1. ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدىكى تەبئەت قارىشى
تەبئەت قارىشى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى بىلگېنىدىن باشلاپ ئىنسانى تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى باسقۇچىلىرىغا يەتكۈچى بولغان ئارلىقتا ئۆزى ياشاۋاتقان موھىتنى چۈشىنشى، ھۆرمەتلەر ۋە ياكى شۇ تەبئى موھىتنىڭ مەلۇم بىر قىسىمىى ئىلاھى قۇدىرەت بىلەن باغلاپ ئىتىقات قىلىش ھادىسىسنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، كەڭرى يايلاقتا ئاپرىدە بولۇپ، تۇنجى قىتىم ئاتنى ۋە ئتنى قولغا كەلتۈرۈپ ئارىيان، ساك، سوغدى، تۈ*رك ئۇيغۇر نەسىللىرىدە ۋە ناملىرىدا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئەجداتلىرىمىز ئۇرخۇن يازما مەنبەلىرىدە باشتىن ئاخىرى تەبئەت مەۋجۇتلۇقىنى ئاساس سۈپىتدە تىلغا ئىلىنغان بولۇپ تەڭرى ئوماي ۋە يەر سۇب ئىلاھلىرىنى ئۆزلىرىگە مەدەت بەرگۈچى دەپ قارىسا، يەنە بىر نوقتىىدىن ئۆتۈكەن تىغىنىڭ ئۇيغۇر تۈ*ركلىرىنىڭ كۈچ مەنبەسى ۋە مەۋجۇتلۇق ئاساسى دەپ قارىغان. كەڭرى يايلاقتا كۆررۈنگەن قوياش، ئاي، يۇلتۇزلارنى ئىلاھى كۈچ دەپ تونۇپ ئۆز خاقانلىرىنى ئىلاھنىڭ يەريۈزىدىكى ۋارىسى نامىدا ئاي تەڭرى، كۆك تەڭرى، ئاي بىلگە دېگەندەك مۇقەددەس ناملاردا ئاتىغان.
شۇنداقلا بىرقانچە مەڭگۈ تاشلاردا قايتا قايتا تۈ*رك بەگلىرىنىڭ مۇقەددەس يايلاقتىن ئايرىلمىسا، كۆپ تەڭرى ۋە يەر، سۇ ئىلاھلىرى قوللاپ بەرسە ئەل ئەل بولىدىغانلىغى، مەڭگۈ خانىۋەيران بولمايدىغانلىغى تىلغا ئىلىنسا، يەنە بەزى ئابىدىلەردە كىينكىلەرنىڭ بۇرۇنقىلارنى ئۇنتۇپ، يەر ۋە كۆككنى ئۇلۇغلاشنى تەرك ئىتپ سىپىللاردىن ھالقىپ غەيرى ئىتىقاتلارنى باشلاپ كەلگەنلىگى شۇ سەۋەبتىن ۋاپا ۋە بۆلۈنمىچىلىك يۈزبىرىپ ئەل خاراپ بولغانلىغىنى نەسىھەت خاراكتىردە تاشلارغا نەچچە خىل يېزىقتا يېزىپ قالدۇردۇ. مەسىلەن:«كۆلتىكىن مەڭگۈ تېشى» نىڭ شەر*ق تەرىپى بىرنچى قۇرىغا: ئۈستىمىزدىكى كۆك ئاسمان بىلەن ئاستىمىزدىكى قوڭۇر تۇپىراق يارىتىلغاندا، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئىنسان بالىسى يارىتىلىپتۇ. ئىنسان بالىسى ئۈستىدە ئاتام بوۋام بۇمىن خاقان، ئىستەمى خاقان ئولتۇرۇپتۇ. ئۇلار تەخىتتە ئولتۇرۇپ تۈ*رك خەلىقىنى ئىلىنى قۇرۇپتۇ ۋە ئۇنىڭ قانۇن تۈزىمىنى تۈزۈپتۇ دەپ يازغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق ئەجدادى توغرىسىدا ئالائىددىن ئەتامەلىك بىننى باھائىددىن مۇھەممەد جۇۋەينى تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخىي جاھانكۇشاي» (جاھاننى ئىستىلا قىلغۇچىلار تارىخى) ناملىق ئەسەردە مۇنداق رىۋايەتلەر يېزىلغان: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۇرخۇن دەريا ۋادىلىرىدا ياشاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ دەريا قارا قۇرۇم دەپ ئاتىلىدىغان تاغدىن باشلىنىدۇ. قاغان بىنا قىلىغان شەھەر مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. بۇ دەريا نۇرغۇن ئېقىنلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن پەيدا بولغان بولۇپ ھەر بىر ئېقىننىڭ بويىدا بىردىن ئۇرۇق ئولتۇراقلاشقان. ئۇرخۇن دەريا ۋادىسىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئىككى قەبىلىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، قەبىلىلەر ئىچىدىن بىرنى باشلىق قىلىپ سايلايتتى. ئۇلار 500 يىلنى شۇ تەرقىدە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بۆكۈخان دېگەن بۇ باشلىق ئوتتۇرىغا چىققان.
رىۋايەتلەرگە قارىغاندا بۇ قاغان ئاپراسياپ ئىكەن. قارا قۇرۇم تاغنىڭ ئىچىدە بىر كونا خەندەك بار ئىكەن. ئەينى زاماندا قارا قۇرۇمدا ئىككى دەريا بار ئىكەن. بۇ دەريالارنىڭ بىر تۇغلار دەرياسى دەپ ئاتىلىدىكەن. يەنە بىرى سېكىنگا دەپ ئاتىلىپ كەلگەنىكەن. ئىككى دەريا بۇ جايدىكى دەريالارنىڭ ئارىلىقىدا بىر-بىرىگە قوشۇلىدىكەن. بۇ جايدىكى دەريالارنىڭ ئارلىقىدا بىر-بىرىگە ياندىشىپ ئۆسكەن ئىككى تۈپ دەرەخ بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ بىرىنى «سىتوك» دەيدىكەن. ياز كۈنلىرى كۆكىرىپ يېشىل تۇرىدىكەن. ئۇرۇقىنىڭ رەڭگىمۇ خۇددى قارىغاي ئۇرۇقىنىڭ رەڭگىگە ئوخشايدىكەن. يەنە بىرىنى «توز» دەپ ئاتايدىكەن. بۇ ئىككى دەرەخنىڭ ئوتتۇرىسدا بىر كىچىك دۆڭ بولۇپ بۇ دۆڭگە قۇياش نۇرى چۈشكەنسېرى بارغانسېرى ئېگىزلەپ تۈرىدىكەن. ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بۇ مۆجىزىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ دەرھال بۇ جاينى خاسىيەتلىك دەپ تاۋاپ قىلغاندا بۇ جايدىن ناخشا ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن. بۇنداق مۆجىزىلىك ئەھۋالدا ھەر كۈنى كەچتە بىر پارچە نۇر شۇ دۆڭنىڭ ئوتتۇز قەدەم چۆرىسىگە چۈشۈپ تۇرىدىكەن. دۆڭ ھەر كۈنى دېگۈندەك ئېگىزلەپ تۇرىدىكەن. ھەر كۈنى ئېگىزلەۋېرىپ ئۇنىڭدىن ئۇستۇمتۇت بىر ئىشىك ئېچىلىپتۇ. ئىشىكنىڭ ئىچىدە چېدىرغا ئوخشايدىغان بەش ئېغىزلىق ئۆي تۇرۇپتۇ. ھەر بىر ئۆيدە بىردىن ئوغۇل بالا ئولتۇرغۇدەك. بۇ بالىلارنىڭ ئېغىزىغا بىردىن ئېمىزگە سېلىنغانىكەن. ھەر بىر ئۆينىڭ ئۈستىگە ئۆيگە بېسىلغان كۈمۈش تور بار ئىكەن. قەبىلە باشلىقلىرى بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ، بۇ بىر ئىلاھ دەپ نۇر چىققان ئۆيگە تەزىم قىلىپ چوقۇنۇپتۇ. بىردىنلا غۇر-غۇر شامال چىققاندەك بولۇپتۇ-دە، بالىلار ئورنىدىن تۇرۇپ تالاغا چىقىپ مېڭىشقا باشلاپتۇ. ئۇيغۇرلار بۇ بالىلارنى خوتۇنلىرىغا ئەمدۈرۈپ چوڭ قىلىپتۇ. بۇلار گەپ قىلىشقا باشلاپ ئاتا-ئانىلىرىنى ئىزدەشكە كىرىشىپتۇ. ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئۇلاردىن سوراپتۇ. ئۇلار دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، كىشلەرنى ھېلىقى ئىككى تۈپ دەرەخنىڭ قېشىغا باشلاپ بېرىپتۇ. ئۇلار كىشلەرنى تاۋاپ قىلدۇرۇپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىككى تۈپ دەرەختىن زۇۋان چىقىپ، ئەي بالىلار سىلەر بۇ يەرگە كېلىپ، بىزنى يوقلاپ تۇرۇڭلار. بىز سىلەرگە ئۇزۇن ئۆمۈر، مەڭگۈ شان-شەرەپ تىلەيمىز، دېگەن سادا كېلىپتۇ. شۇ رايوندا ياشاۋاتقان قەبىلە باشلىقلىرى بۇ بەش بالىنى خۇددى شاھزادىلەردەك كۆرۈپ، ھۆرمەت، ئىززەتلەپتۇ. ئۇلار قايتىش ۋاقتىدا بۇ بەش بالىنىڭ ئىچىدىن ئەڭ چوڭىغا شۇڭقار تېكىن، ئىككىنچىسىگە قۇت تېكىن، ئۈچىنچىسىگە توقلا تېكىن، تۆتىنچىسىگە ئورتېكىن، بەشىنچىسىگە بۇقار تېكىن دېپ ئىسىم قويۇپتۇ. ئۇيغۇرلار بۇ تېكىنلەرنى تەڭرى ئاتا قىلغان تېكىنلەر دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرىنى سايلىماقچى بولۇپتۇ. بۇقا تېكىننىڭ ئەقىل-پاراسەتلىك، تەمكىن، باشقا بالىلاردىن ئېشىپ چۈشىىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھەممە ئەلنىڭ تىلىنى بىلىدىغانلىقىنى بايقاپتۇ. ئۇنى ئۇيغۇرلارغا قاغان قىلىپ سايلاپتۇ. كۆپچىلىك تەنتەنىلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ئۇنى تەختىكە چىقىرىپتۇ»، «بۇقا تېكىن قاغان بولغاندىن كېيىن ئەل ياخشىلىنىپ خەلق خاتىرجەملىكتە ياشاپ نۇپۇسىمۇ كۆپىيىپتۇ. بۇقا تېكىن ئاق تاغ دەپ ئاتىلىدىغان بۇ يەردە بىر پەرىزات بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ يەتتە يىل ئالتە ئاي 20 كۈن بىللە بوپتۇ. ئاخىرقى قېتىمدا پەرىزات بۇقا تېكىن بىلەن خوشلىشىپ ئۇنىڭغا كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقىچە بولغان جايلارنىڭ ھەممىسى سىزگە قارايدۇ. سىز بۇ جايلارنى ئىدارە قىلىپ خەلقنى ياخشى باشقۇرۇڭ. دەپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇقا تېكىن قېرىنداشلىرىنى باشقا ئەللەرنى باشقۇرۇشقا ئەۋەتىپتۇ. ئۇلار يىراق ئەللەرنى ئىگەللەپ، ئولقا ئېلىپ ئۇرقۇن دەرياسىنىڭ بويىدا ۋە تۈ*ركىستاندا بىر شەھەر بىنا قىلىپتۇ. شەھەرگە ئوردا بالىق (ئوردا شەھەر) دەپ نام قويۇپتۇ. بۇ ۋاقىتتا كۈنچىقىش تەرەپتىكى جايلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئەل بولۇپتۇ.
بۇقا تېكىن بىر كۈنى چۈش كۆرۈپتۇ. ئۇ كۆرگەن چۈشىدە قولغا ھاسا تۇتقان ۋە ئاق چاپان كېيگەن بىر بوۋاي كېلىپ بىر پارچە مەرمەر تاشنى ئۇنىڭغا بېرىپ، سەن بۇ تاشنى ئۆزۈڭدىن مەڭگۈ ئاجراتماي، ئوبدان ساقلا دەپتۇ. بۇقا تېكىن بۇ كۆرگەن چۈشىنى ۋەزىرلىرىگە سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئەتىسى بۇقا قاغان زور قوشۇن تەشكىللەپ كۈنپېتىش تەرەپكە يۈرۈش قىلىپۇت. ئۇنىڭ زور قوشۇنى تۈ*ركلەرنىڭ ماكانىغا كەپتۇ. بۇ جاي بۇلاق سۈيى ئېقىپ تۇرىدىغان خۇش پۇراق، ھاۋالىق جاي ئىكەن. بۇقا قاغان بۇ ھاۋاسى ياخشى جايدا تۇرۇشنى قارار قىلىپتۇ. بۇ جايدا «بالا ساغۇن» دېگەن بىر شەھەرنى بىنا قىلىپتۇ. ئاندىن قوشۇنلارنى ئەتراپلارغا ئەۋەتىپ ئەللەرنى ئىدارە قىلىپتۇ».
«بۇقا قاغان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بىرى تەختكە ۋارسلىق قىلىپ تەختىكە چىقىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا شۇ جايدىكى جىمى قۇشلار، ياۋايى ھايۋانلار ھەتتاكى بوۋاق بالىلاردىن چوڭلارغىچە ھەممىسىنىڭ ئاغزىدا كۆچ-كۆچ دېگەن ئاۋاز چىقىپتۇ. بۇ ئاۋاز بىلەن ئۇيغۇرلار كۆچۈشكە باشلاپتۇ. كۆچۈش جەريانىدا ھېلىقى كۆچ دېگەن ئاۋاز توختىماپتۇ. ئۇلار تىنچىپ بۇ جايدا توىتاپتۇ. بۇ جايدا بەش شەھەر بىنا قىلىپتۇ. بۇ شەھەرنىڭ نامىنى «بەشبالىق» دەپ ئاتاپتۇ. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ بۇقا قاغان ئەۋلادى ئەلگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپتۇ. بۇ جايدىكى خەلقلەرنىڭ باشلىقى «ئېدىقۇت» دەپ ئاتىلىدىكەن. ، بىراق قەدىمكى ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ تۈ*رك يېىقىدىكى «تېرخىن مەڭگۈ تېشى» دا سېلىنگا، ئورخۇن، تۇغلا دەرياسى قاتارلىق سەككىز دەريا ۋادىسى ئارىلىقىلىرىدا تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ بارلىقى ئېيتىلغان. ئۇيغۇرلار ئەسلىدە چېدىرلارنى ئۆي قىلىپ، سۇ ۋە ئوت-چۆپ قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرەتتى. قاغانلىق قۇرۇلغاندىن كېيىن بولسا، ئاھالىلەر مۇقىم ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەرمۇ بارلىققا كەلدى. مەسلەن، سېلىنگا دەرياسى ۋادىسىدا بايبالىق (ئۇيغۇرلار پايتەختى)، بۈگۈنكى ئېرغۇنا دەرياسى بويىدا خاتۇنبالىق شەھىرى بەرپا قىلىندى. شەھەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن قاغان ئوردىسى ھەشىمەتلىشىپ، قەسىر-سارايلار سېلندى. ئوردىنىڭ ئەتراپىغا سېپىل سوقۇلدى. قاتناش قورالىدىن ئات، ئېگىز چاقلىق ھارۋا، چېدىر ھارۋىلار بار ئىدى.
جۈملىدىن ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدە تەبئىەت بىر خىل دەرىجدىن تاشقىرى كۈچ تەرىقىسدە مۇئامىلە قىلىنىپ ئۇنى ئاسىراش، ئۇنىڭ قانۇنىيەتلرىگە ئەمەل قىلىش تەكىتلىنىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-21 23:41