يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1796|ئىنكاس: 45

گۈلجەننەت(تارىخى شېئىرىي دىرامما)...بۇژغۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

                                                                   گۈلجەننەت

                                        (ئالتە پەردە يەتتە كۆرۈنۈشلۈك تارىخىي شېئىرىي دىرامما)


       ئاپتورى:ئۈرۈمچى شەھرى يېڭى شەھەر رايۇنى سېفىڭ يولى 831-نومۇر: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 37-ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
پوچتا نومۇرى:830013
تىلىفۇن:13639905412


قاتناشقۇچىلار:
رۇستەمبەگ:....يۇرتنىڭ چوڭ بىگى..........55ياش
رۇخسارىخان....بەگنىڭ ئايالى...............35ياش
ۋاسىل قارى....داموللا،بەگنىڭ مەسلىھەتچىسى..40ياش
ئابدۇللا........بەگنىڭ ئوغلى...............16ياش
گۈلجەننەت.....نامرات دېھقان قىزى...........19ياش
راشىدىن.......گۈلجەننەتنىڭ دادىسى.........50ياش
مەتنىياز.......گۈلجەننەتنىڭ سۆيگنى........22ياش
رەجەپ.........بەگنىڭ خىزمەتكارى..........30ياش
زەيدىن........بەگنىڭ چاپارمىنى............28ياش
مەنسۇر........سېلىق يىغقۇچى(دوغا)........35ياش
دېھقان(ئا)................................45ياش
دېھقان(ب)................................35ياش
1.پەردە:
ۋاقتى:ياز
ئورنى:راشىدىننىڭ ۋەيرانە ھويلىسى.
(ھويلا دەرۋازىسىنىڭ بىر تەرىپىدىن تامنىڭ يېرىمى ئۆرۈلگەن،بىر ئېغىزلا
پاكار ئۆي ئالدىدىكى قېرى سۆگەت تۈۋىگە يوغان بىر كونا كارىۋات قويۇلغان
بولۇپ،ئۈستىگە كۆپ يېرىگە ياماق چۈشكەن كونا كىگىز سېلىنغان.
ھويلىنىڭ سىرتىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىگىز-پەس قۇم بارخانلىرى ۋە
ئۇنىڭ باغرىدا ئاندا-ساندا دەل دەرەخلەر كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.)
پەردە ئېچىلىدۇ.
گۈلجەننەت: (قولىدا بادام دوپپا تۇتقان ھالدا ئۆيدىن چېقىپ،ئەتراپقا
              قاراپ يېراقلارغا كۆز تېكىدۇ...)-ئاھ!قەدىردانىم مەتنىياز.!
             بەكمۇ سېغىندىم سېنى...!سەن سەيسىگە كەتكىلى 30كۈن بولدى،يولۇڭغا ئىنتىزار،تەلمۈرۈپ كۆزۇم تىشىلەي دەپ قالدى.
             ئەجەپمۇ كەلمىدىڭ،سەنمۇ ئەلۋەتتە سىغىنغانسەن مېنى.قەدىر
             -دانىم بىر كەلسەڭچۇ!...ساڭا ئاتاپ ئۆز قولۇم بىلەن تىككەن
            بۇ دوپپىنى بىر كەيسەڭچۇ...دوپپىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن –
            دىسەم ،رەھمەت سىزگە گۈلجەننەت دىسەڭ،كۆڭلۈم تاغدەك ئۆسەتتى،سېنىڭمۇ يۈرۈگۈڭ دولقۇنلاپ،ئوتلىرىڭ يالقۇنلاپ،
           قەلبىڭ سۆيۈنەتتى...ئېھ..قەدىردانىم...ياق...!مەن ئەن-
           سىرەيمەن،(بىر ئاز جىددىلىشىدۇ.)
           -بۇ كۈنلەردە زالىملارنىڭ زۇلمى بەكمۇ يامان،
            ئۇلاردىن قۇتۇلۇپ كەلمەك ناھايىتى تەس تىنجى ئامان.
            سەيسىگە كەتكەنلەرنىڭ نەچچىسى بولدى جېنىدىن جۇدا،
            ئامان قىلسۇن سېنى ئۇلۇغ خۇدا...!
           (گۈلجەننەت ئۆيدىن بىر كونا كۆڭلەك ئېلىپ چېقىپ،كارۋاتتا
            ئولتۇرۇپ يامىغاچ ناخشا ئېيتىدۇ.)
                          ئاسماندىكى يۇلتۇزلار،
كۆرگەنمىدۇ يايرىمنى.
سالامىمنى يەتكۈزگەچ،
ئېيتسا مېنىڭ ھالىمنى.

سېغىنمامدۇ يار مېنى،
كېتىپ ئەمدى يېراققا.
قاراپ كۆزۈم تەلمۈردى،
مېنى قويدى پىراققا...!

ئۇچۇپ ئۆتكەن شوخ شامال،
يەتكۈز مېنىڭ زارىمنى.
ھەسرىتىمنى بىلدۈرۈپ،
ئېلىپ كەلگىن يايرىمنى.
(گۈلجەننەت ئورنىدىن تۇرۇپ يېراقلارغا نەزەر تاشلايدۇ.شۇ ئەسنادا ،مۆرىسىگە كەتمەن سالغان راشىدىن غەم باسقان ھالدا كىرىپ كېلىدۇ)
راشىدىن: -نېمە قىلىپ يۈردىڭ قىزىم؟
گۈلجەننەت:-كۆڭلەك يامىدىم ،دادا...!
            (راشىدىن ماڭلاي تەرىنى يېڭى بىلەن سۈرۈتۈپ، غەمكىن ھالدا
            كارۋاتتا ئولتۇرىدۇ.)-دادا،كۆڭلىڭىز ناھايىتى پەرىشانغۇ...
            بىرسىدىن ئازار يەپ قالدىڭىزمۇ.؟
راشىدىنئۇلۇغ كىچىك تىنىپ)-ئاھ...!...جىنىم بالام،
          بىز يوقسۇللار قايغۇ-ماتەم،دەرت-ئەلەمدىن خالىي ئەمەس،
          ھېچقاچاندا ئاپەت،غەمدىن يېراق ئەمەس.
كېچە چىققان شىددەتلىك بوران ئېتىزلارنى قىلىپتۇ ۋەيران،
زىرائەتلىرىمىزنى بۇزۇۋېتىپتۇ،قايغۇ باستى بۇنى كۆرۈپ بىشىم
پىقىراپ.بۇ يىل يەنە بىز غىرىپنىڭ ھالىمىز خاراپ...!
گۈلجەننەت:ۋاي ئېست...!قانداق قىلىپ ئۆتكۈزەرمىز كۈنىمىزنى،
            ئاش-نان يېمەي تۇتارمىزمۇ  ئۆيىمىزنى.ئاپەت بىلەن تۈگەپ
            كەتسە تېرىقچىلىق،نېمە بىلەن قىلىمىز بىز تىرىكچىلىك...!
راشىدىن   :ئۇنى ئاز دەپ ئالۋاڭ-سىلىق ئاندىن تولا،
             بىرەلمىسەك دەرت ئۈستىگە قوشلاپ بالا...!
گۈلجەننەت :قۇم باسقاندۇ مەتنىيازنىڭمۇ يەرلىرىنى،
             ئۆرۈۋەتمىگەي بىچارىنىڭ   ئۆيلىرىنى...!
راشىدىن   :ئانىسى ھەمراخاننى كىسەل دەيدۇ،ھاسىرايدۇ،ياتالمايدۇ،
             يۆتەل دەيدۇ،دەرھال بېرىپ ھەمراخاننى يوقلاپ كەلگىن،
             لازىم بولسا چاي ھەم تاماق ئېتىپ بەرگىن.
گۈلجەننەت :ئۇنداق بولسا ھازىر بېرىپ يوقلاپ كېلەي...!
راشىدىن   :بېرىپ دېگىن،ئىشى بولسا ياردەم بىرەي...!
گۈلجەننەت :ماقۇل دادا..(چېقىپ كېتىدۇ.)
راشىدىن   :ئاھ ...!...رەھىمسىز تۇرمۇش...!سەندىن ئىبارەت بۇ
             تۇرمۇشنى قامداش ئۈچۈن،ھايات ياشاپ –جاننى ئامان
ساقلاش ئۈچۈن.نەبالالەر كۆرسىتەرسەن جىنىمىزغا،
ھەر تەرەپتىن شىرىك چىقار –نىنىمىزغا...!(راشىدىن
ئۆيىدىن ساتارىنى ئىلىپ چېقىپ،يۈرەكنى ئەزگۈدەك سادا
بىلەن چىلىشقا باشلايدۇ.)
تۇغۇلدۇم ئۇشبۇ دۇنياغا،
نىچۈنكىم كۆرمىدىم راھەت.
كېچە-كۈندۈز تەرىم تۆكسەم،
ھەمىشە كۆرگىنىم-ئاپەت.

جاھاننى دەيدىكەن چەكسىز،
غىرىبلەرگە پاناھ يوقمۇ...؟
ئۆتەرمەن خارۇ-زارلىقتا،
بۇ دەردىمگە داۋا يوقمۇ...؟
........................
(شۇ ئەسنادا مەنسۇر كېرىدۇ.)
مەنسۇر  :ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم راشىدىن ئاخۇن...؟
راشىدىن :ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئۇكام مەنسۇراخۇن...كىلىڭ ئولتۇرۇڭ،
           (ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ.)
مەنسۇر  :خوش-خوش،مەن ئالدىرايمەن،سىلى ھازىر كەتمەن ئېلىپ،
           دەرھال تۇغلۇق ئۆستەڭگە بارسىلا،ئۆستەڭ چېپىش ئەمگىكىگە
           قاتنىشىدىلا...!
راشىدىن :ئۇكام،تۇغلۇق ئۆستەڭدىن بىز سۇ ئېچمىسەك،نېمە ئۈچۈن ھەمىشە بىز چاپىمىز...؟
مەنسۇر  :كېچە چېققان بوران تۇغلۇق ئۆستەڭگە ناھايىتى كۆپ قۇم تولدۇرۋېتىپتۇ.ئۇنى دەرھال چاپمىساق رۇستەم بىگىمنىڭ يەرلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىگىمگە ناھايىتى كۆپ
             زىيان يېتىدۇ....!
راشىدىن  : ئۆزىمىزنىڭ قۇم باسقان زىرائەتلىرىمىزنى قۇتقۇزۇش ئاندىن
             ئالدىراش.
مەنسۇر   : بىگىمنىڭ دەردى سېنىڭدىن يامان،ئۆزەڭنىڭلا گىپىنى قىلى-
            دىكەنسەن ئاداش...!
راشىدىن   : مەن ھازىرچە بارالمايمەن...!
مەنسۇر    :بارالمايمەن...؟..بىگىمنىڭ بۇيرۇقىنى ھەرگىز يەردە قويال-
            مايمەن...! رۇستەم بىگىم سېنىڭ ئۇكاڭ ئەمەس،بارمىغىلى
            ئەسلا ھەددىڭ ئەمەس...!
راشىدىن  :مەنسۇراخۇن كەڭچىللىك قىلسىلا ئاز-تولا،
           بىزمۇ ئانچە-مۇنچە تېرىكچىلىك قىلساق بولا...؟
مەنسۇر   :يۇرت كاتتىلىرىنىڭ غېمى بىزنىڭ غېمىمىز،
           ئۇلارنىڭ ھوسۇلى مول بولسا،جىقراق بولىدۇ بىزنىڭ نىنىمىز.!
راشىدىن   :بىگىمگە ئىشلەپ مۈكچەيگەن بىزنىڭ بىلىمىز،
             بىگىمگە توي،بىزگە ماتەم،ئېست جىنىمىز...!
مەنسۇر     :ئاغزىڭغا كەلگەننى دەپ ۋالاقلايسەن،(قامچا بىلەن نوقۇپ)
             ...ماڭ دېدىم مەن...!كەتمەننى ئال،بولمىسا تاياق يەيسەن،
              ئالدى بىلەن ھازىر بېرىپ ئۆستەڭنى چاپ،ھەم بوينۇڭدا توختاپ قالغان ئىككى قىتىملىق سىلىققا پۇل تاپ.قۇتۇلماي-
             سەن بۇنىڭ ھېچقايسىسىدىن،تېزراق بولمىساڭ ئەدەپ يەيسەن
            بىگىمنىڭ قامچىسىدىن...!(راشىدىن كەتمەننى ئالىدۇ،مەنسۇر
             ھەيدەپ چېقىپ كېتىدۇ...)
گۈلجەننەت ئەتراپقا بىر قۇر سەپ سىلىپ قاراپ...)-دادام ئېتىزغا كەتكەن ئوخشايدۇ،بىچارە ھەمراخان ئاچامنىڭ كېسىلى خىلى
             ئېغىر ئىكەن،مەتنىيازنى سەيسىگە ھەيدەپ كەتمىگەن بولسا،
             ئاللا بۇرۇن تويىمىزنى قىلىپ،بىر ئۆيلۈك بولاتتۇق،ئۇ چاغدا دادام بىلەن ھەمراخان ئاچام ھەم ئوغۇللۇق ھەم قىزلىق بول-
             ماسمىدى...؟! ئاھ شۇم پەلەك...!بىچارە مەزلۇمنىڭ مەتنى-
            يازدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق،تېكەندەك يالغۇز،ئەلۋەتتە،
            مەن خەۋەر ئىلىشىم كېرەك،ئاھ!...خۇدا،بىچارە مەزلۇمغا
            ئۆزەڭ شىپاھلىق بىرەرسەن...!؟(گۈلجەننەت مۇڭ باسقان ھالدا
            كارۋاتقا كېلىپ ئولتۇرۇپ،ساتار چىلىپ ،ناخشا تەڭكەش قىلىدۇ.)
                            ئاتامنىڭ دەردىنى دەيمۇ...!؟
                            جاھاننىڭ پەيلىنى دەيمۇ...!؟
              (ناخشىنىڭ 3-مىسراسى باشلىنىش بىلەنلا،بېشىغا يوغان
              سەللە ئورىغان ۋاسىل قارى يېقىلغان تام كەينىدە پەيدا
              بولۇپ،مۈكۈپ تۇرۇپ ،زوق بىلەن ناخشا تىڭلايدۇ...)
                             مۇھەببەت رىشتىگە سادىق،
                             ۋاپانىڭ قەدرىنى دەيمۇ...!

                             كىشى بىلمەس پىغانىمنى،
ھەمىشە زارە ھەيرانمەن.
دىلىمدا ھەسرىتىم كۆپتۇر،
زەئىپ ھالى-پەرىشانمەن.

دائىما ياش تۆكۈپ پىنھان،
ياقامنى چاك ئېتەرمەنمۇ؟
بولۇپ غەم-قايغۇدىن خالىي،
مۇرادىمغا يېتەرمەنمۇ...!؟

(ۋاسىل قارى كېرىدۇ...)
ۋاسىل قارى  :ھە...قۇم باغنىڭ بۇلبۇلى،بۇلبۇل باغدىمىكىن دىسەم،
               چۆلدىمۇ ئاجايىپ بۇلبۇللار بار ئىكەن-دە،ھە...قىنى!
               سايراڭ بۇلبۇل،سايراڭ...!
               (گۈلجەننەت ئىزا تارتىپ ساتارىنى قويۇپ يەرگە قارايدۇ
                 ...ۋاسىل قارى كارۋاتقا كېلىپ ئولتۇرىدۇ...)
                -دادىڭىز قېنى؟
گۈلجەننەت    :ئېتىزغا كەتتىمىكىن...!؟
ۋاسىل قارى   :دادىڭىزنى ئىزدەپ كەلسەم،...ئى...ىھى...ئىھى...
                 قېنى ئولتۇرۇڭ،بىر سايراپ بىرىڭا...؟!(گۈلجەن-
                 نەتكە قول سوزىدۇ...)
گۈلجەننەت     چېكىنىپ،)-مەن بۇلبۇل ئەمەس...
ۋاسىل قارى    :ھەي ئايپەرى...!بۇياققا كىلىڭ،مېنىڭ دۇئايىمنى ئالسىڭىز،تالدەك كۆكلەيسىز...(ۋاسىل قارى تۇيۇقسىز گۈلجەننەتنىڭ قولىدىن تۇتۇۋالىدۇ.گۈل-
                 جەننەت قارشىلىق قىلىدۇ،ئاجرىيالمايدۇ.....)
گۈلجەننەت      :داموللام،قويۇۋەتسىلە،يامان بولىدۇ.مەن قىزلىرى-
                  نىڭ ئورنىدا ئەمەسمۇ...؟!
ۋاسىل قارى    گۈلجەننەتنى كارۋاتقا سۆرەپ...)-كىلىڭ ئولتۇرۇڭ
                 ،بىر قىنىۋالاي،سىزنى كۆرۈپ،يۈرۈگۈم ئويناپ كەتتى
                 ئەمەسمۇ...؟!
گۈلجەننەت   :يوقال كۆزۈمدىن،ئىمانى بۇزۇق مۇناپىق...!(ۋاسىل قارى گۈلجەننەتنى سۆيمەك بولىدۇ،گۈلجەننەت بۇ
                 ئاھانەتتىن دەرغەزەپ بولۇپ،ۋاسىل قارىنى بىر تەستەك ئۇرۇپ،بوشاپ چېقىپ كېتىدۇ.ۋاسىل قارى
                بىر ئاز ئالاقزادە بولۇپ،ئىڭىكىنى سىلاپ،تۇرۇپ قالىدۇ.)
ۋاسىل قارى   كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ...)-خەپ توختا...!
                ئايال كىشى دېگەن ھەر قاچان ئەرنىڭ رىسقى،ھەي
                كاساپەت...!ئەجەپ كۆيدۈردى مېنى ناخشاڭ بىلەن
                سازىڭ،ئاشق بىقارار قىلدى شۇ يېقىملىق ئاۋازىڭ
                  (يىراقتىن مەتنىيازنىڭ ناخشا ئېيتقان ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ...)
مەتنىياز      :                 (ناخشا )
ھاۋادا ئۇچۇپ يۈرگەن،
لاچىن بىلەن شۇڭقارمۇ.
مەن تەشنا بولۇپ كەلدىم،
سىغىنغانمىدۇر يارمۇ...؟!
  
جەننەتنىڭ پۇراقىمۇ،
ئەمبەرنىڭ پۇراقىمۇ.
مەشۇغۇم،قەدىردانىم،
كۆزۈمنىڭ قاراقىمۇ...!

ئاسماندا مېنىڭ ئايىم،
قۇملۇقتا مېنىڭ جايىم.
دىلىمنى مەھلىيا قىلغان،
گۈلجەننەت مېنىڭ يارىم...!

ۋاسىل قارى   :ھەسەلنىڭ ھەرىسى بار،گۈلنىڭ تىكىنى.ئۇنىڭ تەستەك ئۇرغىنى ھەسەل ئالىمەن دېگەندە ھەرى-
                  نىڭ چاققىنى....ھى...ئى..!قىشىڭدا بولسا
                 مۇشۇنداق قىزلار،ئوقۇسا ناخشىنى،چىلىنسا سازلار،
                باشقىچە ياشارمامدۇ ئىنساندا يۈرەك،كىشىگە ھوزۇر
                -ھالاۋەتتىن باشقا يەنە نېمە كېرەك...؟ئى..ھى..
                ئى...ئىھى.....
بولۇپ مەن ئىشقىۋاز بۇلبۇل،
شۇ گۈلنىڭ بەرگىگە قونسام.
لىۋىگە سۆيۈپ قانماي،
قولۇمنى كۆكسىگە سۇنسام...!
               ھەي...!مەن بۇ قىزغا بىر قانمىسام......(مەتنىياز-
               ناخشا ئاۋازى يېقىنلىشىدۇ...ۋاسىل قارى ھودۇقۇپ،
               كارۋات ئاستىغا مۈكۈۋالىدۇ.مۆرىسىگە خورجۇن سالغان
               مەتنىياز بىلىگە كەكە قىستۇرغان ،قولىدا ھەرە تۇتقان
               ھالدا كېرىدۇ...)
مەتنىياز    ئەتراپقا سەپ سىلىپ...)-بۇ ئۆيدىكىلەر نەگە كەتكەندۇ...؟ ئوتتۇز كۈنلۈك سەيسە ماڭا ئوتتۇز
              يىلچە بىلىندى،ھەر قىتىم كەلسەم ئالدىمغا چىقاتتىڭ
             كىيىكتەك سەكرەپ،نازىڭ بىلەن گەپ ئاتاتتىڭ تاتلىق
             ئەكىلەپ،ئاھ ئامرىقىم...!سەنمۇ مېنى قانچە كۈتكەن-
             سەن...؟تەشنا بولۇپ كەلسەم،بۈگۈن نەگە كەتكەنسەن؟
              ئەجەپمۇ بەك سېغىندىم ئامرىقىم سېنى؛سەنمۇ قانچە
              سېغىنغانسەن ئەلۋەتتە مېنى...!ئەمدى بېرىپ ئانام بىلەن دىدار كۆرۈشەي،نېمە ئىشلار بولۇپ ئۆتتى ئۇنى
              سۆزلىشەي...(مەتنىياز چىقىپ كېتىدۇ،ۋاسىل قارى
              كارۋات ئاستىدىن چېقىدۇ...)
ۋاسىل قارى  غەزەپ بىلەن...)-ھىم..!مەن كىم؟!سەنلەر كىم؟!
                مەن مۇشۇ يۇرتنىڭ مۆتىۋەر داموللىسى.ئاتاقلىق
               مۇددەرىسىمەن.قازىدىن قالسام،مۇشۇ يۇرتتا ئىسلامىيەتكە رەئىسمەن.شۇنداق تۇرۇقلۇق بىر گاداينىڭ قىزىدىن تەستەك يەيمەنۇ،بۇ ئىككىڭنىڭ
                  ئارىسىدا بىرەر ئىش بارئىكەن-دە...!دەيۈزلەر...!
                  ئەمدى سەنلەر كۆرگۈلۈگۈڭنى كۆرۈپ،ئەدىۋىڭنى تازا
                  يە...،مېنى ئۇرغان بىر تەستەك ئۈچۈن سەنلەرگە قوشتلاپ بالايى-ئاپەت ياغدۇرۋېتىمەن،ئەگەر سەن-
                  لەرنى ۋەيران قىلمىسام،ۋاسىل قارى داموللام بولماي
                  كېتەي....خەپ توختاپ تۇرۇش....(غەزەپ بىلەن
                  ساقىلىنى سىلىغىنىچە چېقىپ كېتىدۇ...)
(پەردە چۈشىدۇ...)


داۋامى بار دوستلار...خەت ئۇرۇشۇم ئاستا بولغاچقا....ۋاقىت ئۆتۇپ كىتىدىگەن....كەچۈرگەيسىلەر...!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-4 19:14  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-11-4 13:34:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىغا تەشنا بولىۋاتىمەن. غۇنچەمگە ئوخشايدىغاندەك قىلىدۇ  

ۋاقتى: 2013-11-4 13:37:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرى درامما بزىدىكى بىر بوشلۇق ئىدى،بۇ ساھەدىكى ئىزدىنىشىڭىزنىڭ مۇۋەپپىقيەتلىك بولىشىغا تىلەكداشمەن،ئېسىل تېما ئىكەن...

ۋاقتى: 2013-11-4 13:43:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باركاللا ، ئاپىرىن تۇرسۇن مۇئەللىم ، ئەجرىڭىزگە بەركەت -نۇسرەت يار بولغاي .

ۋاقتى: 2013-11-4 13:43:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇژغۇن مۇئەلىمنىڭ ئىجادىيىتىگە بەركەت ياغسۇن!

ۋاقتى: 2013-11-4 14:06:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بارىكاللا...قېرىندىشىم! - بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۋاتقان تۇچ قەلىمىڭىز  ئىزچىل يالتىراپ تۇرسۇن...!

ۋاقتى: 2013-11-4 14:35:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالقىشلاشقا تىگىشلىك ياخشى باشلىنىش.

ۋاقتى: 2013-11-4 18:20:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەم بولىۋاتقان بوشلۇق ئۈچۈن قەدەم باسقىنىڭىزغا تەشەككۈر

ۋاقتى: 2013-11-4 19:03:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېسىلغان مەزمۇت قەدەملەر ئۈچۈن يوللار ئاق بولسۇن.

ۋاقتى: 2013-11-4 20:04:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىمنىڭ قەلىمى تېخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!

ۋاقتى: 2013-11-4 22:24:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر! داۋامىنى يوللاشلىرىغا تەقەززا بولىۋاتىمەن!

ۋاقتى: 2013-11-4 22:26:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇمكىن بولسا شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلى تەھرىر بۆلىمىگە سۇنۇپ باققايلا!
شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلى سەھنە ئەسەرلىرى تەھرىر ئىلخەت ئادىرسى
Tarim365@163.com
Tel:0991-4500032,4552341

ۋاقتى: 2013-11-5 00:30:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرگە قارىغاندا خېلىلا پىشقاندەك تۇرىدۇ . چوقۇم بۇنى خېلى بۇرۇن يازغان ئوخشىمامسىز بۇژغۇن ئەپەندى ؟!... مېنىڭچە داۋامىنى ئىلان قىلىنىپ ، ئوبدان پىشىرىپ ، يۇقۇردىكى تورداش دېگەندەك ، سەنئەت ژورنىلا سۇنۇپ باقساق بولامدىكىن ، ئويلۇشۇپ باقارسىز ... شېئىر قوشاقلىرى ، تىلى شۇ دەۋرگە ئوبدانلا يېقىنلىشىپتۇ . ھارمىغايسىز بۇرادەر . بۇ ژانىر بىزدىكى بوشلۇق ، ھەممىمىز ئۆز ئالاھىدىلىكىمىز بويىچە بۇ ئەدەبىيات - سەنئەت گۈلزارىنى باراقسان قىلىشقا تىرىشايلى ... قەلىمىڭىزگە بەركەت بىلەيمەن ...

ۋاقتى: 2013-11-5 22:33:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


     بۇژغۇننىڭ جاسارىتىگە بارىكاللا!
     ياخشى ئەسەر ئىكەن. داۋامنى كۆرۈشكە تەشنامەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-8 12:32:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ خەت ئۇرۇش سۈرىتىم بىرقەدەر ئاستا بولغاچقا،دەرھال يوللاپ بولالمايدىكەنمەن...
ئاستا بولسىمۇ ئۇرۇپ ،ۋاقتىدا يوللاپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمەن...ئىلھام بەرگىنىڭلارغا
كۆپتىن-كۆپ رەھمەت...!بۇئون بىرىنجى قىتىم ئۆزگەرتىپ رەتلەنگەن نۇسخىسى...سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولمىسا كېرەك...كۆپرەك پىكىر بىرەرسىلەر......!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش