ئىگىسى: ئەخەت

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى قاتىل كىتابلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-12 17:51:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  ‹‹مېنىڭ بىمارىم فىروئىد ›› ناملىق كىتابنى تەجىمە قىلىشنى ئويلاۋاتقانتىم. بۇ ئىنكاسقا ئىنكاس:.................

بۇ كىتاپنى بۇ ئىسىمنى بىلىدىغانلارمۇ  بەك كۆپ ئەمەس ئەمما بۇ كىتاپنىڭ تەرجىمە قىلىنىشىنى كۈتىۋاتقان مەندەك قىزىققۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس دەيمەن. "فىروئىدنىڭ چۇش نەزىريىسى" دىگەن كىتاۋىنىڭمۇ  خەنزۇچىسى چىقىپلا تەرجىمە قىلىنىپ باقمىغان .تەقەززا بولىۋاتقانلار ئاز ئەمەس ئىكەن بىلىشىمچە . مەنغۇ كۈتۈپ ساراڭ بولاي دىدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gul-ay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-12 17:52  


ۋاقتى: 2013-12-12 18:40:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جالالىدىن بەھرامنىڭ كىتابىنى سېتىۋېلىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ يانچۇقىدا پۇلى قالمىدى دىگەندەك تۈكى يوق پاراڭنى قىلماڭ . مۇنداق مۇنداق ياخشى كىتاپلار بار ، ئوقۇپ قويۇڭلار دەپ تەۋسىيە قىلمامسىز ؟
غەيۋەتتىن بېلىكى ئەمەسكەن بۇ .

ۋاقتى: 2013-12-12 19:43:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مەن شۇنۇڭغا ئىشىنىمەنكى، بىزدىن چوقۇم ياخشى ئەسەرلەر چىقىدۇ. ھازىر بىز سانغا تويۇندۇق. تۆت ئادەمنىڭ چاۋىكىغىمۇ قاندۇق.يازغۇچىلىرىمىزنىڭ دوپپىسىنى ئالدىغا قويۇپ ئەستايىدىل ئويلىنىپ ئىجادىيەت قىلىدىغان ۋاقتى كەلدى.
   قانداق ئەسەر ياخشى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇنى ئورتاق تونۇشىغىمۇ بىر جەريان كېتىدىكەن.بۇ جەھەتتىمۇ ئومۇمىي ساپادا بۇرىلىش بولىۋاتىدۇ.
   ياخشى ئەسەر دۇنيا مىقياسىدىمۇ ئاز چىقىدىكەن. بىزدىن يەنە ئاممىباب ئەسەرلەر چىقىپ تۇرۇدۇ. شۇنىڭ ئارىسىدا ۋاللىدە چاقناپ چىقىدىغان ئەسەرلەرنىڭ تۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى چوقۇم بار.
    بىلىشىمچە، ھازىر رۇسىيەدە بىر يىلدا تەخمىنەن 1200پارچە رومان، فىرانسىيەدە 700، ياپونىيەدە 400، جۇڭگودا 3000 پارچە رومان نەشردىن چىقىۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ مۇشۇنداق تالاش _ تارتىشلار بولۇشى تەبىئىي.
    ياخشى ئەسەر قانداق چىقىدۇ. بۇنى كۆپ خىل ئامىل بەلگىلەيدۇ. بۇ ئامىللار ئۈستىدە تەتقىقات يۈرگۈزۈش كېرەك.
   دوستلارنىڭ سەمىمىي رەۋىشتىكى ئەھمىيەتلىك مۇنازىرىسى ھەممەيلەنگە بىر خىيالنى __ بىزدىن بۈيۈك ئەسەر چىقىش تەشنالىقىنى تەستىقلايدۇ.

ۋاقتى: 2013-12-21 11:52:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىنىڭ نىمە دېمەكچى بولغىنىنى بىلگىلى بولمىدىمۇ نىمە جالالىدىن بەھرامنى سۈكۈشنىڭ نىمە ھاجىتى ياخشى كۆپ سانلىق كىشلەرنىڭ تىلىغا چۈشنىشىگە يېقىن بولغاچقا تالىشىپ سېتىۋېلىۋاتىدىغاندۇ. ئۇنىڭ لېيغان بۇلاق ناملىق رۇمانىنى ئۇقۇغانلار بولسا بىلىدۇ شۇنچىلىك ياخشى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ناھايىتى ياخشى يۇرتىپ بەرگەن .

ۋاقتى: 2013-12-22 16:24:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جالالىدىن بەھرامنىڭ مەن «لېيىغان بولاق» تىن باشقا كىتابلىرىنى ئوقۇپ باقمىدىم ،چۈنكى مۇشۇ كىتابنى ياخشى چىقتق دەپ قارايمەن ،بىراق ئۇنىڭدىكى ھىكمەت ئوبرازى تازا ياخشى چىقمىغان ،ئۇنىڭ قەتئىي كەمچىلىكى يوق،مۇكەممەل يارىتىلغان ....ئادەم دىگەن كۆپ قىرلىق نەرسە  تۇرسا ....
مەن «يۈز يىل غىرىپلىق» نى ئوقۇغان بولىدىغان ئەسەر ئۇ،بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز ئىچىدىمۇ شۇ كىتاپتىكى تىرە كىتاپنىڭ مەزمۇنىغا ئوخشاش ،ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تەقدىرىنى كۇرسىتىپ بىرىدىغان ئەسەرلەر كۆپلەپ چىقىشى كېرەك.دەپ ئويلايمەن

ۋاقتى: 2014-3-2 09:01:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     سۆيۈملۈك ئوقۇرمەنلىرىم، جالالىدىن بەھرەم خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك سەۋىيىسىنىڭ ئۆسىشىگە زور تۆپە قوشۇپ كېلىۋاتقان مول ھۇسۇللۇق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرسى، بۇنى ئېلان قىلغان يىرىك رومانلىرى، پوۋېستلىرى،ھېكايىلىرى ھەتتام مۇقاۋا سىزىش، رېسىم سىزىش جەھەتتىكى تۆھپىلىرى ھەممىمىزنى قايىل قىلىدۇ. ئىزدىسەك ھەسەلنىڭمۇ قىلى بار، دېمەكچى مەنكى،بۇئادەم مۇڭداشقاق، تولىمۇ كىچىكپىل، ھەربىر ھەرىكىتى، گەپ-سۆزىدىن  سەمىمىيلىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان ئوبدان ئادەم.  ئەگەر يازغۇچىنىڭ يۇرۇقلۇققا چىقمايۋاتقان ئەسەرلىرىمۇ خېلى بار ئىكەن، شۇڭا تارىخ، خەلىق ئادىل سودىيە، ئالدىراپ يۈزەكى گەپ قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنايلى!

ۋاقتى: 2014-3-2 10:41:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردە جالالىدىن بەھرامنى سېلىشتۇرما قىلىپ بۇ تېمىنى يېزىشى ياخشى بولماپتۇ، باشقىلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى يەرگە ئۇرۇپ،  ئۇنىڭ مۇناسىپ تۆھپىسىنى يوق قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس،  ئەمما، تېمىدىكى مەزمۇن ھەممىمىزنى ئويغا سالىدۇ، ئوقۇرمەنلەر نىمە ئۈچۈن ئىسىل ئەسەرلەرنى بايقىيالمايدۇ ياكى چۈشەنمەيدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى نەدە؟ بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا ھەم خەلقنىڭ قەلبىگە ياقىدىغان ھەم دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكىدەك ئەسەرلەرنى يازغىلى بولىدۇ؟ يازغۇچىلارنىڭ مانا موشۇنداق تېمىلار ھەققىدە چوقۇم ئىزدەنمىسە بولمايدىغان يەرگە كەلدى. ئالدى بىلەن سەۋەپنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەشكە ئاندىن باشقىلاردىن ئىزدەشكە ئادەتلەنگىنىمىز ياخشىراق.

ۋاقتى: 2014-3-2 11:10:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەسەنجان دانىش يوللىغان ۋاقتى  2013-11-23 21:41
«قاتىل كىتاب» دىگەن ئاتالغۇنى قانداق چۈشىنىمىز ؟


مەنىسى -ئادەم ئۆلتۈرىدىغان كىتاپ .   P   ئانا  تىلنى مۇشۇنداق بۇزۇپ سۆزلىگىلى تۇرساق ...ئىسىت !!!...بۇزۇلۇشلار ئاز بۇلۇپ قالغاندەك ....تېخى جالالىدىن بەھرامغا باھا بىرىپ كىتىشلىرىنى  ....دەيمىنا ؟!ئاۋال دۇرۇس  سۆزلەشنى ئۈگىنەيلى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-2 11:13  


باھا سۆز

توغرا، تېما بةكلا چةلةڭگۈش قويۇلۇپتۇ، ئۆزگةرتىش كېرةككةن.  ۋاقتى: 2014-6-21 02:09 PM
ۋاقتى: 2014-6-5 22:58:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«جەزىرە» رومانىنى ئۈچ يىل بۇرۇن ئۇقۇغان ئىدىم، بەك ياقتۇرغان. ئەمما ھازىر كىتاب سودىسى بولۇۋاتقان يەرلەرگە قارىسام ئۇ كىتابنى كۆرەلمىدىم، يا بىرەر ئوقۇرمەن مۇنداق بىر كىتاب بار ئىمىشكەن، بارمۇ ھازىر؟ دېگىنىنى ئاڭلىمىدىم. ئەسلى ئوقۇشقا تېگىشلىك رومانلارنىڭ بىرى شۇ ئىدى…

ۋاقتى: 2014-6-5 22:59:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«جەزىرە» رومانىنى ئۈچ يىل بۇرۇن ئۇقۇغان ئىدىم، بەك ياقتۇرغان. ئەمما ھازىر كىتاب سودىسى بولۇۋاتقان يەرلەرگە قارىسام ئۇ كىتابنى كۆرەلمىدىم، يا بىرەر ئوقۇرمەن مۇنداق بىر كىتاب بار ئىمىشكەن، بارمۇ ھازىر؟ دېگىنىنى ئاڭلىمىدىم. ئەسلى ئوقۇشقا تېگىشلىك رومانلارنىڭ بىرى شۇ ئىدى…

ۋاقتى: 2014-6-5 23:02:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغدىل يوللىغان ۋاقتى  2014-6-5 22:59
«جەزىرە» رومانىنى ئۈچ يىل بۇرۇن ئۇقۇغان ئىدىم، بەك ياق ...

ئاپلا،تېلېفۇندا يوللىغانىدىم،  ئىككى يوللىنپ كېتىپتۇ، كەچۈرۈڭلار! ئۆچۈرگىلى بولغان بولسا ئۆچۈرۈۋېتەتتىم بىرىنى.

ۋاقتى: 2014-6-5 23:02:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغدىل يوللىغان ۋاقتى  2014-6-5 22:59
«جەزىرە» رومانىنى ئۈچ يىل بۇرۇن ئۇقۇغان ئىدىم، بەك ياق ...

ئاپلا،تېلېفۇندا يوللىغانىدىم،  ئىككى يوللىنپ كېتىپتۇ، كەچۈرۈڭلار! ئۆچۈرگىلى بولغان بولسا ئۆچۈرۈۋېتەتتىم بىرىنى.

ۋاقتى: 2014-6-20 00:48:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غازى ئوغلى يوللىغان ۋاقتى  2013-11-15 14:05
بىزنى ئۆلتۈرىۋەتكىدەك ئەسەرلەرنى ئوقۇساق ھە...; ...

         100 پىرسەن  توغرا .      بىزنى   دەپنە  قىلىۋەتكۈدەك  ئەسەرلەر   جىقىراق  يېزىلسا  ،

بىز  ئازىراق   ‹‹  ئۆلگەن   ››   بولارىدۇق .

ۋاقتى: 2014-6-20 10:11:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
..........................................................
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aysayusup تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-20 10:12  


ۋاقتى: 2014-6-20 11:02:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزلۈك يوللىغان ۋاقتى  2013-12-10 16:50
مەن  يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ ئۈچ رومانىنى ئوقۇپ  ...

پىكىرىڭىزنىڭ ئىلمى سالمىقى يوق ئەمەس...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش