تورداشلارغا ئۇختۇرۇش
11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېچىلغان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت يىغىنىدا «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نى باشقۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ، يازغۇچىلار تورىغا مەخسۇس خادىم قويۇش، ئۇنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇپ، رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق ئىشلار قاراپ چىقىلدى ۋە ئەدەبىيات پەنلىرى ماگىستىرى،«شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نىڭ ھازىرقى مەسئۇل مۇھەررىرى كېۋىر ھېمىتنى «تەكلىپلىك باش مۇھەررىر»لىككە تەكلىپ قىلىش قارار قىلىندى.
بۇندىن كېيىن كېۋىر ھېمىت «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نىڭ مۇھەررىر، ئەزا، تېما ۋە ئىنكاس قاتارلىق ھەممە ھالقىلىرىدىكى ئومىمىي خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ. كەڭ ئەدىب، تورداشلارنىڭ ۋە بارلىق مۇھەررىر، تېخنىكلىرىمىزنىڭ ئۇنىڭ خىزمىتىنى قوللىشىنى، ئۇنىڭغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئالاھىدە بۇ ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى!
«شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»
2013-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى