يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: admin

تورداشلارغا ئۇقتۇرۇش

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-9 02:18:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ياش قەلەم» سەھىپىسى توختاپ قالمىسا بۇلاتتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مېھمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-9 02:22  


ۋاقتى: 2013-11-9 11:19:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى  كىم  باشقۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىشىدىن قەتتىينەزەر ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا (جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قىزىقىپ كۆڭۈل بۆلۋاتقان ۋە ئۇنى  قوللاۋاتقان كىشلەرگە) توغرا  مۇئامىلە قىلىپش بىلەن بىرگە ياخشى يېتەكلەپ ، ئۇيغۇر  مىللىتىنىڭ مەنىۋى ساپاسىنى بىيتىشقا بىر كىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

ۋاقتى: 2013-11-9 11:20:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندىن ماسلىشىپ ۋە قوللاپ، ئورتاق كۈچ چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.

ۋاقتى: 2013-11-9 11:55:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچىلار تورىنى يوقلۇقتىن بار بولۇشىغا ، ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشقان ئەدەبىيات تەشكىلاتچىسى ئەيبۇنىڭ ئەجرى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس ، ئۇ بۇ جەھەتتە كۆپ جاپالارنى تارتى ، بۇنىسى تورداشلارغا ئايان . ئۇمۇ چارچىدى ، ھاردى بۇنى ئۇ ئۆزى بىلىدۇ . لېكىن ، ئۇنىڭ بۇ تور ئۈچۈن قىلغان ئەجىرنى ئۇنتۇپ قالساق ھەرگىز  بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە . بۇنى يازغۇچىلار جەمىيىتىمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ . ئۇ قەيەرگە بارسۇن ، نەدە يۇرسۇن بۇ تورنىڭ گېپىنى قىلىپ ، ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىپ ، تورنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن بىر مۇھەرىرگە خاس خىسلىتىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى . ئۇ ياخشى شائىر  ، ياخشى بىر ئەدەبىي تەرجىمان ئىدى ، ئۇنىڭ كۆپ ۋاقتى بۇ تورغا بېغىشلانغاچلىقى ئۈچۈن ، ئىجادىيىتى يىراقتا قالدى . ئەمدى ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ يىراقتا قالغان ‹‹ ئاشىقى شېئىرنى ، شېئىر تەرجىمىچىلىكىنى ›› تېپىۋىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .  بۇ تورغا مەسئۇل مەھەرىر بولغان ئىنىمىز  ئەمدى سىز  تېخىمۇ تىرىشىپ ، ئەيبۇدەك ئۇستازلارنىڭ روھىنى يورۇق قىلىش ئۈچۈن دادىل ، راستچىل، ھەققانىيەت بىلەن ئىشلىشىڭزنى تىلەيمەن . بۇ تور يازغۇچىلار تورى بۇنى ھەرگىز ئېسىڭىزدىن چىقارمىغايسىز ...

ۋاقتى: 2013-11-9 13:23:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.بىز ئالدى بىلەن باشقىلارغا ئىشىنىپ تۇرايلى،بۇرادەرلەر...
2.ئىشنىڭ يامان تەرىپىنى ئويلىغاندىن ،ياخشى تەرىپىنى ئويلىسا ،ئادەم بىئارام بولمايدۇ...
3....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قۇدرەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-9 13:25  


ۋاقتى: 2013-11-9 14:00:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ كېيىنكى ئشىلىرىغا بەركەت تىلەيمەن. مۇنبەرنىڭ يېڭى مەسئۇلىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

ۋاقتى: 2013-11-9 14:42:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيبۇكامنىڭ ئەجرى ئۇنتۇلمايدۇ، كىبىر ھېمىتنىڭ قەدەملىرىگىمۇ ئالقىشلار ياغقۇسى. چۈنكى بۇ يازغۇچىلار تورىغا يەنىلا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتى مەسئۇل ئەمەسمۇ؟ بىز شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىگە تولۇق ئىشەنچ قىلىمىز.

ئېلى ياسىن بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2013-11-9 17:06:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2013-11-9 17:15:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەررىر ئۇستاز ئەيبۇنىڭ ئەجرىدىن گۈللەر ئۈنگۈسى
يېڭى مۇھەررىرگىمۇ قۇت بولسۇن .

ۋاقتى: 2013-11-9 17:32:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمىز، ئەگىشىمىز، ئىلگىرلەيمىز!

ۋاقتى: 2013-11-9 18:01:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچىلار مۇنبىرىدە بۆسەرگە ئوخشاش تۇز تەمى بىلەن سۆزلەپ، يىغلىتىپ تۇرۇپ ئېيتىدىغان تورداشلارنىڭ كۆپىيىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. ھازىر يازغۇچىلار مۇنبىرى خۇددى يەسلىگىلا  ئوخشاپ قالدى. ئۇ ئەسلى ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن ئالى ئوقۇل سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشى،يازغۇچى-شائىرلىمىزدا بۇ يەردە ئەسەر ئىلان قىلىشنى شەرەپ ھېس قىلىدىغان كەيپىيات شەكىللىنىشى، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ھەققىدىكى قىزغىن بەھس-مۇنازىرىنىڭ بۆشۈكىگە ئايلىنىشى كېرەك ئىدى. ئەمما،ئۇنداق بولمىدى.
مەن بۇنىڭ سەۋەپلىرىنى يۈزەكىلا مۇنداق يىغىنچاقلىدىم:
1.  باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ خەۋپسىرەش پىسخىكىسى سەۋەپلىك دېمۇكىراتىيە كەڭرىگە بەك كەڭ،تارغا يوقنىڭ ئورنىدا. بۇنىڭ مىسالى: بىر قىسىم ئىلغار پىكىرلىك ئەزالار قاتتىقراق تەلەپپۇزدىكى پىكىرلىرى سەۋەپلىك چەكلىنىشكە مەجبۇر بولدى. لېكىن،ئەتىدىن كەچكىچە «ئاپىرىن،ھەشقەللا،كارامەت»دەپ ئانچىكى ئەسەرلەر ئۈچۈن ھەمدۇ سانا ئوقۇيدىغان مىتە قۇرتلارغا ئاگاھلاندۇرۇشمۇ بىرىلمىدى.ئەشۇنداق لاۋزا ئىنكاسلار ئەدەبىياتقا قانچىلىك ئىجابىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلەر؟!
2.يەنە باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ يىتىشسىزلىكى. ھازىر باشقۇرۇش قاتلىمىدا خىزمەت قىلىۋاتقان باشقۇرغۇچىلارنىڭ پىدائىيلىق روھىدىن پايدىلىنىۋاتىمىز.لېكىن،ئۇلارنىڭ ئۇنۋېرسال سەۋىيىسىى،ئەدەبىيات كوچىسىدىكى ئىناۋىتى، پىكىرلىرىنىڭ ۋەزنى جەھەتتىن بولسۇن يىتىشسىزلىك ئېغىر. بۇ جەھەتتە ياشلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىش كېرەك.
3.ئەسەر ئۆتكىلىنىڭ چىڭ تۇتۇلماسلىقى.ئەسەر ئۆتكىلى ئەزەلدىن چىڭ تۇتۇلمىدى. بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى سەۋەپ بولىشى مۈمكىن.بىرى ئىلھاملاندۇرۇشنى ئاساس قىلىش. ئىككىنجىسى،ئەزا لارنىڭ تېزىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. مېنىڭچە،كېيىنكى سەۋەپ پۈت تىرەپ تۇرالمايدۇ.چۈنكى،ئەينى ۋاقىتتا ئەيبۇ ياقۇپمۇ «بىزنىڭ ئەزا كۆپەيتىش ۋەزىپىمىز يوق»دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇندا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرگەندەك قىلغان لېكىن،
4.ئەزالارنىڭ ئۆز سەۋىيىسى ۋە يازمىلىرىنىڭ سۈپىتىگە توغرا باھا بىرەلمەسلىكى. بۇ يەردە ھەرقانداق ئادەم ئاتالمىش يازمىلىرىنى تۆت چاسا شەكىلگە كىرەۈزۈپلا شېئىر دەپ يوللاپ «ئاپىرىن،قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن» نى ماراپ ياتىدىغان بولدى. بۇ مۇنبەر «يازغۇچىلار مۇنبىرى» دېگەنگە چۈشلۇق ئىناۋەتكە ئىگە بولسا بولاتتى. ئەسەر يوللايدىغان سويمەكلەرمۇ مۇشۇ ئەسىرىم مۇنبەرگە لايىق كېلەرمۇ؟ مۇنبەرنىڭ يۈزىگە سەت بولماس-ھە؟ دېگەننى ئالدىن ئويلىنىشى كېرەك ئىدى.
5.ئىنكاسچىلاردىكى مېغىزلىق گەپ قىلىۋاتقان ئادەمنىڭ مەقسىتىنى بۇرمىلاپ چۈشۈنۈپ،ئۆزىنىڭ كالتا پىكىرلىرىنى يورغىلىتىش مەسلىسى. بۇنداق ئىنكاسچىلار تېيىز بىلىمى، تار نەزەر دائىرىسى ئارقىلىق ئىلغار پىكىرلىكلەر بىلەن مۇنازىرە قۇرالمىدى. ھەتتا،ئېسىل گەپ قىلىپ بىرىۋاتقانلارنى زىرىكتۈردى،بىزار قىلدى.
بۇ ئىنكاسنى بۆسەرنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ يېزىپ قويۇپ،ئىشىم چىقىپ قالغاچقا يوللىماي تۇرغان ئىدىم. ھازىر قارىسام ئۇمۇ يوق تۇرىدۇ. ئەگەر مەنمۇ مۇشۇ ئىنكاسىم بىلەن يوقاپ كەتمىسەم بۇ توغرىدا تورداشلار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ باقارمىز.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +10 يىغىش سەۋەبى
ئانالىز + 10 تەسلەتمىسۇن،بولمىسا .

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2013-11-9 18:14:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويچى ئەڭ ئېسىل ئىنكاس يېزىپتۇ. مەن يېڭى مۇھەررىرنى ۋە ئويچىغا ئوخشاش ئويلايدىغانلارنى قىزغىن ئالقىشلايمەن. يازغۇچىلار تۇرى يازغۇچىلارنىڭ مۇنداق قاراپ قۇيۇپ، ماراپ قويۇپ چىقىپ كېتىدىغان ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي مەنىدىكى ئىلىم سورۇنى، مۇنازىرە سورۇنى ۋە ئەدەبىيات ئاشنالىرىنىڭ ئەنجۈمەنى بولۇشقا تېگىشلىك ئىدى. ھالبۇكى بۇ يېڭى قەلەمكەشلەرنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش، پىشقەدەملەرنىڭ مەنسىتمىگەن نەزەردە قاراپ قويدىغان سورۇنى بولۇپ قالدى. قاراپ باقساق، ئەسەر ۋە تېما يوللاۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە داڭلىقلار يوقنىڭ ئورنىدا، ئۇلار يازغۇچىلار تۇرىدا ئەسەر ئېلان قىلىشنى ئابرۇي - ئىناۋىتىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىك، دەپ قارامىدىكىن ھەرگىز ئەسەر يوللىمايدۇ. ھەتتا مەتبۇئاتقا يارىمىغان ئەسىرىنىمۇ بۇ يەرگە يوللىمايدۇ. شۇڭا، يازغۇچىلار تۇرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭلا ئەمەس، ئىنكاسلىرىنىڭمۇ سۆپىتىنى ئۈستۈرۈش كېرەك ئىدى. نېمە ئۇ ئەزىزلەرگە ئاپرىن، بارىكاللا دېگەن گەپلەر. باشقا پىكىر، سۆز تاپالمىغانلار سۆكۈت قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىدى. مۇشۇ ئىنكاسلاردىن ئەسلىدە سۆزگە باي، ناتىق بولۇشقا تېگىشلىك ئەدىبلەرنىڭ ئىپادىلەشكە نەقەدەر نامرات، مەدھىيە - ماختاشتىن ئۆزگىگە تىلى كەلمەيدىغان بىچارە بايقۇش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخمەت.ق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-9 18:17  


ۋاقتى: 2013-11-9 21:10:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        «چۈشۈپ كەتكەن»دىن كېيىن ھېچنېمە يوللىماپتىكەنمەن. بۇ ئۇقتۇرۇشنى كۆرۈپ، تۆۋەندىكى گەپنى بۇ قەدىناس مۇنبىرىمىزگە بەكلا دېگۈم كەلدى، دەۋالاي. «يېتىپ ئۆلگۈچە، ئېتىپ ئۆل»گەن ياخشى ئەمەسمۇ؟ بەلكىم بۇ ئىنكاسىم زاكىسىدىلا تۇنجۇقۇشىمۇ  مۇمكىن. ئەمما ھەقنى ئېيتقان تىل كېسىلسە ئادىللىق بولمايدۇ:
      
ئەلمىساقتىن بۇيان، قىل سىغماس ھەقىقەت شۇكى،يىلتىزسىز دەرەخ ئاۋۋال قۇرۇيدۇ، ئاندىن غولاپ چۈشىدۇ. پوستى( قوۋزىقى )دىن ئايرىلغان دەرەخمۇ قارىماققا تومۇزغىچە باشقا دەرەخلەر قاتارى «كۆكلەيدۇ»، بەلكى سايىمۇ تاشلىيالايدۇ. ئەمما كۆپ ئۆتمەي يەنىلا  ئۇ  خۇددى يىلسىزسىز دەرەختەكلا قىسمەتكە دۇچار بولىدۇ-خالاس!

    نېمىلا بولمىسۇن، «يازغۇچىلار مۇنبىرى»-«يازغۇچىلار مۇنبىرى»بولۇشى، «يازغۇچىلار مۇنبىرى»-«يازغۇچىلار مۇنبىرى»بولالىشى كېرەك ئىدى، ئەپسۇس، بارا-بارا بۇ مۇنبەردىكى قەلەم ساھىبىلىرى  كۈنسېرى ئازلاپ، مۇنبەرنىڭ دەبدەبىلىك نامى بىلەن بىر بۆلۈك «يازغۇچى، شائىر»لارلا قېلىۋاتىدۇ-خالاس.
   قاراپ باقسام، «ئەزا»لار كۆپىيىۋېتىپتۇ-يۇ، ئەمما  نېمە ئۈچۈنكىن بۇ مۇنبەرگە توللىنىۋاتقان ئەزالار سېۋەت ياكى چويلىغا ئىزچىل ئۇسسۇلىۋاتقان سۇغىلا ئوخشاپ قېلىۋېتىپتۇ. مۇنبەرنىڭ بۇ قىسمىتىگە ئۆزۈممۇ ھەيران...خۇددى «تېرەك بوستان، تېرەك بوستان، تېرەك بوستانغا مەن ھەيران» دېگەندەكلا!


ۋاقتى: 2013-11-9 21:38:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېۋىر ھېمىت بىر ياخشى زىيالى... ئۇنىڭغا ئىشنىمەن. شۇنداقلا ئەزىزلەرنىڭ «ئىشىمىز ئاش، بىشىمىز تاش» بولسۇن دەپ تەڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن. مېنىڭچە ھەممەيلەن تۆۋەندىكى كىتابنى بىر قۇر ئوقىۋەتسەك ھەممە ئىشلار جايىدا يۈرىشىۋىرىدۇ!...ئەيبۇ ئەپەندى باشلىغان بۇ ئۇلۇغ ئىشمۇ داۋاملىق ئالغا باسىدۇ؛

قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما
تۈزگۈچىلەر:
ئابدۇقەييۇم خوجا
تۇرسۇن ئايۇپ
ئىسراپىل يۈسۈپ
شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى
1983-يىل 9-ئاي 1-نەشىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-9 21:41  


ۋاقتى: 2013-11-9 21:56:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت.م يوللىغان ۋاقتى  2013-11-9 21:38
كېۋىر ھېمىت بىر ياخشى زىيالى... ئۇنىڭغا ئىشنىمەن. شۇندا ...

ئابدۇمىجىت، دېگىنىڭىز كىلەر،ئىنشائاللا !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش