىدا كىتاپ تۇتقان، يىراقلارغا بۈركۈت كۆزىنى قادىغان ھالدا تۇراتتى. تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم: « غۇلجا شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا ئۆركەشلەپ ئاقىدىغان بىر ئەزىم دەريا بار، ‹ ئىلى دەرياسى › دېسە بىلمەيدىغىنى يوق. شۇ دەريانىمۇ تىزگىنلەپ مۇنۇ دولان دەرياسىدەك ياسىۋەتسە قانداق ياخشى بولاتتى – ھە؟ ئۇ چاغدا غۇلجىنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشۇلۇپ كەتمەسمىدى؟ »

    ئاقسۇ مۇزىيىنى ئۇنتۇيالمايمەن. يېتەكچى قىزنىڭ ‹ شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ مۇزىي › دېگىنى راستكەن. ئىككى قەۋەتلىك سېلىنغان ھەيۋەتلىك مۇزىي تارىخنىڭ تىلسىملىرىنى بىزگە سۆزلەپ تۇراتتى. قەدىمىي يادىكارلىقلار، قەدىمىي خارابىلىقلارنىڭ سۈرەتلىرى بىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بولۇپمۇ ئىككىنجى قەۋەتكە جايلاشتۇرۇلغان « دولان مەشرىپى سارىيى » ئېيتقۇسىز ھوزۇر بېغىشلىدى. نېپىز، ئۈچ قاتلاملىق ئىكران ئارقىلىق تەسۋىر لايىھىلىنىپ « دولان مەشرىپى »نى گويا تىرىك ئادەملەر ئويناۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدىغان ھازىرقى زاماننىڭ پەن تېخنىكىسى ئەقىلنى لال قىلدى.



شىڭگىل شىنا:

دولان مەشرەپ – مۇقاملىرى

دولان مەشرەپ – مۇقاملىرى – قەدىمقى تارىم مەدىنىيىتىنى ياراتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر بۆلىكى بولغان دولان خەلقىنىڭ مەدىنىي ھاياتىنىڭ ئۆچمەس تارىخىي يادنامىسى. ئۇنىڭ مۇڭلۇق ناخشا – كۈي ۋە ئۇسسۇللىرى – سېھىرلىك تىلسىملارنى يوشۇرۇپ ياتقان تەكلىماكان باياۋانلىرىدا ھاياتلىق تەھدىتلىرىگە قارشى ئېلىشىپ ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئارزۇ – ئىستەكلىرى، شادلىق – قايغۇسى، ۋىسال ھەم جۇدالىق سەرگۈزەشتىلىرىنىڭ ئىنكاسىدۇر. ئۇ، نەغمىسىنىڭ قەدىمىيلىكى، بىر قەدەر ئىپتىدائىيلىقى، يىزا، يايلاق تۇرمۇش پەرقىنىڭ كۈچلۈكلىكى، ئۇسسۇللىرىنىڭ سالماقلىقى، مىللىي ئۇسلۇبىنىڭ قويۇقلىقىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن قەدىمقىي ئۇيغۇر ناخشا – ئۇسسۇل، مۇزىكا سەنئىتىنىڭ مەنبەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ھەمدە « ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى »نىڭ ئىپتىدائىي مەنبەلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە دولان خەلقىنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈش دەۋرلەردىن بۇيانقى مەدىنىيەت – سەنئەت چۈشەنچىسىنى، گۈزەللىك تۇيغۇسىنى، ھاياتلىق ئېڭىنى، پىسخىك خاراكتىر قاتلاملىرىنى، جۈملىدىن مەنتىقىي پىكىر تەرەققىياتىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان ئۆزگىچە تەپەككۇر جەۋھىرىنىڭ بۇلىقى، ئۇيغۇر مەدىنىيەت – سەنئىتى خەزىنىسىدىكى قىممەتلىك مىراسلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

« قەشقەر » مەجمۇئەسىنىڭ « ئۇيغۇر دولان مەدىنىيىتى » دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.



    تەسۋىرىي كۆرۈنۈشلۈك دولان مەشرىپى ئوينالماقتا. يېتەكچى قىزنىڭ يېقىملىق ئاۋازدىكى چۈشەندۈرۈشلىرى داۋام ئەتمەكتە.

- بۇ ئۇسسۇللارنىڭ مەزمۇنى، - دەيتتى ئۇ، - قەدىمقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق تۇرمۇشىنى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. يەنى مەھەللىدىكى كىشىلەر ئوۋغا ئاتلىنىش ئالدىدا ئاياللار، بالىلار، قېرىلار ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويىدۇ، شىرمەت ئوۋچىلار يىراق جاڭگاللارغا يول ئېلىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، مول ئوۋ غەنىمەتلىرىگە ئېرىشىدۇ، ئاخىرىدا يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، مەھەللىدە قالغانلار بىلەن قىزغىن تەنتەنە قىلىشىپ مەشرەپ تۈزىدۇ.

    توغرا، دولان مەشرىپىنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ،جۈملىدىن ھېيت – بايرام مەشرەپلىرى، توي – تۆكۈن مەشرەپلىرى، كۈتۈۋېلىش مەشرىپى، قاتار مەشرەپ، تەكلىپ مەشرىپى، بولالىق ( جازا ) مەشرىپى، دەردمەنلەر مەشرىپى، ئاداۋەتنى يۇيۇش مەشرىپى، چاقپەلەك مەشرىپى، قارلىق مەشرىپى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدىكەن.

     ئەنە شۇ جاھانغا مەشھۇر دولان مەشرىپى كۆز ئالدىمدا زاھىر بولماقتا. قاراڭغۇ ئۆيدە چىراق بىردىنلا يورىغاندا، ئاندىن مەشرەپنىڭ تۈگىگەنلىكىنى بىلدىم. مۇزىي يېتەكچىسى تاجىنىسا قىزغا رەھمەتلەر ئېيتىپ، تارىخ قىسسىسىنى ئەينەن سۆزلەپ بەرگۈچى بۇ كاتتا مەكتەپتىن ھاياجانلىق ھېسسىياتلىرىمىز بىلەن ئايرىلدۇق.

    كەچلىك تاماق « ئاستانە » رېستۇرانىدا بولدى. ئويلاپ باقسام ئېسىمدە ئەڭ قالغىنى مۇتەللىپ ئىسكەندەر فارابىنىڭ گىتار ۋە دۇتتاردا ئورۇنلىغان ئىجادىي كۈيلىرى ۋە 80- يىللاردا مودا بولغان گىتار پەدىلىرى ئىكەن. نېمىدىگەن تارتىملىق ناخشىلار، ئاڭلىسا – ئاڭلىسا زېرىكمەيدىغان ناخشىلار. ئەشۇ ئاقسۇ كېچىسى مۇڭلۇق كۈيلەر ئەۋجىدە ئۇنتۇلغۇسىز بىر كېچە بولدى.

     ئەدىبلەر كارۋىنى ئاقسۇغا خوش ئېيتىپ، ئەزىزانە قەشقەرگە گىرىمسەن، قايناق تۇيغۇلاردا مەنزىل ئەتمەكتە. ئۈچ ئاچال ( سەنساكو ) شېكەركۆل بىزگە خۇشچىراي بىلەن باقماقتا.

- ئۈچ ئاچال دەپ داڭقىنى خېلىدىن بېرى ئاڭلاپ، تازا چوڭ بىر بازار چېغى دەپ ئويلاپتىكەنمەن، كىچىكلا بىر ئۆتەڭكەنغۇ، - دېدىم كۈلۈپ تۇرۇپ سەپەرداشلىرىمغا.

- مۇھىم ئۆتەڭ بۇ، - دېدى بىرەيلەن، - قەشقەر، مارالبېشى، ئۈچتۇرپانلارغا مۇشۇ جايدىن ئايرىلىدۇ.

- شېكەركۆل دېگەن نام قانداق قويۇلۇپ قالغاندۇ؟

- بەلكىم شىكار كۆل بولسا كېرەك، - دېدى ئەكرەم ئابدۇمىجىت، - بۇرۇن خانلار، ئاۋام مۇشۇ كۆل بويىدا شىكار قىلغان بولۇشى مۈمكىن.

- ياق، - دېدى شەۋكەت رۇستەم، - ‹ سۈيى شىكەردەك تاتلىق › دېگەن مەنىدە بولسا كېرەك. يىراق چۆللەرنى بېسىپ بۇ يەرگە كېلىپ ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇرغان كارۋانلار ‹ پاھ، نېمىدىگەن تاتلىق سۇ بۇ؟! › دەپ مۇشۇ ئىسىمنى قويغان بولۇشى مۈمكىن.

ھەر كىم ئۆز پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. قەشقەر مەجمۇئەسىدە شېكەركۆلگە مۇنداق تەبىر بېرىلگەن ئىدى.



شىڭگىل شىنا:

شېكەركۆل



شىكەركۆل پەيزىۋات ناھىيىسىدكى يەر نامى. « شىكەركۆل سۇ ئامبىرى » تارىختىن بۇيان « ئاچچىق كۆل » دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. بۇ تاغ باغرىدىكى ئۈرۈمچى – قەشقەر تاشيولى بويىغا جايلاشقان كەنت نامى. « ئاچچىق كۆل »نىڭ غەرب تەرىپىدە توڭگۇزلۇق، تەتۈر ئېقىن، ئوشۇر باينىڭ قۇمى دەيدىغان جايلار بار. كۆلنىڭ شەر*قىدە جىڭبو كۆل، نىل كۆل، بىگاجىمنىڭ كۆلى دەيدىغان تەبىئىي كۆللەر بار. بۇ كۆللەر تاغ تاشقىنى، دەريا كەلكۈنى كەلگەن چاغلاردا قاچقان – بۈككەن سۇلار بىلەن تولۇپ تۇراتتى، « ئاچچىق كۆل »نىڭ ئورنى ھازىرقى سۇ ئامبىرىنىڭ مەركىزىدە.

ئازادلىقتىن كېيىن، بۇرۇنقى دەريا سۈيىنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتقانلىقى كۈندىن – كۈنگە روشەن كۆرۈنۈشكە باشلىدى، بولۇپمۇ غولتوغراق، ئۆردەكلىك يېزىلىرىدا يەر بايلىقلىرى مول، نوپۇس ئاز، سۇ قىس بولۇپ، پۈتۈن ناھىيىنىڭ ۋەزىيىتىگە زور تەسىر يەتكەنىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئىككى يېزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بىر قانچە دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىلگەن بولدى. ئەگەر بۇ يەرگە مەيدان قۇرۇلسا، مەخسۇس « سۇ ئامبىرى » بولمىسا تېخىمۇ بولمايتتى. شۇ سەۋەبتىن ۋىلايەت، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىكى مۇزاكىرە قىلىپ، « ئاچچىق كۆل » ئەتراپىغا بىر سۇ ئامبىرى قۇرۇشنى قارار قىلدى. 1958- يىلى 3- ئاينىڭ 17- كۈنى كۆل قۇرۇلىشىغا ئىش باشلايدىغان تۇنجى ئالدىن يۈرەر قوشۇن بۇ يەرگە يېتىپ كەلدى. شۇ يىلى 9- ئاي ئاخىرىدا كۆل قۇرۇلۇشى غەلىبىلىك تاماملاندى. دۆلەت بايرىمى كۈنى ( 10- ئاينىڭ 1- كۈنى ) كۆلگە سۇ باشلاش مۇراسىمى بولدى. مۇراسىمغا شۇ چاغدىكى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ باش شۇجىسى ۋاڭ ئېنماۋ، ئاپتۇنۇم رايۇن رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزىلەر كەلگەن. « سۇ ئامبىرى »غا نام بېرىشتە سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بۇرۇنقى نامىنىڭ تەتۈرىسىنى قوللىنىپ « شېكەركۆل » دەپ نام بېرىلگەن.

قەشقەر مەجمۇئەسىنىڭ قەشقەر يار ناملىرى بۆلىكى 214- بەت



مانا بۇ يۈرەكلىرىم تەلپۈنگەن قەشقەر



    قەشقەردىكى « سەمەن » مېھمانخانىسىغا چۈشۈپ ئۇيغۇر مىمارچىلىقىنىڭ سەمەرىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم.ئۇ يەردە بىزنى «قەشقەر گېزىتى» ۋە «قەشقەر»ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابلىكىم تالىپ، مەمتىمىن ئوبۇل، ئەنىۋەر ئىبراھىم ۋە دىلداش دوستىمىز ئابدۇرېھىم غازى قاتارلىقلار ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. بىز بۇ قەدىمىي دىيارغا ئەسىر ۋاقتىدا يېتىپ كېلىپ بۆلەكچىلا جانلىنىپ كەتتۇق. « توققۇز ساراي سەيلىگاھى »دا، بىز نام – شەرىپىنى بىلىدىغان، كۆپىنچىسى بىلەن دىدارلىشىش مۇشۇ كەمگىچە نىسىپ بولمىغان سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز بىلەن دىدار – مۇلاقەتتە بولۇپ، بەختىيارلىق دېڭىزىغا چۆمدۇق. ھاجى مىرزاھىد كېرىمى، تاھىر تالىپ، ئابلەت ئىسمايىل، كېرىمجان ئابدۇرېھىم، ئەخمەتجان خۇما، ئابدۇرېھىم غازى،نۇرمۇھەممەد، يەنە مەن ئىسمىنى ئېسىمگە ئالالمىغان يېتۈك قەلەم ئېگىلىرى بىلەن ئەسرالاشتۇق. ئازادە ئايرىمخانا، مول نېمەتلىك دەستىرخان، خىزىر سۈپەت ئىللىق چىرايلار بىزگە تەبەسسۇم قىلماقتا. ئۆز – ئارا تونۇشتۇرۇشلاردىن سوڭرە، ئەيبۇ ياقۇپ شائىر ئابدۇخېلىل مىرخېلىلنى ئىككى كەلىمە سۆزگە تەكلىپ قىلدى. ئۇ بىزگە ۋاكالىتەن يۈرىكىمىزدىكى سۆزلەرنى ئۆزىنىڭ پاساھەتلىك نۇتقىغا مۇنداق يىغىنچاقلىدى.

    - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزانە قەشقەر! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەشقەردىكى ئەقلى ئويغاق، ئىمانى ئەركەك، تاغيۈرەك قەلەم ساھىبلىرى، سىلەرگە گۈلىستان شەھەر غۇلجىدىن ئوتلۇق سالام! مەن بۈگۈن ئۇزۇندىن بېرى بىر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان، « تۈ*ركىي تىللار دىۋانى »، « قۇتادغۇبىلىك »تەك شاھانە ئەسەرلەرنى ياراتقان، دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئىگە ئالىملىرىمىزنى ئاپىرىدە قىلغان، جاھالەت كۆكسىگە خەنجەر ئۇرغان ئابدۇقادىر داموللامدەك ۋەتەنپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر، يېڭىلىقپەرۋەر، تىلى دەريا، كۆڭلى بەرنا زادلارنى يېتىشتۈرگەن، نۇزۇگۇمدەك قەيسەر، ۋىجدانلىق، ئىپپەتلىك قىزلارنى تۇغقان، ھايات قەدىمىي تۈمەن دەرياسىدەك شاۋقۇنلاپ تۇرىدىغان بۇ ماكانغا قەدەم بېسىپ تۇرۇپتىمەن. مەن ئىلگىرى قەشقەرنى چۈشۈمدىلا كۆرەتتىم، خىيالىمدا تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. مانا بۈگۈن چۈشۈمدىكى، خىيالىمدىكى قەشقەرنى كۆردۈم. قەشقەرگە كۆز تەگمىسۇن! ھاجى مىرزاھىد كېرىمى، تاھىر تالىپ، ئابلەت ئىسمائىل ئاكىلاردەك ھەزرەتلىرىمىزنى كۆرۈپ بېشىم كۆككە يەتتى. قەشقەردىكى كۆرگەن، كۆرمىگەن ئەزىزلىرىمىزنىڭ تېنى سالامەت، ئۇتۇقلىرى زىيادە بولسۇن!



جەنۇب



ئابدۇخېلىل مىرخېلىل



باغرىڭغا بىر پارچە ئوت بولۇپ كىردىم،

مېھرى ئوت، چېھرى ئوت، قەلبى ئوت جەنۇب.

يۈرىكىم ئايلاندى قايناق قازانغا،

تېغى ئوت، بېغى ئوت، خەلقى ئوت جەنۇب.



    مېۋە – چېۋە، تائاملاردىن تېتىغاچ قايناق پاراڭلاردا مەستخۇش بولدۇق. پەرھات جامال ئورنىدىن مۇلايىمغىنە تۇرۇپ، كۆڭۈل گەپلىرى داۋامىدا بىر شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى:



بىر دەقىقە يۇمساڭ كۆزۈڭنى،

كۆرەلمەيسەن

ئالدىڭدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن بىر قۇشنى.

بىر دەقىقە ئاچساڭ كۆزۈڭنى،

كۆرىسەن

چاراقلاپ تۇرغان كۈرمىڭ يۇلتۇزنى!



     چاۋاك سادالىرى ئاياقلاشماي تۇرۇپلا ئەكرەم ئابدۇمىجىت ئورنىدىن تۇردى:

- مەن جەنۇبقا مېڭىش ئالدىدا ھۆرمەتلىك شائىرىمىز مۇھەممەدجان راشىدن ئاكىنى يوقلاپ بارغان ئىدىم. مېنىڭ جەنۇبقا بارىدىغىنىمنى ئاڭلاپ، جەنۇبلۇق قېرىنداشلارغا سالام  يوللىدى. شۇڭا مەن مۇھەممەدجان راشىدىن ئاكىنىڭ « ئىشقىم » دېگەن شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرەي، - دەپ، تولىمۇ چىرايلىق بىر شېئىر ئوقىدى. ئالقىشلار ئۆي ئىچىنى لەرزىگە سالدى. تونۇلغان شائېر تاھىر تالىپ ئاكىنىڭ 1987- يىلى قارىمايدا ئېچىلغان رومان ئىجادىيەت يىغىنىدىكى كەچلىك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە نەق مەيداندا يازغان « مالال بولماڭ سىڭلىم » ناملىق شېئىرىنى ئوقۇشى سورۇن كەيپىياتىنى ئون گەز ئۆرلىتىۋەتتى. تاھىر تالىپ ئاكىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تانسا ئويناشنى بىلمەيدىكەن. شۇ قېتىملىق كېچىلىكتە ئۇز بىر قىز كېلىپ ئۇنى تانسىغا تارتقان ئىكەن، ئۆزرە قويۇپتۇ. قىز ئارقا – ئارقىدىن كېلىۋېرىپتۇ. شائىر قىزغا جاۋاب يۈزىسىدە بۇ شېئىرنى سەھنىگە چىقىپ ئوقۇپ، سورۇن ئەھلىنى تېلىقتۇرۇۋەتكەن ئىكەن.



مالال بولماڭ سىڭلىم



مالال بولماڭ ئوتيۈرەك سىڭلىم،

تانسا قىلماي بۇتتەك ئولتۇرساق.

خىيال سۈرۈپ، تاماكا تارتىپ،

چوڭ زاللارنى ئىسقا تولدۇرساق.



ئوتلۇق ئېدۇق بىر چاغدا،

مەيدىمىزدە چۆگۈن قاينايتتى.

ناخشا – سازنى ئاڭلىغان ھامان،

ۋۇجۇدىمىز ۋالىس ئوينايتتى.



ئاق چاچ قىلدى بىزنى كەچمىشلەر،

ئۇنتۇلدۇردى ئىبلىش ھەممىنى.

موماي بولۇپ قالاتتىڭىز سىز،

تېتىسىڭىز ئۇنىڭ تەمىنى.



قەرزى تولا يىللارنىڭ بىزدە،

سىزمۇ بىرنى تۈگىتىپ قويۇڭ.

مالال بولماي ئۇسسۇل – تانسىنى،

بىزگىمۇ سەل ئۆگىتىپ قويۇڭ.



ئۆگىنىپلا ئالساق بىز تېخى،

چوڭ زاللارنى باشقا كىيىمىز.

چۈنكى يۈرەك تەكتىدە ئوت بار،

خام ئەمەستۇر ئەسلا لېيىمىز.



     يازغۇچى ھاجى ئەھمەت كۆلتېگىن ئاكىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن كېلەلمىگەنلىكىنى ئاڭلاپ كۆڭلىمىز يېرىم بولدى. ۋاقىت زىچ بولغاچقا ئۇ زاتنى يوقلاپ بارالمىغانلىقىمىزدىن ئۆكۈنۈشتۇق.

     كۆڭۈللۈك دەملەر داۋام ئەتمەكتە. ئابدۇخېلىل مىرخېلىلنىڭ « غاز »، «زەينەپ ئاپا » دېگەن لەتىپىلىرىنى كۇچاردىن تارتىپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقان بولۇشىمىزغا قارىماي، يېڭى ئاڭلىغۇچىلار قاتارىدا تېلىقىپ – تېلىقىپ كۈلمەكتىمىز. شېئىر، ناخشا – ساز، لەتىپىلەر ئنسان روھىنىڭ مەنىۋىي ئوزۇقى؛ خۇشال مېنۇتلارنىڭ كۆركى، تاجى. يۈرەكلەر بۇنداق ھوزۇردىن نېمىشقىمۇ شادلانمىسۇن؟ قەھ – قەھ ئۇرۇپ كۈلمىسۇن؟!

     ئەتىسى، يەنى 8- ئېيۇن چۈشتىن بۇرۇن، دۇنياۋىي تىلشۇناس ئالىم، زامانىسىنىڭ ئۇستا نەيزىۋاز، شىرمەت لاچىنى مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىزنىڭ ئوپالدىكى قەبرىسىنى يوقلىدۇق. قاپتالسىمان دۆڭگە جايلاشقان مەھمۇد قەشقىرى مەقبەرىسى يېشىللىق ئىچىدە تىمتاس ئىدى. ھاي – ھاي تېرەك تۈۋىدە ئەسىرلەر مابەينىدە بۇلدۇقلاپ تۇرغان بۇلاق سۈيىنى قېنىپ – قېنىپ ئىچىشتۇق، يۈزلىرىمىزگە سۈرتتۇق. يازغۇچى زۆھرەگۈل ئابدۇۋاھىت بۇلاق سۈيىدىن خاتىرە قىلىپ ئېلىۋالدى. مەھمۇد قەشقىرى مەقبەرىسى ۋە ھاي – ھاي تېرەك ئاستىدا ياسىن قارىي دېگەن شەيخ خەتمە قۇرئان قىلىپ بەردى. قىرائەتنىڭ مۇڭىدا تەنلىرىمىز شۇررىدە ئېرىپ كەتكەندەك بولدى. تېرەك، تاللارنىڭ سايىسىغا ئەپچىلگىنە تەنزە قۇرۇپ، كۆرپىلەر سېلىنغان سەينادا تۇخۇم يەپ، مۇزدەك قېتىقنىڭ ھوزۇرىنى سۈردۇق. سۈرەتلەر چاراسلاپ تارتىلماقتا. مەڭگۈلۈك خاتىرىلەر ئاشۇ سۈرەتلەردە سىزىلماقتا.

      دەرۋازا ئالدىدىكى دۆۋىلەپ قويۇلغان قۇرۇق ياغاچلار ئۈستىدە ئۈچ ئۇيغۇر دېھقان گۇڭۇر – مۇڭۇر قىلىشىپ ئولتۇرغان ئىكەن. بىر قانچەيلەن ئۇلارنىڭ قېشىغا كېلىپ سالام بەردۇق.

- مالال قىلىپ قويدۇق.

- يوقسۇ، يوقسۇ.

- سىلەر مۇشۇ يەرلىكمۇ؟

- ھە.

- قانداق دېھقانچىلىقلارنى قىلىسىلەر؟

- شۇ، بۇغداي، قوناق، كېۋەز تېرىيمىز.

- مۇنۇ تاۋۇزلارنى ساتقىلى ئاچىققانمۇ؟ كېلۇسى قانچە؟

- ساتقىلى ئاچىققان، كېلۇسى بىر يۈەن.

- بۇ يەرگە كېلىدىغان ئادەملەر كۈندە مۇشۇنداق كۆپمۇ؟

- شۇنداق. تېخى چەتئەللىكلەرمۇ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىنمۇ كېلىدۇ. بۇرۇن بۇ جايدا قازانلار ئېسىلىپ زاراخەتمىلەر ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى. ھازىر يوقىلىپ كېتىپ بارىدۇ.

- زاراخەتمە دېگەن نەزىر قىلىپ يامغۇر ۋە ئاسايىشلىقنى تىلەيدىغان پائالىيەتقۇ دەيمەن؟

- شۇنداق، ھەر كىم تاپقان دانلىرىنى ئەپكېلىپ قازانلارغا سالاتتى، كەلگەنلەر نەچچە كۈن ھەقسىز تاماق يەپ تىلەك تىلەيتتى.

- ھازىر بۇ ئىشلار يوقىلىپ كېتىۋاتىدۇ دەڭلار؟

- ئەمدى نېمە دەيمىز، شۇنداقراق.

     ئوپالدىن قايتىپ كېلىپ، بىر قىسىملىرىمىز « ھېيتگاھ جامەسى »نى زىيارەت قىلدۇق. ئابدۇخېلىل مىرخېلىل، كەنجى خۇمارجان ئۈچىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىسىگە باردۇق. بۇ جاي بىر قەدەر ئاددىي بولۇپ، ئىچكىرى – تاشقىرى ئىككى ھويلىدىن تەركىب تاپقان، تاشقىرىقى ھويلا ماشىنا توختاش مەيدانى، بىلەت سېتىش ئورنى ۋە كىشىلەر ئارام ئالىدىغان ئورۇن ئىكەن. ھاجىپ مەقبەرىسى ئىچكىرىكى ھويلىدا بولۇپ، بىر ئېغىزلىق ساراي ئۆيگە جايلاشقان، ئەينەك ئىشكاپلارغا « قۇتادغۇبىلىك » داستانىنىڭ ھەر تۈرلۈك نۇسخىسى قاتار تىزىۋېتىلگەن، تۆت تامغا ۋە قەبرە گۈمبىزىگە « قۇتادغۇبىلىك » داستانىدىكى بىيىتلاردىن ئۈزۈندىلەر ئۈنچىدەك قىلىپ نەقىشلەنگەن ئىكەن.

    شائىر ئابلەت ئىسمائىل ئاكا ئۆزىنىڭ يۇمۇرلۇق سۆزلىرى، ئاددىي ساددا تۇرقى، خۇشپېئىللىقى بىلەن بىزدە ئىزگۈ تەسىراتلارنى قالدۇردى. مېھماندوستلىقىنى بىلدۈرۈپ بىر پىيالە چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. ھەممەيلەن ئۇ كىشىنىڭ ياخشى كۆڭلىنى يەردە قويماي، سائەت بەشلەردە « چارىگاھ سەيلىگاھى »غا يېتىپ باردۇق. بۇ يەردە ئاخشام ئەسرار بولالمىغان مۇھەممەد ئابلىز بۆرىيار، چىمەنگۈل ئاۋۇت قاتارلىق ئوتيۈرەكلەر بىلەن دېدارلاشتۇق. داستىرخانغا پۈتۈن پىشۇرىلغان پاقلان كاۋىپى كەلتۈرۈلۈپ، ئۆمەك باشلىقىمىز دولقۇن تۇرغۇن ئالدى بىلەن قول سېلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى. ئەلۋەتتە بۇ، مېھمانغا قىلىنغان ئالىي ئېھتىرام بولۇپ، ئەزىزلىگەننىڭ، قەدىر – قىممەتنىڭ بەلگىسى ئىدى. پاراڭ ئارىلىقىدا شائېر چىمەنگۈل ئاۋۇت مۇنداق دېدى:

- ھۆرمەتلىك شىمال قەلەمكەشلىرى، قەشقەردىكى دەملىرىڭلار كۆڭۈللۈك بولسۇن. قەشقەر ئىشىكى سىلەرگە ئوچۇق. بىر خۇشخەۋەردىن ۋاقىپلاندۇرۇپ قويسام، مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ئىلىلىق ئاپتۇرلاردىن ئەكرەم ئابدۇمىجىتنىڭ « ئاي كۈلگەن كېچە »، زۆھرەگۈل ئابدۇۋاھىتنىڭ « قۇمۇش كۆل »، ئەدھەم ئىبراھىمنىڭ « سۆيگۈ كوچىسى » نامىدىكى ئەدىبىي توپلاملىرى نەشرىياتىمىز تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ، بۇ يىل 10- ئايغىچە ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. بۇ كىتابلارنى ئۆزۈم ئىشلىگەن ئىدىم، شۇڭا ئالدىن سىلەرگە خەۋەر بەردىم.

    ھەممىمىز بۇ خۇشخەۋەردىن سۆيۈنۈپ، كىتابى نەشىر قىلىنىدىغان ئاپتۇرلارنى بىر ئېغىزدىن تەبرىكلەشتۇق، چىمەنگۈلگە رەھمەتلەر ئېيتتۇق. كىتاب چىقىرىش تۇغۇتلۇق خوتۇننىڭ تولغىقىدىنمۇ تەسكە چۈشىدىغان مۇشۇ كۈنلەردە ئارىمىزدىكى كىتابىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن يورۇقلۇققا چىقىشى ھەقىقەتەن كاتتا ئىش ئىدى. شۇ كۈنى كەچتە قەشقەردە يامغۇر ياغدى. ياغقاندىمۇ چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ « سىم – سىم يامغۇرى » ئەمەس، چىلەكلەپ تۆكۈۋەتتى. ئەتىمالىم بۇنداق يامغۇر قەشقەردە ئاز يېغىشى مۈمكىن. سۇغا تەشنا قۇملۇقلار، قاقاسلىقلار، ئېتىز – ئېرىقلارنىڭ تويى بولدى، دەپ ئويلىدىم. ياغە يامغۇر، ياغ! قەشقەرنىڭ توزان باسقان ھاۋاسىنى يۇ!

     سەمەن مېھمانخانىسى ئىبراھىم سەمەت ئاكىنىڭ يەككە ئاچقان مېھمانسارىيى بولۇپ، گۈل – گىياھلىق، دەل – دەرەخلىك، تىنچ، ئارامبەخش جاي ئىكەن. مۇھىتىنىڭ گۈزەل، مۇلازىمىتىنىڭ ئەلالىقىدىن چەتئەللىكلەرمۇ بۇ جايغا چۈشكۈن قىلىشقا ئامراق ئىكەن. مېھمانخانا ئالدىدىكى چوڭ يول « سەمەن يولى » دەپ ئاتىلىدىكەن. 9- ئېيۇن ناشتىدا مېھمانخانا خوجايىنى ئىبراھىم ئاكىنى كۆرۈش نېسىپ بولدى. ئوتتۇرا بوي، ئاددىيلا كىشىكەن. نەچچە يۈز مىليۇنلاپ پۇلنىڭ ئىگىسى بولغان بۇ كىشنىڭ شۇ قەدەر ئاددىي – ساددا، كەمتەر، كەمسۆزلىكىگە ھەيران قالدىم. ئۇ « پۇلى بارنىڭ گېپى چوڭ » دەيدىغان مەمەدانلىق، بىلەرمەنلىك، كىبىر – تەمەننادىن مۇستەسنا ئىدى. بىز بىلەن ناشتىدا بىللە بولۇشقا كۆپ يازغۇچى – شائېرلار كەلگەن بولۇپ، بۇ ئەلۋەتتە ئەدىبىياتنىڭ ئوتى، سېھرى، مېھمانلارنى ئەزىز بىلگەنلىكتىن ناشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئەتىگەنلىك ناشتىدا بىللە بولۇش تولىمۇ خاسىيەتلىك ئىش. سەن ھەر كۈنى بالا – چاقاڭ بىلەن ناشتىدا بىللە بولىسەن، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى دېگەن گەپ. دېمەك سەن بىلەن ناشتىدا بىللە بولغان، ئۇنىڭغا ۋاقىت ئاجراتقان كىشى، سېنى بىر ئائىلە كىشىلىرىم دەپ تونىغانلىقىدىن، يېقىن كۆرگەن، ئەتىۋارلىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. ناشتىدا ئابلەت جۈمە، ئىبراھىم سەمەت ئاكىنىڭ پۇل تاپقاندىن كېيىن ئەدىبىيات – سەنئەت ئىشلىرىغا خالىسانە مەبلەغ سېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، نەتىجىدە ئەدىبىيات، مەدىنىيەت، پەن – تېخنىكىغا ئائىت بىر تۈ*ركۈم كىتابلارنىڭ روياپقا چىققانلىقىنى، يەنە بىر قىسىم كىتابلارنىڭ نەشىرگە تاييارلىنىۋاتقانلىقىنى، شىمالدىكى قەلەم ئىگىلىرىنىڭ تۆت ئاساسىي پىرىنسىپقا ئۇيغۇن بولغان ھەر قانداق كىتابى بولسا ئەۋەتىپ بەرسە بولىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. بىز بۇ، ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ھاتەمدەك قولىنى ئاچقان، يىراقنى كۆرەر، زېھنى ئوچۇق ئەقىل ئىگىسىگە ئاپىرىنلار ئىيتتۇق. ئابلەت جۈمە تۇپراق ئىبراھىم سەمەتنىڭ قوللىشى، پىلانلىشىدا نەشىر قىلىنغان كىتاپلاردىن « بەخت يولى »، « بانكىدىكى پۇلدىن پايدىلىنىشنىڭ ئەپچىل چارىلىرى » قاتارلىق بەش – ئالتە خىل ئەدىبىي، پەننىي كىتابلارنى سوۋغا قىلدى. بۇ، ئەدىبىيات مۇھىتىغا تويۇنغان بىر قېتىملىق ناشتا بولۇپ، كۆڭۈل قەسىرىمىزگە چېكىتتەك ئورناپ قالدى.



يەكەن – قەدىمىي ئاستانە!



     ئاتام ئېيتقان بايىقى « مەپىلىك كارۋان » يەكەنگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. يېڭىساردا توختاپ، پىچاق، بەكىلەرنى بەس – بەستە سېتىۋالدۇق. مەن يەتتە دانە ھەر خىل نۇسخىدىكى بەكە ۋە بىر دانە يېڭىسار پىچىقى سېتىۋېلىپ ئارزۇيۇمنى قاندۇردۇم. بەزىلەر بۇ پىچاقنى، ھەقىقىي يېڭىسار پىچاقلىرى ئەمەس، دېگەن بولسىمۇ، يېڭىسار ئۆزىدىن سېتىۋالغىنىم ئۈچۈن كۆڭلۈم توق ئىدى.

     ھېمىتنىڭ سېيى دەپ ئاتىلىدىغان چۆلدە كېتىۋاتىمىز. بىز بىلەن بىللە قەشقەردىن ھەمراھ بولۇپ ماڭغانلاردىن ئەخمەتجان خۇما، ئابدۇرېھىم غازى، نۇرمۇھەممەد مېھمان ئۈچۈيلەنمۇ بىز بىلەن سەپەردە ئىدى. چۆل ھۆپۈلدەپ تۇرىدۇ. كۆرلىدىن تارتىپ مۇشۇ يەرگىچە شۇنى ھېس قىلدىمكى، جەنۇبتا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك يۇلغۇن ئىكەن. يۇلغۇن، توغراق، قۇم جەنۇبنىڭ بەلگىسى ئىكەن، دەپ قالدىم. نەچچە كۈنلۈك سەپەردە ئۇچراتقىنىم قۇم، يۇلغۇن ۋە توغراقلار. كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدىغىنى توپا قاپلاپ تۇرغان جەنۇب ئاسمىنى. بۇ يەردە غۇلجىنىڭ زەڭگەر ئاسمىنى يوق. تەبىئەتنىڭ بۇ رەھىمسىز بېخىللىقى مېنى ئېغىر خۇرسىندۇردى. ئالدىمىزدىكى ‹‹چارەك›› دېگەن جايدا، ياسىنجان سادىق چوغلان قاتارلىق ئىجتىھاتلىق يازغۇچىلارنىڭ يولىمىزغا قاراپ تۇرغانلىقىدىن ۋاقىپلاندىم. ياسىنجان سادىقنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىش بىلەن ئۇنىڭ « چۆل ئوغلى »، « داۋان »، « جاللات خېنىم »، « باھادىرنامە »، « شەرەنداز ئايال »، « ئالتۇن جۇۋان »، « يازغۇچىنىڭ ۋاقتى » قاتارلىق پوۋىست، رومان، ھىكايە، ماقالىلىرى كۆز ئالدىمغا كەلدى. قۇم ئۇچۇپ تۇغان ھېمىتنىڭ سېيىغا قاراپ، ئۇنىڭ « جاللات خېنىم » رومانىدىكى چۆل تەسۋىرىنى ئەسكە ئالدىم.



   « قۇياش كۆيدۈرگۈچ نۇرلىرىنى گويا مۇشۇ زىمىنغىلا چېچىۋاتقاندەك يەر – جاھان تونۇردەك قىزىپ كەتكەنىدى. سۇسىز چۆلنىڭ كۆز يېتىم دائىرىسىكى سەراپ كۆل سۈيىدەك زاھىر بولۇپ، ئەينەكتەك جۇلالىناتتى. تاش – داڭگاللار گۆش قويسا كاۋاپ بولغۇدەك قىزىپ كەتكەنىدى. باھار يامغۇرىدا كۆكەرگەن قۇمۇش، يانتاق، قامغاق، ئازغان، چاكاندىلار تومۇزنىڭ كۆيۈك ئاپتىپىدا سارغىيىپ قۇرۇشقا باشلىغان ئىدى. قېپقىزىل يۇلغۇن چېچەكلىرى خۇددىي كۆيۈۋاتقاندەك قىزغۇچ يالقۇن چاچاتتى. زىمىندىن كۆتۈرۈلگەن ئىسسىق شامال ئادەمنىڭ نەپسىنى بوغاتتى. بەئەينى ئۆلۈم ۋەھىمىسىدەك مۇدھىش تىمتاسلىققا چۆمگەن بۇ ساينىڭ جىمجىتلىقىنى، يىراقتىن ئاڭلانغان تۇچ كولدۇرمىنىڭ يېقىملىق جىرىڭلاشلىرى بۇزىۋەتتى. »

« جاللات خېنىم » 1- كىتاپ، 1- بەت



     چارەك بىلەن يەكەننىڭ ئارىلىقى 30 كېلۇمېتىرچە بولۇپ، ياسىنجان قاتارلىق دوستلار بىزنى ئەزىزلەپ بۇ جايدا ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ، ياسىنجان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق. كونا تونۇشلاردەك پەقەت يېتىرقاش ھېس قىلمىدۇق. كۆڭۈللىرىمىز ئازادە ئىدى. ھارغان، ئاچقىنىمىزغا قارىماي، يەكەنگە ئۇدۇل كىرمەي، چارەكتىن قايرىلىپ، كاچۇڭ يېزىسىغا يەنى باتۇر روزىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش ئۈچۈن كاچۇڭ يېزا، چىمدۇ كەنتىگە يۈرۈپ كەتتۇق. چىمدۇ كەنتىگە بارغۇچە يەكەن دەرياسىدىن ئۆتتۇق. جەنۇبتا بۇنداق ئۆركەشلەپ ئاقىدىغان سۈيى كۆپ دەريانىڭ بارلىقىنى ئويلاپ كۆرمى‍گەنىكەنمەن، يەكەن دەرياسىمۇ تۈمەن دەرياسىدەك بارغانچە سوغۇلۇپ كېتىۋاتقان بىر دەريا چېغى، دەپتىكەنمەن. جەنۇبتا بىر ئۆستەڭ سۇنىمۇ دەريا دەپ ئاتايدۇ، دېگەن قاراشلىرىمنىڭ خاتالىقىنى ھېس قىلدىم. يەكەن دەرياسىغا سېلىنغان توغان ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. سۈرەتكە چۈشۈۋېتىپ، توسما ماڭلىيىغا يېزىلغان « زەرەپشان دەرياسى » دېگەن خەتكە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. بۇنىڭ يېڭى ئاتالغۇ ئىكەنلىكىنى، توغرىسىنىڭ يەكەن دەرياسى ئىكەنلىكىنى ياسىنجان سادىق ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ماتىرىيالدىن ئىگەللىشىمچە يەكەن دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 1280 كېلۇمېتىر بولۇپ، قاغىلىق، يەكەن، پوسكام، مەكىت، مارالبىشى قاتارلىق ئالتە ناھىيەنى، 33- دېۋىزىيە 6- پولكنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شورچاقتى دېگەن يېرىدە تارىم دەرياسىغا قوشۇلىدىكەن. ئېلىمىزدىكى سۇغىرىش رايۇنلىرى بويىچە ئۈچىنجى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

    « ئايسىز ئايدىڭ » قاتارلىق شېئىرلىرى بىلەن گۇڭگا شېئىرچىلىقتا زىلزىلە پەيدا قىلغان، « مۇقام » قاتارلىق ئەنئەنىۋىي شېئىرلارنىمۇ يېزىپ. « گۇڭگىچىلار ئەنئەنىۋىي شېئىرلارنى يازالمايدۇ » دېگۈچىلەرگە دەرھەم بەرگەن، « پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر » رومانى ۋە « باتۇر تەڭرىقۇت »، « غېنى باتۇر » قاتارلىق تېخى نەشىر قىلىنمىغان رومانلىرى بىلەن ئەلگە تونۇلغان بۇ ياش يازغۇچىمىز 41 يېشىدا ئارىمىزدىن بۇ دۇنيانى تاشلاپ كېتىپ قالغان ئىدى.

    يەكەن دىيارى ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ بۆشۈكى. شائىر، خانىش ئاماننىساخان بۇ جايدا ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى رەتلىگەن، توپلىغان ھەتتا ئىجاد قىلغان. مانا مۇشۇ دىياردا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، يەكەن دەرياسىدەك قىنىغا پاتمىغان باتۇر روزى مۇقامنى كۈيلەپ « مۇقام » دەپ ئۈنچىلەرنى تىزغان. ئۇنىڭ « مۇقام » دېگەن شېئىرىدا مۇنداق گۈزەل مىسرالار بار.



مۇقام



سەن نىگاھلار دىلغا چەككەن بىر گۈزەل سۈرەت مۇقام،

بەزمىلەر قەلبىمگە خۇشپۇراق، شەربەت مۇقام.

گاھى كۈلكەم، گاھى زارىمدا ئۇچراتتىم سېنى،

سەن ۋۇجۇدۇم ئەينىكىدە چاقنىغان زۇمرەت مۇقام.

سەن ھامان پەرۋازىڭدا ئۆلمەس بىر پەرى – بويلار زامان،

كىردى تۇيغۇمغا بۇ جىلۋەڭدىن تىرىك سۈپەت مۇقام.

چاقمىقىڭ تەگكەن ھامان ئېرىگەيكى مۇز يۈرەك،

دىلنى بەنت ئەيلەرگە ئەۋجىڭ تىترىگەن ھەيۋەت مۇقام.

ئوخشىغاي چەكسىز سەپەرگە مەرغۇلۇڭ، ئەۋجىڭ سېنىڭ،

سەن ئىلاھ بىزگە ئەۋەتكەن بىر بۈيۈك شەربەت مۇقام.



     ئۇنىڭ تۇپراق بېشىغا بارغاندىكى ھېسسىياتىم، كۆرگەنلىرىم ئەخمەتجان خۇما « قەشقەردىن – يەكەنگىچە » دېگەن ئەدىبىي خاتىرىسىدە يازغىنى بىلەن ئوخشاش بولغاچقا، ئوقۇرمەنلەرگە شۇ بويىچە سۇنىمەن.



شىڭگىل شىنا

باتۇر روزىنىڭ قەبرە بېشىدا



     باتۇر روزى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى يېڭىلاش ھەركىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىدە، 80-يىللارنىڭ بېشىدىلا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان ياش شائىر بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە 41يىللىق ھاياتىدا ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن بىر تۈ*ركۈم ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يارىتىپ جىمجىتلا ئارىمىزدىن كېتىپ قالدى. ئۇ ئەدەبىياتنى بولۇپمۇ شېئىرنى قىزغىن سۆيگەن ۋە ئۇنىڭغا ئىخلاس بىلەن مۇئامىلە قىلىپ سەمىمىيەت بىلەن يازغان ئىدى. ئۇ ئۆزى ياراتقان بەدىئى پەللىدە ئۆزىنى نامايان قىلىپلا قالماستىن يەنە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش قۇۋۋىتىنى جۇلالاندۇرۇش بىلەن بىرگە شائىر ئۈچۈن نىمىنىڭ مۇھىملىقىنىمۇ نامايان قىلىپ چاقناپ ئۆتتى. ئۇنىڭ يېزىش ۋە ئىشلەشتىكى تېزلىكى، دەللىكى ۋە بۇ جەرياندىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى بىز ئۈچۈن ئۆرنەك بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭدىكى سەمىمى ئىنسانى پەزىلەت ۋە مەردانە ئەركەكلىك، چىن سۆزلۈك، راستچىللىقمۇ بىزنى چوڭقۇر ئويلارغا سېلىشقا ئەرزىيدۇ. بىز ماشىنىدا كاچۇڭنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنى تۈگەتكىچە رەھمەتلىك دوستىمىزنىڭ كۆپ تەرىپىنى قىلىشىپ ۋاقىتنىڭ ئۆتكىنىنى تۇيمايلا قالدۇق. ئەمما ھەممىمىزدە تېزرەك بېرىپ ئۇنىڭ تۇپراق بېشىدا بولۇشقا تەقەززالىق بار ئىدى. نىھايەت، كاچۇڭ بازىرىغا كەلگىنىمىزدە بۇ يەردە كاچۇڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر قىسىم مۇئەللىملەر ۋە يېڭىلا دامسى ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكەلگەن ياش شائىر ئىنىمىز توختى مامۇت ئىزچى قاتارلىقلار ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. كۆپىنچىمىز تېخى بۇ يەرگە كېلىپ باقمىغانلاردىن بولغاچقا قىزىقىش بىلەن ھەممە يەرگە قارايىتتۇق. بىز تولىمۇ قىزغىن كەيپىيات ۋە قوۋناقلىق ئىچىدە بىر ۋاق تاماق يەپ رەھمەتلىكنىڭ مەھەللىسىگە-چىمدۇ كەنتىگە قاراپ ماڭدۇق. ھاۋا شۇ قەدەر ئوچۇق، كەيپىيات شۇ قەدەر ياخشى ئىدى. كاچۇڭ بازىرىدىنمۇ چىمدۇغا خېلى مېڭىشقا توغرا كېلىدىكەن، بۇ يولدا بىز جەنۇبى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ ئېقىن بولغان يەكەن دەرياسى سۇ ئايرىش تۈگۈنىدە تۇرۇپ، ھەيۋەت بىلەن گۈلدۈرلەپ ئېقىۋاتقان قارام سۇغا قاراپ تەھسىنلەر ئېيتىشتۇق ھەم نەچچە پارچە خاتىرە رەسىمگە چۈشۈپ يولىمىزنى داۋام قىلدۇق. بۇ چاغقا كەلگەندە سەپەرچى بۇرادەرلەر بىلەن ئوبدانلا ئۆزلىشىپ قالغاچقا ئارىدا تارتىنىش، ياتسىراشتىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. چىمدۇغا كېلىپ باتۇرنىڭ مەھەللىسىگە قەدەممۇ-قەدەم يېقىنلاشقۇچە بولغان قىسقىغىنە ۋاقىتتا بۇ يەرنىڭ گۈزەللىكى، بىر ياندا تاغ، بىر ياندا ئۆركەشلەۋاتقان ئويناق دەريا سۈيىگە قارىسا كىشىنىڭ تەپەككۇرى باشقىچە جانلىنىپ قالىدىكەن. چوپان دەرياسى بويىدىكى يان باغىرغا جايلاشقان باتۇر روزىنىڭ مەقبەرىسى يىراقتىنلا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.
    بىز مەھەللىگە كىرىپ ئۇزۇن ماڭمايلا، سول تەرەپكە ئىگىزلەپ ماڭغان يان يولغا بۇرۇلۇپ چىقىشىمىزغا ئالدىمىزدا چىمدۇ مەسچىتى غېرىپسىنىپ تۇراتتى. بىز مەسچىتنى ياي شەكلىدە ئوراپ ئېلىنغان يول بىلەن يان باغىرغا 50مېتىرچە ماڭساقلا مەقبەرىنىڭ پەلەمپىيىگە يەتتۇق. يەكەندىكى ئەزىزلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە خالىس ئەمگىكى بەدىلىگە قەد كۆتەرگەن باتۇر مەقبەرىسىگە رەھمەتلىكنىڭ ھايات مۇساپىسىگە تەققاسلاپ ئالاھىدە ياسالغان 41پەلەمپەي بىلەن يۇقۇرىلاپ چىقتۇق. ئانچە كەڭ دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ خېلىلا ئازادە ياسالغان يەرلىككە 20نەچچە ئادەم قىستىلىشىپراق پېتىشتۇق. خەتمە قۇرئان بىلەن دۇئادىن كېيىن ئۇيان-بۇيان ئۆتۈشۈپ ھەممە تەرەپتىن ئەستايىدىل ئەجىر قىلىنغان مەقبەرىگە ھۆرمەت، سېغىنىش ۋە مۇڭ بىلەن قاراپ، باتۇر ھەققىدە ياخشى تىلەك ۋە سېغىنىشلىرىمىزنى ئىزھار قىلىشتۇق. تاش قەبرىگە ئويۇلغان ھۆسنخەتنى ئىشلىگەن ياش خەتتات ئەسقەرنىڭ ئەجرىگە تەسەننالار ئېيتىپ، ياسىنجان ۋە ئەسقەر قاتارلىقلارنىڭ خالىس ئەمگىكىگە رەھمەت-تەشەككۇرلار ئېيتىشتۇق. بۇ شۇنداق دەملەر ئىدى. بىز باتۇر بىلەن قايتا كۆرىشىۋاتقاندەك، قايتىدىن خوشلىشىۋاتقاندەك سۆيۈنۈش ۋە مۇڭ ئىلكىدە خاتىرە رەسىمگە چۈشۈپ دۇئا قىلىشىپ قىيمىغان ھالدا ئايرىلدۇق. مەھەللىگە چۈشۈپ بىرەر كىلومېتىر ماڭغاندا باتۇر تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مۇبارەك ھويلا ئالدىغا كەلگىنىمىزدە ئۇنىڭ ئىنىسى ئالدىمىزغا چىقىپ ھەممىمىز بىلەن كۆرۈشتى. يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە قاتار-قاتار سېلىنغان ئۆيلەردىن پۈتكەن بۇ مەھەللە شۇ قەدەر ساپ ۋە سالقىن ئىدىكى، ھەققى ئۇيغۇر مەھەللىسى ئىدى. يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېرىقلاردا شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان لاي سۇ، يولغا سايە تاشلاپ كۆڭۈللەرگە خۇشلۇق، تەنگە راھەت بېرىپ تۇرغان تېرەك، جىگدىلەر...... ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن خالى جىمجىتلىق......كىشىنى ھەقىقەتەن باشقىچە بىر تۇيغۇدا ئەللەيلەيىتتى. شەھەرنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرى ۋە خىزمەتنىڭ بېسىمىدا چارچاپ، جىددىلىشىپ قالغان نېرۋىلاغا ئارام ۋە راھەت بەرگۈچى بۇ مۇھىت ماڭا شۇ قەدەر ساماۋى، تەبىئى تۇيۇلدىكى، تۇيۇقسىزلا مۇشۇنداق جايدا ياشاپ قالسام، دىگەن غايىۋى ئىستەك كاللامدا پەيدا بولماي قالمىدى. بۇ يەردىكىلەر نىمە دىگەن بەختلىك-ھە، دىدىم ئۆزەمگە. ئۇيغۇر ئۆيى، ئۇيغۇر ئانا، ئۇيغۇر ھويلىسى، ئۇيغۇر مۇھىتىغا كىردۇق. گويا باتۇرنىلا ئەسلەتكۈدەك ئوخشىشىدىغان مىسكىن ئانا ئالدىمىزدا پەيدا بولغاندا يۈرەكلەر لەرزىگە كەلدى. مانا مۇشۇ ھويلىدا، مانا مۇشۇ ئۆيدە رەھمەتلىق قېرىندىشىمىز، دوستىمىز، مەردانە شائىر باتۇر روزى مانا مۇشۇ ساپ ئۇيغۇر چىراي، ساپ ئۇيغۇر تۇرقىدىكى ئانىنىڭ قارنىدا ياتقان. بىز مېڭىپ كەلگەن ئەشۇ توپىلىق يولدا ئانا قورسىقىدا تىپىرلاۋاتقان كەپسىز ئوغلىنىڭ سۆيىنىشىدە مەغرۇرانە مېڭىپ كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ بىر ئەزىمەتكە ھامىلدار بولغانلىقىنى نامايىش قىلغان بولغىمىدى؟ كىشىلەر شۇ چاغدا ئۇنىڭغا ھەۋەس ۋە ھەسەت بىلەن قاراشقان بولغىمىدى؟ مانا مۇشۇ ئۆيدە بەختلىك ئانا مىڭ بىر تولغاق يەپ باتۇر ئوغلىنى تەۋەللۇت قىلغان بولغىمىدى؟ جان ئاتا باتۇر ئوغلى جاھاننى بېشىغا كىيىپ قىرقىرىغان ھالدا يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندا مانا بۈگۈنكىدەك ئەل يادلايدىغان ئەزىمەت بولىشى ئۈچۈن دۇئا بەرگەن بولغىمىدى؟ جاھاندىن بىغەم ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە ئوخشاشلا مەھەللە شۇ قەدەر جىمجىت بولۇپ، بۇ يەرگە شۇنچە ئادەمنىڭ كېلىشى ۋە باتۇرنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلىشى، ئۇنىڭ ئۆيىگە پەتەگە كىرىشى ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغاندەك قىلاتتى. گويا مەھەللىدە بىرمۇ ئادەم يوقتەكلا ............................
خاتىرە ئۈچۈن رەسىمگە چۈشتۇق، بىر ئەزىمەت ئوغۇلنى تەۋەللۇت قىلىپ تەربىيىلىگەن مىسكىن ئانىنى ئارىغا ئېلىپ رەسىمگە چۈشتۇق. ئانىنىڭ چېچىدىن تاپىنىغىچە مىسكىنلىك، مۇڭ ۋە ھەسرەت تۆكۈلۈپ تۇراتتى. يىغلىۋېتەيلا دەپ تۇراتتى. شۇنداقتە! شۇنچە ئادەم نىمىشقا ئوغلىنى ياد ئېتىپ كېلىدۇ؟ نىمىشقا شۇنچە مىليۇنلاپ ئادەم سىغقان ھايات قوينىغا ئوغلى سىغمايدۇ؟ ئۇنىڭ تەڭتۇشلىرى، بۇرادەرلىرى، ئىخلاسمەنلىرى، شاگىرت قولداشلىرى نىمىشقا ئۇنى مۇنچە يوقلايدىغاندۇ؟ ئوغلىنىڭ كاتتا ئادەم بولغىنى ئۈچۈنمىدۇ؟ ياق، ياق، ياق! ئانا ئۈچۈن پەرزەنتنىڭ ھەممىسى باغرىنى يېرىپ چىققان يۈرەك پارىسى! ھەر بىر پەرزەنت ئانا ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك مازار. ئۇنىڭ قانداق ئادەم بولىشى ئەمەس، بەلكى بەختىيار بولىشى مۇھىمراق. ئەمما كىممۇ پەرزەنتىنىڭ يارامسىز بولۇپ قېلىشىنى خالىسۇن؟ باتۇر ئانىنىڭ كۈتكىنىدەك بولغانمىدۇ؟ ئۇ ئەلنىڭ كۈتكىنىدەك بولدىغۇ؟ مۇبادا ئەجەل ئۇنىڭغا قارا قولىنى سۇنمىغان بولسا ئىدى، يەنە نىمىلەرنى قىلىشى مۈمكىن ئىدى؟...
  شۇ تاپتا بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى بىلمەك ئانچە قىيىنمۇ ئەمەس ھەم ئانچە ئاسانمۇ ئەمەس ئىدى. چۈنكى بىر ئىشقا نىسبەتەن بىر توپ كىشىنىڭ ئورتاق ھېسسىياتىمۇ، خاس كۆڭۈل كەچمىشلىرىمۇ بولىدۇ. باتۇرغا نىسبەتەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياخشى تىلەكلىرى ۋە ئۈنسىز سېغىنىشلىرىنىڭ بارلىقىلا مەلۇم ئىدى... بىز كەيپسىز ھالدا يەنە يەكەنگە قاراپ ماڭدۇق...



    باتۇر روزنىڭ ئانىسى زىننەتخان مەرۇپ ئانىنىڭ چىمدۇ كەنتى 108-نومۇرلىق قورۇسىدىن ئايرىلىپ يەكەنگە ئات سالدۇق.

    يەكەن مېھمانخانىسىغا چۈشۈپ كۆپ ئۆتمەي « كۆك كەپتەر ئارامگاھى »غا باردۇق.(يەكەندىكى ئاپتورلار بىلەن بولغان قىسقا ۋە ئەھمىيەتلىك سۆھبەت بۇ يەردە چۈشۈپ قاپتۇ)ياسىنجان سادىق ئىشلارنى رېتىمى بىلەن بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرۇپ يۈرەتتى. « كاچۇڭ توققۇز مۇقامى »نىڭ « كاچۇڭ مەشرىپى »نى ئاڭلاپ مەستخۇش بولدۇق. مەشرەپ كۈيلىرىگە ئۇسسۇللار ئوينالماقتا. بۇ مەشرەپ ئۇسسۇلى چەمبەر شەكلىدە ئايلىنىپ ئوينىلىدىكەن. ئۇسسۇل توققۇز ئۆزگىرىشلىك تاكىت بىلەن تۈگەيدىكەن. ئۇسسۇلغا چۈشكەن بىزنىڭ بالىلار ماسلىشالماي مەيداندىن يېنىپ چۈشتى. قارىسام ياسىنجان سادىق چوغلان يېنىك پېرقىراپ، غۇلاچلىرىنى بۈركۈتتەك كېرىپ پەرۋاز قىلىپ كېتىپتۇ. بۇ كېچە « كاچۇڭ مۇقامى »نى قانغۇچە ئاڭلىدۇق، ئۇسسۇلارنى يەتكۈچە كۆردۇق، تارىختىكى ئاستانە، مۇقام يۇرتىنىڭ ئۆزگىچە ئاھاڭ، ئۇسسۇللىرىدا ئەللەيلەندۇق، يەكەنلىك يازغۇچىلار بىلەن تونۇشتۇق. ئايسىمە ئىدرىس، يۈسۈبجان بارات جەۋھىرى، ئادىل ئېمىن قاتارلىق بىرمۇنچە ئەدىبىيات پەرۋانىلىرى بىلەن ھەمدەستىرخان بولدۇق.

     بۈگۈن يەكشەنبە. چاي ۋاقتى بىلەن چوغلان بىزنى كونا بازاردىكى « مەرىپەت چايخانىسى »غا باشلاپ باردى. بازار رەستىلىرىدىكى قەدىمىي ئىزنالاردىن قەدىمىي يەكەن بازىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئىچكىرىمۇ – ئىچكىرى سېلىنغان چايخانا ئادەملەر بىلەن لىق تولغان ئىدى. رەتلىك تىزىلغان پاكار شىرەلەردە ھوزۇرلىنىپ چاي ئىچكەچ قېتىق، ئىللىتىلغان تۇخۇملاردىن تېتىدۇق. ئاندىن ئاۋات رەستىلەرنى ئارىلاپ، ئاماننىساخان كۆرگەزمە زالى ۋە قەبرە بېشىغا يول ئالدۇق. پىيادە كېتىۋاتىمىز. كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئاشخانا، دۇكانلار، يايمىلار سانجاق – سانجاق. ھۆپىگەرلەر، ئوقەتچىلەر بازارنى ئەتىگەندىلا قىزىتىۋەتكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا يەكەندە 850 مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇر بار ئىكەن. دېمەك بۈگۈنكىدەك كۈندە بازارنىڭ قايناق بولۇشى تۇرغانلا گەپ. يەكەن بازىرى خاننىڭ بازىرى، ئەلۋەتتە قايناق بولىدۇ – دە!

     رەستە ئايلىنىپ ئاماننىساخاننىڭ كۆرگەزمە ئۆيىگە باردۇق. پەلەمپەيدىن ئۆرلەۋېتىپ خۇشپىچىم بىر خانىم بىلەن سالاملىشىپ قالدىم. ئۇقسام، يازغۇچى رىزۋانگۈل يۈسۈپ ئىكەن. خان جەمەتى قەبرىستانلىقىدىكى سۇلتان سەئىدخان، ئابدۇرىشىتخان، مۇقامشۇناس ئاماننىساخانلارنىڭ قەبرە بېشىدا ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قىرائەت قىلىپ، ئۇ دۇنيادا جەننىتى بولۇشىنى تىلىدۇق. ئاماننىساخان قەبرىسى سۇلتان ئابدۇرىشىتخان قەبرىسىگە يانداش ئىكەن. ئاماننىساخاننىڭ قەبرە نىشانى يىنىغا يەنە بىر كىچىك نىشان تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، ئۇ يۈرەك پارىسىنىڭ ئىكەن.

- شۇنداق، - دېدى ئەركىن ئاۋۇت، - ئاياللار ۋە ئەرلەرنىڭ نىشان گۈمبىزىگە ھېكمەت يوشۇرۇنغان. ئەگەر گۈمبەز ئۈچ پەلەمپەيلىك قىلىپ ياسالسا ئايال زاتىنىڭ، بىر پەلەمپەيلىك قىلىپ ياسالسا ئەرنىڭ. ئەجدادلىرىمىز تولىمۇ ئەقىللىق بولۇپ، ئەر – ئايال قەبرىسىنى ئايرىشتا مۇشۇنداق سېمۋولنى ئويلاپ تاپقان. بىر پەلەمپەي ئەرلەرنىڭ ئېتىز ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، ئۈچ پەلەمپەي سۇپرا، نوغۇچ، ئەلگەكنىڭ سېمۋۇلى بولۇپ، ئاياللارنىڭ ئائىلە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنىڭ تىمسالى ئىمىش.

     چىلتەنلىرىم مازىرىدا زىيارەتتە بولۇۋېتىپ تەنلىرىم شۈركىنىپ كەتتى. كىملەردۇر ھويلىدا توخۇ بوغۇزلاپ قان قىلىۋاتاتتى. يەنە كىملەردۇر چىلتەنلىرىم مىيىتى قويۇلغان گۈمبەزلىك ئۆينىڭ ئىشىكىدە سۈر – ھەيۋە بىلەن قول باغلاپ تۇرۇشۇپتۇ. ئۆي ئىچىگە كىرسەك ئاق تۇغلار سانجاق – سانجاق قادىلىپ، ئات، كالىلارنىڭ يوغان – يوغان كاللىلىرى تىزىپ قويۇلۇپتۇ.

- بۇ نېمە ئىش؟ - سورىدىم چوغلاندىن.

- كۆرۈپ تېنىڭ ئەيمەندىمۇ؟

- ھە، - دېدىم جاۋابەن.

- كىشىلەرگە بۇ جاينى سىرلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلغان گەپ. بۇ بايراقلار، قەھرىمانلار ئۆلگەندە بايرىقىنى قەبرىسىگە قاداشتىن قالغان ئادەت.

- چىلتەن دېگەن نېمە؟-سورىدى بىرەيلەن.

- بۇ قىرىق دېگەن سۆز. ئەينى چاغدا قىرىق «ئۆلىما» ئۆتكەن ئىكەن، دەپ كەلسەك ھىكايە ئۇزۇن.

     چىقىۋاتقىنىمىزدا، توپىلىق يولنىڭ ئېككى قاسنىقىدا ئاپتاپتا قاق بولۇپ توپىدا بەھوزۇر قاتار ئولتۇرغان تىلەمچىلەرگە كۆزۈم چۈشتى. نېمىدىگەن تولا دىۋانە، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.بۇ دىۋانىلەرنىڭ كىسەلمەن ،بىچارىلىرىمۇ توققوز ئەزايى ساق ئۆزىنى«ئاشىق»ئاتىۋالغان بىرقىسىم تەييارتاپ  جان باقتىلارمۇ بار ئىكەن.



     ئاۋالقى ئاماننىساخان خاتىرە سارىيى ئالدىدىكى مەيدانغا كېلىپ، يەكەن ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، تارىخچى ئادىل ئېمىننىڭ ھاۋالىسى بىلەن « مۇقام يۇرتى – يەكەن » دېگەن كىتابنى كىتابپۇرۇش ئايالدىن مىڭ تەستە سېتىۋالدىم. چۈنكى بۇ كىتابتىن بىر دانىلا قالغان بولۇپ، ئايال ئۇنىۋېرسىتتا ئوقۇۋاتقان قىزىغا ساقلاپ قويغان ئىكەن. ئادىل ئېمىن ئارىغا كىرىپ يۈرۈپ، ئۆزىدە بۇ كىتابنىڭ بارلىقىنى، بۇ كىتابنىڭ يېزىش، تۈزۈش ئىشلىرىنى باشقىلار بىلەن بىللە ئىشلىگەنلىكىنى شىپى كەلتۈرۈپ يۈرۈپ ئاران ئېلىپ بەردى. گۆھەر تېپىۋالغاندەك خۇش بولدۇم. يەكەننى بېلىشتە بۇنىڭدىن ئارتۇقى بولماس، دەپ ئويلىدىم. راست، كىتابنى ۋاراقلاپ باقسام، ئەينى چاغدىكى جاھالەت پىرلىرىنىڭ سەنئەت ھامىيلىرىغا يەتكۈزگەن زىيانكەشلىكلىرى ۋە سۇلتان سەئىدخان، بولۇپمۇ سۇلتان ئابدۇرىشىتخاننىڭ بۇنىڭغا قوللانغان تەدبىرلىرى تىلغا ئېلىنغان قۇرلارنى كۆردۈم.



شىڭگىل شىنا:

چىلتەن  مازىرى شىنجاڭ بويىچا بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە داڭلىق قەدىمى مازارلارنىڭ بىرى بولۇپ ،«ھەپتەمۇھەممدان»دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ئورنى يەكەن ناھىيە مەركىزىنىڭ شەر*قى  تەرىپىگە،ئالتۇنلۇق مازىرىنىڭ يۇقۇرىسىدىكى تۆپىلىككە جايلاشقان.«ھەپتە مۇھەممەدان»ھەققىدە تۈرلۈك رىۋايەتلەر  بولۇپ ،بەزىلىدە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنىڭ يەتتە ساھابىسى ئىسلامنى تارقىتىش ئۈچۈن كىلىپ مۇشۇ يەردە قازا قىلغان ئىكەن دىيىلگەن .يەنە بىر رىۋايەتتە «مۇھەممەت ئەلەيھسسالامنىڭ قىزى بۈۋى پاتىمە ئاغرىپ قالغاندا داۋالاش ئۈچۈن ئاسماندىن چۈشكان چىلتەنلەردىن يەتتىسى مۇشۇ  يەردە تۇرۇپ قالغان ئىكەن دىيىلگەن ئاغزاكى رىۋايەت بار. يەنە بۇلاردىن باشقا «ئوتتۇرا ئاسىيالىق داڭلىق ئىشان خوجا ئەبەيدۇلل ائەھرارنىڭ يەتتە مۇرىتى ئىسلام ئىچىش ئۈچۈن كىلىپ ،مۇشۇ يەردە قازا قىلغان ئىكەن »دېگان رىۋايەتمۇي بار .ئەمما رىۋايەتلەر بىردەك ئەمەس،لىكىن يەرلىكلەر ئارىسىدا بۇ مازاردا ياتقانلارنى ئەۋلىيا بىلىپ چوقۇنغانلار بار.

تارىخىي ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا بۇ جاي مىلادىيە 1460-يىللىرى ئەبۇ تالىپ سەنبەستى ۋەلى (قوچقار ئاتا) تەرىپىدىن داىرىگە ئېلىنغان ،مىرزا ئابابەكرى دوغلات يىڭىلا يەكەن ھۆكۈمرانلىق تەختىگە چىققان مەزگىلىدە ئاۋامنىڭ مايىللىقى ئۈچۈن ياساتقان .كىيىن يەنە 1870-يىللىرى  ياقۇپبەگمۇ يارلىك خەلىقنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ،يەرلىك خەلىق ئۇلۇغلايدىغان بڭر قىتىم كەڭ كۆلامدە رېمۇنىت قىلىپ ياساتقان بولۇپ ،ھازىر ياقۇپبەگ داۋرىدىكى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان.   

    مازاردا پېششق خېش بىلان مەسچىت،قەبرىگاھ،دەرۋازا مۇنارى قاتارلىق بىر يۈرۈش قۇرۇلۇشلار بەرپا قىلىنغان بولۇپ ،قەبرىگاھ ئاستى چاسا شەكىللىك ،ئۈستى گۈمبەز تورۇسلۇق ،يېشىل خېش بىلەن ياسالغان.يەتتە قەبرە ئالدىغا كەشكە ئوخشاش تاش قويۇلغان.

رىۋايەت قىلىنىشىچە تاش بولسا مۇھەممەد ئەليھسسالامنىڭ ئاياغ ئېزىكەن .يەنە مازاردا ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان بىر قۇتا بولۇپ ،قۇتىدا بىرنەچچە تال ساقال ساقلانغان ،بۇ ساقالنى بەزىلەر «مۇھەممەد ئەلەيھسسلامنىڭ ساقىلى دىسە» يەنە «ئىمام رەببانىڭ ساقىلى» دەپ رۋايەت قىلىدۇ. ئالدىنقى رىۋايەت كەڭ تارقالغان ،كىيىن بۇ ساقالنى ئاپتونۇم رايۇنلۇق موزېيغا ئېلىپ كىتىلگىنى ھەققىدە مەلۇمالار بار،يوقاپ كەتتى دىگۈچىلەرمۇ بار.

بۇ مازار 2003-يىلى ئاپتونۇم رايۇن دارىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى قىلىپ بىكىتىلگەن.

2.    جاھالەت پىرلىرى،



« تەزكىرە پىريان »دىن بىلىشىمىزچە، 1527- يىللىرى ئەتراپىدا خۇراسانلىق قۇتبىدىن ئىشان يەكەندە ئۆزىنى « پەرزانە ۋەلى » ( ئۇستاز ئەۋلىيا ) ئاتىۋېلىپ، مۇرت كۆپەيتىپ، يەكەن، خالاستان دەريا ۋادىلىرىدىكى بىر قىسىم يۇرتلاردا ساددا مۇسۇلمانلارنى كۈشكۈرتۈپ، تەلۋە مۇرتلىرىنى بۇيرۇپ، سەنئەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېلىۋاتقان سەنئەت ئۇستىلىرىنى « شەيتان پوقى يىگەن » دىگەن پەتىۋا بىلەن سازايى قىلدۇرغان، توۋا قىلدۇرغان ھەتتا ئۆلتۈرۈۋەتكەن. سۇلتان سەئىدخان بۇ ئىشان بىلەن ئۇنىڭ تەلۋە مۇرتلىرىدىن 90 نەچچىنى پوسكامنىڭ شەيدان دېگەن يېرىگە يىغىپ قاتتىق جازالىغان، بىر قانچىسىنىڭ كاللىسىنى ئالغان، ئالدىنى يۈز دەررە، كەينىنى قىرىق دەررە ئۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتە دىنىي تونغا ئورۇنۇۋېلىپ قىلغان ئەسكىلىكلىرى، خاتالىقلىرى ئۈچۈن توۋا قىلدۇرغان. ئۇلارنىڭ يېتەكچىسى قۇتبىدىن ئىشاننى 9 ھەمرايى بىلەن سازايى قىلدۇرۇپ ئاپەت بۇلۇڭ، مۇمۇق، توققۇز بويناق، كاپا بويناق، تار ئاغزى تاغلىرىدا ( قارا قۇرۇم تاغلىرىدىكى جايلار ) ئەلگە سازايى قىلدۇرۇپ تاغار ئەتراپلىرىدا كاللىسىنى ئالدۇرغان.

1540- يىللىرى ئەتراپىدا، ھەرقايسى يۇرتلاردا غوجا مۇھەممەد شېرىپ بىلەن غوجا مۇھەممەد ۋەلىلەر باش بولۇپ بىر قىسىم سەنئەت ئۇستىلىرىغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقى، يەنى « قىنىغا سېلىپ قويۇش » نامى بىلەن توۋا قىلدۇرۇش، ئەدەبلەش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقلرى ئۈچۈن، سۇلتان ئابدۇرىشىتخاننىڭ ياساۋۇللىرى بۇ ئاتالمىش « زات »لاردىن بىر قىسمىنى خانلىق تەۋەسىدىن قوغلاپ چىقارغان، يەنە بىرقىسمىنى دەررىگە باسقان. غوجا مۇھەممەد شېرىپ « پىر »نىڭ باش تايانچلىرىدىن بىرى – چوڭ سىياسىي سۈيقەستچى، بەدەخشانلىق ئىشان سەئىد ئاسىپخان ( لەقىمى سەردار ئىشان ) باشلىق يەتتە چوڭ « زات »نى يىسى؟ دېگەن جايدا، يەنى ھازىرقى پوسكامنىڭ ياستۇڭ دېگەن جايىدا ئۆلۈمگە بۇيرىغان. چۈنكى ئەنە شۇ لەقىمى سەردار غوجا بولغان جاھالەت پىرىنىڭ « سەردار غوجام لەشكەرلىرى » نامىدىكى مۇرتلىرى يەكەن، قاغىلىق، مەكىت تەۋەلىرىدىكى داڭلىق مۇغەننىي، ئۇستا رەققاس ۋە چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ياساش ئۇستىلىرىنى ھەر خىل ئۇسۇلدا جازالىغان. بۇنىڭ ئىچىدە يەكەنلىك مەشھۇر تارچى ( تارلىق سازلار بويىچە چوڭ ئۇستاز ) بابايى قەمبەر ئاتايى باشلىق 13 زاتنى چوپان سۈيى ( چوپان دەرياسى ) بويىدا غار تۆشۈكلىرىگە كىرگۈزۈپ، تۆشۈكلەرنىڭ ئېغىزىنى ئېتىپ « دۈملىمە تۆشۈك » قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشكەن ئىدى.



    يەكەن دېھقان بازىرى ھەقىقەتەن چوڭ بازار ئىكەن. قىم – قىم ئادەم،

ساناقسىز دوپپا – تەلپەك. 80 – يىللاردا كىنۇخانا ئىشىكىدىن شۇنداق قىسىلىپ چىقىدىغان، تالاي يىللار بوپتىكەن بۇنداق ئادەم قىستىڭىنى كۆرمىگىلى. ئادەملەرگە ئۇرۇلۇپ – سوقولۇپ يۈرۈپ بازار ئارىلاۋاتىمىز. شەۋكەت ئىبراھىم ئىككىمىز بىردىنلا توپتىن ئايرىلىپ قالدۇق. چۈنكى بىرەيلەننىڭ قەپەزگە سولىۋالغان چار يىلىنىنى كۆرۈش قىزىقچىلىقىدا ھەمراھلىرىمىزدىن كەينىدە قاپتۇق. ئون چامدام نېرىغا كەتكەن ئادەمنى يۈتتۈرۈپ قويىدىغان بازاردا بىزنىڭ ئادىشىپ قېلىشىمىزمۇ ھەق. بۇ بازار ئىككىگە ئايرىلغان ئىكەن. بىرى سېمۇنتلىق ئۆيلەر سېلىنغان قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى بازىرى، يەنە بىرى ئەنئەنىۋىي ئۇيغۇر بازىرى. ئانچە چوڭ بولمىغان دەرۋازىدىن ئۆتكەندىكى بازار، ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان ھەقىقىي قەدىمىي بازاركەن. ئايلىنىپ يۈرۈپ ئەيبۇ ياقۇپ، پەرھات جامال، ئەسئەت ئابدۇرىشىتلار بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدۇق. قاتار كەتكەن، مايدا چۇچىلاپ بېلىق پىشۇرۇۋاتقان ئۇستىلارنىڭ بىرىدە بۇ بېلىقتىن تېتىپ كۆردۇق.

      مەدىنىيەت بازىرى دەپ ئاتىلىدىغان دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرىدىغان باغچىسىمان جايغا يېتىپ كەلدۇق. دەرۋازىدىن كىرگەندىلا ئاماننىساخاننىڭ گەج ھەيكىلى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. يول بويىدىكى كاتلاردا تۆتتىن – بەشتىن ئادەملەر بىر چەينەك قىزىق چاينى قويۇۋېلىپ سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرغان. گاھىلىرى تېخى قەرت ئويناۋاتقان. ئىچكىرىلەپ مېڭىۋىدۇق، ئانچە چوڭ بولمىغان مەيداننى ئادەملەر چەمبىرەك شەكلىدە ئورۇۋالغان ئىكەن. دولان مەشرەپ كۈيلىرى ياڭراتقۇدا قۇلاقنى ياراتتى. مېھماندوست خەلق بىزنى كۆرۈپ يول بوشىتىپ بەردى. ئاۋال سازەندىلەر يېنىدىكى قاتار ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ئالدى 80 – 90لەردە، كەينى 40 – 50 ياشلاردا بار كىشىلەرنىڭ پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي پىر – پىر پېرقىراپ ئويناۋاتقان ئۇسسۇلىنى كۆردۇق. كېيىن پالازلار سېلىنغان مەيداندا باشقا تاماشىبىنلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇق. ئابدۇخېلىل مىرخېلىل مەيدانغا چۈشۈۋېدى، شاپ بۇرۇت بىر بوۋاي قاشلىرىنى ھەييارلىق بىلەن ئېتىپ، چاقماقتەك ھەرىكەتلىرى، يۇمۇرلۇق قىلىقلىرى بىلەن تەمتىرىتىپ قويدى. شۇنچە ياشتا تۇرۇپ چاقپىلەكتەك پېرقىراشلاردىن، مۇنۇ چۆگۈن قويسا قاينايدىغان ئاپتاپتا باشلىرى قايماي ساق تۇرغانلىقلىرىدىن زۇۋانىم تۇتۇق. چوغلاننىڭ ئېيتىشىچە، ھەر يەكشەنبە مۇشۇنداق مەشرەپ بولىدىكەن. يەكەن ئۆزىدىنلا ئەمەس، قاغىلىق، گۇما، پوسكام تەرەپلەردىنمۇ ئۇسسۇلچىلار ئاتايىتەن كېلىپ ئۆز ماھارەتلىرىنى نامايەن قىلىپ، كۆڭۈللىرىنى ئېچىپ كېتىدىكەن. ئۇلار ئۆزلىكىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، سازنىمۇ، ئۇسسۇلنىمۇ بىر تىيىن ھەق ئالماي ئورۇنلاپ بېرىدىكەن. مۇشۇنداق روھ نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى « ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى » مەشرەپ ئۇسسۇللىرىنى تارىختىن – تارىخقا ئۇلاپ ساقلاپ قالغانىكەن، دەپ ئويلىدىم. ھازىر مەدىنىيەت بازىرى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ جاي يەكەن كونا بازىرىنىڭ مەركىزى ئىكەن. ھېلىمۇ قولتۇقىغا بىر ناننى قىستۇرۇپ كېلىپ مەشرەپ كۆرىدىغان ئەر – ئايال دېھقانلار ئۆكسىمەيدىكەن. بۇ كۆرۈنۈش ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەتخۇمار خەلق ئىكەنلىكىنىڭ كىچىكلىتىلگەن سۈرىتى ئىدى. ياشاپ كەت، سەنئەت خۇمارلىرى!

   « ياڭاقزارلىق ئارامگاھى »دا ئەركىن ئاۋۇت ئەپەندىم چۈشلۈك تاماق راسلاپ بىزنى ئۇزاتتى. ياسىنجان، ئەركىن ئەپەندىلەر بىزنى يەكەن سىرتىدىكى ئاچالغىچە ئۇزىتىپ چىقتى. كۆزلىرىمىز ئارقىدا بۇ قەدىمىي ئاستانە بىلەن خوشلاشتۇق.

     يەكەنگە خوش ئېيتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا كوچىلىرى، ئېتىزلىرى، باغلىرىمۇ ياڭاقلىق بىر يۇرتقا كەلدۇق. « قاغىلىق » دېدى بىرەيلەن يۇقىرى ئاۋازدا. بۇ ئىسىمنى ئاڭلاپلا شائىر ئادىل تۇنىيازنى ئەسلىدىم. ئۇ يازغان « قاغىلىق » دېگەن شېئىردىكى مۇنۇ قۇرلار ئۇزاقتىن بېرى يادىمدىن چىقمايتتى.

ــ داۋامى بار



www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1544
تۆھپە : 160
توردا: 669
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 02:56:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



شىڭگىل شىنا:



قاغىلىق

قاغىلىق،

ئۈرۈمچىدىن يىراق بىر جايدا.

يۇرتۇمسەن ئىللىق،

دەپتىرىمگە قويدۇممەن يېزىپ

ئاق تېرەكلىك، يېشىل ئىسمىڭنى،

سۆيۈپ قويدۇم توپا جىسمىڭنى.



كۆمۈلگەن بىر گۈل ئۇرىقىسەن

تەشتەك كەبى مېنىڭ قەلبىمگە.

ئاسىيانىڭ قۇملۇق دەشتىگە

سەن ياراشقان قارا ساقالدەك

قاراقۇرۇمنىڭ بوي – بەستىگە.



......

سۈت ساقاللىق ئەي ئۇيغۇر بوۋا،

بىر قۇچاقلاپ قويساڭچۇ مېنى!

......

قاغىلىق

ئۈرۈمچىدىن يىراق بىر جايدا،

دۆڭكۆۋرۈكتىن كېلەرمەن ياشلىق،

يۇرتۇم لايدا، چاقنايسەن ئايدا...



قاغىلىقنى تاشلاپ، چولاقنىڭ سېيى دەپ ئاتىلىدىغان بىر چۆلگە كىرىپ كەتتۇق.



گۇما بىزدە گۈزەل ئەستىلىكلەرنى قالدۇردى



    ساغا دېگەن يەردە ئابلىكىم تالىپ، ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈ*رك قاتارلىقلار يولىمىزغا قاراپ تۇرۇپتىكەن. قۇياشنىڭ ئاداققى نۇرلىرى ئەلەڭلەپ تۇرغان مەھەلدە گۇمىغا كىرىپ كەلدۇق. ياتاققا چۈشۈپلا، ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە « گۇما ناھىيە شەھەر تەرەققىيات پىلان مەركىزى »دە ئېلىكتىر سىخىمىلىق شەھەر تەرەققىيات خەرىتىسى ۋە گۇما ناھىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى مۇجەسسەملەنگەن قىسقا فىلىمنى كۆردۇق. كەچلىك غىزادىن كېيىن مەدىنىيەت – تەنتەربىيە ئىدارە بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا گۇمىلىق ئەدىبلەر بىلەن دەرقەمدە بولدۇق. ئابدۇقادىر سادىر،مۇھەممەد كامال خۇشخۇي، ۋارىسجان قاسىم، ئابلەت ئەخمەت قاتارلىق ئونغا يېقىن يازغۇچى، شائېرلار بىلەن جەم – جۇغ بولدۇق. بۇ بىر شېئىر سالۇنى بولدى. مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ئاۋال ئۆزىنىڭ « ناۋا كەلدى » دېگەن شېئىرىنى ئوقۇپ بەردى. ئاندىن توردىن چۈشۈرۈۋالغان، ئا . سېيىتنىڭ ھەزىل شېئىرىنى ئوقۇپ كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈردى.



شىڭگىل شىنا:

ناۋا كەلدى



يارەنلەردىن ئېلىپ شەپە بولۇپ ئەلچى سابا كەلدى،

يۈرەك شادلىقتا ئويناقلاپ سېلىپ ساما ئۇسسۇل كەلدى.



كۈتۈشتە كۆز بولۇپ ئالتە قۇلاق ھەم كىرمىگەن يولدى،

ئۇچۇر تىڭشاپ بىتاقەتتە زارىقتۇرغان سادا كەلدى.



قەدىردان دوست دىدارىدىن ھاياجان تەلۋىلىك ئەيلەپ،

يېزىپ چىقماقتا بىر داستان ئىلھام بەك گادا كەلدى.



نېمىشقا تولمىسۇن زوققا يۈرەك دوستلارنى كۆرگەندە،

ئۇزۇن يىل ئىزتىراپ چەككەن كۆڭۈللەرگە داۋا كەلدى.



قىشۇ – ياز ياپيېشىل باغلار ئىبەرگەن خۇش سالاملاردىن،

يەنە بىزنىڭ كۆيۈك تاغلار دىلىغا ئوت لاۋا كەلدى.



ئىلى دەرياسى بۇژغۇنلاپ ئېچىلدۇرغان چېچەكلەردىن،

بوۋام سادىر روھى يەڭلىغ يېقىملىق ساپ ھاۋا كەلدى.



قېنى سازەندە تەمبۇردىن ۋىسالنىڭ كۈيلىرىن تۆككىن،

بۈگۈن خۇشخۇي ماكانىغا ئەجەپ ياڭراق ناۋا كەلدى.



ئابدۇخېلىل مىرخېلىلغا چاقچاق



   

بايراقچىسى بوپ قاپسەن،

بىر چىرايلىق ئۆمەكنىڭ.

جاپاسى بار يول يۈرۈپ،

ھوزۇرىنى سۈرمەكنىڭ.



داۋىنى كۆپ يوللاردا،

تۇغ – ئەلىمى قوللاردا،

ئىزى قاپتۇ غوللاردا،

خادىسى يوق بايراقنىڭ.



تەكلىماكان قۇملۇقى،

ئەركەكلەرنىڭ سىنىقى،

بارمۇ – يوقمۇ تىنىقى،

ئابدۇخېلىل بودەكنىڭ.



سالام دەڭلار دوستلارغا،

ئەركىن ئۇچقان قۇشلارغا،

بوش كەلمىسۇن « مۇشت »لارغا،

ئەيبۇ دېگەن « ھۇررەك »نىڭ.



    شائىر ۋارىسجان قاسىم تىيىپجان ئېلىيۇفنىڭ « ئانا تىلىم » دېگەن ئۇزۇن شېئىرىنى پەقەت تېنىمەي، سالماق ئاۋازدا ئۇرغۇلۇق دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرىپ، بىزنى تەگسىز ئويلارغا يەنە بىر قېتىم شۇڭغۇتتى. شەۋكەت رۇستەم « دىلبەر » دېگەن غەزىلىنى، ئەكرەم ئابدۇمىجىت « ئۇيغۇر رەسساملىرى » دېگەن مۇخەممەسنى ئوقۇپ سورۇنغا جان كىرگۈزدى. ئابلىكىم تالىپ ژورنالدىن « يېشىل باغلاردا كۈتتۈم يار سېنى » نامىدىكى بىر تۈ*ركۈم غەزەللىرىدىن بىرنى ئوقۇپ بەردى. ئەخمەتجان قۇربان بەگتۈ*رك « سالام دوستلار »، ئابدۇخېلىل مىر خېلىل « مىساللار بار »، ئابدۇقادىر سادىر « كېچىدىكى دىلبەر » قاتارلىق شېئىرلارنى ئارقا – ئارقىدىن ئوقۇپ، بۇ سورۇننى شېئىر مىسرالىرىنىڭ ئاپتاپلىرىدا چاقناتتى. سورۇن ئەنە شۇنداق شېئىر ئوقۇش، ناخشا – ساز ئاڭلاش، كۈلكە – چاقچاقلاردا ئۆز پەللىسىنى تاپتى. شېئىر مىسرالىرى ئەۋرىشىم قانىتىدا پەرۋاز ئەيلەپ ئوچۇق دېرىزىلەردىن گۇمىنىڭ قاراڭغۇ كېچىسىگە شۇڭغۇيتتى. بۇ، ھاۋامۇ، دىللارمۇ شېئىرغا تويۇنغان شېئىر كېچىسى بولدى.

     ئەتىسى ئەتىگەندە گۇما ناھىيە 6- پولكقا جايلاشقان، بۇندىن بىر ئەسىرچە ئىلگىرى سېلىنغان تۇردى ھاجى قورۇسىغا زىيارە قىلىش سەپىرىمىزدە، بۇ ناھىيەنىڭ بەش مىڭ مولۇق چىلان بازىسىنى كۆزدىن كەچۈردۇق. پايانسىز كەتكەن چىلانزارلىق يۇمشاق شامالنىڭ ئەللەيلىشىدە شىلدىرلاپ تۇراتتى. تۇردى ھاجى قورۇسى ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان يادىكارلىق بولۇپ، ئەينى چاغدا 72 ئېغىز ئۆي سېلىنغانىكەن، كۆرۈۋاتقىنىمىز بولسا 10 ئېغىزى قالغان ئۆيلەر ئىكەن. ئەينى چاغدىكى تاش بوياقلاردا سىرلانغان تورۇس، نەقىشلەر مۇزدەك تۇرۇپتۇ. ئۆي قۇرۇلىشىنىڭ ھەيۋىتىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، تۇردى ھاجى باينىڭ بۇ ئۆيگە پۇلنى ساماندەك خەجلىگىنى ئېنىق. ئۇ بەلكىم خىيالىدىكى جەننەتنى ياسايمەن، دېگەندەك قىلاتتى. ئەينى چاغدىكى شۇنچە ئاۋات بۇ قورۇ ھازىر خىلۋەت جايدا چوقچىيىپ، غېرىبانە تۇرۇپتۇ. بۇ قورۇ 100 يىل ئىلگىرىكى ئۇيغۇر مىمارچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ۋە سۈلكىتىنى كۆرۈشتە، تەتقىق قىلىشتا تىرىك ھۆججەت ئىدى.

    پىشنا يېزىسى گۇمىنىڭ قەدىمىي يېزىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ يەردىمۇ خۇددى ئاخشامقىدەك كۆڭۈللەر دەملەر داۋاملاشماقتا. ئاددىيغىنە يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسى شېئىر ساداسى ئىچىدە كۆزلىرىنى چۆچۈپ ئاچماقتا. يېزا باشلىقى ئەركىن جۈمە بۇ يېزىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ سېلىنىۋاتقان ئۆيلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە دېھقانلارنى قانداق قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانلىرىنى سۆزلەپ بەردى. يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سالغۇچىلارنى ھۆكۈمەت 20 مىڭ يۈەن بىلەن تەمىنلەيدىكەن، قالغان مەبلەغنى ئۆي ئىگىسى ھەل قىلىدىكەن، يول بويىدىكى قاڭالتىرلىق ئۆيلەر شۇ پىلان بويىچە سېلىنغان ئىكەن. ھەر كىمنىڭ خىيالى باشقا. مەيلى نېمە بولمىسۇن، ھۆكۈمەت ياردەم بېرىپ، رىغبەتلەندۈرۈپ سېلىنىۋاتقان بۇ ئۆيلەرنىڭ ئازادە، مەزمۇت بولۇشىنى، يەنىمۇ كۆپىيىشىنى تىلىدۇق.

    ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈ*ركنىڭ ھەمراھلىقىدا شەھىدانە خوتەنگە نىشان ئەيلىدۇق. پىيالما بىزنى كۆڭۈلسىز ھاۋاسى بىلەن كۈتۈۋالدى. بوران قۇملارنى ئۇچۇرۇپ يۈرەتتى. قۇملارنىڭ ئاسفالىت يولدا ئاققان سۇدەك سىپىلاپ ئۆتۈشىگە قارايمەن. كۆز ئالدىمغا خوتەنلىكلەرنىڭ جاھىل، باتۇر خاراكتىرى، جاھانغا داڭلىق گېلەم – ئەتلەسلىرى، خوتەن قەغىزى ۋە خوتەن قاشتىشى، قەغەز ياڭاقلىرى شۇنداقلا گۆشگىردىلىرى بىر – بىرلەپ كېلەتتى.



شىڭگىل شىنا:

« جاھىل » خوتەنلىكلەر



قەدىمقى ئۇدۇن خەلقى مىلادى 1- ئەسىرندىن خېلى بۇرۇنلا بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇددا دىنى ئۇدۇن دۆلىتىدە تازا روناق تاپقان، ئۇدۇن بۇددا دىنىنىڭ غەربىي رايۇندىكى ئاستانىسىگە ئايلانغان، بۇددا دىنىنىڭ جۇڭگۇنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنلىرى، چاۋشيەن، ياپۇنىيە قاتارلىق ئەللەرگە تارقىلىشدا ئۇدۇن، كۇسەن ( كۇچار ) بۇددىستلىرى موھىم رول ئوينىغان.

تەخمىنەن مىلادى 970 – يىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ماۋرائۇننەھىر، قەشقەر ئىسلام ئېچىش قوشۇنلىرى ( قاراخانىلار ياكى خاقانىيە قوشۇنى ) بىلەن بۇددىست ئۇدۇن خانلىقى ئارىسىدا خوتەننى بويسۇندۇرۇش ۋە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدۇرۇشنى مەقسەد قىلغان ئۇرۇش 20 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان. بۇ ئارىدا ئۇدۇن خەلقى ئارىسىدا ئىسلامنى قوبۇل قىلىش ۋە ئىسلامدىن يېنىۋىلىش ئەھۋاللىرى بولغان. بۇ ئۇرۇشتا ھەر ئىككىلا تەرەپ زور بەدەللەرنى تۆلىگەن. ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭدە ئۇدۇن خانلىقى تەرەپتىن 560 كىشى، ئىسلام قوشۇنى تەرەپتىن 220 كىشى ھالاك بولغان، ئاخىرى ئۇدۇن خانى خالخال ماچىن ئىلاجىسىز ھالدا ئىسلام قوشۇنىغا تەسلىم بولۇپ، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. گەرچە لەشكىرىي ھوقۇقنى ئىگىلەپ تۇرغان چوقتى رەشت، نوقتى رەشت قاتارلىقلار بىر بۆلۈك قوشۇننى باشلاپ، يېرىم كېچىدە مۇھاسىرىنى بۇزۇپ قېچىپ كەتكەن ۋە بىر مەزگىل باشقا جايلاردا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدە بولغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا ئۈزۈل – كېسىل مەغلۇپ بولغان. شۇڭلاشقا خەلق ئارىسىدا خوتەنلىكلەر ئىسلامغا قىلىچنىڭ زورى بىلەن 40 يىل كېيىن كىرگەن، دېگەن رىۋايەتلەر ئېقىپ يۈرىدۇ.



- قارىقاشلىق يازغۇچى يىگىتلەر يولىمىزغا قاراپ تۇرغۇدەك، - ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈ*ركنىڭ ئاۋازى خىيالىمنى بۆلدى.

- ھوي، قارىقاش كۈنتەرتىپتە يوقتۇ؟ - دېدى بىرەيلەن.

- ئۇلار خەۋىرىمىزنى توردىن كۆرۈپ، ئۆزلىكىدىن ئالدىمىزغا چىقىپتۇ.

- نەقەدەر مېھماندوستلۇق بۇ!

- مېھماندوستلۇققا ئەدىبىياتنىڭ مېھىر – مۇھەببىتى يوشۇرۇنغان. ئەشۇ ئوت ئۇلارنى ياتقۇزمىغان گەپ.

- ئاپىرىن يىگىتلەرگە!

    ئاپتۇبۇس ئىچىدە پاراڭ قايناپ كەتتى.

- دولقۇن، ئەيبۇ قاتارلىقلار ئۇچار ماشىنىدا ئالدىن كېتىپ قالغان، قانداق قىلىمىز؟

- توغرا، توختاپ كۆرۈشمىسەك بولمايدۇ.

    قارىقاشتا يولىمىزغا قاراپ تۇرغان ئۆمەر مەتنۇرى، ئابدۇلھەمىد ياسىن ۋە ئىسىم – شەرىپى يادىمدا قالمىغان بىر قانچە يارەنلەر بىلەن قوش قوللاپ قىزغىن كۆرۈشتۇق.

- قارىقاشتا تۇرالمىساڭلارمۇ، بىر پىيالە چېيىمىزنى بولسىمۇ ئىچىپ كېتىڭلار.

- رەھمەت، باشلىقلار بىزنى خوتەندە ساقلاۋاتىدۇ، خوتەندىكى ھۆرمەت ئېگىلىرىنىمۇ ساقلىتىپ قويمايلى.

- بوپتۇ ئەمىسە، ئۇسسۇزلۇققىغۇ ماقۇل دەرسىلەر، ئۇسسۇزلۇق ئىچىپ مېڭىڭلار.

    ئۇلارنىڭ تەكلىپىنىڭ ھېچقاچان « سەمەرقەند تەكلىپى » ئەمەسلىكى كۆزلىرىدىن، سەمىمىي سۆزلىرىدىن ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. لېكىن بىزگىمۇ ئامال يوق، تەشكىللىك ئىش پىلان بويىچە يۈرمىسە بولمايدۇ. ئىككلا تەرەپ قىيالماسلىق، قانماسلىق ھىسسياتىدا ھېجران ئەيلىدۇق. ھەممىسى ياشلار، نەقەدەر سەمىمىي، ئاقكۆڭۈل، مېھىرلىك ئوغلانلار بۇ! ئۆلمىسەك يەنە كۆرۈشەرمىز، خەير – خوش ساپدىللار!

    خوتەندىكى ئەزىزلەر ساقلاپ قالغاچقا، خوتەن شەھىرىگە كىرىپ ياتاققا ئورۇنلاشمايلا، تاماق ۋە سۆھبەت بىر يەرگىلا ئورۇنلاشتۇرۇلغان « مۇزتاغ رېستۇرانى »غا جۆنەپ كەتتۇق. بۇ يۇرتتىكى قەدىردانلاردىن مۇھەممەد چاۋار، نۇرمۇھەممەد توختى، ئابدۇللا سۇلايمەن، مەتقاسىم ئابدۇراھمان، ئوبۇل ھاشىم،تۇرسۇنجان مۇھەممەد، مەتسىلىم مەتقاسىم،مۇتەللىپ سەيپۇللا، ئابدۇرېھىم زۇنۇن، ئەنۋەر ھوشۇر، ئابدۇرىشىت ئېلى، مۇختەر سۈپۈرگى، ئالتۇنگۈل رەجەپ قاتارلىق دۇردانە ئىگىلىرى بىلەن جەم بولدۇق. ئەپسۇس، گۇمىدىن كەلگۈچە سەل ساقسىز بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن چالا – بۇلا غىزالىنىپلا چۈشكۈنگە ئۆزۈم يالغۇز كېتىپ قالدىم. ئېنىقكى سورۇن ناھايىتى قىزىدى، ئەمما مەن بۇنىڭدىن مۇستەسنا قالغان ئىدىم.

     ئەتىسى ئەتىگەندە « دېھقان شائىر » روزى سايىتنىڭ تۇپراق بېشىغا تەرەددۇتلىنىۋاتقاندا، مەتسىلىم مەتقاسىم، ئوبۇل ھاشىمدەك غەمگۈزارلارنىڭ ھامىلىقىدا « سەرگەردان شائىر »لىق تۇرمۇشتىن خوشلىشىپ، تۇرمۇش كاپالىتىگە ئېرىشكەن ياش شائىر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد بىلەن ئەسرالاشتۇق.

      تۇسۇنجان مۇھەممەد، مەتسىلىم مەتقاسىم، ئوبۇل ھاشىملارنىڭ ھەمراھلىقىدا « جىيا گۈزىلى ئەتلەس كارخانىسى »، « جىيا گېلەمچىلىك كارخانىسى » قاتارلىق جايلاردا ئېكىسكۇرسىيە، زىيارەتتە بولدۇق. پىلە غوزىكىدىن مەشۇتنى قانداق ئېلىشنى، دەستىگاھتا گېلەمنى قانداق توقۇيدىغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. قىزارغان توغراقلىق سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئانچىمۇ چوڭ بولمىغان بىر گېلەمگە كۆزۈم چۈشۈپ باھاسىنى سورىۋىدىم، 39 مىڭ يۈەن دېگەننى ئاڭلاپ، ئارقامغا داجىدىم. ئەمىلىيەتتە ئاشۇ قولدا پۈتكەن گىلەم، ئەتلەسلەر بۇ باھادا يەنىلا ئەرزان بولسىمۇ، مەندەك مۇئاشتىن باشقا كىرىمى بولمىغان گاداي يازغۇچى ئۈچۈن يەنىلا چوڭ سان ئىدى. ھېلىقى گېلەمنى سېتىۋېلىپ، كارىۋاتنىڭ بېشىغا ئېسىپ قوياي، دېگەن شېرىن خىيالىم بەرباد بولۇپ، كۆزۈم كەينىمدە يېنىپ چىقتىم.

     تىلغاپ تاشلانغان يۇرۇڭقاش دەرياسى بويىدا تۇرغان ۋە دەريا ئىچىدە ئۆمىلەپ يۈرگەن توپا قېزىش ماشىنىلىرى ئاخىرقى زاماننىڭ دەججاللىرىدەك ئېغىزلىرىنى كەڭ ئېچىشىپ تۇراتتى، بايلىق كويىدا پىتىراپ يۈرگەن ئادەملەر چۈمۈلىدەك مىدىرلاپ يۈرەتتى، يۇرۇڭقاش كۆۋرۈكى بويىغا جايلاشقان قاشتىشى بازىرىدا ئالامان گۈرۈلدەيتتى، ئالارمەندىن ساتارمەن كۆپ بازاردا سودا قىزىغان.

- يۇرۇڭقاشنىڭ گۆشگىردىسى داڭلىق، دېدى لېدىرلارغا خاس سالاپەتكە ئىگە ئوبۇل ھاشىم، - چۈشتە گۆشگىردە بىلەن قورساقنى ئەستەرلەيمىز.

قىزىق گۆشگىردىنى سۇغا چىلاپ، ئارقىسىدىكى تونۇر شورلىرىنى قىرىۋەتكەندىن كېيىن باشقىلارنىڭ ئۆگىتىشى بىلەن كەينىدىن تېشىپ ئاستا يىدىم. مەيلى ئىشىنىڭ – ئىشەنمەڭ، گۆشگىردىنى تۇنجى يىيىشىم ئىدى. پۈتۈن بىر گۆشگىردىنى مەززە قىلىپ يەۋەتتىم.

     ئەسلى پىلان بويىچە خوتەندە بىر كېچە قونماقچى ئىدۇق، كەچ كەلگەنلىكىمىز ئۈچۈن يەنە بىر كېچە قونۇشنى قارار قىلدۇق. يۇرۇڭقاشتىن قايتىپ چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتنىڭ ئىختىيارى پائالىيەت ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم. كۈن سەل يانغاندا، ئۇيقىغا قانغان شەۋكەت ئىبراھىم ئىككىمىز چوققا ( چوڭقۇر ) بازىرىغا بېرىپ ئايلىنىپ كەلدۇق. كەچتە خەلق مەيدانىدىكى كەچلىك بازاردا بېشەكشە قوغۇنى، ئوڭ، ساراڭ ئاتىلىدىغان دوغاپلاردىن لەززەت ئالدۇق.

     تۇرسۇنجان مۇھەممەد بىلەن مەتسىلىم مەتقاسىم بىزنى كىرىيەگىچە ئۇزۇتۇپ ماڭدى. مۇتەللىپ سەيپۇللايۇف لوپتا ناشتىلىققا پولۇ ئەتكۈزۈپ قويۇپ، بىزنى خوتەنگە ئالغىلى كەلگەن ئىدى. « ئوغۇل بالىنىڭ يېمى »دە ناشتا قىلىپ يولغا چىقتۇق. لوپ بىلەن چىرا ناھىيىسى ئارىسىدىكى يولدا، بىر قانچە كېلۇمېتىرغا سوزۇلغان لەيلىگۈللۈك بار ئىكەن. خەلقىمىزنىڭ گۈلخۇمارلىقى، گۈزەللىكە ئىنتىلىدىغان قەلبى بۇ گۈل كارىدورىدا نامايەن بولغان ئىدى. ھەممە بوستانلىق يوللار مۇشۇنداق گۈلگە ئورالغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولغان بولاتتى – ھە؟! بۇ يەرلىكلەرنىڭ بۇ خىل ئۆزگىچە يول بېزىكىنى پۈتۈن شىنجاڭغا كېڭەيتسە بولغۇدەك، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. « ئېسىت، ئىبراھىم نىياز بىلەن دىلنۇر ياسىن بۇ گۈل كارىدورىنى  كۆرەلمىدى – دە » دەپ ئەپسۇسلاندىم. ئىبراھىم نىياز خوتەندىكى ئەسكەر ئوغلىنى شىزاڭغا يولغا سالىدىغان بولۇپ قالغاچقا، ئامالسىز خوتەندە قالغان، دىلنۇر ياسىن بولسا ئوغلى سوقۇر ئۈچەي ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرىدىغان بولغاچقا، كېچىلەپ ئايرۇپىلان بىلەن قارىمايغا قايتقان ئىدى.

گۈللەر زوقىدا چىراغا يەتتۇق. ئوق ئۆستەڭ بويىدىكى ياڭاقلىق سالقىنىدا شائىرە مېھرىگۈل ئابلىز، زەيتۇنە مەمتىمىنلەرنىڭ چۈشلۈك تامىقىغا داخىل بولدۇق. ئوق دەرياسى چىرا بازىرىنى كېسىپ ئۆتىدىكەن، لايقىپ ئېقىۋاتقان بۇ ئۆستەڭ سۈيىنىڭ رىماتىزىم كېسىلىگە شىپا بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. چىڭقى چۈشنىڭ تونۇردەك ئاپتىپىدا چىرانىڭ يەرلىك كۆمەچلىرىدىن يەپ تازا تەرلىدۇق.

     يوللار يەنە داۋام ئەتمەكتە، كىرىيە بىزگە قۇچىقىنى كەڭ ئاچماقتا. كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسى كېڭەش ۋە پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئالدىمىزغا چىقىپ تۇرغانىكەن. شىۋۇل يىزا شىۋۇل كەنت پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ كۈتۈشىدە تاماقلاندۇق. قورساق توق بولغاچقا كۆپرەك قوغۇن – تاۋۇز، مېۋە – چېۋىلەرگە ئېغىز تەگدۇق.

     بۈككىدە توغراقلىق ئالدىدا ماشىنىلاردىن چۈشتۇق. پىيادە توغراقلىق، قۇمۇشلۇقلارنى ئارقىمىزدا قالدۇرۇپ، ئەتراپى غۇچچىدە قۇمۇش، سايازلىق بىلەن قورشالغان، سۈيى زۈمرەتتەك سۈزۈك قۇملۇق باغرىدىكى مۆجىزە سۈپەت بىر كۆلنى كۆردۇق. بۇ كۆلنى ئەجدەر كۆل « ئەجدىرھا كۆل »دەپ ئاتايدىكەن، يەرلىكلەر كۆتەككۆل دېيىشىدىكەن. كۆتەككۆلنىڭ جەنۇبىدا شىۋۇل سۇ ئامبىرى بولۇپ، قايسى بىر يىلى بۇ جاينى ساياھەت ئورنى قىلىپ ئېچىش ئۈچۈن ئايرۇپىلان بىلەن تەكشۈرگەندە، سۇ ئامبىرىنىڭ سۈيى بىلەن كۆتەككۆلنىڭ سۈيى بىرلىشىپ، گويا غايەت زور ئەجدىرھاغا ئوخشاش كۆرۈنگەچكە، ئەجدەر كۆل دەپ يېڭىدىن ئاتالغانىكەن.

     بۇ كۆل ھېلال ئاي شەكلىدە بولۇپ، كۆلىمى 12 كۋادرات كېلۇمېتىر كېلىدىكەن، كۆتەككۆلنىڭ غەربىي جەنۇبىدا 1000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمىي توغراقلىق بولۇپ كىشىلەر « جىن توغراق » دەپ ئاتىشىدىكەن، بۇ يەردىكى قۇمۇشلۇق كۆل ۋە توغراقلىقلار كىشىگە قەدىمىي تۇيغۇ ۋە ئۆزگىچە زوق بېغىشلايدىكەن.

     كىرىيەنىڭ ھاكىمى روزىباقى ئاكا توغرىغاز يېزىسىدىكى « قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى »دا بىزنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن. خوتەنگە بىر يىغىنغا مېڭىش ئالدىدا بىز بىلەن كۆرۈشۈشنى ئەلا بىلىپ، مۇشۇ ئۆتەر يولنى تاللىغان ئىكەن. ھاكىمنىڭ ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت ئاجرىتىپ بىزگە كۆرسەتكەن شۇنچە ھۆرمىتى بىزنى قايىل قىلدى. « ھەقىقەتەن ئەدىبىيات – سەنئەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ھاكىم ئىكەن » دەپ باھا بېرىشتۇق، ياخشى تەرىپىنى ئېلىپ بىر ئېغىزدىن سەمىمىي ماختاشتۇق. قۇربان تۇلۇم 1958- يىلى 7- ئاينىڭ 26- كۈنى ئېشەككە مېنىپ بېيجىڭغا يول ئالغان. ئۆز جاڭگىلىدىن غېرىچ ئۇزاققا دەسسىمىگەن، ئاياق باسمىغان بوۋاينىڭ ئېشەك بىلەن بېيجىڭغا قىلغان سەپىرىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. بەلكىم بوۋاي بېيجىڭنى خوتەنچە چاغلاپ يۈرۈپ كەتكەندۇ، شۇ يۈرگەنچە بېيجىڭغا يەتكەندۇ. بىز بۇۋاينىڭ بۇ خىل باتۇرانە روھىغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز، ئەلۋەتتە.

     كىرىيە « تيەنجىن بازىرى »دا 200 مو كۆلەمدىكى بازار ئورنىنى كۆردۇق. يەرلىكلەر شەنبە بازار دەپ ئاتايدىغان بۇ بازار، بۈگۈن بازار كۈنى بولمىغاچقا ئادەمسىز، بوش ئىدى. بۇ بازاردا 2010- يىلى 4- ئايدا ئىش باشلىنىپ، 9- ئايدا ئېچىۋېتىلگەن. بۇ بازار كىرىيە بويىچە ئەڭ چوڭ دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بازىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بازاردا ئاساسلىقى چارۋا، ئۆي قۇشلىرى، ھۆل – قۇرۇق مېۋە – چېۋىلەر، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەھسۇلاتلار، كىيىم – كېچەك، ياغاچ ماتىرىياللىرى، قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئوبۇرۇت قىلىنىدىكەن. بازار يىمەكلىك، كىيىم – كېچەك، مېۋە – چېۋە ... دېگەندەك سەككىز رايۇنغا بۆلۈنگەن بولۇپ رەتلىك، تەرتىپلىك ئىكەن. 6600 يايما ئورنى تەسىس قىلىنغان ئىكەن. بازارغا جەمئىي 20 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ 13 مىليۇن يۈەنىنى تيەنجىن شەھىرى چىقارغان بولغاچقا « تيەنجىن بازىرى » ئاتالغان ئىكەن.

    جاي يېزىسىدا كىرىيە تەلپىكى يەنى جاھاندىكى ئەڭ كىچىك تەلپەك نامى بىلەن « جىننىس دۇنيا رېكورتى قامۇسى »غا كىرگۈزۈلگەن، ئۇيغۇرنىڭ باشقا يۇرتلىرىدىمۇ يوق بولغان كىچىك تەلپەك تىكىش ھۈنەر – سەنئىتىنى نەق مەيداندا كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق. بۇ خىل ھۈنەرنىڭ ئاخىرقى مىراسخور ئۇستىلىرىدىن بىرى بولغان راۋىيەم ئانا ھويلىسدا راۋىيەم ئانا ۋە ئۇنىڭ قىزىنىڭ چىۋەرلىك بىلەن يىپ – يىڭنە ئىشلىتىپ، پۈتۈنلەي قول بىلەن بۇ خىل دوپپىنى تىكىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بۇ خىل تەلپەك ئاياللارغا خاس باش كىيىم بولۇپ، زىننەت خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەن. قەدىمقى كىرىيە ئاياللىرى ئۆز گۈزەللىك قارىشى بويىچە خۇددى قېشىغا ئوسما، قولىغا خېنە قويغاندەك، كۆزىگە سۈرمە تارتقاندەك، باش ياغلىقىنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل تەلپەكنى قوندۇرۇپ زىبالىقىنى ئاشۇرۇشقان. بۇ تەلپەك بىر قانچە خىل، تۈر بويىچە تىكىلىپ، ئوخشىمىغان ياشتىكى ئاياللارغا ۋە ئوخشاش بولمىغان سورۇنلارغا يەنى توي – تۆكۈن، ئۆلۈم يېتىم ئىشلىرى ھەمدە ئائىلىدە كىيىلىدىغان قىلىپ لايىھىلىنىدىكەن. راۋىيەم ئانىنىڭ قىزى قاتارلىق ئالتە – يەتتە شاگىرتى بولۇپ، ھېلىمۇ بۇ تەلپەكنى بازارغا سېلىۋىتىپتۇ. گەرچە ھازىرقى كىرىيە ئاياللىرى بۇ خىل تەلپەكنى كىيىشتىن ئاساسەن ياتلاشقان بولسىمۇ، راۋىيەم ئانا « ئانا مىراس ھۈنەر»دىن قول ئۈزمەي داۋاملاشتۇرىۋېتىپتۇ. تېلىۋېزۇر ۋە بەدىئىي سۈرەتلەردىن بۇ خىل تەلپەكنى كۆرۈپ « باشتا قانداق توختار » دەپ ھەيران بولاتتىم. « يىپ بىلەن تىكىۋېتەرمۇ، شىلىم بىلەن چاپلارمۇ، زادى قانداق تۇرغۇزىدىكىنە؟ » دەپمۇ ئويلايتتىم. راۋىيەم ئانا قولى بىلەن ئىشلەپ كۆرسىتىپ بەردى، بىر تال يىڭنە بىلەنلا ئىلىپ توختىتىدىكەن. « ھە، مۇنداقكەندە » دەپ كۈلۈپ كەتتىم.

     كىرىيە بازىرىغا يېتىپ كېلىپ، ياتاققا چۈشۈپ، مۇزدەك سۇدا يۇيۇنۇپ يول ھارغىنىدا بەدەنلەر بوشىشىپ كەتتى. شەۋكەت ئىككىلىمىزنىڭ يانفۇنىنىڭ باتارىيىسى تۈگەپ كەتكەن ئىكەن، بۇنى بىلمەي ئۇيقۇ لەشكەرلىرىگە تەسلىم بوپتۇق. ئەيبۇ نەچچە قېتىم تېلىفۇن قىلىپ بىز بىلەن ئالاقىلىشالماي، بىر مۇنچە قايناپ، باشقىلارنى باشلاپ كىرىيە « ھېيتگاھ جامەسى »گە زىيارەتكە ئېلىپ كېتىپتۇ. بىر چۆچۈپ ئويغىنىپ شەۋكەتنى چاقىردىم.

- ئاداش، تۇرە. بەكلا جىمجىتقۇ؟

- مەن قاراپ باقاي.

ئۇ سىرتقا چىقىپ كىرىپ، « ئۇلار يوق تۇرىدۇ » دېدى.

دەررۇ ئابدۇخېلىلغا تېلىفۇن قىلدىم.

- ۋەي، سىلەر نەدە؟

- ھېيتگاھ جامەسىنى زىيارەت قىلىپ بولۇپ، « كۆچەتخانا » دېگەن جايغا ماڭدۇق.

- بىزنى تاشلاپمۇ؟

- ياق، ئەيبۇ كۆپ تېلىفۇن ئۇرۇپ ئالالماي خاپا بولۇپ، بىزنى ئېلىپ ماڭدى.

- سىلەرنى قانداق تاپىمىز؟

- ئەيبۇغا تېلىفۇننى بېرەي.

- ۋەي، بىز ئۇخلاپ قاپتۇق.

- دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ تۇرۇڭلار، ئالدىڭلارغا ماشىنا بارىدۇ.

     شەۋكەت ئىبراھىم ئىككىمىز ھاپىلا – شاپىلا تۆۋەنگە چۈشتۇق. دەرۋاىغا يەتكۈچە ماشىنىمۇ كەلدى. « كۆچەتخانا » دېگەن جاي شەھەر سىرتىدىكى جايغا جايلاشقان بولۇپ ئارىلىقى خېلى بار ئىكەن. بۇ بىر ئارامگاھ بولۇپ، قارىغاندا سىرتقا ئېچىۋېتىلمىگەندەك قىلاتتى. بۇرادەرلەر بىلەن بۇ يەردە قايتا ئۇچرىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق. سورۇندىكى سۆزلەردىن ۋاقىپلاندۇقكى، كىرىيەنىڭ ئەدىبىيات – سەنئەت ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋېتىپتۇ. « كۆكبۇلاق » ئەدەبىي ژورنىلى نەشىر قىلىنىش بىلەن بىرگە، يەنە ھازىرغا قەدەر كىرىيەلىك ئاپتۇرلارنىڭ ئۈچ رومان، ئىككى پوۋىستلار توپلىمى، 15 ھىكايىلەر توپلىمى، يەتتە شېئىرلار توپلىمى ۋە باشقا ژانىردىكى 10 پارچە توپلاملىرى ھەر قايسى نەشرىياتلاردا نەشىر قىلىپ تارقىتىلىپتۇ. نۆۋەتتە ئالتە رومان، تۆت شېئىرلار توپلىمى ۋە ئۈچ پارچە باشقا ژانىردىكى كىتابلىرى نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. بۇ سانلاردىن مەلۇمكى، كىرىيە ناھىيىسىنىڭ ئاپتۇرلىرى ھەقىقەتەن تىرىشچان، ئىجتىھادلىق ئىكەن. قەلىمىڭلار بەرىكەتلىك بولسۇن كىرىيەلىك ئىجادكارلار!

     شۇ سورۇندا مەتسەيدى مەتقاسىمدىن شۇنى ئۇقتۇمكى توغراق بەشكە بۆلىنىدىكەن.يەنى-توغراق،بۇغداي توغراق ،تال توغراق ،ياۋا توغراق،ئاق توغراق. بۇغداي توغراقتىن« مۇكۇ سۈيى» چىقىدىغان بولۇپ بۇ سۇ ئادەم تىنىگە شىپالىق ئىكەن.

     سەھەر نىيەدىن ئۆتۈپ « تارىم تاشيولى ئارتۇق يۈكلەرنى تەكشۈرۈ پۇنكىتى »دا، ئەتىگەنلىك ناشتىنى ئۆزىمىز تەييارلىۋالغان قوغۇن – تاۋۇز، نانلار بىلەن قىلدۇق. مانا ئەمدى « تارىم قۇملۇق تاشيولى »دا كېتىۋاتىمىز. قاياققا قارىسا قۇم بارخانلىرى ئۆركەشلەپ تۇرغان. لېكىن يول ياقىسىدىكى سۈنئىي كۆكەرتىلگەن يۇلغۇن بەلبىغى، قۇملۇق باشلىنىپ ئاخخرلاشقانغا قەدەر 600 كېلۇمېتىردىن ئوشۇق مەنزىلدە كۆكىرىپ تۇراتتى. بۇنىڭغا نېفىت باش ئىدارىسى كۆپ مەبلەغ سالغان بولۇپ، دەممۇ – دەم يولۇقۇپ تۇرىدىغان سۇغىرىش ئۆيلىرى، ئۈچەيدەك سورۇلغان كاۋچۇكتىن ياسالغان سۇ تۇرۇبىلىرى ۋە ياشىرىپ تۇرغان يۇلغۇنلار قۇملۇقنىڭ كۆركى ئىدى.

     قۇملۇقنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىغۇ دەيمەن، بىر جايدا توختاپ ئارام ئالدۇق. قارىسام ئابدۇخېلىل مىرخېلىل دۆڭگە قاراپ چىقىپ كېتىۋېتىپتۇ. ئۆزۈمچە قىزىق قۇمنى يالاڭئاياغ دەسسەپ باقسام، شىمالنىڭ زەيلىكى ئۆتكەن پۇتۇمغا داۋا بولۇپ قالار، دەپ ئايىغىمنى سېلىۋېتىپلا قۇمغا قاراپ يۈگۈرۈپتىمەن. ئەيھاي، ئازراق ماڭا – ماڭمايلا قوقاسقا دەسسىۋالغاندەك پۇتۇم كۆيۈپ كەتتى. شۇنچە ئادەمنىڭ ئالدىدا قايتىپ چۈشسەم ئوغۇلبالىچىلىق بولماس، دەپ چىشىمنى چىشىمغا چىشلەپ يۇقىرىغا ئۆرلەۋەردىم، كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى، چىدىدىم. چوققىغا مىڭ ئۆلەر ھالەتتە چىقىپ، قىزىق قۇمدىن دالدىلىنىشنى بىلىۋالدىم. قۇملارنى پۇتۇمدا تۈرتۈپ ئورەك كولىۋالغان ئىدىم. مۇزدەك قۇم كۆيۈك ئازابىغا دەرھەم بەردى. مانا ئەمدى پايانسىز قۇملۇق كۆز ئالدىمدا ھاقىقى سۈلكىتىدا نامايەن بولدى. يىراقلارغا قارايمەن، رىسالەت مەرداننىڭ توردا كۆرگەن « قۇمدىكى يامغۇر » دېگەن شېئىرىدىكى تۇيغۇغا كەلدىم.



شىڭگىل شىنا:

قۇمدىكى يامغۇر



...

يۇلغۇنلار شىرىقلايدۇ،

توغراقلارنىڭ تەبەسسۇمىدە

قۇياش نۇرى يالتىرايدۇ.

مەن ئاسمانغا قارايمەن ئۈنسىز،

قۇملار چەكسىز، بەك چەكسىز.

...

      چېكى يوقتەك قۇملۇق تاشيولىدا كېتىۋاتىمىز. ئىتالىيەلىك سەيياھ ماركوپولۇنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدىكى مۇنۇ تەسۋىرلەر كۆز ئالدىمدا.

بۇ چۆللۈك – رەزىل جىن – ئالۋاستىلارنىڭ ماكانى. ئۇلار يولۇچى كارۋانلارنى ئەخمەق قىلىدۇ. كىشىلەرنى بىر خىل خام – خىيالغا گىرىپتار قىلىپ ھالاكەت ئورىسىغا ئىتتىرىۋېتىدۇ. بۇ ھەممەيلەن بىلىدىغان پاكىت. بەزى كارۋانلار كۈندۈزى ئۇزاقراق ئۇخلاپ قالغان ياكى باشقا ئىشلار بىلەن بەنت بولۇپ قالغانلىقتىن سەپەردىن كېيىن قالىدۇ – دە، بۇ چاغدا تۆگىلىك كارۋانلار ئاللىقاچان قۇم بارخانلىرىدىن ئايرىلىپ يىراققا كېتىپ قالغان بولىدۇ. كېيىن قالغانلار ئاۋازى تونۇش بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايدۇ، ئەگەر بۇنى ئۆز ھەمراھىنىڭ ئاۋازى دەپ بىلىپ، ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ كېتىۋەرسە جەزمەن يولدىن ئېزىپ قالىدۇ – دە، قاراپ تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىدىغان ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالىدۇ. كېچىسى بولسا، ئۇلار يەنە گويا چوڭ بىر توپ كارۋان يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىن بىر – بىرىنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېتىۋاتقاندەك ياكى ھەمراھىنىڭ قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتقىنىدەك بىر خىل ئاۋازنى ئاڭلايدۇ. ئۇلار يولدا كېتىۋېتىپ تاڭ ئاتقاندىلا، ئۆزلىرىنىڭ چوڭ يولدىن ئېزىپ خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى سېزىدۇ. بۇ جىن – ئەرۋاھلار بەزى كۈنى كۈندۈزلىرى خۇددى يولۇچىلارنىڭ ئوبرازىغا كىرىپ يولۇچىلارنىڭ نامىنى چاقىرىدۇ ھەم ئۇلارنى چوڭ يولدىن ئازدۇرىدۇ. ئاڭلىشىمىزچە، بەزىلەر مۇشۇ چۆللۈكتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، قارشى تەرەپتىن بىر توپ قوراللىق كىشىلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى ئۇلارنىڭ ھۇجۇمى ياكى بۇلاڭ – تالىڭىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن دەرھال يول چېتىگە يوشۇرۇنىدۇ. نەتىجىدە كېتىۋاتقان يۆنىلىشىنى يوقىتىپ قويۇپ، يولدىن ئېزىپ ئۇسسۇزلۇق، ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە دېيىلىشىچە، بۇ جىن – ئەرۋاھلار بەزىدە ئاسماندا تۇرۇپ داقا – دۇمباق چېلىپ ياكى تارىلىق چالغۇلار بىلەن نەغمە ناۋا قىلىدۇ، ئادەملەر ۋارقىرىغان، ئاتلار كىشنىگەن ئاۋازلارمۇ ئاڭلىنىدۇ. بۇ چاغدا يولۇچىلار ئۆز توپىنى دەرھال بىر يەرگە جەم قىلىپ، چوڭ توپ بولۇپ يولغا چۈشىدۇ. يولۇچىلار كېچىسى ئۇيقۇغا كېتىشتىن ئاۋال ناھايىتى ئېھتىياتجان بولۇش، ئەتىسى ماڭىدىغان يولدىن ئېزىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن يولغا بەلگە قاداپ قويۇشى لازىم. شۇنىڭدەك ئات – ئۇلاقلارنى يىغىش ئاسان بولۇش ئۈچۈن ھەر بىر ئۇلاققا قوڭغۇراق ئېسىپ قويۇش كېرەك. مانا مۇشۇلار بۇ چۆلدىن ئۆتۈشتە دۇچ كېلىدىغان ئاۋارىچىلىق ۋە خىيىم – خەتەرلەردۇر.

بىز بولساق بۇ قىسمەتلەرگە ئۇچرىماي بىمالال يۈرىۋاتىمىز. چۈنكى ماشىنا چاقى ئاستىدىكى « تارىم قۇملۇق تاشيولى » دەپ ئاتالغان قارىماي يولدە.



نەشپۈت ماكانى -كورلا



     گېزىت خەۋىرىدىن كورلا شەھىرىنىڭ « مەملىكەت بويىچە پاكىزە شەھەر »لەرنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغانلىقىنى كۆرگىنىم ئېسىمدە. تېلىۋېزۇردىن « لوپنۇردا مەشرەپ » پرۇگراممىسىنى كۆرۈپ، « مەشرەپ خاسلىقىنى خېلى ئوبدان يارىتىپتۇ، مەشرەپ دەپ سەنئەت كېچىلىكىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان قىسمەن ‹ مەشرەپ ›لەردىن ئۆزگىچە چىقىپتۇ » دەپ باھا بېرىپ كەتكەن ئىدىم. يەرلىك پۇرىقى كۈچلۈك « لوپنۇر خەلق ناخشىلىرى » دېگەن پىلاستىنكىنى ئىشتىياق بىلەن كۆرگەن، ئاڭلىغان ئىدىم. لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاچا مالخىيى، بىزنىڭ تارانچىلارنىڭ مالخىيى بىلەن ئەجەپ ئوخشايدىكىنا، دەپ تەئەججۇپقا چۆمگەن ئىدىم. شۇ تارتىملىق شەھەرگە ھەۋەس بىلەن كىرىپ كەلدۇق. ئۆمەر مۇھەممەتئېمىن كىرۇرەن، ئامانگۈل ئەزىزلەر شەھەرگە كىرىش ئېغىزىدا ساقلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ يول باشلىشىدا ئېسىل بىر مېھمانخانىغا چۈشتۇق. تەرەققىيات رايۇنىغا جايلاشقان مەلۇم بىر مېھمانساراينىڭ ئازادە تاماقخانىسىدا بىزنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ رەئىسى جاڭ خەيبو، كورلا شەھەرلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى چېن ئەپەندىم ۋە ئومەر مۇھەممەتئىمىن كىرۇران،ئامانئگۈل ئەزىز،ئامەتجان مەمەت كۆنچى قاتارلىقلار بىزنى كۈتۈپ ئولتۇرغان ئىكەن. سورۇن ئەمدى باشلىناي دېگەندە، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتگۇرۇپپا شۇجىسى، رەئىسى دىلشاد روزى بىز بىلەن ئالايىتەن كۆرۈشكىلى كەلدى. بۈگۈنكى كەچلىك تاماق ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئالايىتەن ئورۇنلاشتۇرۇلغاچقىمۇ، كورلىدىكى بىز كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان قەلەم ساھىبلىرى كۆرۈنمەيتتى. تاماقتىن كېيىن كۆنچى دەرياسىنىڭ كەچلىك مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغاچ خاتىرە سۈرەتلەرگە چۈشتۇق. كۆنچى دەرياسى رايىش ئاقماقتا، كىملەردۇر بىرلىرى يەل قولۋاقلاردا يەڭگىل پالاق ئۇرماقتا. دەريا كۆۋرۈكىدە چىراقلار يۇلتۇزدەك چاراقلاپ، ئۆزىنىڭ ئاپئاق نۇرىدا بۇ جايغا ئالاھىدە ھۆسۈن قوشماقتا ئىدى. كۆۋرۈكتىن مەنزىرە تاماشىلىغاچ پىيادە ئۆتتۇق.مەنزىرە قانچە گۈزەل بولسىمۇ، « تارىم قۇملۇق تاشيولى »دا ساق بىر كۈن سەپەر قىلغاچقىمۇ سەپەر ھاردۇقى يېتىپ قالغاچقا چۈشكۈنكە ئالدىراپ قايتتۇق.

      ئەتىسى ئۆمەر مۇھەممەتئېمىن كىرۇرەننىڭ يول باشلىشىدا، بىر مۇنچە قەلەمكەشلەر بىلەن بىز تەشنا بولغان لوپنۇرغا ئاتلاندۇق. ئالدى بىلەن لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ « لوپنۇر مۇزىيى »نى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇق. بۇ بىز كۆرگەن ئۈچىنجى مۇزىي بولۇپ قالدى. مۇزىيدىكى لوپنۇرلۇقلار كەپىسىگە ئوخشىتىلىپ ياسالغان مودىللار ئالدىدا تۇشمۇ – تۇشتىن سۈرەتكە چۈشتۇق. لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىق ئوۋلاۋاتقان، بېلىق كاۋىپى قىلىۋاتقان مەردانە قىياپەتلىرى چىن لوپنۇرلۇقلار كەنتىگە بېرىپ قالغاندەك ئىپتىدائىي تۇيغۇ بېرىدىكەن

      موزېيدىن چىقىپ داڭقى ئالەمگە پۇر كەتكەن «داشى»كەنتىگە كەلدۇق.قەدىمى يۇرتنىڭ بۇ نامىغا گۇمانىم.بولغاشقا چۇشەندۇۈرگۈچىدىن ئايرىم سورۇدۇم،بەرھەق گۇمانىم توغرا چىقتى.بۇ كەنىتنىڭ ئەسلى نامى «داش» بولۇپ بۇ يەرلىك تىلدا«شورلۇق» دىگەن مەنانى بىرىدىكەن،ھازىر بولسا نىمىشقىدۇر ئاھاڭ تەرجىمىسى ئوموميۈزلىك قوللۇنۇپ ئەسلى نامى ئېستىمالدىن قالغان.بۇ يېزىنىڭ تەرەقىيات ئەھۋالىغا گەپ كەتمەيدىكەن،ئاخبارات ئورۇنلىرى  بۇ ھەقتە كۆپ ئۇچۇرلار بەرگەشكە بۇ ھەقتە توختىلىشنىڭ زۆرۈريىتى يوق دەپ قارىدىم ماڭا بۇ يەردە تەسىر قىلغان يەنە بىر ئېش بولسا كەنىت كادىرلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تاماكا تاشلاشقا ئەھدە قىلىشىپ،كەنىت خىزمەت رايۇنىنى تۈتۈنسىز رايۇن قىلغانلىقى 30گە يىقىن ئادەمدىن بىرىنىڭمۇ تاماكا چەكمەيدىغانلىقى بولدى.   

    ئويۇۋېتىلگەن تاشيوللارنىڭ يېنىدىكى ۋاقىتلىق يولدا ئېگىز – پەس قاتراپ، چاڭغا كۆمۆلۈپ لوپنۇرلۇقلار كەنتىگە كەلدۇق. مودىلدىكى ئۆيلەردەك ئۆيلەرنى كۆرىمەن، قارنى يېرىلغان بېلىقلارنىڭ چىۋىقلارغا ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىككى يانغا كېرىلىپ، ياغاچ ئوتۇنلىرىدا كاۋاپ قىلىنىۋاتقان ھالىتىنى كۆرىمەن، دەپ ئۈمىدلەنگەن خىياللىرىمنىڭ سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈكتەك، توزغاقتەك توزۇپ كېتىدىغانلىقىنى نەدىن بىلەي؟! ھەممىسى سۈنئىي بەرپا قىلىنغان كۆرۈنۈش. بىز كۆرگىلى كەلگەن « لوپنۇرلۇقلار كەنتى » ئەسلىدە مەن كۆرمەكچى بولغان، ئىپتىدائىيلىقى ساقلاپ قېلىنغان كەنت ئەمەس بەلكى تەقلىدىي ياسالغان « كەنت » ئىكەن. بۇ جايدا لوپنۇر كىشىلىرىنىڭ ئۆزى تۇرماق سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ھېلىقى « لوپنۇر مەشرىپى » ئۆتكۈزۈلگەن سەينانىڭ پەقەت قاشا تېمىلا قالغان بولۇپ، غېرىبانە چۆلدەرەپ تۇراتتى. « ئۇنىڭ ئەسلى قىياپىتى ساقلىنىپ قېلىپ ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن، لوپنۇر ناخشا – سازلىرى يەرلىك چالغۇچىلار تەرىپىدىن ئورۇندىلىپ تۇرغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى – ھە؟ بەلكىم مەلۇم ئىقتىسادىي قىممەتمۇ ياراتقىلى بولار ئىدى » دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۇسساپ كېتىپ بىر بوتۇلكا مېنىرال سۇ سېتىۋالغان ئىدىم، تۆت سوم ئىكەن. ئەگەر نەق لوپنۇرلۇقلار مەھەللىسىگە كېلىپ بىر نوگاي سۇ سورىغان بولساق، بىر نوگاي داغ سۇ ئەمەس بىر قاچاق چاينىمۇ ھەقسىز بەرگەن بولار ئىدى. « زامان ئوخشىمايدۇ. ئەنئەنىۋىي مېھماندوستلۇق بىلەن زامانىۋىي پۇلپەرەسلىك، ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىرىنجى دەيدىغان مۇشۇ زاماننىڭ قىممەت ئۆلچىمى تۈپتىن پەرققە ئىگە. ئوخشىمىغان كۈلتۈر ئوخشىمىغان ھاسىلاتلار ئېلىپ كېلىدۇ، ئەلۋەتتە. » ئۇچار قۇشلارمۇ كۆرۈنمەيدىغان قۇملۇق ئارىسىدىكى ئاتالمىش « لوپنۇرلۇقلار كەنتى » بىلەن ئەنە شۇنداق باش – ئاخىر يوق خىياللار ئىلكىدە خوشلاشتۇق. « قېنى سەن، مەن كۈتكەن لوپنۇر؟ » دەپ ماشىنا دېرىزىسىدىن ئەتراپقا تەلمۈرۈپ قارايمەن، ئەمما كۈتكەن مەھەللەمدىن ئىزنامۇ يوق. بىرە – سىرە كۆرۈنۈپ قالغان ئۆيلەرنى ئەنە شۇ نەق لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۆيى، دەپ سىنچىلاپ قاراپ كېتىمەن. بىر جايدا يالغۇز ئات ئوتلاۋاتقان قاشاسىز كەڭ تۈزلەڭلىكتە چوقچىيىپ تۇرغان بىر ئۆينى كۆردۈم، ئازراقمۇ ئۆزگىچىلىكى يوق، گويا بىزنىڭ تاغلاردىكى قىشلاۋدىن پەرقىقىق يوق ئاددىلا بىر ئۆي. ئەلەم بىلەن لېۋىمنى چىشلەپ كورلا شەھىرىگە يۈرۈپ كەتتۇق.

      كەچتە كورلىدىكى قەلەمكەشلەر ئورۇنلاشتۇرغان  باغقا بېرىپ، يەرلىك ئاپتۇرلاردىن پاخرىدىن مۇسا، ماينۇر ئابدىلىم،قاتارلىق ئونچە يارلىك ئاپتۇرلار بىلان  بىلەن ئۇچراشتۇق.ئۆمەر مۇھەممەت كىرۇراننىڭ قولىدىن  مىرسۇلتان ئوسماننىڭ « لوپنۇر دىئالىكتىكى »، كورلا ئاپتۇرلىرىنىڭ بىرلەشمە توپلىمى بولغان « سېھىرلىك كىرۇرەن » نامىدىكى كىتابلارنى ۋە كىرۇرەن ژورنىلىنىڭ بۇ يىللىق يېڭى سانىنى سوۋغات تەرىقىسىدە تاپشۇرۇپ ئېلىپ، چەكسىز شادلىققا چۆمدۇق.

      بۈگۈن 16- ئېيۇننىڭ قۇياشلىق سەھىرى، زىيارىتىمىزنىڭ جەنۇبقا خوش ئېيتىدىغان سوڭغى كۈنى. جەنۇب سەپىرىدىكى 16 ئوتيۈرەكنىڭ ئۆزگىچە ھېس تۇيغۇلارغا پەۋەس تولۇپ، يېڭى – يېڭى قاراشلارغا كەلگەن شائېرلىرىمىزنىڭ قەلبلىرىدە بىخ سۈرگەن مىسرالارنى ئەقىل سۈيىدە سۇغۇرۇپ پەرۋىش قىلىپ ماڭغان ئاخىرقى كۈنى.

     ئاخشام، ئەتىگەن سەھەر بەشتە ئۈرۈمچىگە ماڭىدىكەن، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان ئامانگۈل ئەزىز سەھەردىلا بىز بىلەن خوشلاشقىلى كەپتۇ. ئۇنىمىساق ئۇنىماي، «ئاق يۇلتۇز» دېگەن تېز تاماقخانىغا ناشتىغا ئاپاردى. ئامانگۈلنىڭ مېھماندوستلۇقى، ئادىمىگەرچىلىكى بىزدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇردى. ناشتىدىن كېيىنكى خوشلىشىشتا دولقۇن ئەلىنىڭ يۇمۇرلۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بىر كوبلىت شېئىرى ھەممىمىزنى كۈلدۈرۈۋەتتى. شېئىر مۇنداق  ئىدى.



ئەمدى خوش ئامانگۈل، ئەمدى خوش ئەمدى،

ئايرىلىش رەڭگىڭنى قىلمىسۇن سامان.

ئايرىلىپ كېتىمىز بۇ بىر قانۇنىيەت،

تۇرىدۇ بۇ ھايات شاۋقۇنلاپ ھامان.



     دولقۇن ئەلى توغرا دەيدۇ، ئايرىلىش، ئۇ بىر قانۇنىيەت. لېكىن، ھايات يەنىلا شاۋقۇنلاپ ئۆتۈۋېرىدۇ. بۇ – ئامانگۈلگىلا قارىتىلغان خوشلىشىش بولماي بەلكى پۈتۈن جەنۇبقا ئېيتىلغان خوش ئىدى.

     يەنە « ئاغۇ بۇلاقنىڭ » تاغلىرىدىن ئاشتۇق. شامال چاقپەلەكلىك ئېلىكتىر ئىستانسىسىدا توختاپ ھاردۇققا چۈشتۇق. سۈزۈك ئاسمان، سالقىن شامال قانلىرىمىزنى ئۇرغۇتىۋەتتى. دىمىقىمدا شىمالنىڭ ھېدى، قەلبىمدە جەنۇبنىڭ ئاتەش سىماسى. مۇشۇ جايدا ئۆمەك باشلىقىمىز دولقۇن تۇرغۇن، شائېر دولقۇن ئەلىلەر بىلەن خوشلاشتۇق. ئىزتىراپلىق ئاچچىق ھېسسىيات مېنى بىر قىسمىلا قىلىپ قويدى. قانداقلا بولمىسۇن ئون ئۈچ كۈن تۇز – تەمدە بىللە بولۇپ بىر – بىرىمىزگە ئۆگىنىپ قاپتۇق ئەمەسمۇ. ئىچىمدە ئاستا شىۋىرلىدىم:



ئايرىلىپ كېتىمىز بۇ بىر قانۇنىيەت،

تۇرۇدۇ بۇ ھايات يەنە شاۋقۇنلاپ.

ئېھ،توغراقلىق دالا سەن مىنىڭ مەڭگۈ قەلبىمدە!

..

2011-يىلى 6-ئاۋغۇسىت شەھرى غۇلجا




www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش