بىز توقىساق بۇندا گۈلچەمبىرەك
نېللى ساكىس (شىۋېتسىيە)
(1891 -1970
بىز توقىساق بۇندا گۈلچەمبىرەك،
چاقماق رۇخسىگۈلىنى توقۇيدۇ بىركىم.
لېكىن مەن پەقەت بىر تال شاخ
ھەم تىمتاسلىققا تولغان تىلىمدا
چاقتۇرىمەن بوشلۇقتا چاقماق.
我们在这儿编织花环
有人编入雷的紫罗兰
而我只用一根草茎
充满沉默的语言
它使空中迸射出闪电
قىسقىچە تەھلىلى:
سىز باشقىلارنىڭ گۈلچەنبىرەك توقىغانلىقىنى كۆرگەنمۇ؟ كۆرمىگەن بولسىڭىز تەڭرىنىڭ قولىنى تەسسەۋۇر قىلىڭ! چاقماقتىن ئىبارەت ئەڭ كارامەت شاخ بىلەن توقۇلىۋاتقان گۈلچەمبىرەكنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. ئويلىمىغان يەردىن چاقماقنىڭ رۇخسار گۈلىگە ئېرىشىسىز ــ ناھايىتىمۇ كۈچلۈك ئاۋازلىق چاقماق، رەڭدار ۋە خۇشپۇراق رۇخسار گۈل بىلەن ئۇچۇرىشىپ،زور دەرىجىدىكى خېمىيەلىك رىئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ.بۇ خىلدىكى رەڭ ۋە ئاۋاز گۈزەلىكى بىزنى چوڭقۇر تەسىراتلار قاينىمىغا باشلايدۇ.
شىئېرنىڭ ئالدىنقى ئىككى مىسراسى بىزگە كامىرانىڭ كۆزى كۆرۈنىشنى چەكسىز يىراقلىتىۋەتكەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.«چاقماق»تىن بىز غايەت زور تەسسەۋۇرلارغا ئېرىشىمىز.ئۇ تەڭرىنىڭ شاھانە قەسرىدە مېڭىۋاتقان ئاۋازىمىدۇ؟ئۇ قانداق ئاياغ كەيگەندۇ؟ يا بولمىسا، ئۇنىڭ كۆكتىن ئىبارەت كۆپكۆك ئەينەكتە قالدۇرغان قەدەم ئىزىمىدۇ؟ شۈبھىسىزكى شائىر بۇ يەردە بىزگە غايەت زور بىر بوشلۇقنى قالدۇرغان. ئىككىنچى قەدەمدە شائىر كامىرانىڭ كۆرۈنىشىنى يېقىنلىتىپ ئالدىمىزغىلا ئېلىپ كېلىدۇ.«پەقەت بىر تال شاخ» ــــ بىز چەكسىز بوشلۇقتىن،كىچىكىنە نۇقتىغا يېنىپ كېلىمىز.ئەلۋەتتە بۇ شاخ تەڭرىگە ئەمەس ئادەمگە باغلىنىدۇ.ئۇ سۈكۈتى بىلەن چاقماقنى تولۇقلايدۇ.بەلكىم سۈكۈتتىنمۇ ئارتۇق چاقماق بولمىسا كېرەك.
ئاخىرقى ئۈچ مىسرادا شائىر پۈتۈن بوشلۇقنى كىچىكىنە قۇتىغا مۇجەسسەملەيدۇ.شۇ قەدەر زور سىغىمدا كىچىكىنە بىر تال شاخمۇ ئەلۋەتتە غايەت زور چاقماقنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. مەزكۇر شىئېر بەش مىسرادىنلا تەركىپ تاپقان بولۇپ ئەشۇ چاقماققىلا ئوخشايدۇ.چاقماقنى،ئاۋازنى تەرجىمە قىلىش ھاجەتسىز بولغىنىدەك، ياخشى بىر شىئېر دۇنيانىڭ ئورتاق تىلى بولۇپ ئۇنىمۇ تەرجىمە قىلىش ھاجەتسىزدۇر. ياكى بولمىسا ياخشى شىئېرنى قايسىلا تىلغا تەرجىمە قىلمايلى ئۇ ئوخشاشلا بىزگە بىر دۇنياۋى تىلنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
نېللى ساكىس 40 ياشتىن ئاشقاندا شىئېر يېزىشنى باشلىغان.1966-يىلى 75 ياشقا كىرگەن بۇ مومايغا نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بېرىلگەن. ئۇ مۇكاپات مۇراسىمىدىكى نۇتۇقىنى مۇنداق مىسرالار بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان:« تۇرماقتىمەن ئاسىيلىقىنى ئىگەللەپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەمما بىرمۇ مەملىكەتنىڭ ئەمەس.»
مانا بۇ شىئېرىيەت خانىشىلا دىيەلەيدىغان سۆز! شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە روھ چېقىنى بىلەن شىئېرنىڭ رۇخسار گۈلى ئۇچراشتى.
خەنزۇچە «شىئېرىيەت» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىل 11-سانىدىن