زەررىچە ئالماشتۇرۇش تىپىدىكى ئۇز ئارا تەسىر ئىدىيىلىرى ئاخىرى بېرىپ بىر مۇقەررەر زىدىيەتكە پاتىدۇ:
قايسى كۈچ ئەڭ ئاساسى كۈچ بولىشىدىن قەتئى نەزەر شۆ كۈچنى توشۇغۇچى زەررىچە شۇ زەررىچە ۋە جىسىمنى تۆزگۆچى ئىلىمىنتار زەررىچە بولۇپ چىقىدۇ.مەسىلەن ،ئالەملىك تارتىش كۈچى نەزەريىسى تەرەپدارلىرى بارلىق تۆزۆلۈشكە ئىگە زەررىچە ۋە جىسىملار گىراۋىتۇندىن تۆزۆلگەن ،گىراۋىتون ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچە دىيىشكە مەجبۇر بولىدۇ.ئىلىكتىر ماگىنىت كۈچى تەرەپدارلىرىنىڭ تاللايدىغىنى بولسا فۇتون ،ئاجىز كۈچ تەرەپتارلىرىنىڭ بوزون....ۋەھاكازا.
بۇ تەشەببۇسنىڭ مەنتىقى ئاساسى شۇكى،زەررىچە ۋە جىسىملار ئۇزىدە مەۋجۈت بولمىغان كۈچ ئۇزاتقۇچى ۋاستىچى زەررىچىنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرالمايدۇ.
ماتىرياللاردا يېزىلىشىچە،
بوزون ئائىلىسى ھازىرقى ئاساسى كۈچلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇز ئىچىگە ئالغان چوڭ ئائىلە دەپ قارىلىدۇ.ئۇنىڭ تەركىۋىدە
گىراۋىتون،
فۇتون قاتارلىقلار بولۇشتىن باشقا كۈچلۆك ئۇز ئارا تەسىرنىڭ ۋاستىچىسى
گىلوئون ھەم بار.
يۇقۇرقىدەك نەزەريىۋى ئەندىزىدە ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچە تۇرغۇزۇش توغرا كەلسە بۇ ۋاستىچى زەررىچىلەرنىڭ پەقەت بىرىنى تاللاشقىلا توغرا كېلىدۇ.بۇ ھالدا بۇ زەررىچىگە نىسبەتەن باشقا تەسىرلەر ئۆنۆمسىز دېيىشكە توغرا كېلىدۇ.بۇنداق قاراش رەت قىلىنسا، ئۇ ھالدا ئىچكى تۆزۆلۈشكە ئىگە بولمىغان ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچە پەقەت بىر غايە بولۇپ قالىدۇ.يەنى بىزنىڭ ئىلىمىنتار زەررىچە دەۋاتقان زەررىچىمىز 4 خىل ئاساسى كۈچنىڭ ۋاستىچىلىرىنىڭ ھەربىرىدىن كەم دىگەندىمۇ بىردانىسىنى تەركىپلىگۈچى قىلغان زەررىچە بولىشى كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا بۇ ئاتالمىش"ئىلىمىنتار زەررىچە"4 خىل ئاساسى تەسىرگە قاتنىشالايدۇ.ھازىرقى نەزەريىلەردە بۇنداق زەررىچە پەقەت
كۋارىك دەپ قارىلىدۇ.
يۇقۇرقىدەك تەپەككۆر ئەندىزىسىدە ھەممىنى تۆزىدىغان ئىلىمىنتار زەررىچە دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان كۋارىك بەخىتسىزلىككە يولۇقۇدۇ.يەنى بۇ ھالدا كىۋارىك ياكى ۋاستىچى زەررىچىلەردىن تۆزۆلگەن ئاساسى بولمىغان زەررىچە بولىشى كىرەك.ياكى ھەقىقەتەنمۇ ئاساسى زەررىچە بولسا ئۇ ھېچقانداق زەررىچە ئالماشتۇرۆش تىپىدىكى ئۇز ئارا تەسىرگە قاتناشماسلىغى كىرەك.
«
زەررىچە ۋە جىسىملار ئۇزىدە بولمىغان نەرسىنى باشقىلار بىلەن ئالماشتۇرالمايدۇ »دىگەن تەشەببۇس ئورۇنلۇق دەپ قارالسا ۋە ئالەمدىكى ھەممە ئالەملىك تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ،بۇنداق كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان زەررىچە،جىسىم يوق دەپ چۈشۈنۆلسە،قەپ قالدىغىنى «
گىراۋىتونلارنىڭ ئۇزلىرى كۈچ ئۇزاتقۇچى زەررىچە ئالماشتۇرۇش تىپىدىكى ئۇز ئارا تەسىرگە قاتنىشامدۇ؟»دىگەن سوئال.بۇنىڭ جاۋابى پەقەت بىرلا،ئۇ بولسىمۇ"
ياق!".
ھازىرقى زامان زەررىچە ئالماشتۇرۇش تىپىدىكى ئۇز ئارا تەسىر نەزەريىلىرىدە _ بۇ نەزەريىلەر قانچىكى ماتىماتىكىلىق گۆزەللىككە ئىگە بولىشىدىن قەتئى نەزەر _ مانا مۇشۇنداق مەنتىقى ئاجىزلىقلار بار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-3 11:56