ئاپرىلدىكى شامال
20-ئاپرىل شامال چىقتى ئۆيۈمدە . ئوغلۇمنىڭ بۇدرۇق قوللىرى توسۇپ قالدى مېنى ئۇچۇشتىن .
جان قوزام : قاچاندىن بېرى ـ مېنى شاماللاردىن توسايدىغان قالقان بولۇپ قالغانسەن ؟
پولو ئەتتىم ، خىياللىرىم گۈرۈچتەك چېچىلىپ كەتتى . كۆز- ياشلىرىمنى تەشتەككە قۇيدۇم .
جۈمە كۈنى ئىدى - ھەممە ئاياللار بالىسىنى يېتىلەپ ياغلىقىنى مەھكەم چىگىپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئازنىلاپ ماڭاتتى .
ئانام : بۈگۈن سەھەردە بوسۇغا يۇيىدۇ ، پەرىشتىلەرنى چىللايدۇ ، ئىشىك ئالدىغا چىقىپ - تېرەك شاخلىرىغا مۇڭلىنىپ قارايدۇ . يىراقتىكى مۇساپىر قىزىنى ئەسلەيدۇ ، بىر ئۇچۇم قوناقنى بېشىدىن ئۆرۈپ : ‹‹ جان -جانىۋارلارنىڭ ھەققىدە ، ئۇچار قۇشلارنىڭ ھەققىدە ، غېرىپ- مىسكىنلەرنىڭ ھەققىدە... ›› ـ دەپ ئۇزۇن - ئۇزۇن دۇئا قىلىدۇ ، لېچىكىنىڭ ئۇچىدا يېشىنى سۈرتۈپ - مۈكچەيگەن دادامغا كۆرسەتمەي يۇم-يۇم يىغلايدۇ .
بىلىپ تۇرىمەن بۈگۈن چۇقۇم ئاناممۇ پولو ئېتىدۇ . جۈمە نامازدىن بۇرۇن داستىخان راسلىماق ئۈچۈن ھالسىز مىدىرلايدۇ ، ھەرگىز ھارمايدۇ . ئانام - دادام 43 يىل بولدى بىر مورىدىن تۈتۈن چىقىرىۋاتقىلى ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ئاسانلىقچە شامال چىقمايدۇ ! دادام ، جان دادام ـ تاماق تارتىلغاندا نۇرى قاچقان كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ بالىلىرىنى سانايدۇ ، ‹‹ يىراقتىكى بالىلىرىمنىڭ رىسقىنى خۇدايىم بېرار ›› دەپ ئۈمچىيىدۇ ، ئاپئاق ساقاللىرى يېنىك تىترەيدۇ . مەسچىتكە يول ئالىدۇ ، يول بويى ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلايدۇ ....
ئوغلۇم ئويۇنچۇقلىرىنى ئويناپ قانمايدۇ ، ئانىسىنىڭ دەردىنى ھەرگىز بىلمەيدۇ . ئاياللار دەردىنى بالىسىدىن يوشۇرماق ئۈچۈن - بالىلىقىدا كۆرۈپ باقمىغان كارتون فىلىملارنى قېتىرقىنېپ كۆرىدۇ . ئۆيىنىڭ بارلىق تاملىرىغا - بەختنىڭ ئوماق رەسىمنى سىزىپ باقىدۇ ...
بىر ئايال يۈرىكى سۇ بولغان ئايال ، چاچلىرى قۇم بولغان ئايال ، دەرتلىرى مىڭ بولغان ئايال ، ئاپرىل ئايلىرىدا تاشتەك تىغدەك غېرىپلىقنى باغرىغا تېڭىپ ، توپا يۇرتىنىڭ تاغلىرىغا يىراقتىن بېقىپ ئانام ئۈچۈن ، بالام ئۈچۈن ... دەپ يەنە ئورنىدىن دەس تۇرىدۇ .
ئايال بىر ئايال مىڭ ئايال تالاي ئاي ، تالاي يىللارنى مۇشۇنداق بىر كۈندەك ، بىر تىنىقتەك ياشايدۇ .
تىزىق - تىزىق ئارمانلىرى بار ، ئاچچىق -چۈچۈك خىياللىرى بار ، بىر ئايال ئاپرىل ئايلىرىدا يالپۇز ھىدى بار مەھەللىلارنى كۈندە چۈشەيدۇ .
ئاپرىلدا شامال چىقىدۇ ، ئاياللار شاماللاردىن ياشلىقىنى سورايدۇ ....
2012- يىل 20- ئاپرىل . ( ئايچىن )
|