كۆرۈش: 147|ئىنكاس: 5

سومكىلىق كۆتۇرۇلگەن بوۋاقتىن ئاتا- ئانىلارنىڭ روھىغا سەپەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  657
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 239
تۆھپە : 0
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 22:39:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سومكىلىق كۆتۇرۇلگەن بوۋاقتىن ئاتا- ئانىلارنىڭ روھىغا سەپەر

ئانىقىز ئەزىز ئىلتەرىش


    بوۋاي ، مومايلار :‹‹ھەي، ھازىرقى زاماننىڭ ياشلىرىغا نېمە بولدى؟ سالام- سائەتتىن، ئولتۇرۇش- قوپۇشقىچە ئادەتكە ياكى ئەخلاققا ياتمايدىغان ئىش –ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. بالا ئاتا- ئانىنىڭ ، كىچىك چوڭنىڭ گېپىنى ئىلىك ئالمايدىغان ، بىر- بىرىگە ئەقىدە- ئىخلاس، مېھرى- مۇھەببەت بىلەن باقمايدىغان  غەيرىلىكلەر ئەۋىج ئېلىپ كىتىپتۇ. ئەۋلادلىرىمىز مۇشۇ يۇسۇندا كېتىۋەرسە كېينكىلىكى قانداق بۇلار؟›› دەپ ئاھ ئۇرسا، ياش ئەر- ئاياللار :‹‹ نېمىگە ۋايسايسىلەر، ھازىر دېگەن جاھان ئۆزگەردى. كەچكىچە سىلەردەك ئۇنى قىلساق بولمايدۇ، بۇنى قىلساق بولمايدۇ دەپ ئۆز- ئۆزىنى چەكلەپ بىر ئىشنى بېشىغا ئېلىپ چىقمايدىغان زامانلار كەلمەسكە كەتتى. ھازىر قانداقلا بولمىسۇن قانۇنغا ئىخلاپلىق قىلماي جېنىنى جان ئىتىدىغان، ئۆزىگە پايدىلىق بولغان ئىش بىلەن شۇغۇللانسىلا بولىۋىرىدۇ. قائىدە- يۇسۇن دەپ كونىلىققا ئېسىلىۋېلىپ يۇرسە قانداقمۇ دەۋىرگە ئەگىىشپ ماڭغىلى بولىدۇ. سىلەر بىر ئىشقا باھا بەرگەندە ئۆزۇڭلارنىڭ ۋاقتىدىكى ئىدىيە بىلەن پىكىر قىلماي، ھازىرقى زاماننىڭ ئادەملىرىگە خاس ئاڭ بىلەن ئەتىراپقا نەزەر سېلىڭلار››دەيدۇ ئاتا- ئانىلارنىڭ قاراشلىرىدىن نارازى بولۇپ. بوۋاي ، مۇمايلارنىڭ ئەنسرەۋاتقىنى ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى كۇندىن –كۇنگە سۇسلىشىۋاتقان مېھرى- مۇھەببەت ، يۇقىلىۋاتقان ئالتۇنغا بەرگۇسىز قائدە- يۇسۇنلار، بارلىققا كېلىۋاتقان ياشاش ئۇسۇللرى، ئادىمگەرچىلىك  قىلمىشلىرى بولۇپ، ئاتا-ئانا ، ئەر- ئايال ئۆز- ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان، بالىلار غەيرى ئىللەتلەرگە چىڭ يېپىشقان، بىر-بىرىنىڭ مەسلىھەتىگە قولاق سېلىشلار ئازىيىپ كېتىشتەك ئەھۋاللار ئۆز دەۋرىدىكى ئىسل ئادەتلەر بىلەن ئاسمان- زېمىن پەرىقلىنىپ تۇرغانلىقتىن ، كېينكىلەرنىڭ تەقدىرى توغرۇلۇق ۋاھىم يەيدۇ. ئاتالمىش زامانىۋى ئاڭغا ئىگە ياشلار توپى ئارىسىدا ھەركەت قىلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئادەتنىڭ خاسىيىتى ھەققىدەپىكىر يۇرگۇزىۋاتقان مەندەك بىر ئاددى ئىنسان ياشلار ئارىسىدا ھۆجۇتقا كېلىۋاتقان غەيرى ئىدىيە، غەيرى ھەركەتلەرگە توغرا قارىيالمايۋاتقان يەردە بوۋاي، مۇمايلارنىڭ ۋايسىشى تۇرغانلا گەپ. بۇ ھاياتلىقتا  بەزى ئىشلارغا توغرا قاراپ ئۆتكۇزۋەتكىلى بولغىنى بىلەن ، بەزى ئىشلارغا توغرا قاراپ قالسىڭىز ئۇ كېيىنكى كۇنلۇكتە مېنىڭ ، سىزنىڭ جىنايىتىڭىز بولۇپ، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە خىرەلەشكەن ئوبىرازىمىز پەيدا بولىدۇ.
ھەر قېتىم بوۋاق بالىلارنى كۆرگىنىمدە مۇنداق بىر ئىش كۆز ئالدىمدا زاھىر بولۇپ، مېنى بىئارام قىلىدۇ. ئىككى ھەمراھىم بىلەن شىنجاڭ سېرىك ئۆمىكى ئائىلىكلەر قوروسى ئالىدىدا بىرەيلەننى ساقلاپ تۇراتتۇق. بۇ قورۇنىڭ ئالدى ناھايىتى قايناق بازار بولۇپ، باققاللار، سامسىپەزلەر، لەڭپۇڭچىلار، ئۆپكە- ھېسىپچىلارنىڭ ئالدىدا خېرىدار بىر-بىرىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە كۆپ ئىدى بىر لەڭپۇڭ ساتىدىغان ئورۇنغا سەل يېقىنراق بولغاچقا ، خېرىدارلارنىڭ لەڭپۇڭنىڭ ئوخشىغانلىقىنى ماختاپ يەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق. بىر چاغدا بىر يىگىت بىر سومكىنى كۆتۇرگىنىچە قوپۇپ ماڭدى.ئۇنىڭ كۆتۇرگىنى باشقىچە سومكا ئىدى. سومكىنىڭ غەيرىلىكىگە ھەيران بولۇپ تۇرسام ، ھېلىقى يىگىت بىز تۇرىۋاتقان يەرگە يېقىنراق كېلىپ لەڭپۇڭ يەۋاتقانلارغا قاراپ تۇردى. بەلكىم ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەلۇم بىرەيلەننىڭ قوپۇشىنى كۇتىۋاتقان بولسا كېرەك. ئۇ  يىگىتنىڭ قولىدىكى سومكىغا قاراپ چۆچۇپ كەتتىم. ئەسلىدە ئۇ سومكا بولماستىن سومكا شەكلىدىكى بوۋاقنى ياتقۇزۇپ كۆتۇرىدىغان نەرسە ئىگەن. ئۇ سومكىنىڭ ئاغزى ئىتىلمەيدىغان بولغاچقا  ئوماققىنە بىر بوۋاقنىڭ ئوخلاپ ياتقانلىقى مانا مەن دەپ كۆرۇنۇپ تۇراتتى. ھايال ئۆتمەي قارا كۆز ئەينەكنى چىكىسىگە قىستۇرۋالغان، قىسقا ئىشتان( 短裤 )كەيگەن، قولقىغا تىڭشىغۇچنى تىقىۋالغان.، قولىدا بىر پوتۇلكا كۇلا ئىچىملىكىنى كۆتىرىۋالغان بىر قىز بىلەن 55ياشلار چاممىسىدىكى پۇزۇر كېيىنگەن بىر ئايال لەڭپۇڭ يەۋاتقانلار ئارىسىدىن قوزغۇلۇپ سومكىلىق بوۋاق كۆتۇرىۋالغان ھېلىقى يىگىتنىڭ يېنىغا كەلدى. ئەۋھۋالدىن قارىغاندا ھېلىقى مودا قىزچاق ئۇنىڭ ئايالى، يېنىدىكىسى ئانىسى بولسا كېرەك.ئۇلار بىر نېمىلەرنىدۇر دەپ چوڭ كوچا تەرەپكە قاراپ مېڭىپ كىتىشتى. بىرنەرسە قاچىلانغان سومكىدەك ساڭگىلتىۋالغان بوۋاقنى ياش ئەر- ئايال ئىككەيللەن سومكىنىڭ ئىككى تەرپىدىن كۆتۇرشۇپ ، سومكىدا بەخرامان ياتقان بوۋاققا قاراپ كۇلىشىپ مېڭىشتى. بالىنى كوچىدا بۇنداق كۆتىرىۋالغانلارنىڭ قانچىلىكلىكى ماڭا نامەلۇم. بۇ خىل كۆتۇرۇشنى مەن ۋە ھەمراھلىرىم قۇبۇل قىلالماي سۆزلەپ كىتىشتۇق:
    ‹‹ئۇلارنىڭ كۆتىرىۋالغىنى نەرسە ئەمەس، بالا تۇرسا شۇنداقمۇ كۆتۇرگەن بارمۇ››،‹‹بالا دېگەننى باغرىغا بېسپ ماڭمامدۇ، ئانا-بالىلىق مېھىر دېگەن بالا ئانىنىڭ باغىرىدا يايرىشى ئارقىلىق يىتىلمەمدۇ؟››، ‹‹ياش ئاتا-ئانا بولغۇچى كەم ئەقىللىق قىلسۇن، ئۇلارنىڭ ئانىسى بولغان ئاۋۇ ئايال مەن ھەر قايسىڭنى مۇنداق كۆتۇرۇپ باققان دەپ نەۋرىسىنى قولىغا ئېلىپ، باغىرىغا بېسىپ ماڭسا نېمە بۇلار ئىدى›› بىز سۆزلەپ قېلىۋەردۇق، ئۇلار بىزنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىمىزنى خىيالىغىمۇ ئېلىشماي كۆزىمىزدىن يۇتتى. مانا بۇ ھازىرىقى ياشلىرىمىزدا پەيدا بولاۋاتقان ‹‹ئىلمىي ››ھەركەت. راستىمنى ئېيىتسام ، ئاشۇ خىل بالا كۆتۇرىۋالغان ھالەت ھازىرغىچە كاللامدىن ئۆتمەيدۇ. مەن مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە بالىلارنى بۆشۇككە ، بۇلەنچۇككە بۆلەپ ، ئوينىتىۋاتقان، ئىشىك تۇۋىگە ئېلىپ چىققاندا، بىرەرسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بارغاندا قۇچاقلىۋالغان، باغىرىغا بېسىپ كۆتۇرۇپ چوڭ قىلغانلىقىنى، ھەتتا دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىللىرىدە بىر قولىدا بالىنى قۇچاقلاپ ، بىر قولىدا ئوت ئوتاۋاتقان، پاختا تىرىۋاتقان، بوينىغا مىندۇرۋېلىپ ، دۇمبىسىگە يۇدىۋېلىپ بىر ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ چوڭ بولغان. مەن ۋە مېنىڭ ئىنە- سىڭللىرىم شۇنداق چوڭ بولغانكەن. ئىش ئۇلارنى ھەرقانچە ئالدىراش قىلىۋەتسىمۇ ، يەنىلا ئوماق باللىرى ئۇلارنىڭ قوچىقىدا ئىدى. بالىلارنى بۇۋاقلار ھارۋىسىغا سېلىپ ئىتتىرىپ ماڭىدىغان ئىشلار شەھەرلەردە دەسلەپتە پەيدا بولغاندا ، بەزى چوڭلارنىڭ:‹‹ھازىرقى كەمنىڭ باللىرى بالا كۆتۇرپ مېڭىشتىن نۇمۇس قىلامدىغاندۇ ياكى بالىنى كۆتۇرەلمىگۇدەك ئاجىزمىدۇ؟ باغرىنى يېرىپ چىققان بىر جاننى قۇچاقلاپ ماڭماي، ھارۋىغا سېلىپ ، نەرسە ئىتتىرىپ ماڭغاندەك ئىتتىرگىنى نېمىسى؟ بالا ئاتا- ئانىنىڭ قۇچىقىدا يايراش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىسە مېھرى- مۇھەببەت قانداق يىتىلىدۇ››دەپ كاللىسىدىن ئۆتكۇزلمەيۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدۇق. بۇنداقلا كۆپەيگەنسىرى بالىسىنى بالىلار ھارۋىسىغا سېلىپ ئىتتىرىپ مېڭىشلارنى ھار ئالمايدىغان بولۇپ كەتكەن چېغى، بۇنداق كۆرۇنۇشلەر يىزىلاردىمۇ ئادەتكە ئايلىنىپ كەتتى. ھەتتا توي- تۆكۇنگە بارسا شۇنداق كۆرۇنۇشتە بارىدىغانلار بار ئىكەن تېخى. بۇ خىل بالا بېقىش قىلمىشى بالىلار بىلەن ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۆز- ئارا ئۇچۇرشىپ تۇرۇش مۇھىيىتىنى ئۆزگەرتىپ ، ئاتا- ئانىلارنى راھەتكە چىقىرىپ، بالىلارنى ‹‹مۇستەقىل››چوڭ بولۇش ماكانغا ئىگە قىلىغان ئادەتنى ئەمدىلىكتە ئاران قۇبۇل قىلىۋاتساق ، بالىلارنى مۇستەقىلىققە ئىگە قىلىدىغان خىلمۇ-خىل ماكانلار ھوجۇتقا كەلمەكتە. ھالقلىق مەسىلە مېنىڭ ئۇنىڭغا قانداق قارايدىغانلىقىمدا بولماستىن ، كۆپ قىسىم كىشلەرنىڭ ئەشۇ خىل بالا چوڭ قىلىشلارنى ‹‹قۇلايلىق ئىكەن››دەپ بۇ خىل ‹‹يېڭى››لىقنى تىزلا قۇبۇل قىلىپ بالا چوڭ قىلىش ، بالا تەربىيەلەش جەھەتتىكى ئەنئەنىۋى ئادەتلەرنىڭ خاسىيىتىنى ئۇنتۇپ ، ئىنسانغا خاس روھىنى ئۇنتۇشتۇر. بەزىلەر بەلكىم :‹‹بۇنىڭ ھەيران قالىدىغان ، ئەيىپلەيدىغان نەرى بار. بالا ئانىنىڭ قۇچىقىدا تۇرسا ئانا ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزلەپ چىڭ قۇچاقلىۋالىدۇ. بالىنىڭ ئانا قۇچىقىدا تىنىم تاپماسلىقى ئەركىن مۇھىتقا تەشنا ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىغانلىقى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.بالا سومكا شەكلىدىكى ھېلىقىدەك بەخرام ياتىدىغان ئورۇندا ئىچىىمۇ سىقىلمايدۇ، ئۇخلىسىمۇ خاتىرجەم ئۇخلايدۇ. ئاتا- ئانا بولغۇچىمۇ بالىنى كۆتۇرۇپ چارچاپ كەتمەيدۇ›› دېيىشى مۇمكىن. ئەلمىساقتىن تارتىپ ئادەم ، ھايۋان  ۋە نەرسىلەرگە ئوخشاش نەزەردە قاراپ كەلگەن ئەمەس.بوۋاقلار ئىنسانلار توپىغا تەۋە بولغانلىقى ئۇچۇن ئىنسانغا خاس تۇيغۇدا بېقىلىشى ۋە ئۆسۇپ يىتىلىشى كېرەك. پىسخولۇگلارنىڭ بايقىشىچە ئاتا- ئانىلار بوۋاقلار، بالىلار بىلەن ئارلىقنى قانچىكى يېقىنلاشتۇرسا ، ئۇلارنى قۇچاقلاپ، باغىرىغا بېسىپ ، سۇيۇپ ، باش – كۆزلىرىنى سىلاپ تۇرسا ئۇلار ئۆتتۇرسىدىكى مېھىر شۇنچىكى كۇچىيىدىكەن. بوۋاقلار، بالىلار كۆيۇنگەننى ئەڭ تىز ھېس قىلالايدىغانلار تىپىغا كىرىدىكەن.
مەن سومكا شەكلىدىكى كۆتۇرگۇچتە كۆتۇرۇپ كىتىلىۋاتقان بالىنى كۆرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇرۇمچى تەڭرىتاغ ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىغا بېرىپ ياۋايى ھايۋانلارنى يېقىندىن كۆرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. دىققىتىمنى ھەممىدىن بەك تارتقىنى مايمۇنلار توپى بولدى. سۇنئىي شەكىلدە ياسالغان تاغ ئۆڭگۇرىدە مايمۇنلار بىر- بىرىنى قوغلاپ چىقىرىشىپ يۇرىشەتتى. باشقا مايمۇنلار ئانىنىڭ قورسىقىغا چىڭ ئېسىلىۋالغان بالا مايمۇنغا  ناگان- ناگاندا ھۇجۇم  قىلاتتى. ئانا مايمۇن بالىسىنى قوغداش ئۇچۇن ئۇياق، بۇياققا سەكرەيتى. بىر ئورۇندىن يەنە بىر ئورۇنغا سەكرەش جەريانىدا قولىنىڭ ئورنىدىكى ئالدى پۇتلىرىدا بالىسىنى چىڭ قۇچاقلىۋالاتتى. ئۇنىڭ بۇخىل مەسئۇلىيەتچان ئانىلىقىدىن تەسىرلەنگەن  ساياھەتچىلەر ئۇنىڭغا نان، پىچىنە- پىرەنىك  دېگەندەك نەرسىلەرنى بەرسە، ئۇنىڭ  ئۆزى يېمەي بالىسىنىڭ ئاغزىغا سېلىشلىرى بىر قىسىم ئىنسانلاردىن يەنىلا ھايۋاناتلار ئوتتۇرسىدىكى مېھىر كۇچلۇككەن دېگەن قاراشلارغا كەلتۇرپ قويدى. ئۇ ئانا مايمۇن بالىسىنى مەڭگۇ قوچاقلاپ يۇرمىسىمۇ ئۇ بالىسىنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئالغۇچىلىك بولغان ئارلىقتا ئۆزىنىڭ بىر ئانا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىدىغانلىقى ئېنىق. بىزنىڭ ھازىرقى ياش ئاتا- ئانىلىرىمىزنىڭ ئاتا- ئانا بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ بالىسىنى قۇچىقىغا ئېلىپ ماڭماي ، بازاردىن سېتىۋالغان نەرسە كېرەكتەك كۆتۇرۇپ مېڭىشى بىلەن بۇ ئىش كۇچلۇك سېلشتۇرما.
بۇرۇن بىر قەۋىم بىلەن باشقا بىر قەۋىم ئوتتۇرسىدا دائىم سۇ، زېمىن تالىشىش جېڭى بولۇپ تۇرىدىكەن. بىر قېتىم بۇ قەۋىم غەلبە قىلسا يەنە بىر قېتىم تاجاۋۇزچى قەۋىم يېڭىدىكەن. بىر قېىتم تاجاۋۇزچى قەۋىم كۇچلۇك كېلىپ زېمىن ئىگىسىنىڭ قۇشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ ، قۇشۇن سەركەردىسىنى ئەسىرگە ئېلىۋاپتۇ. نۇرغۇنلىغان شەرتلەرنى ئوتتۇرغا قويسىمۇ، سەركەردە ھېچبىر تىز پۇكمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەسىرگە ئالغۇچى تەرەپ ئۇنى دارغا ئاسماقچى بولۇپ:«ئۆلۇم ئالدىدا دەيدىغانلىرىڭ بارمۇ؟››دەپ سورىغاندا ، ئۇ ياش سەركەردە :‹‹ئۆلۇپ كېتىدىغانلىقىمغا ئۆكۇنمەيمەن. شۇ تاپتا ئانام يېنىمدا بولغان بولسا ئانامنى قۇچاقلاپ ، ئۇنىڭ باغرىدا بىر يايرىۋالغان بولسام ئارمىنىم يوق ئىدى. ئەپسۇس،مەن قۇشۇنغا باشچىلىق قىلىپ مەغلۇپ بۇلۇپ ، ئانامنىڭ خەلق ئالدىدىكى يۇزىنى يەر قىلىدىم، شۇ ئەھۋالدا ئۆزۇمنى ئانامنىڭ ئوغلى دېيىشتىن ئۇيىلىمەن››دېگەن. بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن جازالىغۇچى تەرەپ  ئەسىرگە چۇشكەن سەركەردە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى قويىۋىتىپتۇ. كېيىن ئۇ سەركەردە پىشپ يىتىلىپ تاجاۋۇزچى قۇشۇننى زىېمىندىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ھەر بىر مەسىلىگە يولۇققاندا ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا يېتىپ ئانىسىنىڭ مەسلىھەتىنى ئاڭلايدىكەن، تەپەككۇر قىلىپ ئەقىل تاپىدىكەن.
   بىزدىكى ‹‹ئانا باغرى بىر ئەزىم دەريا، ئانا باغرى قوينى كەڭ باغ››دېيىشلەر بىكارغا چىقمىغان. چوڭ ئادەملەر ئانىسىنىڭ باغرىدا ئەركىلەشنى ئارزۇ قىلىشىدىغان يەردە بوۋاقلارنىڭ بۇ خىل ئېھتىياجى بولمامدۇ؟ ئادەمنىڭ ھەر قايسى ياش باسقۇچلىرىدىكى زۆرۇر ئېھتىياجلىرى قانمايدىكەن ئۇنىڭ كېينكى ئۆسۇپ يىتىلىشىگە پاسىپ تەسىرلەرنى كۆرسىتپ  پىسخىكىلىق مەسىللەرنىڭ چىقىشى مۇقەرەر.
   بالىلارنى بالا باققۇچىغا باقتۇرۇش ، چوڭلارنىڭ بېقىشىغا ھاۋالە قىلىش، ھەپتىلىك يەسلىلەرگە بىرىش، چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى ۋە ئوقۇتۇش سۇپىتى ياخشى دەپ بالىلارنى يىراققا ئوقۇشقا ئەۋەتىش دېگەندەك شەكىللەر بىلەن ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلارغا ھەمراھ بولىدىغان ، بالىلارغا ئاتا – ئانىلىق مېھرىنى يەتكۇزۇش پۇرسەتلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ قېلىۋاتقاچقا ، بالىلار كۇندىن – كۇنگە باغرى تاش، شەخسىيەتچىلىكى كۇچلۇك بولۇپ چوڭ بولماقتا. ئاتا- ئانىنىڭ باغرى پەرزەنىت ئۇچۇن مەڭگۇ ئوچۇق بولسىمۇ، تېخى تايتاڭلاپ مېڭىشنى بىلمىگەن ، ئاتا- ئانىنىڭ كۆتۇرۇشىگە ، قۇچاقلىشىغا مۇھتاج بولدىغان ئاشۇ قىسقا ۋاقىتنىڭ  پەرزەنتلەر قەلبىگە مەڭگۇ ئورناپ كەتكۇدەك مۇھەببەت ئاتا قىلىشى ئۇچۇن  ، ياش ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلەرنى ئاتا- ئانىنىڭ باغرىغا قېنىش ئېھتىياجىنىڭ ھولىنى مۇستەھكەم سېلىشى كېرەك.
ھەممە  بالىلار بۆشۇكتىن، بۆلەڭگۇچتىن ، مەخسۇس تەييارلانغان ئارام ئېلىش ئورنىدىن ئاتا- ئانىنىڭ باغرىغا ئىنتىلىدۇ.قۇچاقتىكى بالىنىڭ  ئۇخلىغۇسى كەلگەندە ياتىدىغان ئۇرۇنغا ئىنتىلىشىدىن باشقا ۋاقىتتا ئۇلار ئۇ ئۇرۇنلارغا ئىنتىلمەيدۇ.بالىلار ئاتا – ئانىنىڭ باغرىدا تۇرۇپ ئالەمگە نەزەر سالىدۇ، شەيئلەرگە ئىنتىلىدۇ، شەيئىلەرنى تۇتىدۇ، پەرىقلەندۇرىدۇ. ياتقۇزۇپ قويغان ، ئولتۇرغۇزۇپ قويغان ئۇرۇندىن قۇچاققا ئىنتىلىپ ئۆمىلەشنى، مېڭىشنى ئۇگىنىدۇ. ئاتا- ئانا قۇچىقى بالىلارنىڭ خاتىرجەملىك ماكانى بولۇپ قالماستىن، ھەممە نەرسىنى ئۆگىتىدىغان مەكتەپتۇر. بۇۋاقلار ئانا قۇچىقى ئارقىلىق دۇنيانى تۇنىيدۇ. دۇنيا ھەققىدە تۇرلۇك تۇيغۇلارغا چۇمىدۇ. بوۋاقنىڭ يىغىسى، خاپىسى ئانا قۇچىقىغا چىققاندا بېسقىشىدىن ئانا قۇچىقىنىڭ بالىلار ئۇچۇن ئالەمنىڭ ھوزۇرىنى ھېس قىلدۇردىغان جەننەتلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ.
  ھازىر بىرقىسىم ياش ئانىلار بوۋاقلارغا ئانا سۇتىنى ئەمدۇرمەي، سۇت پاراشۇكى بىرىپ كۆنۇككەن بولغاچقا، بالىنى باغرىغا بېسىشنىڭ ھوزۇرىنى بىلمەيدۇ.‹‹بالا دېگەننى كۆتۇرۇپ قىينىغۇچە كۆتۇرۇش ئەپلىك بولغان، جانغا ئەسقاتىدىغان بۇيۇملارغا تايانغان ياخشى. جان دېگەن كۇندە چېچەكلەمتى. تۇققۇز ئاي، توققۇز كۇن قورساق كۆتۇرۇپ  قىينالغىنىمىزمۇ يېتىپ ئاشار . بالا دېگەننى قانداق باقسا شۇنىڭغا مايىل چوڭ بولدىغان گەپكەن. ھۆشنىمىزگە ئارتىۋېلىپ ، پوق – سۇيدۇكىگە بۇلىنىپ يۇرگىچە ، جان ئارام ئالىدىغان ئىش بولسا ، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە بالىلارنى بېقىشقا ئەپلىك نەرسىلەرگە تايانغان ياخشى ››دەپ قارايدۇ. ئىنسان بالىسى بىلەن باشقا جانلىقلارنىڭ بالىسىنىڭ بېقىش ، چوڭ قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ماھىيەت جەھەتتىن پەرىقلىنىشى كېرەك، ئىنسان دېگەن ئىنساندەك بېقىش موھىيىتىغا ئېرىشىشى كېرەك دېگەندەك ئۇيلار ئۇلارنىڭ كاللىسىغا كەلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ‹‹پەقەت ئىنسانلا باللىرىنى باشقىلارنىڭ بېقىشىغا تاپشۇرىدۇ›› دېگەنكەن.
  جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئنسانلارنىڭ ياشاش شارائىتىلىرى بارغانسىرى قۇلايلىقلاشماقتا. ئىنسانلار كۇندىن- كۇنگە سانائەتنىڭ تەرەققىيات مەسھۇلى بولغان بۇيۇملاردىن پايدىلىنىپ پائالىيەت جەريانىنى ئاددىلاشتۇرماقتا. تەرەققىيات ئارقىلىق يىراقنىڭ يېقىن، قېيىننىڭ ئاسان، ئاجايىپ – غارايىبات سىرلىق بىلىدىغان ئىشلارنىڭ ئادەتتىكى  ئىشلارغا ئايلىنىشى ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئۇچۇن ئانچە ھەيران قالغۇدەك ئىشلار ئەمەس. كۇندە نەچچىلىگەن كەشپىياتنىڭ يارىتىلىپ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى زىغىرلاپ ئولتۇرمىساقمۇ، ھەممە كەشپىياتنىڭ ئىنسانلارغا پۇتۇنلەي ياخشىلىق ئېلىپ كېلىشى ناتايىن. سۇلياۋ ئىنسانلارغا ناھايىتى قۇلايلىق ئېلىپ كەلگەن كەشپىيات دەپ ئاتالغان ئىدى.ھەممدە تۇرمۇشتا ناھايىتى كەڭ قۇللىنىلغان. ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى ياخشى بولمىغانلىقتىن مۇھىتنى بۇلغاپ ئىنسانلارغا نۇرغۇن ئاۋارچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكتىن ، ئالىملار سۇلياۋنى 20-ئەسىردىكى ئەڭ ناچار كەشپىياتلار قاتارىغا كىرگۇزمەكتە. ئەجدادلىرىمىز بالىلارنىڭ ئۆسۇپ يىتىلىشىگە ماس ھالدا بۆشۇك، بۆلەنچۇكلەرنى ئىجات قىلىپ ، بالىلارنىڭ ئارام ئېلىش ، ئۇخلاش سۇپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ساغلام چوڭ بولىشىغا ئاساس سېلىپ كەلگەن بولسا، بۇگۇنكى كۇندە مەيلى ئائىلىدە بولسۇن ياكى سىرىتتا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا قۇلايلىق بولىدىغان بالىلارنى ياتقۇزۇپ، ئولتۇرغۇزۇپ ئىتتىرىدىغان ھارۋىلار، سۇمكا شەكىلدىكى كۇتۇرىدىغان بۇيۇملار بارلىققا كەلمەكتە.بارلىققا كەلگەن يېڭىلىقلارنى شۇ مىللەتنىڭ ياشاش ئادىتى، ھايات پەلسەپىسى، دۇنيا قارىشى، ئىتىقادىنى ئاساس قىلىپ قۇبۇل قىلماستىن ‹‹مېنىڭ جېنىمغا ئەس قاتىدىغان نەرسە ئىكەن ››دەپ قارىغۇلارچە قۇبۇل قىلىش بۇگۇنكى زامانىدىكى ياشلارنىڭ تۇتىۋاتقان يولىدۇر.ئادەم بەزى نەرسىلەرگە بەلگىلىك چەكلەش پۇزۇتسىيىسىدە بولمىسا، بارىلىققا كېلىۋاتقان  ئاشۇ نەرسىلەر ئادەمنى ھەركەت قىلماس، پىكىر قىلماس پالەچ ھالغا چۇشۇرۇپ قويىدۇ.
بوۋاي، مۇمايلار قىينچىلىقنى ئادەمنىڭ روھىنى تاۋلايدۇ، ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى ئۆگىتىدۇ دەپ قارىسا، بۇگۇننىڭ ياشلىرى تۆت كۇنلۇك ئالەمدە قىيلىنىپ ئۆتۇپ نېمە كەپتۇ، پۇل خەجلەپ بولسىمۇ جان قىينالمايدىغان يولنى تۇتقان تۇزۇك دەپ قىينچلىقنى ئۆزلىرىنى جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن تۇگەشتۇرۋىتىدىغان ئاپەت دەپ بىلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئاتا بوۋىلار تېنى ، روھى ساغلام ، قەلبىدەھاياتقا بولغان مۇھەببەت بالقىپ ، پەرزەنىت ئىشقىدا يۇرىكى ئاتەش بولۇپ يېنىپ ھاياتلىق يولىدىكى تاغلارنى تالقان ، باغلارنى بوستان قىلىپ جەڭگۇۋار قەدەملەر بىلەن ياشاپ كەلگەن. ئىسىل ئۆرپە- ئادەتلەردىن تانماي ئۇنى بېيىتىپ ھەركىتىنىڭ قىبلىنامىسىگە ئايلاندۇرغاچقا مىللەتنىڭ كىملىكى ، روھىيەت خەزىنىسى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا شەكىللەنگەن. بۇگۇنكى ياشلار بولسا ياخشى ياشاشقا ئىنتىلىپ ، ياخشى بىلەن ياماننىڭ چىگرىسىنى تۇزۇك ئايرىماي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىكى ئوڭايلىقنى قوغلىشىپ ، ئەجداتلار قان تەرى بىلەن ياراتقان ئادەتلەرنى ، بۇيۇملارنى چۆرۇپ تاشلاشقا ئاران تۇرماقتا. ئۆتمۇش بىلەن ھازىرنىڭ پەرىقى كونىلىق بىلەن يېڭىلىقتا بولماستىن، ھەر بىر دەۋىردە بارىلىققا كەلگەن ئادەت ۋەنەرسىلەرنىڭ ئادەمنىڭ پائالىيىتىنى ئىلىمىلىككە، ئىنسانى پەزىلەتكە ئىگە قىلىش قىلماسلىقىدا پەرەقلىنىشى مۇمكىن. ياشلار بۆسۇش خاراكتىرلىك تەرەقىيات دەۋرىدە ياشاۋاتقانلىقى ئۇچۇن تولىمۇ تەلەيلىكتۇر. بۇ تەلەي  ئىگللىرى بوۋاي، مومايلارنىڭ ئاھىغا قۇلاق سېلىپ ، ئۆزىنىڭ ئىش – ھەركىتىنى گۇزۇتۇپ بېقىپ ، بەخىتنىڭ يېڭى پەللىسىنى كۇتىۋېلىشقا تىرىشىشى زۆرۇر.


(ئاتۇش شەھرى 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئانىقىز ئەزىز ئىلتەرىش)


mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  94
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1356
تۆھپە : 31
توردا: 204
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 23:41:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىقىزنىڭ  روھىمىزنى ئۇرغىتىدىغان، كاللىمىزنى سەگىتىدىغان ئېسىل ماقالىلىرىغا تەشنا بىز. تەكلىپىم شۇكى، ئىملاغا دىققەت قىلغايسىز، يەنە بېرى،  ماقالىلىرىڭىز  سەل ئىخچام بولسۇن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 535
تۆھپە : 0
توردا: 94
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 23:47:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئانىقىز، ئالدى بىلەن مۇنبەرگە باسقان قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا!
سالامەتلىكىڭىزنىڭ ئەسلىگە كېلىپ مۇنبەرلەرنى ئارىلىغىدەك، ئىجادىيەت قىلغىدەك دەرىجىگە كەلگەنلىكىدىن ھەقىقەتەن خۇرسەن بولدۇم.

ئەمدى يازمىغا كەلسەم،  ناھايىتى ياخشى بىر تىما يوللاپسىز، بۇنى ھازىرقى ياش ئانىلار ۋە ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلار ئوقۇپ پايدىلانسا بولغىدەك مۇھىم پايدىلانمىكەن، دېمىسىمۇ ھازىر ھەممىنىڭ ئاسىنىنى تاللايدىغان، ئۆزىنى ئۇپراتمايدىغان ئىشنى قىلىدىغان زامان بولۇپ كەتتى، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ھازىرىنى ئويلايدۇ، ئالدىدىكىنىلا كۆرۈدۇ، بىراق ئۇنىڭ قانچىلىك زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان بولۇپ كەتتى، يازمىڭىزدا  دېيىلگەن گەپلەرنىڭ ئىلمىي ئاساسىي بار. راستىنلا بۇ ئىشلار  سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىشلاركەن. سىز جەمئىيەتنى ئىنچىكە كۆزىتىپتىسز.

بۇ ماقالىڭىزنى ئاياللار ژۇرنىلىغا  ئەۋەتىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
سىزگە سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  186
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 307
تۆھپە : 3
توردا: 78
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 01:17:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالامەتلىكىڭىزنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىدىن خۇشال بولدۇم،ئەمدى بۇرۇنقىدەك چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئېگە ماقالىلىرىڭىزبىلەن كۆمۈۋېتىشىڭىزنى تىلەيمەن. (2009-2010-يىللىرى قايسى ژۇرنالنى ۋاراقلىسام دېگۈدەك ماقالىلىرىڭىز بار ئىدى.)

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 503
تۆھپە : 10
توردا: 83
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 08:04:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلام ؟
ئانىقىز ئاۋىلى سالامەتلىكىڭىزنىڭ ئەسلىگە كەلگىنىدىن ،كېيىنى قاراتمىلىقى كۈچلۈك تەخرسىز تېمىنى روياپقا چىقارغىنىڭىزدىن تولىمۇ سۈيۈندۈم.

توپۇدا ياتسا گۆھەر،
بولماس باھاسىغا زىيان.
شۇ ئاقار ئاققان ئېرىقتىن،
سايدا ھەم تاشقىن قىيان.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  328
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1381
تۆھپە : 4
توردا: 258
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 13:09:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەخمىيەتلىك تىمىكەن، ئوقۇپ نۇرغۇن ئوي پىكىرلەر خىيالىمدىن كەچتى...ئاللاھ سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!




سەن ئەزىز ئەتكەن قۇلۇڭمەن،خار ئېتەلمەيدۇ كىشى،
سەن ئەگەر خار ئەيلىسەڭ،ھەر جايدا بولسام خار كىشى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش