
بۇ ئاۋازلىق ئەسەرنىمۇ بۇرۇنقى ئاۋازلىق ئەسەرلەرگە ئوخشاشلا ياقتۇرۇپ ئاڭلىدىم. بۇ ناھايتى ياخشى تېما بوپتۇ. بۇنداق سۆھبەت خاتىرىسىنى مەتبۇئات يۈزىدە ياكى مۇنبەردە ئوقۇسا بىر خىل ھۇزۇر بەرسە، يېقىملىق ئاۋاز بىلەن ناخشا ۋە مۇزىكا كىرىشتۈرۈلگەن ھالەتتە ئاڭلىسا يەنە باشقىچە ھۇزۇر ۋە ئىلھامبەخىش ئاتا قىلىدىكەن. مۇشۇ يۆنىلىش بۇيىچە يەنە ئەدەبىياتىمىزدا يول ئېچىپ ئىلگىرلەۋاتقان نۇرغۇن ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئەدىبلىرىمىزنىڭ يۈرەك سۆزىنىمۇ ئىزچىل ئاۋازلىق ئەسەر قىلىپ ئىشلەپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەر، تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلسا بۇنىڭ ئىجابىي تەسىرى چۇقۇم ياخشى بولىدىكەن دەپ ئويلۇدۇم.
ئەمدى مۇشۇ ئاۋازلىق ئەسەردىكى قىسمەن يىتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ بېرىشنى ئورۇنسىز بولماس دەپ قارايمەن. ھىچبولمىسا كېيىنكى قەدەملەردە تېخىمۇ چوڭ غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكىسى بولار.

1. ئايسىمە بىلەن رىسالەتنىڭ ئاۋازىدىكى پەرق دىگەندەك گەۋدىلەندۈرۈلمەپتۇ. مېنىڭچە يەنە ئازراق تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن بولسا، ئىككەيلەننىڭ خاسلىغىنى تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلىگىلى بولاتتى. تۇنساگۇلنىڭ كېيىنىكى باسقۇچتا مۇشۇ نوقتىغا دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇ مۇشۇنداقلا تىرىشسا چۇقۇم بۇ جەھەتتە تۇلۇق مۇۋەپپىقيەت قازىنىلايدۇ.

2. ئېھتىمالىم تېخنىكىلىق مەسىلە بولۇشى مۇمكىن، ئاۋازنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى تازا ياخشى ئەمەس. رادىئولاردا سىترولۇق ئاۋاز دەپ خۇددى بۇلاق سۈيىنىڭ شىلدىرلىشىدەك، خۇددى تاڭ سەھەردە خورازلارنىڭ چىللىشىدەك تەبىئى، سۈزۈك ئاۋاز بىلەن ئورۇندالغان ناخشا ۋە دېكلاماتسىيەلەرنى ئاڭلايتتىم بىر چاغلاردا. بۇ ئاۋازلىق ئەسەرلەرنىمۇ شۇنداق ئىشلەش مۇمكىن دەپ قارايمەن. بۇ ئەسەردە ئەسلى ئاۋازغا قېتىلۋالغان ئارلاشما ئاۋاز، قوشما ئاۋاز ئەسەرنىڭ تەسىرچانلىقىغا ئازراق ئەكىس تەسىر كۆرسەتكەندەك ھېس قىلدىم.

3. ئاۋازنى سۆز قىلغۇچىنىڭ ھاياجانلانغان، مۇڭلانغان، ئازابلانغان، غەزەبلەنگەن، خۇش بولغان ئۆزگۈرۈشلىرىگە تەبىئى سىڭدۈرۈپ، تېخمۇ سالماق، تەمكىن، جەلىپ قلارلىق ئىپادىلەشكە ئۇرۇنۇپ كۆرۈلسە، ھەر بىر ئەسەر ئاڭلىغۇچىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئىزناسىنى يوقاتمىغۇدەك قىممەتكە ئىگە بولارمىكىن دەيمەن.
نىمىلا بولمىسۇن بۇ ئاۋازلىق ئەسەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈش يولىدا جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرىۋاتقان تۇنساگۇل بارات ئەلقىزى قاتارلىقلارنىڭ ئەجرىگە ئاپرىن ئېيتىمەن. كېيىنكى قەدەملىرىڭلار تېخىمۇ غەلبىلىك بولغۇسى!