كۆرۈش: 281|ئىنكاس: 7

جەنۇبىي تاغدىكى شېئىرىيەت ئەنجۈمەنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  84
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 462
تۆھپە : 1
توردا: 183
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 20:35:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەنۇبىي تاغدىكى شىئېرىيەت ئەنجۈمەنى—— شىنجاڭ يازغۇچىلار جەميىئىتى «تۇنجى نۆۋەتلىك  ياش شائىرلار كىتاب ئوقۇش كۇرسى» خاتېرىسى


ئۆمەر مەخمۇت

1.دىدار غەنىمەت


ئاپام ئاغرىپ قېلىپ خىزمەت ئورنىمدىن ئۈچ كۈنلۈك رۇخسەت سوراپ ئۆيگە قايتتىم. ئۆيۈم بىلەن خىزمەت ئورنۇمنىڭ ئارىلىقى 300 كىلومېتىر كېلىدىغان بولغاچقا، ئايلاپ- ئايلاپ ئۆيگە قايتىش پۇرسىتى بولمايتتى. ئۆيۈمنىڭ بۇسۇغىسىدىن ئاتلىشىمغا ئاپامنىڭ كېسەل دەردىدە سارغىيىپ كەتكەن، سۇلغۇن چىرايىغا ئىللىق بىر تەبەسسۇم يۈگۈردى. ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردىم، دوختۇرلار ئاپامنىڭ قان شېكىرىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئەتىسى ئەتىگەن كېلىپ قان تەكشۈرتىشكە بۇيرىدى. ئۆيگە قايتىپ، ئاپامنىڭ يېنىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدىم. كەچ سائەت 9.30 دىن ئاشقاندا تېلېفۇنۇم تۇيۇقسىز جىرىڭلىدى.
- ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم!-
- ۋەلەيكۇم ئەسسالام، مەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىكى ئەيبۇ ياقۇپ، سىزنىڭ تېلېفون نومۇرىڭىزنى تېپىش بەكلا تەسكە چۈشتى. قەھرىمان روزى ئەرچىن سىز ئىشلەۋاتقان ناھىيەنىڭ ھاكىمى جېلىل خېلىلغا تېلېفون بېرىپ، جېلىل خېلىل مەكتەپ مۇدىرىڭىزغا تېلېفون قىلىپ دېگەندەك ئاران تاپتۇق.
- ھە، مەن ئاپام ئاغرىقچان بولۇپ قالغاچقا، رۇخسەت سوراپ ئۆيگە قايتقان ئىدىم.
- ئاپىڭىزنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟
- ھازىر يامان ئەمەس.
- مۇنداق بىر ئىش بىلەن سىزگە تېلېفۇن قىلىشىم، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى « ياش شائىرلار كىتاپ ئوقۇش كۇرسى» تەشكىللىگەن ئىدۇق. سىز شۇ كۇرسقا تەكلىپ قىلىندىڭىز، كۇرس كېيىنكى ھەپتە باشلىنىدۇ، قانداق كېلەلەمسىز؟
بۇ خوشخەۋەر مېنى بىر تەرەپتىن چەكسىز ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىغا چۆمدۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، مۇشۇ ھەپتىلا ئۈچ كۈنلۈك رۇخسەت سوراپ كەلگەن تۇرسام، كېلەر ھەپتە يەنە بىر ھەپتىلىك رۇخسەت سوراش ئىمكانىيىتى بولارمۇ؟ دېگەن ئەندىشگە سالغان ئىدى.
- ئەيبۇكا، مەن مۇشۇ ھەپتە ئۈچ كۈنلۈك رۇخسەت سوراپتىكەنمەن، مەكتەپكە قايتقاندا مۇدىرغا دەپ باقاي، رۇخسەت بەرسىلا چوقۇم بارىمەن.
- مۇدىرىڭىز رۇخسەت بېرىشى مۈمكىن، بۇ قوللاشقا تىگىشلىك ئىش. ئەمىسە، ماڭا ۋاقتىدا خەۋىرىنى بىرىڭ، ئۈچ كۈندىن كېيىن، خەۋىرىڭىزنى كۈتىمەن.
بىز خوشلىشىپ تېلېفوننى قويغاندىن كېيىن، ئاپامنىڭ چىرايىغا قارىدىم. مەن ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ سۆزلەشكەچكە، تېلېفوندا قىلىشقان گەپلەر ئاڭلىنىپ قالغان چېغى. چىرايدىكى ھاياجانلىق ھېسسىياتى، كۆزلىرىدىكى ياش تامچىلىرى كۆزۈمگە چېلىقتى.
- بالام، چوقۇم بېرىڭ، مۇدىرىڭىزغا مەن ئۆزۈم تېلېفون قىلاي! رۇخسەت بېرىدۇ. بۇ سىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىڭىزغا چېتىلىدىغان چوڭ ئىش، جەزمەن بېرىڭ...
ئاپام توختىماي سۆزلەۋاتاتتى. مەن دەسلەپتە كۆرگەن، كېسەل سەۋەبلىك سارغىيىپ كەتكەن سۇلغۇن چىرايغا، تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز بىرخىل ھاياجان ياماشقان ئىدى.
- بارىمەن ئاپا خاتىرجەم بولۇڭ...!
ئەتىسى قان شېكىرىنى تەكشۈرۈتكىلى دوختۇرخانىغا باردۇق. تەكشۈرۈش نەتىجسىدە ئىلگىرىكىدىن پەقەت 0.2 بىرلىك ئۆرلىگەنلىكى مەلۇم بولدى. دوختۇر بۇنى كۆرۈپ، « ھازىرچە چوڭ مەسىلە يوق، بۇرۇنقى دورىلارنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىۋەرسە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دېدى.
ئاپام ياخشى بولۇپ كەتتى. ئۈچ كۈنلۈك رۇخسەت ۋاقتىم توشۇپ مەكتەپكە قايتىپ كەلدىم. ئەمدى، مۇدىرنىڭ ئالدىغا قانداق كىرىش كېرەك؟ بىر ھەپتە رۇخسەت بەرسىلە، مۇشۇنداق بىر ئىش بار ئىدى دېسەم نېمە دەر؟ كۆزۈمگە مۇدىرنىڭ ئالدىغان كىرگەندىكى مەنزىرىلەر بىر- بىرلەپ نامايان بولىۋاتاتتى. « ئۇكام، تېخى ئالدىنقى ھەپتە ئۈچ كۈنلۈك رۇخسەت سوراپ، يەنە رۇخسەت دەيسىزغۇ؟ سىز رۇخسەت سوراۋەرسىڭىز مەكتەپنىڭ ئىشلىرىنى كىم قىلىدۇ؟ ھېلىمۇ مەكتىپىمىز چەت يېزىدا بولغاچ ئادەممۇ يېتىشمەيۋاتىدۇ، كېلەر قېتىم يەنە پۇرسەت كېلىپ قالىدۇ، شۇ چاغدا بارارسىز.»
تېلېفونۇم جىرىڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
- ۋەلەيكۇم ئەسسالام، مۇدىرنىڭ يېنىغا كىردىڭىزمۇ؟
- ياق تېخى، ئەمدى كىرەيمىكىن دەيمەن.
- كىرىۋىرىڭ، ئەگەر رۇخسەت بەرمەي قالسا، مەنمۇ مۇدىرىڭىزغا تېلېفۇن قىلىپ دىيىشىپ بېرىمەن.
- ماقۇل.
تېلېفۇننى قويۇپ، بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان ئادەمدەك، تېنەپ- تەمتىرەپ يۈرۈپ مۇدىرنىڭ يېنىغا كىردىم. ئۇ مەن گەپنىڭ بېشىنى چىقىرىپ بولغىچە، «ھە، ئۇ ئىشتىن مېنىڭمۇ خەۋىرىم بار. خاتىرجەم بولۇڭ، ۋاقتى كەلگەندە رۇخسەت بېرىمەن» دېدى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ يەنە بىر قېتىم ھاياجانغا چۆمۈلدۈم. ئىشخانىغا چىقىپ، ئەيبۇكامغا ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقنى ئېيتىپ قويۇپ، جوشقۇن كەيپىيات بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتىم.
ئاقسۇ تەرەپتىن ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان ئاپتۇبۇس چۈشتىن كېيىنلەردە قوزغىلىدىغان بولغاچقا، ھەر ئېھتىمالغا قارىشى دەپ ئويلاپ ماڭىدىغان كۈنى سەھەردىلا بېلەتنى ئېلىۋەتتىم. تەييارلىقلىرىمنى تولۇق پۈتكۈزۈپ، ئالىدىغان نەرسىلەرنى بىرەر قۇر ئېلىپ بولغاندا ماشىنىنىڭ ماڭىدىغان ۋاقتىمۇ توشۇپ قالغان ئىدى. ماشىنا قوزغىلىشى بىلەن  يۈرىكىم يايراپ كەتتى. ئۈرۈمچىگە بېرىپ شۇ ئەزىزلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۈرۈشىۋاتقاندىكى شېرىن تۇيغۇلار ئىسكەنجىسدە كېتىۋاتاتتىم.
ماشىنا چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 ئەتىراپىدا ئۈچتاش يۇلۇچىلار بېكىتىگە كىرىپ كەلدى. ماشىنىدىن چۈشۈپ شىنجاڭ رادىئو تېلىۋىزىيە ئىستانىسى «سەنئەت گۈلزارى» پروگراممىسىدىكى مەھمۇد ھېيىت مەھدى بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق يەپ ئارام ئالدۇق. مەھدى، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن كۇرسانتلارغا داستىخان سېلىش ئوينىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ، باشقىلار بىلەنمۇ ئالاقىلىشىشقا باشلىدى. چۈشتىن كېيىن، ئابدۇرېشىت ئېلى، مۇتەللىپ مەڭسۇر ئوۋچى، ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئان، ئالىمجان تۆمۈر تۇران، ئابلەت نۇراخۇن زەپەرى، سەيدۇللا فىردەۋىس قاتارلىقلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ھەمداستىخان بولۇشتۇق. باشقىلار تېخى يولدا كېلىۋاتقان ياكى مۇھىم ئىشلار بىلەن ھايال بولۇپ قالغاچقا، مەھدىگە ئۆزىرە ئېيتتى... ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت بىلەن ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم كۇرسقا قاتنىشىش ئۈچۈن كېلەلمىگەن ئىدى. ئابدۇرېشىت ئېلىنىڭ « غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت رۇخسەت ئالالماي قالدى» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ ئالدىغا كىرىش ئالدىدىكى تەشۋىشلىك خىياللىرىم يەنە غىل- پال پەيدا بولدى،ئۆزەمنى خېلى تەلەيلىككەنمەن دەپ خۇش بولدۇم ھەم مەكتەپ مۇدىرىغا ئىچىمدە رەخمەتلەر ئېيتتىم. ئابدۇراخمان ئابدۇكىرىم، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانغا توغرا كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئامالىسىز كېلەلمىگەن ئىدى.
مەھمۇد بىلەن ئىككىمىز ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت سەككىزدە، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ئالدىدا ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە، ئامانگۈل ئەزىز، ئابدۇرېشىت ئېلى، مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى، ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئان،  رىسالەت مەردان، ئابدۇرەشىد مۇھەممەتئىمىن، سەيدۇللا فىردەۋىس، ئابلەت نۇراخۇن زەپەرى، ئالىمجان تۆمۈر تۇران قاتارلىقلار بىلەن دىدارلاشتۇق. گەرچە بەزىلەر بىلەن ئىلگىرى بىرەر قېتىم كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساقمۇ يېقىن تونۇشلاردەك ھېسسىياتتا قوش ئېلىشىپ، بىر- بىرىمىزدىن ئەھۋال سوراشتۇق. ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، دۇڭ لىبۇ، دىلمۇرات تەلئەت، ئەيبۇ ياقۇپ قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىقىدا «شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ئىجادىيەت، ماتىرىيال مەركىزى» گە قاراپ يول ئالدۇق. بۇ مەركەز ئۈرۈمچى ناھيىسى شۈيشىگۇ بازىرىدا بولۇپ، شەھەر مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 38 كىلومېتىر كېلەتتى. ماشىنا ئۈرۈمچى شەھرىدىن جەنۇپ تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، «جەنۇبىي تاغ (نەنسەن)» گە يېقىنلىغاندا، ساپ ھاۋا دىماقلىرىمىزغا ئۇرۇلۇپ، بۈك- باراقسان قارىغايلار بىلەن قاپلانغان ياپ-يېشىل تاغ مەنزىرسى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولدى. «شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ئىجادىيەت، ماتىرىيال مەركىزى»نىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە ھەممەيلەننىڭ چېھرىدە خۇش تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ، ئۆزگىچە ھاياجانغا چۆمۈلدۇق.
ماتىرىيال مەركىزىنىڭ قورۇسى ئىچىگە قەدەم بېسىشىمىزغا ئاق رەڭلىك بىر يۇمىلاق چېدىر كۆزىمىزگە چېلىقتى. ئىچىدە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان تىكتاك توپ تاختىسى ۋە پەي توپلار بار ئىكەن. قەد كۆتىرىپ تۇرغان ئىجادىيەت ماتىرىيال بىناسى ئىككى قەۋەتلىك داچا شەكلىدە سېلىنىپتۇ. بىرىنچى قەۋىتىدە ئازادە كۈتۈپخانا، پاكىزە ياتاق، تولۇق سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئاشخانىلار بولۇپ، كۈتۈپخانا ئىچىگە خەنزۇ، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئازسانلىق مىللەتلەر يازغۇچى، شائىرلىرىنىڭ ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلىرى ۋە پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان بىر قىسىم سەرخىل ماتىرىياللار قويۇلۇپتۇ. ئىككىنجى قەۋىتى يان تەرەپلىرى ئوچۇق كۆركەم تۈس ئالغان يىغىن زالى بولۇپ، ئۇ يەردىن جەنۇبىي تاغنىڭ گۈزەل مەنزىرسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىكەن. بىز يۈك-تاقلىرىمىزنى جايلاشتۇرۇپ، ياتاقلىرىمىزغا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن «شىنجاڭ ياش شائىرلىرى كىتاب ئوقۇش كۇرسى» نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئېچىلدى. يىغىنغا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى دوڭ لىبو، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەدەبىي تەرجىمانلار شۆبە جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى دىلمۇرات تەلئەتلەر قاتناشتى. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ئىجادىيەت – ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، «ئىجادىيەت، ماتىرىيال مەركىزى»نىڭ مەسئۇلى، «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نىڭ باش مۇھەررىرى ئەيبۇ ياقۇپ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە بۇ قېتىملىق كۇرسقا قاتناشقان ياش شائىرلارنى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا بىر- بىرلەپ تونۇشتۇرۇپ چىقتى. دوڭ لىبو بۇ قېتىملىق پائالىيىتىمىزگە ئىجابىي باھا بېرىپ، بىزنىڭ ئۆز- ئارا ئىتتىپاقىلىقنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قويۇپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى. دىلمۇرات تەلئەت  بۇ قېتىملىق پائالىيەتتىن ئىنتايىن مەمنۇنلىقىنى، مەزكۇر پائالىيەت تاماملانغاندىن كېيىن « ئەدەبىي تەرجىمانلارنى تەربىيىلەش كۇرسى» ئېچىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يىغىندىن كېيىن ھەممەيلەن بىرلىكتە چۈشلۈك تاماققا داخىل بولدۇق. چۈشتىن كېيىن، ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتى ئۈستىدە ئەركىن ئازادە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە سېستىملىق، تەرتىپلىك مۇھاكىمە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، مۇھاكىمە قىلىنىدىغان تېمىلار ئۈستىدە پاراڭلاشتۇق.

2. قىزغىن سۆھبەتلەر

31- ماي سەھەر ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، ئامانگۈل ئەزىز بىلەن رىسالەت مەردان تەييارلىغان ناشتىلىققا ئېغىز تەگدۇق. ئۇلار تاماقنى ناھايىتى ئوخشىتىپ ئېتىپتۇ. ئۆزىمىزنى خۇددى ئۆز ئۆيىمىزدە ناشتا قىلغاندەك ھېس قىلدۇق . ناشتىدىن كېيىن، ھەممەيلەن كۈتۈپخانىغا يىغىلىپ «ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتى» ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردۇق. مۇھاكىمە ئىنتايىن جانلىق، قىزغىن كەيپىياتتا باشلاندى. بىز ئاۋال مۇنازىرە قىلىدىغان تېمىنى بەلگىلەپ شۇ بويىچە ئەتراپلىق مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشنى ئويلاشتۇق. مۇنازىرە تېمىلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتىگە تۇتۇلىۋاتقان پوزىتىسيە، يېڭىچە شېئىرىيەتنىڭ ئاساسلىق باشلامچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرقايسى دەۋىرلەر بويىچە ئايرىلىش ئەھۋالى، كۇرسانتىلىرىمىزنىڭ يېڭىچە شېئىرىيەت قارىشى قاتارلىق بىر قانچە مۇھىم نوقتىلارغا يىغىنچاقلاندى. ئالدى بىلەن ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە (بۆرتالا شەھرى ئوتۇبۇلاق يېزىلىق تەشۋىقات ئىشخانىسى)نۆۋەتتە يېڭى شېئىرىيەتكە تۇتۇلىۋاتقان پوزىتىسيە مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ:«ھازىرغىچە يېڭى شېئىرلار ھەققىدىكى تالاش تارتىشلار ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ، يەنىلا قىسمەن ئىنكار قىلىنىش مۇھىتىدا تۇرماقتا. ئىنكار قىلغۇچى بىر قىسىم ئاپتورلار بولسا ئىلگىرى يېڭىچە شېئىرىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بەلگىلىك تەربىيلىنىش باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن ئىنكار قىلغۇچىلار توپىنى شەكىللەندۈرمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاۋۋال مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئارقىدىن ئىنكار قىلىدىغان ياكى ئاۋال ئىنكار قىلىپ، ئارقىدىن مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان يەنە بىرخىل غەيرى ھالەت مەۋجۈت بولۇپ تۇرماقتا. بۇ ھال بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر ئىچىدە مۇئەييەنلەشتۈرگەن تەرەپلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئىنكار قىلىنغان تەرەپلەرگە ئېسلىۋىلىشتەك نورمال پىكىر ئېقىمىغا تەۋە بولمىغان خاھىشنى شەكىللەندۈرۈپ قويماقتا. مېنىڭچە بولغاندا يېڭىچە شېئىرىيەتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈىدىغان تارىخىي پۇرسەت پىشىپ يېتىلىپ بولدى. چۈنكى يېڭىچە شېئىرلار ئۆزگىچە بىر تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ بەلگىلىك تەسىر قوزغاش بىلەن ئاللىقاچان كۆلەملىشىش دائىرىسىنى شەكىللەندۈرۈپ بولدى. يېڭىچە شېئرىيەت ھەركىتىنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدا بىر قېتىملىق ”ھادىسە“ سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەنلىكى ھەققىدىكى ھەقىقەت بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ ئېتراپنامىسىغا ئېرىشىپ بولغان» دېدى. بۇ پىكىر ئىنتايىن ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، نۆۋەتتە يېڭىچە شېئىرىيەتكە تۇتىلىۋاتقان پوزىتىسيە مەسىلىسى ھەمدە ئىتىراپ قىلىشقا تىگىشلىك تەرەپلەرنى ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن ئىدى. ئارقىدىن ئامانگۈل ئەزىز («كروران» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەرىرى)  «ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتى» دېگەن نام بىزگە ئومۇملاشقان ئاتالغۇ بولۇپ قالدى. ئەكبەر ئېيتقاندەك، ئۇ كۆلەملىشىپ ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىشتەك بىر شارائىتنى ھازىرلىغان ئىكەن، بۇھەقتە ماقالىلەر يېزىلىشى تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىشى، شۇنداقلا يېڭى شېئىريەت ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشى، چۈشۈنىلىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇكەممەل نەزەرىيىسى بارلىققا كېلىشى كېرەك ئىدى . بۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىز ئۈچۈن قىممەتلىك بىر بىلىم بولىدۇ..
بۇ ھەقتە پەقەتلا تالاش -تارتىش بولمىدى ئەمەس ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا ئابدۇقادىر جالالىددىن،مەرھۇم باتۇر روزى،پولات ھېۋىزۇللا، ئەزىزى، ئەسقەر ياسىن...قاتارلىق ياش ئاۋانگارتلار بىرى-بىرىنىڭ ئەسەرلىرىگە تەقرىز،تەھلىللەرنى يېزىشقان. ئۇلار مۇكەممەل شېئىرىيەت نەزەرىيىسىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىل قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە سۆزلەشنى ئەڭ مۇۋاپىق باشلىنىش دەپ قاراپ شېئىرلارنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇرمەنگە قانداق ئىدىيىۋىلىكنى نامايەن قىلىۋاتقانلىقىنى شەرھىيلىگەن  ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان  بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار بەكلا ئاز ھەتتا يوق دىيەرلىك بولدى. چەتئەل شېئىرىيتىنىڭ قۇرۇلما شەكلى ، تىل ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ تەسىرى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن بۇ «يېڭىلىق»30 يىلدىن ئارتۇقراق ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىكەن ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەت ئىدىيىلىرى ۋە خەلقىمىز دۇچ كەلگەن يېڭى مەسىللەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىپ يېڭى شېئىريەتنىڭ مۇكەممەل نەزەرىيە سېستىمىسنى بەرپا قىلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ نۇرغۇن تىرىشچانلىق ۋە زېھىن تەلەپ قىلىدىغان ئىش . ئولتۇرغان ياش شائىرلىرىمىز ئىچىدىكى تىل ئەۋزەللىكى بار، تەتقىقات شارائىتى بارلار چوقۇم ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ بۇ نۇقتىلارنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات تېمىسى قىلىشنى ئويلىشىشى كېرەك.
«ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتى» ئەنئەنىۋىي شېئىريەتتىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان بولماستىن ئەنئەنىۋى شېئىريەتنىڭ يەنە بىر شەكلىدۇر. ئۇنىڭ يىلتىزى يەنىلا ئەنئەنىۋى شېئىريەتتە. بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلىرىمىزدا  نوقۇل ھالدا«سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» دېگەن قاراشلاردىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشىمىز، ئەدەبىياتنى شەخسنىڭ ئارزۇ- ئارمىنى، قىسمەتلىرى بىلەنلا باغلاپ قويماسلىقىمىز دېمەكچىمەنكى، شېئىرلىرىمىزدا ئۆز تۇيغۇمىزنى ئىپادىلەش بىلەن بىللە، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ يارقىن تەرەپلىرىنى ئىپادىلەپ ئۇنى دۇنيا مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبى قىسىمغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىشمىز  كىرەك.
ياش شائىرلاردا نېمە كەم؟ بىز قانداق تەرەپلەردىن ئۆزىمىزنى تەربىيلىشىمىز كېرەك؟ تارىختىن بۇيان شائىر دىگەن بۇ نام شېئىر يېزىۋاتقانلارنىڭ مىڭدىن بىرىگە نېسىپ بولۇپ كەلگەن يەنى پەقەت خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتەلەيدىغان شېئىرلارنى يازالىغانلار بۇ نامغا مۇناسىپ دەپ قارالغان. بۇنداق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى ھەربىر مىسرادىن ئۆز خەلقىنىڭ ئارزۇ - ئۈمىدى، قايغۇ - ئازابى ئەڭ مۇھىمى، شۇ شائىر ۋەكىللىك قىلىدىغان قەۋمنىڭ ئومۇمىي ھالىتى روشەن ئىپادىلىنىپ تۇرغان بولىدۇ . شائىرلار بىلىملىك، غايىلىك، ئالدىن كۆرەر كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار جەمىئيەت ۋە ئۆزى تەۋە بولغان قەۋم  ئۈچۈن مەلۇم بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. شائىرنىڭ تەربىيىلىنىشى ، پەزىلىتى شۇ شائىر ۋەكىللىك قىلىدىغان جەمىئيەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولىدۇ.
ئۇنداق ئىكەن مۇشۇ بىر دەۋر ياش شائىرلار ئۆزىمىز دىكى كەم تەرەپلەر ھەققىدە ، بۇرچ مەجبۇريەتلىرىمىز ھەققىدە ئويلىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ  
بىزدىكى كەم تەرەپلەر ئاساسەن، بىلىم قۇرۇلمىىمىزنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، ئۇنۋېرسال ساپايىمىزنىڭ كەم بولىشى، ئەدەبىياتنى پەقەتلا ئەدەبىيات دەپ قاراپ ئۇنى باشقا پەنلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە سەل قارىشىمىز سەۋەپلىك يازغان شېئىرلىرىمىزدە پەلسەپە، تارىخ ، سىياسى ئامىللارنىڭ  كەمچىل بولىشى قاتارلىقلار. ئۇندىن باشقا ھەرقانداق ئەسەر روشەن ئىنسانپەرۋەرلىك  ۋە مىللىي خاراكتىرگە ئىگە بولغاندىلا ئاندىن دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولالايدۇ.شۇڭا بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيتىمىزدە بۇ نۇقتىنى ھەر ۋاقىت نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك »دىدى. بۇ نۇقتىلار ياش شائىرلار زادى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە نىمىلەرنى تۇتقا قىلىشى كېرەك دېگەن مەسىلىنى خېلى ياخشى يورۇتۇپ بەردى.
ئابدۇرەشىد مۇھەممەتئىمىن(شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونىۋېرستىتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى) ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيەت باشلامچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىدىكى پەرىقلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: « ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتى دەسلەپتە گۇڭگا شېئىر دەپ ئاتىلىپ، ئابدۇقادىر جالالىدىن، مەرھۇم باتۇر رۇزى ، پولات ھېۋىزۇللا،پەرھاد ئېلىياس...قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ باشچىلىقىدا مەيدانغا كەلدى ھەم شېئىرىيەت ساھەسىدە زور تەسىر قوزغىدى. كېيىن، ئادىل تۇنىياز، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت،قەيسەر تۇرسۇن، ئاسىمجان ئۇبۇلقاسىم، ئابدۇرېشىت ئېلى، مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى قاتارلىقلارنىڭ ئىز باسار سۈپىتىدە يېىتىشىپ چىقىشى بىلەن يەنە بىر قەدەم يۈكسىلىشكە ئېرىشىپ، ھەقىقى يەرلەشتى، يەرلەشتى دېگەندە، ئۇقۇرمەنلەر ئارىسىغا كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشقانلىقىنى كۆزدە تۇتتۇم. ھازىر يەنە 80- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان بىر تۈ*ركۈم ياشلار ئۆز تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز يۇقارقى شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتىدىكى  بىر قىسىم  پەرىقلەرگە ئاساسەن ئۇيغۇر يېڭى شېئىريىتىنىڭ شائىرلىرىنى بىرىنجى ئەۋلاد شائىرلار، ئىككىنجى ئەۋلاد شائىرلار دەپ ئايرىپ كەلدۇق. يەنى، ئابدۇقادىر جالالىدىن، مەرھۇم باتۇر رۇزى ، پولات ھېۋىزۇللا،پەرھاد ئېلىياس بىرىنجى ئەۋلادقا، ئادىل تۇنىياز، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت، قەيسەر تۇرسۇن ئاسىمجان ئۇبۇلقاسىم ، مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى ئابدۇرېشىت ئېلىلار ئىككىنجى ئەۋلادقا ئايرىلدى. ئەمدى، 80- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلارنى ئۈچىنجى ئەۋلاد شائىرلار قاتارىغا كىرگۈزۈشكە بولامدۇ؟ ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن قايسى جەھەتلەردىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىسە بولىدۇ؟»دېگەن سۇئالنى قويدى. بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا، شائىرە رىسالەت مەردان « 1980- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارنى ئۈچىنجى ئەۋلاد شائىرلار دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار بىرىنجى، ئىككىنجى ئەۋلاد شائىرلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يەنە كېلىپ، ئۈزلىكسىز ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق بەلگىلىك نەتىجىلەرنىمۇ قولغا كەلتۈردى. مەسىلەن: ئەسەرلىرى ‹تور ئەدەبىياتى› دا قىززىق نوقتىغا ئايلىنىپلا قالماي، يەنە ‹تەڭرىتاغ›، ‹تارىم› قاتارلىق ئەدەبىي ژورناللارغا بېسىلىپ، بەلگىلىك تەسىر قوزغاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن، شۇلار يەنە ئۆز ئەسەرلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز- ئۆزىنى تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىشقا كۆپ كۈچ چىقارسا. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆز ئەسەرلىرى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش خاراكتىردىكى ماقالىلەرنى كۆپلەپ يېزىپ چىقىپ، ئىجادىيەتلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرۇش ئىشلىرىدا ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتسا ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىغىلى بولىدۇ.بىرىنجى ئەۋلاد شائىرلىرىمىزمۇ دەل مۇشۇ نوقتىغا ئەھمىيەت بەرگەچكە‹يېڭىچە شېئىرىيەت›  ھەركىتى تېزلا باش كۆتۈرۈپ چىقالىغان» دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى. ئارىدا يەنە قىسقىچە مۇھاكىملەر بولۇنۇپ، 80- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارنى ئۈچىنجى ئەۋلاد شائىرلار دەپ قارالسا مۇۋاپىق بولىدۇ دېگەن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى. كېيىنكى قەدەمدە، ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتىنىڭ ئىككىنجى ئەۋلاد ۋەكىللىرىنىڭ بىرى بولغان مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى(قەشقەر يېڭىسار ناھىيە 3- ئوتتۇرا مەكتەپ) ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسنى ئەسلەپ ئۆتۈپ ئىككىنجى ئەۋلاد شائىرلارنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقى ۋە ئەڭ چوڭ ئەپسۇسلىنىشى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى. ئۇ سۆزىدە: «مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىككىنجى ئەۋلاد شائىرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەپسۇسلىنىشىمىز، كۆپىنچىمىز تىل بىلمەسلىك ياكى تولۇق بىلمەسلىك  تۈپەيلىدىن ، دۇنياۋى ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ يېڭى يۈزلىنىشلىرى، قىزىق نوقتا ئەدەبىيات مەسىللىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك دېئالۇگىلىرىدىن كېچىكىپ خەۋەر تېپىش، ئىستىخىيلىك ئېلھامغا تايىنىش، نىشانسىز، سېستىمىسىز پەقەت ئۆزىنىڭ تار دائىرلىك مەھەللىۋىي تەپەككۇرىغىلا تايىنىپ قېلىش بولدى. ئەڭ چوڭ خوشاللىقىمىز بولسا ئىناق كەيپىياتتا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنالىدۇق. يەنى گوروھ بولۇۋېلىپ بىر- بىرىمىزنىڭ ئۇلىنى كولايدىغان، ئۆز- ئارا كەمسىتىش ۋە ئىنكارچىلىق پوزىتىيىسىدە بولىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلاندۇق» دېدى.
مۇنازىرە مۇشۇ تېما يۆنىلىشنى بويلاپ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشتى... بىز ياشلار بۇ پۇرسەتتە ئىنتايىن كۆپ نەپكە ئىرىشتۇق. ئارقىدىن ئەيبۇ ياقۇپنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەممەيلەن چۈشلۈك تاماققا چىقتۇق... چۈشتىن كېيىن، كىتاب ئوقۇش ۋە ئىختىيارى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندۇق. كەچتە شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىدىكى يۈسۈپجان نىياز ئەلقۇت ۋە ئابدۇلھەمىد ياسىن قاتارلىقلار ئالايىتەن بىزنى يوقلاپ كەلدى. كەچلىك تاماقتا ئابلەت زەپەرى، مەھمۇد مەھدىلەر پۇشۇرغان دالا كاۋاپلىرى بىلەن غىزالاندۇق. بۇ ھاياجانلىق مىنۇتلار قەلبىمىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى...
1- ئىيۇن سەھەر شۈيشىگۇ ئاسمىنىدا ئۈزۈپ يۈرگەن پارچە- پارچە بۇلۇتلار قۇشۇلۇپ قۇياشنىڭ ئەلۋەك نۇرلىرىنى تۇسۇپ قويغان بولسىمۇ، دىدارلىشىش نىسىپ بولغان ئۈشبۇ دەملەردە  ھەربىرىمىزنىڭ چېھرى ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن نۇرلىنىپ، يېڭى بىر تاڭنى كۈتىۋالماقتا ئىدى. سىرتنىڭ نەمخۇش ھاۋاسىدىن قانغۇچە نەپەسلىنىپ، ئېسىل بىرۋاق ئەتىگەنلىك غىزا بىلەن ناشتا قىلىش، كىمنىڭ روھى كەيپىياتىنى كۆتۈرمىسۇن؟ بىز ئەنە شۇنداق جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن يېڭى بىر تېما ئۈستىدە مۇنازىرىنى باشلىدۇق. يۈسۈپجان نىياز ئەلقۇت، ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى» غا قەدەم تەشىرىپ قىلغاندىكى كەچمىشلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، « دەسلەپكى  ‹باش ئەگىم مۇنبىرى › دىن كېيىنكى‹ سۇمۇرۇغ ئەدەبىيات مۇنبىرى› غىچە بولغان ئون يىل جەرياندا، تور ئەدەبىياتىدىكى مەزكۇر چولپان مۇنبەر نۇرغۇنلىغان ياش قەلەمكەشلەرنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقتى. مانا ئارىمىزدا ئولتۇرغانلاردىن ئابلەت زەپەرى، سەيدۇللا فىردەۋىس، ئۆمەر مەخمۇت قاتارلىق بىر تۈ*ركۈم ياشلار دەل شۇلارنىڭ مەھسۇلىدۇر. نۆۋەتتە،‹شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى› قۇرۇلغىنىغا بىر يىلچە بولغان قىسقىغە ۋاقىت ئىچىدە «شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى» نى تەسىس قىلىپ، بۇ ياشلارنىڭ ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى «ياش قەلەم» سەھىپىسى ئارقىلىق كەڭ جامائەتچىلىككە تۇنۇشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. ئەمدى، مېنىڭ ياش شائىر- يازغۇچىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىم شۇكى، ئۇلار قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى تەكەببۇرقنىڭ دەستىكى قىلىۋالماي، ئىزچىللىقنى يىتىلدۈرۈپ، ئۆزلىرى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرسا» دېدى. ئەلقۇتنىڭ سۆزىدىن كېيىن، بىز «ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى» نىڭ بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردۇق... بۇ نوقتىدا كۆپچىلىكنىڭ پىكىرى بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، ئاساسەن تۆۋەندىكى بايانلارنى چۆرىدىدى.
تور دۇنياسىدا،  ئەسەرلەرنىڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش سۆرئىتىنىڭ تېز بولۇشى، تەكلىپ- پىكىر ۋە تەنقىدنىڭ مۇئەللىپىكە يەتكۈزلۈش يولىنىڭ راۋان بولۇشى، سۈپەت ۋە باشقا جەھەتلەردە قويۇلىدىغان تەلەپلەرنىڭ ياشلار ئېلىپ بارغان ھەرخىل ئىجادىي سىناقلارغا يۇقىرى چەك بېكىتىۋالماسلىق... قاتارلىق ئەۋزەللىكلەر بولغاچقا، ئۇنى «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» تەرەققىياتىنىڭ يەنە بىر داغدام يولى سۈپىتىدە تونۇشقا تامامەن بولىدۇ. «تور ئەدەبىياتى» نىڭ يۇقارقىدەك ئالاھىدىلىكى بىر تۈ*ركۈم ياشلارنى يىتىشتۈرۈپ چىققان بولسا، يەنە بىر تۈ*ركۈملەرنى داۋاملىق يىتىشتۈرۈپ چىقىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ بىر ئىجابىي يۈزلىنىش...
بىزنىڭ «ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى» ھەققىدىكى قىزغىن مۇنازىرلىرىمىز ئاخىرلىشىپ تۇرىشىغا، يەنە بىر مۇبارەك قەدەم بۇسۇغىمىزدىن ئاتلىدى. ئەسلىدىكى پىلاندىن يېرىم كۈن بۇرۇن قەدەم تەشىرىپ قىلغان بۇ ئەزىز زات شىنجاڭ ياش- ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەرىرى ئابلىكىم ھەسەن ئىدى. يەنە يازغۇچىلار مۇنبىرىمىزدىكى كۆكيال، مۇنىرە ئالىم قاتارلىق دىلكەش دوستلار بىزنى يوقلاپ، ھەم سۆھبەت بولۇش ئۈچۈن چىقىپ مەنلىك ئۇچۇرشىشىمىزغا گۈزەل مەنىلەرنى بەخش ئەتكەن بولسا، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەمەلىي شارائىتنى كۆزدە تۇتۇپ، كۆزگە كۆرۈنىۋاتقان ياش شائىر ئالىمجان قاسىمنى سېپىمىزگە قۇشۇشى بىز كۇرسانتلارنى ھاياجانغا چۆمدۈردى. ئابلىكىم ھەسەن يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي، ئۇچۇق يورۇق قەلەم ساھىبى ئىكەن. ئۇ بىر قانچىمىزنىڭ ئورۇقلىقىنى كۆرۈپ «يىڭنە يەيدىغانلار توپلىشىپسىلەرغۇ؟» دەپ چاقچاق كەلتۈردى. ئارىدا كۆڭۈل كۆتىرىدىغان قىسقىغە چاقچاقلار بولۇنغاندىن كېيىن، بىز ئۇنى ياش شائىرلارغا بولغان قارىشى ۋە ئۇلاردىن كۈتىدىغان ئۈمۈدى ھەققىدە سۆز قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق.
ئابلىكىم ھەسەن ياشلارنىڭ ئىجادىيەتكە تۇتىۋاتقان پوزىتسىيىسى ۋە ئۆزىنىڭ سەمىمىي ئەسكەرتمىلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى  « ياشلار ئارىسىدا بىرەر ئىشنى باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان يېڭىلىققا مايىل ھالدا مەيدانغا چىقىرىپ قويۇپلا، كۆرەڭلەپ كېتىش، ئۆزىدىن چوڭلار ۋە ئۆز دەۋىرداشلىرىنى كۆزگە ئىلماسلىقتەك بىر خىل خاھىش  ئېغىر. بۇنداق ناتوغرا خاھىش بىلەن ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىش ياخشى ئىش ئەمەس. ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلار خۇش پېئىل، كەمتەر، ئېغىر- بېسىق بولغاندا تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ. بىزنىڭ نۇرغۇن پىشقەدەم يازغۇچى، شائىرلىرىمىز ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ئىجادىي مۇۋاپىقىيەتلىرىنى كۆز- كۆز قىلغان ياكى شۇ ئىجادىي ئەمگەكلىرى ئۈچۈن ئەتىراپىدىكلەردىن ئۈستۈنلۈك تەلەپ قىلغان ئەمەس. ئۇلار ھەر ۋاقىت ئۆزىنى باشقىلار بىلەن باراۋەر ئۇرۇندا قويۇپ، مۇنەۋەر ئەدىپلەرنىڭ ئىستىلىنى جارى قىلدۇرغان. مەنچە بولغاندىمۇ ئەدەبىيات ئەنە شۇنداق مىننەتىسىز ھەم شەرەپلىك بىر ئەمگەك. شوڭا سىلەرگە تەكىتلەيدىغىنىم ئەجىر قىلىڭلار، ئەمما مىننەت قىلماڭلار، شۇندىلا ياخشى بىر قەلەم ساھىبىنىڭ ئوبرازىنى تىكلىيەلەيسىلەر!» دېدى. كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىمىز ئۈچۈن ماياك بولىدىغان بۇ سەمىمىي سۆزلەرگە قىزغىن ئالقىش سادالىرىمىزنى ياڭراتتۇق. سۆھبەر ئاخىرىدا شىنجاڭ ياش- ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى تەرپىدىن چىقىۋاتقان شېئىر توپلاملىرى ھەققىدىكى بىر خوشخەۋەرمۇ بىزگە يېتىپ ئۈلگۈردى. ھازىر شېئىر توپلاملىرىغا بولغان ئېھتىياج بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئېشىپتۇ. بۇ يىل مەزكۇر نەشىرىيات تەرپىدىنلا 7 پارچە شېئىر توپلىمى نەشىردىن چىقىدىكەن. بۇ كىشنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ۋە تولىمۇ مەمنۇن قىلىدىغان كاتتا بىر ئىش ھېسابلىناتتى... قىزغىن مۇنازىرە، كۆڭۈللۈك سۆھبىتىمىز ۋاقىتنىڭ قىستىشى بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى. ئابلىكىم ھەسەن كۆڭۈل سوۋغىسى سۈپتىدە ئېلىپ كەلگەن بىر تۈ*ركۈم ئېسىل كىتابلارنى بىزگە سۇنغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ سەل جىددىي ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ يولغا چىقتى. بىز قىيالماسلىق نەزىرى بىلەن ئۇنى ئۇزىتىپ قويدۇق...
كەچ تەرەپتە ئەيبۇ ياقۇپ مۇھىم ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، «ئەتە سەھەر بۇيەرگە ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئادىل تۇنىياز ۋە ھەرقايسى ژورناللارنىڭ مۇھەرىرلىرى سىلەرنى يوقلاپ كېلىدۇ. ئۇلارنى كۈتىۋېلىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلايلى!» دېدى. بىز تەييارلىقنى بىرەر قۇر پۈتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئالدىنقى كۈنلەردىكىگە قارىغاندا بالدۇرراق ئارام ئالدۇق.
2- ئىيۇن تاڭ سۈزۈلۈشى بىلەنلا ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، ھويلا- ئارانلارنى يەنە بىر قېتىم پاكىزە تازلاپ چىقىش ئۈچۈن تۇتۇش قىلدۇق. بەس- بەس بىلەن ، قولمۇ- قول تۇتۇشۇپ قىلىنغان ئىشلار يۈرىكىمىزدە ئىناقلىقنىڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى قالدۇرماقتا ئىدى...  ناشتىلىق تەييار بولۇپ، تاماق شىرەسى ئالدىغا جەم بولدۇق. چىرايلاردا ئىللىق تەبەسسۇم، ھاياجانلىق ئىپادىلەر جىلۋىلەنمەكتە. ئەدەبىيات ئىشقىدا سوقىۋاتقان يۈرەكلەر، ئولۇغ ئارزۇ ئىستەكلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش پەيتلىرىنى كۈتمەكتە. ۋاقىت مۇشۇ شادىيانە دەملەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نەقەدەر قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرماقتا ئىدى.
قارا رەڭلىك ئىككى ماشىنا «ئىجادىيەت، ماتىرىيال مەركىزى» دەرۋازىسى ئالدىدا توختاپ، ئىچىدىن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتنىڭ پىرافىسسورى شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، « تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى پولات ھېۋىزۇللا، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جۇرئەت سەيپۇل. «دېڭىزدىكى كوچا»، «چۈمبەلدىكى كۆز» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ مۇئەللىپى، كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق ياش شائىر ئادىل تۇنىياز، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى ئەسقەر ياسىن، ئىشخانا مۇدىرى پەرىدە، مۇھەرىرى روزىمۇھەممەت مۇتەللىپ قاتارلىقلار چۈشتى. بىر قېتىم كۆرۈشۈپ باقمىغان بولسىمۇ، ئوخشاش بىر ئوتتا كۆيۈپ، ئوخشاش بىر مەنزىل ئۈچۈن تىپچەكلەۋاتقان قىپقىزىل يۈرەكلەر بىر- بىرىگە شۇ قەدەر تۇنۇش، شۇ قەدەر يېقىن بىلىنەتتى. ھۆرمەت، ئىززەت- ئېھرام بىلەن سۇنۇلىۋاتقان قوللار، چوڭقۇر سەمىمىيەت، مىھىر- مۇھەببەت مۇجەسسەملەنگەن دىدالىشىشلار شۇنچىلىك يارقىن بىرمېھر مىلۇدىيەسىنى زاھىر قىلماقتا. بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ رادىئو تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى «سەنئەت گۈلزارى» پىروگراممىسىدىكى خادىملارمۇ يېتىپ كەلگەن بولۇپ، يۇقارقى كۆرۈنۈشلەرنى بىرمۇ- بىر سىنغا ئېلىۋاتاتتى.
قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ قەدەم تەشرىپ قىلغان بۇ ئەزىزلىرىمىزنى ئىككىنچى قەۋەت يىغىن زالىغا باشلىدۇق. ھەممەيلەن ئازادە يىغىن زالىدىن ئورۇن ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئەيبۇ ياقۇپ كۆپچىلىكنى بىرمۇ- بىر تونۇشتۇرۇپ چىقتى. تونۇشتۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننى سۆزگە تەكلىپ قىلدۇق. ئۇ بىزگە مەخسۇس يىغىن شەكلىدە ئەمەس، ئەركىن ئازادە پىكىر ئالماشتۇرۇش شەكلىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى بەردى ۋە ئۆزىنىڭ شېئىرىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئازادە بايان قىلىشقا باشلىدى. «مەن 1986- يىلى ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ئۇيغۇر شېئىرىيىتى قايناق بىر مەزگىلدە بولۇپ، ئىلگىرى گۇڭگا شېئىرلار دەپ ئاتىلىپ كەلگەن يېڭىچە شېئىرىيەتمۇ دەسلەپكى قەدەمدە باش كۆتۈرىۋاتقان، پىشقەدەملەر بىلەن ياشلار ئوتتۇرىسىدا ھەرخىل مۇنازىرىلەر بولۇنىۋاتقان ۋاقىتلار ئىكەن. ئۇ چاغلاردا غالىپ راخمان، ئىلغارجان سادىق، مەرھۇم باتۇر رۇزى قاتارلىقلار بىر- بىرىمىزنىڭ ياتاقلىرىغا يىغىلىپ شېئىرىيەت ھەققىدە كېچە- كېچىلەپ بەس مۇنازىرە ئېلىپ باراتتۇق. يەنە قۇربان بارات، مەرھۇم تېيىپجان ئېلىيوف، ئابدۇكىرىم خوجا، ئارىسلانلار بىلەنمۇ ئۇچۇرۇشۇپ تۇراتتۇق. مۇنازىرلىرىمىزدە دۇنيا شېئىرىيىتىدىكى ماللارمېى، رامبۇ، پول ۋالېرى، پېردىرىخ نېتشى، شوپپىن خاۋېرنىڭ ئىجادىيەتلىرى ئۈستىدىكى ئۆزگىچە قاراشلار ئوتتۇرىغا تاشلىناتتى. شەخسەن مەن ئاشۇ پۇرسەتلەردە نۇرغۇن نەپكە ئېرىشكەن. ئۇ شۇنداق بىر گۈزەل پەيتلەر ئىدى.
مېنىڭىچە شائىر ئىنتايىن تۇيغۇن بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى، ئۆزىدە بار بولغان ئىچكى جۇغلانمىلار (تۇيغۇلىرى) دىن پايدىلىنىپ شېئىرلاردا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شائىر ئۈچۈن تەييار، تەقلىدىي نەرسىلەرنىڭ كېرىكى يوق. ماشىنلاشقان، مىخانىكىلىق دۇنيا نۇرغۇن نەرسىلەرنى تەييار، تەقلىدى تۈسكە كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ شائىرلارنىڭ مەنىۋىلىكى (ئىچكى دۇنياسى) بىلەن زىت كېلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ماشىنا بار يەردە شائىرلار تەمتىرەيدۇ. شائىرنىڭ كۈيلەيدىغىنى زامانىۋىلاشقان شەھەر مۇھىتى بولماستىن، بەلكى گۈزەل سەھرا مەنزىرىسى، كېچىدىكى سانسىز يۇلتۇزلار ۋە چەكسىز ھىممەتكە ئىگە ئانا تەبىئەتتۇر. بۇلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شائىرنىڭ ماكانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىزگە بىر قەدەر تۇنۇش بولغان روس ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر شائىر يېسىنىنمۇ سەھرانى ئەڭ كۆپ مەدىھىلىگەن شائىرنىڭ بىرى. بۇندىن باشقا، توماس ئېلىوت ئۆزىنىڭ «باياۋان» («خارابە» دەپ ئالساق بەكرەك جايىغا چۈشىدۇ) ناملىق داستانى ئارقىلىق غەرىپىنىڭ زامانىۋىلىق ئاتىلىپ كەلگەن ئاشۇ مىخانىكا دەۋىرىنى بىر  خارابىگە ئوخشاتقان. ئومۇمەن شائىرلار ئۆز تۇيغۇلىرى ئارقىلىق شەيئىلەرنى تونۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا باھا بېرىدۇ. بۇ خىل تونۇش شېئىرنىڭ مەنىۋى زوق بېرىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۇنيانى باشقا بىر مەيداندا تۇرۇپ كۈزىتىشنىڭ ھۇزۇرىنى ئوقۇرمەنلەرگە ھىس قىلدۇرلايدۇ.» ئۇستازنىڭ يۇقارقى سۆزلىرى ئارقىلىق بىز يېڭىچە شېئىرىيەتنىڭ بىخ ھالىتى (ئەينى چاغ) دىكى ئاساسى ئەھۋالى ئۈستىدە مۇھىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەندىن سرىت، شېئىر ۋە شائىرنىڭ مەۋجۈتلىقى توغرسىدىكى ئۆزگىچە تونۇشلارغىمۇ ئىگە بولدۇق.
ئارقىدىن پولات ھېۋۇزۇللا ئۇزۇن يىللىق مۇھەرىرلىك ھاياتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، يېڭىلىق يارىتىش بىلەن تېخنىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى. « يېڭىلىق تاساددىپىي بولغاندىن باشقا يەنە خاسلىققا ئىگە بولىدۇ. مەسىلەن بىر رەسسام ئۆز تۇيغۇسى بويىچە ئاق قەغەزنىڭ ئۈستىگە سىياھنى تۆكسە، ئۇنىڭ شۇ سىياھنى تۆككەندىكى ھېسسىي كەچۈرمىشلىرىنىڭ ئۆزى يېڭىلىق. باشقىلارمۇ ئۇنى دوراپ قەغەزنىڭ ئۈستىگە سىياھنى چېچىۋېتىپلا مانا بۇ يېڭىلىق دەپ تۇرىۋالسا بۇ يېڭىلىق ئەمەس، بەلكى بىمەنلىك بولىدۇ. يېڭىلىق توغرسىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان بىر ھىكايە بار. XX شەھەردە بىر مۇزىكانت بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇزىكا كېچىلىكىنى ئۆتكۈزۈپتۇ. مۇزىكا كېچىلىكى ئوتتۇرىلاشقاندا رىياسەتچى  «5 مىنۇت 20 سكونت» ناملىق بىر مۇزىكىنىڭ ئۇرۇندىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپتۇ. مۇزىكانت سەھنىگە چىقىپ،ئىككى مىنۇتقىچە جىم تۇرغاندىن كېيىن، تۆۋەندە ئولتۇرغان تاماشىبىنلار ‹ قېنى بۇ مۇزىكىسنى چالمايدىغۇ؟› دەپ غۇلغۇلا قىلىشقا باشلاپتۇ. بەش مىنۇت بولغاندا ۋاقىراش جاقىراشلار ئەۋجىگە چىقىپتۇ.بەش مىنۇت 20 سىكونت دەل توشقاندا مۇزىكانت ئېغىز ئېچىپ، ‹ - مەن مۇزىكامنى چېلىپ بولدۇم. مەن چالغان مۇزىكىنىڭ ئىسمى ‹5 مىنۇت 20 سىكونت› ئىدى. سىلەر مۇزىكا باشلىنىپ ئىككى مىنۇتتىلا غۇلغۇلا قىلىشقا باشلىدىڭلار، بەش مىنۇتتا قىيا- چىيا قىلىشىپ ھاياجانلاندىڭلار، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى بىر مۇزىكا دەپتۇ›. بۇ مۇشۇ مۇزىكانتنىڭ شەيئىلەرگە قارىتا بايقاش ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. يەنى، شۇنىڭ ئۆزىگىلا تەۋە بولغان خاسلىقتۇر. باشقىلارمۇ ئۇنى دوراپ سەھنىگە چىقىپ جىم تۇرىۋېلىپلا مۇزىكا چالدىم دېسە بۇ يېڭىلىق بولمايدۇ. نۆۋەتتە يېڭىچە شېئىرىيەتتىمۇ نۇرغۇنلىغان ئۆزگىچە قاراش ۋە ئوقۇملار مەيدانغا كەلدى. بۇ يەردە ئولتۇرغان ياشلار ئارىسىدىمۇ يېڭىلىق تۈسىدىكى بىر تۈ*ركۈم ياخشى شېئىرلارنى يازغانلار بار. ئەمما، يەنە بىر قىسىم ياشلار يېڭىلىق ياراتتىم دەپ كىشىلەر چۈشەنمەيدىغان بىر نەرسىلەرنى يېزىپ، مۇشۇنىڭ ئۆزى يېڭى ئۇسلۇپتىكى شېئىر دەپ ئوتتۇرىغا تاشلاۋاتىدۇ. ئۇ قانداقتۇر يېڭىلىق ياكى شېئىر بولمايدۇ. يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن كىلاسسىك شېئىرلارنىڭمۇ ئالاھىدىلىكىنى پۇختا ئىگىلەپ، شېئىرىيەت نەزىرىيىلىرىگە بولغان بىلىمنى موللاشتۇرۈش، تېخنىكا (ماھارەت) يىتىلدۈرۈشكە سەل قارىماسلىق زۆرۈر.  مۇشۇ ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئادىل تۇنىيازلارمۇ ناھايىتى ئېسىل غەزەللەرنى يازالايدۇ. ئۇلار يېڭىچە شېئىرىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا كىلاسسىك يازمىلار ئۈستىدىمۇ ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان. شوڭا بۇلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى يېڭىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىرىشىپ، پۇت دەسسەپ تۇرىۋاتىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن ئاۋال ئاساسى ماھارەتنى يىتىلدۈرۈش كېرەك. ئۆينىڭ ئۇلىنى پۇختا قوپارغاندا تام مەزمۇت تۇرغانغا ئوخشاش، ئاساسنى پۇختىلىغاندا ئاندىن كىشلەرنىڭ نەزىرىگە ئېلىنىدىغان ھەقىقى يېڭىلىقنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ».  پولات ھېۋىزۇللانىڭ ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئېيتقان بۇ سۆزلىرى كۆپچىلىكنى قايىل قىلغان ئىدى. مۇنازىرە جۇشقۇن كەيپىيات باسقۇچىغا ئۆتۈپ، ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىرىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئاڭلاش شەرپىگىمۇ مۇيەسسەر بولدۇق(مەن ئىلگىرى «بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى»، «چۈمبەلدىكى كۆز»، «دېڭىزدىكى كوچا» ناملىق شېئىر توپلاملىرىنى سۆيۈپ ئوقۇغان بۇ شائىرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. شوڭا پۈتۈن دېھقىتىمنى يىغىپ، ئۇنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سالماقتا ئىدىم). « ھەممە ئادەم جان بېقىش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش يۈرۋاتقان، كىشلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە كۈنسايىن سۇسلىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رايۇنىمىزدىكى ياش شائىرلارنى يىغىپ، زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر پائالىيەتنى تەشكىللىگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلەرگە چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
ئاڭلىسام، بۇيەردە ئولتۇرغانلارنىڭ كۆپىنچىسى تور ئەدەبىياتىنىڭ تۈرۈتكىسىدە يېتىشىپ چىققانلار ئىكەن. مەنمۇ تورنى ئارىلاپ تۇرىمەن، ئۇنىڭدىكى بەزى ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتى ھەقىقەتەن بەك ياخشى، يۇقىرى سەۋىيىدە يېزىلغان ئەسەرلەر تەشكىل قىلىدىكەن. ئەمما، يەنە بىر قىسىم ئەسەلەردە مەسئۇلىيەتسىزلىك ئەھۋاللىرى ئېغىر، بۇ خىل مەسئۇلىيەتسىزلىك ئەدەبىي ئىجادىيەتتە سىناق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بولسا ئۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن، قەستەنلىك بىلەن، نام چىقىرىش مەقسىتىدە سادىر قىلىنغان بولسا بۇ قەلەمگە قىلىنغان بىھۆرمەتلىكتۇر.
مېنىڭ بايقىشىمچە، ھازىر شېئىر يېزىۋاتقان ياشلار ئارىسىدا تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. بۇ بىر ياخشى ئەھۋال. ئەمما، تىل ئۆگىنىش بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مەسىلىسىدە، يەنىلا ئىجادىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ئەۋزەل. ئىجادىيەتتە بۆسۈش بولغاندا، يازمىلىرىمىزنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىدىغانلار جەزمەن چىقىدۇ. ئۇنى ئۆزۈم تەرجىمە قىلىمەن دەپ بەك چوڭقۇرلاشنىڭ زۆرۈريىتى يوق. تىل بىزنىڭ ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرۇپ، باشقا تىللاردىكى ئەسەرلەرنى ھەزىم قىلالىغۇدەك دەرىجىدە ئۆگىنىلسە يېتەرلىك. شۇندىلا ئىجادىيەتكە كۆپرەك ۋاقىت ئاجىراتقىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن. ئەمدى، قايسى يۆلىنىشتە ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىش مەسىلىسمۇ ھالقىلىق مەسىلە؟ بۇ جەھەتتە مەن مەھمۇد دەرۋىشنىڭ ئىجادىيەت يۆلىنىشنى ياقىلايمەن. ئەرەپ شېئىرىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئەدۇنىس، نىزار قۇببانى، مەھمۇد دەرۋىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسنىڭ ئۆز ئالدىغا تۇتقان يولى بار. ئەدۇنىس شېئىرلىرى سىياسى، دىن ئوقۇملىرىدىن ھالقىپ كەتكەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە يۈزلەنگەن شېئىرلار. نىزار قۇببانى ئاياللار شائىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا كۆپىنچە ئىشقى مۇھەببەت ئاساسى لىنىيە قىلىندۇ. بۇندىن باشقا يەنە سىياسىغا مۇناسىۋەتلىك شېئىرلىرىمۇ بەلگىلىك سالماقنى ئىگىلەيدۇ. مەھمۇد دەرۋىش شېئىرلىرىدا ئەرەپ دۇنياسىنىڭ مەدەنىي ئارقا كۆرۈنۈشى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئەرەپ مەدەنىيىتىنى يېزىشنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت نىشانى قىلغانلىقى ماڭا بەك يارايدۇ. مەنچە بولغاندا بىزنىڭ ئىجادىيەتلىرىمىزمۇ مىللىي مەدەنىيەتكە يۈزىلىنىپ، قويۇق مەدەنىي تۈسكە ئىگە ئەسەلەرنى كۆپرەك يېزىپ چىقساق بولاتتى.» بۇ سۆزلەرگە شېئىرىيەت كوچىسىدا ئۇزۇن يىل يۈرگەن بىر شائىرنىڭ ئىجابىي قاراشلىرى ۋە سەمىمىي تەكلىپلىرى مۇجەسسەملەنگەن ئىدى. ھەممەيلەن مەمنۇن بولغان ھالدا ئالقىش سادالىرىنى ياراڭراتتۇق. ھەربىر مىنۇت، ھەربىر سىكونتىمۇ ئىنتايىن قىممەتلىك بۇ پەيتلەرنى بىكار ئۆتكۈزىۋېتىشكە بولمايتتى. ئۇستازلىرىمىزمۇ بىز ياشلارنىڭ دادىل بولۇشىمىزنى، قانداق قاراش ياكى پىكىرلىرىمىز بولسا ئەركىن ئازادە ئوتتۇرىغا قويۇشىمىزنى تەكىتلىدى. ئاۋال مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى (ياشلارغا ۋاكالىتەن)، ئەزىزلىرىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ، قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈدى. ھەمدە ئۆگىنىشكە تىگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ئاندىن ئوسمانجان مۇھەممەت پاسىئان، ئۆزىنىڭ شېئىرى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدىكى تەجىرىبە ھاسىلاتلىرىنى چىقىش قىلىپ، « شائىر ئۆزىدىكى شېئىرىي تويغۇغا چوڭقۇرلىغانسېرى تەنھالىققا قاراپ يول ئالىدىكەن. بۇ ھال تاشقى ئامىل بولغان كىملىكتىن بارا- بارا يىراقلىشىپ كېتىشكە سەۋەپ بولۇپ، ياتلىشىش پىسخىكىسنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدىكەن. شوڭا مەن ئۆزىگە چوڭقۇرلاش (ئۆزلۈك) بىلەن كىملىك ئوتتۇرىسىدا بىر زىددىيەت بار ئىكەن دېگەن تونۇشقا كەلدىم. ئۇستازلارنىڭ مۇشۇ زىدىيەتنى قانداق ھەل قىلىش توغرسىدا بىر كۆرسەتمە بېرىشنى سورايمەن؟» دېگەن سۇئالنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭغا قارىتا ئادىل تۇنىياز ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، «شائىرنىڭ تەنھا قېلىشى ئوسمانجان ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئۇنىڭ ئۆز تۇيغۇلىرىغا چوڭقۇرلۇشىنىڭ نەتىجىسى، بۇيەردىكى چوڭقۇرلاش يەككە ھالدا ئىچكى دۇنياغا چوڭقۇرلاش بولغانلىقى ئۈچۈن، سىرت بىلەن بولغان ئالاقە تەبىئيلا ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىچكى تەققاززالىق بىلەن تاشقى غىدىقلاش كۈچىنىڭ ئورتاق تەسىرلىشىشىدە ئىنتايىن ياخشى شېئىرلار مەيدانغا كېلىدۇ. شوڭا، شائىرلار تاشقى دۇنيادىن ئايرىلىپ قالمىغان ئاساستا، چوڭقۇرلاش ئېلىپ بارسا، كىملىكتىن يىراقلاپ كېتىش، ياتلىشىش پىسخكىسنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا يەككە يۆلىنىشتە چوڭقۇرلاش، مۇنداقچە ئېيتقاندا تەنھا قېلىش شېئىر يېزىشنىڭ بىردىبىر شەرتى ئەمەس» دېدى.
ئاخىرىدا «شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى»نىڭ باش مۇھەرىرى جۇرئەت سەيپۇل «مەن بۇ يەرگە سىلەرنى يوقلىغاچ سىلەردىن ئەسەر سوراپ كەلدىم . يازغۇچىلار تورىدىن سىلەرنىڭ بۇ سىمنارىيەگە قاتنىشىۋاتقىنىڭلارنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم. سىلەر‹شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى›نىڭ دائىملىق ئاپتۇرلىرى ياخشى ئەسەرلىرىڭلار بىلەن بىزنى داۋاملىق تەمىنلىشىڭلارنى  ئۈمىد قىلىمەن. ياخشى ئەسەرلەرنى يازساڭلارلا سىلەرگە سەھنە بولۇشقا بىز تەييار» دېدى قىسقا ئەمما بۇ سەمىمىي تەلەپ ھەمممىزنى بەك سۆيۈندۈردى . بىر ژۇرنالنىڭ باش مۇھەرىرى بىزنى ئاتايىن يوقلاپ چىقىش بىلەن بىللە بىزگە بۇنچىلىك مەدەت بەرگەن يەردە چوقۇم ياخشى ئەسەرلىرىمىز بىلەن خەلققە جاۋاپ قايتۇرىمىز دىيىشتۇق .
سۆھبىتىمىز شۇنچىلىك قىزغىن داۋام قىلىۋاتقان بولىسمۇ، چۈشلۈك تاماق ۋاقتى قىستاپ قالغانلىقتىن، غىزالانغاچ يەنە داۋاملىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى ئويلاشتۇق. چۈشلۈك تاماق خۇددى ئۇزۇن مۇددەت كۆرۈشەلمىگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ ئولتۇرغانغا ئوخشاش ئىنتايىن كۆڭۈللۈك بولىۋاتاتتى. ھەر ساھە ھەر كەسىپتە ئىشلەۋاتقان خىزمەتلىرىمىز، شۇغۇللىنىۋاتقان تىجارەتلەر، ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەققىدىكى ئېچىلىپ يېيىلىپ قىلىنىۋاتقان پاراڭلار بىزنى بىر تۇققان قېرىنداشلارغىلا ئوخشىتىپ قويغان ئىدى. تاماقتىن كېيىن، يەنە ئىجادىيەت ماتىرىيال مەركىزىنىڭ ئالدىدىكى چىملىققا يىغىلىپ، جەنۇبىي تاغنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن بەھىر ئالغاچ ئىختىيارى پاراڭلاشتۇق. ئارىدا ئۇستاز ئابدۇقادىر جالىدىن «غەرىپلىكلەر بىزنىڭ ئەسەرلىرىمىزنىڭ قايسى تەرەپلىرىگە قىزىقىدۇ؟» دېگەن تېما ئۈستىدە قاراشلىرىنى بايان قىلدى. «يېقىندا مەلۈم ئىشلار سەۋەپلىك ئەنگىليىگە بېرىپ قالدىم. ئۇ يەردىكى ئەدەبىياتقا ئىشتىياقى بار بىر ئېنگىلىز بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، لاۋرېنىسنىڭ گېپىنى چىقارسام. ئۇ ئۇزاقتا ئەسلەپ، ‹-ھە، دې ئېچ لاۋرېنىس› دېدى. ئۇلار ئىچىدە داڭلىق يازغۇچىلار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرغاچقا، بۇرۇنقىلار ئاسانلا ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدىكەن. تۇرمۇش شارائىتى ۋە باشقا ھەرخىل ئامىللار ئۇلارنىڭ ئىدىيىسنى كېلەچەكتە ياشايدىغان قىلىپ يىتىشتۈرگەنمۇ قانداق؟ ئىدىيىسى كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن بولىدىكەن. قىزىقىدىغىنى، ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى بەدىئىلىك ئەمەس، بەلكى غەيرىلىك ئىكەن.  يەنى باشقا رايۇنلاردا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ مىللى ئۆرىپ ئادەتلىرى، ياشاش شارائىتى قاتارلىقلار قىزىقىش ئوبىكتى بولىدىكەن. ھەر يىلى ئىنگىلىز تىلىدا بەدىئىلىكى يۇقىرى ئەسەرلەر نەچچە مىڭ پارچىدىن ئارتۇق نەشىر قىلىنغاچقا، ئۇنىڭغا نىسبەتەن غەرىپ ئوقۇرمەنلىرىدە تويۇنۇش كۆرۈلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمدى، بىزنىڭ ئەسەرلىرىمىزنىمۇ باشقا بىر تىلغا تەرجىمە قىلغاندا، ئۇنىڭدىكى بەدىئىلىكتىن سۆز ئېچىش قىيىن. بەدىئىلىك ساقلاپ قېلىندى دېگەن تەقدىردىمۇ باشقىلارنى جەلپ قىلالىشى يەنە بىر مەسىلە. شوڭا ئەسەرلىرىمىزگە مىللىلىكنى كۆپرەك سىڭدۈرەلىسەك، غەرىپلىكلەرنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشكىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن». ئۇستازنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پارلاق ئەتىسى ئۈچۈن، بىر داغدام يولنى كۆرستىپ بەرگەندەك قىلاتتى.
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن پاراڭلىرىمىزمۇ ئاخىرىلىشىپ، ئەزىز ئۇستازلىرىمىزنىڭ قايتىدىغان بولۇپ قالدى. بىز قىيالماسلىق ئىلكىدە ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ چىقتۇق. بوشلۇقتا پۇلاڭلاۋاتقان قوللىرىمىز، قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن چىقىۋاتقان ئامانلىق تىلەكلىرىمىز خوشلىشىش پەيتىنىڭ سوغۇق شاماللىرىنى يۈزلىرىمىزگە ئۇرماقتا ئىدى.
ھەش- پەش دېگۈچە قىزغىن سۆھبەتلىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى 3- ئىيۇن كېلىپ قالدى. ئىلگىرىكى ھەربىر كۈنلەردىكىگە ئوخشاش بۇ كۈنمۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، ئەسلى پائالىيەت كۈنتەرتىپىمىز بويىچە دىيارىمىزدىكى داڭلىق ئەدەبىي تەرجىمانلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزلەتتى.
بىز ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن خۇش مۇبارەك قەدەملەر سەھەردىلا بۇسۇغىمىزغا ئاياغ بېسىپ، مەركىزىمىزنىڭ يىغىن زالىنى ئىللىقلىققا تولدۇردى. ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، قەدەم تەشرىپ قىلغان ئۇستاز تەرجىمانلار بىلەن بىر- بىرلەپ تونۇشۇپ چىقتۇق. ئۇلار خەنزۇچە «غەربىي دىيار» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەرىرى، كۆزگە كۆرۈنگە شائىر شىن ۋېي، «قۇدادغۇ بىلىگ» قاتارىدىكى بىر تۈ*ركۈم مەشھۇر ئەسەرلىرىمىزنى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان پىشقەدەم ئەدەبىي تەرجىمان جاڭ خوڭچاۋ، شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتىنىڭ مۇھەرىرى، شائىر، يازغۇچى پەرھات ئېلىياس قاتارلىقلار ئىدى. سۆھبىتىمىز ياش شائىر شىن ۋېيىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىشى بىلەن باشلاندى.
« شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت ئەندىزلىرى بىرلىكتە مەۋجۈت بولۇپ تۇرۋاتقان رايۇن. بۇخىل ئالاھىدىلىك ئەدەبىيات- سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى شارائىت ئەۋزەللىكىگە ئىگە قىلغان. مەن رايۇنىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە قىزىقىش بىلەن قارايمەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزلارنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.
ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەت جۇغلانملىرىغا ئىگە بولۇشى، دۆلىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات- سەنئىتىدىكى بىباھا بايلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىمۇ، نۇرغۇن شېئىرى شەكىللەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر غەزىنە. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنى يىغىپ، مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەتنى تەشكىللىشى، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە نىسبەتەن زور قوللاش ھېسابلىنىدۇ. ئىلىمىزدە شېئىرىيەت بايراملىرىنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئاساسى ئۇرۇندا تۇرىدىغان ئىككى چوڭ شېئىرىيەت بايرىمى بار. ئۇنىڭ بىرى «جۇڭگۇ شېئىرىيەت بايرىمى»، يەنە بىرى شەنشى ئۆلكىسدە ئۆتكۈزىلىدىغان «مائەنشەن شېئىرىيەت بايرىمى». بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەر بىر تەرەپتىن شائىرلارنى قوللاپ، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى مۇئەييلەنشتۈرۈش ئۈچۈن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىش بىرىش ئۈچۈندۇر. تەرەققىيات ، تۇرمۇش رېتىمى جەھەتلەردىكى تېزلىشىش بىزنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقلىرىمىزنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىۋاتىدۇ. ئايرۇپىلان، ماشىنا قاتارلىق قاتناش ئەسلىھەلىرى سەپەر مەنزىلىمىزگە تىز يەتكۈزگەن بىلەن، بىزگە تونۇشۇش پۇرستى يارىتىپ بېرىدىغان ۋاقىت ۋە بوشلۇقتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم ئامىلدىن مەھرۇم قىلىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ھېكايىنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرەي،  مەن مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن پويىزدا ئۈچ كۈنلۈك سەپەرگە چىقىپ قالدىم. بىرىنچى كۈنى، يۈك- تاقلارنى قويىدىغان جاي، ئولتۇرىدىغان ئورۇنلارنى تالىشىپ سەپەرداشلار ئۆز- ئارا زىدىيەتلەشتۇق. ئىككىنچى كۈنىگە بارغاندا، بۇرۇقتۇملۇق كەيپىياتتىن بىزار بولۇپ، پاراڭلىشىشقا باشلىدۇق. پاراڭلىشىش جەريانىدا ئالدىنقى كۈندىكى زىدىيەتلەرمۇ تۈگەپ بىر چىرايلىق تونۇشىۋالدۇق. ئۈچىنچى كۈنىگە بارغاندا، بىرلىكتە غىزالىنىپ، قىزىقىشلىرىمىز، ئورتاق غايلىرىمىز ئۈستىدە سىردىشىپ دېگەندەك ياخشى دوستلاردىن  بولۇپ قالدۇق. ئەگەر پويىز، ئايرۇپىلانغا ئوخشاش تىزلىككە ئىگە بولغان بولسا، بىزگە تونۇشۇش پۇرسىتى كەلمىگەن بولاتتى. ئەدەبىي ئىجادىيەت كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئىلغار تەرەپلەرنى قۇبۇل قىلىش ئاساسىدا تېخىمۇ يۈكسىلىشكە قاراپ يۈزىلىنىدۇ. شۇڭا سىلەرنىڭمۇ بۇ ئەسرالىشىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز- ئارا ئۆگىنىپ، ئىجادىيىتىڭلاردا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشڭىلارغا تىكداشمەن.»
شائىر شىن ۋېينىڭ ئومۇمىيىلىق نوقتىسىدا تۇرۇپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئورنىغا بەرگەن يۇقىرى باھاسى، تەرەققىيات، كىشلىك مۇناسىۋەت ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۈستىدىكى چوڭقۇر پىكىرلىرى بىزنى ھاياجانلاندۇرغان ئىدى. ئارقىدىن، «قۇدادغۇ بىلگ» قاتارىدىكى بىر تۈ*ركۈم مەشھۇر ئەسەلىرىمىزنى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان پىشقەدەم ئەدەبىي تەرجىمان جاڭ خوڭچاۋ كىلاسسىك شائىرلىرىمىزدىن ئەلىشىر نەۋائىي، ئاتايى، لۇتىغى قاتارلىقلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ھازىرقى ۋە يېقىنقى زاماندىكى ئەدىپلىرىمىدىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئەھمەت زىيائى، تېيىپجان ئېلىيوف قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىتا سۆيۈنۈش پوزىتىسىيىسىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىز بۇنىڭدىن ئىپتىخارلىق ھىسياتىدا بولۇش بىلەن بىرگە ئۇستاز تەرجىمان جاڭ خوڭچاۋنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەلەرنى تەرجىمە قىلىپ خەنزۇ ئەدەبىياتىغا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈردۇق...
بۇ سۆھبەت پائالىيىتى بىزگە نۇرغۇن نەپ يەتكۈزگەندىن باشقا زور ئىلھام ۋە مەدەتلەرنى ئاتا قىلىپ، كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىمىزگە دادىل قەدەم تاشلاش ئۈچۈن كەڭ يول ھازىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەدەبىي تەرجىمانلار بىلەن چۈشلۈك تاماق ۋە ئىختىيارى پائالىيەتلىرىمىزدە بىللە بولۇپ، تەرجىمە ئىجادىيىتى توغرسىدا يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىگىلىۋالدۇق.
ئەدەبىيات ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، تالاي كېچىنى تاڭغا ئۇلىغان تەرجىمانلىرىمىز بىلەن يەنىمۇ ئۇزاقراق سۆھبەتتە بولۇشنى ئويلىغان بولساقمۇ، بىزگە يۈز كۆرۈشۈشتىن ئىبارەت خاسىيەتلىك دەقىقىلىرىنى سۇنغان ۋاقىت، ئاق يول تىلەپ ئۇزۇتۇش رىئاللىقىنىمۇ قۇبۇل قىلىشمىزنى تەلەپ قىلىۋاتاتتى. شۇنداق، ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ قويدۇق، ئەمما، يۈرۈكىمىزدىكى ئەدەبىيات ئوتى، قەلب رىشتىمىزگە باغلانغان مىھىر مۇھەببەت مەڭگۈلۈك بىر گەۋدىگە ئايلاندى.

3. «بۈگۈن ئاخىرقى كۈنىمۇ؟»

« بۈگۈن ئاخىرقى كۈنىمۇ؟»، «بۈگۈن ئاخىرقى كۈنىمۇ، قانداق بولۇپ بۇنچە تىز ئۆتۈپ كېتىدۇ؟» ھەربىر ئاۋاز، ھەتتا ھەربىر تىنىقلار تامان چىقىۋاتقان تەئەججۈپلۈك سادالار، 4- ئىيۇننىڭ كەلگەنلىكىگە گۇمان بىلەن قاراۋاتتى. ئەپسۇس، خاتىرە كومپىيوتىر ۋە تېلېفۇن ئېكرانىدىكى 2011-6-4 دېگەن سان- سىپىرلار بۇنىڭ بىر رىئاللىق ئىكەنلىكىنى، شۈبىھلىنىشمىزنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قۇبۇل قىلماقتىن باشقا ئىلاج يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. توغرا رىئاللىق ئالدىدا نۇرغۇن ئىشلارغا ئىلاجسىز قالىمىز. ئىلاجسىز قالغانلىقىمىز ئۈچۈن شېئىر يازدۇق... ئىلاجسىز قالغانلىقىمىز ئۈچۈن ھاياتنىڭ مەنىسنى، دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرىدىغان ئىلاجنىڭمۇ بارلىقىنى تۇنۇپ يەتتۇق. بۇنى خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىپ، ھەرقانداق بىر ئولۇغ ئىشنىڭمۇ قەرەلى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتكە يۈزلىنىش كېرەك. سانسىزلىغان ئەدەبىيات ئاشىنالىرىنىڭ قاپقارا كۆزلىرى بىزگە تىكىلمەكتە، بۇ يەردە ئىگىلىگەن، ھېس قىلغانلىرىمىزنى ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئىسپاتلاپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى گۈلزارلىقىنى رەڭگارەڭ، خۇشپۇراق گۈللەرگە تولدۇرىشىمىزنى ئۈمۈد قىلماقتا...
قايتىشتىن ئاۋال شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، كەسكىن جاۋاپلار بىلەن ئىرادىمىزنى ئىپادىلەشنى توغرا تاپتۇق. مانا ئازادە كۈتۈپخانا ئىچىدە ئاخىرقى قېتىم يىغىلىپ خۇلاسە يىغىنى ئۈچۈن ئولتۇرۇپتىمىز. دوڭ لىبۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ خۇلاسە سۆزلىرىنى بايان قىلىۋاتىدۇ. « سىلەر، بۇ بىر ھەپتىلىك پائالىيەت جەريانىدا نۇرغۇن مەنىۋى بايلىقلارغا ئىگە بولدىڭلار، ئەمدى شۇلارنى ئۆزۈڭلار ئىجادىيەتلىرىدە دادىل قوللىنىپ، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن توھپە قۇشۇش يولىدا، ياشلارغا خاس جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن يېڭىلىق يارىتىش روھىڭلارنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇڭلار! سىلەرنىڭ قىلىدىغىنىڭلار پەقەتلا ياخشى يېزىش، ئىمكانىيىتىڭلاردىن پايدىلىنىپ جىقراق تىل ئۆگىنىش. خەنزۇ تىلى، چەتئەل تىللىرىنى قانچە ئۈگەنسەڭلار شۇنچە جىق ئەسەرنى بىۋاستە ئۆز تىلىدا ئوقۇپ ھوزۇرلىنالايسىلەر، نەزەر دائىرەڭلەر كېڭىيىدۇ. سىلەر ياخشى يازساڭلار ياخشى ئۆگەنسەڭلار يازغۇچىلار جەمىيىتى سىلەرگە نۇرغۇن ياخشى شارائىتلارنى ھازىرلاپ بېرەلەيدۇ. يەنە بىزگە قانداق تەكلىپ- پىكىر، تەلەپلىرىڭلار بولسا، دادىل ئوتتۇرىغا قويۇڭلار، كۈچىمىزنىڭ يىتىشچە ھازىر قىلىپ بېرىمىز.» بۇ سۆزلەر بىزنىڭ زېمىمىزدىكى شەرەپلىك مەسئۇلىيەتنى تونۇتۇپ، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تاكاموللىققا قاراپ قەدەم تاشلىشى ئۈچۈن سەمىمىي تەكلىپلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا تاشلاشنى كۈتىۋاتاتتى. ئامانگۈل ئەزىز بىز كۇرسانتلارغا ۋاكالىتەن بىر قانچە تۈرلۈك تەلەپلەرنى ئېيتىپ ئۆتتى.
«بىز يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەتنى يارىتىپ بەرگىنى ئۈچۈن  تولىمۇ خۇرسەن بولدۇق  بۇ يەردە كۇرسانتلارغا ۋاكالىتەن بىر قانچە تەكلىپنى ئېيتىپ ئۆتەي
1. يازغۇچىلار جەمئىيىتى ھەر خىل تەتقىقات مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا يېڭىدىن يېتىشىۋاتقان ياش يازغۇچى شائىر ھەم تەتقىقاتچىلارغىمۇ مۇۋاپىق ئورۇن بېرىپ ئۇلارغا مەيدان ھەم سەھنە ھازىرلاپ بېرىش بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىدىغان باھا بېرىدىغان يېتەكلەيدىغان بىر يۈزلىنىشنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ باقسا ئەمەلىيەتتە مۇشۇ قېتىملىق پائالىيەتنى دەل شۇ ئىشلارنىڭ مۇقەددىمىسى دىيىشكە بولىدۇ.
2. ياش شائىر يازغۇچىلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئىمكان بولسا چەتئەللەرگە چىقىپ تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقا، ئۆگىنىشكە تەشكىللىسە، ئاشۇ جەرياندا ئۇلار نۇرغۇن تەرەپلەرنى بىۋاستە كۆرۈپ، چۈشىنىپ ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشتىن جەمىيەت، تەرەققىيات،ئىناقلىق ھەققىدە ھەقىقىي تۈردە كەڭ دائىرىدىن قەلەم تەۋرىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان بولاتتى، شۇنداقلا تىل ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈريىتىنى چىن مەنىسى بىلەن تونۇپ يەتكەن بولاتتى
3.يازغۇچىلار تورى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى شائىر، ئەدىپ، تەتقىقاتچىلارنىڭ ماتىريال ئامبىرىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلسا يەنى ھەر بىر ئەدىپنىڭ ئسمىنى تورغا كىرگۈزۈپ ئىزلىسە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ئەسەرلەرگە يېزىلغان باھا ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق ماتىريالىغا ئىگە بولالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە بولساق بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە شۇنداقلا ئوقۇرمەن بىلەن يازغۇچىنى يېقىنلاشتۇرۇشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.
4. يازغۇچىلار جەمىيىتى ياش يازغۇچى شائىرلارنىڭ توپلاملىرى رۇمانلىرىنى چىقىرىشقا ياردەم قىلسا يەنى ياشلار بىرىنجىدىن بۇ ساھەدە مۇئايەن نوپۇز تىكلىمىگەن، ئىككىنجىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە تورى تار،ئۈچۈنجىدىن ئىختىسادىي ئاساسىي تۆۋەن، تۆتىجىدىن ئۆز ئەسەرلىرىنى قانداق تەرتىپلەر بىلەن كىتاپ قىلىپ چىقىرىشنى بىلمىگەچكە خېلى ياخشى ئەسەرلىرى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ۋاقتىدا يۈز كۆرىشەلمەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت . ئىمكان بولسا ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىسە.
5.نوپۇزلۇق تەنقىدچى، تەتقىقاتچىلىرىمىز  مۇشۇ ياشلارغىمۇ دېھقەت نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ ھەرقايسى نۇقتىلاردىن باھالاپ ياخشى يامان تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بەرسە، بۇنىڭ بىر تەرەپتىن  ياشلارنىڭ توغرا ئىجادىيەت ئىدىيىسى تۇرغۇزىشىغا پايدىسى بولسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ھەر تەرەپتىن تەربىيلەپ تېزراق پېشقەدەملەرگە يېتىشىۋېلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ
خۇلاسە يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قايتىش ئۈچۈن بىر- بىرلەپ ماشىنا ئالدىغا يىغىلغان ئاشۇ پەيىتلەردە، كىتاپ ئوقۇش كۇرسىدىكى ھەربىر ئوت يۈرەك ئەدەبىيات ئاشىنالىرىنىڭ ماڭا قالدۇرغان چوڭقۇر تەسىرلىرى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولماقتا ئىدى.  
ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە - شېئىرى تىلنى پىروزا ئەسەرلىرىگە ئىنتايىن ماھىرلىق بىلەن كۈرگۈزۈپ، شېئىرىيەت ۋە پىروزىدىن ئىبارەت قوش يۆنلىشلىك ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىستىاد ئېگىسى. يېزىقچىلىق جەھەتتە ماڭا ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى بىرىپ كېلىۋاتقان تەلەپچان ئۇستاز.
ئامانگۈل ئەزىز-«مەن ئېرىمنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم»،«ئوت ئىچىدىكى ئايال»، قاتارلىق بىر تۈ*ركۈم ھېكايە شېئىرلىرى، بىلەن شۇنداقلا مەن ئۇنى تونۇغاندىن بۇيان مەيلى ئىجادىيەت ئىدىيىسى ، مەيلى تەھرىرلىك ئىستىلى جەھەتلەردە قالدۇرغان تەسىرلىرى بىلەن بولسۇن قەلبىمدە ئايال ئەدىپلەرنىڭ ھەقىقى ئوبرازىنى تىكلىگەن ئىسىل بىر تىپ.
ئابدۇرېشىت ئېلى، ساپ ھىسيات تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان شېئىرلىرى بىلەن ئوقۇرمەن قەلبىنى رەزىگە سېلىپ كېلىۋاتقان مۇنەۋەر شائىر. بىر چاغلاردا ئۇنىڭ ئىككى پارچە شېئىرى «سىلاۋىيەنچە گېزىت» تە ئېلان قىلىنىپ بىزنى چوڭقۇر ھاياجانغا سالغان ئىدى. بۇندىن كېيىن، ئۇ يەنە قانداق پارلاق نەتىجە يارىتىدىغاندۇ؟
مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى «خوتەندە قالغان تۆت ناخشا»، «فانىنىڭ خاتىرىلىرى» قاتارلىق شېئىرلىرى بىلەن ماڭا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، يېڭلىق بىلەن ئەنئەنىنى ئۇستىلىق بىلەن جىپسىلەشتۈرەلىگەن شائىر. نەچچە ئاي ئىلگىرى، ئۇنىڭ «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى» دا ئېلان قىلىنغان 15 پارچە غەزىلىنىڭ ھۇزۇرى ھازىرغىچە ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سېلىپ تۇرىۋاتىدۇ.
رىسالەت مەردان، ئۇيغۇر شائىرلىرى ۋە شېئىرىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ،تەرجىمە، ئوبزورچىلىق ساھەلەردە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئەدەبىيات گۈلزارلىقىدىكى خۇشپۇراق گۈللەر نىڭ بىرى.
ئوسمانجان مۇھەممەت پاسىئان، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي، ئۆزگىچە پىكىر قىلىش قابلىيىتىگە ئىگە تالانت ئىگىسى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى چوڭقۇر پەلسەپىۋىلىك، شەكىل يېڭىلىقى ۋە تىل مۇناسىۋەتلىرى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە يېڭى بىر بۆسۈش ھاسىل قىلالايدۇ.
ئابدۇرەشىد مۇھەممەتئىمىن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتاپ، دادىل قەدەملىرى بىلەن ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان تىرىشچان ئىزدەنگۈچى. ئۇنىڭ دادىللىقى بۇ قېتىملىق پائالىيىتىمىزدە نۇرغۇن ئېسىل مۇنازىرە تېمىلىرىنى روياپقا چىقاردى. ئابدۇرەشىد ئاسپىرانتلىق ئوقۇشى ۋە يۇقارقىدەك ئىزدىنىش روھى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قانداق ئېسىل نىممەتلەرنى سۇنۇشنى ئىرادە قىلغاندۇ؟
ئابلەت نۇراخۇن زەپەرى، ئۆز نەتىجىلىرى بىلەن پىشقەدەملەر ۋە تەڭ قۇرداشلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ياش قەلەم ساھىبى. ئۇنىڭ تارىم ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئۆكۈنۈش» ناملىق پوۋىستىنىڭ تەرجىمىگە ئويۇشتۇرۇلۇپ، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىغا سۇنۇلۇشى، يەنىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنىڭ يارىتىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىۋاتىدۇ.
سەيدۇللا فىردەۋىس، تېتىملىق لېرىكلىرى بىلەن ياشلارنىڭ روھى دۇنياسىدىكى تەلپۈنۈش، گۈزەللىك ئىستىكى قاتارلىقلارنى ئوقۇرمەنلەرىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ، شېئىرىيەت بېغىغا ئۆزگىچە ھۆسۈن قۇشۇپ كېلىۋاتقان ئۈمىدلىك ياش.
مەھمۇد ھېيىت مەھدى، ئويغۇر شېئىرىيىتىدىكى بىر بوشلۇق، فولىكلورنى شېئىرىيەتكە كىرگۈزۈش يولىدا ئۈزلىكىسىز ئىزدىنىۋاتقان تىرىشچان ياش. ئۇنىڭ سىناقلىرى مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇپ، ئاشۇ بوشلۇقنىڭ تولۇقلىنىشىغا ئىشەنچىم كامىل.
ئالىمجان تۆمۈر تۇران، 2008- يىلى تۇنجى شېئىرىنى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۆسۈش خاراكتىرلىك ئىلگىرلەش ھاسىل قىلىپ، يېڭىلىق تۈسى قويۇق شېئىرلىرى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى مەنىۋى ھۇزۇرغا ئىرىشتۇرۇپ كەلگەن ئاۋانگارت ياش.
ئالىمجان قاسىم، «ياز» ئىماگىنى ئۆز شېئىرلىرىغا سىڭدۈرۈپ، مەنە ئېكىنزارلىقىدا ئۆزىگە خاس بىر يولنى يارىتىش ئۈچۈن كىزىپ يۈرگەن شائىر.
يۈسۈپجان نىياز ئەلقۇت، ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى ۋە ئۆچمەس مۇھەببىتى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاپ كېلىۋاتقان پىداركار.
ماشىنا قوزغالدى. مانا، جەنۇبىي تاغدىكى ياپيېشىل قارغايلار لەرزان شامالدا ئاستا ئىغاڭلاپ ئۇزۇتۇش ناخشىلىرىنى ئېيتىۋاتىدۇ. «ئىجادىيەت ماتىرىيال مەركىزى» دە قالغان گۈزەل ئەسلىملەر يەنە بىر قېتىم، يەنە بىر قېتىم... دەپ ئۈشبۇ پۇرسەت ئۈچۈن «يەنە بىر قېتىم» لىق تىلەك تىلەۋاتىدۇ. ئۈمىدلىك كۆزلەر بۇنداق پۇرسەتنىڭ يەنە كېلىدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بىلەن ئەدەبىيات -سەنئەت ئىشلىرىمىزنىڭ پارلاق ئەتىسىگە قاراپ ئاتىلىنىۋاتىدۇ.

تاڭ سەھەر ياپراقلار لېۋىدە شەبنەم،
دەيدۇ ئۇ«-سۈزۈكلۈك بۈيۈك ئەنئەنەم»
چاڭ توزان كۆكسىگە ئۇرسام گەر خەنجەر،
مىڭ قۇياش نۇرىدەك پۈتەر قەسىدەم.»



يۆتكەپ كېلىنگەن مەنبە: يازغۇچىلار مۇنبىرى (كونا مۇنبەر)


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىشۆھرىتى تىللاسى يىغىش سەۋەبى
زۆھرەگۈل ھامۇت + 6 + 6

ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرىتى + 6  تىللاسى + 6   باھا خاتىرىسى

mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1024
تۆھپە : 114
توردا: 185
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 00:09:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر بەك ياخشى يېزىلىپتۇ. مەن زور قىزىقىش ۋە ھاياجان ئىلكىدە ئوقۇپ چىقىتىم. ئەقىللىق قىرىنداشلىرىمنىڭ كەلگۈسى مۇۋاپىقيەتلىرىدىن ئۆمۈدلىكمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  94
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1356
تۆھپە : 31
توردا: 204
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 01:06:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر مەخمۇدنىڭ يازمىسى:
...بىز يۇقارقى شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتىدىكى  بىر قىسىم  پەرىقلەرگە ئاساسەن، ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىنىڭ شائىرلىرىنى بىرىنچى ئەۋلاد شائىرلار، ئىككىنچى ئەۋلاد شائىرلار، دەپ ئايرىپ كەلدۇق. يەنى، ئابدۇقادىر جالالىدىن، مەرھۇم باتۇر رۇزى ، پولات ھېۋىزۇللا، پەرھات ئېلىياس بىرىنچى ئەۋلادقا؛ ئادىل تۇنىياز، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت، قەيسەر تۇرسۇن، ئاسىمجان ئۇبۇلقاسىم ، مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى، ئابدۇرېشىت ئېلىلار ئىككىنچى ئەۋلادقا ئايرىلدى. ئەمدى، 80- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلارنى ئۈچىنچى ئەۋلاد شائىرلار قاتارىغا كىرگۈزۈشكە بولامدۇ؟ ... ئارىدا يەنە قىسقىچە مۇھاكىملەر بولۇنۇپ، 80- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارنى ئۈچىنچى ئەۋلاد شائىرلار، دەپ قارالسا مۇۋاپىق بولىدۇ، دېگەن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى.

ئۆمەرگە سۇئال:
1) بىرىنچى  ۋە ئىككىنچى ئەۋلاد يېڭىچە شېئىرىيىتىنىڭ شائىرلىرى سانى يۇقارقىلار بىلەن چەكلىنەمدۇ؟
2) ئەگەر چەكلەنمىسە، نېمىشقا ‹‹قاتارلىق›› دەپ ئېلىنمىدى؟
3) ياكى سىز يۇقارقىلارنى بىرىنچى  ۋە ئىككىنچى ئەۋلاد يېڭىچە شېئىرىيىتىنىڭ سەركە شائىرلىرى دېمەكچىمىدىڭىز؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  84
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 462
تۆھپە : 1
توردا: 183
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 02:53:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋەنلىك كۆرۈلۈپتۇ، ئۆزىرىلىكمەن! باشقۇرغۇچىلار ئاشۇ يەرگە «قاتارلىقلار» دېگەن سۆزنى قوشىۋەتكەن بولساڭلار!
قىران، بىرىنچى، ئىككىنچى ئەۋلاد شائىرلار ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر ئاشۇ كۇرۇستقا قاتناشقان ھەممەيلەننىڭ ئورتاق پىكىرى ئىدى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  84
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 462
تۆھپە : 1
توردا: 183
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 02:55:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ئابدۇمىجىت.

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 567
تۆھپە : 3
توردا: 92
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 16:47:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەدەبىي خاتىرە ماڭا ئاشۇ مەنىلىك كۈنلەرنى قەيتە ئەسلەتتى. «تەڭرىتاغ»، «كروران» ژورناللىرىدىن كۆرگەندىمۇ ئوخشاشلا ھاياجانلانغان ئىدىم. قەيەردە بولساڭلار ئامان بولۇڭلار ئەزىزلەر!

ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1544
تۆھپە : 160
توردا: 669
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 16:50:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇندىن كېيىن بۇ خىلدىكى ئەنجۈمەنلەرنى جايلاردىكى يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى، يەرلىكتىكى ژۇرناللار بىلەن بىرلىكتە تەشكىللەيمىز.

www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1060
تۆھپە : 6
توردا: 168
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 19:55:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر مەخمۇتنىڭ  بۇ يازمىسى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ.باشتىن-ئاخىر ھاياجان ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم.

ھەر بىر باسقان قەدىمىمدىن گۈل ئۈندۈرسەم دەيمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش