يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1343|ئىنكاس: 36

قاسىم سىدىق:"تارتىش كۈچى"نىڭ ماھىيىتىنى ئىزدەش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


"تارتىش كۈچى"نىڭ ماھىيىتىنى ئىزدەش

قاسىم سىدىق



تارتىش كۈچىنىڭ ماھىيىتىنى ئىگەللەشتە ئالدى بىلەن ئېغىرلىق كۈچى بىلەن تارتىش كۈچىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بېكىتىش كىرەك.بۇ بىرىنجى باسقۇچ.نۇۋەتتە تارتىش كۈچى بىلەن ئېغىرلىق كۈچىدە ناھايتى كىچىك پەرىق بار،دىگەن قاراشلارمۇ بار. لىكىن بۇ پەرىقنى رۇشەن ھالدا تېپىپ چىقىشقا مەلۈم جەريان كەتسە كېرەك.يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان ھەر ئىككى كۈچنىڭ بىرلىكىنىڭ كىلوگىرام ئىكەنلىگىنى كۇزدە تۇتۇپ،بۇ تېمىدا ئىككىسى بىر ماھىيەتنىڭ ئىپادىسى دىگەن مەۋقەدە تۇرۇپ پىكىر يۇرگىزىمىز.بۇ ئىككى كۈچنىڭ ھازىرغىچە ئانچە رۇشەن بولمىغان پەرقى ئۆستىدە مەخسۇس تېمىدا مۇلاھېزە ئېلىپ بارساق بولىدۇ.مەن بۇ تېمىدا"تارتىش كۈچى مەۋجۈت"دىگەن ئالدىن بېكىتىۋىلىنغان ئىدىيە نۇقتىسىدا تۇرۇپ پىكىر يۈرگىزىمەن.ئەسكەرتىدىغىنىم ،بۇ پەقەت بىر مۇلاھېزە شەكلى بولۇپ،ھەرگىز تارتىش كۈچى مەۋجۈت دىگەن ئىدىيەنى تاللىغانلىغىمنىڭ ئىسپاتى ئەمەس.

مۇبادا،  تارتىش كۈچى  بىلەن ئېغىرلىق كۈچىدىن ئىبارەت  بۇ ئىككى ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇم بىرلا رىياللىقنىڭ ئىككى خىل ئاتىلىشى دەپ قارالسا ئەمدى قەپقالغىنى ئىنىرىتسىيىلىك كۈچ بىلەن تارتىش كۈچىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلىش.مىنىڭ قارىشىمچە مانا بۇ تەپەككۆر يولى بىزنى تارتىش كۈچىنىڭ ماھىيىتىگە باشلاپ بارىدۇ.بىز ئۇنىڭغا ئاز قالدۇقمىكىن دەپ ئويلايمەن.مەن بۇ ئىككىسىدە خۇددى 41-تىئورمىدا قەيىت قىلىنغىنىدەك بىر تەتۆر تاناسىپلىق مۇناسىۋەت بار،دىگەن قاراشقا مايىل.يەنى زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ بۇلۇڭلۇق تىزلىكى (مەيلى ئوقىدا ئايلىنىش ياكى ئوربىتا،ئەگرى تىرايىكتۇرىيىدىكى بۇلۇڭلۇق تىزلىكى بولسۇن) ئاشسا ئېغىرلىقى كېمىيىدۇ.بۇلۇڭلۇق تىزلىكى 0گە يېقىنلاشسا ئېغىرلىغى ماس قەدەمدە ئارتىدۇ.

مىنىڭ تەپەككۆر يۆنىلىشىمچە پىكىر قىلغاندا تارتىش كۈچىنىڭ چامىسى ماسسىغا ئوڭ تاناسىپ ،ئارىلىقنىڭ كىۋادىراتىغا تەتۆر تاناسىپ بولىۋەرمەيدۇ.بەلكى بۇلۇڭلۇق ھەركەت تىزلىكى بىلەن تارتىش كۈچى(ياكى ئېغىرلىق كۈچى)تەتۈر تاناسىپ بولۇپ قالىدۇ.
بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان يومۇرىستىك يەكۆن شۇكى،"ھورۇن"لار ھامان باشقىلارنىڭ قوينىدا ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ.ئالما شاخقا ئېسىلىۋىلىپ جىم تۇرىۋالماي،يىتەرلىك تىزلىكتە "ئوقى"دا ئايلىنىپ تۇرغان بولسا ھەرگىز نىيوتۇننىڭ بېشىغا چۈشۈپ كەتمەيتى.


像这样嗯

يۇقۇرقى قىسقا فىلىمدىن "ھورۇن"لارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى كۇرۇپ ئالالايمىز. پورژىن ئۇزىنىڭ "ئەسلى ھالىتى"گە قايىتقىچە ئەسلىگە قايتىش ھەركىتىگە قاتنىشىۋاتقانلىغى ئۈچۈن يەرگە چۈشۈپ كەتمەيدۇ.بۇ جەرياندا پۇرژىننىڭ "ئېغىرلىغى"ئاساسەن 0ھالەتتە بولىدۇۋەقارىماققا تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.پەقەت ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ بولغاندىن كىيىن"جىم"تۇرغاچقىلا ئاندىن تارتىش كۈچىنىڭ ،ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.
لىكىن پۇرژىن ئەسلى ھالىتىگە قايتىش جەريانىدىمۇ تارىتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.يەنى پۇرژىننىڭ يەر يۈزى تەرەپتكى قىسىمى  بۇ جەرياندا جىم تۇرىدۇ.ئۈستۈنكى قىسىمى تۆۋەنگە يىغىلىپ "ئەسلى ھالەت"كە قايتىدۇ.بۇ ئەھۋال پۇرژىننىڭ يەنىلا تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقانلىغىنى،پۇرژىننىڭ ئەسىلىگە قايتىش جەريانى مۇشۇ كۈچنىڭ يۆنىلىشىدە ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىغىنى كۇرسىتىدۇ.
ئەمدى بىز يۇقۇرقى پورژىننى يىتەرلىك تىزلىكتە ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان دەپ پەرەز قىلايلى،بۇ ھالدا پورژىننىڭ ئەسلى ھالىتىگە قايتىش جەريانى بەلگىلىك ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ پۇرژىننىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا  قاراپ قوش يۆنىلىشلىك بولىدۇ.بۇ ھالەتتە پۇرژىن ئەسلىگە كېلىپ بولغاندىن كىيىنمۇ يېتەرلىك تىزلىكتە ئايلىنىۋەرسە تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ ۋە يەرگە چۈشۈپ كەتمەيدۇ.

پۇرژىن ھەققىدىكى مۇلاھېزە يۇقۇرقىلار بىلەنلا ئاياقلاشمايدۇ.مىنىڭچە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان نۇرغۇن مۇلاھېزىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ موھىمى تۆۋەندىكىسى:
بىز «ھەركەت»نىڭ ئىنىقلىمىسى «ئورۇن يۆتكىلىش»ئىكەنلىگىنى ۋە ئونىڭ مۇتلەق ئىكەنلىگىنى ،ھەركەت قىلمايدىغان جىسىم ياكى زەررىچىنىڭ ئەسلا مەۋجۈت ئەمەسلىكىنى بىلىمىز.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەركەت مىقدارىنىڭ تۇراقلىق ئىكەنلىگىنىمۇ بىلىمىز.بىز يۇقۇرقى پىرىنسىپال ئىدىيەلەر نۇقتىسىدا تۇرۇپ يۇقۇرقى قويۇپ بىرىلگەن پۇرژىنغا قايتا نازەر سالساق ئۇنىڭ دەسلەپكى ھەركىتىنىڭ ئەسلىگە قايتىش ھەركىتى ئىكەنلىگىنى كۇرۇپ يىتەلەيمىز.بۇ جەرياندا پۇرژىننىڭ ئاستى مۇقىم بىر ئورۇندا جىم تۇرغان بىلەن ئۈستۈنكى قىسمى ھەركەتنىڭ ئىنىقلىمىسىغا مۇناسىپ ھالدا ئورۇن يۆتكەۋاتقانلىغىنى رەت قىلالمايمىز.ئەسلى ھالىتىگە قايتىش جەريانى تاماملانغاندىن كىيىن،ئاندىن پۇرژىن يەرگە چۈشۈشكە باشلايدۇ.ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانونى بۇيىچە پۇرژىن تارتىش كۈچىنىڭ مەۋجۈت بولۇش بولماسلىغىدىن قەتئى نەزەر جەزمەن بىر ھەركەتكە قاتنىشىشى كىرەك ئىدى.دىمەك، پۇرژىننى يەرگە چۈشۈشكە مەجبۇر قىلغان بىردىنبىر سەۋەپ يالغۇز تارتىش كۈچى ئەمەس.تارتىش كۈچىنىڭ بۇ يەردىكى رۇشەن رولى،پەقەت ھەركەت يۆنىلىشىنى بەلگىلەشكە قاتناشقانلىغىدا.
ئىدىيال تەجىربە :
پۇرژىننى توغرىسىغا سوزۇپ ئاندىن قويۇپ بەرسەك ،ئۇنىڭ ئەسلىدىكى ھالەتكە قايتىش جەريانى ئىككى چېتىدىن ئوتتۇرىسىغا قاراپ تاماملىنىدۇ.بۇ جەريان تاماملىنىشتىن ئىلگىرى پورژىن تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانونى بىزگە ھەركەت جەزمەن بىر مۇقىم يۆنىلىشتە ساقلىنىدۇ،دەپ بەرگىنى يوق.بۇ قانوننىڭ مەنىسى ھەركەت مەيلى قانداقلا بولسۇن مۇئەييەن بىر يۆنىلىشتە ،مۇئەييەن بىر ھەركەت شەكلىدەجەزمەن ساقلىنىدۇ ۋە ئىپادىلىنىدۇ،دىگەندىن ئىبارەت.يۇقۇرقى ئىككى تەجىربە بۇ تەشەببۇسنى قوللايدۇ.
بۇ تەشەببۇسنىڭ پۇت تىرەپ تۇرىدىغان ياكى تۇرالمايدىغانلىغىنى ئىسپاتلاشتا تىزلىنىشچان ھەركەتنىڭ سەۋەبى تەھلىل قىلىنىشى كىرەك ئەلۋەتتە.لىكىن بۇ مەسىلىنىمۇ ئايرىم تېمىدا بىر تەرەپ قىلىش كىرەك.تارتىش كۈچى ھەرگىز ھەركەتنىڭ تۈپ سەۋەبى ئەمەس.تارتىش كۈچى مەۋجۈت،دىگەن پەرەز ۋە يۇقۇرقى مۇلاھىزىلەردىن پەقەت بۇ كۈچنىڭ ھەركەتنىڭ يۆنىلىشىگىلا تەسىر كۇرسىتىدىغانلىغىنى بېكىتىشكە بولىدۇ.

ھەقىقى مەنىدىكى ئىچكى تۆزۈلۈشكە ئىگە بولمىغان،قايتا پارچىلانمايدىغان ئىلىمىنتار زەررىچە مەۋجۈت دىگەن ئىدىيە نۇقتىسىدا تۇرۇپ پىكىر قىلساق بۇنداق دۇنيادا تارتىش كۈچى ئۆزىنىڭ مەۋجۈتلىكىگە ئىسپات كۆرسىتەلمەيدۇ.«ئېن»غا تارتىش كۈچى ،ئېغىرلىق كۈچى قاتارلىقلارنى تەدبىقلىغىلى بولماسلىق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇ ھىم نۇقتا.ئېنلارغا پەقەت  شەكىل نەزەريىسى خارەكتىرلىك كېڭەيتىلگەن ئىنىرىتسىيە قانونى ۋە ئىنىرتسىيىلىك كۈچنى،ئۇز ئارا ئىلاستىك سوقۇلۇشتىنلا ئىبارەت ئۇز ئارا تەسىرنى تەدبىقلىغىلى بولىدۇ. فىزىكىلىق ئالەمنىڭ ئىرسىيەت گېنى ئېنلاردا ساقلانغان ۋە ئىپادىلەنگەن بولىدۇ.مىنڭ كۈچلەرنى كېڭەيتىلگەن ئىنىرىتسىيە قانونى ۋە ئىنىرىتسىيىلىك كۈچ يادرولىغىدا بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ،دېيىشمىدە بىر مۇنچە"پەتىۋا"لىرىم بار.ئەمدى ئويلىشىدىغان نۇقتا،تارتىش كۈچىنى فىزىكىلىق ئالەم تارىخىنىڭ قايسى نۇقتىسىدا ئېلىپ كىرىشكە بولىدۇ؟دىگەن مۇشۇ نۇقتىدىن ئىبارەت.مۇبادا بۇ ئالەمنى تارتىش كۈچىدىن ئىبارەت باش ئاغرىغى تولا بۇ ئۇقۇمسىزمۇ تەسۋىرلىگىلى بولسا،ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش كېرەك.

خۇلاسە:
"تارتىش كۈچى مەۋجۈت"دىگەن ئالدىن بېكىتىلگەن ئىدىيە مەۋقەسىدە تۇرۇپ ،بۇ كۈچنىڭ پەقەت كۈچ تەسىرىگە ئۇچرىغان جىسىمنىڭ ھەركەت يۆنىلىشىنى بەلگىلەشكىلا قاتنىشىدىغانلىغىنى بېكىتىشكە بولىدۇ.كۈچ تەسىرىگە ئۇچرىغان جىسىمنىڭ ھەركەت مىقدارىنىڭ تارتىش كۈچى سەۋەبىدىن ئاشىدىغانلىغى ياكى كېمىيىدىغانلىغىنى بېكىتىشكە بولمايدۇ.چۈنكى ،بۇنداق قىلىنغىنىدا تارتىش كۈچى تەسىرىگە ئۇچرىدى دىگەن جىسىم ئۇزىنى ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانونىغاخىلاپلىق قىلىدۇ،دىگەن يەكۈن كېلىپ چىقىدۇ.
قارىغاندا ئىنىرىتسىيىلىك كۈچ تارتىش كۈچىدىنمۇ موھىم بولغان،ئەڭ ئومۇمى كۈچ!.

ئەسكەرتىش:
كىيىمكى تېمىمىزدا «تارتىش كۈچى مەۋجۈت ئەمەس»دىگەن ئىدىيىدىن چىقىپ يۇقۇرقى ھادىسىنى چۈشەندۆرۈشكە ئۇرۇنۇپ كۆرىمىز.

2013.11.5


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-6 12:27:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇرژىننىڭ يەرگە چۈشىشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىنىرىتسىيىلىك كۈچنىڭ،ئىلاستىك سوقۇلۇشنىڭ رولى بارلىغىنىمۇ چەتكە قېقىشقا بولمىغىدەك.بۇ يەردىكى قىيىن نۇقتا زادى تارتىش كۈچى بىلەن ئىنىرىتسىيىلىك كۈچنىڭ مىقدارىنى قانداق ھېساپلاشتا بولسا كېرەك.

تورداشلار،مىنىڭچە بۇ تېمىدامۇھاكىمە قىلىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلىلەر بار.دادىل پىكىر قاتناشتۇرايلى!.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-6 13:01  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-6 13:23:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پۇرژىن يەرگە چۈشكەندىن كىيىن يەرگە تەككەن قىسمى يەردىن ئايرىلمايدۇ،لىكىن ناھايتى قىسقا بىر پەيىتتە يۇقۇرى تەرىپى يۇقۇرىغا ئىلاستىك قاڭقىپ ،قايتا ئەسىلىگە كەلگەنلىگىگە دىققەت قىلىڭ.مۇشۇ يەردىكى كىچىككىنە مىقدارنى ئىلاستىك كۈچنىڭ مىقدارى دەپ قاراشقا بولىدۇ.بۇ ئىلاستىك كۈچ ئالدىدا ئەركىن تاشلانغان لىكىن  ئۈستى ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ ئاستى جىم تۇرۇۋاتقان پۇرژىننى ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ بولغاندىن كىيىن تۆۋەنگە چۈشۈرگەن ئومۇمى كۈچنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى دەپ قاراشقا بولىدۇ.



ۋاقتى: 2013-11-6 16:14:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇرژۇننىڭ يۇقۇرغا قاڭقىپ چىققانلىقىنى ئىلاستىك كۈچ دىسەك، ‹ ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ ئىلاستىك كۈچ، چۈنكى بۇ پۇرژۇن›  ئۇنداقتا تاشنى تاشلىغاندىكى ھالەتچۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-6 17:14:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ھازىر چەتئەللەردە "غەيرى نۇقتا مەۋجۈت ئەمەس"دىگەن قاراشلارمەيدانغا كەلگەندىن باشقا"تارتىش كۈچى مەۋجۈت ئەمەس"دەپ تەشەببۇس قىلىدىغان ئىدىيە،نەزەريىلەر مەيدانغا كەلمەكتە.ئىنگىلىز تىلى بىلىدىغانلار تۆۋەندىكى رەسىمدىكى مەزمۇنلارنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.رەسىم ھالىتىدە بولغاچ ئاپتۇماتىك تەرجىمانغا چاپلىسا خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ بېرەلمەيدىكەن.

تارتىش كۈچى مەۋجۈت ئەمەس
The Gravity Does not Exist







 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-6 18:23:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاسۇس يوللىغان ۋاقتى  2013-11-6 16:14
پۇرژۇننىڭ يۇقۇرغا قاڭقىپ چىققانلىقىنى ئىلاستىك كۈچ دى ...


سوئالىڭىز ئورۇنلۇق.مەيلى قانداق نەزەريە بولىشىدىن قەتئى نەزەر مۇشۇنداق ئەمەلى مەسىلىلەرنى چۈشەندۆرۆپ بېرەلىشى كېرەك.
بىر قانچە نۇقتىلاردىن پەرەز قىلىپ باقايلى:
1.تاشنىڭ يەرگە چۈشۈشىنى ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىنىڭ بىرخىل ئىپادىلىنىش،ئىجرا قىلىنىش شەكلى دەپ ئويلۇنۇپ بېقىش.
2.بەزىلەر تارتىش كۈچى بىلەن ئېغىرلىق كۈچىنى ئايرىۋىتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.بۇ ھالدا بۇ نۇقتىدا مۇلاھىزە يۆرگۆزۈپ بېقىش.
3.بەزىلەر تارتىش كۈچىنى تېخىمۇ ئاساسى بولغان بىر خىل كۈچنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى،تارماق فۇنكىسيىسى،شۇنداقلا ئىنتىروپىيە،مەنپى ئىنتىروپىيە ،دەپ ئويلاشقان.
4.تاش ئەسلى قەيەردىكى تاش ئىدى؟،بۇ مەسىلىنى ئىنىرىتسىيەلىك كۈچ،ئىنىرىتسىيە قانونى ،ئەسلىدىكى ھالەتكە ئىنتىلىش جەريانى دەپ قاراشقا بولامدۇ -بولمامدۇ؟،بۇ نۇقتىدا ئويلۇشۇپ بېقىش.باشقا ئالاقىدار فىزىكىلىق قانۇنلار بىلەن شەرىھلەشكە بولامدۇ -يوق؟....


ۋاقتى: 2013-11-6 18:39:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2013-11-6 18:23
سوئالىڭىز ئورۇنلۇق.مەيلى قانداق نەزەريە بولىشىدىن ق ...

مىنىڭچە تارتىش كۈچى بىلەن ئىغىرلىق كۈچىنى ئايرىۋېتىش خاتا. چۈنكى ئېغىرلىق كۈچى بولمىغان ئەھۋالدا تارتىش كۈچىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى يىشىش مۇمكىن ئەمەس.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-6 18:47:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاسۇس يوللىغان ۋاقتى  2013-11-6 18:39
مىنىڭچە تارتىش كۈچى بىلەن ئىغىرلىق كۈچىنى ئايرىۋېتىش ...

ئىنگىلىزچىدا بۇ ئىككىسى بىرلا ئىبارە بىلەن ئاتىلىدىغاندەك قىلىدۇ.ئىنگىلىزچە بىلىدىغانلار ئۇچۇر قالدۇرسا بولاتتى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-6 22:48:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېينىشتېيىننىڭ زامان - ماكانى
Einstein's Spacetime
爱因斯坦的时空


................................

ئېينىشتېيىننىڭ بەخىتلىك ئىدىيىسى_1907-يىل:
سولدىكى رەسىم _«كۈزەتكۈچى ئەركىن چۈشىۋاتقان بىر ئۆينىڭ تورۇسىداتۇرغاندا،تارتىش كۈچى مەۋجۈت ئەمەس»
ئوڭدىكى رەسىم ئەكسىچە __ كۈزەتكۈچى بىر يېپىق سېستىمىدا،مەسىلەن لىفىت ياكى ئالەم كېمىسىدە تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئېغىرلىغىنىڭ تارتىش  كۈچى ياكى تىزلىنىشچان ھەركەتتىن كېلىپ چىققانلىغىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ.

..................
ئېينىشتېيىن تونۇپ يەتتىكى،بىرەيلەن تىزلىنىشچان ھەركەت قىلىۋاتقان شار بىلەن تەڭ تۆۋەنگە چۈشىۋاتقان ئەھۋالدا ئېغىرلىق كۈچىنىڭ ئۆزلىرىگە قانداق تەسىر قىلىۋاتقانلىغىنى بىلىشكە ئامالسىز.
بىر كۈزەتكۈچى ئېغىرلىق كۈچىنى ئەڭ كەم دىگەندىمۇ ئۆزىگە يېقىن ئورۇندا ئۇزگەرتەلەيدۇ.بۇ كۈزەتكۈچى پەقەت بۇ تىزلىنىشچان پايدىلىنىش سېسستىمىسىغا  ھەرقانداق ئوبىكىتتىن ۋاز كەچكەن ھالدا يۆتكىلىشكىلا ئېھتىياجلىق ،"بۇ ئورۇن"دا تارتىش كۈچى تىزلىنىشچان ھەركەت بىلەن تەڭ ئۈنۈملۆك بولىدۇ.مانا بۇ تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپىدۇر.

............................


تولۇقى بۇ يەردە:



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-7 00:50  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-8 08:58:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىز زەررىچە ۋە ئاسمان جىسىملىرىنىڭ بۇلۇڭلۇق ۋە سىزىقلىق ھەركەتكە ھەرقانداق پەيىتتە تەڭ قاتنىشىدىغانلىغىنى كۇرۇپ تۇرۇپتىمىز،بۇ ئۇلارنىڭ ئۇزىدەمەۋجۈت ھەركەت شەكلى ئىكەنلىگىنى بېكىتەلەيمىز.سەرگەردان يۇلتۇزلار ھەركىتىدە بۇنداق ئۇزىدىكى مەۋجۈتلۈك رۇشەن ئىپادىلىنىدۇ.بۇ ھالدا بىز پىلانىتلار ھەركىتىنىمۇ ئۇزىدە مەۋجۈت ھەركەت شەكلى،ئۇلارنىڭ قارىماققا قوياشنى ئايلىنىپ قىلىۋاتقاندەك ھەركىتى ،ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ قوياش بىلەن بىر يۆنىلىشتە سامان يولىنى چۈرىدەپ قىلىۋاتقان ئورتاق سەپىرى،دەپ قارىساقچۇ؟.
بۇنداق قاراش بويىچە بولغاندا قوياش ۋە پىلانىتلار پەقەت ئورتاق نىشاندىكى سەپەرداش ھەمراھلار بولۇپ قالىدۇ.پىلانىتلارنىڭ ھەركەت شەكلىنى ۋە ھەركەت يۆنىلىشىنى قوياش بەلگىلىمىگەن بولىدۇ.

پىلانىتلا ھەركەت شەكلى نۇقتىسىدىن قارىغاندا قوياش ھەركىتىگە پۈتۈنلەي ئوخشاش  ھەركەت قىلىدۇ.يەنى،ئاسمان جىسىملىرى،زەررىچىلەرنىڭ ھەممىسى مەيلى ئۇلار بىر ماددى مەركەزنى ئايلىنىش ياكى ئايلانماسلىقىدىن قەتئى نەزەر دولقۇنسىمان ھەركەت قىلىدۇ.پەقەت ئۇلارنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقلىرىدىلا پەرىق كۆرۆلىدۇ.بارلىق كۇزۇتۇش نەتىجىلىرىدىن مەلۆمكى، دولقۇن ئۇزۇنلىغى مىكرۇ دۇنياغا قاراپ سۈرۈلگەنچە قىسقىراپ بارىدۇ.ماكرۇ دۇنياغا قاراپ سۈرۈلگەنچە ئۇزىراپ بارىدۇ.

يۇقۇرقىلاردىن تۆۋەندىكىچە يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇ:

زەررىچە ۋە جىسىملار گىئومىتىرىيىلىك ئوبراز نۇقتىسىدىن قارىغاندا ھەممىسى ئوخشاشلا دولقۇن شەكلىدە ھەركەت قىلىدۇ،ئۇلارنىڭ خاسلىغى پەقەت ئۇلارنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقلىرىنىڭ پەرقىدىلا كۇرۇلىدۇ.

بۇ ھالدا ،بۇنداق دولقۇنلۇق ھەركەت شەكلىنىڭ مەنبەسى ۋە سەۋەپلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.بۇنداق ھەركەت شەكلىنىڭ يىلتىزى ھەقىقىدە ئەقىلغە ئۇيغۇن پەرەز شۇكى،بۇنداق ھەركەت شەكلىنىڭ مەنبەسى ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچىلەرگە(ئېنلارغا) بېرىپ تۇتۇشىدۇ.فىزىكىلىق ئالەمدىكى بارلىق دولقۇن شەكلىدىكى ھەركەتلەر «ئېن»دىن ئىبارەت ئىرسىيەت گېنى تەرىپدىن بەلگىلەنگەن.ھاسىلى زەررىچە ۋە جىسىملار بۇ «ئېرسىيەت»كە ۋارىسلىق قىلغان،خالاس!.

يۇقۇرقى بايانلار ئورۇنلۇق دەپ قارالسا «تارتىش كۈچى»ئەسلىدىكى سۈر-ھەيۋىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.چۈنكى بۇ ھالدا قوياش پىلانىتلارنىڭ ھەركەت شەكلىنى بەلگىلىگەن ئاساسى سەۋەپكار ئەمەس مەيلى قوياشنىڭ ياكى پىلانىتلارنىڭ ھەركەت شەكلى بولسۇن تېخنمۇ چوڭقۇر بىر ماھىيەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ بولغان بولىدۇ.

مەن ئالاقىدار مەزمۇنلار ئۆستىدە"ئالەملىك ئىرسىيەت ۋە ھەركەت شەكلى نۇقتىسىدىن تارتىش  كۈچىگە نەزەر _ تارتىش كۈچىنىڭ ماھىيىتىنى ئىزدەش _ 2"دىگەن تېمىدا ئايرىم ۋە تەپسىلىرەك توختىلىمەن.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-8 21:42:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاگاھلاندۇرۇش:تارتىش كۈچى _ پەقەتلا نەزەريە
Warning: Gravity is “Only a Theory

(تەرمىلەر)

بارلىق فىزىكا دەرىسلىكلىرىگە بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئىنىق يېزىلىشى كىرەك:
بۇ دەرىسلىككە كىرگۆزۆلگەن ئالەملىك تارتىش كۈچى پەقەت بىر نەزەريە بولۇپ،ھەرگىز ئەمىلى پاكىت،تەبىئەتنىڭ قانونىيىتى ئەمەس.ئۇقۇغۇچىلارئېچىۋىتىلگەن پوزىتسىيە بىلەن،ئىنچىكە تەتقىق قىلىشى شۇنداقلا ئويلىنىشى لازىم.
تارتىش كۈچى ھەققىدىكى ئومۇمى نەزەريىلەر دائىم مەكتەپلەردەبىر"ئەمىلى پاكىت"قاتارىدا ئوقۇتۇلۇپ كەلمەكتە.ئەمەليەتتە ئۇ ھەتتا بىر ياخشى نەزەريەمۇ بولالمايدۇ.



تولۇقى بۇ يەردە:

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-8 21:42  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-9 16:57:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئەڭ قاملاشمىغان يېرى شۇكى،تارتىش كۈچى نەزەريىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى سىرلىق نەرسىلەرنى پەرەز قىلىپ چىقىپ ئۇنى ئېغىرلىق كۈچى ۋە تارتىش كۈچى دولقۇنى دەپ ئاتىشىۋالدى.ئەزەلدىن بايقىلىپ باقمىغان بۇ تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ بەزى ھېساۋاتلىرى بايقالغان ھېساۋاتلار سۈپىتىدە ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا فىزىكلار ئۇلارنى ناھايتى تىزلىكتە يىغىشتۇرۇۋىلىشقا مەجبۇر بولدى.ھەر قېتىملىق ھېساۋاتتىكى ئانىتى ئېغىرلىك كۈچى ۋە ئېغىرلىق كۈچى ،ئاخىرىغا بېرىپ كۈلكە ساداسىغا ئايلىنىپ كەتتى.بۇ ھەتتا بالىلارغىمۇ مۇۋاپىق كەلمەيدىغان نەزەريە ئىكەنلىگىنى بالىلار ئۆزىمۇ كۇرۆپ يېتەلەيدۇ.

تولۇقى بۇ يەردە:
http://bbs.bagdax.cn/thread-21014-1-1.html




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-10 11:06:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرغىچە تارتىش كۈچى ماسسا بىلەن ،ماسسا ئېغىرلىق بىلەن باغلىنىشلىق ئۇقۇم بولۇپ كەلدى.ئەپسۇسكى،جىسىمنىڭ  ئېغىرلىغى ئارقىلىق ئۇنىڭ ماسسىسىنى كەلتۆرۆپ چىقىرىش تازا ئىشەنچلىك ئۇسۇل بولماي قالدى.
زىچلىق ۋەھەجىم ئارقىلىق ماسسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مىنىڭچە بىر قەدەر ئىشەنچلىك ئۇسۇل.چۈنكى ئېغىرلىق بەكمۇ ئۆزگىرىشچان مىقدار.ھەقىقى بوشلۇقتا ئۇ ئىپادىلەنمەيدۇ .ھەجىم ۋە زىچلىق بولسا ھەرقانداق ئەھۋالدا ئىزچىل ساقلىنىدۇ ۋە ئىپادىلىنىدۇ.
تارتىش كۈچى مەۋجۈت بولۇش- بولماسلىغىدىن قەتئى نەزەر ئۇنىڭ ماھىيىتىنى توغرا ئېگەللەشتە ئالدى بىلەن جىسىمدىكى "ماددا مىقدارى"نى توغرا ئېگەللەش كىرەك.
بىز ئاتوملاردىكى«نوكلۇن سانى»،«ئىلىكتىرۇن سانى»قاتارلىق ئۇقۇملاردىن ئىلھام ئېلىپ،جىسىم ياكى زەررىچىدىكى ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىتار زەررىچىلەر سانى(ئېن سانى)نى پەرەز قىلساق بولىدۇ.«ئېن»نىڭ توغرا بولغان ياكى بىر قەدەر توغرا ھەجىمىنى تېپىپ بېكىتىش _  ئەڭ ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-14 13:15:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

file:///C:\Users\Administrator\AppData\Roaming\Tencent\Users\1325193063\QQ\WinTemp\RichOle\P744{B6R5`U~_AWFO]P7482.jpg
كاللامغا غەلىتە بىر خىيال كېلىپ قالدى:

A ۋە Bنۇقتىنىڭ ئارىلىغى تۆز سىزىق بويىچە 300مىڭ كىلومىتىر.يورۇقلۇق Aدىن چىقىپ Bغا 1سېكونىتتا يېتىپ كېلىدۇ.بۇ مۇقىم ئارىلىق.لىكىن بىز يورۇقلۇقنىڭ تىزلىكىگە يەنە 75 كىلومىتىرنى قوشايلى.ئارىلىق ۋە ۋاقىت ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا يورۇقلۇقنى ھەركەت شەكلىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى تەبىئى.يەنى بۇ ھالدا يورۇقلۇق بىر يايسىمان تىرايىكتۇرىيەدە ھەركەت قىلغان بولىدۇ.بۇ ياينىڭ قانچە گىرادۇس ئەگرىلىككە ئىگە ئىكەنلىگىنى كىم ھېساپلاپ باقىدۇ؟.file:///C:\Users\Administrator\AppData\Roaming\Tencent\Users\1325193063\QQ\WinTemp\RichOle\P744{B6R5`U~_AWFO]P7482.jpg


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-23 13:54:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شەكىل نەزەريىسى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە خەۋەر _نېيتىرونو تۇتۇلدى:

ئالىملار تۇنجى قېتىم ئالەمدىكى ‹‹يوشۇرۇنغان ئادەم ›› نى تۇتىۋالدى



   11-ئاينىڭ21-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىلمىي فوندى تەمىنلىگەن سۈرەتتە كۆرسىتىلگەن سىم ئارغامچا بىلەن ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلانغان ئوپتىك سېنزور چوڭقۇر مۇز قاتلىمىغا كىرگەن .
    كۆپ دۆلەت ئالىملىرى 21-چېسلا ئامېرىكا «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىدا ئۇلارنىڭ جەنۇبى قۇتۇپتىكى مۇز ئاستىدا زەررىچە تەكشۈرگۈچتىن پايدىلىنىپ ، تۇنجى قېتىم قۇياش سېستىمىسىنىڭ سىرتىدىن كەلگەن يۇقىرى ئېنىرگىيلىك نېيتىرونونى تۇتقانلىقىنى جاكارلىغان . ئالىملارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە ،  نېيتىرونو ئاسترونومىيسى يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەن ،  نېيتىرونو بىر خىل سىرلىق ئاساسىي زەررىچە، نېيتىرال ، ماسسىسى كىچىك ، باشقا ماددىلار بىلەن ئاساسەن تەسىرلەشمەيدۇ ، تەبىئەت دۇنياسىدا كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت . ئۇ ئادەم تېنى ، تام ، تاغ تىزمىسى ھەتتا پۈتۈن بىر پېلانتنى  تېشىپ ئۆتەلەيدۇ ، بايقاش ۋە تۇتۇش ئىنتايىن قىيىن ،شۇڭا ئالەمدىكى ‹‹يوشۇرۇنغان ئادەم ›› دەپ ئاتالغان




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش