يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: admin

تورداشلارغا ئۇقتۇرۇش

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-9 22:29:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە. بىزمۇ داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى سېغىندۇق.

ۋاقتى: 2013-11-10 00:09:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدىكى ئىنكاسلارنى ھازىر تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم، بۆسەر دىگەن تورداشنىڭمۇ يازغان ئىنكاسلىرىنى ئەتىگەن كۆرگەن ئىدىم. خېلى ئويلىنىپ بۇ ئىنكاسنى يېزىشنى توغرا تاپتىم.
     بۇ يەردىكى مەسىلە كىمنىڭ ئىش بېشىدا بولۇشى ئەمەس، بۇ تورنىڭ قانداق يۈرگۈزىلىشى ھەققىدە بولىۋېتىپتۇ. كۆپچىلىكنىڭ بۇ تورغا نەزىرىنى ئاغدۇرىۋاتقانلىقى ياخشى ئىش. لېكىن، مەن بۇرۇنمۇ نەچچە ئۇقتۇرۇشلاردا ئېيتقان، بۇ يەر شەخسى قۇرۇۋالغان ئۇنۋېرسال، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى تور بەت ئەمەس، ئورگان تور بېتى. ھېچكىمنىڭ بۇ يەردە ئۆزى خالىغانچە، بىشەملىك بىلەن «ئېغىنىشى»غا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. «مۇبارەك بولسۇن!»،«ھارمىغايسىز»، «قولۇڭىزغا دەرت بەرمىسۇن» دىگەندەك مەدىھىيەلەرگىمۇ تەلمۈرۈپ ئولتۇرۇپ كەتكىنىمىز يوق. بۇ يەر جەمئىيىتىمىزنىڭ ئۇچۇر چىقىرىش، مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشلارنى ئەزالىرىمىزغا يەتكۈزۈش، ياش ھەۋەسكارلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سورۇن ھازىرلاش پەشتىقى. نادىر ئەسەر بۇرۇنمۇ ھەرقانداق تىللاردىكى تورلاردا بارلىققا كەلمىگەن، بۇندىن كېيىنمۇ بارلىققا كەلمەيدۇ.  تور ئەدەبىياتنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرمەيدۇ. تور يازارمەنلىرى يازما مەتبۇئاتقا قايتىپ كېلىش ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئورنىغا ئىگە بولىدۇ. يازما مەتبۇئاتتىكى يازغۇچىلار بىلەن توردىكى يازارمەنلەر ۋە ھەۋەسكارلار خاراكتىر جەھەتتىن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىلدىكى قەلەم تۇتقۇچىلار بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. «داڭلىقلىرىمىز توردا يوق ئىكەن» دەپ ئاغرىنىپ يۈرۈشىمىزنىڭ تېخىمۇ ئورنى يوق، ئۇلار توردا يۈرمەيدۇ، نادىر ئەسەرلىرىنى تورغا يوللاپمۇ ئولتۇرمايدۇ. بۇ تور دۇنياسىدىكى ئومۇمىي، ئورتاق ئەھۋال. تور يازارلىرى ۋە ھەۋەسكارلار توردا چېنىقىپ، يازما (قەغەز) مەتبۇئەتقا يۈرۈش قىلىدۇ. بىزنىڭ تور ۋە تور يازارلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىز بەكمۇ ئىپتىدائىي ھالەتتە بولۇپ، بۇ ھەقتىكى بىلىشلىرىمىزنى تولۇقلىشىمىز زۆرۈر.  تور ئەدەبىياتى قانچىلىك تەرەققى قىلمىسۇن،ئەدەبىياتنىڭ قىممىتى يەنە خېلى ئۇزۇن زامانلارغىچە پەقەت يازما (قەغەز) ئەدەبىيات ئارقىلىقلا ئۆزىنى ناماييەن قىلىدۇ. بۇنىڭغا ھازىرغىچە مەيلى ئېلىمىزدە ۋە مەيلى چەتئەللەردە بولسۇن ھېچكىم باشقىچە پىكىردە بولۇپ باققان ئەمەس.
     تورنىڭ ئەسەر ئېلان قىلىش ئۆتكىلى  بەك قاتتىق بولمىغاچقا يەنە كېلىپ بۇ يەردە ھەۋەسكارلار كۆپەرەك توپلاشقاچقا، ئۇنىڭدا روياپقا چىققان ئەسەرلەرنىڭ خام ۋە چۇۋالچاق بولىشى ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ئوبىكتىپ رىياللىق. بەزىلەر بۇ يەردە نادىر ئەسەر يوقكەن دەپ قارىسا، نادىر ئەسەر بار  يەرگە بارسا بولىدۇ، ئۇنى بىز توساپ ئولتۇرمايمىز. بۇ يەرنى «كوكات» بېسىپ كەتكەن بولسا، باشقىلارنىڭ مۇنبەت ئېتىزلىقلىرىغا ھەسەت قىلىپمۇ كەتمەيمىز. ھەتتا، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملىنىپ كىرىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان، قانداق نادىر ئەسەر يازغانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان، قانداقتۇر «يازغۇچىلىرىمىز»نىڭ بىزگە بېرىۋاتقان تەلىملىرىگە قۇلاق موللىسى بولۇپمۇ ئولتۇرمايمىز.
     تورىمىز ھازىرغىچە ئەزا تەستىقلاش تۈزۈمىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن، بۇ يەردە خېلى مەمەدانلىق قىلىۋاتقان بىرقانچە ئەزالارنى كۈزىتىپ باقسام،  ئۇلار يەڭلىرىنى شىمايلاپ، قانداقتۇر بىر ئىشلارنى بىرقانچە ئىنكاسلىرى بىلەنلا ھەل قىلىۋېتىدىغان ئالامەت ئىقتىدار ئىگىلىرىدەك ھالەتتە تۇرىدۇ. سىلەرگە دەيدىغىنىم: بىرەر ئابزاس ئەسىرىڭلارنى كۆپچىلىك كۆرۈپ باقسۇن.قانداقتۇر كەسكىن ئىنكاسىڭلار بىلەنلا ئەمەس، ئەسىرىڭلار بىلەن بىزنى قائىل قىلىڭلار. ھېچ بولمىغاندا سىلەرنىڭ بىز بىلمەي قالغان قايسى كاتتا "يازغۇچىمىز'' ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىپ قالايلى. ئاندىن بىز سىلەر كۆرسەتكەن يۆلىنىشكە قاراپ باقايلى. ئۇنداق بولمىسا بېرىپ «ئوينايدىغان» يېرىڭلارنى تېپىۋېلىڭلار.
     تورنىڭ يېڭى مەسئۇلىنىڭ ئىشى تېخى ئالدىدا، ئۇنىڭ «تونىنى پىچىش»كە ھازىرچە بالدۇرلىق قىلىمىز.


ۋاقتى: 2013-11-10 01:07:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدىكى بەزى پىسخىك چاكىنىلىقلارغا بەزىدە توۋا دىمەي ئامال يوقكەن. بىراۋغا بىر ئىش قىلىشنىڭ نۆۋىتى كەلگەن بولسا ئۇنىڭ نىمىسى يامان؟ ئۇ تېخى ھېچ ئىش قىلمىغان تۇرسا، نىمىدىگەن ئالدىن ئالا سېلىنغان زۇلۇم بۇ؟  بەزى بىلەرمەنلەر ئىشنىڭ بېشىنى كۆرۈپلا، ئاخىرىغا ھۆكۈم قىلىشىپ كېتىپتۇ. سىلەردە بۇنداق ئىقتىدار قاچاندىن بېرى بار ئىدى؟ بىزنى تەنقىد قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن چاكىنىلىق، خۇسۇمەت بىلەن ئەمەس، يولى، ئېپى، ئىلمىيلىكى، قائىل قىلارلىقى بىلەن بولسا بولىدۇ. بۇ يەر يازغۇچىلىرىمىزغا ئېچىۋېتىلگەن ئوچۇق سەھنە، تامنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈۋېلىپ، ئارقىسىدىن ئوق ئاتىدىغان چۈپىرەندىلىككە يەنە سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋەرمەيمىز.
بۇ تورنىڭ بىر قېرى ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بويسۇنىمەن،يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان باش مۇھەرىرىمىز خېۋىر ھېمىتنىڭ خىزمەتلىرىگە يېقىندىن ياردەمدە بولىمەن. باشقۇرغۇچىلىرىمىزنىڭ بەزى ئەزالارغا ۋە ئۇلارنىڭ چەكتىن ئاشقان ئالاجوقا ئىنكاسلىرىغا قوللانغان تەدبىرلىرنى ھىمايە قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eybuyaqup تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-10 02:01  


ۋاقتى: 2013-11-10 10:50:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇرۇن شۈكۈر نامىدا تىزىملىتىپ كىرىپ چەكلەنگەن ئىدىم . ھەرقانداق يېڭى بىر پادىشاھ تەختكە چىقسا ئومۇمىي كەچۈرۈم چىقىرىپ تۇرمىدىكى مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىدىكەن . شۇنداق كەچۈرۈم بارمۇ يوق ؟

ۋاقتى: 2013-11-10 11:23:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدىكى ئىنكاسلارنى ھازىر تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم، بۆسەر دىگەن تورداشنىڭمۇ يازغان ئىنكاسلىرىنى ئەتىگەن كۆرگەن ئىدىم. خېلى ئويلىنىپ بۇ ئىنكاسنى يېزىشنى توغرا تاپتىم.
     بۇ يەردىكى مەسىلە كىمنىڭ ئىش بېشىدا بولۇشى ئەمەس، بۇ تورنىڭ قانداق يۈرگۈزىلىشى ھەققىدە بولىۋېتىپتۇ. كۆپچىلىكنىڭ بۇ تورغا نەزىرىنى ئاغدۇرىۋاتقانلىقى ياخشى ئىش. لېكىن، مەن بۇرۇنمۇ نەچچە ئۇقتۇرۇشلاردا ئېيتقان، بۇ يەر شەخسى قۇرۇۋالغان ئۇنۋېرسال، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى تور بەت ئەمەس، ئورگان تور بېتى. ھېچكىمنىڭ بۇ يەردە ئۆزى خالىغانچە، بىشەملىك بىلەن «ئېغىنىشى»غا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. «مۇبارەك بولسۇن!»،«ھارمىغايسىز»، «قولۇڭىزغا دەرت بەرمىسۇن» دىگەندەك مەدىھىيەلەرگىمۇ تەلمۈرۈپ ئولتۇرۇپ كەتكىنىمىز يوق. بۇ يەر جەمئىيىتىمىزنىڭ ئۇچۇر چىقىرىش، مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشلارنى ئەزالىرىمىزغا يەتكۈزۈش، ياش ھەۋەسكارلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سورۇن ھازىرلاش پەشتىقى. نادىر ئەسەر بۇرۇنمۇ، بۇندىن كېيىنمۇ توردا بارلىققا كەلمەيدۇ.  تور ئەدەبىياتنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرمەيدۇ. تور يازارمەنلىرى يازما مەتبۇئاتقا قايتىپ كېلىش ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئورنىغا ئىگە بولىدۇ. يازما مەتبۇئاتتىكى يازغۇچىلار بىلەن توردىكى يازارمەنلەر ۋە ھەۋەسكارلار خاراكتىر جەھەتتىن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىلدىكى قەلەم تۇتقۇچىلار بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. «داڭلىقلىرىمىز توردا يوق ئىكەن» دەپ ئاغرىنىپ يۈرۈشىمىزنىڭ تېخىمۇ ئورنى يوق، ئۇلار توردا يۈرمەيدۇ، نادىر ئەسەرلىرىنى تورغا يوللاپمۇ ئولتۇرمايدۇ. بۇ ھەممە دۆلەت ۋە مىللەتتىكى ئورتاق ئەھۋال. تور يازارلىرى ۋە ھەۋەسكارلار توردا چېنىقىپ، يازما (قەغەز) مەتبۇئەتقا يۈرۈش قىلىدۇ. بىزنىڭ تور ۋە تور يازارلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىز بەكمۇ ئىپتىدائىي ھالەتتە بولۇپ، بۇ ھەقتىكى بىلىملىرىمىزنى يەنىمۇ تولۇقلىشىمىز زۆرۈردەك تۇرىدۇ. تور ئەدەبىياتى قانچىلىك تەرەققى قىلمىسۇن،ئەدەبىياتنىڭ قىممىتى يەنە خېلى ئۇزۇن زامانلارغىچە پەقەت يازما (قەغەز) ئەدەبىيات ئارقىلىقلا ئۆزىنى ناماييەن قىلىدۇ. بۇنىڭغا ھازىرغىچە مەيلى ئېلىمىزدە ۋە مەيلى چەتئەللەردە بولسۇن ھېچكىم باشقىچە پىكىردە بولۇپ باققان ئەمەس.
     تورنىڭ ئەسەر ئېلان قىلىش ئۆتكىلى  بەك قاتتىق بولمىغاچقا يەنە كېلىپ بۇ يەردە ھەۋەسكارلار كۆپەرەك توپلاشقاچقا، ئۇنىڭدا روياپقا چىققان ئەسەرلەرنىڭ خام ۋە چۇۋالچاق بولىشى ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ئوبىكتىپ رىياللىق. بەزىلەر بۇ يەردە نادىر ئەسەر يوقكەن دەپ قارىسا، نادىر ئەسەر بار  يەرگە بارسا بولىدۇ، ئۇنى بىز توساپ ئولتۇرمايمىز. بۇ يەرنى «كوكات» بېسىپ كەتكەن بولسا، ئۇلارنىڭ مۇنبەت ئېتىزلىقلىرىغا ھەسەت قىلىپمۇ كەتمەيمىز. ھەتتا، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملىنىپ كىرىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان، قانداق نادىر ئەسەر يازغانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان، قانداقتۇر «يازغۇچىلىرىمىز»نىڭ بىزگە بېرىۋاتقان تەلىملىرىگە قۇلاق موللىسى بولۇپمۇ ئولتۇرمايمىز.
     تورىمىز ھازىرغىچە ئەزا تەستىقلاش تۈزۈمىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن، بۇ يەردە خېلى مەمەدانلىق قىلىۋاتقان بىرقانچە ئەزالارنى كۈزىتىپ باقسام،  ئۇلار يەڭلىرىنى شىمايلاپ، قانداقتۇر بىر ئىشلارنى بىرقانچە ئىنكاسلىرى بىلەنلا ھەل قىلىۋېتىدىغان ئالامەت ئىقتىدار ئىگىلىرىدەك ھالەتتە تۇرىدۇ. سىلەرگە دەيدىغىنىم: بىرەر ئابزاس ئەسىرىڭلارنى كۆپچىلىك كۆرۈپ باقسۇن.قانداقتۇر كەسكىن ئىنكاسىڭلار بىلەنلا ئەمەس، ئەسىرىڭلار بىلەن بىزنى قائىل قىلىڭلار. ھېچ بولمىغاندا سىلەرنىڭ بىز بىلمەي قالغان قايسى كاتتا "يازغۇچىمىز'' ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىپ قالايلى. ئاندىن بىز سىلەر كۆرسەتكەن يۆلىنىشكە قاراپ باقايلى. ئۇنداق بولمىسا بېرىپ «ئوينايدىغان» يېرىڭلارنى تېپىۋېلىڭلار.
     تورنىڭ يېڭى مەسئۇلىنىڭ ئىشى تېخى ئالدىدا، ئۇنىڭ «تونىنى پىچىش»كە ھازىرچە بالدۇرلىق قىلىمىز.

بۆسەر: ياخشى! مۇبادا پىسخىكىدىكى چاكىنىلىق، خۇسۇمەت، پوپاڭ چىقىرىش نىيىتىدە ئىنكاس يازغان بولسام ھازىر «ياخشى!» دېگەن بۇ قايىللىق ئىپادەمنى بىلدۈرمىگەن بولاتتىم. مەن بۇ مۇنبەرنىڭ سىز قايتا-قايتا ئەسكەرتكەندەك «ئورگان تور بېكىتى...ۋەھاكازا...»ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغىنىم ، مۇنبەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە چاكىنا ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغىنىغا ئۆكۈنگەنلىگىم ئۈچۈنلا مەزكۇر ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەن 3 ئىنكاسنى يېزىپ سالغان ئىدىم. پېقىر سىز ئويلاپ قالغاندەك تام كەينىگە ئۆتىۋېلىپ پىچاق ئاتقۇچىلاردىن ئەمەس، ئەكسىچە بىرنى بولسىمۇ مۆرەپ بەرسە بىر ئاڭلىۋالسام دەپ سېغىنغۇچى. لېكىن مەنمۇ دېئالىكتىكا ۋە ماتېماتىكىلىق قانۇنىيەتلەر ئارقىلىق شەيئىلەرنى ئەتراپلىق، توغرا كۈزىتەلەيدىغان بىر ئادەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزنىڭلا گېپىڭىز توغرا، مېنىڭ خاتا، دەپ تىرناق تاتىلاپ ئولتۇرۇپ قالماي رەددىيە بېرىشنى بىلىمەن. مەنمۇ دەۋالاي گېپىمنى!
مەن بۇ مۇنبەردە ھەممە ئادەمنى تەنقىت قىلىپ كەتمىدىم، پەقەت بىر نەچچە مېڭىسى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا توختاپ قالغان قىزىل قوغدىغۇچى قوشاقچى بىلەن ئېزىز ھېيتتەك ئەدەبىيات چۈشەنچىسى كونا بىلەرمەن ئاتالمىش ئوبزورچىغا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپ قويدۇم، خالاس. مەن يا ئادەم تىللىمىدىم، يا چېكىدىن ئاشقان جېدەللەرنى قىلمىدىم، پەقەت گەپنى چىرايلىق قىلدىم، شۇ ھالەتتىن چۆچۈپ كەتكەنلەرنىڭ ھالىغا مەن ئىگە ئەمەس، مەن پەقەت راستىنى ئېيتىپ قويدۇم.
بۇنچىلىك گېپىمىزنىمۇ دېيەلمىسەك، دېسەك خۇسۇمەتچى، پوپاڭچى بولىدىغان ئىش بولسا ئىنكاس يازىدىغان يەرنى تاقىۋېتىپلا پەقەت تېما-ئۇچۇر يوللايدىغان كۆزنەكنىلا قويۇپ قويساڭلار ياخشىكەن، دەپ بىر تەكلىپنى بېرىمەن.
مەن رەددىيەم ئۈچۈن ئامىنە ئابدۇۋايىتنىڭ ئىنتايىن سولچىل قىزىل قوشاقلىرى بىلەن ئېزىز ھېيتنىڭ ئەبجەق تېما-ئىنكاسلىرىنى مىسالغا ئالماقچىدىم، خەير.....


ۋاقتى: 2013-11-10 11:54:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيبۇكامنىڭ ئاچچىقى بەكرەك كەپقاپتۇ. ئېتراپ قىلماي بولمايدۇكى، بۇ تورنىڭ بۆگۈنكى ھالغا كېلىشىدە ئۇ كىشىنىڭ تۆھپىسى زور. ئەمما، قانۇنغا، ئەخلاققا ۋە ئەقىدىگەخىلاپ تېما، ئىنكاس بولمىغاندا، دېمۇكراتىيە پىرىنسىپى بۇيىچە گەپ قىلغىلى قويساق، مېنىڭچە خاتا بولماس.

ۋاقتى: 2013-11-10 12:35:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇش - خەۋەركەن . مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2013-11-10 14:48:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقىرىقى ئىنكاسلارنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ۋە ئەيبۇكامنىڭ بۇ يازغۇچىلار مۇنبىرىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ماڭا تاپشۇرغانلىقى ئۇلارنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىشقا تىرىشىمەن. يازغۇچىلار مۇنبىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى تورداشلارنىڭ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى ئارقىسىدا روياپقا چىقىدۇ. شۇنداقلا ئەيبۇكام تىكلىگەن ئاساسىي مەۋقەدە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىرگە باشقۇرۇش، تاللاش، تەستىقلاش مىخانىزملىرىدا ئۆزلۈكسىز يېڭىلاش بىلەن بىرگە تۈرلۈك مۇنبەر پائالىيەتلىرى، ئىجادىيەت مۇھاكىمىلىرى ئويۇشتۇرىلىدۇ (بۇ ھەقتىكى باشقا گەپلەرنى كېيىن يەنە ئوتتۇرىغا قويىمەن) .
تور بىر مەۋھۇم دۇنيا، ئۇنىڭ ئارقىسىدا قانداق ئادەم، قانداق ئىدىيە، قانداق پىكىرنىڭ ھۆكۈم سۈرىۋاتقانلىقى يەنە بىراۋلارغا مەۋھۇم. بىراق شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، مۇنبىرىمىزنىڭ خاراكتېرى ئورگان تورى، يازغۇچىلار تورى. ئۇ قانداقتۇر بىراۋلارنىڭ ئىلمىيلىكنى، ھەق-ناھەقنى ئۇنتۇپ، ئەدەپ-قائىدىنى بىر ياققا قايرىپ قۇيۇپ، يەنە بىراۋلارغا زەھىرىنى سانجىپ، ئاچچىقىنى چىقىرىۋالىدىغان سۇرۇنى، ياكى ئۆزىنى بىر كۆرسىتىۋېلىش نىيىتىدە «ئاغزىدا شەھەر ئالىدىغان»لارنىڭ سۇرۇنى ئەمەس. مۇنبىرىمىزدە باراۋەرلىك، دېموكراتىيە، ئىلمىيلىك، يېتەكلەش، تەنقىد تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
تەنقىد قوپال ۋە ئاچچىق ئاڭلىنىدۇ. بىراق تەنقىدلىگۈچىنىڭ نىيىتى دۇرۇس، تەنقىدى يوللۇق بولسىلا ئۇنى ئىلىك ئېلىش كېرەك. كەڭ تورداشلارنىڭ، مۇنبىرىمىزدىكى ئۇستازلارنىڭ مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ۋاقتى: 2013-11-10 15:11:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچىلار تورى ئۇلى ۋە ئاساسىي بار تور بېتى.  ئىشىنىمىزكى يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان باش مۇھەرىرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش نەتىجىسىدە بۇنىڭدىن كىيىنمۇ داۋاملىق ياخشى باشقۇرۇلۇپ كەتكۈسى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arttekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-10 15:28  


ۋاقتى: 2013-11-10 15:18:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kiwirhemit يوللىغان ۋاقتى  2013-11-10 14:48
يۇقىرىقى ئىنكاسلارنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. يازغۇچىلار ج ...

بىر ئەسەرگە بىرىلىدىغان باھا ئىلمى ،ئوبىكتىپ بولسا ئەسەر ئىگىسى  ھەقىقى نەپكە ئىرىشەلەيدۇ.لىكىن ھازىرقى ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس.بىرسىنىڭ بىر ئەسىرى ياخشى باھاغا ئىرىشسە كىيىن يوللىغان ئەسىرىنىمۇ ماختاپ ئۇچۇر ۋىتىدىغان (شۇ ئەسەردە ماختىغۇدەك تەرەپنىڭ بار يوقلۇقى بىلەن قىلچە ھىسابلاشماي)ئادەت شەكىللىنىپ قەلەم ئىگىسى مەنپەئەتكە ئىرىشەلمەي كىلىۋاتىدۇ(نام چىقىرىش ئۈچۈن كىرگەن قىسمەن ساندىكىلەر  بۇنىڭ سىرتىدا.)  شۇڭا مىنىڭ مۇنبەرداشلاردىن كۈتىدىغىنىم ھەربىر ئەسەرگە باھا بەرگەندە(مەيلى تەنقىدى پىكىربولسۇن ياكى ئۇئەييەنلەشتۇرىدىغان پىكىر بولسۇن)ئىلمى باھا بەرسە ،مۇشۇ مۇنبەرگە ئەسەر يوللىغان قەلەم ساھىبلىرى ھەقىقى نەپكە ئىرىشىپ ئىجادىيەتتە ئالغا باسالايدۇ دەپ قارايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆھتام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-10 15:19  


ۋاقتى: 2013-11-10 15:45:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمىتىڭىزنى قوللايمەن!شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى!

ۋاقتى: 2013-11-10 17:09:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى، ياش قەلەمكەشلەرگە ئىجادىيەت سورۇنى ھازىرلاپ، ئىلمىي بولغان مۇنازىرە مەيدانى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەممەيلەن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈندۇر.  

ۋاقتى: 2013-11-10 18:56:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۇبارەك بولسۇن. پۇتۇن كۇچىمىز بىلەن قوللايمىز.

ۋاقتى: 2013-11-12 01:43:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيبۇئاكامنىڭ مېھنەت-ئەجرىدىن گۈللەر ئۈنگۈسى! يېڭى مۇھەرىرگىمۇ ئۇتۇقلار يار بولسۇن!
يازغۇچىلار تورىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىنى ئەمىلىيىتىم بىلەن قوللايمەن!

ۋاقتى: 2013-11-12 09:58:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن !  ئىتتپاقلىق ---بايلىق،  بىرلىكتە تىرىشىپ تەڭ ئالغا ئىلگىرلەيمىز !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش