يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ق.سىدىق

قاسىم سىدىق:"تارتىش كۈچى"نىڭ ماھىيىتىنى ئىزدەش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-23 13:55:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېيتىرونۇنىڭ باشقا ماددىلار بىلەن ئاساسى جەھەتتىن تەسىرلەشمەسلىكى «ئېن»نىڭ خارەكتىرىنى ئەسلىتىدۇ.شەكىل نەزەريىسىدە تەشەببۇس قىلىنغان ئېن _ زەررىچە ئالماشتۇرۇش تىپىدىكى ھەرقانداق ئۇز ئارا تەسىرگە قاتناشمايدۇ.ئېنلار پەقەت بېۋاستە ئىلاستىك سوقۇلۇش تىپىدىكى تەسىرگىلا قاتنىشىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-23 23:37:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاجىز ئۇز ئارا تەسىر 1930-يىللاردا ئۇز ئارا  بېۋاستە سوقۇلۇشتىن ئىبارەت تەسىر سۆپىتىدە ئېلىپ كىرىلگەن.ئەينى دەۋىردە بۇنداق تەسىرگە ئارىلىق ھاجەت ئەمەس دەپ قارالغان.ھازىر مەيدان نەزەريىسى تەدبىقلىنىپ ئىلىكتىر ماگىنىتلىق ئۇزئارا تەسىر، ئاجىز ئۇز ئارا تەسىرلەر بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىنتايىن قىسقا ئارىلىقتىكى ئىلىكتىر ئاجىز ئۇز ئارا تەسىرى دەپ ئاتىلىدۇ.





 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-23 23:39:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نېيتىرونۇنى ئاجىز ئۇز ئارا تەسىرگىلا قاتنىشىدۇ ،دەپ قارايدىكەن.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-3 13:00:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانتى ماددا مەۋجۈت بولسا فىزىكا نەزەريىسى باشقىدىن يېزىلىدۇ
http://www.kexue.com 2013-12-03 10:26:05 凤凰科技  发表评论


捕获反物质的能力意味着我们能够开始“研究被囚禁的动物”而非记录它的破坏力
تولۇقى بۇ يەردە:


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-3 13:01  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-3 13:14:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2013-12-3 13:00
ئانتى ماددا مەۋجۈت بولسا فىزىكا نەزەريىسى باشقىدىن يې ...


ئەسكەرتىش:
بۇمۇ تارتىش كۈچىگە ئالاقىدار تېمىكەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-3 21:07:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومېتاISONقۇياشنىڭ يېنىدىن ئۇتكەندەيۇلتۇزچاڭلىرىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ دەپ قارالغان. لىكىن بىلىمخۇمار ئەپەندى يوللىغان"قۇياشنىڭ يېنىدىن ئۆتكەن بىر كومېتا ساق قالدى" دىگەن بۇ خەۋەر بۇ قاراشنى رەت قىلدى.بۇ بىزنىڭ ئالەملىك تارتىش كۈچى ھەققىدە ئويلۇنۇشىمىزغا تېگىشلىك يەنە بىرمۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-3 21:12  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-13 11:54:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يېڭى نەزەريە ئالەمنىڭ ھەقىقى مەنىدىكى باشلىنىش نۇقتىسى بولمايدىغانلىغىدىن بىشارەت بەردى
大爆炸"纯属虚构 新理论暗示宇宙并无真正起点

http://www.kexue.com 2013-12-13


“彩虹引力”理论认为宇宙引力效应像彩虹光线波长的多样性变化
تولۇقى بۇ يەردە:



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-13 11:55:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ھەسەن -ھۇسەن تارتىش كۈچى نەزەريىسى»دەپ ئاتىلىدىغان بىر نەزەريە بۇنىڭدىن ئالاھىزەل 20 يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ.ئەينى ۋاقىتتا بۇ نەزەريە ئانچە قارشى ئېلىنىپ كەتمەپتۇ.ھازىر بۇ نەزەريە ئىلىم ساھاسىدا قايتا دىققەتكە سازاۋەر بولغىلى تۇرۇپتۇ.
بۇ نەزەريىنىڭ قارىشىچە تارتىش كۈچى بىر تۇراقلىق مىقدار بولماي خۇددى ھەسەن-ھۇسەندەك دولقۇن ئۇزۇنلۇقلىرى ئۇزگىرىپ تۇرىدىغان بىر مىقدار ئىكەن.بۇ نەزەريە بۇيىچە بولغاندا نىسبىلىك نەزەريىسى بىلەن كىۋانىت نەزەريىسىنى تارتىش كۈچى نۇقتىسىدا ئورتاق تىلغا ئىگە قىلىپ،بىرلەشتۆرگىلى بولىدىكەن.يەنە بۇ نەزەريە بۇيىچە بولغاندا ئالەم "غەيرى نۇقتا"دەك بىرنۇقتىدىن باشلانغان دەپ قاراشقا بولمايدىكەن.چۈنكى،ئالەم «غەيرى نۇقتا»دەك مۇ ئەييەن بىر زىچلىققا ئىنتىلگىنى بىلەن مەڭگۈ بۇنداق يۇقۇرى زىچلىققا يېتىپ بارالمايدىكەن.

قىسقا ئوبزۇر:
1.ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچە -«ئېن»مەۋجۈت دەپ قارايدىغان ۋە بۇ ئىدىيە ئاساسىدا فىزىكىلىق ئالەمنىڭ تۆزۆلىشىنى تەتقىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان شەكىل نەزەريىسى بۇيىچە بولغاندىمۇ نەزەريىۋى ئۇقۇم بولغان «غەيرى نۇقتا» پەقەت بىر ماتىماتىكىلىق مۇمكىنلىك،ئەمەليەتتە بۇنداق نۇقتىغا يىتىپ بارغىلى بولمايدۇ.مۇبادا ئالەمدىكى بارلىق ماسسا -ئىنىرگىيە مۇشۇنداق بىر كىچىك نۇقتىغا يىغىلىدۇ دەپ قارالسا،بارلىق فىزىكا قانۇنلىرىدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ.ئالەمدىكى ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچىلەرنىڭ سانى ۋە ئۇلارنىڭ ھەجىملىرىنىڭ يىغىندىسى ۋە ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانونى قاتارلىق ئالاقىدار قانونلاربۇنىڭغا يول قويمايدۇ.«ھەسەن -ھۇسەن تارتىش كۈچى نەزەريىسى»نىڭ ئەمەليەتتە ئالەم بۇنداق يۇقۇرى زىچلىققا يېتىپ بارالمايدۇ دەپ قارىشى توغرا.
2."ئالەمنىڭ ھەقىقى مەنىدىكى باشلىنىش نۇقتىسى بولمايدۇ،دەپ قاراشنى "ئالەم دەۋرى بولىدۇ"دىگەن ئالدىنقى شەرىت ئاستىدا مۇرەسسەسىز قوبۇل قىلشقا بولىدۇ.چۈنكى بىر دەۋرى جەرياننىڭ خالىغان بىر نۇقتىسىنى "باشلىنىش نۇقتىسى"قىلىپ تاللىۋىلىشقا بولىدۇ.يەنى، بىر چەمبەرنىڭ خالىغان بىر نۇقتىسىنى باشلىنىش نۇقتىسى دەپ ياكى ئاخىرلىشى نۇقتىسى دەپ قارىۋىلىپ ئاندىن باشقا مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشقا بولىۋەرگىنىدەك.
3.ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچىلەرنىڭ ئالەمدىكى سانى،ھەركەت شەكلى ۋە ئۇلارنىڭ ھەجىملىرىنىڭ يىغىندىسى ھەقىقىدە ئىلمى يەكۈن چىقارماي تۇرۇپ ھەرقانداق شەكىلدىكى «غەيرى نۇقتا»،«پارتىلاش»...،«كېڭىيىش»...،«تارىيىش»لارھەققىدىكى مۇنازىرە ئاياقلاشمايدۇ.دىمەك،نۇۋەتتىكى ئەڭ موھىم مەسىلە ئالدى بىلەن ئالەمدىكى ئومۇمى ماسسا -ئىنىرگىيەنىڭ مۇتلەق ھەجىمىنى ۋە ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچىلەر سانىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش.

قاسىم سىدىق
2013.12.13

«ھەسەن -ھۇسەن تارتىش كۈچى نەزەريىسى»گە ئالاقىدار تېمىلار:

彩虹引力理论



Rainbow gravity theory




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-3 09:45  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-15 11:32:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۇۋارىك بارلىق زەررىچە ۋە جىسىملارنى تۆزۆدىغان ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە ئىمىشلەر.ئۇلارنىڭ ئارىسىدە كۈچلۈك ئۇز ئارا تەسىر مەۋجۈت ئىمىش ۋە بۇ تەسىرگە قاتنىشارمىشلەر.ئۇلار ئارىسىدىكى ئۇز ئارا تەسىر گىلىئون دەپ ئاتىلىدىغان  بىر ۋاستىچى زەررىچە ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشارمىشلەر.ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچە يەنە ئۇزىدىن كۈچ ئۇزاتقۇچى زەررىچە قويۇپ بېرىدۇ دەپ قاراشتىنمۇ ئارتۇق مەنتىقىسىزلىق بولماس.مانا بۇ ھازىرقى زامان فىزىكىسىدىكى  كاتتا كولدۇرلاش ۋە كولدۇرلۇتۇش،ئەبەيچە "تاقا - تۇقا"!.

胶子,是理论上预言的夸克之间的色 SU(3)对称性的规范场的量子,共八种,质量为零,自旋为 媡,具有色量子数,被认为是传递夸克之间的强相互作用的粒子。但直到目前为止,实验上还没发现自由胶子




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-15 11:42:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق كۈچ توشۇغۇچى ۋاستىچى زەررىچىلەر بىلەن بۇ كۈچ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان زەررىچە ۋە جىسىملارئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كېسەك بىلەن لاينىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشۇتۇشقا بولىدۇ.نەزەريە فىزىكىچىلىرىنىڭ قارىشىدا لاي بولمىسا كېسەكلەر يېپىشىپ «بېنا»غائايلىنالمايدۇ.بۇ خىل تەپەككۈر شەكلى ئاخىرى بېرىپ توخۇ بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ،تۇخۇم بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ دىگەن مەسىلىگە ئېلىپ بارىدۇ.تاماشە تېخى ئالدىمىزدا،ھەممىنى زەررىچە ئالماشتۇرۇش تىپىدىكى ئۇز ئارا تەسىرگە باغلاپ چۈشەندۆرۈش ئاقىۋەتتە ئاقمايدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-15 13:57:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالىملار: ئېغىرلىق كۈچى ياش تۇرغۇن يۇلتۇزلار سېستىمىسىدا ھەرگىز ئاساسى كۈچ ئەمەس
·科学家称在年轻星团的恒星中重力并非主导力
2013/2/26
  哈勃望远镜观测到的年轻星团NGC1818
  
  据国外媒体报道,科学家近日称,重力虽然在大型天体中仍为主导力,但在年轻星团的恒星中,其力学的解释并不全是重力


بۇ بايقاشمۇ تارتىش كۈچى نەزەريىسىگە قويۇلغان بىر سوئال بەلگىسىكەن.



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-15 20:23:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرى:نىيوتۇن ھەرگىز"ئالەملىك تارتىش كۈچى"نى تۇنجى بولۇپ بايقىغۇچى ئەمەس
英媒体:牛顿并不是发现“万有引力”第一人
مەنبە:
http://news.sohu.com/24/28/news206672824.shtml

تېمىدا يىزىلشىچە خوك 1660-يىلى "ئالەملىك تارتىش كۈچى"نى بايقىغان،لىكىن ئېلان قىلمىغان،نىيوتون 1687-يىلى ئۇزىنىڭ "تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى"دا خوكتىن ئىلگىرى ئېلان قىلىۋالغانلىغى ئۈچۈن بۇ نەتىجە نىيوتۇنغا مەنسۈپ بولۇپ كەتكەن.تەپسىلاتىنى مەنبەدىن كۇرۇۋىلىڭ.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-15 20:58  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-15 22:46:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالەملىك تارتىش كۈچى تارىخى ئۇقۇشماسلىقمۇ؟
万有引力是历史的误会

  图/劲松

 71岁兰州老人历经20年探索和3年实验否定“牛顿定律
تولۇقى بۇ يەردە:

http://gansu.gansudaily.com.cn/system/2006/09/27/010143415.shtml


38يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكىسى ئۆتكەن لىيو كىلاڭ(刘克良)ئىسىملىك بىر بۇۋاينىڭ 20يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت تەتقىق قىلىپ ۋە تەجىربە ئىشلەپ  يەكۈنلىگەن ئالەملىك تارتىش كۈچى ھەققىدىكى يەكۈنلىرىدە ئويلۇشۇشقا تېگىشلىك بەزى نۇقتىلار بارئىكەن.71ياشلىق بۇ بوۋاينىڭ يەكۈنىنىڭ قىسقىچە ئۇچۇرى تۆۋەندىكىچە:
1.كولۇن قانۇنى بىلەن ئالەملىك تارتىش كۈچى قانونىنىڭ بايانىدا بەكمۇ ئوخشاشلىق بار.تارتىش كۈچى ماھىيەتتە ئىلىكتىر كۈچىدىن ئىبارەت.
2.تارتىش كۈچى ئالەمنىڭ كېڭىيىشىگە ئەسلا ماس كەلمەيدۇ.تارتىش كۈچىدىن ئىبارەت بۇنداق كۈچ مەۋجۈت ئەمەس.
3.يورۇقلۇقنىڭ قوياش تۇتۇلغان ۋاقىتتىكى ئىگىلىشى زامان - ماكاننىڭ ئەگرىلىگىنى چۈشەندۆرمەيدۇ.يورۇقلۇقنى ئىگىۋاتقىنى ئاي شارىدىكى ئىلىكتىر كۈچى.ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۆداتلاردا ئىلىكتىر كۈچى،زەرەتلىك خۇسۇسىيەت بولىدۇ.

تەپسىلاتىنى يۇقۇرقى تېما ئۇلىنىشىدىن كۇرۇۋىلىڭ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-15 22:47  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-16 10:24:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئارىستوتىلنىڭ ئېغىرلىق(تارتىش)كۈچى نەزەريىسى
亚里士多德重力理论

ئارىستوتىلنىڭ كۈچ بىلەن جىسىملارنىڭ ھەركىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى قارىشى:
جىسىملارنىڭ تىزلىكى بۇ جىسىم ئۇچرىغان تاشقى كۈچلەرنىڭ يىغىندىسىغا ئوڭ تاناسىپ،جىسىم ھەركەت قىلىۋاتقان موھىتتىكى ھەركەت ۋاستىچىلىرىنىڭ يېپىشقاقلىغى بىلەن تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ.

ئارىستوتىلنىڭ جىسىملارنىڭ ھەركىتى توغرىسىدىكى قارىشى:

جىسىملارنىڭ تىزلىكى بۇ جىسىم ئۇچرىغان تاشقى كۈچلەرنىڭ يىغىندىسىغا ئوڭ تاناسىپ،جىسىم ھەركەت قىلىۋاتقان موھىتتىكى ھەركەت ۋاستىچىلىرىنىڭ يېپىشقاقلىغى بىلەن تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ. يەنى،ھەركەتنىڭ ۋاستىچى موھىتى قانچە شالاڭ بولسا جىسىمنىڭ تىزلىكى شۇنچە يۇقۇرى بولىدۇ.

ئارىستوتىلنىڭ ئېغىرلىق كۈچى ھەققىدىكى قارىشى:

ئۇزىنىڭ ھەركەت نەزەريىسىگە ئاساسەن ئارىستوتىل ھەقىقى بوشلۇقتا جىسىملارنىڭ تىزلىكى چەكسىز بولىدۇ دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ.شۇڭا ئۇ ھەقىقى بوشلۇق ئەتراپىدىكى جىسىملار دەرھال بۇ بوشلۇقنى تولۇقلايدۇ دەپ ھېساپلايدۇ.
ھالبۇكى،ئاستىرونۇمىيىدە ئىنسانلارنىڭ يۇلتۇزلارنى كۇزەتكەن پاكىتلىرى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە:ھەقىقى بوشلۇقتىكى جىسىملار تاشقى دۇنيادىكى جىسىملار تارتىش كۈچى(ئالەم موھىتىدا،ئەتراپتىكى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئۇ جىسىمغا بولغان تارتىش كۈچى) سەۋەبىدىن ھەقىقى بوشلۇقتىن يىراقلىشىدۇ.يەنى ھەقىقى بوشلۇقنىڭ مەركىزىدىن قانچە يىراقلاشقانسىرى ،بۇ جىسىم ئۇچرايدىغان تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرى ئەكسىچە بولىدۇ ۋە شۇنچە ئاجىزلىشىدۇ.


ئەسكەرتىش:
تەرجىمىدە خاتا كەتكىنىمنى بايقىغان تورداشلار تۆزەتكەيسىلەر،ئاگاھلاندۇرغايسىلەر.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-3 09:50:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

گىراۋىتون،تارتىش كۈچى دولقۇنى نەزەريىلىرىنىڭ ئويلىغانسىرى تېزىنى باسسا مېزى چىقىدىغانلىغىنى ھېس قىلىۋاتىمەن.ئۇلارنى زەررىچىلەر دۇنياسىغا ئەسلا تەدبىقلىغىلى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.ئاساسىم تۇۋەندىكىچە:
1.ئاتالمىش«گىراۋىتون»ھەقىقى مەنىدىكى ئىلمىنتار زەررىچىلەرئارىسىدىمۇ ۋاستىچىلىك قىلىدۇ دىيىلسە ھەقىقى مەنىدىكى ،ئىچكى تۆزۆلۆشكە ئىگە بولمىغان ئىلىمىنتار زەررىچىنىڭ مەۋجۈتلىكىنى پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ.
2.گىراۋىتوننىڭ ئۇزى ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچە دىيىلسە ،بۇ ھالدا ھەرقانداق شەكىلدىكى تۆزۆلۈشكە ئىگە زەررىچىنىڭ (ھاسىلى زەررىچە)مەيدانغا كېلىشىنى پەرەز قىلغىلى،ئاتوم ،مولىكۇلىلارنى،ئالەمنىڭ چوڭ پارتىلىشىنى ،ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنى ،ھەرقانداق شەكىلدىكى يىمىرىلىشنى پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ.
3.ئاتالمىش"قاراڭغۇ ئىنىرگىيە"،"قاراڭغۇ ماددا"لارنى كىرگۇزۇپ ياماقچىلىق قىلىپ،بۇ يەردىكى زىدىيەتلەرنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.چۈنكى بۇ ئىككى "قاراڭغۇ" ساقلىنىش قانونلىرىغا بويسۇنىدىغان ئەزەلى رىياللىق دەپ قارالسا ۋەنەزەريىدىكىدەك ئانتى تارتىش كۈچى تەسىرىگە ھەقىقەتەن ئىگە بولسا ،ئوخشاشلا چوڭ پارتىلاش قاتارلىقلارنى،ئاتوم ،مالىكولىلارنىڭ مەۋجۈتلىكىنى پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ.

قانداقلا ئويلىماي زىدىيەت بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى چۇۋۇلۇپ چىقىۋاتىدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش