ئىگىسى: ئەركمان

كازاكلار ئاقسۇدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-16 00:02:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-8-

دەرﻳﺎ ﺋﯘﻧﻰ يۇتۇۋەتمىدى، ﺑﻪﻟﻜﻰ «ﺋﺎۋايلاپ» ﻧﯧﺮﯨﻘﻰ ﻗﯩﺮﻏﺎﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﺪى. ﺋﯘ دەرﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﭙﻘﯩﺰﯨﻞ ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﻪپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﻳﯘﻟﻐﯘﻧﺰارلىقلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘزاق ﺋﺎرام ﺋﺎﻟﺪى، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎت ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻜﻜﻪﻳﻠﻪن ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﺎرﭼﺎپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪى. ﻗﻮرﺳﺎق ﺋﺎچ، ﻧﺎن - ﺋﻮزۇﻗﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺪى. ﺋﺎﺗﻘﯘ ﺑﺎﻳﺎﺗﯩﻦ ﺑﯧﺮى ﺋﺎز - ﺗﻮلا ﺋﻮت ﺗﯧﺮﯨﭗ ﻳﻪپ ﻗﻮرﺳﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻗﻠﯩﯟاﻟﺪى. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮت - ﭼﯚپ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ - دە! ﺋﯘ ﺑﯘ ﺋﺎدەﻣﺴﯩﺰ ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﺪا ﺗﯘرۇۋﯦﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪى، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﻪﻣﺪى ﺋﺎچ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺧﻪۋﭘﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮرﺷﺎپ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪى. ﺷﯘﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺑﺪۇﻧﯩﻴﺎز ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯩﺮادﯨﺴﻰ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺑﻮﺷﺎﺷﻤﯩﺪى. ﺋﯘ ﻏﻪﻳﺮەت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺗﻘﺎ ﻣﯩﻨﺪى - دە، دەرﻳﺎﻧﯩﯔ ﻏﻪرﺑﯩﻲ - ﺟﻪﻧﯘب ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﻮيلاپ ﻳﯜرۈپ ﻛﻪﺗﺘﻰ...
ﺋﯘ ﺋﺎﺑﺪۇﻧﯩﻴﺎز ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎي ﻣﻪرﻛﯩﺖ داﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪە ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜن ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜردى. ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﺎﻟﭽﯩﻠﯩﺮى، بېلىقچىلار، ﺗﻪرﻛﯩﺪۇﻧﻴﺎ ﺳﻮﻓﻰ - ئاشقلار ﺑﻮﻟﯘپ ﭼﻪت - ﻳﺎﻗﯩﺪا ﻳﯜرﮔﻪﻧﻠﻪر ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﺘﻰ، ﻗﻮرﺳﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﺎﻣﺎق، ﺋﯧﺘﯩﻐﺎ ﺋﻮت - ﺑﻮﻏﯘز، ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﻮل ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺰدەپ - ﺳﻮراپ ﻳﯜرۈپ، ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻳﻪرﻛﻪن داﺋﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﭼﯘر ﺗﺎﭘﺘﻰ - دە، دەرﻳﺎﻧﯩﯔ ﻧﯧﺮﯨﻘﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻘﯩﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺗﯜپ، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻳﻪﻛﻪن داﺋﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪى، ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﻗﻪدﯨﻤﻰ، ﺷﻪﭘﯩﺴﻰ ﺧﻪۋپ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﻮراﻗﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪى. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻳﻪرﻛﻪن ﻣﺎﺧﻮﺳﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮى ﮬﻪرﯨﻜﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﯘرۇش ﻣﻪﻳﺪاﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪي - ﻛﺎزاك ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺟﺎزا ﻳﯜرۈش ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﮬﯘﺟﯘم ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﻤﯘ  ﻣﯘﺷﯘ راﻳﻮن ﺋﯩﺪى. ﻣﺎﺧﻮﺳﻪن ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮى ﻣﯘﺷﯘ داﺋﯩﺮﯨﺪە ﺗﺎر - ﻣﺎر ﺑﻮﻟﻐﺎن، يىڭلاپ - ﻟﯜﻳﻠﻪپ ﻛﺎزاكلارغا ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺋﺎﺑﺪۇﻧﯩﻴﺎز ﺳﯩﺠﺎﯕﻤﯘ ﺑﯘ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ ﺋﻪﻣﻪس، ﮔﻪرﭼﻪ ﺋﯘ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﻮﺷﯘﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪر ﺗﻮﻟﯘق دﯦﮕﯜدەك ﺗﺎر - ﻣﺎر ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪى، ﺋﺎﺑﺪۇﻧﯩﻴﺎز سىجاڭلار ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺳﺎدﯨﻖ ﺋﺎزﻏﯩﻨﺎ ﺋﺎدﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ «ﺗﯘﺗﯘق» ﺑﻪرﻣﻪي، ﻗﺎراﯕﻐﯘ ﺗﺎغ ﺗﻪرﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻏﻪرﯨﺰﯨﺪە ﮬﻪرﯨﻜﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜرﻣﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪى.
ﺳﯘﻟﺘﺎن ﺋﺎﻧﺪا ﺳﻮراپ، ﻣﯘﻧﺪاق ﺳﻮراپ، ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻳﻪﻛﻪﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﻏﺎﭼﻰ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﭘﺘﻰ. ﺋﯘ ﭼﯩﯖﻘﻰ ﭼﯜش ﻣﻪزﮔﯩﻠﯩﺪە، ﺳﯩﺠﺎڭ ﺋﻪﻟﻠﯩﻜﺘﻪك ﺋﺎدﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪن دەرﻳﺎﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﯕﮕﺎلدىكى ﻣﺎﻟﭽﻰ ﻛﻪﭘﯩﺴﯩﺪە ﭼﯜﺷﻠﯜك ﻏﯩﺰا ﻳﯧﻴﯩﺸﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪى، ﺋﺎﺑﺪۇﻧﯩﻴﺎز ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻳﯜرﯨﻜﻰ ﺷﺎدﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﻮﻳﻨﺎپ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺧﻪزﯨﻨﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎن دۈﺷﻤﻪن ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻟﺪى دەپ ﻳﯜرەﺗﺘﻰ. ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯘرۇش ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺟﯜدەپ، ﻗﺎرﯨﺪاپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﭼﯩﺮاﻳﯩﺪا ﺷﺎدﻟﯩﻖ ﺟﯩﻠﯟﯨﻠﻪﻧﺪى.
ـــــ ﺗﺎﭘﻘﺎن ﺋﺎﺗﺎﯕﻐﺎ رەﮬﻤﻪت ﺳﯘﻟﺘﺎن ﺑﺎﺗﯘرۇم، ﺗﯧﺨﻰ ﮬﺎﻳﺎت ﺋﯩﻜﻪﻧﺴﻪﻧﺪە؟
ﺳﯩﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﯘﭼﺎقلاپ ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺳﺘﻰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮬﻪﻣﺮاﮬﻠﯩﺮى ﻧﯚۋەت ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯘﭼﺎقلاﺷﺘﻰ.
ـــــ ﺑﻮﻟﻤﺎي ﻧﻪﮔﻪ ﺑﺎراﺗﺘﯩﻢ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺟﺎﻧﺎﺑﯩﻠﯩﺮى، ـــــ دﯦﺪى ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﺪﯨﻦ  ۋۇﺟﯘدﯨﻐﺎ  ﻳﯩﻐﺎ ﺋﻮﻟﯩﺸﯩﭗ  ﺗﯘرﯨﯟاﺗﻘﺎن ﺳﯘﻟﺘﺎن ﺑﻮﻏﯘﻟﻐﺎن ﮬﺎﻟﺪا، ـــــ ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﻳﯩﮕﯩﺖ دﯦﮕﻪن ﺋﯚز ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﻳﻮﻟﯩﺪا ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﭽﻪ ﺋﯚﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮەك دەﻳﺘﺘﯩﻠﯩﻐﯘ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﻪن ﺋﯚﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯚزۈﻣﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎپ ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ.
ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎش ﻗﯘﻳﯘﻟﺪى، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﯟاﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺧﯘش ﺋﯩﺪى. ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯖﻤﯘ ﻛﯚزﯨﺪﯨﻦ  ياش ﺗﯚﻛﯜﻟﺪى، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻳﺎش ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەك، ﺑﯘ ﻳﺎش ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪۈرﯨﺪۇ؟ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ - ﻗﺎﻳﻐﯘﻧﯩﻤﯘ؟ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻧﻨﯩﻤﯘ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﻪﺧﯩﺮلىنىشنىمۇ؟ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ - ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ... ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻳﯩﻐﯩﺪا ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎردەك ﻗﯩلاﺗﺘﻰ.
ـــــ ﺑﺎﺗﯘر ﺋﯩﻨﯩﻢ، ﺳﯧﻨﻰ ﺋﻪڭ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺷﺎن - ﺷﻪرەﭘﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﻛﺎﭘﺎتلاش ﻛﯧﺮەك ﺋﯩﺪى، ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ﻣﻪﻧﺪە ﺋﯘﻧﺪاق ﺷﺎراﺋﯩﺖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪى، ﻣﻪﻧﺪە ﺋﺎﻣﻪت ﺑﺎر ﭼﺎغلاردا ﺷﺎن - ﺷﻪرەﭘﻠﻪرﮔﻪ ﻛﯚﻣﯜﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ، ﺷﯘ ﺷﻪرەﭘﻠﻪرﮔﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﺟﻪڭ ﻣﻪﻳﺪاﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﻳﺎۋ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘرۇپ ﺟﺎن ﺑﻪردى، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮى ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﺎﻧﻪ ﮬﺎﻟﺪا ﻗﯧﭽﯩﭗ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻳﺎﻗﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪى ﻳﺎﻛﻰ دۈﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﺪى، ﺳﯧﻨﻰ ﺑﺎﻟﺪۇر ﺑﺎﻳﻘﯩﻤﺎي ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﻳﻘﺎۋاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﯩﻤﻪن، ﺋﻪﭘﯘ ﻗﯩﻞ ﺋﯩﻨﯩﻢ...ـــــ ﺳﯩﺠﺎڭ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﺎش ﺗﯚﻛﺘﻰ.
ـــــ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘزمىسىلا ﺳﯩﺠﺎڭ!ـــــ دﯦﺪى ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻤﯘ ﺋﯧﺰﯨﻠﮕﻪن ﮬﺎﻟﺪا،ـــــ ﺳﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚرۈﺷﻜﯩﻨﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯚزى ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت - ﺷﻪرەﭘﻘﯘ؟ ﺋﻪﻣﺪى ﻳﻪﻧﻪ ﮬﺎﻳﺎت - ﻣﺎﻣﺎﺗﺘﺎ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ!
ـــــ ﺳﯘﻟﺘﺎن، ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﻚ ﺋﯩﻨﯩﻢ...
ﺳﯩﺠﺎڭ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺋﻮﻳﻐﺎ پاتتى، ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎۋۋاﻟﻘﻰ ﺑﺎﺗﯘرﻟﯘق، ﺟﺎﺳﺎرەت ﺋﯘرﻏﯘپ ﺗﯘرﻏﺎن ﭼﯧﮭﺮﯨﻨﻰ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻏﻪم، ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ، ﮬﻪﺳﺮەت ﻗﺎﭘﻠﯩﯟاﻟﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺋﯘ ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪى.
ـــــ دۈﺷﻤﻪن ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮى ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮرﺷﯩﯟاﻟﺪى!ـــــ دەپ ﺧﻪۋەر ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪى ﭘﻮﺳﺖ!
شۇ ﭼﺎﻏﺪا، ﺳﯩﺠﺎڭ ﻛﯜﺗﯜﻟﻤﯩﮕﻪن ﺷﺎنۇ - ﺷﻪۋﻛﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻪددﯨﻨﻰ ﺋﯚرە ﻗﯩﻠﺪى. ﺑﺎﻳﺎﻣﻘﻰ ﻏﻪم - ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ، ﮬﻪﺳﺮەﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﻤﯘ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎن ﭼﯧﮭﺮﯨﺴﯩﺪە ﺋﺎۋال ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﺎﺗﯘرﻟﯘق، ﻣﻪﻏﺮۇر - ﺟﺎﺳﺎرەﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﺮى ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺟﯩﻠﯟﯨﻠﻪﻧﺪى.
ـــــ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪر!ـــــ دﯦﺪى ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﻣﺎۋزﯨﺮﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ،ـــــ ﺋﯚﻟﯜم ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰدا ﺗﯘرۇﭘﺘﯘ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﺎق ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﺮادەم ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، دۈﺷﻤﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﯘرﺑﺎن ﺑﻮﻟﯘش، ﻗﯧﻨﻰ ﺋﺎراڭلاردا ﺑﯘﻧﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎنلار ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘرﻟﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﻤﻪن، ﻛﯧﺘﯩﭗ دۈﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎڭلار ﺋﯩﺶ ﺗﯜﮔﻪﻳﺪۇ، ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﯩﺶ ﻛﯚرﯨﺪﯨﻐﺎنلار ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻮق - دورىلارﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎرلاپ، ﺟﻪﯕﮕﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎر ﮬﺎﻟﺪا ﺋﺎرﻗﺎﻣﺪﯨﻦ  يۈرۈڭلار، قورﺷﺎۋدﯨﻦ ﺑﯚﺳﯜپ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﮬﻪرﯨﻜﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﯩﻤﯩﺰ!
ﺋﯘ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ دەرﻳﺎﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﺎت ﺳﺎﻟﺪى، ﺋﺎرﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎراﭘﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪى. ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎرﯨﻤﺎي، ﺳﯘﻟﺘﺎن ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ 51 ﻧﻪﭘﻪر ﺟﻪﯕﭽﯩﺪﯨﻦ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮى ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﺪى. ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮاﻳﯩﺪا دۈﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻏﻪزەب - ﻧﻪﭘﺮەت ﺋﻪﻛﺲ ﺋﯧﺘﻪﺗﺘﻰ. ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﯜم ﻛﯜﺗﯜپ ﺗﯘرﻏﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘلار ﻗﻮراﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮقلاپ، ﻗﯩﻠﯩﭽﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎچلاپ، ﺋﺎرغىماقلىرىنى ﭼﺎﭘﺘﯘرﻏﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﯜﻧﭽﯩﻘﻤﺎي ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎرﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﻰ.
ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﻰ ﻗﻮرﺷﺎۋدﯨﻦ ﺑﯚﺳﯜپ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯘرۇﻧﯘپ ﻛﯚرﮔﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪى، ﺋﯘلار ﺑﯩﺮ ﺋﻮﭼﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺷﻮرﺗﺎڭ داﻟﯩﺪا ﻗﻮرﺷﺎۋ ﮬﺎﻟﻘﯩﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﻰ. ﺋﻪﭘﭽﯩﻠﺮەك ﺑﯩﺮ دۆڭ ﻳﻪرﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﻪﻣﺒﻪر ﺷﻪﻛﻠﯩﺪە ﺋﯩﺴﺘﯩﮭﻜﺎم ﻗﯘرۇﺷﺘﻰ. ﺋﯧﺘﯩﺸﯟازﻟﯩﻖ ﺋﻪۋﺟﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﺘﻰ، دۈﺷﻤﻪﻧﻤﯘ ﺑﻮش ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ، ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺗﺎللانغان ﻣﻪرﮔﻪﻧﻠﻪردﯨﻦ ﺗﻮﭘلاﻧﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﺎﺗﻘﺎن ﺋﻮﻗﻰ ﺧﺎﺗﺎﺳﯩﺰ ﺗﯧﮕﯩﯟاﺗﺎﺗﺘﻰ.
ـــــ ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﻠﯩﻤﻮت ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪۇ؟ ـــــ دﯦﺪى ﺗﯩﺖ - ﺗﯩﺖ ﺑﻮلۇۋاتقان ﺳﯩﺠﺎڭ. ﮬﺎﻟﻘﺎ ﺗﺎراﻳﻤﺎﻗﺘﺎ، ﺋﻮق ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﻛﺘﻪ، ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪر ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﻟﻪپ ﺷﯧﮭﯩﺖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﺳﯩﺠﺎڭ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯘﻟﺘﺎن ئىككىلا ﺋﺎدەم ﻗﺎﻟﺪى.
ـــــ ﺋﯩﻨﯩﻢ، ﺋﻪﻣﺪى ﺑﻮﻟﻤﯩﺪى،ـــــ دﯦﺪى ﺳﯩﺠﺎڭ يېقىنلاپ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن دۈﺷﻤﻪﻧﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎراپ،ـــــ دۈﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﺋﯘ دۇﻧﻴﺎﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮلاﺗﺘﻰ، ﺋﻪﭘﺴﯘس ﻗﯧﻴﯩﺸﻘﺎﻧﺪەك ﺑﯩﺰﮔﻪ زادىلا ﺋﻮق ﺗﻪﮔﻤﻪﻳﺪﯨﻐﯘ؟ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺗﯘﺗﯘش ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪەك ﻗﯩﻠﯩﺪۇ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﻪرﮔﯩﺰ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮەك، ﻛﻪل، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺗﺎﻳﻠﻰ، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ رازى ﺑﻮلاﻳﻠﻰ. ﻗﯧﻨﻰ ﺳﻪن ﺋﺎۋۋال ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎت.
ـــــ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺑﯩﺮ ﮔﯧﭙﯩﻢ ﺑﺎر دەۋالاي، ﺧﻪزﯨﻨﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﺳﺎلاﻣﻪت ﺗﺎﭘﺸﯘراﻟﻤﯩﺪﯨﻢ، ﻟﯧﻜﯩﻦ دۈﺷﻤﻪن ﻗﻮﻟﯩﻐﯩﻤﯘ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﯨﻢ، ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺑﯩﺮ ﻳﻪرﮔﻪ ﻛﯚﻣﯜۋەﺗﺘﯩﻢ، ﺋﻪﭘﯘ ﻗﯩﻠﻐﺎيلا.
ـــــ ﺟﺎن ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﯩﺪا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯘ ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ؟ـــــ دﯦﺪى ﺳﯩﺠﺎڭ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻛﯜﻟﯜپ، ـــــ ﺋﻮﺑﺪان ﻗﯩﻠﯩﭙﺴﻪن، ﻗﯧﻨﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎت، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚزۈﯕﻨﻰ ﺋﺎت!
ـــــ ﺳﯩﻠﯩﻨﻰ  ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪن، ﺋﺎۋۋال ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎتسىلا! - ﺋﯩﻜﻜﻪﻳﻠﻪن ﺗﺎلاﺷﺘﻰ.
ـــــ ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎرﯨﺸﯩﭗ تەڭلا ﺋﻮق ﭼﯩﻘﯩﺮاﻳﻠﻰ، ﻗﯧﻨﻰ!...
ﺋﺎﺑﺪۇﻧﯩﻴﺎز ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯘﻟﺘﺎن ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎرار ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ «ﺳﻪن ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺋﺎت! ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪڭ ﺋﻮق ﭼﯩﻘﯩﺮاﻳﻠﻰ، ﻧﺎۋادا ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻟﯜپ، ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎرﯨﺪار ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺴﺎق، ﻳﺎرﯨﺪار ﻗﺎﻟﺴﺎق، ﻳﺎرﯨﺪار ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﯚزﯨﻨﻰ - ﺋﯚزى ﺋﺎﺗﺴﯘن!» دﯦﻴﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘرﻏﺎﻧﺪا، ﻗﻮرﺷﺎپ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﻘﺎن ﻛﺎزاك ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎرﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰلا ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ، ﺗﺎﭘﺎﻧﭽﺎ، ﻗﻮل ﭘﯩﻠﯩﻤﻮﺗﯩﻨﯩﯔ (ﺟﯩﮕﯘەﻧﭽﺎڭ) ﺗﺎﯕﯩﻠﺪاپ ﺋﯧﺘﯩﻠﻐﺎن ﺋﺎۋازى ﻳﺎﯕﺮىدى ۋە 10 دﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﻛﺎزاك ﺋﺎت - ﭘﺎﺗﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن يىقىلدى (ﺋﯘلارﻣﯘ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪن)، ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮى ﺋﺎرﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﯘ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﮬﯘﺟﯘﻣﺪﯨﻦ ﻣﻪﯕﺪەپ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﻗﯧﭽﯩﭗ كېتىشتى. ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻛﺎزاك ﺋﻮرۇسلارغا ﺋﻮق ﺋﺎﺗﻘﺎنلار ﺋﺎﺑﺪۇﻧﯩﻴﺎز ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﺎرﻣﺎر ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜرۈپ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﯟاﻟﻐﺎن 10 ﭼﻪ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﺮى ﺋﯩﻜﻪن. ﺋﯘلار ﺋﺎﺑﺪۇﻧﯩﻴﺎزﻧﯩﯔ ﻗﻮرﺷﺎۋ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ۋە ﺋﻮق ﺋﺎۋازﯨﻨﻰ ﺋﺎڭلاپ ﺑﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎت ﺳﺎﻟﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮق ﺋﯧﯩﺘﯩﭗ، ﻛﺎزاكلارنى ﭼﯧﻜﯩﻨﺪۈرۈپ ﺋﺎﺑﺪۇﻧﯩﻴﺎز ۋە ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻨﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪۇرﻏﺎن.
ﺋﺎﺑﺪۇﻧﯩﻴﺎزلار ﻗﻮرﺷﺎۋدﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﯧﯖﻰ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎن ﺳﻪﭘﺪاﺷﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﻪرﻛﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺳﻮۋﯦﺖ، ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎن، ھىندىستان ﭼﯧﮕﺮاﺳﯩﻐﺎ يېقىنلاپ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻛﻪﺷﻤﯩﺮﮔﻪ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﺑﯘ 1937 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮى ﺋﯩﻜﻪن. ﺋﺎﺑﺪۇﻧﯩﻴﺎزﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎنلاردﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎرا ﻳﻮﻟﺪا ﮬﺎل ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﭼﻪت ﺋﻪﻟﮕﻪ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻗﯧﺮى ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎرﻟﯩﻘﯩﻨﻰ دەپ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﯧﭙﻘﺎﻟﻐﺎن. ﺋﺎﺑﺪۇﻧﯩﻴﺎز ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻧﻪﭘﻪر ﺋﺎدەم (ﺋﺎﻛﺎم ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﺠﺎﻧﻤﯘ ﺑﺎر) ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺑﻮﺷﺎﺷﻤﺎي ﺋﺎت ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻛﻮﺳﯩﺮاﭘﻘﺎ ﻗﺎراپ ﻣﺎﯕﻐﺎن. ﺋﯘزۇن ﻳﻮل ﻣﯧﯖﯩﭗ، ﻗﺎراﯕﻐﯘ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪە ﺋﺎﺗﻠﯩﺮى ﮬﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﭼﺎرﭼﺎپ ﻛﻮﺳﯩﺮاﭘﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎراﯕﻐﯘ ﺗﺎغ ﺟﯩﻠﻐﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﻗﺎراﯕﻐﯘ ﻛﯧﭽﯩﺪە ﺗﺎغ ﺟﯩﻠﻐﯩﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﻛﯚزى ﻳﻪﺗﻤﻪي ﮬﺎردۇق ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺗﻘﺎ ﻗﻮﻳﯘپ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺳﻪﮬﻪردە ﻳﯜرۈپ ﻛﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﺎﺷﯘ ﺗﺎغ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻧﺎ ﻗﻪﻟﺌﻪ - ﻗﻮرﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎرام ﺋﺎﻟﻐﺎن. ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﺴﯘن، ﻳﻪرﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﻐﺎقچىلار ﺋﯩﺰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮغلاپ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪي ۋە ﺳﻮۋﯦﺘﻨﯩﯔ ﻣﻮﺗﻮرلاﺷﻘﺎن ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ ۋە ﭼﯜﺷﻜﻪن ﻳﯧﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎت ﺑﻪرﮔﻪن. ﺋﯘلارﻣﯘ ﺑﯘ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎت ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺑﺪۇﻧﯩﻴﺎزلارﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﻗﻮراﻟﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪر ﭼﯩﻘﺎرﻏﺎن. ﭼﯩﻘﺎرﻏﺎن ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﻪر دەل ﻣﺎﮬﻤﯘت ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ 6 - ﺷﻰ 13 - ﺗﯘەﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﺳﯜپ ﻟﻴﻪﻧﺠﺎڭ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ 4 - ﻟﻴﻪنىنى (13 - ﺗﯘەن 1937 - ﻳﯩﻠﻰ 5 - ﺋﺎيلاردا  ﺋﺎﺑﺪۇﻧﯩﻴﺎزﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎن. ﺷﯘ ﺷﻰ 23 -، 33-، 43- ﺗﯘەﻧﻠﻪرﮔﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﺎي، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺘﺮوﻟﻠﯘﻗﯩﺪا ﻗﻪﺷﻘﻪر ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﮬﻪرﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﯟاﻟﻐﺎن ۋە ﻣﺎﺧﻮﺳﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮرﺷﺎۋﯨﺪا ﻗﺎﻟﻐﺎن. ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪي ﻗﺎﻳﺘﯘرﻣﺎ ﮬﯘﺟﯘم ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﻮرلاﺷﻘﺎن ﮬﻪرﺑﯩﻲ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ، ﻛﺎزاك ﮬﻪرﺑﯩﻲ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ، ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎزﻏﯩﻨﺎ ﮬﻪرﺑﯩﻲ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ، ﻣﺎﺧﻮﺳﻪن، ﺋﺎﺑﺪۇﻧﯩﻴﺎز ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﻨﻰ ﺗﺎرﻣﺎر ﻗﯩﻠﻐﺎن. 13 - ﺗﯘەﻧﻤﯘ ﻣﯘﮬﺎﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎرﺷﻰ ﺟﻪﯕﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘرۇﻟﻐﺎن) ﺧﯩﻞ ﻗﻮراللاندۇرۇپ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎتلارنى سەپلەپ بېرىپ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻧﯩﻜﻪن.
ﺋﺎﺑﺪۇﻧﯩﻴﺎزلار ﭼﺎرﭼﺎپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯘخلاپ ﻛﻪﺗﻜﻪن. ﻛﯜن ﻧﻪﻳﺰە ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯚرﻟﯩﮕﻪﻧﺪە ﺋﯘلار ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯘرۇﺷﻘﺎن ۋە ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﺎتلارنىڭ دۈﭘﯜرﻟﯩﺮى، ﻛﯩﺸﻨﯩﮕﻪن ﺋﺎۋازﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎن ۋە ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪن ﭼﯚﭼﯜﺷﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪن. ﻗﻮرﻏﺎن ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﺷﯜﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎراپ، ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻨﻰ ﻳﯜﺳﯜپ ﻟﻴﻪﻧﺠﺎﯕﻨﯩﯔ 150 ﭼﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮرﺷﯩﯟاﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرﮔﻪن. ﺋﯘلار دەرﮬﺎل ﻗﻮراﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﭗ، ﻗﻮرﺷﯩﯟاﻟﻐﺎﻧلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯧﺘﯩﺸﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎن.
ﺋﺎﺑﺪۇﻧﯩﻴﺎز ﺋﯘلار ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎن ﺗﯚﻛﯜﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﺪى ﺑﻮﻟﻐﺎي، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮق ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺳﺘﻰ ۋە ﻳﯜﺳﯜپ ﻟﻴﻪﻧﺠﺎﯕﻐﺎ ﺗﯚﺷﯜﻛﺘﯩﻦ ﻗﺎراپ:
ـــــ ﻳﯜﺳﯜپ ﻟﻴﻪﻧﺠﺎڭ، ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻣﺪى ﺋﯚزﺋﺎرا ﻗﺎن ﺗﯚﻛﯜﺷﻤﻪﻳﻠﻰ! ﮬﯧﻠﯩﻤﯘ ﺳﯩﻠﻪ-ﺑﯩﺰدﯨﻦ ﺑﯩﮭﯘدە ﻛﯚپ ﻗﺎنلار ﺗﯚﻛﯜﻟﺪى. ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﺴﺎڭلار ﻛﻪﺷﻤﯩﺮﮔﻪ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﯧﺘﻪﻳﻠﻰ، ﺧﺎﻟﯩﻐﺎنلار ﻣﺎﯕﺴﯘن، ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎنلار ﺗﺎرﻗﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯘن! - دﯦﺪى. ﻳﯜﺳﯜپ ﻟﻴﻪﻧﺠﺎڭ:
ـــــ ﻣﻪن ﺑﯘﻳﺮۇق ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ، ﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ﻳﻪرﻛﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﻤﻪن! - دﯦﺪى.
ﺋﺎﺑﺪۇﻧﯩﻴﺎز ﺑﯩﺮ دەم ﺗﯘرۇپ ﻛﯧﺘﯩﭗ:
ـــــ ﺗﻮﻏﺮا، ﺳﯩﺰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮۇﻗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ﺑﯧﺮﯨﺴﯩﺰ، ﺋﻪﺗﻪ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮۇﻗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ! ﻗﺎﭼﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ﺑﯧﺮەرﻣﯩﺰ؟ ﮬﻪي ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺧﺎراپ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﭘﻪﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ! - دﯦﺪى - دە، ﺋﺎرﻗﯩﺪىنلا - ﻣﺎﻧﺎ ﺋﯧﺘﯩﯔ! ـــــ دەپ ﻗﻮراﻟﯩﻨﻰ ﻳﯜﺳﯜپ ﻟﻴﻪﻧﺠﺎﯕﻐﺎ ﺑﻪردى. ﺋﺎﺑﺪۇﻧﯩﻴﺎز ﻗﻮرال ﺗﺎﭘﺸﯘرﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎراﺷﺘﯘق - دە، ﻗﻮرال ﺗﺎﭘﺸﯘردۇق.
ﻳﯜﺳﯜپ ﻟﻴﻪﻧﺠﺎڭ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﻮﻳﺰا - ﻛﯩﺸﻪﻧﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻣﯩﻨﺪۈرۈپ ﻳﻪرﻛﻪن ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﺪى ۋە ﻳﻪرﻛﻪﻧﺪە ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪي ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘردى. ﺗﻪﻛﺸﯜرۈپ ﺋﺎﺑﺪۇﻧﯩﻴﺎزﻧﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﭘﯘل (ﺗﻪﯕﮕﻪ)، ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﻪك ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘردى. ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ دﯦﮭﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺘﯘق.
ﻳﻪرﻛﻪﻧﺪە ﺋﺎﻛﺎم ﺳﯘﻟﺘﺎن ۋە ﺑﺎشقىلارنىڭ ﻛﯚزﯨﺪىلا ﺋﺎﺑﺪۇﻧﯩﻴﺎزﻧﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﮬﻪرﺑﯩﻲ ﺑﻮﻣﺒﺎردﯨﻤﺎﻧﭽﻰ ﺋﺎﻳﺮوپلانغا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﺋﯘﭼﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪن. ﺳﯘﻟﺘﺎن ﺋﺎﺑﺪۇﻧﯩﻴﺎزﻧﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﯩﮕﻪن.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﺎڭلاشلارغا ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺋﻮرۇسلار ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﻳﺮوپلان ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺗﯜرﻣﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷلاپ ﺑﻪرﮔﻪن، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺗﯜرﻣﻪ ﺟﺎللاتلىرى ﺋﺎﺑﺪۇﻧﯩﻴﺎزﻧﻰ ﺗﯜرﻣﯩﺪە ﻗﯩﻞ ﺗﺎﻧﺎ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻏﯘپ ﺋﯚﻟﺘﯜرﮔﻪن ﺋﯩﻤﯩﺶ.
(ﺋﺎﭘﺘﻮر: ﺋﺎﻗﺴﯘ ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت - ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﺪە)

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-16 00:46:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فادايېۋنىڭ «تار-مار» ى ئېسىمگە كەلدى ...

ۋاقتى: 2013-10-16 11:30:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇنىياز قىسىملىرىمۇ سوۋىتنىڭ ئايرۇپىلان ،تانكا قىسىملىرنىڭ زەربىسىدىن ساقلنىش ئۈچۈن قويۇق توغراقلىق بىلەن قاپلانغان تارىم دەرياسىنى بويلاپ  مەكىت ئارقىلىق خوتەنگە چېكىنىپ  ماخۇسەننىڭ قالدۇق قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىپ ئۇرۇش قىلىش نىيتىگە كەلدى .
ئابدۇنىياز مەكىتكە كەلگەندە 300 ئەسكىرى قالغان بولۇپ ،شىڭ شىسەي ۋە سوۋىت ئارمىيسى يەكەندە ئۇنىڭ ئالدىنى تۇسۇپ تۇراتتى .
ئابدۇنىياز كامال بىرلەشمە ئارمىيگە ھوجۇم قىلىپ ،بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغاندا  مەغلۇپ بولۇپ چېكىنىدۇ ۋە ئەسكەرلىرىنى تارقىتىۋېتىپ،10 دەك ئەسكىرى بىلەن بۇرۇن ئۆزى لىيەنجاڭ بۇلۇپ 3 يىل تۇرغان،ھازىر بولسا تاشلىنىپ قالغان ھارابتىكى گازارمىسىغا يېتىپ كېلىدۇ .
تۆت ئايغا سۇزۇلغان ئۇرۇش جەريانىدا قاتتىق چارچىغان بۇ يىگىتلەر تۆت ئاي بۇرۇنقى گازارمىسىغا كىرىپلا بىخەستەلىك قىلىپ شېرىن ئۇيقۇغا كېتىدۇ . ئۇلارنى ئىز قوغلاپ يۈرگەن سوۋىت ئايرۇپىلانلىرى ئۇشتۇمتۇت بومباردىمان قىلىپ گازارما ئۆيلىرىنى تۈپ-تۈز قىلىۋەتتى ....
1937-يىلى 10- ئايدا ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەن بۇ يىگىت بىز بىلەن مەڭگۈ خوشلاشتى ....
ئابدۇنىياز بىلەن ئاتا بالىدەك مۇناسىۋەت ئورناتقان ھاراب دېھقانلىرى  قېلىن تۇپىلارنىڭ ئاسىتىدا قالغان يىگىتلەرنىڭ جەستىنى كولاپ چىقىرىپ  شۇ يەردىكى مەشھۇر< قىلىچ بۇغراخان> مازىرىغا دەپنە قىلدى .



   ئەسكەرتىش :تارىخچى شىرىپ خۇشتار ئەپەندى ،ئابدۇنىيازنىڭ مەسلىھەتچىسى ئابدۇقادىر ھاجى ۋە سۇپاخۇن سۈۋۈرۇپنىڭ ئەسلىمىلىردە  <ئابدۇنىياز كامالنى قۇربان سەئىدىنىڭ قول ئاستىدىكى يۈسۈپ لىيەنجاڭ قورشاپ تۇتىۋېلىپ شىڭ شىسەيگە ئەۋەتىپ بەرگەن> دېيلىپتۇ .
مەشھۇر يازغۇچى ئابدۇللا تالىپ ئاكىنىڭ  ئابدۇنىياز كامالنىڭ ھاياتىغا بېغىشلانغان << ئىگەرلىك ئات >> ناملىق تارىخى پوۋستىدا <ھارابتىكى گازارمىدا بومباردىماندا قازا قىلدى> دەپ يېزىلىپتۇ. ...
بەگيار ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىدا تېخى يېقىنقى يىللاردىلا  ئابدۇننىياز سىجاڭنى قەشقەر تۇرمىسىدە كۆرگەنلەر بارىكەن....  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-16 11:39  


ۋاقتى: 2013-10-16 11:40:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2013-10-16 12:46:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشھۇر ئىنكاسچى؟... كىمدۇ ئۇ؟..

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-16 12:50:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەتۈر سۆزلەيدىغان، باشقىلار ماختىغاننى ماختاپ كەتمەيدىغان قۇسۇرچى ئادەم بولسا كېرەك!

ۋاقتى: 2013-10-16 14:08:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى چاغدا ئىگەرلىك ئاتنى ئوقۇپ كۆز ياشلىرىمنى توختىتالماي قالغان چىغىمدا ئابدۇنىياز سىجاڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن يۇقرى مەرتىۋە، جەننەت تىلىگەنىدىم، ھىلىھەم شۇنى تىلەيمەن، بۇ تىمىنى يوللىغۇچى قىرىندىشىم ئاللاھ سىزگە ھەم كاتتا ئەجىر-ساۋاپ ئاتا قىلسۇن، سىز سەۋەبلىك بىر ياخشى ئىىنسان يادلاندى، خەيرىلىك دۇئادا تىلغا ئىلىندى، سىزگە تەشەككۈر!!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-16 14:12:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تار-مار» ئايرىمچە بىر ئەسەركەن!
ئېزىز ساۋۇتنىڭ «كازاكلار ئاقسۇدا» دېگەن  تارىخ ماتېرىيالىنى ئوقۇش ئادەمگە ئۆزگىچە بىر مۇھىتنى ئەسلىتىدىكەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-16 20:34  


ۋاقتى: 2013-10-18 18:33:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركمان ئۇستازنىڭ ھەركەتتىكى بەركەتلىك قەلەملىرىگە رەھمەت .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-18 22:10:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانى يوللىغان ۋاقتى  2013-10-18 18:33
ئەركمان ئۇستازنىڭ ھەركەتتىكى بەركەتلىك قەلەملىرىگە ر ...

ئاپلا ، ئەستاغفۇرۇللا ، مۇشۇ «ئۇستاز» سۆزىنى ئىشلەتمىسىڭىز قانداق ، مۇشۇ سۆزدىن تولا قېچىپ ھېلىمۇ «ئۈستىتاز» بولۇپ كېتىۋاتىمەن! بولمىسا داپ-راۋاب بولۇپ چېلىنىپ كېتىمەن!

ۋاقتى: 2013-10-18 22:20:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ئېزىز ساۋۇت ئاكىنىڭ بۇ يازمىلىرى كىشىنى سۆيۈندۈرىدىكەن

ۋاقتى: 2013-10-18 22:22:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركمان يوللىغان ۋاقتى  2013-10-18 22:10
ئاپلا ، ئەستاغفۇرۇللا ، مۇشۇ «ئۇستاز» سۆزىنى ئىشلەتم ...

نىمىشقا ئەمدى ، ‹‹ئۇستاز ›› بىلەن ‹‹ئۇستىتاز ›› نىڭ پەرقى بارغۇ ، مەن سىزنى  ‹‹ئۇستىتاز ›› دىمىدىم ، ‹‹ ئۇستاز›› تۇتاي دىدىم  شۇ .  سىز داپ -راۋاپ بولۇپ چېلىنىدىغان چالغۇ ئەسۋاپ ئەمەسسىز .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-19 01:26:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانى يوللىغان ۋاقتى  2013-10-18 22:22
نىمىشقا ئەمدى ، ‹‹ئۇستاز ›› بىلەن ‹‹ئۇستىتاز ›› نىڭ پ ...


  دېمەكچىمەنكى، ئۇستاز دېگەن ئاتقا لايىق كەلمەيمەن، شۇ نامغا لايىق ئىش قىلالماي كاللام تاز بولۇپ كېتىۋاتىدۇ،  بۇ يازغۇچىلار مۇنبىرىگە ئەدەبىياتنىڭ پەش-چېكىتلىرىنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ ئۇستاز ئىزدەپ ئۆگىنەي، دەپ كىرسەم، ئەمدىلىكتە سىز مېنى بۇ نامدا ئاتىسىڭىز بۇ يەردە قانداقمۇ تۇرالايمەن؟ دوستلاردىن بولۇپ بىللە ئۆگەنسەك تەڭ ئىلگىرىلىيەلەيمىز بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-19 01:27  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-19 01:32:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانى يوللىغان ۋاقتى  2013-10-18 22:22
نىمىشقا ئەمدى ، ‹‹ئۇستاز ›› بىلەن ‹‹ئۇستىتاز ›› نىڭ پ ...

مەشھۇر ئاۋاز ئارتىسى تۇرغۇن قۇرباننىڭ  چاچلىرى چۈشۈپ كەتكەچكە، ئىشخانىسىدىكى قىز-چوكانلار  ئۇنى «تاز» دېيىشىدىكەن، تۇرغۇن قۇربان «ۋاي سادىغاڭ كېتەيلەر، مېنى ئۇستاز، دېسەڭلار بولماسمىدى، ھېچ بولمىغاندا ‹ئۈستىتاز› دەپ قويساڭلارمۇ مېنى ‹ئۇستاز› دېمەكچى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىنى سەل بۇزۇپ شۇنداق دەپ سالدى، دەپ چۈشىنىۋەرمەسمىدىم» دەيدىكەن چاقچاق قىلىپ!  ئەمدى سىز مېنى دوستۇم، دەۋېرىڭ!

ۋاقتى: 2013-10-19 10:01:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركمان يوللىغان ۋاقتى  2013-10-19 01:32
مەشھۇر ئاۋاز ئارتىسى تۇرغۇن قۇرباننىڭ  چاچلىرى چۈشۈپ  ...

بىزنىڭ يۇرتتا قىزىقچى ،گەپدان  روزى قارىم دەيدىغان بوۋىمىز ئۆتۈپتىكەن ، بىر كۇنى روزى قارىم ھارۋىسى بىلەن ئۇرۇق ئالماشتۇرۇپ ياناشىىدا ئېتىزدا ئەمگەك قىلىۋاتقان نەچچىسى قارىم نەگە بادىلا تاغارلىرىدىكى نىمە ئۇ دەپ سورىسا ، 80 ياشلىق روزى قارىم ؛  بۇ تاغاردىكى تىگىشكەن يەرلىك چىگىت ، ئۈستىدە ئولتۇرغان 18 ياشلىق كىلىشكەن يىگىت دەپ جاۋاپ بېرىپ ئۆزىنى شۇنداق ياش يىگىت چاغلايدىغانكەندۇق ، سىز بۇ چاچلىرىڭىز قاپقارا قۇندۇزدەك ، يىگىتلەرنىكىدەك تۇرسا ، چېچى چۈشكەن ‹‹ ئۇستىتاز ›› لىقنى ئويلاپ قالدىڭىز ، بەرىبىر شۇنداق ۋاقىتلا كېلىدىغان بولغاندىكىن ئالدىنالا  پسخىكىڭىزنى تەڭشەپ تۇراي دىدىڭىزمۇ   يا  .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش