ئىككىنچى پەردە:
ۋاقتى:ئالدىنقى كۆرۈنۈشتىن بىر ھەپتە كېيىن...
ئورنى:رۇستەمبەگنىڭ رەڭدار نەقىشلەنگەن شىپاڭ ئورنىتىلغان باغچىسى.(بەگنىڭ بېغىدىكى ئالاھىدە نەقىشلەر بىلەن ياسالغان شىپاڭ ،ئەتراپىدا ھەر خىل گۈللەر ۋە باغنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.شىپاڭدىكى يوغان سۇپىغا رەڭدار گىلەملەر سىلىنغان،كۆپە ئۈستىدە ياستۇققا تايانغان بەگ
ئايالى بىلەن سۆھبەتتە.)
پەردە ئېچىلىدۇ.
رۇستەمبەگ :بۇ گادايلەر بىزەڭلەشتى كۈندىن-كۈنگە،
ھە دىسىلا گەپ بەرمەيدۇ زادى بىزگە...!
«مەن ئالدىرايمەن ماڭغىلى،ئىشىكىم ئالدىرايدۇ ياتقىلى...».
شەنجاڭنىڭ كىسىلى بارغانسىرى ئېغىرلاشتى،دىمىسىمۇ ئۆلەر ۋاقتى
يېقىنلاشتى.ئالۋاڭ-سېلىقنىڭ پۇللىرىنى ۋاقتىدا يېغىپ نەخلەشتۈرۈپ،
كۆپەيتىپ سالغىنىمىز بىلەن ئىشىندىسىنى بىرلەشتۈرۈپ؛بۇنىڭغا ئۆي-
دىكى تىللادىن بىر بۆلۈك قوشسام،ۋالىي جاناپلىرىغا سوغات قىلسام،
ۋالىي جاناپ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلسا،ئەجەپ ئەمەس شەنجاڭلىققا تەيىن قىلسا...!
رۇخسارىخان : ئۇلارنىڭ نەپسى بەكمۇ يامان،
ۋەدىسىدە تۇرامدۇ-تۇرمامدۇ بۇ بىر گۇمان.
رۇستەمبەگ : ئەگەر راستىن ئەمەل قىلسا ۋەدىسىگە،
يەنىمۇ بار تىللا-ئالتۇن خەجىسىگە...
رۇخسارىخان : ئۇنداق دەپ ھەممىنى تۈگەتسەك بولماس،
ۋالىيلىرى ۋەدىسىدە تۇرماي قالسا،
ھاكىملىق ئۆزلىرىگە تەگمەي قالسا،
سوغات قىلغان تىللالارنى قايتۇرۇپ ئالغىلى بولماس...!
رۇستەمبەگ : شۇنداقلىغى شۇنداق خوتۇن،غەم يېمىگىن،
شۇ چاغدىمۇ يەنە مەن بار ئەنسىرىمىگىن.
كانايچىدىن يەل كېتىدۇ،رۇستەمبەگتىن قامچا،
قامچىنىڭ سېپى سۇنمىسا،يەنە كېلىدۇ ھەر تەرەپتىن ئاقچا...!
رۇخسارىخان : سىلى شەنجاڭ بولسىلىغۇ...ئۇ چاغدا مەنمۇ...!
رۇستەمبەگ : ھە...مۇنداق دېمەمسەن خوتۇن...!؟
ئۇ چاغدا سەنمۇ مېنىڭ يېنىمدا پەيتۇندا ئولتۇرۇپ،
ھەيۋەت بىلەن شەھەر ئايلىنىسەن،بايلىق غولدايدۇ سانسىز،
رۇستەمبەگنىڭ ئېلكىدە...!تازا قىنىپ سۇ ئېچىمەن شۇ چاغ خەلق
يېلىكىدە.....ھا...ھا...ھا...!
(شۇ پەيتتە رەجەپ كېرىدۇ...)
رەجەپ : بىگىم ئاتنى توقۇپ قويدۇم،يايلىنى تاراپ،
ئىككى كىشى ساقلاپ تۇرىدۇ،ئۆزلىرىگە قاراپ.
رۇستەمبەگ : ئاق توقايدا بىر جىدەل بار بېرىپ كىلەي،
ئۆكتەملەرنىڭ ئەدىۋىنى بىرىپ كىلەي...!
(رۇستەمبەگ بىلەن رەجەپ چېقىپ كېتىدۇ،ئابدۇللا بىلەن ۋاسىل قارى كېرىدۇ...)
ۋاسىل قارى : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رۇخسارىخىنىم...؟
رۇخسارىخان : ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام...! كەلسىلە داموللام،
كۆڭلىمىزنىڭ ئەينىكىدە بار موللام...!
ۋاسىل قارى : (ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىپ بولغاندىن كېيىن…)-تىنجى-ئامان تۇرۇشتى-
لىمۇ رۇخسارى خىنىم…؟!
رۇخسارىخان : (غەمزە بىلەن)-دۇئالىرىنىڭ بەرىكاتىدىن ئوبدان تۇردۇق،ئۆزلىرىنىمۇ
دىلىمىزدا ياد قىلىپ تۇردۇق.
ۋاسىل قارى : رەھمەت خىنىم،دىللىرىدا ئەلۋەتتە بىز،
ئۆزلىرىگە ئىشەنچىمىز تاغدەك ئىگىز…!
رۇخسارىخان : بالام ئابدۇللاجان،داموللامغا چاي ئېلىپ چېققىن…!
ۋاسىل قارى : خوش-خوش خىنىم،بىز ھازىرلا تاماق يىگەن، ئۆز ئۆيىمىز ئەمەسمۇ!؟
…يىگەن،ئېچكەن…
رۇخسارىخان : بالام ئابدۇللاجان،رەجەپ ساڭا ئات توقۇپ بەرسۇن،زەيدىن سەن بىلەن
بىللە بارسۇن…داداڭنىڭ قارچۇغىسىنى ئېلىپ چېقىپ قۇشلاپ ئويناپ
كەل بالام.مەدىرىستە ئوقۇۋىرىپ زېرىككەنسەن جىنىم قوزام…!؟
ئابدۇللا : ماقۇل ئاپا،ئۇنداق بولسا ماڭا قارا ئاتنى توقۇپ بەرسۇن…!
رۇخسارىخان : ماقۇل ئوبدان بالام،سەن نېمە دىسەڭ شۇ…!جىنىم قوزام…!رەجەپ…
ھوي رەجەپ…؟!
رەجەپ : (كېرىدۇ…)-خوش خىنىم…؟
رۇخسارىخان : سەن ھازىر چېقىپ،زەيدىننى چاقىرىپ قوي،ئابدۇللاجان قارچۇغا قۇشلاپ چېقىدۇ.سەن تاشقارقى ھويلىنىڭ دەرۋازىسى يېنىدا تۇرۇپ، بۇ قېتىمقى ئاغامچىلارنى پىششىقلاپ تولاپ قىتىپ قوي…!
رەجەپ : خوپ…(چېقىپ كېتىدۇ…)
ئابدۇللا : ئاپا،زەيدىنگە ئوبدانراق نەسىھەت قىلىپ قوي،مېنى بوزەك قىلمىسۇن.
رۇخسارىخان : ماقۇل بالام،خاتىرجەم بول…!
ۋاسىل قارى : بوزەك بولما،ئۇ ساڭا قۇل…!
زەيدىن : (كېرىدۇ.)-مېنى چاقىرتىپتىكەنلا خىنىم...خىزمەتلىرىگە تەييارمەن ،نېمە خىزمەت بۇيرىسىلا پەرمان بەردارمەن...!
رۇخسارىخان : سەن ئابدۇللاجاننى قارچۇغا قۇشلۇتۇپ كەل.!كۆڭلىنى رەنجىتىپ ،چېقارما جىدەل...!
زەيدىن : خوش خىنىم،شەرتلىرىنى شەرتسىز ئورۇندايمەن...ئابدۇللاجاننىڭ كۆڭلىنى ھەرگىز ئاغرىتمايمەن...(چىقىپ كېتىدۇ...)
رۇخسارىخان : رەنجىمەيلا داموللام،ئوغلۇمنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ كىرەي...!
ۋاسىل قارى : يوغسۇ خىنىم،يوغسۇ...!(رۇخسارىخان ئوغلىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ ،ۋاسىل قارى ئەتراپنى كۈزۈتىۋىلىپ كۆرەڭلەيدۇ...)-ئايال كىشى ئەزەلدىن كېلىدۇ ئەخمەق،
ناھايىتى ئاسان بۇنىڭدىن مەنپەئەت ئالماق...بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىش كېرەك پىسقى پۇچۇرەت،مېنىڭدە بار بۇنىڭغا ھەرقانداق قۇدىرەت...!
پەيدا قىلىپ ئارىلىقتا جىدەل-ماجرا تېرىۋىتەي...
ھەممىسىنى رەددىيېدەل ،غەيۋەت-شىكايەت،جىدەل-ماجرا ھەممىنى بۇزىدۇ،ئۈزۈلمىگەن ھەرقانداق رىشتىنىمۇ ئاخىر ئۈزىدۇ.ئۆلتۈرىمەن رۇستەمبەگنى شۇنداق قىلىپ،ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا جىدەل تىرىپ.ئاخىرىدا مەن ئالىمەن بۇ خىنىمنى،ئاستا-ئاستا ھاسىل قىلاي مەخسىدىمنى.ئاقىۋەتتە يۇرتقا ئۆزەم بولىمەن
بەگ يا قازىم،ئۇ چاغدا ھەممىسى باش ئىگىپ ،ماڭا قىلىدۇ تازىم.شادلىغىمدىن ھايات تۇرۇپ جەننەتنى كۆرىمەن،ئاي...ھا...يت...!
بۇ چاغدا قامچامنى ئوينۇتۇپ راسا دەۋران سۈرىمەن...!(ئۆزىچە روھلۇنۇپ كېتىدۇ،،،شۇ ئەسنادا رۇخسارىخان كېرىدۇ...)
رۇخسارىخان : ئۇزاتتىم داموللام تالىپلىرىنى،جىگىرىم پارىسى شاگىرتلىرىنى...!
ۋاسىل قارى : قىرىق خىچىرغا يۈك بولارمىش خوتۇنلارنىڭ ھېلىسى،
ئۆزلىرىدە بار مىڭ كىشىلىك پاراسەتنىڭ ھەممىسى...!
رۇخسارىخان : (ۋاسىل قارىنىڭ تىزىدا ئولتۇرۇپ...)-ھېلىسى يوق سىلى ئۈچۈن يۈرەك مىڭ پارە،سىغىنغاندا كەلمىسىلە مەندە نە چارە...؟!(ۋاسىل قارى ئەركىلىتىپ...)
ۋاسىل قارى : ئەي مېنىڭ رۇخسارەم،ئايدەك جامالىڭ،
كۆيەرمەن ھېجرىڭدە،شەھلا كۆزۈڭگە.
نېمە دەپ بۇيرىساڭ سەندە خىيالىم،
ھەر قاچان ماقۇل...!دەپ،كېردىم سۆزۈڭگە.
ھەسسىلەپ ئاشماقتا ساڭا چىن ئىشقىم،
غەمزەڭدىن كۆزۈڭدە چاقنايدۇ بىر ئوت.
ھېچ قىنىپ ئۆتمىدى،تەشنا يۈرۈگۈم،
نازلىرىڭ ئاقىۋەت قىلامدۇ –نابۇت...؟!
سۈپ-سۈزۈك ئاسماندا چاققاندەك چاقماق،
بىگىم بولدى خۇدىنى بىلمەستىن ئەخمەق.
ئېچىۋاتقان ئىشىمىزغا توپا سالماقچى...
يىقىندا سىز بىلەن مەن جۇدا بولماقچى...!؟
رۇخسارىخان : ۋىييەي...داموللام،قانداق گەپ بۇ...؟قاراپ تۇرۇپ ئاداشقاندەك سۆزلەيلا...؟!
ۋاسىل قارى : بىلمەيسىز،رۇستەمبەگ ھەددىدىن ئاشتى،بۇزۇلدى نىيىتى،قاينىدى
تاشتى...!قويماقچى يېقىندا سىزنى تالاق دەپ.بۇ ئۆينى تۇتقىلى جىسا بىگىمنىڭ قىزى ياماشتى،ئۆزىڭىزنى ئوبدان جايلاڭ،پەقەت غەم يېمەڭ،لېكىن بۇ گەپ-سۆزنى ھەرگىز مېنى دىدى دېمەڭ...!ئاغزىڭىزنى چىڭ تۇتمىسىڭىز تاپىسىز بالا،بۇنى پەقەت دېمىسىڭىزياخشىراق بولا...!ئالتۇن،كۈمۈش،پۇل-پىچەكنى ئوبدان جايلىمىسىڭىز،سىغدۇرالمايسىز ئارزۇ-ئارماننى،يىغلايسىز،قاخشايسىز،
كەتكىنى كەتكەن.ئالغىلى قاچا تاپالمايسىز پۇشايماننى.يەنە تېخى نەچچە يەردە بىگىمنىڭ ئاشنىسى.ھايا قىلماي ماڭىدۇ،چۈشۈپ قالسىمۇ كەشىنىڭ پاشنىسى...گۈلجەننەت دەپ بىر گاداينىڭ قىزىنىمۇ ئەكەلمەكچى...ھېچ بىلمىدىم،بۇ بىگىم ئاقىۋەتتە نېمە بولماقچى...؟!
رۇخسارىخان : ۋاي...ئىست! قانداق قىلاي بۇ دەردىمنى،بۇزامدىكەن،نەچچە يىللىق ئەقىدەمنى...؟
نېمە ئۈچۈن قىلىدىكەن يامان خىيال...تازا ئوبدان بىر كۆرسىتەي مەن ئۆزەمنى...!
ۋاسىل قارى : بۇ ئىشلارنى يۈزىگە سالماي،ئاگاھ بولۇڭ،
چاندۇرماستىن ئىشىڭىزغا پۇختا بولۇڭ.
تەڭ تۇرسىڭىز بىگىم قىلىدۇ زۇلۇم-جازا،
پەخەس بولۇڭ،جىنىڭىزغا يەتمىسۇن –قازا...!؟
(ئات كىشنەيدۇ،بەگنىڭ رەجەپنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ،رۇخسارىخان قېچىپ چېقىپ كېتىدۇ،ۋاسىل قارى ياستۇققا باش قويۇپ ئۇخلىغان بولىۋالىدۇ،بەگ كېرىدۇ...)
رۇستەمبەگ : بەللى-بەللى داموللام...!نەگە بارسام شۇ يەردە بار موللام.ئۇخلاپ كىتىپتىلا ئۆزلىرىنى خۇداغا تاشلاپ،بىزنىڭ شىپاڭ ...ھەرەمباغدا راسا يانپاشلاپ.!(ۋاسىل قارى كۆزىنى ئۇۋۇلاپ،ئورنىدىن تۇرۇپ، بىگىمگە تازىم قىلىدۇ...)
ۋاسىل قارى : (تەكەللۇپ بىلەن ئولتۇرۇپ...)-خوش بىگىم،كۆزلىرىنىڭ گۆھىرى ئابدۇللاجان بىلەن بىللە كېلىۋىدىم،
رۇستەمبەگ : (ۋاسىل قارىنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ.)-ھە....ئۇنىڭ ئوقۇشى قانداقراق؟
ۋاسىل قارى : ياخشى بىگىم،ناھايىتى ياخشى...!قۇرئاننى تاماملىدى،ئەمدى...(رەجەپ كېرىدۇ...)
رەجەپ : بىگىم،مەنسۇر دوغام تۆت ئادەمنى باغلاپ ئىلىپ كەپتۇ...!؟
رۇستەمبەگ : ئىلىپ كىرسۇن...!
رەجەپ : خوپ...!(چېقىپ كېتىدۇ،مەنسۇر دوغا؛راشىدىن،مەتنىياز قاتارلىق تۆت دېھقاننى
ھەيدەپ كېرىدۇ...)
مەنسۇر : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىگىم،...ئالدىلىرىغا...ئى...ىھ..ئىھى...ئى..ىھى...!
ماۋۇ كۆك بۆرەك مۇتىھەملەرنى ئىلىپ كەلدىم.بىگىم...ئىھىي...ئىھى...
رۇستەمبەگ : ھە .. .!نېمە قىلدى بۇ ئوغرىلار...؟!
مەنسۇر :نېمە قىلاتتى بىگىم،بۇ قىتىمقى ئىككى سىلىقنىڭ ھېچقايسىسىغا بىر پۇڭ
تاپشۇرمىدى،نەچچە قېتىملىق سۈيلەشكە پىسەنت قىلمىدى.سۈيلەپ بارسام
گەپتانلىق قىلىپ ئاغزىمنى ئاچۇرمىدى.ماۋۇ قەلەندەر(گۈلجەننەت تىككەن
بادام دوپپا چىرايىغا تازا ياراشقان مەتنىيازنى كۆرسۈتۈپ...) قامچامغا
ئېسىلىپ،ھۆررىگىنى قوپۇرىۋاتىدۇ.ماۋۇ رودىپاي(راشىدىننى كۆرسۈتۈپ.)-
ئۆكتەملىك قىلىپ،ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرىۋەتتى...!ئەمدى بۇلارنى ...ئىھى..
بىگىم ئۆزلىرى.......بىر...ئىھى...ئىھى...!
رۇستەمبەگ :ھە!...ماۋۇ ئىككىسىچۇ...؟
مەنسۇر :بۇ ئىككىسىمۇ شۇنداق بىگىم،بۇ بىر نېمىلەر ۋەدىلىشىپ قويغاندەك...
شۇڭا،بۇلارنى ئۆزلىرى بىر...ئىھى...ئىھى...تەرەپ قىلىپ بەرگەيلا..!
رۇستەمبەگ :ھە...سىلىقنى نىمىشكە بىرىشمىدىڭ؟!...ھە...گەپ قىلىشە...!؟
مەنسۇر :گېپىڭنى دەيدىغان جايغا ئېلىپ كەلدىم،ئەمدى قىلىشمامسەن...؟ئۆكتەم-
لىگىڭنى چېقىرىشمامسەن...؟!...ئىھى...ئىھى...ئىھى...قاغىش تەككۈرلەر.!
رۇستەمبەگ :ھە...!گەپ قىلىشمامسەن...؟!
مەنسۇر :قىلىن بىر نېمىلەر بىگىم بۇلار...!گەپ ئەمەس،تاياقمۇ ئانچە ئۆتمەيدۇ...!
رۇستەمبەگ :ھە! زۇۋانىڭ تۇتۇلۇپ قىلىشتىمۇ سەنلەرنىڭ؟گەپ قىلىش...نېمىشكە بىرىشمىدىڭ؟
راشىدىن :بىساتىمىزدا ھېچنېمە بولمىغانلىقتىن بىرەلمىدۇق بىگىم،يوقسۇلكەنمىز...!
رۇستەمبەگ :ھى...ىم! ھېچنېمە بولمىغانلىقتىن......؟!
دېھقان(ئا) :خوش بىگىم،ھېچنېمە بولمىغانلىقتىن...!
رۇستەمبەگ :قۇرۇق گىپىڭنى قويۇشۇپ،سىلىقنى بىرىشەمسەن-يوق...؟
دېھقان(ب) :ئىلاجىسىز قالدۇق بىگىم،باش قاتتى،رەھىم قىلسىلا......!
رۇستەمبەگ :ھى....ىم...!رەھىم...؟!...سەنلەر بىزگە رەھىم قىلىشمايسەنۇ،سەنلەرگە
نېمە رەھىم!؟(قامچا بىلەن نوقۇپ...)-بۈگۈنلا سىلىقنى تۈگىتىشىسەن...!
بولمىسا...كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىمەن...!
دېھقان(ئا) :ئالدىلىرىدا تۇرۇپتىمىز بىگىم،ھېچ نەرسىمىز يوق،ئالدىنقى سىلىقلارنى چوڭ
بالامنى سىتىپ تۆلىگەن ئىدىم...بىر-بىرىدىن ئۇششاق تۆت بالام تۇرۇپتۇ...!
ئۇلارنى قانداق بىقىشنىمۇ چاغلىيالمايمەن...بىر نەچچە كۈن مۆھلەت بەرسىلە
بىگىم،يەنە بىرەر بالامنى ساتالىسام تۈگۈتەي...!رەھىم قىلسىلا بىگىم...!
رۇستەمبەگ
دېھقان«ب»نى نوقۇپ)-ھەي رودىپاي سەنچۇ...؟
دېھقان(ب) :مۆھلەت بەرسىلە بىگىم،يىرىمنىڭ كۆك زىرائەتلىرىگە بىرەرسىدىن ئالدىن پۇل
ئالالىسام بىر ئىلاج قىلىپ تۈگۈتەي...!باشقا ئامالىمىز يوق،رەھىم قىلسىلا بىگىم.!
رۇستەمبەگ :مۆھلەت...مۆھلەت...!؟نېمە كۆپ مۆھلەت...بۇ...؟!نەچچە كۈندىن بېرى بىرىش-
مەپسەن...!مۆھلەت دېگەن شۇ ئەمەسمۇ...؟!(مەتنىيازنى نوقۇپ)-سەنچۇ؟ھوي
قەلەندەر...!تامدەك تۇرىسەنغۇ...؟!
مەتنىياز :نەچچە ۋاقىتلاردىن بىرى ناھىيىدە سەيسىگە ئىشلىدىم بىگىم،چىقسام ،تېرىپ-تىككەن
مايسىلىرىم قۇم بىسىپ تۈگەپتۇ،ئۇنى قۇتقۇزۇشقا ئۈلگۈرمەستىن ئۆزلىرىگە ئۆستەڭ
چاپتۇق...ئەمدى ئالدىلىرىغا تەڭرىم بەرگەن جاننى ئېلىپ كەلدىم بىگىم...!ئىلتىپات-
لىرى.......!
مەنسۇر :ھەي قەلەندەر...!،ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلە،سېنىڭ سېسىق جىنىڭنى بىگىم نېمە
قىلسۇن...!؟
رۇستەمبەگ :ماڭا جان كېرەك ئەمەس،پۇل كېرەك،...پۇل...!بىلىشتىڭمۇ...؟پۇل...!
(راشىدىننى نوقۇپ.)-ھە...سەنچۇ؟...سەن گەپ قىلە...!؟
راشىدىن :زىرائەتلىرىمىزنى قۇم بىسىپ تۈگەتتى،قولۇمدا ھېچنېمە يوق بىگىم،رەھىم
قىلىپ،بىشىمىزنى سىيلاپ قويسىلا...!؟
رۇستەمبەگ :سەنلەرنىڭ بىشىڭنى سىلاش ئۈچۈنمۇ پۇل كېرەك...ئالۋاڭنى تۆلىمەي ھەرگىز
قۇتۇلالمايسەن...!گەپ قىلە...چال...؟!
ۋاسىل قارى :ھەي راشىدىن ئاخۇن،بۇ ئىش سىلەر خۇدانى تونۇمىغانلىقتىن،بىزگە ئوخشاش
ئۇلۇغلارنىڭ دۇئاسىنى ئالمىغانلىقتىن،گۇناھ-كىبىرنىڭ يامانلىقىدىن خۇدا
سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارغا قۇم ياغدۇرغان.سىلەر ئاپەتتىن قۇتۇلاي دېسەڭلار،
ئۆشۈر-زاكات،نەزىر-چىراق ئۆتكۈزۈپ بىرىڭلار،كۆپرەك قىلىڭلار،بىزنىڭ
دۇئايىمىزنى ئىلىڭلار...!
رۇستەمبەگ :ھە...گەپ قىل! تۆلەمسەن-يوق؟
داۋامى بار دوستلار....