كۆرۈش: 8258|ئىنكاس: 49

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى قاتىل كىتابلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-15 12:18:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئۇيغۇرلاردا ياخشى كىتابلارنىڭ تەقدىرى

ئەخەتجان تۇردى


   مۇشۇ يېقىندا«غايىب گۈل» نى ئارقا- ئارقىدىن بەش قېتىم ئوقۇپتىمەن. يەنە«لەگلەك قوغلىغۇچى بالا»،«كابۇللۇق كىتابپۇرۇش» قاتارلىقلارنىمۇ پات-پات ئوقۇپ تۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ دۇنياۋى ئەسەرلەرنىڭ بىزدىكى تەسىرى ھەققىدە ئويلىنىمەن.
     بىزدە ئورخان پامۇك، مىلان كۇندىرا ،جامىس جويىس دەك تالانىتلار چىقىپ قالسا ،ئۇ بىچارە بىر ئۆمۈر كىتابىنى نەشرىياتلاردىن قايتۇرۇپ ئەكىلىپلا ئۆمرى ئۆتەرمۇ دەپ ئويلىنىپ قالدىم. نەچچە يىل ئىلگىرى «بۆرە توتېمى» ئۇيغۇرچە چىققاندا بەك ئاستا سېتىلغان ئىدى، ئابدۇقادىر مۇئەللىم دېگەندەك ئۇشبۇ كىتابنىڭ ئانچە داغدۇغىسى بولمىدى. شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى چىقىرىۋاتقان  دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەرمۇ كىتابخانىلارداتوپا بېسىپ ياتىدۇ. پەقەت «مەمەت ئاۋاق»لا ياخشى سېتىلدى.نېمە ئۈچۈن ياخشى ئەسەرلەر بىزدە تەسىر قوزۈەيالمايدۇ؟«يۈز يىل غېرىبلىق»نى مۇھەممەت باغراش، مەمتىمىن ھۇشۇر، خالىدە ئىسرائىلدىن باشقا يەنە كىم باش چۆكۈرۈپ ئوقۇپ باققاندۇ؟چىخوفنى، ئەزىز نەسىننى مەمتىمىن ھۇشۇردىن باشقا كىم ئوپىراتسىيە قىلىپ ئوقۇپ چىققاندۇ؟
      شۇنىسىنى ئېتراپ قىلايلىكى، جالالىدىن بەھرام بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزغا بەك پاسسىپ تەسىر كۆرسەتتى. ئوقۇرمەنلەرنى ۋەقەلىك سۇس ئەسەرنى ئوقۇماس قىلىۋەتتى. يەنە«ئارمان»،«سەسكىنىش»،«سۆيگۈ ۋە قىساس»قاتارلىقلارمۇ بار. «مۇھەببەت ئۆزى سۆزلەيدۇ»،«گۈللالە»،«لالە»،«ئازغان كۆڭۈل»قاتارلىق كىتابلارۋە يەنە شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى چىقارغان بىر قىسىم بازارلىق رومانلار نەشرىياتلارنى باي قىلغان بىلەن ئوقۇرمەننى ئەسەر تونۇماس دەلتە قىلىۋەتتى. ئۇلار جالالىدىن بەھرامنىڭ كىتابى چىقىشى ھامان كىتابخانىلاردا ئۆچرەت تۇرۇپ سېتىۋالىدۇ، ئەمما، تۇرسۇن مەخمۇت قاتارلىقلارنىڭ كىتابلىرىغا خېرىدار يوق.«جەزىرە»،«گۇگۇم»،«ئۆرتەنگەن دەريا»،«تۆتىنچى ئىېراغا سەپەر» قاتارلىق رومانلارغا خېرىدار يوق. چۈنكى يانچۇقتىكى پۇل بايا جالالىدىن ئاكىمىزنىڭ كىتابىغا خەجلىنىپ تۈگىگەن.
ئاڭلىسام يېقىندا«يۈز يىل غېرىپلىق»،«ئۇرۇش ۋە تېنىچلىق»،«تىنىچ دون» قاتارلىق ئەسەرلەر ۋە جالالىدىن بەھرامنىڭ بىر نەچچە رومانى تەڭ چىقىدىكەن. كىتاب ئوقۇش بەك ياخشى ئىش، ئەمما چەمشەردە سەۋزە يونايدىغان  ئوقۇرمەن بەك كۆپىيىپ كەتتى.
     دۇنياۋى بىر تەنقىتچى«خاررې پوتتىر« نى دۇنياۋى قاتىل كىتاب دەپتىكەن. چۈنكى بالىلار بۇ كىتابقا مەپتۇن بولۇپ قېلىپ دەرىس تاشلايدىغان، جىمغۇر بولۇپ قالغان، ھەتتابەزى بالىلارنىڭ سەۋدايىلىقىدىن پىسخىكىسىدىن چاتاق چىققان.
بىزدىمۇ بىر قىسىم يازغۇچىلار شۇنداق قاتىل ئەسەرلەرنى يېزىپ ئوقۇرمەنلەرنى سەۋدايى ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى.ئەلۋەتتە، ئاممىباب رومانلارنىڭمۇ بولغىنى ياخشى. ئەمما بىزدە ئاممىباب رومان بەك جىق. تارىخى ئەسەرلەرمۇۋەقە دۆۋىسىگە ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ. شۇقا ئەسەر دىتلىيالايدىغان ئۆتكۈر كۆز بىلەن ياشىغان ياخشى.
     ئىسىل كىتابلارنى توپا بېسىپ قالمىسۇن!!

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-11-15 13:05:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتنىڭ تېشىدا ئەمەس ئىچىدە كۆيسە ‹‹قاتىل كىتاپ››چىقاتتى...

ۋاقتى: 2013-11-15 13:25:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


       قاتىل ئاتالغۇسى بۇيەردە ئۆز جايىنى تاپقانداك قىلىدۇ.
  مەپتۇن بۇلۇشنىڭ ئۆزى ،مەپتۇن قىلىشتا.ئانداقتا مەپتۇن
  قىلغۇچى قاتىل دىيىلسە ،قەتىلە قىلىنغۇچى قايتا تىرىلىشى،
  يىڭى قاتىل ئىزلىشى مۇقەرەر.


            مەن ئۆلەرمەن،مەن ئۆلەرمەن،
            يولدا قويماڭلار مېنى.
            يولدا قويساڭلا قويىپ،
             چۆلدە قويماڭلار مېنى...     


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۆراچار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-22 09:52  


ۋاقتى: 2013-11-15 13:51:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Goshning qilin yerini  neme deyittuq ,shundaq ya pichaqqa otmes  ya goshke otmes  ,aghrinishningmu orni yoq ,neme qilidu iddiyisini bulghap bu ndaq yaxshi eserlerni oqup ,anglisam yaxshi eserlerning hemmisiiddiye qorghini yoq ademlerning rohini bulghap qoyarmish . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-15 13:54  


ۋاقتى: 2013-11-15 13:51:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     جامېس جويىسنىڭ «ئۇلىسىس» رومانى جىددىي تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ، ئىنشائاللاھ، نەشردىن چىققۇسى! مارسېل پېروستنىڭ «سۇدەك ئۆتكەن يىللار» رومانىمۇ ھەم شۇنداق...

ۋاقتى: 2013-11-15 14:05:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنى ئۆلتۈرىۋەتكىدەك ئەسەرلەرنى ئوقۇساق ھە... «يىتىم يۈسۈپ» «جۇۋىلىق خانىم» «بىر قىزغا مىڭ كۆز» «ئاللاھنىڭ زىمىنى» «خارلانغانلار»......دەك.

ۋاقتى: 2013-11-16 12:08:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  ‹‹مېنىڭ بىمارىم فىروئىد ›› ناملىق كىتابنى تەجىمە قىلىشنى ئويلاۋاتقانتىم.سىلەرچە  قانداق بولار؟ تەرجىمە قىلىپ بولغاندىن كېيىن  نەشىر قىلىش ياكى ئېلان قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى بارمىدۇ؟

ۋاقتى: 2013-11-16 14:39:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹مېنىڭ بىمارىم فىروئىد ›› نىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى قانداق ئىكەن؟ يوللاپ بېرەمسىز؟ كۆرۈپ باقاي دېگەن. كىتابنى تەرجىمە قىلىشتىن بۇرۇن، نەشرىيات بىلەن سۆزلىشىسىز. ئۇلار نەشىر پىلانىغا كىرگۈزسە، ئاندىن تەرجىمە قىلىڭ. بولمىسا ئەجرىڭىز زايە بولىدۇ. قالغىنىنى كىتاب تەرجىمە قىلىپ، نەشىر قىلدۇرۇپ باققانلار بىر نېمە دەپ باقسۇن.

ۋاقتى: 2013-11-23 21:30:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتابنى تەرجىمە قىلىشتىن بۇرۇن، نەشرىيات بىلەن سۆزلىشىڭ،نەشرىيات نەشىر پىلانىغا كىرگۈزسە، ئاندىن تەرجىمە قىلىڭ.

ۋاقتى: 2013-11-23 21:41:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«قاتىل كىتاب» دىگەن ئاتالغۇنى قانداق چۈشىنىمىز ؟

ۋاقتى: 2013-11-24 00:18:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەۋىيىسىنى لايىھىلەش جاپالىق.
بىر قىسىم يازغۇچىلاردىن ئەقەللىيسى،ئوقۇرمەننىڭ سۈپىتىنى تاپقىلى بولمايۋاتقانلىقى پاكىت.
ھېچنېمىگە ئوخشىماسلىقنىڭ ئىچىدىن ھەركىم ئۆزىنى پەرق ئېتىشكىمۇ زېھىن سەرپ قىلىش خەۋىپىدە.

ۋاقتى: 2013-11-24 12:57:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسىت ئەمەسمۇ «ئۆلۇۋېلىش سەنئىتى»نى ئوقۇپ قەدىرىگە يەتكەنلەر قانچىلىك؟ نادان ئوقۇرمەنلەر ئۇ كىتابنى خىرستىيان مەدەنىيىتى تەشۋىق قىلنغان دەپ قارايدۇ.ياكى بولمىسا ئۆرىپ-ئادەتكە ئاپرىپ ئەيبىلىشىدۇ.

ۋاقتى: 2013-11-24 12:57:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگەجالالىدىن بەھرامچە ۋەقەلىك ئۇسلۇبى،بايانچىلىق ئۇسلۇبى،مەنىدارلىق ئۇسلۇبى بولسا بولامدۇ؟ئەگەر شۇنداق بولسا بىزدىكى رومانچىلقىنىڭ سۇپتى نەگە بارىدۇ؟
  ئاددىي ھالدىكى ۋەقەلىك تىزمىسىنى كىچىك ۋاقتىمىزدا بوۋا-مومىمىز سۆزلەپ بىرەتتى.بىراق ھازىرقى بەزى رومانلاردىچۇ،شۇ كىچىك ۋاقتىمىزدا چوڭلار سۆزلەپ بەرگەنچىلىكمۇ مەنە چوڭقۇرلۇقى بولمىغان ئاددىي ھالدىكى بايانچىلىق،ۋەقەلىكشۇناسلىق،مەنىدارلىقتىن نېرى كىتەلمەيۋاتىمىز.
  ھەممەيلەن ئۇيغۇر ئەدەبياتىدىن بىر قېتىمىلىق پارتلاشنى كۇتىۋاتىمىز.بىراق ۋۇجۇدىمىزدىكى ۋولقانغا يىتەرلىك ئىنىرگىيە يوق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.ق.غەرىبى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-24 13:10  


ۋاقتى: 2013-12-10 16:50:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەن  يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ ئۈچ رومانىنى ئوقۇپ چىققان.بۇ رومانلارنى ئوقۇپ چىقىش ئارقىلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھىس قىلدىم. مىنىڭ  جالالىدىن بەھرامنىڭ رومانىنى تۇنجى قىتىم قولۇمقا ئىلىىپ ئوقۇۋاتقىنىمنى كۆرۈپ بەزىلەر«ۋاي بۇ ۋەقەلىكتىن باشقا ئارزۇلىغىدەك بىر نەرسە يوق كىتاپنى ئوقۇپ نىم قىلسەن ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلىپ»دىگەن قاراشتا بولدى. ئۇنداقتا راستىنلا جالالىدىن بەھرامنىڭ رومانلىرىنى ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى يوقمىدۇر ؟
    مەن باشقىلارغا پەرۋا قىلماي ، زور قىزىقىش ئىچىدە ئۇنىڭ «كۆمۈرچى بالا»ناملىق رومانىنى ئوقۇپ چىقتىم. لىكىن مەن باشقىلاردەك ئۇنداق قاراشتا بولمىدىم. مەن سۈرۈشتۈرسەم مەن ئوقۇغان بۇ رومان ھەمدە ئاپتۇرنىڭ يازغان باشقا رومانلىرى كىشلەر ئارىسىدا خىلى چوڭ ئوقۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرلۈپتۇ . ئۇنداقتا بىزنىڭ ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىمىزنىڭ سەۋىيەسى تۆۋەنمۇ ياكى ئەسەرنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى،تەربىيەۋى ئەھمىيىتى،كىشىلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى يۇقىرىمۇ ؟
     نۇرغۇن كىشىلەر جالالىدىن بەھرام رومانلىرىنىڭ تەربىيەۋى ئەھمىيىتى يوق ئادەمنى قىزىقتۇرىدىغان بىر ۋەقەلىك دەپ قارايدىكەن . لىكىن مەن بۇنداق چۈشەنمىدىم  !
    مەن ئۇنىڭ ئۆزۈم ئوقۇغان ئۈچ رومانىنى ئوقۇش ئارقىلىق ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى باي كەمبىغەللىك سەۋەبىدىن مىھىر-مۇھەببەت سۇسلىشىش، زەھەرلىك چىكىملىك ،ئەيش-ئىشرەتكە بىرىلىش،ئىغىر دەرىجىدىكى يۇرتۋازلىق، ۋىجدان-غورۇر ، ئىپپەت-نۇمۇستىن ياتلىشىش قاتارلىق ئىللەتلەرنىڭ قامچىلانغانلىقىنى ھىس قىلدىم.
   بۇ مىنىڭ ئۆزۈمنىڭ قارىشى.باشقا تورداشلارنىڭ بۇ توغرىسىدا ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى بىرىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !

ۋاقتى: 2013-12-12 17:46:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىز يۈقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىسىل دىگەن ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك ئۇقۇپ چىققان . ئەمدىلىكتە بۇ يېڭى تاقىتىلغان غايىپ گۈلنىمۇ خۇددى سىز دىگەندەك قىزىقىش، ھەۋەس ۋە قايىللىق بىلەن ئۇقۇپ چىقتىم ھەم باشقىلارغا تەۋسىيە قىلدىم. ئىلگىركى ئىسىل ئەسەرلەر ئۆز دەۋرىدىمۇ ھازىرمۇ قىممىتىنى يوقاتماي كىلىۋاتىدۇ. غايىپ گۈلمۇ يۈز يىلدىن كىيىنمۇ قىممىتىنى يوقاتمىغىدەك ئەسەر ئىكەن. مەيلى قانداق ئەسەر بولسۇن خەلقىمىزنىڭ يەنىلا ئۇقىغىنى ياخشى دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ھازىر كىتاپخانىلاردا چۆرگىلەيدىغانلار بازاردا چۆرگىلەۋاتقانلاردىن بەكلا ئاز. بەلكىم بىزدىكى روھى جەھەتتىكى سىلكىنىش ۋە چۈچۈشلەر ئاجىزراق بولسا كىرەك. ئالدىرىمىساق ئۇمۇ ئىسىل ئەسەرلەرمۇ مەيدانغا كىلىپ قالار، چۈنكى چۈچۈشكە باشلىغانلارمۇ كۆپىيىۋاتقاندەك.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش