ئاپا، ئىسرىق سېلىپ قويۇڭ بىزلەرگە!
بىز شەھەرنىڭ ئاجىز بالىسى، بىر كىسەكتەك يېرىمىز يوق ياشاۋاتىمىز. شەھەرنىڭ كۆزى تەگمىگەن بىزگە شۇنچە يىللار قورۇقمىغان قاپقاراڭغۇ كېچىلىرىدە. بۈگۈن قورقىۋاتىمىز. ئۇيقۇلاردىن سوراۋاتىمىز. چۈشلىرىمىز ئىچىدىن چىقىپ بۇ كېچىلەرنى ئاپا سىزگە يېزىۋاتىمىز.
ئاپا، بىزگە ئىسرىق سىلىڭە؟! بۇ شەھەرنىڭ كۆزى چۈشمىگۈدەك. ۋاپاسىزلىق ئوتىدا كۆيگەن يۈرەكلەرنىڭ ئوتى ئۆچمىگۈدەك.
ئەسلى مەن قورقاتتىم بوراندىن. ھەتتا باھاردىكى قاغجىرىم ئىسسىقتىن. ھازىر قورقۇپ قالىمەن گاھى، كېچە ئىشىك چەككەن تۇيغۇدىن. بۇ خىل تۇيغۇ كەتمىدى ھەجەپ، كېچىلەرنىڭ يۇرۇق تۈنىدىن.
كېچە كۆرۈپ قالىمەن دادامنى، ئۇ بېشىمنى سىلايدۇ ئاستا. «ئۇخلىغىن مەن بار.» دەيدۇ قۇلقۇمغا. ئۇزۇن كۆرەي دادامنى دەپ ئاچقىنىمدا كۆزۈمنى بىردەم. ئۇ يوقايدۇ يەنە يېنىمدىن. مەن قالىمەن ئىشىك چەككەندەك، تۇيغۇلاردىن قېقىلىپ دائىم. لەۋلىرىمنى چىڭڭىدە يۇمۇپ چاقىرىمەن ئىچىمدە ئاستا «كېلىڭ دادا، بىردەم بولسىمۇ...». ئەتىسى تاڭ سەھەردە، لەۋلىرىمنى تېشەر قوقاقمۇ.كېچىلەرنىڭ ئىچىدىن چىقماي ئويغىنىمەن قورقانلا پېتى. شۇڭا ئاپا سېلىگە بىزگە. ئۇزۇن زامان ساقلىغان ئىسرىقىڭىزنى. ئەدراسماننىڭ پۇرىقى بىلەن قوشلۇپ كەتسۇن بۇ شەھەرنىڭ ئالجىغان تۇيغۇسى. كېتىپ قالسۇن ئاجىزلىرىڭىزنىڭ بېشىدىن قورقۇش. ئەنسىرمىسۇن دادام يەنىلا، بىز تۇرايلى ئورنىمىزدىن سەھەر، تىلەيلى بىز سىزگە ئامانلىق.
23- ئاپېرىل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-23 11:18