بۇ تورىمىز، مۇشۇ مۇنبىرىمىزدىكى يازارمەنلەرنىڭ 90 نەچچە پىرسىنى ئالى مەكتەبلەرنىڭ ‹‹ پىراۋىسى ›› نى ئالغانلار ئىكەنمىز، ئەمما، ئون نەچچە مىلىيون خەلقىمىزنىڭ 1 پىرسەنتتىگە يەتمەيدىغان [ ئۇيغۇرچە، يېڭى يېزىقچە، خەنزۇچە ۋە باشقا تىل- يېزىقچە ئۇندىن باشقا، 14- مىللەتچە
] ساۋادى بار ئاتالمىش ‹‹ زىيالىلىرىمىز›› قانچىلىك كىتاب ساقلاپ، قانچىلىق كىتاب ئوقۇپ، قانچىلىك
تەسىرات [ يىغلاپ، كۈلۈپ ]لاردا بولارمىز ؟! زامانىمىزدا پەرزەنتلىرىمىزگە چۆچەك-قوشاق قىسسەلەرنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان - بېرەلمەيدىغانلىرىمىز ھەممىمىزگە بەش بارماقتەك ئاياندۇر. ئۇيغۇر جەمىئىيىتى
مۇشۇ ھالدا تۇرۇپ، ....ئىشتان يوق، ئېتىم مارجان بۈۋى ›› دەپ چوڭچىلىق، پوپاڭچىلىق قىلىشقا يەنە نېمە ئاساسىمىز [ھەقىقىتىمىز ] باردۇر؟! ‹‹ ئاز سان ›› دىكى ‹‹ شۇڭقار ›› لار ‹‹ پەرۋاز ›› قىلىۋەرسۇن [ ھېچكىم ‹‹ رېگاتكا ›› تەڭلىگىنى يوق. ئەمما، ‹‹ قاغىنىڭ ئۇۋىسدىن سۇمرۇغ چىقىشى ›› مۇقەررەردۇر.
ئەگەر، ساۋادى بارلىكى ئادەم بىرمۇ كىتاب ئوقىمىسا، [ ئۆز قىزىقىشى بويىچە ] بۇ ئالەم ، بۇ كائىنات - قاراڭغۇدۇر. ئاشۇ ‹‹ مەمەدانىلار ، باشلانغۇچتىكىئىنشالىرىنى، ئوتتۇرا مەكتەبتىكى تەسىراتلىرىنى، ئالى بىلىم يۇرتلىردىكى دېسسىرتاتسېيىلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىسىلا، خىجىللىقا قالماس ئىدى. زامانىمىزدىكى 1000 دىن ئوشۇق يىرىك ئەسەرلىرىمىزدىن تېگشلىك نەپ ئالىدىغان ئوقۇرمەنلىرىمىز يەنە كۆپتۇر. بىر گەپنى 10 قېتىم، 20 قېتىم تەكرارلايدىغان ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن 100 مېتىر يىراق تۇرۇپ،
جىمجىت ئولتۇرۇپ ھەر خىل كىتاب ئوقۇشقا، تەپەككۈر قىلىشقا ئىلھام بېرەلمەيدىغان ‹‹ مەخلۇقلار ›› كەچۈرگۈسىز ، بىرىنچى دەرىجىلىك - قاتىلدۇر !...