يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: بۇژغۇن

گۈلجەننەت(تارىخى شېئىرىي دىرامما)...بۇژغۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-29 18:15:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        

           
6-پەردە

ۋاقتى       : ئالدىنقى كۆرۈنۈشتىن بىر يىل كېيىن،كۈز
ئورنى       : كىچە،رۇستەمبەگنىڭ ئارقا ھويلىسى.(ئالدى ئوچۇق ئىككى سۇپىلىق
              ئايۋان،سۇپا ئارىلىقىدىكى تار كوچىدا بىر ئېغىز ئۆي،ھويلىنىڭ نېرىقى
              چىتىدە بىر نەچچە ئېغىز ئۆيلەر كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.ھويلىدىكى يوغان
              تىرەكنىڭ يۇقۇرىدىكى يوپۇرماقلىرى چۈشۈپ تۈگىگەن،تۆۋەن تەرەپنىڭ
              سىرىق يوپۇرماقلىرى قالغان....جىمجىت كىچە،ئاسماندا ئاي ۋە يۇلتۇز
              -لار  كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ...)
                                                      -پەردە ئېچىلىدۇ-
              (ئىككى سۇپا ئارىلىقىدىكى ئۆيدىن بىراۋنىڭ چىراغ ياققانلىقى بىلىنىدۇ.
               ئىشىك ئېچىلىپ،رۇستەمبەگ چېقىدۇ،تەمتىلەپ ئەتراپقا سەپ سىلىپ
               قارايدۇ...)
رۇستەمبەگ   : ئاھ خۇدا...!مېنى شۇنچىۋالا ۋەيران قىلامسەن...؟!جۇدالىق قايغۇسى.!
                ھەسرەت،نادامەت...يالغۇزلۇق...!ئاھ يالغۇزلۇق...!(ئۆكسۈپ يىغلايدۇ...)-مەن زەرەپشان دىيارىدا تۇغۇلۇپ،مۇشۇ يەردە چوڭ
                 بولدۇم...!مۇشۇ كەمگىچە ئۆمرۈم زەرەپشان ۋە تىزناپ دەريالىرى
                  گىرۋەكلىرىدە كاتتا تۇرمۇش كەچۈرۈش بىلەن ئۆتتى.بۇ يۇرتلاردىكى
                   بارلىق پۇقرانى ئۆزەمگە باش ئەگدۇردۇم...!ھېلىھەم بولسا يەنە
                    كىچىكمەيمەن.....!ئاھ خۇدا...!ھەممىگە قادىرسەن...!ئاخىرقى
                    ئۆمرۈمنى ئامان ئىسەن ئۆتكۈزۈشۈمگە كىپىل بولغايسەن..!ھەي..
                    بۈگۈن كېچە بىر قىنىپ ئۇخلىسامچۇ....!؟..ھەي ئۇيقۇ...!؟نەگە
                    يوقالدىڭ...؟كېچە يىرىم بولاي دىدى،زادىلا كەلمەيسەن...!سەن-
                     دىنمۇ جۇدا بولدۇممۇ ئەمدى...؟! ئاھ...رۇستەم...!ئەي رۇستەمبەگ...! سەن دۇنيادا ھەممىدىنمۇ بەك بەختىيار ئەمەسمىدىڭ...؟!ئەمدى بولدۇڭ ھەممىدىن جۇدا...!ئۇردىمۇ سېنى
                     ياراتقان خۇدا...!ئالدىڭدا ئۈزدى جىگەرلىرىڭ جان...!باغرىڭغا
                     تولدى لەختە-لەختە قان...!ئارزۇ-ئارمانلار توزىدى ئىستەك...!
                      باستى شۇ تاپتا قاپقارا تۈتەك...!(قاتتىق يىغلايدۇ...)

شەنجاڭلىقمۇ تەگمىدى ماڭا ئاقىۋەت،
ياتمىدى كىيىكمۇ ئىشەنگەن تاغدا.
قولۇمدىن ئاقچىنىڭ كەتكىنى كەتكەن،
قالدىممەن ھەسرەتتە،پۇشايمان،داغدا.
بىلمىدىم ھېچ سىرنى،ھېچبىر سەۋەپنى،
ئايرىلدىم قەدىردان رۇخسارىخاندىن.
خۇدانىڭ بەرگىنى يالغۇز بىر ئوغۇل،
كۆز نۇرۇم،جىگىرىم-ئابدۇللاجاندىن...!
يەتمەكتە ھەر كۈنى بىر خىل پالاكەت،
باسقانكى ئىزىمدا نەسلىك –كاساپەت.
بىلمىدىم مەن زادى،بىلمىدىم پەقەت،
يۈرەكنى مۇجۇدى قايغۇ-نادامەت...!
رەھمەتلىك داموللام بولسىمۇ ھايات،
ئىشىمغا توغرا يول كۆرسىتەر ئىدى.
بىشىمغا كەلگەن بۇ دەردۇ-ئەلەمنى،
جان بىلەن كۆيۈنۈپ تۈگۈتەر ئىدى...!
ئۆرتەندىم كۈل بولۇپ ماتەم ئېچىدە،
قالمىدى مەن ئۈچۈن ئەمدى يولباشچى.
يالغۇز مەن شۇ تاپتا ۋۇجۇدۇم نىمجان،
يوق ئەمدى يىنىمدا ياخشى مۇڭداشچى...!
               -ئاھ خۇدا...!(ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلايدۇ...)-ئاھ ياراتقان ئىگەم..!
                ئۆزەڭسەن كىرەكلىك شاھىم...!قالمىدى ھېچ تاقەت،سەبرى-قارارىم.!
                (ئۆكسۈپ يىغلاپ،خىرىلداپ سۆزلىيەلمەي قالىدۇ.ئايۋاننىڭ تۈۋرۈكىگە
                يۆلۈنۈۋىلىپ،كۆكسىنى مۇجۇپ،خىرىلداپ سۆزىنى يەنە داۋام قىلىدۇ.)
ئاھ خۇدا...!ئۆزەڭ بار......ئىھ.....!
ھەممىدىن ئايرىلدىم،بولدۇم پەرىشان.
داموللام ئۆلسىمۇ ،ئۇنىڭدىن ئىز بار،
سولاقتا بۇرۇنقى قىلىنغان نىشان...!
خۇش ئاۋاز ساتارچى گۈلجەننەت قىز بار،
ئۆتكىچە ئاڭلىدىم گۇندىخانىدىن،
ساتارى ناخشىسى،مۇڭ ئاۋازىنى.
كۆرمىدىم ھېچقاچان ئۇنى شادلىقتا،
بىر كۈلۈپ قارىغان غەمزە-نازىنى...!
بولسۇن ئۇ دىلىمغا مەلھەم-شىپالىق،
ئالاي مەن نىكاھلاپ ئۇنى ئەمرىمگە.
ئۇ بولسۇن مەن ئۈچۈن مۇڭداشچى-ھەمرا،
ئارامى جان قىلاي ئۇنى ئۆمرۈمگە...!
ئۇنى ئالدىمغا ھازىر چاقىراي،
ئەۋۋەل چىرايلىق،ياخشى سۆز قىلاي...!
                   (رۇستەمبەگ بىر نەچچە قەدەم ئالدىغا مېڭىپ،سىرتقا قاراپ چاقىرىدۇ...)-رەجەپ...،ھوي رەجەپ...!؟
رەجەپ           : (رەجەپ كىرىدۇ)-خوش بىگىم...؟!
رۇستەمبەگ      :سەن ھازىر چېقىپ زەيدىنگە دېگىن...!گۇندىخانىدىن گۈلجەننەتنى
                  چاقىرىپ بەرسۇن...!سەن دەرھال ئېلىپ كىر...!
رەجەپ           :خوش بىگىم...!(چېقىپ كېتىدۇ...)
رۇستەمبەگ      :كىشىلەر نېمە دىسە دەۋەرسۇن...!ۋاسىل قارىنىڭ روھىنى شاد
                   قىلاي...!گۈلجەننەتنى ئۆزەمگە ھەمرا قىلاي...!ناخشا ئوقۇتۇپ،
                   ساتار چالدۇرۇپ ،غەمكىن كۆڭلۈمنى خۇشال قىلاي...!ھىم...!
ئەگەر يەنىلا تولغىسا بويۇن،
بىشىنى تىنىدىن جۇدا قىلىمەن.
ئۆلتۈرۈپ تاشلايمەن،دەرھال بوغۇزلاپ،
تىنىنى پارچىلاپ،تاسما تىلىمەن...!
                  ھى...ئىم...!مەن شۈنچىلا بىچارىمۇ...؟-ياق...!
رۇستەمبەگ تېخى ھايات،
قولىدا بار قامچىسى.
چېڭراق تۇتسا قامچىسىنىڭ سېپىنى،
تۈگىمەيدۇ خوتۇن بىلەن ئاقچىسى...!
                           (روھلىنىپ كۈلىدۇ...رەجەپ دەرغەزەپ بولغان گۈلجەننەتنى
                            ئىلىپ كېرىدۇ...)
رەجەپ            :مانا بىگىم،ئىلىپ كىردىم...!
رۇستەمبەگ       :چىراغنى ئىلىپ چىق...! (رەجەپ ئۆيدىن ماھىر نەققاشلىق بىلەن
                  ياسالغان،تۆت چاسا شامداننى ئەچىقىپ ،ئايۋان تۈۋرۈكىدىكى چىرايلىق پايەگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ...)-ئەمدى سەن چىقىپ،ھويلىنى
                  خەۋەر ئال...!
رەجەپ         : خوش بىگىم...!( چىقىپ كېتىدۇ...)
رۇستەمبەگ    : ( سۇپىدا ئولتۇرۇپ...)-گۈلجەننەت خىنىم، سۇپىدا ئولتۇرۇڭ.
                (گۈلجەننەت گەپ قىلمايدۇ.)-خىنىم،نەچچە ۋاقىتلاردىن بىرى كۆپ
               ئازاپ چەكتىڭىز،سىزگە ئىچىم ئاغرىپ، رەھمىم كىلىپ،مېنىڭ
               ئىختىيارىمغا بويسۇنىشىڭىزنى تەلەپ قىلسام رەت قىلدىڭىز...!
               ھەتتا تەستەك ئۇردىڭىز،مەن سىزنى نادان،ئەقلىگە كىلىپ قالار
               دەپ كۆپ سەۋرى-تاقەت قىلدىم...!ئەمدى تاقىتىم تۈگەپ قالدى..!
              سىز ھېچبىر ئىكىلەنمەستىن،ئۆزىڭىزنى ماڭا قوبۇل قىلىشىڭىز
               لازىمدۇر...!سىزنىڭ ئىختىيارىڭىز ھامان مېنىڭ ئىلكىمدە بولىدۇ.
              شۇنداق قىلامسىز...؟!
گۈلجەننەت   : ياق...!؟
رۇستەمبەگ   :        قەدىرلىك گۈلجەننەت،ھۆرمەتلىك خىنىم،
سىز بىلەن ياشنىسۇن بۇ شىرىن جىنىم.
كەلتۈرمەڭ مەن ئۈچۈن ھېجراندىن ئاپەت،
قىلدىممەن ،ئۇزاقتىن كۆپ سەۋرى-تاقەت.
سەۋرەممۇ تۈگىدى،ئاخىرقى سۆزۈم،
سىز ئەمدى بۇ ئۆينى مېنىڭ دەپ تۇتۇڭ...!
قۇتۇلۇڭ مۇشەققەت،قايغۇ-ئازاپتىن،
شاتلىققا چۈمۈلۈپ،كۆڭلۈمنى ئۇتۇڭ...!؟
                  ( رۇستەمبەگ گۈلجەننەتنىڭ قولىنى تۇتماق بولىدۇ.گۈلجەننەت
                  سىلكىۋىتىدۇ...يەنە تۇتماق بولىدۇ...يەنە سىلكىۋىتىدۇ...)
                  -خىنىم،ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋىلىڭ...!
گۈلجەننەت      : مەن سېنىڭ خىنىمىڭ ئەمەس...!؟
رۇستەمبەگ      : خنىم، مېنىڭ يۈرۈگۈم سىز ئۈچۈنلا سوقىدۇ...!
گۈلجەننەت      : سېنىڭ يۈرۈگۈڭ ھەمىشە ياۋۇز نەپسىڭ ئۈچۈنلا سوقىدۇ...!
                  ( گۈلجەننەت غەزەپ بىلەن سۆز باشلايدۇ...)
ئۆلتۈردۈڭ ئاتامنى،مەتنىيازنى ھەم،
بوغۇلدۇڭ ھېساپسىز قەرزىگە قاننىڭ.
جاللات سەن،دەھشەتلىك ئالۋاستى سۈپەت،
دائىما قامچىلاپ گۇناھسىز جاننىڭ...!
قەلبىمدە قىساسنىڭ ماتەم ئوتلىرى،
ۋولقاندەك ئېتىلىپ چاقنايدۇ شۇ تاپ.
يولۇقساڭ يېنىمغا،ئەگەر قول سوزۇپ،
يوقال...!دەپ قىلىمەن،بىر جۈملە خىتاپ...!
رۇستەمبەگ     :    گۈلجەننەت ،مەن سىزگە ياخشى سۆزلىدىم،
سىز ئۈچۈن بەخت ۋە تەلەي كۆزلىدىم.
ئۆتكەنكى ئىشلارنى قىلماڭ ئاداۋەت،
ئەمدى مەن كۆرسىتەي سىزگە ئادالەت...!
ئاتىدىم سىز ئۈچۈن بارلىقىمنى مەن،
ئىلكىمدىن ھەممىنى سىزگە بىرىمەن...!
زەر –ئالتۇن، تىللا ھەم كۈمۈش سىزنىڭكى،
مال-ۋاران،يەر-زىمىن،بايلىق سائادەت،
باغ-ھەرەم،ئۆي-ماكان،بېھىش سىزنىڭكى.
شان-شەرەپ،گۈزەللىك،بەخت سىزنىڭكى،
مەن ئەمدى سىز ئۈچۈن بولاي مېھرىبان،
مەن ئۈچۈن سىز بولۇڭ سۆيگۈ-قەدىردان...!
گۈلجەننەت     :     پەرقسىز مەن ئۈچۈن دوزاق،بېھىشىڭ،
                      كېرەكسىز بايلىقىڭ، ئالتۇن-كۈمۈشىڭ...!
رۇستەمبەگ     :    ئۇنداق بولسا ساڭا نېمە كېرەك...؟
گۈلجەننەت      :   مەن ئۈچۈن ئازاتلىق،ئەركىنلىك كېرەك...!؟
رۇستەمبەگ      : شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ ئىختىيارىمغا ئۆتۈپ، ئازات بول دېدىمغۇ!؟
                  نېمانچە جاھىلسەن...!؟
گۈلجەننەت      : جان ئالغۇچ ئەزرائىلسەن...!؟
رۇستەمبەگ      : ئەگەر مېنىڭ ئىختىيارىمغا بويسۇنساڭ،ئۇ چاغدا...شانۇ-شەۋكەت
                  ...سەلتەنەت...!!!
گۈلجەننەت     : ئېچىلماي توزىدى،قۇرىدى گۈلۈم،
                  سەن بىلەن بولغىچە ئەۋزەلدۇر ئۆلۈم...!
                  شان-شەرەپ،سەلتەنەت ھاجەتسىز ماڭا،
                 ھەر قاچان زاۋاللىق تىلەيمەن  ساڭا...!؟
رۇستەمبەگ    : ھىم...! سېنىڭ كارامىتىڭنى بىر كۆرمەيدىغان بولسام...!
                ( گۈلجەننەتنىڭ قولىدىن تۇتماقچى بولىدۇ،گۈلجەننەت سىلكىۋىتىدۇ.)
                -ئەگەر سۆزۈمگە كىرمىسەڭ،ئۆلتۈرۈپ ،قىنىڭنى ئېچىمەن...!!
گۈلجەننەت    : زەرەپشان ۋە تىزناپ دەريا ۋادىلىرىدىكى سانسىزلىغان گۇناھسىز
                خەلقلەرنىڭ قانلىرىنى ئېچىپ تويمىغان بولساڭ ئېچ...جاللات...!
رۇستەمبەگ    : ھۇ...جاھىل ئالۋاستى...!سېنى زادى...!(ئېتىلىپ بېرىپ،
                 گۈلجەننەتنى تۇتۇۋىلىپ،سۇپىغا سۆرەيدۇ،گۈلجەننەت سىلكىنىپ،
                 قارشىلىق قىلىدۇ...رۇستەمبەگ سۇپىغا باسماقچى بولىدۇ...
                 گۈلجەننەت تەستەك ئۇرىدۇ.رۇستەمبەگ ئىككى قەدەم چىكىنىپ،
                 يېنىدىن يوغان پېچىقىنى چېقىرىپ،گۈلجەننەتكە ئېتىلىدۇ.گۈلجەننەت
                 قېچىپ،پۇتلۇشۇپ يېقىلىدۇ.رۇستەمبەگمۇ ئۆزىنى توختۇتالماي،
                 گۈلجەننەتكە پۇتلۇشۇپ ھالقىپ يىقىلىدۇ.پىچاق قولىدىن چاچراپ
                 چېقىپ،يەرگە چۈشىدۇ.گۈلجەننەت تىزلىك بىلەن پىچاقنى ئېلىپ،
                 رۇستەمبەگ ئورنىدىن تۇرغىچە ئۈستىدىن بېسىپ بېرىپ،بوغۇزلاپ
                 تاشلايدۇ.گۈلجەننەت ئورنىدىن تۇرۇپ،قانلىق پىچاقنى تۇتقان ھالدا.)
گۈلجەننەت    : ھۇ...لەنىتى جاللات...!
نەپسىڭچۈن بىگۇناھ قانلارنى تۆكتۈڭ،
مىڭ پارە چاك ئېتىپ يۈرەكنى سۆكتۈڭ...!
ئاقىۋەت ئايرىلدىڭ،ئىپلاس جىنىڭدىن،
قۇزغۇنلار تويۇنسۇن پاسىق تېنىڭدىن...!
                 (گۈلجەننەت قايتىپ بېرىپ،پىچاقنى رۇستەمبەگنىڭ يۇڭلۇق مەيدىسىگە قاداپ قويۇپ،يەنە داۋام قىلىدۇ...)
لەنەت دەھشەتلىك شۇم زامانەڭگە،
ئوت قويۇپ كۆيدۈرەي تەخت-راۋانەڭگە.
غەزەپتىن يۈرۈگۈم قوزغالدى ھامان،
ھەسرەتلىك زارىمنى ئاڭلىسۇن جاھان.
ئويغان ئەي يوقسۇللار،ناتىۋان جانلار،
زۇلۇمدىن خارلانغان ئەزىز ئىنسانلار.
ئاتىدۇ بىز كۈتكەن پارلاق يورۇق تاڭ،
مەزلۇملار بىرلىشىپ تۆكسەك قىزىل قان...!
ئاتلاندىم ئەركىنلىك،ئازاتلىق ئۈچۈن،
يوقسۇللار بەختىچۈن بولسام مەن قۇربان...!
                ( ئىچكى بىرىنچى قەۋەت پەردە تىز چۈشىدۇ...)
              ( خاتىمە ئورنىدا... كۆللىكتىپ ئومۇمى خور  ئىجرا قىلىدۇ...)
يوقالدى زۇلمەتلىك قاراڭغۇ زامان،
كەلمەسكە مەڭگۈلۈك كەتتى جاھالەت.
ئەجدادلار ئارزۇسى ئاشتى ئەمەلگە،
باشلاندى ھۆر ھايات،يۈكسەك ئادالەت.

چۆمۈلدى شاتلىققا بىزنىڭ قەلبىمىز،
مىڭ ياشا!بەختىيار ئازاد دەۋرىمىز.

ئارمانلار ھەل بولۇپ،تاپتۇق سائادەت،
ئېچىلدى بەختىمىز، گۈل ئاچقاچ زامان.
سەن بىلەن ئېرىشتۇق ئۇلۇغ غەلبىگە،
پارتىيە مەڭگۈگە ياشا..!بول ئامان...!

چۆمۈلدى شاتلىققا بىزنىڭ قەلبىمىز،
مىڭ ياشا !بەختىيار ئازات دەۋرىمىز...!

-پەردە  چۈشىدۇ...

پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى....سىرداشلىرىمغا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر...!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-2 13:09:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەشەككۈرنامە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلىرىم...! مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن،
بۇ تارىخىي شېئىرىي دراممامنى كۆرۈپ ئولتۇرغان كەڭ تورداشلىرىمغا؛
بۇ ئەسىرىمنى كۆرۇپ،تۈشىتىش بەرگەن،مەسلىھەت بەرگەن،مېنى كەڭ
قوللىغان،ئىلھام بەرگەن ،ساۋاقدىشىم ئەنۋەر ئەينىدىن (ئۈرۈمچى
مائارىپ ئىنىستىتۇتى)گە،مەرھۇم تاغام سادىن سادىرى (شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتى)غا،مەرھۇم ئۇستاز ھەلىمە ئابدۇللا(شىنجاڭ ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى)غا،ئۇستاز تاش مامۇت،تۇرسۇنجان ئابدۇرىھىم
،ئۆمەرجان ئىمىن(شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلى تەھرىرلىرى)گە،زۇنۇن باقى (ئاپتونۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت نازارىتى) گە ،شۇنداقلا،مەرھۇم ساۋاقدىشىم باتۇر روزىگە،شائىر قۇدرەت قۇربانلارغا ئالاھىدە تەشەككۈر ئىيتىمەن،ئۇلارغا ئالىي ئىھتىرام بىلدۈرىمەن....سىلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت...!مۇشۇ دەقىقىلەردە ھەممىڭلارنىڭ ياخشى تىلەك-ئارزۇلىرىڭلارنى شائىر قۇدرەت قۇرباننىڭ تۆۋەندىكى قىسقا ئوبزورى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ ھوزۇرىغا سۇنماقچىمەن...!



شېئىرىي درامما«گۈلجەننەت»نىڭ تارىخىي قىممىتى ھەققىدە


(شىنجاڭ ئاشلىق مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى:قۇدرەت قۇربان)


مەن بىر ئەدەبىي ھەۋەسكار بولۇش سۈپىتىم بىلەن ياش شائىر،ئەدەبىي
تەتقىقاتچى تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇننىڭ جاپالىق ئەمگەك مىۋىسى بولغان
«گۈلجەننەت» ناملىق تارىخىي شېئىرىي دىراممىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى
كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم.زور قىزىقىش،قىزغىن ئىشتىياق بىلەن قايتا-
قايتا ئوقۇپ چېقىپ،دراممىدىكى ئۆزىگە خاس قۇرۇلما،بەدىئىي ماھارەت،
تارىخي مۇھىت،ئىلگىرى سۈرۈلگەن يېڭى ئىدىيىدىن تولىمۇ تەسىر-
لەندىم.شۇ ۋەجىدىن درامما ھەققىدە قىسقىچە بولسىمۇ،ئۆز كۆز-
قاراشلىرىمنى كەڭ ئوقۇرمەن دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق
كۆردۈم.
  درامما-ئازادلىق ھارپىسىدا جەنۇبى شىنجاڭ مۇھىتىدا يۈز بەرگەن
تارىخىي تراگىدىيىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولۇپ،گومىنداڭ مۇستەبىت-
لىرىنىڭ ھامىيلىقىدىكى قانخور بەگلەر،دىنىي تونغا ئورنىۋالغان پارازىت
موللىلار ۋە ئۇلارنىڭ بىر ئۇچۇم غالچىلىرىنىڭ ئەمگەكچى خەلقنى قاتمۇ-
قات زۇلۇمغا ئۇچرىتىشى،خەلقنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئىسيانكارلىق روھىي
شۇنداقلا،ئەكسىيەتچىلەرنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى ئاچكۆزلۈك،ھوقۇق-
پەرەسلىك،مەككارلىق ۋە ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ۋەھشىلىك قىلمىش-
لىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆز ئارا زىددىيەت توقۇنىشى،چىرىكلىشىپ
زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ئەپتى-بەشىرىسى ئۆزلۈكسىز مۇرەككەپ قاتلاملىق
دولقۇنسىمان سيۇژىت ۋاستىسى ئارقىلىق ئوبرازلىق ھالدا نامايەن قىلىن-
غان.
    دراممىدا سيۇژىت كونكىرتلىقى(سەھنىدىكى ئەمەلىي ھەركەت)بىلەن
سيۇژىت ئابىستىراكىتلىقى(رول ئالغۇچىنىڭ مونۇلۇگى ئارقىلىق بايان
قىلىنغان ھەركەت)ئىھتىياج بويىچە زىچ ماسلاشتۇرۇلۇش نەتىجىسىدە
ئومۇمىي سيۇژىت سىغىمچانلىقىنىڭ ئىلاستىكىلىق ھەجمى ئاشۇرۇلغان.
پەردە ئىچىلىشى بىلەن كۆز ئالدىمىزدا ئاقكۆڭۈل دېھقان قىزى گۈلجەننەتنىڭ
مونۇلۇگى ئارقىلىق دراممىنىڭ تارىخىي مۇھىتى،سۆيگۈنى مەتنىياز بىلەن
بولغان پاك مۇھەببىتى،زالىملارنىڭ زۇلمىغا بولغان قەھرى-غەزىپى
مۇقەددىمە تەرىقىسىدە مونۇلۇگ ئارقىلىق نامايەن قىلىنىدۇ،ھەم ناخشا
ئارقىلىق روھى كەيپىياتى تېخىمۇ رۇشەن ئېچىپ بېرىلىدۇ.
     سيۇژىت دولقۇنسىمان داۋاملىشىپ ئۆتكۈر زىددىيەتلىك تارىخىي
مۇھىت ۋە تارىخىي چىنلىق بەدىئىي دىت ئارقىلىق تاۋلىنىپ،بەدىئىي
مۇھىت ۋە بەدىئىي چىنلىق يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن.بۇنى دراممىدىكى
پىرسۇناژلارنىڭ روھىي ئالىمىنى تاماشىبىنلارغا ئۆتكۈر پىسخىك ئوپرات-
سىيە ئارقىلىق كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى روشەن دەلىللەپ تۇرۇپتۇ.خەلقنىڭ
قان-قەرزىگە بوغۇلغان رۇستەمبەگ ۋە ئايالى رۇخسارىخان ھەم دىنى نىقاپ
ئىچىدە جان بېقىۋاتقان ۋاسىل قارى،دېھقان قىزى گۈلجەننەت قاتارلىقلارنىڭ
مۇناسىۋىتى ھالقىسىمان توقۇنۇش ئىچىدە گىرەلەشمە كەيپىيات ھاسىل
قىلغان بولۇپ،رۇستەمبەگنىڭ ۋالىينىڭ قىشىغا خەلقتىن ئالۋاڭ سېلىپ
يىغقان بايلىقىنى سوۋغا-سالامغا ئېلىپ بېرىپ،ھاكىم بولۇشنى تەما
قىلىشى،ۋاسىل قارىنىڭ ۋەسۋەسىگە سېلىشى بىلەن رۇخسارىخاننىڭ
گۈلجەننەتنى رۇستەمبەگتىن كۈنلىشى،رۇخسارىخاننىڭ ۋاسىل قارى بىلەن
بولغان بىنورمال مۇناسىۋىتى،رۇستەمبەگنىڭ مەتنىيازنى يوشۇرۇن ئۆلتۈ-
رۈشى،ھەم رۇخسارىخاننىڭ رۇستەمبەگ بىلەن بولغان شەخسىيەتچىلىك
ئاساسىدىكى زىددىيىتىنىڭ كولمىناتسىيە نوقتىسىغا يەتكەندە،ۋاسىل
قارى بىلەن رۇستەمبەگنىڭ ئوغلىنىڭ رۇخسارىخان تەرىپىدىن زەھەرلەپ
ئۆلتۈرۈلۈشى(ئەسلى رۇستەمبەگنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ،ئارىدا ئۇقۇش-
ماسلىق يۈز بېرىدۇ.)،رۇخسارىخاننىڭ ئۆزىنى-ئۆزى ئۆلتۈرۈۋىلىشى،
رۇستەمبەگنىڭ گۈلجەننەتنى دەپسەندە قىلىش مەخسىدىدە ئاخىرقى قىتىم
ئۇرۇنىشى ۋە گۈلجەننەت تەرىپىدىن قىساس ئېلىپ ئۆلتۈرۈلۈشى قاتارلىقلار
دراممىدىكى ئاساسلىق سيۇژىت لىنىيىسى بولۇپ،درامما سيۇژىتىنىڭ
خاتىمىسى تراگىدىيىلىك يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن.مۇستەبىت زوراۋان-
لىقنىڭ مۇققەررەر يوقۇلۇپ،ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئۆز-ئۆزىگە خوجا
بولىدىغانلىقى،يېڭى دەۋرنىڭ پىداكارلىرىدىن بولۇپ چىقىدىغانلىقى
كۈچلۈك گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
     شېئىرىي درامما-دراممىچىلىقىمىزغا نىسبەتەن يېڭى باشلىنىش بو-
لۇپلا قالماي،شېئىرىي دىئالوگ،شېئىرىي تىل، ناخشا تېكىستلىرىنىڭ
لىرىكىلىق خۇسۇسىيەتكە،يارقىن خارەكتېر ئۆزگىچىلىكىگە،مىللى تۈس
ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ھەم شېئىرىي ئاھاڭدارلىققا ئىگە قىلىنغانلىقى
ئاپتورنى دراممىچىلىقىمىزدىكى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بوش-
لۇقنى مۇۋاپىقىيەتلىك تولدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە يەتكۈزگەن.
    قايناق لىرىك تۇيغۇ بالقىپ تۇرغان ،ھەر بىر دىكراتسىيە گويا نەپىس
ماي بوياق رەسىمدەك ئىختىيارسىز ھالدا كىشىگە شېئىرىي سىزىم بەخش
ئېتىدۇ.ئۇنىڭدىكى ھەر بىر كۆرۈنۈش دراممىنىڭ سيۇژىتىغا شۇنداقلا،
بەدىئىي مۇھىتقا زىچ بىرىكتۈرۈلگەچكە تاماشىبىنلارغا مول ئىستىتىك
زوق بېغىشلايدۇ....!

     2004-يىلى 6-ئاي      شەھىرى-ئۈرۈمچى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-9 16:05:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئاتا-ئانىلارغا كۆيۈنەيلى

(بالىلار ئىتوتى)

ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن


قاتناشقۇچىلار

ماھىنۇر   :13ياش،ئوقۇغۇچى؛
نۇرنىساخان: 40ياش،ماھىنۇرنىڭ ئاپىسى؛
گۈلشەن     :13ياش،ماھىنۇرنىڭ ساۋاقدىشى؛

ۋاقتى       : كۈز پەسلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى،كەچ سائەت 6لەر ئەتراپىدا،

ئورنى       : ماھىنۇرنىڭ ھويلىسى،(ھويلىنىڭ چېتىدىكى كارىۋاتقا بىر
              گىلەم سېلىنغان،ئۈستىگە بىر تاماق ئۈستىلى قويۇلغان،
             كارۋاتنىڭ بىر يېنىغا ئىدىش قويۇلغان.ماھىنۇر ئۈستەل ئال-
              دىدا ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرۈۋاتقان ھالەتتە پەردە ئېچىلىدۇ..)


نۇرنىساخان : قىزىم!ئىشقا كېچىكىپ قالدىم،خاپا بولماي قاچا-قۇچىلار-
               نى يۇيۇۋېتەرسىز...!
ماھىنۇر     :يۇمايمەن،ئۆزۈڭ يۇي...!مەن تاپشۇرۇق ئىشلەيمەن...!
نۇرنىساخان  : بۈگۈنچە سىز يۇيۇپ تۇرۇڭ،مېنىڭمۇ ھالىمغا يېتىپ
               قويسىڭىز يامان بولماس،ئاپئاق قىزىم...!
ماھىنۇر      :مۇئەللىملەر بىزگە:«بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى تولۇق ھەم
               ئەستايىدىل ئىشلەڭلار،باشقا ئىشلارغا زېھنىڭلارنى چاچ-
               ماڭلار!»-دېگەن،مەن قاچا-قۇچىلارنى يۇيسام،تاپشۇرۇق-
              لىرىمنى كىم ئىشلەيدۇ؟
نۇرنىساخان :ئۆتكەنكى ئاتا-ئانىلار يېغىنىدا،مەكتەپ رەھبەرلىرى،ئوقۇ-
              تقۇچىلار ۋەكىللىرى ھەمدە سىنىپ مۇدىرىڭلارمۇ ئاتا-
              ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈش،ئائىلە ئىشلىرىغا
              ياردەملىشىش،ئائىلىدە تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتىنى
               يېتىلدۈرۈش كېرەك،دېگەنتىغۇ؟
ماھىنۇر     :ئۇلارغۇ شۇنداق دېگەن،ئەمما كەچلىك ئىسمېنىدىن قايتىپ
              كېلىپ يۇيساڭمۇ بولىدىغۇ...؟!ئىشقىلىپ مېنىڭ ۋاقتىم يوق
نۇرنىساخان  :ئەجەبا،ئىسسىق تاماقنى تەييار قىلىپ ئالدىڭغا ئەكەلسەم
              يېيىشكە ۋاقتىڭ بار،قاچىنى يۇيۇۋېتىشكە ۋاقتىڭ يوقمۇ؟
              بوپتۇ ئەمىسە،كەچلىك ئىسمېنىدىن چۈشكەندە ئۆزۈم يۇياي،
              سەن تاپشۇرۇقىڭنى ئىشلەۋەرگىن،مەن ئىشقا كەتتىم،خوش!
              (نۇرنىساخان ئىشقا مېڭىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا،سىرتتىن گۈلشەن
               كىرىپ كېلىدۇ.)
گۈلشەن     : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ماھىنۇر ياخشى تۇردىڭمۇ ؟
ماھىنۇر     : ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،قېنى بۇياققا ئۆتە ئاداش،ئەجەپمۇ
               كېچىكتىڭ،سېنى ساقلاپ تاس قالدىم ئۇخلاپ قالغىلى.!؟
گۈلشەن      :كەچۈرگىن دوستۇم،ئاپامنىڭ مىجەزى يوق،دادام ئىشلە-
              ۋاتىدۇ،ھەدىلىرىم مەكتەپتىن ھەپتىدە بىر قېتىم كېلىدۇ،
              شۇڭا ئاپامغا تاماق ئېتىپ بېرىپ،ئاندىن يېنىڭغا كېلى-
              شىم ئاداش...!
ماھىنۇر    : تاماق ئېتىپ بېرىپ دېدىڭما...؟!
گۈلشەن     : ھەئە،قانداق،ھەيران قېلىۋاتامسەن...؟
ماھىنۇر    : راستىنلا ھەيران قېلىۋاتىمەن،مەن تېخى بايىلا ئاپامنى بىر
              مۇنچە قاقشىتىپ،ئىشقا كېچىكتۈرۈپ قويدۇم دېگىنە!
گۈلشەن     : نېمىشقا؟
ماھىنۇر     :مەن ئىشقا كېچىكىپ قالدىم،قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇۋېتىڭ،
              دەپ تاپشۇرۇقۇمنى ئىشلىگىلى قويماي،بېشىمنى ئوچاق
              قىلىۋەتتى،ئۇنىمىغانتىم،تاپشۇرۇقۇڭنى ئىشلەۋەرگىن،ئۆزۈم
             ئىشتىن كېلىپ يۇياي دەپ ،ئاران دېگەندە ئىشقا كەتتى.
گۈلشەن     :ئاداش،بۇ قىلغىنىڭ توغرا بولماپتۇ،سەن داداڭدىن كىچىكلا
              قالغان،شۇنىڭدىن بۇيان نۇرنىساخان ئاپام سىلەرنى كۆز
             قارچۇقىدەك ئاسراپ،يېمەي يېگۈزۈپ،كىيمەي كىيگۈزۈپ،
             باشقىلار ئالدىدا بويۇن قىستۇرماي چوڭ قىلىۋاتىدۇ،ھەدىلى-
             رىڭ بولسا يېراقلاردا،سەن بولساڭمۇ ئاپاڭنىڭ دەردىگە دەرمان
             بولمىساڭ بولامدۇ؟
ماھىنۇر    : ئاداش،تاپشۇرۇقنى ئىشلىمىسەم،ئەتە مۇئەللىمگە نېمىدەپ
              جاۋاپ بېرىمەن.؟
گۈلشەن     :قاچىلارنى يۇيۇۋېتىپ،ئاندىن تاپشۇرۇق ئىشلىسەڭمۇ ئۈلگۈ-
             رىسەن ئەمەسمۇ؟بۈگۈن قىلغان ئىشىڭ قەتئىي توغرا بولماپتۇ،
             ئوبدانراق ئويلىنىپ باق.!
ماھىنۇر    : (ئانىسىغا قىلغان قوپاللىقىغا خىجىل بولىدۇ.)-ئاداش،
             مەن...مەن...!
گۈلشەن     : مەن ساڭا ياردەملىشەي،قاچا-قۇچىلارنى بىرلىكتە يۇيۇۋې-
             تىپ،ئاندىن تاپشۇرۇق ئىشلەيلى،ئاپاڭ يېرىم كېچىدە ئىش-
            تىن چۈشۈپ قاچا يۇيۇمەن دەپ ئاۋارە بولمىسۇن...!
ماھىنۇر   : رەھمەت ئاداش،مەن بۇنىڭدىن كېيىن ساڭا ئوخشاش ياخشى
            ئادەتنى يېتىلدۈرىمەن...!(«ئەللەي ناخشىسى»ئاڭلىنىدۇ)
گۈلشەن    : ئىرادەڭگە قايىلمەن ئاداش،ئاتا-ئانىلارغا ياردەملىشىش
            بىز پەرزەنتلەرنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز.
ماھىنۇر    : توغرا ئېيتىسەن دوستۇم،ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەش بىزنىڭ
             بىزنىڭ بۇرچىمىز.(ئىككەيلەن ئاشخانا ئۆيگە ماڭىدۇ.مۇڭ-
             لۇق «ئەللەي مۇزىكىسى» ئىچىدە پەردە ئاستا-ئاستا يېپىلىدۇ)






بۇ «ئىتوت»تىم 2007-يىللىق «پەرۋاز»ژورنىلىنىڭ 3-سانىدا ئىلان قىلىنغان

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-17 13:19:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مەن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن...

(بالىلار ئېتوتى)

ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن

قاتناشقۇچىلار
مەرھابا.......25ياش.......ئوقۇتقۇچى
مۇنەۋۋەر.......12ياش.......ئوقۇغۇچى
رائىلە.......12ياش.......ئوقۇغۇچى
ئالىيە.......13ياش.......ئوقۇغۇچى
ۋاقتى      : يازنىڭ مەلۇم بىر كۈنى چۈش
ئورنى      :مەكتەپ ھويلىسىدىكى گۈللۈكنىڭ بىر چېتى،گۈللۈك يېنىدا
            3-4قىز ئوقۇغۇچى قىزغىن سۆزلىشىۋاتقاندا پەردە ئېچىلىدۇ.
مۇنەۋۋەر   : رائىلە ئاداش سەن بۈگۈن بىر خاتا ئىش قىلدىڭ جۇمۇ...!؟
             مەرھابا مۇئەللىمنى بۈگۈنكى ئوچۇق دەرستە نۇرغۇن مۇئەل-
             لىملەرنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراتتىڭ،ئەمدى مۇئەللىم سەندىن
             ئۆچ ئالىغان بولدى-دە...!؟
ئالىيە      : ( گەپكە ئارىلىشىپ) –مۇنەۋۋەر بۇ نېمە دېگىنىڭ؟رائىلەدە
             نېمە گۇناھ!؟ گۇناھ مەرھابا مۇئەللىمنىڭ ئۆزىدە تۇرسا...!
مۇنەۋۋەر   : نېمە...؟ مۇئەللىمدە قانداقسىگە گۇناھ بولسۇن...!؟سەنمۇ
            جۆيلىگىلى تۇردۇڭغۇ ئەمدى...!؟
ئالىيە      : ئاڭلاپ تۇر دوستۇم،مەرھابا مۇئەللىم ئالدىنقى كۈنى نۇرشات،
            گۈلپىيە ۋە ئازاتلارنى سىلەر ياخشى ئۆگىنىپ كىلىڭلار،كىلەر
            سائەتتە ئوچۇق دەرس ئۆتىمىز،سىلەردىن سورايمەن...!قال-
            غانلار كۆرۈپ قويساڭلار بولىدۇ...سىلەردىن سوراشقا بەلكىم
            ۋاقىت يېتىشمەسلىكى مۇمكىن...دېگەن تۇرسا...!يۇقارقى
             بالىلار جاۋاپ بىرەلمىسە،رائىلەدىن سورىغىنى نېمىسى...؟
             نېمىشكە رائىلەنى تەنقىتلەپ،ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ جاۋاپ
              بىرەلمىگەنلەرگە گەپ قىلمايدۇ...؟شۇنداق تۇرسا رائىلە
             مەرھابا مۇئەللىمنىڭ ساختىپەزلىكىنى ئاشكارىلىماي تۇرا-
             لامدۇ...؟
رائىلە       : بولدى تالاشماڭلار...!گۇناھ ئەسلىدىمۇ مەندە،چۈنكى،
             ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش مەجبۇرىيتى،ئۆتكەن مەزمۇنلارنى
             ئۆگىنىش ۋە تەكرار قىلىش مەسئۇلىيتى بولىدۇ. ئەكسىچە
             مەن ئويۇنغا بېرىلىپ،دەرسكە قارىماي،مۇئەللىمنى پىشقەدەم
             ئۇستازلار ئالدىدا يەرگە قارىتىپ،ناھايىتى ئەدەپسىزلىك
            قىلىپ قويۇپتىمەن...!(شۇ پەيتتە مەرھابا مۇئەللىم بۇلارنىڭ
            يىنىغا پەيدا بولىدۇ.)
مەرھابامۇئەللىم: (كۈلۈمسىرەپ)-نېمىنى مۇنازىرىلىشىۋاتىسىلەر؟
                  مۇنازىرەڭلەرگە مېنىمۇ قوشۇۋىلىشنى خالامسىلەر؟
                 (رائىلەنىڭ يىنىغا كىلىدۇ.)
مۇنەۋۋەر   : ئەلۋەتتە خالايمىز مۇئەللىم...!بىزنىڭ سۆھبىتىمىزدە
             سىزلا كەم مۇئەللىم...!
رائىلە      خىجىل بولغان ھالدا...)-مېنى كەچۈرۈڭ مۇئەللىم...!
           مەن سىزگە بۈگۈن تولىمۇ ئەدەپسىزلىك قىلىپ قويدۇم.(يۈزلىرى
          ئاناردەك قىزىرىپ ،تىرنىقىنى تاتىلاپ تۇرىدۇ...)
مەرھابا مۇئەللىم : ئۇنداق دېمەڭ سىڭلىم،مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا
          چوڭ خاتالىق سادىر قىلدىم،ۋەدەمدە تۇرالمىدىم،مېنى كەچۈ-
          رۈڭلار...!مەن بىر قىتىملىق ئوچۇق دەرسنىڭ شەكلىنىلا قوغ-
         لۇشۇپ،سۈپىتىگە،ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلالمىدىم،ئاقىۋىتىنى
         ئويلاشماپتىمەن...!شۇ سەۋەپلىك رائىلە دەل ۋاقتىدا يېتەرسىز-
        لىكىمنى كۆرسۈتۈپ بېرىپ،بۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش
        ئىشلىرىمنىڭ ساغلام ئىلىپ بېرىلىشىغا زور ياردەم قىلدى...!
        بۇ مەن ئۈچۈن چوڭ ياردەم.شۇڭا مەن سىڭلىم رائىلەگە كۆپتىن-
        كۆپ تەشەككۈر ئىيتىمەن...!رەھمەت سىڭلىم رائىلە...!
رائىلە    : (چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ...)-مۇئەللىم...سىز مەندىن
          راستىنلا رەنجىمەمسىز...؟!( ھاياجانلىنىدۇ...)
مەرھابا مۇئەللىم : (رائىلەنىڭ چېچىنى سىلاپ تۇرۇپ...)-ھەرگىزمۇ
           رەنجىمەيمەن...سىزدىن نېمە دەپ رەنجىگۈدەكمەن سىڭلىم؟
           تېخىمۇ تېرىشىپ،ياخشى ئۆگىنىڭ...بىلەلمىگەن مەزمۇنلار
           بولسا يېنىمغا كىرسىڭىز چۈشەندۈرۈپ قويۇشقا مەن ھەر
          ۋاقىت تەييارمەن...!بۈگۈنكى ئىشلارنى ئۆزىڭىزگە ھەرگىزمۇ
          يۈك قىلىۋالماڭ...بولامدۇ...؟(بۇ چاغدا مۇنەۋۋەر،ئالىيە
        قاتارلىقلارمۇ مەرھابا مۇئەللىمنى ئوراپ،بىرلىكتە ناخشا ئېيتىدۇ )

                               ناخشا
قىزلار بىرلىكتە:   تەر تۆكۈپ ئىشلىگەچ ئىشچان باغۋىنىم،
                     ئېچىلدى ئەجرىدىن خۇشپۇراق غۇنچە.
                     قىلمىسا يەڭ تۈرۈپ ئەمگەك ھەر كىشى،
                    قانداقچە سۈزۈلسۈن دېڭىزدىن ئۈنچە...!؟
                    قاراڭلار بىزمۇ شۇ باغدا غۇنچىمىز،
                   باغۋەندىن تىنىمىز ياشناپ تۇرىدۇ.
                   پۆرەكلەپ ئېچىلىپ ھايات غۇنچىمىز،
                  ئانىجان قوينۇڭدا پۇراق –چاچىدۇ...!
( مەرھابا مۇئەللىم بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ،يىراقلارغا كۆز تاشلايدۇ،
ساۋاقداشلار بوينىدىكى گلاستۇكلىرىنى ئوڭشايدۇ ۋە خۇشال ھالدا
مەرھابا مۇئەللىمگە تىكىلىشىدۇ....مۇزىكا مۇڭى ئىچىدە پەردە
يىپىلىدۇ...)

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-17 13:19:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مەن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن...

(بالىلار ئېتوتى)

ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن

قاتناشقۇچىلار
مەرھابا.......25ياش.......ئوقۇتقۇچى
مۇنەۋۋەر.......12ياش.......ئوقۇغۇچى
رائىلە.......12ياش.......ئوقۇغۇچى
ئالىيە.......13ياش.......ئوقۇغۇچى
ۋاقتى      : يازنىڭ مەلۇم بىر كۈنى چۈش
ئورنى      :مەكتەپ ھويلىسىدىكى گۈللۈكنىڭ بىر چېتى،گۈللۈك يېنىدا
            3-4قىز ئوقۇغۇچى قىزغىن سۆزلىشىۋاتقاندا پەردە ئېچىلىدۇ.
مۇنەۋۋەر   : رائىلە ئاداش سەن بۈگۈن بىر خاتا ئىش قىلدىڭ جۇمۇ...!؟
             مەرھابا مۇئەللىمنى بۈگۈنكى ئوچۇق دەرستە نۇرغۇن مۇئەل-
             لىملەرنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراتتىڭ،ئەمدى مۇئەللىم سەندىن
             ئۆچ ئالىغان بولدى-دە...!؟
ئالىيە      : ( گەپكە ئارىلىشىپ) –مۇنەۋۋەر بۇ نېمە دېگىنىڭ؟رائىلەدە
             نېمە گۇناھ!؟ گۇناھ مەرھابا مۇئەللىمنىڭ ئۆزىدە تۇرسا...!
مۇنەۋۋەر   : نېمە...؟ مۇئەللىمدە قانداقسىگە گۇناھ بولسۇن...!؟سەنمۇ
            جۆيلىگىلى تۇردۇڭغۇ ئەمدى...!؟
ئالىيە      : ئاڭلاپ تۇر دوستۇم،مەرھابا مۇئەللىم ئالدىنقى كۈنى نۇرشات،
            گۈلپىيە ۋە ئازاتلارنى سىلەر ياخشى ئۆگىنىپ كىلىڭلار،كىلەر
            سائەتتە ئوچۇق دەرس ئۆتىمىز،سىلەردىن سورايمەن...!قال-
            غانلار كۆرۈپ قويساڭلار بولىدۇ...سىلەردىن سوراشقا بەلكىم
            ۋاقىت يېتىشمەسلىكى مۇمكىن...دېگەن تۇرسا...!يۇقارقى
             بالىلار جاۋاپ بىرەلمىسە،رائىلەدىن سورىغىنى نېمىسى...؟
             نېمىشكە رائىلەنى تەنقىتلەپ،ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ جاۋاپ
              بىرەلمىگەنلەرگە گەپ قىلمايدۇ...؟شۇنداق تۇرسا رائىلە
             مەرھابا مۇئەللىمنىڭ ساختىپەزلىكىنى ئاشكارىلىماي تۇرا-
             لامدۇ...؟
رائىلە       : بولدى تالاشماڭلار...!گۇناھ ئەسلىدىمۇ مەندە،چۈنكى،
             ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش مەجبۇرىيتى،ئۆتكەن مەزمۇنلارنى
             ئۆگىنىش ۋە تەكرار قىلىش مەسئۇلىيتى بولىدۇ. ئەكسىچە
             مەن ئويۇنغا بېرىلىپ،دەرسكە قارىماي،مۇئەللىمنى پىشقەدەم
             ئۇستازلار ئالدىدا يەرگە قارىتىپ،ناھايىتى ئەدەپسىزلىك
            قىلىپ قويۇپتىمەن...!(شۇ پەيتتە مەرھابا مۇئەللىم بۇلارنىڭ
            يىنىغا پەيدا بولىدۇ.)
مەرھابامۇئەللىم: (كۈلۈمسىرەپ)-نېمىنى مۇنازىرىلىشىۋاتىسىلەر؟
                  مۇنازىرەڭلەرگە مېنىمۇ قوشۇۋىلىشنى خالامسىلەر؟
                 (رائىلەنىڭ يىنىغا كىلىدۇ.)
مۇنەۋۋەر   : ئەلۋەتتە خالايمىز مۇئەللىم...!بىزنىڭ سۆھبىتىمىزدە
             سىزلا كەم مۇئەللىم...!
رائىلە      خىجىل بولغان ھالدا...)-مېنى كەچۈرۈڭ مۇئەللىم...!
           مەن سىزگە بۈگۈن تولىمۇ ئەدەپسىزلىك قىلىپ قويدۇم.(يۈزلىرى
          ئاناردەك قىزىرىپ ،تىرنىقىنى تاتىلاپ تۇرىدۇ...)
مەرھابا مۇئەللىم : ئۇنداق دېمەڭ سىڭلىم،مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا
          چوڭ خاتالىق سادىر قىلدىم،ۋەدەمدە تۇرالمىدىم،مېنى كەچۈ-
          رۈڭلار...!مەن بىر قىتىملىق ئوچۇق دەرسنىڭ شەكلىنىلا قوغ-
         لۇشۇپ،سۈپىتىگە،ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلالمىدىم،ئاقىۋىتىنى
         ئويلاشماپتىمەن...!شۇ سەۋەپلىك رائىلە دەل ۋاقتىدا يېتەرسىز-
        لىكىمنى كۆرسۈتۈپ بېرىپ،بۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش
        ئىشلىرىمنىڭ ساغلام ئىلىپ بېرىلىشىغا زور ياردەم قىلدى...!
        بۇ مەن ئۈچۈن چوڭ ياردەم.شۇڭا مەن سىڭلىم رائىلەگە كۆپتىن-
        كۆپ تەشەككۈر ئىيتىمەن...!رەھمەت سىڭلىم رائىلە...!
رائىلە    : (چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ...)-مۇئەللىم...سىز مەندىن
          راستىنلا رەنجىمەمسىز...؟!( ھاياجانلىنىدۇ...)
مەرھابا مۇئەللىم : (رائىلەنىڭ چېچىنى سىلاپ تۇرۇپ...)-ھەرگىزمۇ
           رەنجىمەيمەن...سىزدىن نېمە دەپ رەنجىگۈدەكمەن سىڭلىم؟
           تېخىمۇ تېرىشىپ،ياخشى ئۆگىنىڭ...بىلەلمىگەن مەزمۇنلار
           بولسا يېنىمغا كىرسىڭىز چۈشەندۈرۈپ قويۇشقا مەن ھەر
          ۋاقىت تەييارمەن...!بۈگۈنكى ئىشلارنى ئۆزىڭىزگە ھەرگىزمۇ
          يۈك قىلىۋالماڭ...بولامدۇ...؟(بۇ چاغدا مۇنەۋۋەر،ئالىيە
        قاتارلىقلارمۇ مەرھابا مۇئەللىمنى ئوراپ،بىرلىكتە ناخشا ئېيتىدۇ )

                               ناخشا
قىزلار بىرلىكتە:   تەر تۆكۈپ ئىشلىگەچ ئىشچان باغۋىنىم،
                     ئېچىلدى ئەجرىدىن خۇشپۇراق غۇنچە.
                     قىلمىسا يەڭ تۈرۈپ ئەمگەك ھەر كىشى،
                    قانداقچە سۈزۈلسۈن دېڭىزدىن ئۈنچە...!؟
                    قاراڭلار بىزمۇ شۇ باغدا غۇنچىمىز،
                   باغۋەندىن تىنىمىز ياشناپ تۇرىدۇ.
                   پۆرەكلەپ ئېچىلىپ ھايات غۇنچىمىز،
                  ئانىجان قوينۇڭدا پۇراق –چاچىدۇ...!
( مەرھابا مۇئەللىم بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ،يىراقلارغا كۆز تاشلايدۇ،
ساۋاقداشلار بوينىدىكى گلاستۇكلىرىنى ئوڭشايدۇ ۋە خۇشال ھالدا
مەرھابا مۇئەللىمگە تىكىلىشىدۇ....مۇزىكا مۇڭى ئىچىدە پەردە
يىپىلىدۇ...)

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-20 10:59:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى بار ئىدى...بىراق يىل ئاخىرىدىكى ماۋۇ تۈگۈمەس ماتىريال يوللاش،باھالاشلارنىڭ كۆپلىكىدىن بىراز ئالدىراش بولۇپ قىلىپ يوللىيالمايۋاتىمەن...كىم مېنى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەپ قالسۇن دەپتىكەن...شۇڭا مېنى كەچۈرۈڭلار....!ماۋۇ ئىشلار ئۆز ئىزىغا چۈشسىلا يوللاشنى توختاتمايمەن...!رەھمەت...!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-7 18:24:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«رەھمەت»زادى كىمگە مەنسۇپ؟

(بالىلار ئىتوتى)

ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن

قاتناشقۇچىلار

خالىدە......35ياش......ئوقۇتقۇچى......پارتىيە ئەزاسى
پاتەمخان......42ياش......مەلۇم ئىدارىنىڭ تازلىق ئىشچىسى
رامىلە......12ياش......باشلانغۇچ 5-يىللىق ئوقۇغۇچىسى،پىئونىر
دىلشات......15ياش......تولۇقسىز3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى
پەرھات......15ياش......تولۇقسىز3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى
                                                                                      
ۋاقتى   :10-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كەچ،مەكتەپتىن قايتقان چاغ،
ئورنى   : مەلۇم بىر كوچا دوقمۇشى...(كوچىدا سومكا ئىسىپ كىلىۋاتقان رامىلەنىڭ
        تۇيۇقسىز يەردە تۇرغان بىر نەرسىگە كۆزى چۈشىدۇ...ئۇ دەرھال كۆزى چۈشكەن
       يەردىكى بىر نەرسىنى ئېلىۋاتقاندا پەردە ئېچىلىدۇ...)
رامىلە   : (يەردىن ئالغان پورتىمالنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ بىر قاراپ چېققاندىن كېيىن...)
        -بۇ پورتىمالنى كىممۇ چۈشۈرۈپ قويغاندۇ-ھە؟(پىچىرلايدۇ...ۋە ئىتتىك
        ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ...)-ھەي دىلشات ئاكا،پەرھات ئاكا،بۇياققا تىز كېلىڭلار،
       مەن بىر پورتىمال تىپىۋالدىم...! قاراڭلار...؟(پەرھات بىلەن دىلشات تىزلىكتە
       رامىلەنىڭ يىنىغا پەيدا بولىدۇ.)
پەرھات  : مۇنداق قىلە،كۆرۇپ باقايلى...!؟ئېچىدە نېمە باركەن...؟
دىلشات  : (تىت-تىت بولۇپ)-چاپسان بولە...؟!(رامىلە پورتىمالنى ئۇلارغا بېرىدۇ،
            پەرھات پورتىمال ئېچىنى ئاختۇرۇپ،بىر مۇنچە پۇل ۋە بانكا كارتىسىنى ئالىدۇ)
دىلشات   : (ئالدىراپ)-پۇلنى ساناپ باقە...قانچە پۇلكىن...؟!
پەرھات   : ( قولىنى لىۋىگە تەككۈزۈپ،نەمدىۋىلىپ،پۇلنى ساناپ ،كۈلۈمسىرىگەن ھالدا)
            قاراڭلار،توپ-توغرا 480يۇەن ئىكەن...!
دىلشات   : (ئەتراپقا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۇپ چىققاندىن كېيىن...)-بۇ پورتىمالنى
          تېپىۋالغانلىقىمىزنى ھېچكىم كۆرمىدى،ئۈچىمىز بۇ پۇلنى تەپمۇ-تەڭ بۆلۈ-
         شۈۋالايلى...قانداق...؟
پەرھات   : شۇنداق قىلايلى،قانداق سىڭلىم رامىلە؟
رامىلە     : ياق،بولمايدۇ.مۇئەللىم بىزگە:«ئالتۇن تىپىۋالساقمۇ كۆز قىرىمىزنى سالماي،
          ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشىمىز كېرەك...» دېگەنتىغۇ...؟
پەرھات   : قارا،ماۋۇ ئاكتىپنى...!سەن بۇ پۇلنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرسەڭ،ساڭا بىرەر
          ياخشى نەرسە بىرەمتى...؟رەھمەتكە نېمە سىتىۋالغىلى بولىدۇ...؟قاراپ تۇرۇپ
          قىينالماي تاپقان ئولجىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويمامسەن،ئەخمەق...!؟
دىلشات   : شۇ ئەمەسمۇ؟.كونىلار:«قىز بالا دېگەننىڭ چېچى ئۇزۇن،ئەقلى قىسقا» دەپ
          بىكار ئېيتماپتىكەن-دە!؟
پەرھات   : (پۇلنى ئۈچكە بۆلمەكچى بولىدۇ...)-قاراڭلار،مانا ئەمىسە...
رامىلە     : (پەرھاتنىڭ قولىغا ئېسىلىپ)-قەتئىي ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ...!بۇ نەرسە-
           كېرەكلەرنى ئىگىسىگە،ياكى بولمىسا،خالىدە مۇئەللىمگە تاپشۇرۇپ بېرىشىمىز
           كېرەك...
دىلشات    : ماۋۇ بەغەرەزنى...!تارتە قولۇڭنى...!(رامىلەنىڭ قولىنى قايرىدۇ...دەل شۇ
           پەيتتە،ئىشتىن چۈشكەن خالىدە مۇئەللىم بۇ ئىشنىڭ ئۈستىگە كېلىپ قالىدۇ.
           پەرھات بىلەن دىلشات پۇل ۋە پورتىمالنى تاشلاپ قاچىدۇ...)
خالىدە   يەردە چېچىلىپ كەتكەن پۇل ۋە پورتىمالنى كۆرۈپ،چاندۇرماستىن...)
         قىزىم رامىلە،بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسىز...؟
رامىلە   : (ھودۇقۇپ)-مۇئەللىم،بايا مەن بىر قىزىل پورتىمال تېپىۋالغان ئىدىم،مەن
        پورتىمالنى ئىگىسىگە قايتۇرايلى دېسەم،پەرھات بىلەن دىلشات مېنى ھاقارەتلەەپ،
       قايتۇرمايمىز،ئۈچىمىز تەڭ بۆلۈشىمىز،دەپ ئۇنىمىدى.قولۇمنىمۇ قايرىۋەتتى.ئۇلار
       سىزنىڭ كىلىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرۈپ،قىچىپ كېتىشتى...!(خالىدە مۇئەللىم يەرگە
       چېچىلغان پۇللارنى تىرىۋاتقاندا،ئۇلارنىڭ يېنىدا پاتەمخان پەيدا بولىدۇ...)
خالىدە  : (پۇللارنى ساناپ،پورتىمالغا سىلىپ...)-پاتەمخاچا،نەگە ماڭدىلا؟ مىجەزلىرى
          يوقمۇ-نېمە؟چىرايلىرى بىر قىسما كۆرىنىدىغۇ...؟
پاتەمخان : (ئالدىراپ)-ياق،ئۇنداق ئەمەس،سىلەرگە بىر پورتىمال ئۇچرىدىمۇ؟ئىچىدە
           480يۇەن نەق پۇل ۋە بانكا كارتىلىرى بار ئىدى...پورتىمالنىڭ رەڭگى قىزىل
           ......
خالىدە    قولىدىكى پورتىمالنى پاتەمخانغا كۆرسۈتۈپ)-ماۋۇ پورتىمال شۇمۇ...؟
پاتەمخان   : (پورتىمالنى قولىغا ئېلىپ،بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كىيىن...)-دەل ئۆزى..
            دەل مۇشۇ پورتىمال شۇ مۇئەللىم...!رەھمەت ئۆزلىرىگە...!سىلىگە قانداق
            رەھمەت ئېيتسام بولار...؟!
خالىدە    : ياق پاتەمخاچا،بۇ رەھمەتنى ماڭا ئېيتماي،ماۋۇ قىزچاققا ئېيتسىلا...!پورتى-
           مالنى مۇشۇ قىزچاق تىپىۋىلىپ ماڭا تاپشۇرۇپ بېرىۋاتقان...!
پاتەمخان   : ( كۆزىگە ياش ئىلىپ)-رەھمەت ئوماق قىزىم،رەھمەت،بەكمۇ ئوماق
            ئىكەنسىز،ئىسمىڭىز نېمە؟
رامىلە    : ئىسمىم پىئونىر،(پىئونىرلارچە سالام بېرىپ)-بۇ رەھمەت ماڭا مەنسۇپ ئەمەس،
         بەلكى،ماڭا ئوخشاش غۇنچىلارنى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇۋاتقان خالىدە
        مۇئەللىمدەك جاپاكەش ئۇستازلارغا مەنسۇپ...!
خالىدە   :ياخشى بالا دېگەن-ئەقىللىق،زېرەك بولىدۇ-دە...!؟بۈگۈن ھەقىقى تۈردە
         بوينىڭىزدىكى قىپ-قىزىل گلاستۇكقا مۇناسىپ ئىش قىلدىڭىز...!شان-شەرەپ
         سىزگە مەنسۇپ رامىلە...!؟
رامىلە   :بۇ شان-شەرەپلەر بىزگە ئاق-قارىنى،توغرا-خاتانى تونۇتقان باغۋەنلەرگە
         مەنسۇپ...!
پاتەمخان   : ( بىراز تەڭلىكتە قالغاندەك.....رامىلەنىڭ كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ،
             خالىدە مۇئەللىمگە قاراپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالىدۇ...خالىدە
             مۇئەللىم بولسا...مەغرۇر قەدەم تاشلاپ كېتىپ قالغان ئىدى...)
           -ھۆرمەتلىك مېھمانلار،سىلەر ئىيتىپ بىقىڭلارچۇ.....بۇ رەھمەت زادى
            كىمگە مەنسۇپ...؟!
           (خۇشاللىق مۇزىكىسى ئىچىدە پەردە يېپىلىدۇ...)

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-26 13:17:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


قىڭغىر يولنىڭ ئاقىۋىتى


(بىر پەردە ،بىر كۆرۈنۈشلۈك بالىلار درامىسى)


ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن


قاتناشقۇچىلار
...............
پولات......30ياش،مەكتەپ ئىتتىپاق ياچىكىسىنىڭ سىكىرتارى،ئوقۇتقۇچى.
باتۇر......35ياش،مەكتەپ ئەخلاق تەربىيە مۇدىرى..
بەختىيار....17ياش،تولۇقسىز2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى،
يولۋاس....16ياش،ئىتتىپاق ئەزاسى،تولۇقسىز 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى.
قەھرىمان....15ياش،2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى،ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى،
               ناھىيە دەرىجىلىك «مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزاسى».
مۇقەددەس....13ياش،تولۇقسىز 1-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى،ئۆگىنىش ھەيئىتى،
               ناھىيە دەرىجىلىك «ئۈلگىلىك پىئونىر»،يولۋاسنىڭ سىڭلىسى.
ئوقۇغۇچى(ئا ۋە ب)...(قىز)،بەختىيار ۋە يولۋاسنىڭ ساۋاقدىشى،جىدەلخور...

بىرىنجى پەردە 1-كۆرۈنۈش
ۋاقتى........5-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى،رادىئو گىمناستىكىسىدىن كېيىن
ئورنى.......مەكتەپنىڭ گىمناستىكا مەيدانى (بىر قانچە ئوقۇغۇچى مەيداندا ئۇياقتىن-
              بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرغان؛3،4 قىز-ئوغۇل ئوقۇغۇچى بىر يەرگە باش قوشۇپ،بىر نەرسە ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقان،مەكتەپ كانىيىدىن يەڭگىلگىنە
            «سالام سىزگە مۇئەللىم» دېگەن ناخشا لەرزان ئاڭلىنىۋاتقان پەيتتە پەردە
           ئېچىلىدۇ.....)
مۇقەددەس....(قولىدا كىتاب،بوينىدا قىپقىزىل گلاستۇك،مەيداننىڭ ئوڭ تەرىپىدىن ئاكىسى
                يولۋاسنىڭ يېنىغا كېلىدۇ...)-ئاكا،بۇ يەردە قۇرۇق گەپ سېتىپ ئولتۇر-
               غىچە،كېرىپ ئۆگىنىش قىلساڭ بولمامدۇ....؟
يولۋاس.....(بالىلار ئارىسىدىن مەغرۇر تۇرۇپ..)-كارىڭ بولمىسۇن!ھەدىسىلا ئۆگىنىش،
              ئۆگىنىش؛ئۆيدە چوڭلارنىڭ،مەكتەپتە مۇئەللىملەرنىڭ دېگەنلىرى ئازدەك،
             ئەمدى سەن قوپتۇڭمۇ؟ماڭە،بېرىپ ئۆزەڭنىڭ ئىشىنى قىل...!
مۇقەددەس...ئاكا،سەن بىلەن نېمىشقا كارىم بولمايدىكەن؟!...يەنە كېلىپ پولات مۇئەللىممۇ سېنى جىددى ئىزدەۋاتىدۇ...بىرەر ئىشى باردەكلا...!
يولۋاس...بىزنىڭ گىپىمىزنى بۆلمەي،بىرىپ دوستلىرىڭ بىلەن ئوينا...!(يولۋاس بالىلار
           توپىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ...دەل شۇ پەيتتە سولدىن بېشى تىڭىلغان قەھرىمان
          كېرىپ كېلىدۇ...)
قەھرىمان....دوستۇم يولۋاس،سىڭلىڭنىڭ دېگەنلىرى راست،سېنى پولات مۇئەللىم دەرھال
             ئىشخانىغا كىرسۇن دەيدۇ...!
ئوقۇغۇچى( ئا ۋە ب بىرلىكتە)-ئىشىڭنى قىلساڭچۇ «چىقىمچى»...ھا...ھا...ھا..
                             ( ئۇلار مەسخىرە ئارىلاش كۈلىشىدۇ...)
يولۋاس.....بۇ دېگەن«پايلاقچى» تۇرسا،بىزنىڭ ئارقىمىزدىن لالما كۈچۈكتەك ماراپ
             يۈرمىسە،پولات ۋە باتۇر مۇئەللىملەر ئىشىمىزنى قانداق بىلەتتى...؟!
قەھرىمان...يولۋاس،ئاغزىڭغا بېقىپ جۆيلىسەڭ بولارمىكىن؟!
يولۋاس....جۆيلىسەڭ....؟...ھىم!  «چىقىمچى كۈچۈك...!»،مېنىڭ مۇشتۇمۇمنى
           ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟پىشانەڭنى سىيلاپراق گەپ قىل...!(دەل شۇ چاغدا پولات
          مۇئەللىم بۇلارنىڭ يېنىدا پەيدا بولىدۇ...)
پولات.....يولۋاس،بۇ يەردە قەھرىماننى سوراققا تارتىۋاتامسەن...؟سېنى ئىزدەپمۇ تاپقىلى
            بولمايدىغان بولۇپ قالدى،بەك كەم دىدار بولۇپ قالدىڭ،تۈنۈگۈن چۈشتىن
كېيىن نەگە باردىڭ؟
يولۋاس....تۈنۈگۈن...؟-ھە،دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بىر ئىش بىلەن بارغان...!
پولات....كىم بىلەن؟
يولۋاس...بەختىيار بىلەن بارغان،نېمە دەپ دېسىڭىز،تېلىۋىزوردا يۇقۇرى ئەمەلدارلاردىن
           تارتىپ ئوقۇتقۇچىلارغىچە،ھەتتا ئىشچى-دېھقانلارغىچە بىز ئوقۇغۇچىلارغا
كۆڭۈل بولىدىغان بىرەر كىشى بولمىغاچقا،ھەدىسىلا،بىزنى ئۇنداق قىلمىدىڭ،
مۇنداق قىلمىدىڭ دەپ ئەيىپلەشنىلا بىلگەچكە زىرىكىپ بارغان ئىدۇق...!
پولات...ئۇنداق بولسا،قەھرىماننى نېمە دەپ ئۇردۇڭ؟
يولۋاس...ھە دېسىلا بىزنى مۇئەللىملەرگە چاققانلىقى ئۈچۈن ئۇردۇم،دېمىسىمۇ شۇنداققۇ؟
پولات...بۇ قىلغىنىڭ سېنىڭچە توغرىمۇ؟ساڭا ياخشى بولسۇن دەپ،مەسئۇل بولغانلىق
         گۇناھمۇ؟ قەھرىمان سىلەر بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيسىلەر،يەنە كىلىپ ئۇ بىر ياخشى
ئوقۇغۇچى،سىلەر بىرەر خاتا يولغا كىرىپ قالساڭلار ئۇمۇ ئازاپلىنىدۇ...بىراق سىلەر
خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق سادىر قىلغان تۇرۇقلۇق ،يەنە تۆۋە قىلىش ۋە تۈزىتىش
ئۇياقتا تۇرسۇن،تاكرار مەسىلە سادىر قىلىپ كەلدىڭلار...ئۇنىڭ ئۇستىگە يولۋاس،
سەن بىر مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزاسى تۇرۇقلۇق باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشنىڭ ئورنىغا،باشقىلارغا يامان تەسىر بېرىپ كەلدىڭ...قېنى سېنىڭ«ئىلغار ئىتتىپاق
ئەزاسى»دېگەن شەرەپلىك نامىڭ...؟!
مۇقەددەس...نېمە،قەھرىماننى ئۇردۇڭمۇ؟مۇئەللىملەر بىزگە:«چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ،
            كىچىكلەرنى ئىززەتلەڭلار؛ياخشىلاردىن ئۆگىنىپ،ئاجىزلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛
           ئۆزۈڭلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ،ناچارلاردىن ئىبرەت ئىلىڭلار...»دېگەن
          ئەمەسمىدى...؟!بۇ نېمە قىلغىنىڭ ئاكا...!؟(بۇ چاغدا ئوقۇغۇچى ئا ۋە ب لار
         غىپپىدە تېكىۋىتىدۇ...)ئەمدى ئاتا-ئانامغا،مۇئەللىملىرىڭگە ۋە ساۋاقداشلىرىڭ-
         غا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىسەن...؟قالدۇرغان دەرسلىرىڭنى قانداق تولۇقلايسەن...؟
يولۋاس...(تىلى كالۋالىشىپ..)-مۇ...ئە..ئەللىم...خاتا قىپتىمەن...!
مۇقەددەس...(سەل جىددىيلىشىپ...)-مۇئەللىم...ئاكام...!؟
پولات.....ئاكىڭىز  بەختىيارنىڭ كەينىگە كىرىپ،كۆپ قېتىم جەمئىيەتتىكى يامان بالىلار بىلەن ئارىلىشىپ،جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش نىزامى ۋە ئوقۇغۇچىلار قائىدىسىگە خىلاپ مەسىلەرنى سادىر قىلىپ كەلدى،ئەقەللىسى،بىر ئىتتىپاق ئەزاسىدا بولۇشقا تىگىشلىك مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيتىنى يوقاتتى...(بىر چەتتە
          تۇرغان بەختىيارنىڭ چىكە چاچلىرى دىڭ تۇرۇپ...)
بەختىيار...پولات مۇئەللىم،ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ...مەن يولۋاسلارنى ئەسكى ئادەم قىلىپ
           قويدۇممۇ؟خەپ يولۋاس...خەپ يولۋاس....خەپ قەھرىمان...سەنلەرنىڭ
كۆرىدىغان كۈنلىرىڭ ئالدىڭدىغۇ تېخى...! يولۋاس،سەن بىر توخۇ يۈرەك،
قورقۇنچاق بىر نېمىكەنسەن..!كۆرۈپ قويدۇم سېنىمۇ...!مۇئەللىملەرمۇ ئىككى
گەپنىڭ بىرى بولسا مەن قەھرىماننى ئېغىزغا ئالماي قالمايدۇ...!قەھرىمانغا
ئوخشاش سولتەكلەرنىمۇ كېيىن كۆرىمىزغۇ...!؟ھەممىڭ يىپى ئۆزىدىن تەخسىكەش،چىقىمچى،ئىككى يۈزلىمىچى بىر نېمىلەر ئىكەنسىلەر...!(بۇ چاغدا
باتۇر مۇئەللىم بۇ بەس مۇنازىرە ئۈستىگە پەيدا بولىدۇ...)
پولات....(بەختىيارنىڭ گىپىنى بۆلۈپ...)-بولدى بەس...!قالغان گەپلەرنى نەق مەيداندا باتۇر مۇئەللىمنىڭ ئاڭلىساڭلار كۇپايە...(مەيداندىكى بالىلار رەتلىك
           تىزىلىپ تۇرىدۇ...)
باتۇر...(يانجۇقىدىن چوڭ تامغۇرلۇق بىر ۋاراق قەغەزنى چېقىرىپ...)-ساۋاقداشلار،
          دىققەت قىلىڭلار...! بۈگۈن ئەتىگەن مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى،مەمۇرىيىتى
         جىددىي يېغىن چاقىرىپ،بەختىيار بىلەن يولۋاسنىڭ مەسىلىسىنى تۆۋەندىكىدەك
         بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقاردى:
      (1) بەختىيار ئەر،ئۇيغۇر،17ياش،مەكتىۋىمىزنىڭ تولۇقسىز 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى.
      ئۇ كۆپ قىتىم باشقىلارنىڭ پۇل ۋە ماددىي بۇيۇملىرىنى ئوغۇرلاپ،ج خ تارماقلىرى
     تەرىپىدىن بەش قىتىم جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرە قىلىنغان ھەم مەكتەپ ئارىغا چۈشۈپ
    ئۇنى تەربىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىۋىلىش مەقسىدىدە ،مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كەلگەن
    بولسىمۇ،ئۇ تۆۋە قىلماي،يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەپتەر ،قەلەم ،سومكىلىرىنى ئوغۇرلىغان
    ئۇنىمۇ ئاز دېگەندەك،يېقىنقى مەزگىلدە  يولۋاس بىلەن بىرلىشىپ زاۋۇتلاردىن 40كلو
    ئاليۇمىن،مىس ئوغۇرلاپ ئىنتايىن يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلغان،بىر قانچە ئوغۇل-قىز
   ساۋاقدىشىنى ئازدۇرۇپ،يامان يولغا باشلىغان.تەكشۈرۈش جەريانىدا توپلىغان پاكىتلارغا
   ئاساسەن،بەختىيارنى دەرھال ئوقۇشتىن توختىتىپ،ماتىريالىنى ج خ ئىدارىسىگە يوللاشنى
قارار قىلدۇق.
  (2) يولۋاس ئەر،ئۇيغۇر،16ياش،ئىتتىپاق ئەزاسى،تولۇقسىز 2-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى.
     ئۇ يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىش بىلەن تەڭ ئىددىيەدە قاتتىق ئۆزگۈرۈپ،بەختىيارغا
ئوخشاش بىر تۈركۈم بالىلارغا ئەگىشىپ،بىر قىسىم ئوغۇرلۇق ئەنزىسىگە چېتىشلىق
،ئۇنىڭ ئۈستىگە ساۋاقدىشى قەھرىماننى ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرگەن.تەكشۈرۈش جەريانىدا مەسىلە تاپشۇرۇش پوزىتسىيىسى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا،مەكتەپ مەمۇرىيىتى قايتا-
قايتا ئويلۇشۇش ۋە مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق «ئىتتىپاق ئەزالىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىپ، بىر مەۋسۇم مەكتەپتە قالدۇرۇپ سىناش  جازاسى بېرىش قارار قىلىندى...،
           مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى
          مەكتەپ مەمۇرىيىتى
       مەكتەپ ئەخلاق تەربىيە ئىشخانىسى
      مەكتەپ ئىتتىپاق كومېتىتى
      مەكتەپ قوغداش بۆلۈمى
                1989-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى
        (بۇ قارارنى ئاڭلىغان بەختىيار بىلەن يولۋاس ساۋاقداشلىرى ئالدىدا غال-غال
         تېترىشىپ،نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قىلىشتى...مەكتەپ كانىيىدىن يەڭگىل ھەم
        مۇڭلۇق بولغان«مېھرىبان ئانام» دېگەن ناخشىنىڭ  مۇزىكىسى ياڭرايدۇ...)
مۇقەددەس...(ئاكىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ، بىئارام بولغان ھالدا...)-ئاكا...ئەمدى
قەددىڭنى رۇسلا...مەكتەپ ۋە مۇئەللىملىرىمىز ساڭا بەرگەن بۇ پۇرسەتنى
قەدىرلە...ئەسلىدىكى«ئەقىللىق يولۋاس»قا ئايلانغىن...!ئۆزەڭگە ئىشەن...!
جېنىم ئاكا،مەن ساڭا،
تەربىيە بەرسەم سىلكىدىڭ.
بىر شەرەپلىك نامىڭنى،
مانا شۇنداق بۇلغىدىڭ...!
يولۋاس..........
پۇشايمان ئىلكىدە قالدىم،
كەچۈرگەي كىم گۇناھىمنى؟
ئەجەپ بىلمەپتىمەن باشتا،
پۇشايمانغا قالارىمنى...!

بەخت ئىزدەپ نادانلىقتا،
ۋاپاغا مىڭ جاپا قىلدىم.
بەخت ئۆزى ئىلىم-پەنكەن،
«ئۇنىڭسىز ھايات يارا-بىلدىم...»

ۋاقىت ئالتۇن غەنىمەتتۇر،
ئۇستاز ئەجرى قىممەتتۇر.
پۇشايماننى چۆرۈپ تاشلاپ،
تاپاي ئۇندىن ھېكمەت-نۇر...

(مۇزىكا ئاستا-ئاستا پەسىيىپ پەردە يېپىلىدۇ...)

1989-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى   ئۈرۈمچى


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-3 17:45:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللاپ تۇردۇم بالىلار ئۈچۈن،
ئۇلار بىلەن سىرداش بولاي دەپ...!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-4 16:05:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ناغرا ئاۋازى

(ئىككى كىشىلىك لەپەر)


ئاپتورى:تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن


             (ساۋاقداش ب سومكىسىنى ئاسقان ھالدا كېتىۋاتقاندا،ساۋاقداش ئا بىلەن    ئۇچرۇشۇپ قالىدۇ...)
ئا :...دوستۇم توختاش،توختا...،قاياققا ماڭدىڭ ؟
ب :...بىر سېھرى كۈچنىڭ تۈرتكىسى بىلەن گۈزەل باغچامغا...!
ئا :...باغچامغا؟...سەن يەسلى بالىسىمىدىڭ؟
ب :...نېمىلەرنى دەيدىغانسەن مەتداش،مەكتەپكە ماڭدىم،مەكتەپكە...!
ئا :...نېمىشقا بۇنچىۋالا ئەتىگەندە ماڭدىڭ...؟
ب :...بۈگۈن سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتمەكچى ئىدۇق،شۇڭا...
ئا :...سەنئەت نومۇرلىرىنى...؟
ب :...ھە..ئە....سەنئەت نومۇرلىرىنى...!
ئا :...مۇنداق دە...ئۇنداقتا سەن قايسى نومۇرنى تەييارلىدىڭ؟
ب :...ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر مۇزىكىسى«ناغرا ئاۋازى»نى تەييارلىدىم.
       قارا ئاداش،ناغرا-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن بىرى بولۇپ،
       ئۇزاق تارىخىي جەريانلارنى ئۆز بېشىدىن كۆچۈرۈپ،ئەنئەنىۋىيلىكى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شانۇ-شۆھرىتىنى دۇنياغا تونۇتقان،خەلقىمىزنىڭ توي مۇراسىملىرى،
       سەنەملىرى،ھېيت-ئايەملىرى مانا مۇشۇ ئەنئەنىۋىي چالغۇ سازىمىز بىلەن كۆڭۈللۈك
       ئۆتكۈزىلىدۇ ئەمەسمۇ؟!
ئا :...(كۆڭلى سۆيۈنگەن ھالدا...)-نېمە بىلەن تەييارلىدىڭ...؟
ب :...ئېغىز ناغرىسى،قول چوكىسى بىلەن....!
ئا :...قىززىق گەپ قىلىدىكەنسەن توختاش،ئېغىزدا قانداقمۇ ناغرا چالغىلى بولسۇن...؟
ب :...بۇ ناھايىتى ئاسان مەتداش،كۆڭۈل قويساڭلا ئۆگىنىپ كېتەلەيسەن...!
ئا :...قىنى،ئۆزەڭ ئېيتقاندەك،ماھارىتىڭنى بىر كۆرسۈتۈپ باقە،كۆرۈپ باقاي...؟!
ب :...ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپ،مەكتەپكە كېچىكىپ قالمامدىم...؟
ئا :...ئورۇنلاپ بەر دىسەم ئەمدى ،ھال پەيدا بولدى ساڭىمۇ...ئاغىنە دېگەن سەندەك بولامدۇ؟...خەپ....!
ب :...ئۇنداق بولسا ئاڭلاپ تۇر ئەمىسە...(«نوزۇگۇم»غا چېلىشقا باشلايدۇ...)
ئا :...توختاش،ھۈنىرىڭ قالتىسقۇ...؟(خۇشاللىقىدا سەكرەپ كېتىدۇ...)-ئەمدى
        «دولان مەشرىپى»گە چېلىپ باقە...؟
ب :...بولىدۇ مەتداش...(ھەركەتلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ«دولان مەشرىپى»گە چالىدۇ)
ئا :...ياخشى،ناھايىتى ياخشى...ئەمدى«قەشقەر ساماسى»غا.........
ب :...پەرمان بەردارمەن،(يېقىملىق «قەشقەر ساماسى»غا چېلىشقا باشلايدۇ...)
ئا :... ئەمدى «ئېلى سەنىمى»گە.........
ب :...(لەرزان ھالدا تەمكىن تۇرۇپ،«ئېلى سەنىمى»گە چېلىشقا باشلايدۇ...)
ئا :...(قاتتىق ھاياجانلىنىدۇ...)-كۆردۈڭلارمۇ قىرىنداشلار...بىزنىڭ يېقىملىق بۇ
       ناغرىمىزنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازىنى...؟...دوستۇم،ماھارىتىڭگە بارىكاللا،ساڭا
      كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر.....!
ب :...سەنمۇ ئۆگىنىشنى خالامسەن...؟
ئا :...ئىنتايىن خالايمەن،توختاش...!
ب ۋە ئا (بىرلىكتە) :...«قىيىن ئىش يوق ئالەمدە،كۆڭۈل قويغان ئادەمگە...»!
        (توختاش بىلەن مەتداش كۈلۈمسىرىگەن ھالدا يەڭگىل ناغرا مۇزىكىسى ئىچىدە دكلىماتسىيە  قىلىدۇ...)
ب،ئا :...      ئانىجان قاراپ باق قوينۇڭغا شۇتاپ،
                 ناغرىمىز ئاۋازى يەتتى پەلەككە...!
                 ئاق سۈتۈڭ ۋە ئەجرىڭ بەردى كۈچ-قۇدرەت،
                تېنچلىق سۆيگۈسى تولدى يۈرەككە...!

  (ئۇلار پىئونىرلار سالىمىنى بېرىدۇ،پەردە يېپىلىدۇ...)



@ بۇ لەپەر 1988-يىلى 11-ئاينىڭ 28-،29-ۋە 30-كۈنلىرى «شىنجاڭ تىلىۋىزىيە
    ئىستانسىسى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئوتتۇرا –باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ
  «غۇنچە مۇكاپاتى» دراما،ئېتوت ۋە لەپەر مۇسابىقىسىدە 3-دەرىجىلىك ئىجادىيەت ۋە
ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن...

ۋاقتى: 2014-3-4 16:25:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇژغۇن ئەپەندىمنىڭ بالىلار ئۈچۈن قىلغان سەمەرىلىك ئەمگەكلىرى كىشىنى چەكسىز سۆيۈندۈرىدىكەن. ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت يولى تېخىمۇ خەيرلىك بولغاي!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-6 15:37:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت پروزان...

ۋاقتى: 2014-3-17 11:18:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دراماتورگىيە ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىدىغانلار، مېھنەت سىڭدۈرىدىغانلار تولىمۇ كەمچىل بولۇۋاتقان، ئۇيغۇر درامىچىلىقى تاتلىق ئەسلىمىگە، يىراق ئەفسانىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ ساھەگە گۈل چەككەنلەرنى ئۆزۈم تەبرىكلەيمەن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-17 12:30:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئالفتۇغ....ئىلھاملىرىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم...!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-7 16:12:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇڭلانمىسام مۇڭلۇق كۈيلەردىن،
نە لەززىتى ھاياتنىڭ ماڭا؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش